يۈتتۈرۈپ قويغان تىلفۇنۇمنى قايتۇرۋالدىم كۆرۈپ قويۇشقا تىگىشلىك
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ياخشىمۇسىلەر ئەتىگەنلىكىڭلار خەيىرلىك بولسۇن
شىپا ئۇيغۇر دورا تاللا بازىرى تاۋباۋ دۇكىنى http://xipa.taobao.com/ كومپىيوتېر تېخنىك بۈلۈمىدىن ئابدۇسالام
مەن بىر نەچچە ۋاقىت بۇرۇن لىيەنشاڭ
ئاندىرويىد تىلفۇنۇمنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئىدىم . تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن تاماق يەپ ئولتۇرسام ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تىلفۇنۇمغا
ئۇچۇر كەلدى مەزمونى مىنىڭ تىلفۇنۇمنىڭ ئوغرىدىن ساقلىنىش مەخپى نۇمۇرى 256256 دەپ مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ دەپ ئۇچۇر كەلدى ھەم قارشى تەرەپنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى يەنى تېپىۋالغۇچىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىدىن كەلگەن ئىدى بۇ ئۇچۇرلار بىر نەچچە قېتىم كەلدى شۇنىڭ تاماقنى چالا بۇلا يەپلا ئىشخانامغا قاراپ ماڭدىم تىلفۇنۇمنى تېپىۋالدىغان بولدۇم دەپ خۇش بۇلۇپ ھاياجانلىنىپ كەتتىم
ئالدىن بىلەن ئۆزەمنىڭ تىلفۇنۇمغا پۇل قاچىلغاچ تىجارەت زالىغا كىردىم قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى كىملىكىنى بىلىش ئۈچۈن تېپىۋالغۇچىنىڭ تىلفۇنىغا پۇل قاچىلايمەن دەپ قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى بىلىۋالدىم شۇنىڭ بىلەن ئىشخانامغا كىرىپ قارشى تەرەپكە نۇمۇر چىقمايدىغان قىلىپ تىلفۇن قىلىدىم . ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمجانمۇ قانداق ئەھۋالىڭىز دىدىم . تېپىۋالغۇچى ياخشى دەپ جاۋاپ بەردى مەن يەنە تىلفۇنۇمنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى بىلەلمەيۋاتامسىز دىدىم ئۇ تىڭىرقاپلا تۇرۇپ قالدى سىز مىنىڭ تىلفۇمنى تېپىۋاپسىز تىلفۇنۇمنى قايتۇرۇپ بېرىپ بولمىسا ساقچىغا يوللاپ بېرىمەن دىسەم ئاكا تىلفۇنىڭىزنى ئوغرىلىمىدىم تېپىۋالدىم مەيلى ئۇغۇرلاڭ ياكى تېپىۋېلىڭ تىلفۇننى قايتۇرۇپ بېرىڭ دىدىم مەن ئۇنىڭغا ئورنىڭىز قەيەر بالانى يەردە دىدىم شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا يېرىم سائەتكىچە ئارمان چوڭ تاللا بازىرى ئالدىغا كېلىڭ ئەگەر يېرىم سائەتكىچە كەلمىسىڭىز ساقچىلار ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ تېپىۋالغۇچى بۇلىدۇ يېرىم سائەتكىچە بېرىپ بولىمەن دىدى مەنمۇ شۇنىڭ ئارمان تاللا بازى ئالدىغا كەلسەم تېپىۋالغۇچى تىلفۇنۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ شۇنىڭ بىلەن تىلفۇنۇمنى ئېلىۋالدىم ھەم ئۇنىڭغا تېپىۋالغان نەرسىنى ئىگىسگە ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىڭ دەپ نەسىھەت قىلىپ قايتىم كەلدىم
يۇقىرقى تىلفۇن قايتۇرۋېلىش جەريانىنى رەسىم ئارقىلىق چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپ قويدۇم
ئىشلەتكەن پايدىلانمىلار ئورۇن بەلگىلەش سېستىمسى ، بەيدۇ تور دىسكىسى تىلفۇن قايتۇرۋېلىش تور بېتى
ئىككىنچى بىر تىلفۇنۇم . قارشى تەرەپكە نۇمۇرىنى كۆرسەتمەي تىلفۇن ئۇرۇش تور بېتى يەنى
CALLDA تور تىلفۇنى
رەتلەپ ئەۋەتكۈچى :
شىپا ئۇيغۇر دورا تاللا بازىرى تاۋباۋ دۇكىنى http://xipa.taobao.com/كومپىيوتېر تېخنىك بۈلۈمىدىن ئابدۇسالام