يېشىل بىئو پەن-تېخنىكىسى ۋە «15-نۆۋەتلىك مىكرو بىئولوگىيە ئوقۇتۇش،پەن-تەتقىقات ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى سانائەتلەشتۈرۈش ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى »
' j& E& v0 Q! b* I, f$ B6 J$ z6 O& ^' e E, t* Y
2015-يىلى7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، «15-نۆۋەتلىك مىكرو بىئولوگىيە ئوقۇتۇش،پەن-تەتقىقات ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى سانائەتلەشتۈرۈش ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى » شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئوقۇتۇش بىناسى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى . بۇ قېتىمقى يىغىننى جۇڭگۇ مىكرو بىئولوگىيە ئىلمى جەمئىيىتى ئاساسى مىكرو بىئولوگىيە مۇتەخەسىسلەر ھەيئەت كومىتىتى ،جۇڭگۇ مىكرو بىئولوگىيە ئىلمى جەمئىيىتى يېزا –ئىگىلىك مىكرو بىئولوگىيەسى مۇتەخەسىسلەر ھەيئەت كومىتىتى ، جۇڭگۇ مىكرو بىئولوگىيە ئىلمى ئوقۇتۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ مىكرو بىئولوگىيە ئىلمى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ، شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن –تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇستەقىل قوللىغان مەملىكەت خارەكتېرلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق پەن –تېخنىكا جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇغەنى ئىگەم بەردى ،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇئاۋىن مۇدېرى ۋاڭ شىياۋفىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزقىلدى . مۇئاۋىن رەئىس ئابدۇغەنى ئىگەمبەردى «بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇرغۇن يېڭىلىقلار باركەن ، كەلگۈسىدە ئىچكىرىدىكى مۇتەخەسىسلەر بىلەن رايۇنىمىز مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئىلىم ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ ، ئېلىم –تەتقىقات سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن »دىدى . شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇئاۋىن مۇدېرى ۋاڭ شىياۋفىڭ مۇنداق دېدى : بۇ قېتىمقى يىغىننىىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى بولسا.يىغىن مەزمۇنىغا «يېشىل لوڭقىسى ياش ئوقۇتقۇچىلار ئېلىم مۇنبىرى »ۋە «يېشىل لوڭقىسى ئاسپرانتلار ئېلىم مۇنبىرى » قېتىلىپ، ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاسپرانتلار ئۈچۈن تېخىمۇ زور نوپۇرلۇق بولغان ئۈگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش مۇنبىرى ھازىرلاندى .
شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى ، نەنـجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇانەن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، جۇڭگۇ يېزا –ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ، جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى دېڭىز-ئوكيان تەتقىقات ئېدارىسى ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئون ئىككى داڭلىق ئالى مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورنىدىن 100دىن ئارتۇق مۇتەخەسىسلەر بۇقېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى ۋە ئىلمى دوكلات بەردى.
分享到:QQ空间新浪微博腾讯微博人人网8 Q0 ~* a! m- O) g
, z" W2 X- s5 W, l* z2 `( p( D9 a9 U- m2 A! T$ m
: ?( u$ F9 I9 W k$ R; b