بالىلارنىڭقىزىقىشىنى چۈشىنىش كېرەك
(1– بۆلۈم )
پىكرىمنىڭ مۇقەددىمىسىدە « ھەر ئىشنى ئۆزئەھلىگە تاپشۇرۇش لازىم ئىدى » - دېگەندەك، دارىتمىلاپ ئۆتكەن. ئەمدى گەپنىڭ تەپسىلاتىغا كىرەيلى. بىز- بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى چۈشىنىش كېرەك- دېيىشتىنئاۋال، ئالدى بىلەن بىزنىڭ قىزىقىشىمىز نېمىلەردىن ئىبارەت؟- دېگەنسوئالنى يېشىپ كۆرىدىغان بولساق، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ كەسكىن تەلەپپۇزلار بىلەن ،قەتئى ئىشەنچ بىلەن – بالا تەربىيلەش توغرىسىدا كۆپچىلىككە سۇنىۋاتقان تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىمىزنى كەسپى خاسلىقىمىزغاسېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، نېمىگە قىزىقىپ قالغانلىقىمىزنى، نېمىشقا قىزىقىپقېلىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس.
ئىلمىي تەتقىقات نەزەرىيىلىرى، تەجىربىچىلىك،تېخنىك ، ئېنژىنېرلىق، ئىشلەپ چىقىرىش ۋە سېتىشقىچە ھەممە تۈرلەر فاكولتېتلىشىپ،كەسىپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ مەلۇم بىر كەسىپتە ئېنژىنېر،مۇتەخەسسىسلىك ئۇنۋانىغا ئىگە بولىۋاتقان ۋە شۇنىڭ سايىسىدە ھۆرمەتكەئېرىشىۋاتقان، تۇرمۇشىمىز شۇنىڭ سايىسىدە باياشاتلىققا چۆمۈلىۋاتقان بىر مەزگىلدە،قانداقتۇر، ئۆزىمىزگە ناتونۇش بىر ساھەگە بۇرنىمىزنى تىقىپ، تىمىسقىلاپيۆرۈشلىرىمىز، قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى سائەتلەپ، كۈنلەپ ئىسراپ قىلىپ، يازماتەييارلىشىمىز، جامائەت سورۇنى تەشكىللەپ، « كۆز- قارشلىرىمىز »نى خەلق ئاممىسىغاتەقدىم قىلىشلىرىمىزغىچە قەدەر بىر قاتارھاياجانلارغا، تەر ئاققۇزۇشلارغا نېمە تۈرتكە بولىۋاتقاندۇر؟
ئۆز كەسپىمىزدىن سىرتقى ، ياكى كەسپىمىزگەيېقىندىن، يىراقتىن ئالاقىسى بولمىغان ئىشلارغا قىزىقىپ قېلىشىمىز، ئەلۋەتتەئىنسانىي خۇسۇسىيەتلىرىمىزنىڭ بىرپارچىسى. لېكىن كىشىلىك قىزىقىپ قېلىشلىرىمىزنى پىكىرلەشتۈرۈپ باشقىلارغا، بولۇپمۇئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلارغا يەتكۈزۈش ئىشىغا كەلسەك، بۇنىڭئېتىنى خالىس ئەمگەك، ئىلىمنىڭ زاكىتى، خەلق ئۈچۈن مېھنەت سىڭدۈرۈش... دەمدۇق؟ياكى باشقىچەرەك بىرەر مۇۋاپىق نامبارمىدۇر؟
بىزدە « چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، كۆزىنى قارغۇ قىلىپتۇ» دەيدىغان بىر پەلسەپە بولىدىغان.زامانىمىزدا جىسمانى جەھەتتىن كېسەل داۋالاش كەسپىمۇ ئۇششاق پارچىلار بويىچە تۈرگەبۆلۈنۈپ كەتتى. ئوتتۇز يىل ئاۋالقى چاغلاردىكىدەك، بېشى ئاغىرسىمۇ، چىشىئاغىرسىمۇ، قورسىقى ئاغىرىپ، ئىچى سۈرۈپ كەتسىمۇ، كۆزى ئاغرىپ چاپاق بېسىپ كەتسىمۇ ئوخشاش دوختۇرغا كۆرۈنىدىغان، ئوخشاش دورا بېرىدىغان ئىش ئاللىبۇرۇن تارىخقا ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ زامانلاردادوختۇرخانىلار ئىچكى كېسەللىك بۆلۈمى، تاشقى كېسەللىك بۆلۈمى، بەش ئەزا بۆلۈمى-دېگەنچىلىكلا بىر قانچە بۆلۈم بىلەن چەكلىنەتتى. زامانىمىزدا ئادەم بېدىنىدە قانچە تۈر ئەزا بولسا،دورختۇرلۇق كەسپىمۇ شۇنچە تۈرگە ئايرىلدى. چىشى ئاغىرسا، قۇلاق دوختۇرىغابارمايدۇ. كۆزى ئاغىرسا چىش دوختۇرىغا بارمايدۇ. چوڭلار - ئاياللار، بالىلار كېسەللىك دوختۇرلىرى، داۋالاش سىستېمىسى جىددى بىر شەكىلدە تۈرگە ئايرىلدى ۋە يەنە تولۇقلىنىپئايرىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل سەزگۈرلۈك « چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، كۆزىنى قارغۇقىلىۋالمىسۇن» - دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان كىشىيوقتۇر بەلكىم .
ئەجەبا، ئادەملەرنى جىسمانى جەھەتتىنداۋالايدىغان كەسىپلەر شۇنچىلىك زىغىرلاپ تۈرگە ئايرىلىۋاتقان، تۈر بويىچەمۇكەممەللىشىۋاتقان، بىر كەسىپتە مۇتەخەسسىس بولغان كىشى ئۆز كەسپىدىن ھالقىپ،ئۆزىگە ناتونۇش باشقا بىر كەسىپكە بۇرنىنى تىقمايدىغان ، مۇشۇ ئاڭلىق دەۋرىمىزدە،نېمىشقىدۇر بىلىملىك، زىيالىي،ئالىملىرىمىزنىڭ ئادەملەرنىڭ روھىنى، ئەقلىنى، ئېڭىنى داۋالايدىغان ، تېخىمۇسەزگۈر مەسىلىدە شۇ قەدەر پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولۇشلىرى يەنىلا « خالىس ئەمگەك، ئىلىمنىڭ زاكىتى، خەلق ئۈچۈنمېھنەت سىڭدۈرۈش...» تىن ئىبارەت ئالىجاناپلىقمىدۇر!
تورلاردا ئادەتتىكى قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىش،جەمئىيەت مەسىلىلىرنى دە- تالاش قىلىش، كۆز-قاراش بايان قىلىش پۈتۈنلەي نورمالئەھۋال. شۇنداقتىمۇ ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان ساھەدە كۆز-قاراش بايان قىلسا، كۆپىنچە ھاللاردا تېمائىگىسىنى ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مەسىلەن: تۇرپانلىقلارقاپ قارا، خۇددى ئافرىقىلىققا ئوخشاپ كېتىدۇ. غۇلجىلىقلار ئاقپىشماق، ئۆڭى سۈپسۈزۈك .... دېگەندەكگەپلەر، تۇرپاننىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ، ئۇيەردەياشايدىغان ئادەملەر ئاپتاپتا كۆيۈپ چىچىلىدەك قارداپ كېتىدۇ- دېگەندەك خاتاچۈشەنچىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. غۇلجا تەرەپنىڭ ھاۋاسى ھۆل، سوغاقراق، يۆل- يېغىنكۆپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپلا، ھە، ئۇيەردە ياشايدىغان ئادەملەر ئاقپىشماق بولىدۇ- دەپ،خاتا پەرەز قىلىۋالغان. ئەمەلىيەتتە بولسا ئەھۋال تامامەن باشقىچە. ئافرىقىمۇ ئۇنچىۋالا قاقاس، چۆللۈك ئەمەس. ھەددىدىنزىيادە ئىسسىقمۇ ئەمەس. پەقەت كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا يەرلىشىپ قالغان خاتا ئۇچۇر،ساختا مەلۇمات تۈپەيلى، ئافرىقا- دېسە سۇسىز، گىياسىز قاقاس چۆللۈك- دېگەن خاتاچۈشەنچە تەسەۋۋۇر ھۆكۈم سۈرگەن. شۇنىڭدەك تۇرپانمۇ بەك ئىسسىق بولغاچقا، ئادەملەرئافرىقىلىقتەك قارا بولىدۇ- دېگەن خاتا يەكۈن ئوتتۇرغا چىققان. دېمەك، تولۇق مەلۇماتقا ئىگەبولمىغان نەرسە ئۈستىدە، پەرەز بىلەن، تەخمىنى كۆز- قاراشقا تاينىپ پىكىر يۈرگۈزۈش( گەرچە تەسادىپى توغرا چىقىپ قالسىمۇ ) جەزمەنكى ئەسلىدىنلا خاتالىقتۇر.
ئەمدى ئۆز گېپىمگە كەلسەم، « ئەۋلاد تەربىيلەش » كە مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەردە، كىشىلەر ھەقىقەتەن ناتوغرا تەرەپكە كۈچەۋاتىدۇ. ئەۋلاد تەربىيلەش- دېگەن بۇگەپ، يەسلىدە بالا باققانچىلىك، باشلانغۇچتا بالىلارنى ئوقۇتقانچىلىك، تولۇقسىزدا،تولۇق ئوتتۇردا ، كەسپى مەكتەپلەردە دەرسسۆزلىگەنچىلىك، دوكتور ئاسپىرانتلىرىنى يېتەكلىگەنچىلىك، سېختا تېخنىك يېتەكچىسىبولغانچىلىك، ئىدارىدە ئادەم باشقۇرغانچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس. چۈنكى يەسلىدە ئىشلەيدىغانلاردىنتارتىپ، دوكتور ئاسپىرانت ېتەكچىلىرىگە قەدەر ئارىلىقتىكى بارلىق ئىلمى كەسىپ خادىملىرى ، شۇساھەدە ئۇزۇن يىللاپ ئوقۇغان، بىلىم ئاشۇرغان، خىزمەت قىلىش جەريانىدا مول سىناق ۋە تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغانلاردۇر. شۇنىڭدەك،سېخلاردا، ئىدارە ئورۇنلىرىدا كەسىپ، تېخنىك يېتەكچىلىكى ۋە ئادەم باشقۇرۇش ئىشلىرىمۇ،ئوخشاشلا ئىگەللىگەن تەجرىبە، سىناقلار ئاساسىدا يۈرۈشۈپ ماڭىدىغان ئىشلاردۇر. لېكىنبالا تەربىيلەش بولسا، شۇ بالا مەنسۇپ بولغان ئاتا، ئانا بىلەن بالائوتتۇرسىدىلا داۋاملىشىدىغان، ئائىلەئىچىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت جەريانىدۇر. بۇ ھەرىكەت جەريانى مەلۇم تەرەپلەردىن ئېيتقاندا ئىجتىمائىيمۇناسىۋەت شەكلىدىن ھالقىغان، بەلكى تەبىئەتكە يېقىنلاشقان، تەبىئى مۇناسىۋەتكەمەنسۇپ بولىدىغانلىقىنىمۇ نەزەردىن قاچۇرماسلىق لازىم.
بۇ يەردە قىسقا بىر مىسالغا مۇراجىئەت قىلىشنى لايىقكۆردۈم . ئالدىنقى يىللىرى رىياسەتچى ئۈمۈت غېنى ئەپەندى، كېرىم ئاتۇش ئەپەندىبىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق جانلىقئىكران سۆھبىتىدە، كېرىم ئاتۇش ئەپەندى ئۆزىنىڭ چەتئەل ساياھەتلىرىدىكى تەسىراتلىرىنىسۆزلەپ كېلىپ : « ياۋرۇپالىقلارنىڭ بالا تەربىيلىشىگە سېلىشتۇرغاندا، بىز بالىنىباقتۇق دېسەكلا بولىدىكەن. ئۆزىمىزچە بالامنى مۇنداق تەربىيلەيمەن، ئانداقيېتىشتۈرۈمەن- دەۋالىدىكەنمىز. ئەمەلىيەتتە بولسا، بىز بالىنى ئاچ قويماي، تالاداقويماي، پەقەتلا ئاش نان بېرىپ، بېقىپ چوڭ قىلىدىكەنمىز. ئادەتتە ھايۋانمۇبالىسىنى باقىدۇ، تاشلىۋەتمەيدۇ......»- دېگەندەك، كۆز- قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ.ئۇنىڭ مەزكۇر بايانلىرى ياۋرۇپا سەپىرىدىكى، ئوچۇق ئېيتقاندا تەرەققى تاپقان، كۈچلۈك ئەللەر كىشىلىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرى بولۇپ، بۇپەقەت مەسىلىگە سىرىتتىن، پەنجىرىدىن قارىغان،ھە - ئىش ئەسلىدە مۇنداقكەن – دە دەپ،يېڭى، پەرقلىق بىر تونۇشقا كېلىپ قالغانلىقتىنئارتۇق نەرسە ئەمەس . ئەمەلىيەتتە بولسا، سىرىتتىن كۆرگەن ھەر قانداق مەنزىرىنىڭئارقىسىدا سىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان، ئاڭلاپ باقمىغان، ئاڭلىسىڭىزمۇ ئىشىنىپبولالمىغۇدەك دەرىجىدە لاھىيىلەر يوشۇرۇنغان بولىشى تەبىئىدۇر. يەنى مەيلى شەرقمىللىتى بولسۇن، مەيلى غەرب مىللىتى بولسۇن، ياۋرۇپالىق، ئاسىيالىق، ئافرىقىلىقبولسۇن، ئاتا- ئانا، بالا مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكىگە ئوخشاشلا ، دەسلىۋىدەتەبىيئەتكە مەنسۇپ بولغان تەبىئىيلىك مەۋجۇتتۇر. ئەر خوتۇن مۇناسىۋىتى، ئاتا-ئانا،بالا مۇناسىۋەتلىرى ماھىيەت جەھەتتىنئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ، پەرق ئاساسەن جەمئىيەتكە يۈزلەنگەندىن ئېتىبارەن باشلىنىشى مۇمكىن. بۇ يەردە ھەرگىزمۇ : غەربلىكلەر، ياكى تەرەققى تاپقان كۈچلۈكمىللەتلەرمۇ بالىسىنى بېقىپلا قويىدۇ، ئارتۇق پەرۋىش قىلمايدۇ- دېمەكچى ئەمەسمەن.ئەلۋەتتە كۈچلۈكلەر پەرزەنتلىرىگە كۆپئەجىر سىڭدۈرىدۇ. لېكىن بۇنداق ئەجىر سىڭدۈرۈشنىڭ جەمئىيەتكە ئومۇملاشقان، مىللىيئەخلاق دەرىجىسىدە يىلتىز تارتىپ كەتكەن بولىشىدا، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىپەرقنىڭ بۇنچىۋالا چوڭىيىپ كېتىشىدىكى مەسىلە ، پەقەت ئاتا- ئانا، بالا ئارىسىدىكى ئائىلەمۇناسىۋىتىنىڭ ھەرىكەت جەريانىلا ئەمەس، بەلكى پەردىنىڭ ئارقىسىدىكى سان-ساناقسىز لاھىيىلىگۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز كېرەك- دېمەكچىمەن .
« ئەۋلاد تەربىيلەش » تېمىسىدىكى يازمىلارنىڭ كۆپلىكىنى،ئىنكاسلارنىڭ موللىقىنى، تەكلىپ، پىكىر، تەۋسىيە، تەنقىدلەرنىڭ رەڭگا- رەڭلىكىنى،ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇردەكلا ئۇجۇر-بۇجۇرىسىغىچە بىلىدىغان ، لېكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە چۆكۈپ ياشاپ باقمىغان چەتئەللىك،جۈملىدىن تەرەققى تاپقان كۈچلۈكلەر ئوقۇپ قالسا، جەزمەنكى ئۇيغۇرلارنىڭھەمىسىلا بالا تەيربىيلەش كەسپىدەمۇتەخەسسىس مىللەتكەن- دەپ، خاتا تونۇشقا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ نورمال ئەھۋال. چۈنكى بىزمۇ «غەربلىكلەر، ئامېركىلىقلار، كۈچلۈكلەر باللىرىنى ئاجايىپ تەربىيلەپ قويىدىكەن، بىزبولساق بېقىپلا قويىدىكەنمىز» دەپ قالدۇق ئەمەسمۇ. بۇنداق دەپ قېلىشىمىزغا سەۋەپبولغان نەرسە، دەل مەسىلىنىڭ ئارقا يۈزىنى كۆرۈشكە پۇرسەت بولمىغانلىقى ئىدىغۇ. دېمەك، بىزنىڭ : ئامېرىكىلىقلاربالىسىنى مۇنداق تەربىيلەپ قويىدىكەن، ياپونلۇقلار بالىسىنى ئانداق چوڭ قىلىدىكەن،يەھۇدىلار بالىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېتىشتۈرىدىكەن، گېرمانلار بالىسىنى ئاجايىپسىستېمىلىق يېتىشتۈرىدىكەن...» دېگەندەك،ھەيرانلىقىمىز، ئاشۇ جەمئىيەتنى سىرىتتىن، پەنجىرىنىڭ يورۇقلىرىدىن كۆرگەنلىكىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ ھېلىقىئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل بىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشاپ باقمىغان چەتئەللىكنىڭ،ئۇيغۇر تورلىرىدىكى « ئەۋلاد تەربىيلەش لاھيىلىرى » نى ئوقۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭھەممىسىلا بالا تەربىيلەش مۇتەخەسسىسسى ئىكەن- دەپ قالغىنىدەكلا بىر ھەيرانلىقدۇر.
پىكرىمگە مۇشۇ يەردە قىسقا بىر ئىزاھات بېرىپ ئۆتسەم، زىيالىيلارنىڭ،مۇتەخەسسىس، ئېنژىنېرلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سۇنىدىغانتەكلىپلىرى، بالىنى قانداق ۋە قايسى مىللەتتەك تەربىيلەشنىڭ ئۇسۇل، چارە، قائىدەتەرتىپلىرى توغرىسىدا ئەمەس، بەلكى بالىنى جەمئىيەتكە، مىللەتكە،ئائا- ئانىغا، ئائىلىگە زىيانكەشلىك قىلمايدىغان، ئەكسىچە مەنپەئەتلىك، ياراملىق ئادەم بولىشى ئۈچۈن ياخشى تەربىيلەش توغرىسىدا تەۋسىيە قىلىشلىرى مۇھىمدۇر. بۇ ئۇلارنىڭكەسپى خاسلىقىغا نىسبەتەن يات، ناتونۇش نەرسىمۇ ئەمەس. بۇ پەقەتلا ئاممىباپتەۋسىيەلەرنىڭ بىر تۈرىدۇر.
( داۋامىبار)
8 P9 i+ F" j l3 B: ]