ئۈندىدار بىزگە بەك تېزلا سىڭىپ كېرىپ،ئۈندىداردا يېڭىچە ھېكمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردۇق،ئۈندىدارىمىزدىكى ،سىز ۋە بىز ياقتۇرغان ھېكمەتلەردىن ئارىيەنى ئىلىپ كەلدىم،مەرھەممەت...
: y7 e% b$ x3 D) \. O3 M
مېھىرسىزكىشىلەردىن بىرتال گۈل سورىساڭ ئۇ گۈلزارلىقتا تۇرۇپمۇتىكەن بېرىدۇ.ئالىجاناپ كىشىلەردىن بىر تال يۇپۇرماق سورىساڭ تەكلىماكاندا تۇرپمۇگۈل بېرىدۇ. دوستىدىن كەلگەن ئاسىيلىق ، ئاشىقىدىن كەلگەن يۈزسىزلىك ، دۈشمەندىن كەلگەن ياخشىلىق كىشىگە تۇرمۇش ھەققىدە دەرس بېرىدۇ.
كۆپ ھاللاردا مۇھاببەت
« مەن سىزنى بەخىتلىق قىلىمەن دەپ باشلىنىپ ،سىزگە بەخىت تىلەيمەن بىلەن ئاخىرلىشىدۇ»
ھايۋانى چۈشنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ،ئادەمنى چۈشنىشكە بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ.
سەن بىلەن پەقەت كارىم يوق … ،دەيدىكەن ئوڭ كۆز ، سول كۆزگە . لېكىن سول كۆز ياش تۆكسە ئوڭ كۆزمۇ بىللە ياش تۆكىدىكەن …...گەرچە ئۇلار مەڭگۇ بىر - بىرى بىلەن ئۇچىرىشالىمىسىمۇ.
بەخت دېگەن داش قازاننىڭ ئومىچى ئەمەس، كىملا قاچا كۆتۈرۈپ كەلسە ئېرىشەلەيدىغان…… بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەش، قۇربانلىق بىرىش، تەۋەككۈل قىلىش، ئەڭ ھالقىلىق يېرى الله يولىدا مېڭىش. ......
باغرىمنىڭ يۇمشاق يېرىدىن سەن پايدىلاندىڭ بوپتۇ دەۋىتەي, ئەمدى قاتتىق يېرىدىن مەن پايدىلىناي سەنمۇ كۆرۈپ باق!
سىنىڭ قەدرىڭنى قىلسا، سەن ئاشۇرۇپ تۇرۇپ قەدرىنى قىل. بۇ جاھاندا ھىچكىمنىڭ ھىچكىمدە قالمايدۇ، قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ.مۇشۇنچىلىك ھەقىقەت!!!
ھامان بىر كۈن چۈشىنىسەن، ئەمما كىچىكىسەن ! مىنى ئىزدەيسەن، ئەمما تاپالمايسەن ، يا قەبرىدە بولىمەن يا مىنى سەندىنمۇ بەك سۆيدىغانلارنىڭ يېنىدا بولىمەن !
باشقىلارنىڭ سىزتوغۇرلۇق دىگەن ھەممە گەپلىرىنى ئىچىڭىزگە ئىلىۋالىماڭ!چۈنكى بەزىلەر كۆرۈپ سۆزلەيدۇ،بەزىلەر ئاڭلاپ سۆزلەيدۇ،بەزىلەر تېپىپ سۆزلەيدۇ،بەزىلەر ھەسەت بىلەن سۆزلەيدۇ..
سۇيۇش تۇلۇمۇ ئاددى بىرئىش لىكىن بۇنداق يۇرەك ھەممىلا ئادەمدە بۇلىۋەرمەيدۇ ئاللانىڭ بەگىنلا سۇيۇشنى بىلىدۇ ھەم سۇيۇلۇشكە ئىرىشەلەيدۇ .ئۇلۇغ ئاللا ھەمىمىزگە ئەشۇنداق يۇرەك ئاتا قەلسۇن ئامىن
ئەينەك چېقىلسا سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتكىنى بولغان بىلەن,يۈرەك چىقىلسا ئېلىپ تاشلىۋەتكىنى بولمايدىكەن...
شۇنداق ياشاپ بېقىش كېرەككى! سېىغىندۇرغانلارنى سىغىنماي ، مۇھتاج قىلغانلارنى ئۇنتۇپ ، پەرۋاسىزلارنى كۆرمەسكە سېلىپ ، ئەقىدەڭنى بىلگەنلەرگە قىلىپ ......
ئۆزۇمگە تەئەللۇق ئاشۇ كۇنلۇكنى تاپمىغىچە يامغۇردا قىلىشقا رازىمەنكى ھەرگىز ئۆزۇمگە تەئەللۇق بولمىغان كۇنلۇكتە ۋاقىتلىق يامغۇردا پاناھلانمايمەن.چۇنكى ۋاقىتلىق نەرسە ھامان سەن ئەڭ مۇھتاخ بولغاندا سىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ.
بىر ئىغىز گەپتىن قىلىشنى ئۈگەن ، بوپتۇ دىيىشنى ئادەتلەندۈر ، ئاغزىڭنى يۇمساڭ كاللا كەتمەيدۇ، ئسىڭدە بولسۇنكى : دىمىگەننى دەۋالغىلى بولىدۇ ، دەپ بولغان گەپنى ياندۇرۋالغىلى بولمايدۇ .
بەخىت ئۇ كېچىكپ كەلسىمۇ مەيلى،پەقەت ئۇ چىن ھەقىقي بولسىلا.............
پەقەت يۈزىڭدىكى كۈلكىنى كۆرەلگەن ئادەمنى ئەمەس ،بەلكى يۈرىكڭدىكى جاراھەتنى كۆرەلگەن ئادەمنى قەدىرلە؛
يۈزۈڭنىنڭ گۈزەلكىنى بىلگەننى ئەمەس ،قەلبىڭنىڭ گۈزەلكىنى بىلگەننى قەدىرلە.
ئادەملەرنى چۈشەنگەنسېرى يالغۇزلۇق گۈزەللىشىۋاتىدۇ……
تۇرمۇش ھەرۋاقىت ھەسەل چاي ئىچكەندەك تاتلىق بولمايدۇ. ئۆتىڭىز پارتلاپ كەتكۈدەك ناھەقچىلىقلارمۇ بۇلىدۇ. مۇھىمى ھەرۋاقىت كەيپىياتىڭىزنى كونتىرول قىلالىغۇدەك، مىجەزىڭىزنى تەڭشىيەلىگۈدەك روھى كۈچكە ئىگە بۇلۇڭ !
__ئۆزۈڭنىڭ بېشىغا كەلمگۈچە ئالدىراپ باشقلارنىڭ كەينىدىن كۈلمە. باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەندە ھىكايە بولغىنى، سېنىڭ بېشىڭغا كەلگەندە تىراگىدىيە بولىدۇ...!!!! ھاياتىمنى چەمبىرەكنىڭ ئىچىگە ئالدىم. بەزىلەر ئىچىدە قالدى، بەزىلەر سىرتىدا. سىرتىغا چىقىشنىڭ ئاچقۇچى: ئاسىيلىق،ئىچىگە كىرىشنىڭ ئاچقۇچى: راستچىللىق.
يارىلانسىڭىزمۇ، ئازار يىسىڭىزمۇ ، مەغلۇب بولسىڭىزمۇ ھىچ ۋەقەسى يۇق! سىزنىڭ ئۆلۈمدىن باشقا ھەممە ئىشنى مەڭگۈ «باشتىن باشلاش» پۇرسىتىڭىز بار.
ئۈندىدارىمدىكى ئۈزۈندىلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاتئاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-15 05:27 PM 3 W! c+ T4 q$ G. F
! I% B$ Y% }) ^ j4 y% g- j6 c