|
كۈتۈپخانا ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مەلۇم تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنىڭ مەھسۇلى . جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادى ، ئىلىم - پەن ، مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مۇھىم بازا . ئىنسانلارنىڭ بىلىمىنى ساقلايدىغان غەزىنە ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى ، مەدەنىيەتكە بولغانئىنتىلىشىنى ھەر جەھەتتىن قاندۇرۇپ ، تۈرلۈك مەسىلىلەردە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ، ئۇلارنى تۈرلۈك بىلىم ۋە يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىپ ، مەدەنىيەتنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا ئىلھام بېرىدىغان مەنىۋى ئوزۇق ئامبىرىدۇر .+ \6 {" S& A/ {+ W% G+ e& O
ئۇيغۇر خەلقى يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان مول مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى يارىتىش بىلەن بىرگە كىتاب ۋە كۈتۈپخانا مەدەنىيەتلىرىنى ياراتقان ، ھەم بۇ مەدەنىيەتلەر ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە . جۈملىدىن ئائىلە كۈتۈپخانچىلىقىمۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن كۈتۈپخانا مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر .+ _0 l. v9 j9 {, u
ئۇيغۇرلارنىڭ كۈتۈپخانچىلىق مەدەنىيىتى مىلادىيە 5 - ئەسىردىن بۇرۇن باشلانغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە كۈتۈپخانچىلىقىمۇ ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ .
& V' l7 R) _4 h" A قەدىمكى چاغلاردا كىتابقا ئىگە بولۇش ئۇنچىۋالا ئاسان بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، نەۋرۇز بايرىمى ، رامزان مەزگىللىرىدە خەتتات ، پۈتۈكچى ۋە كاتىپلارغا بىر نەچچە تاغار بۇغداي ، قوناق ياكى بىر- ئىككى كالا ، بىر نەچچە قوي بېرىپ مۇھىم كىتابلارنى كۆچۈرتۈپ ، شۇ ئائىلىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلاپ ساقلىغاندىن باشقا ، پەرزەنتى ئوقۇۋاتقان كىتابنىڭ مەزمۇن خارەكتىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى بوش ۋاقىتلاردا قىسسە ، رىۋايەت ، چۆچەك ، تېپىشماق ، ئەجدادلارنىڭ تارىخى ، قەھرىمانلارنىڭ ئىش پائالىيىتى توغرىسىدا ھېكايە سۆزلەپ بېرىپ ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى قىيسەر ، باتۇر ، ئەقىل پاراسەتلىك قىلىپ تەربىيىلەشكە ئەزەلدىنلا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن . ھەر يىلقى نەۋرۇز بايرىمىدا ۋە رامزان ئايلىرىدا پەرزەنتلىرىگە كىتەب ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە كىتابلار جۇغلىنىپ ئائىلە كۈتۈپخانىسىنى شەكىللەندۈرگەن ., ]. v0 B# g ^0 P4 ~9 L2 l
ئەجداتلىرىمىز ئەنە شۇ ۋاقىتتىكى دەۋىرلەردىن باشلاپلا ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە كىتابتىن ئىبارەت بىر مەنىۋى قورالنى ھەمرا قىلىپ كەلگەن . شۇنداق بولغاچقا ئەجداتلىرىمىزدىن جاھاننى تاڭ قالدۇرغۇدەك پازىل ، ئۆلىما ، ئالىملار يېتىشىپ چىقىپ ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ شانلىق ئىش - ئىزلىرىنى تارىخ سەھىپىسىگە مۆھۈر قىلىپ باسقان .- _7 o$ ?/ X9 R: ]
ئەمدى ۋاقىتنى ھازىرغا ياندۇرۇپ كەلسەك ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ، يۈكسىلىۋاتقان ، شەھەر مەدەنىيىتىمىز ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ۋە ئائىلە كۈتۈپخانچىلىقىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ . ھازىرقى شەھىرىمىزنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىگە نىسبەتەن زور كۆپ ساندىكى ئائىلىلەردە بىر ئائىلە كۈتۈپخانىسى ياكى بىر نەچچە يۈرۈش كىتاب جاھازىلىرىنىڭ بولماسلىقى بىزنى تولىمۇ ئەجەپلەندۈرىدۇ . قەدىمكى رىم ناتىقى تىستىرون << كىتاپسىز ئۆي - جانسىز تەن >> دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان .
( d- z9 c4 h, V* a- ^* o% s5 k$ P& J ئۆيىمىزگە قىممەت باھالىق جاھازىلارنى ۋە ئەسلىھەلەرنى مەرتلىك بىلەن ئائىلىمىز ۋە ئورۇنلاشتۇرىمىز . لېكىن ، بىرەر يۈرۈش كىتاب جازىسى ياكى بىر قانچە يۈرۈش كىتابلارنى ئېلىپ ، قاراڭغۇلۇق ، نادانلىقتا مۇڭلىنىپ ياتقان شۇ ئائىلىمىزگە مەنىۋى جەھەتتىن يورۇقلۇق ئاتا قىلىشنى خالىمايمىز . ماددى نەرسىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى گە ئەگىشىپ كونىرايدۇ ، ئەسلىنى يوقۇتىدۇ . لېكىن بىر ياخشى كىتاپچۇ ؟! ئۇ قانچىلىك يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەرگىز ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدۇ . خۇددى ئەنگىلىيىلىك مۇتەپەككۇر بىكون ئېيتقاندەك : << كىتاب قىممەت باھالىق يۈكنى ئەجداتتىن - ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغان كېمە >> . شۇڭا كىتابنىڭ مەنىۋى قىممىتى ھەرگىز تۆۋەنلىمەيدۇ . ' V4 Y$ y! W% f! \& [7 ]
ئارىمىزدىكى كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز تاپقان بايلىقلىرىمىزنى ئىشلەتمەي ساقلاپ ياتىدۇ . مېنىڭچە ، شۇلارنىڭ ئاز بىرقىسمىغا بولسىمۇ بىر نەچچە يۈرۈش كىتاب ئېلىپ ساقلاپ قويسا ، بۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئائىلىسىگە ۋە پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن تولىمۇ ئېسىل سوۋغا بولىدۇ . ئۇنىڭغا قاچان ھاجىتىڭىز چۈشسە ، دەل ۋاقتىدا قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز . نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى پۇل تېجەش ئەمەس ، بەلكى نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ يولدا كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشتۇر .% {/ b h, }' p% h$ \
ھازىرقى دەۋىر ئۆزلىرىنىڭ بايلىقى ياكى ئېرىشكەن نام - ئابرويلىرىنى كۆز - كۆز قىلىدىغان دەۋىر ئەمەس . ئەكسىچە ، توپلىغان بىلىملىرى ئارقىلىق ئۆز ئارا بەسلىشىدىغان ، ئاخىرقى نىشانغا قاراپ رەھىمسىزلەرچە رىقابەتلىشىدىغان دەۋر . بۇ دۇنيا رىقابەتلىك دۇنيا ، رىقابەتتە يېڭىلسەڭ ، ياشاشتىن ئۈمۈد يوق . كونىلار دېگەندەك << بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى ، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى >> . سىرتقى قىياپىتىمىز ھەرقانچە پارقىراپ ، تېنىمىزدىن گۈپۈلدەپ خۇش - پۇراق ئەتىر پۇراپ تۇرسىمۇ ، قەلبىمىز بىلىم تەشنالىقىدا قاغجىراپ تۇرغان بولسا ، بىز يەنىلا بىچارىلەرمىز .# x/ S3 L8 L& [2 j8 p
كۆپلىگەن سورۇن ۋە ئولتۇرۇشلاردا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئىقتىساد سەرپ بولىدۇ . ئەھمىيەتلىك بىرەر تېما يوق . بولۇندى دېيىلگەندىمۇ ، شارائىتتىن قانداق پايدىلىنىش ، بىلىم قۇرۇلمىمىزنى قانداق ئۆستۈرۈش ، ئەتراپىمىزدىكى يېڭىلىقلارنى كۈزۈتۈش ۋە نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ ئۇچۇرلىرى توغۇرلۇق ئەمەس ، ئەكسىچە ئاللىقاچان نەتىجىلىرى چىقىپ بولغان ۋە قارارلىنىپ بولغان مەسىلىلەر ئۈستىدە سائەتلەپ توۋلىشىمىز . سوۋىت ئىتتىپاقى خادىيېۋنىڭ شۇنداق بىر جۈملە سۆزى بار . يەنى << نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دوسلۇقنى تىلغا ئالغاندا غىزا ۋاقتىدا ۋە ھاراق سورۇندىكى كۆڭۈللۈك پاراڭلار بىلەن بىر - بىرىنىڭ ئاجىزلىقىغا بولغان كەڭ قورساقلىقىنى نەزەردە تۇتىدۇ ! بىراق بۇلارنىڭ دوسلۇق بىلەن نېمە ئالاقىسى بولسۇن >> . 8 X' f3 R- ?% q4 H* }. L
ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭسىزمۇ بىز مۇنازىرە قىلىشقا ئەرزىگۈدەك مەسىلىلەر بەكمۇ نۇرغۇن . مەسىلەن : قانداق قىلغاندا ياخشى كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرەلەيمىز ؟ قانداق قىلغاندا ئائىلە كۈتۈپخانىدىن بىرنى قۇرالايمىز ؟ قانداق قىلغاندا ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئەتراپتىكىلەرنى كىتابقا قىززىقتۇرالايمىز ؟ شۇنداقلا ھازىرقى ۋاقىتتىكى كىتاب ۋە كىتاب نەشىرياتچىلىقىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلىرىغا قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئارقىلىق ئاز بولسىمۇ كۈچ قوشالايمىز ؟ ئەجىبا ، بۇ تېمىلار بىزنىڭ مۇنازىرە قىلىشىمىزغا ئەرزىمەمدۇ ؟$ ]6 f5 R0 g& y
فىرانسىيە رومانتىزىم ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى ۋىكتور ھىيوگونىڭ << خارلانغانلار >> ناملىق ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق بىر نەچچە ئېغىز جۈملىنى ئۇچرىتىمىز . << ئەرلەرنى خاراپ قىلىدىغان يوقسۇللۇق ، ئاياللارنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان ئاچلىق ، بالىلارنى زەئىپلەشتۈرىدىغان جاھالەت ...... >> . ھازىر تۇرمۇشىمىز باياشات ، ئىقتىسادىمىز يېتەرلىك ، خالىغان نەرسىگە تىرىشساقلا ئېرىشەلەيمىز ، نۇرغۇن پۇللارنى ئىس بىلەن ئۇچۇرۋېتىمىز ياكى سۇ بىلەن كۆپۈككە ئايلاندۇرۋېتىمىز . مېنىڭچە بۇ بىزدىكى جاھالەتنىڭ باشلىنىشىمۇ قانداق . ئەگەر شۇ پۇللارنىڭ ئازراق بىر قىسمىنىمۇ تېجەپ ئايدا بولسىمۇ بىرەر ئىككى پارچە كىتاب ئېلىپ يىغىپ قويساق بۇ تولىمۇ ياخشى ئىش بولغان بولاتتى . چۈنكى كىتاب ئارقلىق بىز بىلمىگەن نۇرغۇن نەرسىنى بىلەلەيمىز ۋە ئېرىشەلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمىز . قەدىمكى ھىندى دانىشمەنلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن دۇنياۋى مۇقەددەس ئەسەر << بەش نامە >> دېگەن كىتاپتا << دانا كىتابلار بەش قىسىمدىن ئىبارەت پەنىد - نەسىھەت ئۆگىتىدۇ . ئۇ بولسىمۇ ئىشلارنى قانداق باشلاش ، كېرەكلىك ئادەملەرنى ۋە كېرەكلىك نەرسىلەرنى قانداق تېپىش ، ۋاقىت ۋە ماكاندىن توغرا پايدىلىنىش ، بەخىتسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆز مەخسىتىگە قانداق يېتىش >> دەپ يېزىلغان قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز . يەنە بىر جەھەتتىن كىتاب بىزنى بوزەك قىلماي سادىقلىق بىلەن چوڭ قىلىدۇ . شۇنداقلا كىتابنى ئۆزىگە دوست تۇتقان ئادەم ياكى كىتابنى ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ھەمرا قىلغان ئادەم ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدۇر . بىلىمسىزلىك - قارىغۇلۇق ، نادانلىق ۋە بىخۇتلۇقنىڭ دوستى .
; h- g. W+ o) h. C1 l ~ ئالىملارنىڭ تەكرار تەتقىقاتى ئارقىلىق ئىسپاتلىشىچە بىر كىشىنىڭ ئىگەللىگەن بىلىمىنىڭ %5 تىن %15 كىچە بولغان بىلىمى مەكتەپتىن ، %90 تىن %95 كىچە بولغان بىلىمى خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئۈلۈكسىز كىتاب ئوقۇش ، ئۈگۈنۈش ۋە ئائىلە تەربىيەسى ئارقىلىق قولغا كېلىدىكەن . شۇڭا ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ۋە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئاز بولمىغان نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . كىتابمۇ ئادەملەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ، ئۇلارنى كېسەل بولمىسۇن ، ئاداشمىسۇن ، ئاجىز بولمىسۇن ، كەمبەغەل بولمىسۇن ، قىينالمىسۇن دەپ يېزىلىدىغۇ !
. |- \6 I6 S8 k$ x t0 { لابولنى << تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئوقۇۋاتقان كىتابىنىڭ سانى بىلەن ئۆلچىنىدۇ >> دەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقان . شۇنىڭدەك قايسى ئەلدە ، قايسى مىللەتتە كىتاب ۋە كىتابخۇمارلار كۆپ بولسا ، شۇ ئەل ، شۇ مىللەت سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، پەن - مەدەنىيەت ، مائارىپ ۋە باشقا جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىدۇ . چۈنكى كىتاب مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋى قىياپەت مەكتىپى . كىتابسىز ئادەم ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىن خەۋەرسىز ئادەم ھېسابلىنىدۇ .
# [* p5 R" T u) l1 \- k, b) R3 u, Iشۇڭا ھەربىرىمىز كىتاپتىن ئىبارەت مەنىۋى قورالنى دوست تۇتۇپ ، ئائىلە كۈتۈپخانچىلىقىدىن ئىبارەت جاھان ئەينىكىنى ھەمرا قىلىپ ، ئۆزىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشى ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مەكتەپتىن ئېرىشەلمىگەن سىرتقى بىلىملەرنى كىتاب ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تولۇقلىشى ئارقىلىق ئۆزىنى قوراللاندۇرۇپ ، كەلگۈسى نىشانىنى تىكلەپ ، ئانا يۇرتى ، مىللىتى ۋە ئۆزىگە بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ . دەۋرنىڭ ھەربىر بوسۇغۇلىرىدىن مەردانە قەدەم بىلەن ئۆتۈشكە شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز كېرەك .
) ?. k- W" S& g6 X9 o) K2 _5 s ماقالەمنىڭ ئاخىرىنى ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالدىن ئەپەندىمنىڭ << ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا >> ناملىق كىتابتىكى مۇنۇ بىر ئابزاس بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم .
, G8 M5 I7 w, o << تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر گىرەلىشىپ كېتىۋاتقان دۇنيادا سەن ئۆزۈڭنىڭ مىللى روھ ۋە ھەزارى كىملىكىڭنى پۇختا قۇرۇپ چىقمىساڭ ، بىر ئىجدىمائىي مەخلۇق بولۇش شەرتىڭنىمۇ ھازىرلىيالمىغان بولىسەن . ئۇنداق ئەھۋالدا سەندە ئىناۋەت بولمايدۇ . مەيلى سەن كادىر بول ، تېخنىڭ بول ، تەنھەركەتچى ياكى ھەربىي خادىم بول ، نەشرىياتچى ياكى ئوقۇتقۇچى بول ، تارخچى ياكى سودىگەر بول ، سەنئەتچى ياكى ھۈنەرۋەن بول ، ئورخۇن تاش ئابىدىلىرىنى بىلمىسەڭ . << ئوغۇزنامە >> ۋە << تۈركى تىللار دىۋانى >> نى ئوقۇمىساڭ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلىشىر نەۋائىنى چۈشەنمىسەڭ ، نۇزۇگۇمدىكى ھايا ۋە ئىپپەتكە قايىل بولمىساڭ ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، زوردۇن سابىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېگىگە يەتمىسەڭ ، يۇرتۇڭدىكى تاغ - دەريالار ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىمىساڭ ، سادىرنىڭ ناخشىلىرىغا ئەگىشىپ توۋلىمىساڭ ، تارىم ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىغا بېرىپ باقمىساڭ ، ھېيتگاھنى كۆرمىگەن بولساڭ ، تاپىنىڭ تەكلىماكان قۇملىرىدا كۆيۈپ باقمىسا ، ئون ئىككى مۇقامنى ئاڭلاپ مۇڭلانمىساڭ ، مىڭ ئۆيلەرنى كۆرۈپ ئويلانمىساڭ ، خەلق ناخشىلىرىدىن باغرىڭ ئېرىمىسە ، مەشرەپكە قاتنىشىپ ئىچىڭ پۇشسا ، دۇغقا نان تۈگۈرۈپ يەپ باقمىساڭ ، ئاتا - ئاناڭ ، خوتۇنۇڭ ۋە بالىلىرىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى قەرىزدار ھېس قىلمىساڭ ، ئىشقىلىپ ، خەلقىڭنىڭ تۇيغۇ - تەجرىبىلىرىنى بېشىڭدىن كەچۈرمىسەڭ ، ئۆزۈڭنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن گۇمان قىلساڭ بولىدۇ .
4 b3 l# x# o2 y _____________________________________________________________________________________________________________
8 \1 e5 k- [+ e1 x }0 N پايدىلانمىلار :9 K" h) A4 R* ^' V& p
<< بەش نامە >> شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2007 - يىل نەشىرى
& X, I2 X2 y6 H' S" C/ H$ X << ئەقىل - پاراسەت دەستۇرى >> بالتاسار گراسئەن شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى نەشىرياتى 2006 - يىل نەشىرى
" ? C' U$ k; Z9 e6 F; P$ l9 o+ n' \ << يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت >> ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2001 - يىل نەشرى" g1 X# q; }% `1 I
<< ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى >> ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2002 - يىل نەشىرى8 j. T* G9 C+ ]
<< تىببى ۋە تەربىيىۋى ھېكايەتلەر >> ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرياتى 2007 - يىل نەشىرى
4 B+ R% i, m+ I2 R/ r << ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا >> ئابدۇقادىر جالالدىن شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2005 - يىل نەشىرى$ n2 M/ Q1 I" T. m& @
<< ئۇيغۇر قەدىمكى كىتاپ مەدەنىيىتى >> ھاجى ئابدۇراخمان باقى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 2011 - يىل نەشىرى
8 }# o8 f; M( r2 k+ g << ئوغلۇم سەن ئاتا بولدۇڭ >> روزى مۇھەممەت مۇتەللىپ شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت - فوتۇ سۈرەت نەشىرياتى
: a4 x6 G$ ]/ G9 n% k1 K شىنجاڭ ئېلىكتىرون ئۈن - سىن نەشىرياتى 2010 - يىل نەشىرى 9 w5 E8 j t9 I* X0 |* e
$ m! N3 b3 d- J- m7 N( x$ m
غۇلجا شەھەر 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ
7 E3 F' P: I4 A; I$ ` گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى :
" j' N0 F" G+ @( o رەخىمجان ناسىر- v# N8 Y/ m/ i* F1 |& o1 q
مەنبە : باغداش تورىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بىرىلدى
|
|