مەن
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
كىچىكىمدە
ئانامغا بەك جاپا سالاتتىم.
تەرلەپ، پىشىپ ئەتكەن تاماقنى
ئاغزىمغىمۇ ئەپلەپ تىقالماي
ئىزا ئاڭلاپ يىغلاپ قالاتتىم.
ئانامنى دوراپ
مەنمۇ ھەتتا تاماق ئېتەتتىم.
ئوت-چۆپ، لايدا ئەتكەن تاماقنى
بىر قوشۇقمۇ يىگۈزەلمەستىن
قورچىقىمنى تىللاپ كېتەتتىم.
كىچىكىمدە
كىيىملىرىمنى ئانام يۇياتتى.
يىقىلىپ-قۇپۇپ، ھارغىچە ئويناپ
قۇچىقىدا بىر يېتىۋالسام
بەللىرىمنى تۇتۇپ قۇياتتى.
ھېچ ئىش قىلدۇرماي قەغىشلىك قىلسام،
ئانچە-مۇنچە ئۇرۇپ قۇياتتى.
كىچىكىمدە
ئەدەپ نېمە؟ ئەخلاق نېمە؟
ئانام ماڭا بەرگەن ئىدى دەرىس.
ئاڭلاپ قۇلاق ھەرگىز تالمىغان
ئوڭ-تەتۈرمۇ جۆيلۈپ سالمىغان.
ئانام ئالدىغا بېرىپ قالمىغان
ئىللا-بىللا بىرەر قېتىم مەسىت.
مانا چوڭ بولدۇم،
ئانام كەتتى بەكمۇ كىچىكلەپ.
قىلدىم ھەممىنى،
كۆردۈم ھەممىنى
مېجەزىممۇ كەتتى ئىتتىكلەپ.
مەن بالامغا تاماق ئېتىمەن،
مەن يۇيىمەن بالام كىيمىنى...
بىراق،
بىرەلەيمەن ئانامغىلا «دەرىس»
(بىلمىدىم، قىلغانمىكىن ماڭا بىرى قەسىت؟)
بالام كىردى ئەنە ئىشكتىن
توۋا؟
يەنە غەرق مەسىت...
(«ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 2013-يىل 27-فېۋىرالدىكى «ئەدەبىيات» بېتىدە،
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 8-مارتتىكى
«قىزىلگۈل» بېتىدە ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.artekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-2 04:07 PM