قوغۇن يۇرتىدا ئېچىلغان غۈنچە
ئالىم ياسىن ئارمانى
ئۆچۈش ئالدىدا پىلدىرلاپ قالغان شامغا ئوخشاپ قالغان،نۇرسىز كۆزلىرىدىن ھاياتقا بولغان تەشنالىق،ئۈمىدۋارلىق چاقناپ تۇرغان،يورۈق دۈنياغا بولغان تەشنالىقى قانمىغان،سانسىزلىغان بىجىرىم تەنلەردەك ھايات پەيزىگە تويۇنغۇسى بار ئاجايىپ بىر قەلىب ئېگىسنى،چەكسىز مۇھەببەتنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولغان، نىمجان ھالەتتە بولسىمۇ قەددى قامەتلىك،ۋۇجۇدىدىن تەڭرىتېغىنىڭ بۆيۈكلىكى چىقىپ تۇرغان،يۇگۈڭلارچە باتۇرلىقى بىلەن بارلىق كۈچ-غەيرىتىنى مۇجەسسەملىگەن باتۇر ئەر تاغلارنى يۇدىۋالغان كەبىي ھەممىنى ھەيران قالدۈرغان ھالدا سەھنىگە يۈدۈپ چىقىپ كەلدى.قىقاس چۈقانلار،گۈلدىراس ئالقىش-سادالار ئىچىدە مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇ باتۇر ئەرنىڭ،مېيىپ ئايالىنى يۈدىۋالغان ھالىتىدىكى روھىغا ئالقىش ياڭراتتىم.بۇ كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ«قوغۇن يۇرتى ماھارەت سەھنىسى فىرگىراممىسى»نەخ مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان بولۇپ،ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىن كەلگەن تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغان ئىدى،نۆۋەت شاپتۇل يېزىسىنىڭ ئاقېرىق كەنتىدە تۈرۈشلۈق مېيىپ قىز غۈنچەمگە كەلگەن ئىدى.بۇ قىزنىڭ كىشىنىڭ يۈرەك ساداسىنى تەۋرىتىدىغان ئاجايىپ ھېسياتلارغا تويۈنغان،ھاياتقا،گۈزەللىككە،بەخت-سائادەتكە بولغان تەشنالىقى بايان قىلىنغان،قىزلىق سۇپەت ۋە مەسئۇلىيەت قات-قېتىغا مۇجەسسەملەنگەن،ھەر بىر قەلىب ئىگىسىنى،ئۆزىنى قەدىرلەشكە،ھاياتقا ئىنتىلىشكە،مېھىر-مۇھەببەتكە،سۆيگۈگە چاقىرىدىغان ئاجايىپ گۈزەل تىللار بىلەن يۇغۇرۇلغان ھاياتلىق كەچمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن تەقدىر-قىسمەتلىرىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىمدىن ياش ئاقماقتا ئىدى.
ئەسلىدە بۇ غۈنچەم قىزمۇ تۆت يىل بۈرۈن باشقىلارغا ئوخشاش تەندۇرىس،بىجىرىم قىزلاردىن بولۇپ،تۇيۇقسىز كېسەللىك سەۋەبىي بىلەن بۈگۈنكىدەك ماڭالمايدىغان،ئىككى پۇتى تارتىشىپ قالغان،ئورنىدىن قىمىرلىيالمايدىغان ئەشۈنداق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ،شىپائىي ئېلاج ئىزدەپ بارمىغان يىرى قالمىغان،ئەشۇ ساغلام تېنىنى قايتۇرۋېلىش مەخسىدىدە بارمىغان يىرى،تارتمىغان جاپا-مۇشەققىتى قالمىغان،ئاخىرى تەقدىرگە باش ئېگىشتىن باشقا ئېلاجى قالمىغان 30ياشلاردىكى ۋۇجۇدىدىن قەيسەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئايال بولۇپ،ھازىر ئۈچ پەرزەنتى بار ئىكەن،ئىككىسى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان بولۇپ،يەنە بىرىنىڭ ئېغىزى سۈت تەمىدە ئىكەن.يولدىشى ئوبۇلقاسىمجان بۇ يىل 33ياشلاردىن ھالقىغان بولۇپ،ئايالىنىڭ بۇ بەختسىزلىككە يولۇقۇشىدىن بىر نەچچە يىل بۈرۈنقى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە بۇ يىگىتمۇ نىمجان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ،داۋالىتىش جەريانىدا بارلىق بىساتىدىن ئايرىلغان،ھازىرقى ھالىتىدە ئاران-ئاران ماڭىدىغان،پۇتىغا تۆمۈر ئۇلاق سېلىنغان،ئالدۈرۈشقا ئامالسىز ئەشۇ ھالىتى بىلەن ئايالىنى سەھنىگە يۈدۈپ چىققان بولۇپ،بۇلارنىڭ ھايات ھېكمەتلىرىگە ۋە شۈنچىلىك ئاچچىق قىسمەتلىرىگە تويۇنغان ھالىتى كىشىلەرنى ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.
«تەن ساقلىق،زور بايلىق»-دەپ ئېيىتقان كونىلار،ئەشۇ مىنۇتلاردىكى ھېسياتلىرىمنى تەسۋىرلەپ بىرىشكە ھەقىقەتەن تىلىم ئاجىزلىق قىلدى.شۇ تاپتا نە ساماۋى چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگىنىدەك بىرلا سۈرتۈپ قويسا ئەما كۆزلەرنى ئاچىدىغان،بىرلا سۈرتۈپ قويسا تارتىشىپ قالغان ئەشۇ پۇتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان،بىرلا سۈرتۈپ قويسا پۇتۇن بەدەندىكى توڭ،مەينەت،كىر قەلىبلەرنى پاكىزلايدىغان،ئېرىتىدىغان خىسلەتلىك ئەڭگۈشتەر بولسا ئىدى،مۇشۇ قىزنىڭ ئانىلىق مېھرى پۇراپ تۇرغان،چەكسىز مەسئۇلىيەت ۋە ۋېژدانى بۈرچى قايناپ تۇرغان ئەشۇ تېنىنى ساپ-ساق ھالىتىگە كەلتۈرۈش خىيالىدا بولدۇم،ئەپسۇس، بۇ قۇدرەت مەندە يوق ئىدى.
ھەممىدىن تەسىرلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى-بۇ قىزنىڭ ھاياتقا بولغان تىرىشچانلىقى.ئەشۇ ھالىتى بىلەن بىر ساق تەن قىلالمىغان ئىشلار بىلەن تىرىشىپ-تىرمىشىپ،ئۆزىگە تەشنالىق بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغان ئۈچ پەرزەنتىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئورۈنداش يولىدىكى ۋېژدانى مەسئۇلىيىتى.بۇ قىز ئەشۇ ھالىتى بىلەن ئۈچ چاقلىق توكلۇق ھارۋىدىن بىرنى سېتېۋېلىپ،باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ،بازارمۇ-بازار يۈرۈپ،ھالال مېھنىتى بىلەن بىر قىسىم بېسىلىپ قالغان،ئەرزان باھالىق كىيىم-كېچەكلەرنى سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،يولدىشىنى،باللىرىنى بېقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋېتىپتۇ...
ئەشۈ ۋاقىتتىكى يولدىشىنىڭ كۆزىدىن تارام-تارام ئاققان ياشلار،تاماشىبىنلارنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشلار،ئادەملەردىكى گۈزەللىكنىڭ،مېھىر-مۇھەببەتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى،ئېنسانلارنىڭ نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى،قانداق ياشاش،ياشاش ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ھەممە كىشىگە يەنە بىر قېتىم تونۇتماقتا ئىدى.
يۈرىگىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن«ياشاپ كەت غۈنچەم،سەن گەرچە كىشىلەرنى ھەيران قالدۈرغىدەك ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى ياراتمىغان بولساڭمۇ بۇ يەردە ئولتۇرغان بارچە قېرىنداشلار ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ياشاشنى،ئولۇغۋارلىقنى،گۈزەللىكنى،بەختنى،مېھىر-مۇھەببەتنى ،ئالى جاناپلىقنى،ئېپپەتنى،غۇرۇرنى ياراتتىڭ.سەن يالغۇز ئەمەس،ئەتراپىڭدا ساڭا ھېسداشلىق قىلىدىغانلار،سېنى يۆلەيدىغانلار،ياردەم قىلىدىغانلار بار،سېنىڭ ئەشۇ ۋۈجۈدۈڭدىن ئايرىلمىغان ئەقىل-پاراسىتىڭلا بولىدىكەن،ئۆزەڭنىڭ بەختىنى گۈلدەك ھالدا قولغا كەلتۈرەلەيسەن.سەن مېنىڭ قەلبىمدە ئاجايىپ بىر پەرىشتە،ئەشۇ مۇلايىم قىياپىتىڭ،بىمارلارغا دورا،ئەل قەلبىگە شىپا.سەن شۇ تاپتا ئۆزۇڭنىلا ئەمەس،بۇ يەردىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىنى ياراتتىڭ،ئۆزىگە بولغان ئېشەنجىسىنى،بەخىت-بايلىقىنىڭ نېمە ئېكەنلىگىنى،ھاياتنى قانداق قەدىرلەش ئىكەنلىگىنى ياراتتىڭ.سەن ئۆز كەچمىشىڭ ئارقىلىق باشقىلارغا ھاياتلىق يولىنى ئېچىپ بەردىڭ»...دەپ خىتاپ قىلاتتىم.
مانا دىگەندەك بولدى،بىر تامچە سۇدىمۇ قوياشنىڭ تەپتى بولغىنىدەك بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى بىر قىسىم كارخانىچىلار،تاماشىبىنلارنىڭ چەكسىز ھېسداشلىققا تولغان يۈرەك سادالىرى ياڭراشقا باشلىدى.
«ئامەت»يېزائىگىلىك ماددى ئەشيالىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى بۇ ئائىلىدىكى ئۈچ پەرزەنتنىڭ ئالى مەكتەپكىچە بارلىق چىقىمىنى كۆتىرىدىغانلىقىنى ئېيىتقاندا،«ئۈمىدۋار ئۆي مۇلۇكچىلىك شىركىتى»ناھىيە ئىچىدىكى خالىغان بىر جايدىن بىر دوككان بىرىدىغانلىقىنى،«ئالغا باس شىركىتى»دوككانغا لىق مال قاچىلاپ يۈرۈشلەشتۈرۈپ بىرىدىغانلىقىنى،«مېيدى ئائېلە ئېلىكتىر ئۈسكىنىللىرىنى سېتىش تارماق شىركىتى»بىر يۈرۈش ئائېلە ئېلىېكتېر ئۈسكۈنىللىرى بىلەن تەمىنلەپ بىرىدىغانلىقىنى،ئالىمجان شىپائىي ئېلاج دۇككىنى،شېرىنئاي گۈزەللىك سالۇنى،كوللاگىنلىق پېبدىت سېتىش ئورنى،يېشىل يۇلتۇز ھەمكارلىق كوپراتىۋى ۋە بىر قىسىم يەككە تىجارەتچىلەر،ئامما ۋەكىللىرىدىن بولۇپ50مىڭ يۇەندىن ئارتۇق ئىقتىزادى ياردەم قىلىندى.
بۇ يىلقى يازنىڭ تىنجىق ھاۋالىرى قاپلىغان ھەممىنىڭ ۋۇجۇدىنى ئوت قاپلىغان،ھەددىدىن ئارتۇق ئىسسق بولىۋاتقان ئەشۇ زال ئىچىدىكى مېھىرلىك قەلىبلەرنىڭ تۆككەن ياشلىرىدىن بولسا كېرەك ۋە ياكى غۇنچەم بىلەن يولدىشى ئابدۇرھېمجاننىڭ ئېرىگەن قەلىبلىرىدىن بولسا كېرەك زال ئىچى قايتىدىن ساپلىققا تولۇپ،ھەممىنىڭ يۈرىگى قايتىدىن ئەمىن تاپقاندەك بولدى.غۈنچەمنىڭ، قىزىل گۈل بەرگىدە يالتىرىغان شەبنەمدەك،كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار كۈچلۈك چىراق نۇرلىرىدا ئاجايىپ سېھىرلەنگەن قوياشنىڭ ئېللىق نۇرلىرىدەك يالتىرماقتا ئىدى.
خەيىر،شۇ كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ ماھارەت سەھنىسىدىن مەن ئاجايىپ ماھارەت ئېگىللىرىنى،يۈرتىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەرنى،ھېكمەتلىك ھېكايىلارنى،مۇقىملىقنىڭ بەخىت-سائادەتلىك مىنۇتلىرىنى،دېھقان-چارۋىچى يولداشلارنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئوتتەك ئېشتىياقىنى،سەنئەتنىڭ سېھرى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم قايتا تونىۋالدىم.