تېلېفۇن بېرىش
% }; T; f6 D- U4 F) T* wلېۋدېشۆ
7 g5 P5 I7 x1 T4 r7 [; e0 y- z
تۇرسۇن ياقۇپ تەرجىمىسى
2 b$ V5 i& \% k" ]1 j& E* Q; |" h/ X/ v! O
ۋەي...ۋەي...
-سىز كىم؟
-ئاپا مەن يۇئەنيۇئەن.
-ھە،يۇئەنيۇئەنمۇ سەن جېنىم بالام،بارمۇ سەن؟سەن كېتىپ ئىككى كۈندىن بېرى ئەجەپمۇ سېغىندىم قىزىم...-ئاپىسى مىشىلداپ قويدى ۋە-قاچانلىققا ئۆيگە كېلىسەن قىزىم؟-دەپ سورىدى.
-ئاپا،ئالدىرىماي تۇرۇڭ،ئۇنىڭ ئاپىسى خۇراپىلىقتىن تېخى ئازات بولماپتۇ.بىر ئاي توشقاندىن كېيىن ئاندىن مېنى ئۆيگە قايتقىلى قويىدىغان ئوخشايدۇ،ئاپا،مەن ھازىر يېنىمىزدىكى تېلىفۇن بوتكىسىدىن سىزگە ئوغۇرلىقچە تېلېفۇن بېرىۋاتىمەن،تىزراق ئېيتىپ بېرىڭچۇ!بېلىق پىشۇرۇش ئۈچۈن تۇزنى ئاۋال سالىمەنمۇ ياكى ماينىمۇ؟-ئاۋال ماينى،بۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟
-ھەي...ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى كەپتىكەن،مېنىڭ ھۈنىرىمنى كۆرمەكچىكەن.
ھە...ئۇنداق بولسا مەن بېرىپ ساڭا ياردەملىشەيمۇ-يا؟
ياق!ياق!بولدى ئۇلار<يېڭى كېلىننىڭ ھۈنىرىنى كۆرىمىز> دەپ تۇرىۋىلىپ مېنى بېلىق پىشۇرۇپ بەرسۇن دەپ چاتاق سېلىۋاتىدۇ.ئاپا،تىزراق دەپبىرىڭا،مەن يېزىۋالاي،ھە ! ماقۇل ئالدى بىلەن ماي،پىياز،زەنجىۋىل،ھە ئاندىن تۇز،ئاچچىقسۇ،شىكەر،ھە،پىشقاندا ئاندىن تېتىتقۇ سالىمىز،ھە ماقۇل.ھوي!ئاپا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسى قىزىل ئەمەسقۇ،بېلىقنى قانداق قىزارتقىلى بولىدۇ؟
-ۋاي قارا سېنىڭ دۆتلىكىڭنى جاڭيۇنى جىقراق سالساڭ سۇيى قىزارمامدۇ.
بىلدىم ئاپا،ھە راست سىز ئىشخانىدىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇڭ،بىردەمگىچە يەنە تېلېفۇن بېرىشىم مۇمكىن...
' r2 I5 ~; v4 [5 Aمەنبە؛<100 ھېكايە> ناملىق كىتاب
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قورغان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-1 12:44 PM ! B8 T( x$ W- @. ?0 z: r
2 a( `' p- G" d