مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 449|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرى ( 23 ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98447
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3940 سائەت
تىزىم: 2013-10-5
ئاخىرقى: 2015-7-4
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:43 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش


ۋېنجۇ سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇرى




温州人想的和你不一样



温州人想的和你不一样2.jpg





مەڭگۈ بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن


‹‹ ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى ››


ناملىق كىتاپ 2-باپ 12-پارىگىراپ




بېيىش تەپەككۇرى:

نامراتلار: ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق كىشىلەر ئاسان ئەدىپىنى يەيدۇ، ھەرقانداق ئىش قىلىشتىن قەتئىنەزەر مۇنداقلا قىلىپ قويساڭ بولدى، ئۆزىنى ئۇنچە كۆرسىتىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.


ۋىنجۇلىقلار:چوقۇم بىرىنجى بولىمەن، ئىككنىجى بولمايمەن.خان بولۇشتىنمۇ يانمايدىغان جاسارەت مېنى تۇرمۇشتا مەڭگۈ كۈچلۈك بولۇپ ياشاشقا ئۈندەيدۇ، سودا دۇنياسىدىمۇ ھەم شۇنداق.



*********

ئامرىكا مۇۋەپپەقىيەتشۇناسى دالى كارنىگ :‹‹ مەھسۇلاتقا نىسپەتەن خېرىدارلارنى  ئەڭ ياخشى تەسىراتقا ئىگە قىلىشنىڭ  ئۇسۇلى ئۆز مەھسۇلاتىنى  ئوخشاش مەھسۇلات تۈرلىرى ئىچىدە مەلۇم بىر تەرەپتىن ئەڭ ياخشىسى قىلىشتۇر ››دېگەنىدى.



ۋىنجۇلىقلار پەقەت كارخانىلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەندىلا ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت پۇت تېرەپ تۇرالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەممىسى گەرچە ئىشنى ئۇششاق تىجارەتچىلىكتىن باشلىغان بولسىمۇ بىراق  كۈچلۈكلەر قاتارىغا تىزىلىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشتى.




« مېنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىم -ھەرقانداق ئىشىنى قىلغاندا ئەڭ ياخشى قىلىشقا ئىنتىلىمەن» دەيدۇ ،جېجياڭ ‹‹ يولۋاس ››چاقماق چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى جۇ داخۇ.




20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى جۇ داخۇ يەرلىك پوچتىخانىدا پوچتىكەشلىك قىلدى. بۇ دائىم قايتىلىنىدىغان زىرىكىشلىك خىزمەت بولسىمۇ ،بىراق ئۇ ‹ قىلغاندىكىن چوقۇم ياخشى قىلىشىم كېرەك › دەپ ياخشى ئىشلىگەچكە ناھايىتى تېزلا ئۆستۈرۈلدى.




20-ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇ پوچتا ئىدارىسىدىكى خادىملار ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان كارخانىغا يۆتكەلدى. ئىشقا چۈشكەدىن كېيىن ئۇ قول ئاستىدىكى بۇ ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان خادىملارغا ئىدارىنىڭ شىتات

لىق خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە بۇ ۋاقىتلىق ئىشچىلار  ئىدارىدىكى رەسمىي شىتاتلىق  خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولدى.




1991-يىلى جۇ داخۇنىڭ ئايالى ئىش ئورنىدىن قالدى. ئايالىنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن بىرىلگەن 5000 يۈەنگە ئېرىشكەن جۇ داخۇ بۇ پۇل بىلەن ئائىلىۋى ئىگىلىكىنى دەسلەپكە قەدەمدە باشلىۋەتتى. 1992-يىلى ئۆزىمۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ 200 كىۋادىرات مېتىرلىق بىر زاۋۇت بىناسىنى ئىجارىگە ئېلىپ 100دىن ئارتۇق ئىشچى قوبۇل قىلدى ۋە ئىگىلىكىنى ھەقىقى تۈردە باشلىۋەتتى.




ئەينى ۋاقىتتا ۋىنجۇدا چاقماق بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك بولۇپ ،« ھەممە زاۋۇتتا ئۈلگۈرتۈپ بولالمايدىغان زاكاس تالونلىرى بېسىلىپ ياتاتتى» دەيدۇ جۇ داخۇ. بىراق ئۇ يىراقنى كۆزلەپ داڭلىق ماركا يارىتىش، شۇ ساھەدىكى كۈچلۈكلەردىن  بولۇش ئۈچۈن تىرىشتى. ئەينى ۋاقىتتا بەزىلەر ئۇنى ‹ھاماقەت › دەپ قاراشقان بولسىمۇ ئۇ پەرۋا قىلماي ئىشلىدى. ئۇ « مەن تىز كۆتۈرۈلىشنى  بەك ئارزۇلاپ كەتمىدىم، بەلكى ئاستا-ئاستا پۇل تېپىشنى ئارزۇ قىلىم. كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەتكىلا دىققەت قىلساق كېيىن چۇقۇم پۇشايمان قىلىمىز» دەيدۇ ۋە داڭلىق ماركا يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.




نەتىجىدە 1993-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىم يىلىدىن باشلاپ جۇ داخۇنىڭ زاكاس تالونى كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى، ناچار چاقماقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار بىر-بىرلەپ تاقالدى. 1994-يىلىغا كەلگەندە « يولۋاس چاقماقلىرى» ۋىنجۇدىكى بىردىنبىر ئۇششاق تاۋار داڭلىق ماركىسى بولۇپ ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتۈپ چەتئەللەرگە تارقىلىشقا باشلىدى.





1995-يىلىغا كەلگەندە «شۆخۇ»،«گەنخۇ» قاتارلىق ماركىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ كۆپچىلىك ھەممىسى ئۆزىگە زور بېسىمنىڭ چۈشكەنلىكىنى ھېس قىلدى.




بۈگۈنكى كۈندە جۇ داخۇنىڭ كارخانىسى ئىشلەپچىقارغان مىتال قاپلىق «يولۋاس ››ماركىلىق چاقماقلار پۈتۈن يەر شارىدىكى چاقماق بازىرىنىڭ %90 نى ئىگەللەپ، ياپونىيە، جۇڭگو تەيۋەن، ۋە شياڭگاڭدىكى ئۈچ چوڭ چاقماق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى يىقىتىپ،شۇ ئورۇندىكى %90 تىن يۇقىرى زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەپ بولدى.

ۋىنجۇلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قول سېلىشىدىكى سەۋەب -ئۇلاردا مەبلەغ، تېخنىكا كەمچىل. ئۇلار پۇل ۋە تېخنىكىغا ئىرىشكەن ھامان  چوڭ سودىلارغا تۇتۇش قىلىدۇ. زورىيىشقا، تەرەققىي قىلىشقا، كارخانىلارنىڭ يولباشچىسى بولۇشقا قاراپ ئاتلىنىدۇ.




لىن كەيۋىن شاڭخەي كەيچۈەن گورۇھىنىڭ لېدىرى. بۈگۈنكى كەيچۈەن گورۇھى بولسا كارخانىلارنىڭ كاتتىبېشى، ھۆكۈمرانى.




لىن كەيۋىن ۋىنجۇنىڭ ‹جۇڭگونىڭ سو پومچىسى ئىشلەپچىقرىش يۇرتى›دەپ نام ئالغان  ئوۋبېيلىق  بولۇپ ،ئۇ بۇرۇن ۋىنجۇنىڭ «مىليونلۇق سېتىش قوشۇنى» نىڭ ئەزاسى ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا سۇ پومپىسى سېتىپ توپلىغان مەبلىغى بىلەن ئۇ ئۆز ئالدىغا سۇ پومپىسى سودىسى قىلىش قەدىمىنى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن يوڭجيا ئوۋبېي سۇ پومپىسى بارلىققا كەلدى.لىن كەيۋېن يېزا ئىگىلىكىدە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان  ھەر خىل سۇ پومپىلىرىنى ياساپ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا تارقاتتى.كارخانىسنى قۇدرەت تاپقۇزۇش  ئۈچۈن  نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.




1993-يىلى لىن كەيۋىننىڭ كارخانىسىنىڭ سېتىش قىممىتى 10 مىليونغا يېتىپ يوڭجيادىكى باشلامچى سو پومپىسى كارخانىسى بولۇپ قالدى.




بىراق 1994-يىلىغا كەلگەندە شىركەتنىڭ كەسىپىي خىزمەتلىرىدە روشەن چېكىنىش كۆرۈلدى. لىن كەيۋىن كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھىس قىلدى.  ھالبۇكى يوڭجيادا ئىختىساسلىقلارنىڭ كەم بولۇشى ئۇنىڭ بېشىنى ھەممىدىن قاتۇرىدىغان ئىش بولدى. ئەينى ۋاقىتتا لىن كەيۋىن ھەر خىل تاراتقۇلاردا  ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ئىلانى بەردى. لېكىن ئۇنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى.





« ئەينى ۋاقىتتا كارخانىنىڭ چېكىنىشىنى ئانالىز قىلىپ باقسام  بۇ تېخنىكىدىكى مەسىلە ئىكەن. يەنى تېخنىكا ئاساسىمىزنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ناچار،شەكلى بىر خىللا بولۇپ قالغان  ئىكەن.




سۇ پومپىسى سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا  تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى مەھسۇلات ھىساپلىنىدۇ.زاۋۇتىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلماي تۇرۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك ،تېخنىكىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلالمىغاچقا پۇل تاپتۇق دېگەن بىلەنمۇ ئۆزىمىزنىڭ يولىمىزنى توسۇپ قويغان بولىدىكەنمىز. سودا ساھەسىدە  قىممىتىمىزنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى زورايتىشىمىز كېرەككەن ..... بىراق يۇقۇرى تېخنىكا ۋەئىختىساسلىقلار  بولمىسا بۇ ئارزۇمۇ كۆپۈككە ئايلىنىدىكەن» دەيدۇ، لىن كەيۋىن.




شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ  1995-يىلى شاڭخەيگە يۆتكىلىشنى قارار قىلىپ، شىركىتىنىڭ نامىنى‹‹خەيكەي سۇ ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى ››




دەپ ئۆزگەرتتى.ۋە:«شاڭخەينىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقرىش بازىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ ئۆزىمىزنىڭ سۇ پومپىسىنى  باشقۇرىلدىغان بومبا  ھاۋاغا ئۆرلىگەندەك  تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،ئۇنى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇتۇش كېرەك » دىگەن قارارغا كەلدى .شۇنىڭ بىلەن لىن كەيۋىننىڭ كارخاسى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئىچىدە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى ۋە كارخانىلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلاندى.





لىن كەيۋىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا :« مېنىڭچە پۈتۈن سودا جەريانىدا مەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماڭدىم، پۇرسەتنى باشقىلاردىن بۇرۇن بايقىدىم، ئەڭ مۇھىم ھالقىلىق يېرى مەن باشقىلاردىن بۇرۇن شاڭخەيگە كېلىشكە جۈرئەت قىلدىم » دەيدۇ.





لىن كەيۋىن شاڭخەيگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تاسادىبىي  پۇرسەتتە ئۇزۇن يىل سۇ پومپىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئىنژىنىر  بىلەن تونۇشۇپ قالدى ھەم  پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلار كېلىشىپ قالدى. ئېنژىنىرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تېپىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەن لىن كەيۋىن  تۆمۈرنى قىزىغىدا سوقۇپ ،شىركەتكە جىددى قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىك خادىملار جېدىۋىلىدىن ئىنژىنىرغا بىرلا قېتىمدا 156 نى بەردى.

لىن كەيۋىننىڭ قاراملىقى ئىنژىنىرنى ھەيران قالدۇردى. ھالبۇكى لىن كەيۋىننى ھەيران قالدۇرغىنى ئىنژىنىر ئۇنىڭغا راسىتىنلا لازىملىق ئىختىساسلىقلارنى تېپىپ بەرگەنىدى.




لىن كەيۋىن بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى بولدى. شاڭخەي ھەقىقەتەن تالانت ئىگىلىرى كۆپ جاي ئىكەن ئەمەسمۇ! ئىختىساسلىق خادىملار بولغان ئىكەن لىن كەيۋىن ئەمدى خاتىرجەملىك بىلەن ئالغا ئاتلانسا بولىدىغان بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پۈتۈن دىققىتىنى خىزمىتىگە قاراتتى. « خىزمەت قىلىش بىر خىل ھوزۇر» دەيدۇ ئۇ.  لىن كەيۋىننىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا تېز تەرەققىي قىلغان كەيچۈەن گورۇھى ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ شەرقتىكى مەرۋايىت، ماگىنىتلىق لەيلىمە پويىز قۇرۇلىشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا قاتناشتى ۋە شۇلار ئارقىلىق نامى تارالدى.




بۇ مەزگىللەردىمۇ لىن كەيۋىن توختىماستىن  مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىقتىساسلىق خادىملارنى توپلاپ كەيچۈەننىڭ تېخنىكىسى ۋە سېتىش قوشۇنىنى كۈچەيتتى .بۇنىڭ بىلەن كەيچۈەن گوروھى كۈندىن-كۈنگە زورايدى. ھازىر كەيچۈەننىڭ خىزمەتچىلىرنىڭ70 پىرسەنتتىن ئارتۇقراقى  ئالىي تېخىنىكومدىن يۇقىرى ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ ، بۇ قۇشۇندا   دۆلەتنىڭ تەمىناتىدىن ئالاھىدە بەھىرلىنىدىغان مۇتەخسىسىس ۋە پىراففىسورلاردىن ئوننەچچىسى،  دوكتۇر ئاشتىدىن 31 نەپىرى بار. گوروھنىڭ سېتىش تورى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان.



لىن كەيۋىن :« سۇ پومپىسى كەسپى مۇقىم  بىر كەسىپ . ھەرقانداق ئىشتا ھاكاۋۇرلۇق كۆزىڭىزنى توسۇپ قويسا تۇگەشكىنىڭىز شۇ.




سۇ پومپىسى ياساش كەسپى تېخىمۇ شۇنداق » دەيدۇ. سۇ پومپىسى  ياساش ،تېخنىكىلىق يېڭىلاش ئىشلىرىغا ئىزچىل كۈڭۈل بۆلۈپ  كىلىۋاتقان لىن كەيۋىن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ساھەدە باشلامچىغا ئايلاندى.




تۆۋەندە كەيچۈەننىڭ گوروھىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى كۆرۈپ باقايلى:

1998-يىلى گورۇھنىڭ سېتىش مىقدارى 250 مىليونغا يېتىپ مەملىكەت بويىچە سو پومپىسى ساھەسىدە 8- ئورۇنغا ئۆتتى.

1999-يىلى كارخانىنىڭ سېتىش قىممىتى 300 مىليونغا يېتىپ مەملىكەت بويىچە سۇ پومپىسى ساھەسىدە 3- ئورۇنغا ئۆتتى.

2000-يىلى كارخانىنىڭ سېتىش قىممىتى 350 مىليونغا يېتىپ مەملىكەت بويىچە شۇ ساھەدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.




بۈگۈنكى كۈندە كەيچۈەن گوروھى ئۇدا بەش يىل ئۆز ساھەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

2003-يىلى 10- قېتىملىق « شاڭخەيدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن  ئون شەخىس» نىڭ نامزاتى بولۇپ سايلىنىپ رەت تەرتىپىدە ياۋمىڭدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇردى.




2004-يىلى لىن كەيۋىن ۋىنجۇ پۇقرالار ئىگىلىكىدىكى 10 يىللىق مىنەۋۋەر شەخىسنىڭ بىرى بولۇپ سايلاندى.

ئۇنىڭ سايلىنىشىدىكى سەۋەب : ‹‹كەيچۈەن گورۇھىنىڭ ئۆز كەسپىدە بىرىنچى بولۇشى ئاسانغا توختىمايدۇ. مۇھۇمى ،ۋىنجۇلىقلارنىڭ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئالدىدا باش كۆتۈرۈشى ئاسانغا توختىمايدۇ، شاڭخەيدىكى كارخانىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ۋىنجۇنىڭ باج كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ›› دېگەنلەردىن ئىبارەت ئېدى.




بۇ شان-شەرەپلەرگە نىسبەتەن لىن كەيۋىن مۇنداق دېدى: « كەيچۈەن گورۇھى پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ سۇ پومپىسى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بىز ھازىر شاڭخەيدە بولساقمۇ ۋىنجۇغا بولغان مىننەتدارلىقىمىز ئاخىرلاشقىنى يوق. مېنى، كەيچۈەننى تەربىيلىگەن زىمىنغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 2002-يىلى مەن ۋىنجۇدا كەيچۈەن  سۇ پومپىسى گورۇھىنى قۇرۇپ چىقتىم. بۇندىن كېيىن ۋىنجۇنىڭ سانائەت باغچىسىنى تېخىمۇ چوڭايتىمەن ››.

يېڭى ئەسىرگە نىسبەتەن شاڭخەي كەيچۈەن گورۇھى « جۇڭگو سۇ پومپىسى ساھەسىدىكى گىگانىت» قا ئايلىنىشتىن ئىبارەت  تەرەققىيات  پىلانىنى بېكىتتى.




بىرىنجى بولۇشقا ئىنتىلىدىغان لىن كەيۋىن نەتىجىنىڭ ئۇنچە ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.

2005-يىلى شاڭخەي كەيچۈەن گورۇھى شاڭخەيدىكى  پۇقراۋى كارخانىلار ئىچىدە ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە  ئالتىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.




لىن كەيۋىن خىزمەتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنى ھېس قىلدى.




« بۇ ئىختىساس ئىگىلىرى بولمىغان بولسا بۈگۈنكى نەتىجىمۇ بولمىغان بولاتتى. ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى باھانە ياكى ھەيۋە كۆرسىتىشلا ئەمەس، بەلكى ئۈنۈمدىن دېرەك بېرىدۇ.




مەندە ھازىر خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىق مەسىلىسىگە نىسپەتەن بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار .




كارخانا پەقەت ئىجتىمائىيلاشقاندىلا ئاندىن ھاياتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ھالبۇكى خوجايىن خىزمەتچىلىرىنى ئويلىمىسا، كارخانىنى زورايتىمەن دېيىش پەقەت چۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ.» دەيدۇ لىن كەيۋىن.




مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن ‹‹ جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن ‹ كەيچۈەن › نىڭ كەلگۈسى قانداق بولار ؟›› دەپ سورىغاندا ئۇ خاتىرجەملىك بىلەن ‹‹باشقىلار كىرسە بىز چىقىپ كېتىمىز، پۇرسەت ھامان خەتەردىن كۆپ ›› دەيدۇ ئىشەنچكە تولغان ھالدا. ئۇ يەنە «كىشىدە شۇنداق ئىشەنچ بولغاندىلا سىزنىڭ كۆزىڭىزگە مەڭگۈ كاتتىباش بولۇشلا كۆرىنىدۇ» دەيدۇ.




بۈگۈنكى كۈندە كەيچۈەن گوروھى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى  تۈرلۈك ‹‹ كارخانىلارنىڭ تەكشۈرىش  ئۆلچىمى ››دىن ئۆتتى. لىن كەيۋىن ئەمدىكى نەزىرىنى ئىزچىل ھالدا  ئۆز كەسپى بويىچە خەلقئارادىكى ‹‹ گىگانىت  ›› بولۇشقا قاراتتى. ITT يىللىق سېتىش قىممىتى 10 مىلياردقا يېتىدىغان دۆلەت ھالقىغان شىركەت. « مېنىڭچە دۇنيادا سۇ پومپىسى ياساش كەسپىدە چوقۇم جۇڭگونىڭمۇ ITT غا ئوخشاش بىر داڭلىق ماركىسى بولىدۇ، بۇ داڭلىق ماركا دەل  كەيچۈەندۇر، مانا بۇ مېنىڭ نىشانىم، ھامان بىر كۈنى خەلقئارادا ئۆز كەسپىمدە چۇقۇم ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتىمەن» دەيدۇ، لىن كەيۋىن.

كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدىغان ئىدىيە بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا ماس ھەركەت بولىدۇ.سودا مەيدانىدا پەقەت كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا ئويلايدىغان بولساق ئەڭ ياخشىسى توختاپ قالغىنىمىز ياخشى. سودا مەيدانىغا كىرگەن  ئىكەنمىز ئۆزىمىزگە بىر نىشان بەلگىلەپ، نىشانىمىز ئۈچۈن ئىلگىرلىشىمىز كېرەك.





ۋىنجۇ ئۈزۈندىسى:

بىزدە تولۇق ئىشەنچ بولۇپ، ھەقىقى كۈچلۈكلەردىن  بولساقلا، بىزنىڭ كۆزىمىزگە مەڭگۈ پەقەت بىرىنجى ئورۇنلا كۆرىنىدۇ.

     ـــ  شاڭخەي كەيچۈەن گورۇھىنىڭ لىدىرى  لىن كەيۋىن

**********





كارخانا قۇرۇشتا باشقىلار پايدىنى كۆزلەيدۇ. مەن بولسام پايدىنىلا ئەمەس ئەڭ مۇھۇمى -تېخنىكىنى ،ئەڭ ياخشى سۈپەتنى، ھامان بىر كۈنى يەر شارى بويىچە ئەڭ ياخشى كاستۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بولۇشتىن ئىبارەت بۈيۈك نىشاننى  كۆزلەيمەن.

        ــــ   شيامىڭ گورۇھىنىڭ لىدىرى  چېن شياۋشياڭ




*************************************************************************





مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

(2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى )

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى - ئەقىدە تاۋباۋ دۇكىنى

TAOBAO.UYHQT.COM

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى

جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-2 09:51 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0
ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 117511
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2015-4-14
ئاخىرقى: 2015-7-4
2#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:34 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى مەزمۇن ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2687
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-7-4
3#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:52 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى گەپلەر ئىكەن .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2687
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-7-4
4#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:52 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى گەپلەر ئىكەن .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119068
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2015-5-12
ئاخىرقى: 2015-7-3
5#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:21 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مۇشۇ تېمىنى دەپمۇ، مىسرانىمدىن ئايرىلالمايدىغان بۇپ قالدىم.داۋامىنىچۇ قاچان ئەۋەتىسىز؟ بولسا تىزرەك ئەۋەتسىڭىز،بۇ ئەسەرگە شۇنداق مەپتۇن بولدۇم.ھەر قېتىم مۇنبەرنى ئېچىپلا مۇشۇ يازمىنى ئىزدەيمەن بىراق چىقمىسا كۆڭلۈم بىرخىللا بۇپ قالىدۇ خۇددى خۇمار بۇپ قالغاندەكلا.جاپا چەكتىڭلار رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-7-3
6#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:14 PM |ئايرىم كۆرۈش |
تەشەككۈر ، ئەجىر قىپسىز ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115939
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2015-3-23
ئاخىرقى: 2015-7-3
7#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:30 PM |ئايرىم كۆرۈش |
     ئەھۋالدىن قارىغاندا 5000 يىل سۆزلىسەڭمۇ تۇگۈتۈپ بولالمىغىدىسەن ، بولدى توختاپقالە ئىچىمنى ئاغىرىتماي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115939
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2015-3-23
ئاخىرقى: 2015-7-3
8#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:31 PM |ئايرىم كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115939
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2015-3-23
ئاخىرقى: 2015-7-3
9#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:40 PM |ئايرىم كۆرۈش |
   يەنە 5000 قىسىم سۆزلىسەڭمۇ تۈگۈتۈپ بولالمايسەن ‹‹يەيمەن›› لا دەيدىغان تەپەكۈرلەنى، بولدى توختاپ قاسىنا پوخۋاش    !     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115939
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2015-3-23
ئاخىرقى: 2015-7-3
10#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:41 PM |ئايرىم كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش