مەن چىش دوختۇرى،بۇ يەرلىك رىتسىپلارغا مەن ئىشەنمەيمەن
يىقىندىن بېرى دوسلارچەمبىرىكىمدىكى ھەرخىل ھەر ياڭزا يەرلىك تىۋىپلارنىڭ يەرلىك رىتسىپلىرىنى كۆرۈپ قالدىم،بۇلۇپمۇ چىش كىسەللىكلىرى ئاغرىقىنى توختىدىغان كارامەت رىتسىپلىرى مىنىڭ بۇ ماقالىنى يىزىشىمغا مەجبۇر قىلدى.
ئۇنداقتا باشتا مەن كۆرگەن ئاشۇ يەرلىكرىتسىپلارنى ئورتاقلىشايلى:
بىرىنچىسى:چىش ئاغرىغان ۋاقىتتا،بىر پارچە زەنجىۋىلنى كىسىپ،ئاغرىغان چىشنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ چىڭ چىشلەپ تۇرغاندا چىش ئاغرىقى دەرھال توختايدۇ.
ئىككىنچسى:ئاغرىغان چىشنىڭ ئۈستىگە ھەسىلدىن نەچچە تامچە تىمىتقاندا،چىش ئاغرىقى دەرھال توختايدۇ،شۇنداقلائېغىز بوشلۇقى خۇش پۇراق بۇلىدۇ.
ئۈچىنچىسى:كۆپ مىقتاردىكى سامساقنىڭ پوستىنى قىزىتقاندىن كىيىن،ئاغرىۋاتقان ئورۇنغا باسقاندا،چىش يىلىك ياللۇغى،چىش ئەتراپى ياللۇغى ۋە ھەر خىل چىش ئاغرىقى دەرھال توختايدۇ.
تۆتىنچىسى:ھەرەكۆنىكىنى ھاراققا چىلاپ كۆيدۈرگەندىن كىيىن،قارا ھالەتكە كىرگەندە،ئاغرىغان چىشقاباسقاندا 4-5مىنۇتتىلا ئاغرىقى دەرھال توختايدۇ.
بەشىنچىسى:100گىرام ھاراققا تۇزنى ئارلاشتۇرۇپ،ئېغىزنى غەر-غەر قىلغاندا چىش ئاغرىقى دەرھال توختايدۇ.
بۇنداق يەرلىك رىتسپلار ئىنتايىن كۆپ،ناھايىتى ئاددىي ئەمما ۋەزىنى ئېغىر.
نىمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەربۇ ئىنىق بولمىغان يەرلىك رىتسىپلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدۇ؟
چۈنكى بۇ يەرلىك رىتسىپلاردابىمارلارنىڭ پىسخىك ئاجىزلىقىنى تۇتىۋالغان،چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر چىش ئاغرىقىدىن قورقىدۇ ۋە چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى تارتىپ باققان.بۇ يەرلىك رىتسىپلا ناھايىتى ئاددى بۇلۇپ ئائىلىلەردە ئاساسەن تاپقىلى بۇلىدىغان ماتىرياللاردۇر،ئۇنىڭ ئۈستىگەبۇ يەرلىك رىتسىپلاردا بىردەك چىش ئاغرىقى دەرھال توختايدۇ دەپ ۋەدە قىلىنغان.
راستىنلا قورقمايدىغان(ئاتالمىش)تىۋىپلاركەنسىلەر.چىش دوختۇرلىرىمۇ بۇنداق ۋەدىنى قىلالمايدۇ.يەرلىك رىتسىپ ھەرگىزمۇ رىتسىپ ئەمەس.بۇ ئۇسۇللاربىمارلارنىڭ چىشىنى داۋالايدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ قۇيىدۇ.
بىمارلارنىڭ قۇرقۇنىچىنى چىش دوختۇرلىرى ئوبدان چۈشىنىدۇ،بىمارلارنىڭ تىببىي ساۋاتىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى چىش دوختۇرلىرى چۈشىنىدۇ.ئەگەردە چىشى چوڭقۇر چىرىپ ئاغرىغان بىمارلارنىڭ ئىكىلەنمەي بۇيەرلىك رىتسىپلارنى ئىشىلتىپ باقىدىغانلىقىنى چىش دوختۇرلىرى ئوبدانلا چۈشىنىدۇ.ئەممابۇ يەرلىك رىتسىپلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي يەنىلا يۇۋاشلىق بىلەن چىش دوختۇرىنىڭ يىنىغا بارىدۇ.ئۈستىدىكى يەرلىك رىتسىپلارنىڭ راستىنلا رولى بارمۇ؟جاۋاپ:بار،ئەمما پەقەت ئازىراقلا ، ھەر قىتىم چىش ئاغرىغاندا ئەمەس. تۇيۇقسىز بىرقىتىم مەنپەت قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىمارلار بۇ يەرلىك رىتسىپلارنى ئىشلىتىدۇ تاكى چىش ئاغرىقى تەرەققىي قىلىپ چىش يىلىك ياللۇغى بولغىچە،بۇ ۋاقىتتايۇقۇردا ئېيتىلغان يەرلىك رىتسىپلارنىڭ بىرسىمۇ كار قىلمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى يەنىلا چىش دوختۇرنىڭ قىشىغا بېرىپ داۋالاشنى قۇبۇل قىلىدۇ.ئەسلىدە ناھايىتى ئاددىي بولغان چىش ئاغرىقىنى داۋالاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋىتىپ،ئاخىردا چىشنىڭ يىلىكلىرىنى داۋالاش دەرىجىسىگە ئۆزىمىز ئاپىرىپ قويىمىز.
ئەمىلىيەتتە.تۇرمۇشتا بۇنداق يەرلىك رىتسىپلار ناھايىتى كۆپ،ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرىغا ئائىت يەرلىك رىتسىپلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىلمىيلىكى يوق،پەقەتلا بىمارنىڭ ئاجىز پىسخىكىسىدىن پايدىلنىپ،يۇقۇردائېيتىلغاندەك پەقەت ئازىراق مەنپەت قىلغاندەك قىلىدۇ.بۇ كەسىپتىن باشقاكىسەللىكلىرىنىڭ يەرلىك ئۇسۇللىرىنى بىلمىدىم،چۈنكى مەن پەقەتلا ئېغىز بوشلۇقى مىدىتسىنا كەسپىنى ئوقىغان.شۇڭا باشقا كىسەللىكلەرنىڭ يەرلىك رىتسىپلىرى توغىرسىداتوختالمايمەن.
شۇڭا ئاخىرىدا،كۆپچىلىككەدەيدىغىنىم ئەقلىمىز بىلەن ئىلىم پەنگە ئىشىنەيلى.يەرلىك رىتسىپلارغائىشەنمەيلى،بەلكىم بەزەنلەرگە راستىنلا مەنپەت قىلغاندۇ،بىراق ھەممىسىگە مەنپەت قىلىشى ناتايىن.شۇنىڭ ئۈچۈن قەرەرلىك ھالدا چىش كىسەللىكلىرى دوختۇرىنى ئىزدەپ تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.ئالدىنقى قىتىممۇ دىدىم تەكشۈرۈپ مەسلەھەت بەرگەنگە سىزدىن ھەق ئالمايدۇ.
مەنبە:يىپەك يولى شىنجاڭ چىش دوختۇرلىرى كۇلۇبى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-29 04:54 PM