ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ھۆرمەتلىك كارخانىچىلىرىمىز. سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارغا كۆزتەگمىسۇن. ئىشلىرىڭلار كۈندىن كۈنگە ئوڭۇشلۇق يۈرۈشسۇن، يوللىرىڭلار راۋان، ئەزىزتېنىڭلار ئامان بولسۇن، ياراتقۇچى سىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىشقا ئىمكانىيەت بەرسۇن. ئىشلىرىڭلاردىن بەرىكەت بولسۇن.
يېقىنقى بىرمەزگىلدىن بۇيان تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرسىتىلىۋاتقان «ئىستىقبال سەھنىسى»، «شېرىن چۈش»،«تالانت سەھنىسى» قاتارلىق پروگراممىلارغا قاراڭ. مەن باشتا بۇ پروگراممىلارغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەپتىمەن. بارا-بارا دىققەت قىلسام، بۇنىڭدا ئەسلىدە بىز ئويلىمىغان دەرىجىدە ياخشى ئىشلار مەيدانغاچىقىۋېتىپتۇ. مەيلى «ئىستىقبال سەھنىسى» ياكى «شېرىن چۈش» ۋەياكى «تالانت سەھنىسى» بولمىسۇن، بۇ پروگراممىلاردا يول ئىزدەپ تۇرغان تالانتلىق، ئىقتىدارلىق، ئەمما، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ياشلىرىمىزغا، جۈملىدىن جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن پايدىسى تېگىدىغان ئىشلا بولسا، كارخانىچىلىرىمىز دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياردەمگە موھتاج بولۇۋاتقان ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۆزىنىڭ شەخسىيەتسىز، خالىسانە ياردىمىنى ئايىمايۋاتىدۇ. ئۇلار خۇددى پۇلنى يولدىن سۈپۈرۈۋالغاندەكلا، ئۇلاردا خۇددى تېگى كۆرۈنمەس بىر كان باردەكلا سېخىيلىق بىلەن تۈرلۈك كەسىپ، تۈرلۈك قېرىنداشلىرىمىزغا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دىيارىمىزدا بىر قانچە قېتىم يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى. بۇ ۋاقىتتىمۇ، يەنىلا كارخانىچىلىرىمىز ئەڭ تېزسۈرئەتتە ئاپەت يۈز بەرگەن جايلارغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇپ كەلمەكتە. قېنى قايسى بىرىمىز، كارخانىچىلىرىمىزنىڭ يۇقىرىقى ئىشلىرىنى ئىنكار قىلالايمىز. بۇنى كۆرگەن ھەر بىر كىشى تەسىرلەنمەي تۇرالمايدۇ. ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايدۇ.
ئۇنداقتا،يالغۇز تەسىرلىنىش، ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن مەسىلە ھەل بولامدۇ؟ ئۇلار شۇنچىلىك سېخىيلىق بىلەن خەجلىگۈدەك، ئەجەبا پۇللىرىنى خەجلەيدىغانغا ئورۇن تاپالمايۋاتقانمىدۇ؟ يەنە، ئۇلار پۇلنى شۇنداق سېخىيلىق بىلەن ئاسانلا خەجلىگۈدەك شۇنچە ئاسان تاپامدىغاندۇ؟؟؟
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، يۇقىرىقى مەسىلىلەر ھەقىقەتەن بىزنى ئويلىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھازىرقىدەك رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان بۇجەمئىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە، كارخانا، شىركەت ئېچىپ باقمىغانلار ئۇلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان مۈشكۈل جاپالارنى، قىيىنچىلىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايمىز. رىقابەت بىلەن تولۇپ تۇرغان بۇ جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرماق ئاسانمۇ؟؟؟؟
ئۇلارنىڭ ئاشۇنداقسېخىيلىق بىلەن، مەردلىك بىلەن قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان ئاشۇ ياردەملىرىنى بىز ھېسابلاپ مۇ ھېسابلاپ بولالمايمىز. ئۇنداق بولسا، بىز ئاشۇ كارخانىچىلىرىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بەردۇق؟ نېمىلەرنى قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك؟ نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز؟ بۇ ھەر بىرئەقىل ئىگىسىنىڭ چوقۇم ئويلىشى كېرەك بولغان مۇھىم بىر مەسىلە.
قېنى كىم ئاشۇ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ خەلقىمىزگە، جەمئىيىتىمىزگە يەنىمۇ كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى خالىمايدۇ؟ ئەلۋەتتە ھەممىمىز ئارزۇ قىلىمىز، ھەممىمىز خالايمىز. ئۇنداقتا، ئاشۇ ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كارخانىچىلىرىمىزنىڭلا ئىشىمۇ؟ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز يوقمۇ؟
كارخانىچىلىرىمىزنىڭ جەمئىيىتىمىزگە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلغان ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى شۇنى ئويلىشى كېرەككى، كارخانىچىلار جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ قارىغان ئىكەن، ئاشۇ كارخانىلىرىمىزنى قوللاش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق بولسا، قانداق قوللايمىز؟ بىز كۈندە بازارغا چىقىپ، ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجى ئۈچۈن تۈرلۈك نەرسە كېرەكلەرنى سېتىۋالىمىز. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىز ئازراقلا ئويلاپ قويساق، كاللىمىزنى ئازراقلا ئىشلىتىپ قويساق مەسىلە ھەل بولىدۇ. بۇنداق دېسەم، بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن، يەرلىكتە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى تۆۋەن، باھاسى قىممەت دەپ. لېكىن بۇ سەۋەب بولالمايدۇ. قىممەت بولسا بولسۇن، سۈپىتى ياخشى بولمىسا، ياخشىلىنىدۇ. قىممەت دەپ باھانە كۆرسىتىشكە ئەسلا ئورۇن يوق. نېمىشقا دېگەندە، ئوخشاش تۈردىكى باشقا مەھسۇلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا قىممەت ئەمەس.
قىسقىسى،ئاشۇ كارخانىلىرىمىزنىڭ راۋاج تېپىشى، گۈللىنىشى، مېنىڭ، سىزنىڭ، ھەر بىرىمىزنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. قوللاپ قويايلى. مەدەت بېرەيلى. بىز كارخانىلىرىمىزنى قوللىساق، كارخانىلىرىمىز جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپلەپ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرسە، بۇ خىل ئايلىنىش يەنىلا جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ كارخانىلىرىمىز گۈللەنسۇن، تەرەققىي قىلسۇن، ياخشىلىق ئۈزۈلمەي داۋاملاشسۇن. كارخانىلىرىمىزغا، كارخانىچىلىرىمىزغا كۆزتەگمىسۇن. ھۆرمەتلىك كارخانىچىلار، رەھمەت قىلىۋاتقان ئىشىڭلارغا، ماڭغان يولۇڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۈن!!!
2015-يىل16-ئيۇل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yusiyin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-16 06:57 PM 3 T+ t& Y, y$ O/ q4 i b
7 e% `0 l" O7 j3 u9 |