مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1168|ئىنكاس: 19
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نىدائىي: ما يۈننىڭ 10 جۈملە ئىلھامبەخش سۆزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115145
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2015-3-11
ئاخىرقى: 2015-7-3
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 06:52 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

ئالى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى، داڭلىق كارخانىچى، ناتىق ما يۈننىڭ كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان 10 جۈملە مەشھۇر سۆزى




توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


   بىرىنچى، ئادەم بېسىمغا ئۇچرىغاندا ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.
   ھەربىر ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارى بولىدۇ، خۇشال ياشاپ، قايغۇ بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا بېسىمغا ئۇچرىغاندا، بەك ئازابلىنىپ كەتمەڭ، بەلكى بۇ تۇرمۇشنىڭ كىچىككىنە سىنىقىدۇر، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، مەجبۇرلىنىش بولغاچقىلا ئەزىمەتلەر لياڭشەنگە توپلانغان، دەۋر قەھرىماننى يارىتىدۇ، كەمبەغەللەر تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، ئادەم پەقەت بېسىمغا ئۇچرىغاندىلا ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.
   ئىككىنچى، ناۋادا سىز ئاددىي بولسىڭىز، دۇنيامۇ سىزگە ئاددىي تۇيۇلىدۇ.
   ئاددىي تۇرمۇشلا بەختلىك بولىدۇ، ئادەم ھەمىشە خۇشال يۈرۈشتە كەڭ قورساق بولۇشى، نېمىلا ئىش بولسا مۇرەككەپ ئويلىۋالماسلىقى كېرەك، يۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتكەندە، ئادەم ھەممىدىن نارازى بولىدۇ. قەرەللىك ھالدا ئەسلىمىلىرىڭىزنى تازىلاپ تۇرۇڭ، سىزنى بىزار قىلىدىغان ئادەملەر ۋە ئىشلارنى ئەسلىمىلىرىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ. ھايات قىسقا، بايلىقنىڭ ئورنى ھامان قوشۇمچە بولىدۇ، ئۇنى تۇغۇلغاندا ئېلىپ كەلمىگەن، ئۆلگەندىمۇ ئېلىپ كېتەلمەيمىز، ئاددىي-ساددا تۇرمۇش ئادەتتە بىز دەۋاتقان خۇشال تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدۇر.
   ئۈچىنچى، ھاياتلىقتا رېپېتىتسىيە يوق، ھەربىر كۈن نەق مەيدان كۆرۈنۈش.
   بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ناۋادا ھاياتلىقنى بىر مەيدان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇققا ئوخشىسا، ئوينىيالمىساق، قايتىدىن تاللىغىلى بولسا، ئۇ چاغدا تۇرمۇشتا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولار؟ كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋالغىلى، كۈنلەرنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا ھەربىر سېكونت ۋاقىتنىمۇ قەدىرلەش، ئاتا-ئانىلارغا ۋاپادار بولۇش، بالىلارغا كۆيۈنۈش، جۆرىسىگە كۆيۈمچان بولۇش، دوستلىرىغا مېھرىبان بولۇش كېرەك.
   تۆتىنچى، تالانت بەئەينى ھامىلدار بولغانغا ئوخشايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانچە كىشىلەر ھامان بىلىدۇ.
   ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزىگە تەمەننا قويماسلىقى، يەرشارى بىرەرىمىزدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ، ئوخشاشلا ئايلىنىۋېرىدۇ، قەدىمدىن ھازىرغىچە، ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان، مەنمەنچى كىشىلەر ياخشى ئاقىۋەت كۆرگەن ئەمەس. شۇڭا قانچىلىك ئىقتىدارلىق بولسىڭىزمۇ، چوقۇم كەمتەر، سەمىمىي بولۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىڭ، ئالتۇن نەدىلا بولسۇن، ھامان پارقىرايدۇ.
   بەشىنچى، ئىلگىرى سىرداشلار كۆپ ئىدى، ھازىر ئازىيىپ كەتتى.
   دوستسىز ھايات تولىمۇ زېرىكىشلىك ھاياتتۇر، ئەمما تۇرمۇشتىكى ئالدىراشچىلىقلار تۈپەيلىدىن ئالاقە ئازىيىپ بارىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ھېسسىياتىمۇ سۇسلىشىپ بارىدۇ. شۇڭا، ۋاقىت چىقىرىپ، دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇش كېرەك. دوستلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ياردەم بېرىش، ياردەم بېرەلمىگەندىمۇ تەسەللىي بېرىش كېرەك.
   ئالتىنچى، ھاياتلىقتا خاتا يۆنىلىشتىن توختاشمۇ، بىر خىل ئىلگىرىلەشتۇر.
   ئادەمنىڭ ئۆز كەمچىلىكىنى ئۆزگەرتىشى تولىمۇ تەس، ئادەم ھەمىشە ئۆز خاتالىقلىرىنى تەستە بايقايدۇ. بەزىدە خاتالاشقانلىقىنى ئېنىق بىلسىمۇ، توختاپ قالغۇسى كەلمەي، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈۋېرىدۇ. توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ پىرىنسىپىڭىزدا چىڭ تۇرۇشىڭىز كېرەك، بىر مەھەللىك خۇشاللىق ئۈچۈن ئازابلىق بەدەللەرنى تۆلىمەڭ، خاتالاشقانلىقىڭىزنى بايقىغان سامان توختاپ قېلىڭ.
   يەتتىنچى، ھاياتلىقتا ئىككى چوڭ تىراگېدىيە بولىدۇ: بىرى، قاتتىق مەيۈسلىنىش، بىرى، قاتتىق كۆرەڭلەپ كېتىش.
   ھازىرقى كىشىلەر بەكمۇ ئاجىزدەكلا بىلىنىدۇ، گېزىتلەردە كۈندە دېگۈدەك نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئەسەبىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ ئادەملەر چوقۇمكى بىر خىل ئەسەبىيلىكتىن يەنە بىر خىل ئەسەبىيلىككە يول ئالغۇچىلاردۇر. بەك كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكتىن، بەزىلەر ئۆزىنى كەم-كۇتسىزدەك، ھېچنېمىسى كەم ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ، ناۋادا ئۇلار ئازراقلا مۈشكۈلاتقا يولۇقسا، ئۆزىنى قاتتىق كەمسىتىدۇ، ھەتتا ياشاشقا بولغان ئىرادىسىنى يوقىتىپلا قويىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ توغرا ئورنىنى تېپىشتا تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش كېرەك.
   سەككىزىنچى، ھاياتلىق مۇھەببەت دېمەكتۇر، مۇھەببەتنى كەتكۈزۈپ قويغانلىق ھاياتنىمۇ ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكتۇر.
   مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ بۇنىڭدا ئادەم نېمە دېيىشنى بىلمەيلا قالىدۇ، ئەس-ھوشىنى يوقىتىپلا قويىدۇ، مۇھەببەتكە يۈزلەنگەندە قەيسەررەك بولۇپ، ئۆز سۆيگۈسىنى يۈرەكلىك ئىپادىلىشى كېرەك، چۈنكى، ‹‹جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس›› دېگەن گەپ بار. ئادەم ھامان قېرىيدۇ، ئاغرىيدۇ، ئۆلىدۇ، قانداقلا قىلساق، شۇ ئۆمۈر ئۆتۈۋېرىدۇ، مۇھەببەتنى كەتكۈزۈپ قويساق، ھاياتلىقتىكى گۈزەللىكلەردىنمۇ بەھرىمەن بولالمايمىز.
   توققۇزىنچى، پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا
   ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلەر بارغانچە بايلىق ۋە مەرتىۋىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، بارغانسېرى مۇھەببەتنىڭمۇ ئانچە ئەھمىيىتى قالمايۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋاللاردىن بىز ‹‹پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا››، يەنى پۇل بولسىلا خوتۇن دېگەن تەييار، دېگەن گەپكە ئىشىنىشكە مەجبۇر بولىمىز، بۇ گەپ دەل ھازىرقى مۇھەببەتكە بولغان ئەڭ ياخشى تەسۋىرلەش بولسا كېرەك.

   ئونىنچى، ئۇتۇق قازىنىشتا دوستۇڭ بولسۇن، تېخىمۇ زور ئۇتۇق قازىنىشتا رىقابەتچىڭ بولسۇن.

   رىقابەت بولغاندىلا تەرەققىيات بولىدۇ، چۈنكى رىقابەتچىمىزلا مەۋجۇتلا بولىدىكەن، يېڭىلگىنىمىزگە تەن بەرمەيدىغان ئىرادىلا بولىدىكەن، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلالايمىز. شۇڭا، بەزىدە رىقابەتچىمىزنىڭ كۈچى دوستىمىزنىڭ كۈچىدىن زور بولىدۇ. دۇنيادا مەڭگۈلۈك دۈشمەن يوق، ئەمما مەڭگۈلۈك دوست بار، بەزىدە دۈشمەنمۇ دوستقا ئايلىنالايدۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nidayi001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-2 06:54 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2687
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-7-4
2#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 07:23 PM |ئايرىم كۆرۈش |
نىىدائى ئەپەندىم ، بەك ياخشى مەزمۇن يوللاپسىز ، بۇ مەزمۇننى تەرجىمە قىلغان قوللىرىڭىزغا خۇدايىم دەرت بەرمىسۇن . سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115145
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2015-3-11
ئاخىرقى: 2015-7-3
3#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 07:35 PM |ئايرىم كۆرۈش |
تۇمارىس خانقىز، رەھمەت سىزگە، خۇدايىم بۇيرۇسا بۇنىڭدىنمۇ سەرخىل مەزمۇنلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100051
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2015-7-3
4#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 07:46 PM |ئايرىم كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە قېرىدىشىم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119068
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2015-5-12
ئاخىرقى: 2015-7-3
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:15 PM |ئايرىم كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى تىما ئەۋەتىپسىز ھارمىغايسىز

خاسلىقىڭ......قىممىتىڭ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2882
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11027
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3384 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-7-4
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:46 PM |ئايرىم كۆرۈش |
نىدائى بۇ مۇنبەرگىمۇ ئەزاكەندە ئەسلى
مايۈننىڭ ئايالىنى قايسى كۈنى ئۈندىدارغا يوللاپتىكەنسىز ،مۇشۇ مونەك خەنزۇنىڭ بىر چىرايلىق ئايالى باركەن دەپ ھەيران قاپتىم
تەپەككۈر قىلىش ئىڭى خىلى كۈچلۈككەن بۇ ئەدەمنىڭ

ئەي پەلەك كەلگەندە ئامەت كىبرنى تاج ئەيلىمە،كەلسە گەر بالايۇ ئاپەت نامەرتكە مۇھتاج ئەيلىمە!
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5423
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3263 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-7-4
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:53 PM |ئايرىم كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2015-7-2 08:46 PM
نىدائى بۇ مۇنبەرگىمۇ ئەزاكەندە ئەسلى
مايۈننىڭ ئايالى ...

بۇنداق ئايرىغىلى تۇرسىڭىز ، مۇۋاپىقىيەت قازانغان مونەكلەر جىققۇ ، داڭلىق چولپانلىرى خېلى بوپقويىدۇ ئىشقىلىپ …

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈمەييە + 10 باھالىمىدىم ، مۇنداقل.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

شۈكرى . مەن تىخى ھايات

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8809
يازما سانى: 488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9686
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 3395 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2015-7-4
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:54 PM |ئايرىم كۆرۈش |
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر تىما بوپتۇ  .  ساقلىۋالدىم  ، رەھمەت سىزگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100080
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 332
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2013-11-26
ئاخىرقى: 2015-7-3
9#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:57 PM |ئايرىم كۆرۈش |
پولى بولسا نىم دىسە ھىكمەت ،پولى بولمىسا نىم دىسە ھۆكمەت،،ھازىرقى زامان ماقال-تەمسىللىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 117712
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2015-4-19
ئاخىرقى: 2015-7-4
10#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:43 PM |ئايرىم كۆرۈش |
خىلى ئورۇنلۇق سۆزلەركەن، بولۇپمۇ ئاتا ئانىغا ۋاپادار، جۆرىسىگە باللىرىغا كۆيۈمچان، دوستلارغا مېھرىبان بولۇش، دىگەنلىرى ماڭا ياقتى، يارايسىز نىدائىي ئېسىل مەزمۇنلاردىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش