مىسرانىم مۇنبىرى

  • tirikjassat 13 مىنۇت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    خۇشاللاق،بىزنىڭ بىر ئىشنى قىلىشىمىزدىكى بىردىن-بىر يارلىق ئەمەس.

  • پەرى يېرىم سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن كىملەرنىڭ ئېسىدە باردۇرمەن  ھى ھى  

  • ئەفىفە 1 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ، قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • maripatogli 2 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    QQ بوشلۇقى ھەققىدە باشقىلاردىن ياردەم سورايمەن.

  • xatuti 6 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(1)] [...]

    بوۋىقىم بىلەن بىللە بولغىنىمدا پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇپلا كېتىمەن

  • روھناز 6 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېرى :   خوتۇن  سەن  بەك  جاپا  تارتىۋاتىسەن  دەرىجەڭنى  ئۆستەرسەم  بولاتتى    خوتۇن :    راسما  دەرىجەمنى  قانداق  ئ ...

  • روھناز 7 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    قىيىن ۋاقىتتا  يىنىڭدا  بولغىنى  ئەڭ ھەقىقىسى ،  ئۇسال  مىجەزىڭنى  كۆتۈرگىنى  ئەڭ ۋاپادارى ، ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىڭ ...

  • .tuz. 8 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى بىر سىناپ بىقىڭ

  • ئىپارە 9 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆز تۈرك شىركىتىدىكىلەر بولساڭلار ماقالەمگە ئىنكاس يىزىڭلار!

  • sintax 10 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆتكەن كۈنلەر ئۆتمۈشنى گۈل-چەمبىرەك قېلىپ ، كەلگۈسىنىڭ بوينىغا ئېسىپ قوي....

  • tirikjassat 15 مىنۇت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    خۇشاللاق،بىزنىڭ بىر ئىشنى قىلىشىمىزدىكى بىردىن-بىر يارالىق ئەمەس.

  • korlaayxamsadir يېرىم سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    بوشلۇق دىگەن خەتنى چىكىپ،ئاندىن خەت يازسىڭىز بولىدۇ

  • ئەنقارى 2 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوزۇن بوپتۇ ھويلىغا كىرىپ باقمىغىلى !

  • maripatogli 5 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلاردىن قانداق مۇئامىلە كۈتسەڭ،سەنمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلىدە ....

  • روھناز 6 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مەيلى كىمگە نىملا قىلىڭ ئەگەر ئورنىدا مەن بوپ قالسام قانداق قىلاتتىم دىگەننى ئويلاڭ ، يىغلاتماڭ يىغلاپ قالسى ...

  • روھناز 6 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مېڭىۋاتقان  يولۇڭ  سېنى  قايتا ئويلاندۇرسا  ئۇنداقتا  ئىككىلەنمەي  ۋاز كەچ ، چۈنكى توغرا بولسا   قايتا ئويلانما ...

  • روھناز 7 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    سۇكۇت ئ‍ىچىدىكى جىمجىتلىقتا ياكى ئ‍ۇتىسەن ياكى ئ‍ۇتتۇرىسەن ، ئ‍ۇتساڭ بەختىڭ كىلىدۇ ، خۇش بولقسەن ، ئ‍ۇتتۇرس ...

  • .tuz. 8 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، قايتىپ كەلگەنلىگىڭىزنى قۇتلايمىز

  • kaxkarogle2000 9 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

  • 1263318936 10 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    جەسەتتىن ئىزلىسە قان تىپىلىدىكى گۇمانخوردىن ئىشەچ تىپىلمايدۇ

  • dawakol1 27 مىنۇت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىشقا تىما يازسام ھازىرغىچە تەستىقلىمايدۇ

  • ئىپارە 1 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە بىر يىڭې تېما يوللىۋەتتىم باشقۇرغۇچىلار ، بۇ تېما بەك مۇھىم!

  • ئەنقارى 2 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوزۇن بوپتۇ ھويلىغا كىرىپ باقمىغىلى !

  • .tuz. 6 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(3)] [...]

    ئايال سىرلىق بىر كىتاب — ۋاراقلىغانسىرى قىزىقى چىقىۋېردۇ.............................

  • روھناز 6 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆڭۈلچەك ئادەمنى قەدىرلەڭ!چۈنكى ئۇ ھەرقاچان ئۆزىنىڭ دىل ئازارى بەدىلىگە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرىد ...

  • روھناز 7 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    قىيىن ۋاقىتتا  يىنىڭدا  بولغىنى  ئەڭ ھەقىقىسى ،  ئۇسال  مىجەزىڭنى  كۆتۈرگىنى  ئەڭ ۋاپادارى ، ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىڭ ...

  • روھناز 7 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    سۇكۇت ئ‍ىچىدىكى جىمجىتلىقتا ياكى ئ‍ۇتىسەن ياكى ئ‍ۇتتۇرىسەن ، ئ‍ۇتساڭ بەختىڭ كىلىدۇ ، خۇش بولقسەن ، ئ‍ۇتتۇرس ...

  • .tuz. 8 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغۇزنى ، بالىسى ئىتىپتۇ توڭگوزنى...............................

  • sintax 10 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن قايتىپ كەلدىم

  • 1263318936 10 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    قەلەندەردىن ئاش تىلىسەڭمۇ نائىنساپتىن پۇل تىلىمە

كۆرۈش: 6462|ئىنكاس: 37

تالانتلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

1329

يازما

1340

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94037
يازما سانى:
1329
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2681
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
418 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-29
ئاخىرقى:
2015-12-28











ياسىنجان سادىق چوغلان 1966- يىلى 3- ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە ‏تۇغۇلغان. ئالى مەكتەپ تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە. شىنجاڭ تارىم دەريا ئىقىمى قەشقەر باشقۇرۇش ئىدارىسى(سابىق ‏يەكەن دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسى )نىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان . جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ‏ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى. قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،  <<قەشقەر>> ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى.‏ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ياسىنجان سادىق چوغلان 1988- يىلى 4- ئايدا سابىق <<يەكەن گېزىتى>>دە ئېلان قىلغان ‏‏<<ئاددى- ساددا باشلىق>> ناملىق  ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، ئىشتىن ‏سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىجادىيەت ئىلىپ بىرىپ رايۇنىمىز ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ ‏تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ كەلدى، ئۇنىڭ بىر قىسىم ھىكايە-پوۋېستلىرى، شۇنداقلا «جاللات خىنىم»، ‏‏«نازىنىن قىزلار»، «شەرەنداز ئايال»، « باھادىرنامە » قاتارلىق تارىخى ۋە رىئال تىمىدىكى رومانلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ‏ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى، بىر قىسىم ئەسەرلىرىگە مەخسۇس تىمىدا ئەدەبىي ئوبزورلار ‏يىزىلدى. رومانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى پەيدا قىلدى.

«قۇرۇپ ‏كەتكەن دەريا>>، «قۇملۇق»، «كالا»، «تاۋۇس ئەللەيىن»، «يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما»، «پاتىمەنىڭ كۆينىكى»، ‏‏«باھار»....قاتارلىق پوۋېست – ھېكايىلىرى خەنزۇ ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىندى‏

‏ئۇنىڭ « ئىھ، سەھرا » ناملىق ھېكايىسى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 6 – نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات ‏مۇكاپاتى»غا، «يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 15- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات ‏مۇكاپاتى» غا، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى مەملىكەت بويىچە 6- نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات ‏مۇكاپاتى» غا، « قۇملۇق » ناملىق پوۋېستى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، «قۇرۇپ كەتكەن دەريا» ناملىق پوۋېستى ‏‏«ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا ئىرىشتى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى مول نەتىجىلىرىگە ئاساسەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتى ‏ئۇنىڭغا 2006-يىلى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى(تۆھپە ‏مۇكاپاتى) » بەردى. قەشقەر ۋېلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ‏تەرىپىدىن «ئەخلاق – كەسىپتە تەڭ يىتىلگەن مۇنەۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت خادىمى»بولۇپ باھالاندى.

ئۇنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى تۆۋەندىكىچە؛‏‏1.

«يۈرىكىم يىغلايدۇ» ھېكايىلەر توپلىمى، 1996-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا ‏

نەشىر قىلىنغان.‏

2. «ئاي مۆككەن كېچە» ھېكايىلەر توپلىمى،1997-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.‏

3. «جانانغا يىزىلغان خەتلەر» پوۋېستلار توپلىمى، 1998 -يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدا نەشىر ‏قىلىنغان.‏

4. «كاككۇك بالىسى» پوۋېستلار توپلىمى،  1998- يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.‏

5. «سۈكۈتتىكى زىمىن» پوۋېست-ھېكايىلار توپلىمى، 2001- يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتىدا نەشىر ‏قىلىنغان.‏

6. «كۈيلەر خانىشى - ئاماننىساخان» تارىخى پوۋېست، 2003-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتىدا نەشىر ‏قىلىنغان،

‏7. «ئادالەت ھامىيسى – سەئىدخان» تارىخى پوۋېست،2003 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا نەشىر ‏قىلىنغان.‏

8. «دىۋان مەشرەپكە تۆكۈلگەن قان»پوۋېست- ھېكايىلار توپلىمى،2005 -يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر ‏نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.‏
9.«ئالتۇن جۇۋان»پوۋېسىت-ھىكايە، نەسىرلەر توپلىمى،2011-يىلى مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.

10. « داۋان » رومان،1998 -يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.‏

11. «جاللات خىنىم» ئىككى قىسىملىق تارىخى رومان، 2003 -يىلى شىنجاڭ خەلەق نەشىرياتىدا نەشىر ‏قىلىنغان.‏

12. «نازىنىن قىزلار» رومان، 2006-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.‏

13. «شەرەنداز ئايال» رومان،2008 -يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.‏
14.‹‹باھادىرنامە» ئالتە قىسىملىق تارىخى رومان 2010 – يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.

15. «ئالتۇن جۇۋان» پوۋىسىت – ھىكايىلار توپلىمى، 2011- يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر ‏قىلىنغان.

‎16‎‏. «ئاتەش قەلىب،ساخاۋەتلىك زىمىن» ماكرو ئەدەبىي ئاخبارات، 1997-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر ‏قىلىنغان.‏

17‎‏. «يوللار ئىسىڭدە بولسۇن» ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، 2000  -يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر ‏قىلىنغان.




  




ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن ئۇيغۇردىن پەخىرلىنىمەن.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11

تېما

1329

يازما

1340

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94037
يازما سانى:
1329
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2681
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
418 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-29
ئاخىرقى:
2015-12-28
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-4 01:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››ژۇرنىلىدىكى يازغۇچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىكى يازغۇچىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بىرلكىتە كۆرۈپ باقايلى:
      نەزىرىمدىكى ئەڭ زور بەخت ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئەمگىكىمنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ۋە قادىرلىشىگە ئېتىراپ قىلشىغا ئېرىشىشنى كۆرۈش ياكى ھېس قىلىش.
      باشقىلارنىڭ سەمىمى ،ئاق كۆڭۈل ،خۇشچاخچاق ،بىلىمگە ئىنتىلىشچان تەرپىنى بەك ياقتۇرمەن.كەمتەر ،چىقىشقاق ئادەم بولسا تېخىمۇ ياخشى.ياسالما ،تەكەببۇر، ئۆزنى بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشكە ،مەنسەپ- دەرىجىسىنى پەش قىلىشقا .ئامراق كىشلەرنى ياقتۇرمايمەن!
          ھازىرقى ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىم ئاتا-ئانام ،چۈنكى ئۇلار ماڭا ھەر ۋاقىت بەخت- ئامەت تىلەپ تۇردۇ ،مەنمۇ ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
           دوستلۇق، دوست تۇتۇش مەسلىسى ئىنتايىن مۇھىم، مىنىڭ نەزىرىمدە ،دوستى يوق ئىنسان ئەڭ بەختسىز ئىنساندۇر. ئەلۋەتتە ،كۆيۈمچانلىق ،ۋاپادارلىق -دوستلۇقنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىدۇر.
           ئەڭ يېقىن دوستلرىم:ئەقىلىق ،كۆيۈمچان،ھەر قانداق ئىشقا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. گەرچە ئۇلار بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولساممۇ ،لېكىن ئۇلارنى ئاكامدەك ھېس قىلىمەن . ئۇلارمۇ ماڭا خۇددى ئۆزنىڭ بىر تۇققان قېرىندىشى ،ئىنسىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈنىدۇ.
           مەن ئۆمرۈمدە ئىككى ئىشتىن ئۆكۈنىمەن،بىرى ئالى مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلىقىم، (گەرچە كېيىن ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگىنىپ تولۇقلىۋالغان بولساممۇ)؛ يەنە بىرى، كىچىك ۋاقتىمدا ئاتا-ئانام بىلەن تولا جاۋابلاشقانلىقىم(گەرچە كېيىن ئۇلاردىن ئەپۇ سورغان بولساممۇ )
           مەن ئەڭ ياقتۇردىغان كىشى - ئايالىم ،ئەڭ ياقتۇردىغان نەرسە كىتاپ.چۈنكى ئايالىم بىلەن شۇنچە يىلدىن بېرى تولىمۇ بەختلك ياشاۋاتىمىز. كىتاپ بولسا مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئۇستازىم.
            ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس ئىش -پەرزەنتىمنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ۋە تۇنجى كىتابىمنىڭ نەشىر قىلنىشى.
ماڭا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشى- ئاتا -ئانام.
ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىم چىقىشقاق ،تىرىشچانلىق ،ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىمنى دەرھال ھېس قىلىش ، كەچۈرۈم سوراشتىن خىجىل بولماسلىق.
          ئۆزۈمنىڭ ياقتۇرمايدىغان تەرەپلىرىم:بىرى،سېمىز، كېلەڭسىز تۇرقۇمنى ياقتۇرمايمەن؛ يەنە بىرى ،كۆپىنچە ھاللاردا چاخچاق قىلدىم دەپ شۆپۈك ئېغىزلىق قىلىپ قويىمەن.
              قولۇم- قوشنا، تونۇش -بىلىش،دوست-بۇرادەرلىرى،ئۇرۇق -تۇققان،بالا -چاقىلىرى ھۆرمەتلەيدىغان،ئادىمىيلىك پەزىلىتىگە قول قويدىغان ئاددىي بولۇشنى ئارزۇ قىلمەن. يەنە خەلقىمنىڭ مېنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىردا بولسىمۇ يازغۇچى ،دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى بەكمۇ تەمە قىلىمەن.
             ھاياتىمدا ئەڭ خۇشال بولغان ۋاقتىم: 2004 -يىلى 9-ئايدىن 2005-يىلى 1- ئايغىچەلۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئۇقىغان ۋاقتىم.
         مىنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتىم ۋاققىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش ، دەپ ئويلايمەن . چۈنكى ،ۋاقىتتىن پايدىلنىشنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئەدەبىياتنىڭ ئېگىز بوسۇغىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدا ئاتلىيالىدىم.
          ئىنسانىڭ قەلبىدە ھەرخىل ئارزۇلار بولىدۇ ،ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۈيۇم جىقراق پۇل تېپىپ ،ئاشۇ پۇل بىلەن ئىككى قىزىمنى ئالى مەكتەپتە قىسىلدۇرماي ئوقۇتۇش.
         مەن ئەڭ ياقتۇردىغان كىتاپ «جاللات خېنىم»،چۈنكى بۇ كىتاپنى مەن يازغان!

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن ئۇيغۇردىن پەخىرلىنىمەن.

69

تېما

1440

يازما

1509

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82103
يازما سانى:
1440
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8136
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
281 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-25
ئاخىرقى:
2015-12-21
ۋاقتى: 2015-7-4 13:35:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىگە سالامەتلىك تىلەيمەن، ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدىكى يەنە بىر تۆھپىكار يازغۇچى

2

تېما

442

يازما

444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109700
يازما سانى:
442
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1348
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
395 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-9-4
ئاخىرقى:
2015-12-27
ۋاقتى: 2015-7-4 13:41:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىلارغا قارىتا ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار بولسا ئوتتۇرغا قويساق ياكى تولۇقلىساق بەزىلەرنىڭ ئىنكاس يىزىش ۋەزىپىسى بولمىغاندىكىن دەيمەنغۇ ئەمدى . بىر قانچىمىز بار مىسرانىمدا قارا قويۇق ھەممە تىمغا ماختاپ مەدھىيلەپ زىكىر قىلىپ تىما ئىگىسىنى ماختانچاق پاقىغا ئوخشىتىپ قەغەز ئايروپىلاندا ئۇچۇرۇپ ئويناۋاتقان.

تۇغۇلغانلارغا ياشىماي ئامال يوق

28

تېما

193

يازما

221

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 118021
يازما سانى:
193
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
939
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
477 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-4-25
ئاخىرقى:
2015-12-28
ۋاقتى: 2015-7-4 13:51:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان سادىق چوغلان ئاكام بىلەن قېشتا ئۈرۈمچى دە بىركۈرەشكەنچە كۈرشەلمەي قالدىم ئىجادىيتىگە بەركەت تىلەيمەن.

2

تېما

442

يازما

444

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109700
يازما سانى:
442
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1348
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
395 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-9-4
ئاخىرقى:
2015-12-27
ۋاقتى: 2015-7-4 13:52:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abaytarim يوللىغان ۋاقتى  2015-7-4 01:35 PM
ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،  ...

ئەھمىيەتسىز ئىنكاس سىز دىگەن گەپلەرنى ئا تىمىدا خىلى ئابدان دەپتىغۇ يەنە قايتا دېيىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ

تۇغۇلغانلارغا ياشىماي ئامال يوق

5

تېما

235

يازما

240

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 86718
يازما سانى:
235
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1148
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
297 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-11-2
ئاخىرقى:
2015-12-17
ۋاقتى: 2015-7-4 13:54:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جاللات خېنىم» رومانى  يازغۇچى ئابدۇۋېلى ئېلىنىڭ رومانىدا بىر باپ مەزمۇندا سۆزلىنەتتىغۇ ؟

71

تېما

404

يازما

475

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 85950
يازما سانى:
404
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
2789
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
276 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-10-11
ئاخىرقى:
2015-11-29
ۋاقتى: 2015-7-4 13:56:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان سادىق چوغلان ئەپەندىگە تىنچ ئامانلىق ،تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت ،ئىشلىرىغا ئۇتۇق ،قىزلىرىغا ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن،شۇنداقلا ئانىسىغا ئۇزۇن ئۆمۈر ھەم سالامەتلىك تىلەيمەن،‹‹باھادىر نامە››رومانىنىڭ داۋامىنى  يېزىۋاتىمەن دەۋاتاتتى ھىچ سادا يوق ،يېزىۋاتقانمىدۇ ياكى تامام قىلىپ نەشىرگە بەرگەنمىدۇ ھىچ بىلمىدىم،

2

تېما

574

يازما

576

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100234
يازما سانى:
574
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1121
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
36 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-28
ئاخىرقى:
2015-12-20
ۋاقتى: 2015-7-4 14:15:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ ئادەمنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقوپ باقماپتىمەن ،بۇرۇن رومان ئوقاتتىم ھازىر كىتاپ ئوقوش خوشياقمايدۇ ،توخۇ بىقىشى ھەققىدىكى كىتاپلار بولسا ئوقوپ قويىمەن .

ئۆچكە جاڭگال  چۇشەيدۇ ،توخۇ داڭگال..

19

تېما

245

يازما

264

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109054
يازما سانى:
245
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2274
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
573 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-8-9
ئاخىرقى:
2015-12-28
ۋاقتى: 2015-7-4 14:22:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانقى سۆھبەت خاتىرىسى بۇ. مۇشۇ يېڭى ساندا بېسىلدىما؟. مەن بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاپتۇرنىڭ ئالتۇن جۇۋان ناملىق پوۋېسىتلار توپلىمىدا كۆرگەن ئىدىم. بۇ سۆزلەردىن ئاپتۇرنىڭ ئىنتايىن كەمتەر كىچىك پېئىل ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاپتۇرنىڭ خەلقىمنىڭ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ يازغۇچى دەپ ئىتراپ قىلىشىنى تەمە قىلىمەن دىگەن گېپى ناھايتى كەمتەرلىك  بىلەن ئىيتىلغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号

GMT+8, 2015-12-28 10:26 PM, Processed in 0.195420 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش