فىلىم ھوزۇرۇڭلاردا ...
3 E$ X9 j7 @8 g, b5 q9 G9 O
. J9 B: `: L! L. H- ~, b/ V1 S P
! { d$ b! N$ t" m( L5 @! r
يانفوندا كۆرمەكچى بولسىڭىز ياكى نورمال قويۇلمىسا بۇ يەرنى بېسىڭ..
0 L5 T. W% v0 i) m1 mhttp://v.qq.com/page/y/6/h/y0158ns4n6h.html8 C- F/ ~8 r& e# R- R" K2 l
" y6 b+ f' e+ Q9 t% s! N
: w2 {6 D0 e) e$ m4 Y6 s2 X4 Eمەنبە :ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى گۈلرۇخ يالقۇن
$ L C) `. Q) t' H1 F
* T d0 p1 ~. ^. o: e
جۇڭگو «قۇتادغۇ بىلىگ» كە موھتاج، شىنجاڭمۇ ھە....
4 _2 E5 ?- V1 c* U) b4 g
: I% z3 T% g+ ]1 e4 ? R2 w
«قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى بازارغا سالغاندىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق ھەمراھىغا ئايلاندى. خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشرىنىڭ روياپقا چىقىشى بىلەن بۇ ئەڭگۈشتەرىمىزنى خەنزۇ قېرىنداشلار تونۇدى، ئۇلار كىتاب ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى.
8 b- j5 S. N4 G4 \1 w
. U0 a6 s+ o, b; j «جۇڭگو مەدەنىيەت سەپىرى» نىڭ شىنجاڭ مەنزىلى مەملىكەتلىك چوڭ پائالىيىتىدە جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى «قۇتادغۇ بىلىگ» تىن ئىبارەت بۇ گۆھەرنى تونۇش، تەشۋىق قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز «جۇڭخۇا مەدەنىيەت سەپىرى» گە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىنىڭ مەسلىھەتچىسى، داڭلىق يازغۇچى، دۆلەت تارىخ – مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئىلمىي خادىمى ۋاڭ مېڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتاننى زىيارەت قىلدى.
0 h x: @6 S t1 D( p
7 Z+ }7 `) }' v7 Q' }
ۋاڭ مېڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» كە مۇنداق باھا بەردى: بۇ ئۇلۇغ قامۇس ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارزۇلاپ ئوقۇيدىغان ئېسىل ئەسەر، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىدىن تارتىپ دۆلەتنىڭ قانۇن- پەرمانلىرىغىچە شېئىر، نەسرىي يەشمە شەكلىدە ئەڭ چىريالىق، يېقىملىق سۆزلەر بىلەن بايان قىلىنغان، ئادەم بولۇشنىڭ يولى، دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ يولى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ناھايىتى توغرا بايان قىلىنغان. بۇ قامۇن شىنجاڭ ئوغۇل – قىزلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگىمۇ ئورتاق قىممەتلىك. شۇ زامانلاردا ھاكىمىيەت ئىشىدا پاك، ئادىل ۋە ئىشەنچىلىك بولۇشتەك توغرا ئىدىيلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇنىڭدىكى رەھبەرلىك قوشۇنىنى ساپلاشتۇرۇش دېگەندەك ئەينى دەۋرنىڭ ئىلغار قاراشلىرى ھازىرغا ئۇلاشقان. بۇ مەزمۇنلار خەلقنى تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئۈندىگەن ھە ئۈندەيدۇ. جۈملىدىن جۇڭگو «قۇتادغۇ بىلىگ» كە موھتاج، شىنجاڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» كە تېخىمۇ موھتاج.
$ \% ]% _! p! c& z3 {% k
4 N+ ?! \0 K( n( F* L% I2 h
مۇخبىر: «قۇتادغۇ بىلىگ» نى بەخت ئېلىپ كەلگۈچى دەيمىز، ئۇنداقتا ئەسەردە جەمئىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچىدىكى رادىكال، ئەسەبىي كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ماس كېلىدىغان مەزمۇنلار بارمۇ؟
5 X5 r/ _% y9 |8 J
N+ r* u9 _: c+ ~
ۋاڭ مېڭ: قامۇس باشتىن – ئاياغ خەلقنى ياخشلىققا، مەدەنىيەتكە ،دوستلۇققا، ئاق كۆڭۈل ۋە كەمتەرلىككە يېتەكلىگەن، بۇ ئەسەبىي كۈچلەردىكى ئۆچمەنلىك، زەھەرخەندىلىك، نامەردلىك بىلەن قارىمۇقارشى مەنىدە. ئۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ بۈيۈك بايلىقى، ئۇ كىشىلەرنى جىنايەتتىن يىراق تۇرۇش، ۋاپادار ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. «قۇتادغۇ بىلىگ» جۇڭخۇا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى تەركىبىي قىسمى، كۇڭزىنىڭ «ئەخلاقنامە» سىگە ئوخشاش ياخشىلىقنى تەرغىب قىلىدۇ. مېنىڭچە، بىز «قۇتادغۇ بىلىگ دىن ئىبارەت سۈزۈك بۇلاقتا مەنىۋىيىتىمىزنى قاندۇرۇپ، ئالدامچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ۋە ناچارلىقلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.
8 Z3 u# i0 H0 q' _& E$ W3 G* m n& [0 `
1 p: g: u# J! F, l0 b
مۇخبىر: بۇ ئەسەر ھازىرقى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتا قانداق رول ئوينايدۇ، دەپ قارايسىز؟
2 s4 _7 }8 \# [6 C0 W" q0 X
, u3 a* K2 B; l6 }1 U" \3 x
ۋاڭ مېڭ: شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارغا چېتىلىدۇ، بۇ پەقەتلا جۇڭگونىڭ ياكى شىنقاڭنىڭلا ئىشى ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەنمەدەنىيەتنى كۈچەيتىش؛ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئارا ئېتىراپ قىلىش، ئورتاقلىشىش، پىكىرلىشىش كېرەك، مەيلى شەرقنىڭ ياكى غەربنىڭ بولسۇن، ئىلمىي يەكۈنلىرىدە ئۆزئارا تەسىر قىلىش ۋە ئورتاقلىقلار بولىدۇ، ھەرقانداق ئىرىقتىكى كىشىلەرنىڭ گۈزەللىكنى، بەختنى ۋە ئامانلىقنى قوغلىىش ھوقۇقى بولىدۇ، گۈزەللىكتىن ئورتاق بەھىرلىنىش لازىم. جۇڭگودا ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان مىللەت ئارا تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلسا، مەدەنىيەت تارالسا دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتى تېخىمۇ بېيىدۇ.
( j8 |9 \% s9 e5 m0 A
: _$ B3 ^+ d) ^* nمۇخبىر: «قۇتادغۇ بىلىگ» بۇندىن 1000 يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى بىلەن ئورتاقلىقى بارمۇ؟ مەزمۇنىنى قانداق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك؟ بۇ كىتابنى كۆپ ئوقۇغاندا جەمئىيەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
3 L% i* {+ m" I9 Y6 _" h$ P
' L) q' S" x% `& o. iۋاڭ مېڭ: مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى تېز بولىدۇ، ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئەمما مۇھىمى مۇقىملىققا ئىگە بولىدۇ. مەدەنىيەت ئىنساننىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى، ئۇ كىشىلەرنى ياخشلىققا ئۈندەش، دۆلەت باشقۇرۇشتا ياخشى ئادەملەرگە تايىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مەدەنىيتنىڭ ئېسىل مەزمۇنلىرى مۇقىم مېڭىشى كېرەك، مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرى تارىخ بەتلىرىنىڭ ۋاراقلىنىشى بىلەن تەڭ نىسبەتەن مۇقىملىقنى، ئورتاقلىقنى ساقلاپ كەلگەن، ئوخشىمىغان رايون، مىللەت، كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەسىلىگە بولغان قارىشى، پوزىتسىيەسىدە ئورتاقلىق بولىدۇ. بۇ كىتابتىن ئەڭ ئېسىل ھېكمەتلەرنى ئالالايمىز، «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوقۇشىغا باب كېلىدۇ.
( I4 [: s' @& O
/ E% C; [6 T& {; kئازات سۇلتانمۇ «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئەھمىيىتى، ياشلارنى يېتەكلەش قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قۇتادغۇ بىلىگ» ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئۇيغۇر پەلسەپىسى، ئېستېتىكىسى، ئېتىكىسى، مەدەنىيەتنىڭ ھەممە يېرىگە چېتىلىدىغان، بىزگە ئەڭ مۇكەممەل ئۇچۇر، مەلۇمات بېرىدىغان بىر شاھانە ئەسەر. ئۇ يالغۇزلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەپەككۇر سەۋىيەسىلا ئەمەس، شۇ دەۋردىكى يىپەك يولىدا ياشىغان قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ قىممەت قارىشى، تەپەككۇرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى تارىخ، مەدەنىيەت، قىممەت قاراشلىرىمىزنى، ئىزدىنىشلىرىمىزنى تەتقىق قىلىشتا بۈگۈنكى دەۋىرىمىزدىمۇ بۇنىڭدىن ئۆتە مۇكەممەل يازما ماتېرىيال يوق، بۇ شۇنداق بىر يۇقىرى قىممەتنىڭ بەلگىسى، شۇنىڭغا بۇ ئەسەرگە تەتقىقات ساھەسىدىكىلەر ئەمەس، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيا مىقياسىدا قىزىقىش ئېشىۋاتىدۇ.
- W' X% j, J" x) C# p
: b1 E6 d* _1 h, P% f- W* W$ Z5 bمۇخبىر: «قۇتادغۇ بىلىگ» جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر، ھەتتا دۇنيا شېئىرىيىتىدىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، نېمە ئۈچۈن بۇ ئەسەرگە شۇنداق يۇقىرى باھالار بېرىلىدۇ؟
0 a3 ~. b; F$ O7 j0 o8 v
6 U' e6 B2 y$ O( m- \/ f8 W- M) J" L
ئازات سۇلتان: يۈسۈف خاس ھاجىپ جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر ئالىمى، بۇ كىتاب 1000 يىل بۇرۇن دۇنيانىڭ تەپەككۇرىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، ئىلغار ئىدىيە – پىكىرلەر ئىنساننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەنىۋى ئىزدىنىشلىرى ئىنتايىن زور ھەجىم ئىچىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئەلۋەتتە بۇ پەلسەپىۋى قىممەتكە ئىگە ئەسەر، دۇنيانىڭ ماھىيىتى، ھايات ئېتىقاد، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، مائارىپ، ھەربىي ئىشلار، ئائىلە ... ئومۇمەن ھەممە مەزمۇنلاردا توختالغان، ئەڭ مۇھىمى بۇنىڭدىكى ئابىستىراكىت چۈشەنچىلەر، پەلسەپىۋى ھېكمەتلەر ئۇدۇللا ئىپادىلىنىپ قالماي ئوبرازلار ۋاستىسى بىلەن، تۆت سىمۋولىستىك پېرسوناژنىڭ ئوبرازى، دىيالوگى ئارقىلى قىزىقارلىق ھالدا، ئىلىم – ھېكمەتلەرنى خەلق تىلىدا يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ ئەسەر شۇ دەۋردە غەربىي يۇرتنىڭ پەلسەپە تارىخىنى، قىممەت قارىشىنى تەتقىق قىلىشتا تېپىلغۇسىز قىممەتكە ئىگە، جۇڭگونىڭ ئىلىم تارىخىدىك مۆجىزە ۋە ئىلمىي ئەمگەك، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
; F! q; ?5 A- _4 d, g
: y) v' r2 Y4 }, [9 d
مۇخبىر: ئالىملارنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەينى دەۋردىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىنغان ئەسەر دېگەن سۆزىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ھازىرقى زاماندا كىشىلەرنى توغرا يولدا يېتەكلەشتە قانداق رولى بار؟
% ?8 P2 {2 m+ n3 J
; ?* t+ `) [& r3 \3 `ئازات سۇلتان: «قۇتادغۇ بىلىگ» ئوتتۇرا ئەسىردە يېزىلغان، ئۇ ۋاقىتنى ھازىرقى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى بىلىم مىنۇت – سېكۇنتلار يېڭىلىنىۋاتقان شارائىت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئاشۇ دەۋرنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرالايدۇ. ئەسەردە بەختنى ئىلىم ۋە ئەقىل بىلەن باغلىغان، بىلىملىك بولغانلار بەختلىك بولىدۇ، ئاسارەتتىن، مەنىۋى جاھالەتتىن قۇتۇلىدۇ، ئاسارەتتىن، مەنىۋى جاھالەتتىن قۇتۇلىدۇ، دېگەن ھېكمەت ئەسەرنىڭ باش تېمىسى قىلىپ يورۇتۇلغان. بىلىم ئۇلۇغلانغان. «قۇتادغۇ بىلىگ» دە بىلىمنىڭ كۈچ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 500 يىلدىن كېيىن ياۋروپادا ئاندىن بۇ ئۇقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دېمەك، ئەينى ۋاقىيتتا ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇشۇ قاتلاملىرىغا يۈسۈف خاس ھاجىپ يېتەلىگەن. بۇنىڭدىن 1000 يىل ئكتۈپ كەتكەن دەۋردە بىر قىسىم كىشلىرىمىز بىلىمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيتەمتىرەپ يۈرگىنىدە شۇ كىشىلەرنى بۇ رېئاللىققا باغلىساق، يۈسۈف خاس ھاجىپ يېتەلىگەن. بۇنىڭدىن 1000 يىل ئۆتۈپ كەتكەن دەۋردە بىر قىسىم كىشلىرىمىز بىلىمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ يۈرگىنىدە ۇش كىشىلەرنى بۇ رېئاللىققا باغلىساق، يۈسۈف بوۋىمىزنىڭ نەقەدەر يۈكسەك ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭدا ئېتىقاد قانداق بولىدۇ. ياراتقۇچىغا قانداق قارايمىز؟ دېگەندەك مەزمۇنلار شۇ دەۋرنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا مۇۋاپىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەقىل، ئىلىمنىڭ دۇنيا بارلىققا كېلىپ كېيىنكى ئۆگىنىشتىن پەيدا بولغانلىقى، سەۋەب قىلسا نادانلىقنى ساقايتىشقا بولىدىغانلىقىدەك كۆز قاراشلار بۈگۈنمۇ قىممەتكە ئىەە؛ ئۇنىڭدا يەنە قانۇن ئېڭى بەك كۈچلۈك، قانۇن بولسا تۈزۈم، ئىنتىزام، قائىدە ئاستىدا شەكىللىنىدۇ، قانۇن – تەرتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، رەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم رېئاللىق، دەپ قارايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا پادىشاھتىن تارتىپ پۇقراغىچە ھەممە قانۇنغا رىئايە قىلغاندا جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ، خەلق تىنچ ياشايدۇ، ھەققانىيەت، ئادىللىق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، دېگەندەك روھىي ھېكمەتلەرنىڭ 1000 يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ مەزمۇن كۈچىدە، 1000 يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرگە ئېيتىلغاندەك، مۇشۇ تۇرمۇشنى پەرەز قىلىپ بىلىۋالغاندەك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
+ S6 n; f4 ?/ ~' i) e4 p( N+ ^* [% y( k5 P3 i+ ^
مۇخبىر: «قۇتادغۇ بىلىگ» ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئارقا ككرۈنۈش قىلغان ئاساست بارلىققا كەلگەن، يۈسۈف خاس ھاجىپمۇ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئەسەردە باشتىن – ئاياغ ياىشىلىق تەشەببۇس قىلىنغان، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش تەكىتلەنگەن، بۇ قاراشلارنىڭ دەۋرىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەشتە قانداق ئەھمىيىتى بار؟
2 R' c) l1 y+ @; M# E1 j
3 d7 z8 O' M1 S* J/ e9 c+ S- v
ئازات سۇلتان: «قۇتادغۇ بىلىگ» 11 – ئەسىردە يېزىلغان كىتاب، يۈسۈف خاس ھاجىپ 1019 – يىلى تۇغۇلغان، ئۇ ۋاقىت ئىسلام دىنىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن غەربىي يۇرتلارغا تارقالغان ۋاقتى، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن، خەلقىمىزئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتلاردا يېزىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن كىتابتا ھايات، جەمئىيەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلار يېشىلگەن، لېكىن ئىزچىل تۈردە ئېتىقاد ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، بۇنچە ھوڭ مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» دە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قىممەت قاراشلىرى، ئاكتىپ قاراشلىرى يورۇتۇلىدۇ، بولۇپمۇ ياخشىلىق قىلىش، مېھرىبان بولۇش، ئادىل بولۇش، ياخشىلىق قىلغاندىمۇ مىننەتسىز قىلىش، مەنپەئەت، پۇل، ئابرۇي ئۈچۈن ئەمەس، ئۈن – تىنسىز ياخشىلىق قىلىش ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ يادرولۇق ق ىممەت قاراشلاردۇر. بۇ ئەلۋەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەت قوبۇل قىلىۋاتقان قاراشلار، ھەممىسى توغرا كۆرىدۇ، ھەممە دىننىڭ يادروسىدا ياخشىلىق، مېھرىبانلىق بار، بولمىسا شۇنچىۋالا ئادەم بۇ چوڭ دىنلارغا ئېتىقاد قىلمىغان بولاتتى. ناۋادا دىنداق ان تۆكۈش، بىگۇناھ جانلارغا زامىن بولۇش تەشەببۇس قىلىنغان بولسا، بۇ دىنىمىز قا نداق قىلىپ ھازىرقى زامانغا ئۇلىشالايدۇ؟ ئەسەردە دېيىلگەندەك، پۈتۈن ئاۋام باشقىلارنىڭ قاقشىتىدىغان، پارا يەيدىغان ئىشلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ، نۆۋەتتە بۇ شاھانە ئەسەرنى ئۆگىنىپ، ھازىرقى دەۋرگە تەتبىقلاپ، روھىمىزنى پاكلاپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنى كېرەك. جۈملىدىن ھەممە ئېتىبار بېرىۋاتقان ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ئىشىمۇ مۇھىم بىر خىزمەت. مېنىڭچە، يۈسۈف خاس ھاجىپ بۇ ئەسىرىدىمۇ بۇخىل ئەسەبىي پىكىر، ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدۇ. قانۇنىي ئاڭنى تەكىتلەيدۇ، قانۇن بويىچە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئائىلە ساغلاملىقى، تەلىم – تەربىيە، پەرزەنت تەربىيەسىدىن تارتىپ تىلغا ئالغان، ئەسەرگە ئەسەبىيلىككە قارشى كەيپىيات باشتىن – ئاياغ سىڭدۈرۈلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوتتۇرا يولنى تۇتىشىمىز كېرەك، ئىسلام دىنىدىمۇ بىر تەرەپكە تىيىپ كەتمەيدىغان ئىدىيە تەشەببۇس قىلىنغان. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ئېزىپ قالساق، مېنىڭچە، يۈسۈف خاس ھاجىپ بوۋىمىز باشلاپ بەرگەن توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەن بولىمىز، بۇ بىر ئاسىيلىق. بىز باشقىلارغا ياخشى تەرەپلىرىمىزنى كۆپلەپ تونۇتايلى، ياخشى نەرسىلەردىن باشقىلارنى مەنپەئەتلەندۈرەيلى، باشقىلار «نېمەڭ بار» دەپ سورىغىنىدا، بۇ شاھانە ئەسىرىمىز ھەرخىل تىللاردا چۈشەندۈرۈپ، ھېكمىتىنى يېشىپ بەرگىدەك بولايلى. قولىمىزدىن كەلسە مەزمۇنلىرىنى يادلپ قويايلى، تاراتقۇلىرىمىزدا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارىتايلى، مۇشۇنداق بولۇشىنى ئۇلۇغ يۈسۈف بوۋىمىز ئارمان قىلىدۇ. ھەممىمىز مەجبۇرىيىتىمىززنى ياخشىي ئادا قىلغاندا، بىزگە ياخشى يوللارنى ئاساس قىلىپ بەرگەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان بولىمىز.