ئاپتورى :تاھىرجان يۈسۈپ(ئوغۇز)
7 w* ^$ i$ b4 E0 G, T2 x- U9 C1 l0 Pمۇقەددىمە
# v+ }9 F1 z/ I5 @
) `, c% a7 O2 X
بىزنىڭ ھېكايىمىزنىڭ باش پېرسونازنىڭ ئىسمى ئالىيە،رايونىمىزدىكى مەلۇم بىر يېزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قىز،ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ ،ئۇنىڭدا،كومىدىيە،ئازاب،تىراگىدىيەلەر ئۆز -ئارا بېرىكىپ كەتكەن.
8 H3 V+ u, j' m6 n% ^1 q3 \
3 U2 h$ h4 |) v0 a# _5 e D( H3 h/ Pھېكايىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى قىسىملىرىنى بىز ،مېنىڭ ئەمەس ،بەلكى ئالىيەنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ ئۆتەيلى،چۈنكى،ئۆزىنى ئۆزىدىنمۇ بەك چۈشىنىدىغان ھېچقانداق ئىنسان بولمىسا كېرەك،
ھېكايىمىزدىكى ۋەقەلىكلەر رېئاللىقتىن ئېلىنغان،ئەگەر كەچۈرمىشلىرى ئوخشايدىغانلار بولۇپ قالسا ھەرگىز ھەيران قالماڭ،چۈنكى ئوخشاش بىر دۇنيادا ئوخشاش بىر تەقدىر بىلەن كۆرەش قىلىپ ياشاۋاتقانلار ئاز ئەمەس.
8 X4 k1 o* w! X" p- `" D5 X& K. L
4 M0 x7 h: n) q7 y4 w+ ~9 b
مەن نېمىشقا سېمىز تۇغۇلۇپ قالغاندىمەن
6 b/ M# S [+ ~% g: m: t) E% i4 r" O/ F! {/ \
+ x0 b* A/ L! q/ n
بۈگۈن مەن شۇنداق خۇشال چۈنكى ئاخىرى 7 ياشقا تولۇپ مەكتەپكە بارالايدىغان بولدۇم،ئەمدى مەن خۇددى ئاچامغا ئوخشاش ھەر كۈنى مەكتەپكە بارالايدىغان ،جىق بالىلار بىلەن تونۇشۇپ دوس بولالايدىغان بولدۇم-دە .
5 x& g" z" U+ f7 A X, S* z O2 T4 {) |# g* k d
ھە راس سىزگە ئائىلەمنى تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،بىزنىڭ ئائىلىدە ،دادام ئانام مەن ھەم بىر ئىنىم ئۈچىمىز ئىنتايىن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىمىز،دادام ئاچامنى چوڭ بوتىلاق،مېنى كىچىك بوتىلاق دەپ چاقىرىدۇ ،ئىنىمنى بولسا شاپالتاق دەپ ئەركىلىتىدۇ،نېمىشقا دەمسىز؟چۈنكى ئاچام ئىككىمىز سېمىز،ئېنىم بولسا ئۇنىڭ ئەكسىنچە ئىنتايىن ئورۇق،دادامنىڭ دېيىشىچە قىز بالىلار سېمىز بولسا بەك ئوماق كۆرىنىدىكەن،دېمىسىمۇ ئانام بىزنى سىرىتقا ئېلىپ چىققان چاغلاردا باشقىلار دائىم:بۇ بالىلارنى قانداق باققانسىلەر ،نېمە دېگەن ئوماق ،خۇددى بوتىلاقتەك يۇپيۇمىلاقكەن دەپ مەڭزىللىرىمىزنى چىمدىپ كېتىشلىرىدىن كەينىمىزدىن مەسىتلىكى كېلىپ ئۇزاققىچە قاراپ كېتىشلىرىدىن ،دادامنىڭ سۆزلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
/ ^& c: y$ ]& |" Y2 F& J
1 D; \- {- }: J
-ئالىيە ،يۈرە قىزىم ،مەكتەپكە بېرىپ تىزىملىتىدىغان ۋاقىت بولدى.
5 I4 s+ k d7 O# h( B! L
$ x; j: B9 |# Z {* j9 _4 M
ئانام چاقىرىپ قالدى ،ئەمدى مەن دادام قايسى كۈنى بازاردىن ئېلىپ بەرگەن چىرايلىق سومكامنى ئېسىپ مەكتەپكە بېرىشىم كېرەك ،بۇ مەن ئۇزاقتىن بۇيان كۈتۈپ كېلىۋاتقان گۈزەل بىر ئارزۇ،سىز مەن بىلەن بىرگە مەكتەپكە بېرىشنى خالامسىز؟ئۇنداقتا يۈرۈڭ ،دادام بىلەن ئانامنى ساقلاتمايلى ،مەكتەپكە ماڭدۇق ئەمىسە.
4 q w2 k% e! r9 F( v6 l! h/ W4 {. @
نېمە دېگەن چىرايلىق ،نېمە دېگەن ئارامبەخىش،نېمە دېگەن مېھرى ئىسسىق قورو بۇ ،مەن بۇرۇن ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتىدىغان بۇ چىرايلىق ھويلىغا مەنمۇ ئاخىرى باشقا بالىلارغا ئوخشاش ھەر كۈنى سومكامنى ئېسىپ،يۈگىرەپ تاقلاپ كىرىپ چىقالايدىغان بولدۇم .ئاھ خۇدا مەن نېمە دېگەن بەخىتلىك ھە؟
( h. O& S2 _7 o
* {/ f6 N5 N0 n* Y/ D( \
-ئالىيە قىز يۈرۈڭ
ئۇف ئاخىرى تىزىملىتىپ بولدۇق،يېنىمغا كەلگەن بۇ مېھرى ئىسسسىق ئاپاش كىمدۇ؟ھە بىلدىم .ئۇ چوقۇم مېنىڭ مۇئەللىمىم،بۇرۇن دادامدىن -مۇئەللىم -دېگەن قانداق بولىدۇ دەپ سورىغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە ،شۇ چاغدا دادام -بالام مۇئەللىم دېگەن سىزگە ياخشى ياماننى ،ئاق قارىنى پەرىق ئەتكۈزگۈچى،ئۇ خۇددى مەن بىلەن ئاپىڭىزغا ئوخشاش سىزگە كۆيىنىدۇ -دەپ جاۋاب بەرگەن ئېدى ،بۇ ئاپاشنىڭ خۇددى دادام ئېيىتقاندەكلا مېھرى ئىسسىق ئىكەن ئەمەسمۇ؟
2 s7 `# S; r% t( V
! G& R: d- ` E) L5 f$ f+ o-ئالىيە قىز،مەن سىزنىڭ مۇئەللىمىمىڭىز بولىمەن،بۇندىن كېيىن سىز ،يېرىم ۋاقتىڭىزنى ئۆيىڭىزدەئاپىڭىز بىلەن ،يېرىم ۋاقتىڭىزنى مۇشۇ مەكتەپتە مەن بىلەن ئۆتكۈزىسىز ،ئەمدى مېنى ئۆز ئاپىڭىزدەك كۆرۈڭ بولامدۇ؟
7 h) |6 R7 j$ V H4 d0 D+ o* s- h e" p' g* n
-بولىدۇ ،مۇئەللىم.
9 p: \& c6 z4 ~ Y- y: W
/ n% h" Q9 c9 f$ A; D' X
-سىز نېمە دېگەن ئوماق.
, O; I9 T$ R9 K" l6 l, U
) r4 u$ _) V0 M& tبۇ ئاپاشمۇ مەڭزىمنى چىمداپ قويىۋاتىدۇ ،قارىغاندا بۇ ئاپاشمۇ ماڭغا ئامىراق بولۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ،مەن نېمە دېگەن بەخىتلىك ،ئانام مېنى ھەجەپ ياخشى ئوماق بېقىپتىكەن،بىراق بۇ ئەتراپىمدىكى بالىلار نېمىشقا ماڭا بىرخىل كۈلۈپ قارايدىغاندۇ ؟ئۇلار مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقانمىدۇ يا ،كىيىم-كېچەكلىرىم يىرتىلىپ كەتمىگەندۇ؟-ياق ساپساق تۇرىدۇ -ئۇلار نېمىشقا ماڭا قاراپ كۈلىدىغاندۇ؟
- N) Y9 b& V/ K2 V& t4 g
, I2 N. W( u! O& \5 r; @6 x) n; D
-ساۋاقداشلار ،ئەمدى ھەممىڭلار ،مۇشۇ سىنىپتا 6 يىلنى بىرگە ئۆتكۈزىسىلەر،بىر-بىرىڭلار بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ،ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇپ،خۇددى قېرىنداشلىرىڭلاردەك كۆيۈنۈپ ئۆتۈڭلار،ئەمدى ئورۇنۇڭلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي.
+ }2 D4 |8 Q8 J( p8 F) J
) a0 i7 e' ]0 H. @8 s( [% H9 c0 ?مۇئەللىمىمىز نېمە دېگەن كۆيۈمچان ھە؟ئۇ بىزنى بىر-بىردىن ئەكىلىپ ئورۇندۇقلارغا ئورۇنلاشتۇرماقتا،خۇددى ئانام كەچتە ياتىدىغان چاغدا ئورۇن كۆرپىللىرىمىزنى تۈزەشتۈرۈپ ،چۆڭكەپ قويغاندەكلا.
" V# O* j& G) `; Q. m
S3 T1 d% P" X8 y1 Q& C-ئالىيە بۇ ياققا كېلىڭ قىزىم،سىز بۇ ساۋاقداش بىلەن بىللە ئولتۇرۇڭ.
4 O9 l1 r/ a8 }* h0 s# ~7 \* ?7 v
9 E1 d& ?- H0 @" h3 @, z% P
) I$ X, c% Y6 s% h- A8 U* b
توۋا ،بۇ بالا نېمىشقا يىغلايدىغاندۇ ،ئوغۇل بالا تۇرۇپمۇ يىغلامدىغاندۇ،دادام ئۇكامغا داۋاملىق ،ئوغۇل بالا دېگەن چىدام غەيرەتلىك بولىدىغان دەيدىغان،بۇ بالا ئوغۇل بالا تۇرۇپ نېمىشقا يىغلايدىغاندۇ؟يىغلىغان بۇ بالىنى كىم دەمسىز ؟ئۇ مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرىدىغان بالا،مۇئەللىم مېنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزشىغىلا يىغلاپ كېتىۋاتىدىغۇ ؟ ئۇنىڭغا زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟
9 ^# z& I- s7 @% G8 u+ M5 Q8 x( r. C# E* v. Q3 w" v* h4 E
-ئەلقەمجان نېمىشقا يىغلايسىز ؟سىزگە نېمە بولدى؟-مۇئەللىم ئاپىمىز ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ ،ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلىمەكتە ،ئۇ نېمە دېگەن مېھرىبان ھە؟
- E+ H6 _& [- C$ F$ Z: }2 ?$ y9 Y; {( R
-مۇئەللىم،مەن بۇ پوداق بىلەن ئولتۇرمايمەن،ئۇ بەك قورقۇنۇچلۇقكەن،ئۇنى باشقا ئورۇنغا يۆتكەپ قويسىڭىزچۇ؟
( ~/ R4 p2 e S8 S5 E5 b/ k* o
* Y& m& B- O- F; r, o4 z; Mئۇ كىمنى دەۋاتقاندۇ؟مېنى دەپتۇ،چوقۇم مېنى دەپتۇ،پوداق دېگەن نېمە دېگەن گەپتۇ؟ئۇ نېمىشقا مەندىن قورقىدىغاندۇ ؟
, [& B& V' Q5 [; ?3 R* Z" i& @6 a0 V# Y
-بولىدۇ يىغلىماڭ ،مەن ئالىيەنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قوياي،يۈرۈڭ ئالىيە
0 A& Y) Q# U( g6 K) R. X& E
( S- ?8 I. F" Oمۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى كەلگەندەك قىلىدۇ،ماڭا ئەمەس ،ئەلقەمگە ئاچچىقى كەلگەندەك قىلىدۇ ،چۈنكى ئۇ ماڭا ئەمەس ،ئەلقەمگە قاراپ ئالىيىپ قويدى،بۇرۇن ئانامنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن چاغلىرىمدا ئۇ ماڭا مۇشۇنداق گۈلىيىپ قوياتتى .
# V1 S6 Y& j. t. _0 [( G- G/ j; ], B. x7 d
-قايسىڭلار ئالىيە بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى خالايسىلەر؟
/ ~' Y: c. o5 H6 o, u
& l: N; D4 z w7 P q" S8 @
مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرى جاۋابسىز قالدى،قارىغاندا ھېچكىم مەن بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى خالىمايدىغان ئوخشايدۇ؟بىر دەمنىڭ ئىچىدە نەچچە ئورۇن ئالماشقان بولساممۇ ،ھەممىلا بالىنىڭ پوزىتسىيەسى ئەلقەمدىن قېلىشمىغىدەكلا بولىۋاتىدىغۇ؟
0 a1 _) S; i- I9 T
r0 Q9 g6 O4 v9 H' |! P k. B
-ئالىيە ،بۇ ياققا كېلىڭ ،سىز مۇشۇ ئورۇندا يالغۇز ئولتۇرۇڭ،باشقىلار بىللە ئولتۇرمىسا مەيلى،ئىككى ئادەمنىڭ ئورنىدا يالغۇز ئۆزىڭىز ئولتۇرسىڭىز نېمە دېگەن ياخشى ھە؟
9 T9 N5 o7 J# ^$ N) \. p! i4 d1 A0 _8 Q& k, v' ~1 [7 j
مۇئەللىمنىڭ كۆڭلۈمنى ياساۋاتقانلىقى ئېنىق ئېدى،چۈنكى كۆز جىيەكلىرىمدە لىغىرلاپ قالغان ياش تۆكۈلۈشكە ئازلا قالغان ئىدى.دادام ماڭا -قىزىم قەيسەر بولغان ئالدىراپ باشقىلارغا يېشىڭنى كۆرسەتمە،بولمىسا باشقىلار سېنى داۋاملىق بوزەك قىلىدۇ-دېگەن ئېدى .شۇڭا قەيسەر بولاي ،يېشىمنى تۇتىۋالاي،يىغلىماي،ھەرگىز يىغلىماي،مۇئەللىمنىڭ ماڭا كۆرسىتىپ بەرگەن ئورنى ئەڭ ئاخىرىدا بولغانلىقىدىن كۆڭلۈم خېلىلا خۇشال بولۇپ قالدى ،چۈنكى مېنى مەنسىتمىگەنلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان بۇ ئورۇن مېنى خىجىللىقتىن قۇتۇلدىرالايدىغاندەك قىلاتتى.
" ^ x* |& }% g0 C& J& u0 x3 f- ~* R) Q" w
بۈگۈن دەرىس ئۆتۈلمىدى،ئورۇنلاشتۇرۇش ،ماتىرىيال تارقىتىشلار ئاياقلاشقاندىن كېيىن،مۇئەللىم بىزنى قويۇپ بەردى،مەن مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئاچامنىڭ چىقىشىنى ساقلىدىم،ئەتىگەن تېخى شۇنچىلىك خۇشال ئىدىم ،بىراق ئەمدىلىكتە كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم،چۈنكى ھەممىلا ئارزۇلىرىم كۈپۈككە ئايلاندى ئەمەسمۇ؟بىرمۇ دوست تۇتالمىغاننى ئاز دېگەندەك ،ھەممىلا بالىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىدىم .
( b8 L, ?7 U# a# E# A# |
; v i$ `3 ]: P/ Jئەنە ئاچاممۇ چىقىپ قالدى ،ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ،ئانام ئەتكەن تاتلىق لەغمەننى ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان بولدۇقدە،بىراق ئاچام نېمىشقا يىغلايدىغاندۇ؟ئۇنىڭغا زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟
1 k, F' i+ s w- f9 L0 ?% l9 w$ k n$ T. [: d9 B
-ئاسىم بودەك ،يىغلاپ كىتىپسەنغۇ؟ئالىم سېنى يەنە بەتبەشىرە دەپ تىللىغان ئوخشىمامدۇ؟
% F6 W4 f! W* n* ^$ V
1 R8 n$ h. T% _& z2 w) @ئاچام بىلەن تەڭ بولغىنغا قارىغاندا بۇ بالا ئاچامنىڭ ساۋاقدىشى بولسا كېرەك ،بىراق ئۇ زادى نېمە ئۈچۈن ئاچامنىڭ ئاسىمگۈل دېگەن چىرايلىق ئىسمىنى ئاسىم بودەك دەپ چىقىرىدىغاندۇ؟بەتبەشىرە دېگەن ھېلىقى مەن كۆرىدىغان كارتون فېلىمدىكى مەخلۇقلار شۇغۇ ،ئاچامنى زادى كىم مۇشۇنداق دېگەندۇ؟
8 L$ S+ I; a; J! B, P! S( G9 ^- e
-ئاچا ،ساڭا نېمە بولدى،نېمىشقا يىغلايسەن؟
8 D7 |3 i% w& d2 h }
4 ^4 P- T# o/ {) _0 A5 R-ھېچنىمە بولمىدى،يۈرە سىڭلىم ،ئۆيگە قايتايلى ،مېنىڭ يىغلىغنىمنى دادام بىلەن ئانامغا دېمە ،بولامدۇ؟
* v- S! `6 `" R8 G/ N# @
5 t. J6 r' i& Y9 p% l( H0 E" z; ]+ `* N: D
-نېمىشقا ،سېنى بوزەك قىلغانلارنى دادامغا دېسەڭ ،دادام كېلىپ ئەدىپىنى بەرسە ياخشى ئەمەسمۇ؟
3 s2 ~$ P, S( \- E
2 @# e4 K+ \: S
-ياق سىڭلىم ،مېنى ھېچكىم بوزەك قىلمىدى،شۇڭا دېمەيلى دېسەك ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.
1 L8 s- ]) k9 n7 ~, k
* Q a2 f l$ N! K! O& t-ماقۇل ،ئاچا پوداق دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟
* u, I8 o' L1 B3 r z6 t) p v: v- Y% ]/ d8 z B6 V
-كىم شۇنداق دەيدۇ؟سېنى بىرسى شۇنداق دېدىما؟
% |- Z; L: }5 f5 N9 ?
% e4 q. G2 e/ c- k8 d+ i
-بايا ھەممە بالىلار مېنى پوداقكەن دەپ بىللە ئولتۇرۇشنى خالىمىدى؟
% l' p: @& m1 X1 i/ P5 S8 \: b* Y* C* U4 D8 {
-بۇ كۈنلەر سېنىڭ بېشىڭغىمۇ كېلىۋېتىپتۇدە بىچارە سىڭلىم.
8 W- a7 B$ `3 z* E9 [* |
9 n% P, q, R. n( l; i, m
-قايسى كۈنلەرنى دەيسەن ئاچا.
9 @4 ]% B6 Q a, ~
% V2 q/ f" I, k2 e; C& C
پوداق دېگەن بوتىلاق دېگەن گەپ بىلەن ئوخشاش سىڭلىم ،ئۇلار بۇندىن كېيىن سېنى پوداق دېسە كارىڭ بولمىسۇن،مېنى داڭلىدى دەپ بىلىپ يۈرۈۋەگىن ،بىللە ئولتۇرمىسا ،يالغۇز ئولتۇرۇۋەر بولامدۇ ؟
- v C% _( a; P- F0 d0 l# P. L! `-بولىدۇ ئاچا،يۈرە تىزىراق ماڭايلى قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى.
( g/ J8 a% X9 p7 H
$ `. ?; {; d" n4 J. w-ۋۇ ئاچپاقا،ھە راس بۇ گەپلەرنى دادام بىلەن ئانامغا دېمە بولامدۇ؟
4 D3 h0 P- X, e) a- v* J) {0 T2 W( C0 F0 W! f
-نېمىشقا؟
/ I9 A! e `; B! u v, F- q% L J+ Y" J' E0 X
-ئانامنىڭ يەنە يىغلىشىنى خالامسەن؟
" ~1 {0 }% ~* i( }+ c6 c: C5 I) ^8 r2 p4 J" L
-ياق.
" X o+ M" k R& w1 [/ A3 R
. o) u+ Q3 V) d Q& K
-ئۇنداق بولسا دېمەيمەن دەپ ۋەدە قىل.
! c4 Z5 K' ?# D$ {* B- g% j
9 r7 @6 p7 B/ f- Z-ۋەدە قىلدىم،قول بىرىشەيلى.
# g" [) J j; t6 k6 M1 D0 |3 y! h& g" \; a
ئاچام ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە مانا مۇشۇنداق ئامىراق ،باياتىندىن بېرىقى كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىدىن ئەمدى ئەسەرمۇ قالمىدى،نېمىشقا دەمسىز چۈنكى ئاچام ئىككىمىز يول بويى خۇشال -خۇرام پاراڭلىشىپ كەلدۇق ئەمەسمۇ؟
. {' ~1 I/ W3 l3 A
5 n. F, R4 o, p; b' A2 G7 d/ f-قايتىم كەلدىڭمۇ قىزىم ،مەكتەپ ياخشىمىكەن؟
' @0 ~- l8 j' l
+ _: D& ]- B6 i) V; R4 \# m- \ئانامنىڭ مەڭزىمگە سۆيۈپ تۇرۇپ ئېيىتقان سۆزلىرىگە جاۋاب بېرەلمىدىم،چۈنكى مەن بۈگۈن مەكتەپنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلالمىغان ئىدىم.
6 g8 p8 [% S6 K% l+ F0 k$ @; u; t3 t
-نېمىشقا گەپ قىلمايسىز قىزىم ،بىر ئىش بولدىما.
3 W6 o) P t, b
* Q9 s$ }/ x& k3 g: q8 Xئاچامنىڭ ماڭا قاراپ گۈلىيىشى بىلەن باياتىنقى ۋەدەم ئىسىمگە كەلدى.ۋەدەمدە تۇرۇشۇم كېرەكتە .
) j* p: f6 Q% {9 {* i8 k
1 ?8 K2 I' r _, J g3 r( q; x0 j$ I
-ياق ئانا مەكتەپ شۇنداق ياخشىكەن.
% A, I. y0 ~- s0 \- P
' ~* u5 b# R P+ U: N3 |* }- iھەممىمىز تەڭلا كۈلدۇق،بىز نېمە دېگەن بەختىلىك ئائىلە ھە،لېكىن كەچتە يوتقىنىمغا كىرگەندىن كېيىن مەكتەپتىكى ئىشلار يادىمغا كېلىۋېلىپ پەقەت ئۇيقۇم كەلمىدى،ئاخىرى بولماي تازا يىغلىدىم،يىغلاپ،يىغلاپ قاچان ئۇخلاپ قالغىنىممۇ يادىمدا قالماپتىغۇ تاڭ؟
) k; C8 H- k3 C4 X' @" ^9 d, \( J* j- d* }; C
! w7 R0 |* t) t! {; d! v
چوقۇم ئورۇقلايمەن
7 }/ Q o2 X# a# J M
/ s7 U5 c8 f2 c+ [8 @ e
6 A' N& r& z0 z1 J5 _7 Qئەمدى مەن بىلەن خېلى ئەتراپلىق تونۇشۇپ قالغانسىز ،قالغان ئىشلارنى سورىسىڭىز ،كۈنلەر يەنە ئوخشاش تەرىقىدە ئۆتىۋاتىدۇ،ئەتىسى مەن ئوخشاشلا مەكتەپكە بېرىۋەردىم ،لېكىن ھە دېسىلا ساۋاقداشلىرىمنىڭ زاڭلىق قىلىشلىرى ،مېنىڭ كۆڭلۈمنى بەكلا يېرىم قىلىپ تۇراتتى،ئۆزۈم يالغۇز سىنىپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئورۇندا ،پوداق،بودەك ،سېمىز دېگەندەك گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدۈم ،ئاخىرى ئۈچىنجى يىللىققىمۇ كۆچتۇق،بىز ھەر قېتىم سىنىپ كۆچكەندە ھەممە بالىلارنىڭ ئورنىدا ئالمىشىش بولاتتى ،لېكىن،مېنىڭ ئورنۇم يەنىلا شۇ سىنىپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى يالغۇز ئورۇن ،بۇمۇ بىر ھېسابتا بولغىنى چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزىگە بىر قېتىم ئاز كۆرۈنسەم ،بىر مەسخىرىدىن قۇتۇلۇپ قالىمەن ئەمەسمۇ؟
$ l s) E( D* A- {' Y
0 j& K/ j8 p8 z" x3 K3-يىللىققا كۆچكەندىن كېيىن ،ئەھۋاللاردا ئاز تولا بولسىمۇ ئۆزگىرىش ھەم ياخشىلىنىش بولشىنى ئۈمۈد قىلغان ئىدىم،چۈنكى ھەممە بالىلار مېنى مەسخىرە قىلىپ تۇرسىمۇ،مەن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىىسى بىلەن ئۇرۇشمايتىم،ھېچقايسىنىڭ ئەيىپىنى ئاچمايتتىم،سىنپىمىزدا ئالتە قولى بار بىر ئوغۇل بالا بولدىغان ھەممە بالىلار ئۇنى ئاچىماق دەپ چاقىرىشىپ ،ئۇ يوق چاغلاردا دوسكىغا ئاچماق رەسىمنى سىزىپ قويۇپ ،ئۇنى تازا مەسخىرە قىلىشاتتى ،بىراق مەن بىر قېتىمممۇ ئۇنى ئاچىماق دەپ چاقىرىپ باقمىدىم،ئۇ ھەر قېتىم مەسخىرىگە ئۇچىرىغاندا ،ئۇستىلىق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئۈستىگە توقۇلغان مەسخىرىلەرنى ،ھېچ ئىش بىلەن كارى بولماي ئەڭ ئاخىرىقى ئورۇندا ئولتۇرغان ماڭا يۆتكىۋېتەتتى ،بىراق مەن ئۇنىڭغا بىر قېتىممۇ قايتۇرما زەربە بېرىشنى ئويلاپ باقمىدىم،چۈنكى مەن ئاقكۆڭۈللىكىم ھەم سەمىمىيتىم بىلەن ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىدىغانلىقىمغا ئىشەنىچ قىلاتتىم.بىراق بۇ ئىشەنچلىرىم ھەر قېتىمقى مەسخىرىلەر بىلەن كۈپۈككە ئايلىناتتى .
7 X9 s) ?. _' W9 R" X0 j1 n, n( _# O/ o3 [0 c: N' L
بىز ئۈچىنچى يىللىقتىن تۆتىنچى يىللىققا كۆچىدىغان چاغ كېلىشى بىلەن تېلىۋوزۇردا سېمىز چاشقان بىلەن ئورۇق چاشقان رول ئالىدىغان شىر پادىشاھ دېگەن كارتون فېلىپ قويۇلۇشقا باشلىدى،شۇنىڭدىن كېيىن،مېنىڭ كۈنۈم تېخىمۇ قىيىنلىشىقا باشلىدى،ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتىماي ،بودەك ،پوداقمۇ دېمەي،شۇ سېمىز چاشقاننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان بولىۋالدى،ھەممىلا بالا ئاشۇ كارتون فېلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرىشەتتى،ھەر كۈنى ئەتىگەندە سىنىپتا ئاخشام بېرىلگەن قىسىملىرى توغرىسىدا غولغۇلا بولاتتى ،ئەلۋەتتە مېنىڭ سېمىز چاشقانغا ئوخشايدىغانلىقىم توغرىسىدىكى مەسخىرىلەرمۇ ئاز بولمايتتى،ئۇ كارتون فېلىمنى باشتا بىر قىسىم كۆرۈپ شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ قالغان بولساممۇ ،ئاخىىرىنى كۆرمەي تۇرۇپلا شۇنچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتتىم ،بالدۇرراق تۈگىشىنى شۇنچىلىك ئۈمۈد قىلدىم،بىراق بۇ كارتون مەن بىلەن قېرىشقاندەك زادىلا ئاخىرى چىقمايدىغاندەك داۋام قىلىۋەردى ،تېخى بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئىككى قېتىم كەينى كەينىدىن قويۇلدى.
& O+ M- x. D- Q9 b0 P1 j9 Y4 s
/ O& x$ |: P3 b) q q5 P1 v8 hئارقا-ئارقىدىن داۋاملىشىۋاتقان بۇ ھاقارەتلەر مېنىڭ سەۋرىمنى سىناۋاتقاندەك قىلاتتى،مەن ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي قالدىم ،چوقۇم ئورۇقلاشنى قارار قىلدىمدە،تاماقنى ئاز يېيشنى قەتئىي قارار قىلدىم،لېكىن بۇ قارارىم ھە دېگەندىلا ،دادام بېلەن ئانامنىڭ تەنقىدىگە ئۇچىراپ تازا ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتاتتى.
4 j" ~% Y2 Q, j% R6 T* j f/ ^6 @! C5 y
-بالام تاماق يېگەنگە سەمىرىپ كېتىدىغان،يىمىگەنگە ئورۇقلاپ قالىدىغان ئىش يوق،تاماق يىمىسڭىز كېسەلچان بولۇپ قالىسىز،سېمىز بولسىڭىز نېمە بوپتۇ ، يا سىز ھەددىدىن زىيادە سېمىز بولمىسىڭىز، كىچىك بالىغا سېمىزلىك ئەيىب ئەمەس جېنىم بالام.
4 X! k3 X" n9 V8 k' d. e
$ Q3 O( C; B4 M# ~مانا بۇ ئانامنىڭ ماڭا ھەر قېتىم تاماق يېگىلى ئۇنىمىغاندا ئېيتىدىغان نەسىھەت سۆزلىرى.لېكىن بۇ نەسىھەتلەر مېنىڭ ئورۇقلاش ئېرادەمنى سۇندۇرالمىدى،ئاخىرى ئانامغىمۇ ئامال تاپتىم،ھەر كۈنى تامىقىمنى ھۇجىرامغا ئەكىرىپ يەيمەن دەپ باھانە كۆرسىتىپ ئالدىن تەييارلارپ قويغان خالتىغا تۆكۈپ،سومكامغا سېلىپ يولدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىغان بولدۇم، ئۆزەمچە،ئۆزۈمنىڭ بۇ ئاقىلانىلىكىمدىن مەمنۇن بولۇپ يۈرەتتىم ،لېكىن بۇ ئامالىم ھېچ ئۈمۈم بېرىدىغاندەك قىلماي،سېمىز تۇرۇقۇمدا بىرەر ئۆزگۈرۈش بولمايۋاتاتتى.
8 z7 o9 z w+ ]
' H( a( m7 M$ P0 \" H5 q-قاراڭلار ماۋۇ پوداقنى يىلى چىكەتكەن توپتەك ئىككى چامدام يۈگۈرمەي تۇرۇپلا يەل قويىۋەتتىغۇ؟
/ k5 h* ~& z' h9 e
+ R* F2 w2 _7 K2 oتەنتەربىيە دەرىسى ۋاقتى ئىدى،100 مىتىرغا يۈگىرەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.10 مىتىرغىمۇ يۈگۈرمەي تۇرۇپ ،بېشىم قاراڭغۇلۇشۇپ يەرگە يىقىلىپ،ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەسخىرە ئارىلاش كۈلكىللىرىنى غۇۋا ئاڭلاپ تۇرۇپ ھوشۇمنى يوقاتتىم.
" Q* c1 ~5 h8 ~$ {
0 \1 f$ J+ b% A% Yداۋامى بار..........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oghuz8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-1 02:38 PM
4 s* r- n# C& {: _5 O; \4 z% h& N* U7 v9 c- D