|
|
|
|
قىممتى باھالىتىلمىغان ئەقلى مۆلۈكنى پايغا قانداق ھىساپلاش كېرەك ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! نۆۋەتتە بىز بىر شىركەتنى تىزىملىتىش ھالقىلىق پەيتىدە تۇرۋاتىمىز. بىزنىڭ شىركىتىمىزنىڭ قانۇنى ۋەكىلى بولغان شەخىس مەلۇم بىر تۈردە يېڭىلىق يارىتىپ بۇنىڭغا پاتىنىت ئىلتىماس قىلىنىپ پاتېىنىت نۇمۇرىمۇ چىقىپ بولغان ( نۆۋەتتە پاتىنىت كىنىشكىسىنى ساقلاۋاتىمىز)، پىلاندا مۇشۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ ساتىمىز. شىركەتنى تىزىملىتىشتا پايچىكلار تىزىملىكى تەييارلايدىكەنمىز. قانۇنى ۋەكىل بولغۇچى ئۆزىنىڭ پاتىنتى ئەلۋەتتە بىلەن شىركىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى ھىساپلىنىدۇ. لىكىن قانۇنى ۋەكىل بولغۇچى شەخىسنىڭ ئىلتىماس قىلغان پاتىنتىنىڭ كىنىشكىسى تېخى قولغا تەگمىگەن، پاتېنىت كىنىشكىسىنىڭ چىقىشىنى ساقلىساق مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىش ۋاقتى كىچىكىپ كېتىدىغان بولغاچقا پاتېنىت كىنىشكىسىنىڭ چىقىشىنى ساقلىماي، پايچىكلار تىزىملىكى تەييارلاپ شىركەتنى دەرھال تىزىملاتماقچى بولىۋاتىمىز، ئەمما بۇ يەردە قانۇنى ۋەكىل بولغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلغان پاتىنتىغا تېخى كىنىشكە چىقمىدى،كىنىشكە چىقمىغانىكەن بۇ پاتىنىتنى باھالاش ئورگانلىرى تەرىپىدىن قىممتىنى باھالىتىشقا بولمىدى. ئەمدى مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانۇنى ۋەكىل بۇلغۇچى شەخسنىڭ شىركەت تىزىملاتقان مەبلەغدە ئىگەللەيدىغان پاي نىسبىتىنى قانداق بىكىتىش كېرەك دىگەن مەسلە ئوتتۇرغا چىقتى. مۇشۇ مەسلىگە جاۋاپ بېرەلەيدىغان دوسىتلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن كەمىنەدىن سەممىمى ئەسكەرتىش: بۇ تېما ئىگلىك تىكلەش باسقۇچىدىكى نۇرغۇن دوسىتلار دۈچ كىلىدىغان مەسلە بولغاچقا ياردەم ياردەم سەھىپىسىگە يوللىماي بەس مۇنازىرە سەھىپىسىگە يوللدىم. باشقۇرغۇچىلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ۋە تېمامنى تەستىقلاپ ئېلان قىلىشىنى سورايمەن. بۇنداق تېمىغا جاۋاپ بېرەلەيدىغان دوسىتلار بەك ئاز بولغاچقا تىزرەك جاۋاپقا ئېرىشىش ئۈچۈن باشقا مۇنبەرگىمۇ يوللىشىم مۈمكىن، توغرا چۈشەنگەيسىلەر!
|
|
|
|
|
|