Filim
m4 S7 p$ [9 Z- v; T' j7 t; f
3 v5 Q6 G; m: Y+ X/ k# B* q- k2 _3 o" i# p
, b" V$ |- Z% R; U) D3 N1 m
يانفوندا كۆرمەكچى بولسىڭىز ياكى نورمال قويۇلمىسا بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ
. f4 _' k) G& K# ~* S9 f% a/ lhttp://v.qq.com/page/e/i/9/e0158b9eai9.html
6 f- S$ I$ S0 S# P: B" fمەنبە :ئىشچىلار ۋاقتى گىزىتى نۇربىيە راخمان
«قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ شۆھرىتى چەكسىز
ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى نەشرگە تەييارلىغان 11 – ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانە ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نەسرىي نۇسخىسىنىڭ بېيجىڭدا تارقىلىتىلىشى مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيا مىقىياسىدا «قۇتادغۇ بىلىگ» قىزغىنلىقىنى قوزغىغان ئىدى. تەۋەرۈك ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ شۆھرىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن تالاي كىشىلەر بۇ ئەمگەكتىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە مىننەتدار بولدى. 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى باشلانغان «جۇڭخۇا مەدەنىيەت سەپىرى» نىڭ شىنجاڭ مەنزىلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە «قۇتادغۇ بىلىگ» تىن ئىبارەت بۇ چاقناپ تۇرغان گۆھەرنى تونۇش، تەشۋىق قىلىش بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.
پائالىيەت ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى، داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ تارىخىي قىممىتى، رېئال ئەھمىيىتى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىشى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى جامائەتچىلىكنىڭ بۇ ئەسەرگە بولغان دىققىتىنى تېخىمۇ تارتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىر بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشرىنىڭ روياپقا چىقىشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلدى.
شاھانە ئەسرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور ئازات سۇلتان مۇنداق دېدى:
_ «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئاۋازلىق نەسرىي نۇسخىسىنى روياپقا چىقىرىشتەك بۇ ئەمگەكنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بىز بۇنى ئاستا- ئاستا ھېس قىلىمىز. 1980 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «قۇتادغۇ بىلىگ» نى نەشر قىلىش خىزمىتىگە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەبلەغ چىقىرىپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، بۇ ئەسەر ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىم «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ، ئىككى يىلدا بۇ تەۋەرۈك ئەسەنرىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشرىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى. بۇ _ ئىنسانىيەتكە تەۋە بىر بايلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان سوۋغىسى. شۇڭا، بۇنى تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۆرۈشى، تېخىمۇ كۆپ ئادەم بۇنىڭدىن بەھرە ئېلىشى كېرەك. بىز مۇشۇنداق مەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئۇلۇغ بوۋىلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىم توختاپ قالمايدۇ
ئۈرۈمچى «ئىرپان» ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇللا ئۆمەر مۇنداق دېدى:
_ بۇرۇن ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە لۇغەتلەرنى ئىشلەش جەريانىدا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىپ تۇرمۇش ئۆگەندىم. بۇ جەرياندا قازاق ۋە قىرغىز خەلقىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى.قازاق بالىلىرى تىلى چىقىشى بىلەنلا ئاباينىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، «ئاباي» رومانىنىڭ قانداق ئەسەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قازاق خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا قنادقاتەىسر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىدىكەن. قىرغىز بالىلىرىمۇ «ماناس» ئىپوسىنى ئوبدان بىلىدىكەن، ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگەن قىرغىز بالىلىرى «ماناس» ئېيتالايدىكەن. بىزدە ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز، بوۋىلىرىمىزدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، تۇرمۇشىمىزغا قاناق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىدىغانلار يەنىلا ئاز. 2012– يىلى «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق نۇسخسى نەشردىن چىققاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بۇ ئەسەنرىڭ قانداق ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشەندى. بۇ ئەسەرنى قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ بىلدۈرۈش نىيىتىدە ئىككى يىل سەرپ قىلىپ خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى روياپقا چىقاردۇق.
_ بىز بېيجىڭدا «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن ياخشى بولدى. ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخسىسىنى چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، بىر يىلدىن كېيىن ئىنگلىزچە تەرجىمىسنىڭ ئاۋازلىق نۇسخسى پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. 2019 –يىلى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىغا ئاتاپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇرتى، ئۇنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ ئۈچ خىل يېزىق نۇسخىسى، قول يازمىلىرى، ئەسەرنى تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان، ھەرخىل تىلغا تەرجىمە قىلغان داڭلىق ئالىملارنىڭ سۈرەتلىرى، «قۇتادغۇ بىلىگ» ھەققىدىكى بايانلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھۆجقەتلىك فىلىم ئىشلەپ، ئۇنى ئىنگلىزچە، رۇسچە، تۈرۈكچە، ئەرەبچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمەق ىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتىمىز، قىسقىسى، بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىم ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ.
5 c5 U5 k9 W- Y
* T' y: t- H. x0 N; s6 m8 I7 d+ l1 a0 C8 h. S* r
«قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ شۆھرىتى چەكسىز
ۋاڭ مېڭ مۇنداق دېدى:
_ «قۇتادغۇ بىلىگ» ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئابىدە ىاراكتېرلىك ئەسەر، شۇنداقلا جۇڭخۇۋا مىللەتلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر. مەن بۇ ئەسەرنى قايتا– قايتا ئوقۇغان. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ ئىلمىي قىممىتى زور بولۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە بېرىدىغان مەنىۋى ئوزۇقىمۇ كۆپ، دەپ قارايمەن. بۇ ئەسەرنى ئىلگىرى ليۇ بىڭ، جاۋ خېڭچاۋ، خاۋ گۈەنجۇڭ قاتارلىقلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان، بۇ ئۈچ خىل نەشر نۇسخىسى نەزمىي شەكىلدە تەرجىمە قىلىنغاچقا، ئاساسەن تەتقىقات ئ ۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئىدى. ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئاۋازلىق نەسرىي نۇسخىسىنىڭ روياپقا چىقىشى بۆسۈپ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولۇپ، كىشىنى شادلاندۇرىدۇ. بۇ نۇسخىسى نەسرىي شەكىلدە قاپىيە ۋە مىسرالارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ئەركىن تەرجىمە قىلىنغاچقا، كىشىگە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب تەسىر بېرىدۇ. بۇ ھازىرقى ئىنتېرنېت دەۋرىدە بۇ كىلاسسىك ئەسەرنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «قۇتادغۇ بىلىگ» _ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شاھانە ئەسىرى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئە سەرنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يېزىپ، ئۇنى شۇ دەۋردىكى قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خانىغا سوۋغا قىلغان ئىكەن. بۇ ئەسەرگە شۇ ۋاقىتتىكى نۇرغۇن مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا، مەلۇم جەھەتتىن بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا، « قۇتادغۇ بىلىگ» داستانىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى روھىي ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، تەڭداشسىز ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، باشقا مىللەتلەر ئۇيغۇر مىللىتىنى چۈشىنىشتە ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ ئەسەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. بۇ ئەسەر بېيجىڭدا تارقىتىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى زىيالىيلار ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشتى. خەنزۇچە نەسرىي نۇسخىسىنى ئوقۇغان مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق دىكتورى ياۋكېمۇ بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى ئاۋازىم ئارقىلىق باشقىلارغا يەتكۈزەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم ھەم سۆيۈندۈم، دېدى. دېمەك، ھازىر جەمئىيەت كۈندىن – كۈنگە تەرەققىي قلىۋاتىدۇ، يېڭى ئىلىملار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، كىشىلەر يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرمۇ مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ، ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن ياخشى كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. «قۇتادغۇ بىلىگ» دا ناھايىتى كۆپ مەزمۇنلار بايان قىلىنغان، «قۇتادغۇ بىلىگ» بىر جەھەتتىن، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش دەستۇرى بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن، كارخانىچىلار دەستۇرى، كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ قوللانمىسى، ئائىلە قوللانمىسى، ئائىلە مئارىپىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرگە مانا مۇشۇنداق كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەچكە، بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى دېيىشكە ھەقلىقمەن.
«قۇتادغۇ بىلىگ» نى تەرجىمە قىلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن
2 \: X$ ~/ e. v0 D# N* P«قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ نەسرىي نۇسخىسىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاتالىق تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەت توختىلىپ مۇنداق دېدى:
_ بۇ بىر بۈيۈك ئەسەر، ئۇنى سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنى تولۇق چۈشىنىش ئىنتايىن زۆرۈر. شۇڭا، مەن دەسلەپتە ئەسەرنى قايتا – قايتا ئوقۇپ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنگەندىن كېيىن، تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىلدىم. شۇنداق قىلساممۇ تەرجىمە قىلىش جەراينىدا بىر قىسىم مەسىلىلەرگە يولۇقتۇم. بەزى ئابزاسلاردىكى مەزمۇنلارنى توغرا ھەم تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كەلدى. ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئىمكانقەدەر سۈپەتلىك، ئەسلىدىكى ئەسەرگە يېقىن چىقىرىش ئۈچۈن 16 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلدىم. بۇ ئەسەر بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنمۇ خەنزۇ تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن، بۇرۇنقى ئۈچ خىل تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ھەممىسى نەزمىي شەكىلدە بولغاچقا، مەن تەرجىمە جەريانىدا بۇرۇنقىسىغا سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ، ئەسەرنى بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، ئوبرازلىق، چۈشىنىشلىك، يەڭگىل تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم. ھەممىمىزگە مەلۇم، «قۇتادغۇ بىلىگ» بىر داستان. بۇ داستاننى يەنە شۇ داستان شەكلىدە تەرجىمە قىلغاندا ۋەزىن، قاپىيەلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەدىئىيلىك جەھەتتىمۇ ئەسەر تىلىنىڭ پاساھەتلىك چىقىشىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ئەسەرنىڭ بۇ قېتىمقى تەرجىمىسىنى ئىشلىگەندە ئەسەرنى 1000 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ بوۋىمىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك، بۇ بۈيۈك زات گويا قۇلاق تۈۋىمىزدە پىچىرلاۋاتقاندەك ھېسسىياتتا تەرجىمە قىلىپ تۈگەتتىم. خەنزۇچە ئاۋازلىق نەسرىي نۇسخىسىنىڭ بېيجىڭدىكى تارقىتىش مۇراسىمىغا ليۇ بىڭ ئۇستازمۇ قاتناشتى. ئۇ بۇ قېتىمقى تەرجىمە نۇسخىسىنى مېنىڭ ئىشلىگەنلىكىمنى ئاڭلاپ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ناھايىتى ياخشى تەرجىمە قىپسەن، ناھايىتى يېقىشلىق، گۈزەل تەرجىمە بوپتۇ» دەپ ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ھاياجانلاندىم. ۋە پەخىرلەندىم.