25-ئىيۇل سانكىت پىتىرپۇرۇگ ۋاقتى 18:00دە 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسىگە چەك تارتىلدى.
ياۋرۇپا رايۇنى چەك نەتىجىسىدە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، شىۋىتسىيە كوماندىلىرى بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ھالاكەت گۇرۇپپىسى شەكىللەندۈردى. ئىسپانىيە، ئىتالىيە كوماندىلىرى بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى.
52دۆلەت (ساھىبخان رۇسىيە ۋە خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئەزا بولمىغان جەبىلتارقتىن باشقا ) 9گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 7گۇرۇپپىدا 6كوماندا تەشكىلىنىدۇ. ئاخىرقى ئىككى گۇرۇپپىدا 5تىن كوماندا تەشكىلىنىدۇ. 9گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولغان كوماندا بىۋاستە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشىدۇ. نەتىجىسى ئەڭ ياخشى گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولغان 8 كوماندا قۇشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن تاللىنىپ چىققان 4 كوماندا روسىيىگە بارىدىغان ئاخىرقى تۆت بىلەتكە ئېرىشىدۇ. ياۋرۇپا رايۇنىغا 13 بىلەت بېرىلدى.
ياۋرۇپا رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسى 2016-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 2017-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. قوشۇمچە سالاھىيەت 1-ئايلانما مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، 2-ئايلانما مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
A گۇرۇپ گوللاندىيە فىرانسىيە شىۋىتسىيە بۇلغارىيە بىلرۇسىيە لىيۇكسىمبۇرۇگ
B گۇرۇپ پورتىگالىيە شىۋىتسارىيە ۋېنگىرىيە فارۇ ئارىلى لاتۋىيە ئاندورا
C گۇرۇپ گېرمانىيە چېخ شىمالىي ئېرلاندىيە نورۋىگىيە ئەزەربەيجان سان مارىنو
Dگۇرۇپ ۋېلىش ئاۋستىرىيە سېربىيە ئېرلاندىيە مولدوۋا گرۇزىيە
Eگۇرۇپ رومىنىيە دانىيە پولشا قاراتاغ ئەرمىنىيە قازاقىستان
Fگۇرۇپ ئىنگىلاند سىلۋاكىيە شوتلاندىيە سىلۋانىيە لىتۋان مالتا
Gگۇرۇپ ئىسپانىيە ئىتالىيە ئالبانىيە ئىسىرائىلىيە ماكىدونىيە لىخىنتشىيىن
H گۇرۇپ بىلگىيە بوسىنىيە گىرىتسىۋىگىنا گىرىتسىيە ئىستۇنىيە سىپرۇس
I گۇرۇپ كرودىيە ئىسلاندىيە ئۇكرائىنا تۈركىيە فىنلاندىيە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Putbolhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-29 03:16 PM