كارتون مۇئەللىمى ئېرپان ئۈرۈمچىدە سىنىپ ئاچماقچى
تاشپولات روزى
سالام قېرىنداشلار، يۇرتىمىز غۇلجا رايونىدا يامغۇرنىڭ توختىماي يېغىشى تۈپەيلى كۆپلىگەن تەبىئىي ئاپەتلەرنى پەيدا بولدى. بۇ قېتىمقى تەبىئىي ئاپەتتە مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن توققۇزتارا رايونى بىرئاز تالاپەتكە ئۇچرىدى. مەن توققۇزتاراغا تېلېفون بېرىپ ئەھۋالنى ئۇقۇپ تۇردۇم. بىزنىڭ چوڭ ئۆيدە ئۆيلەر بۇزۇلۇش ئىشلىرى يۈز بەرمىدى. بىراق كونا ئۆيلەر بولۇپمۇ لايدا ياسالغان ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپتۇ. بولۇپمۇ دېھقانچىلىق زىرائەت مەيدانلىرى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراپتۇ. بۇ ئاپەتلەر بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى ئاغرىتتى. مەن بۇ قېتىمقى ئاپەتكە ناھايىتى تېزلىكتە ئىئانە توپلاپ ۋاقتىدا ئاپەت رايونىغا بېرىپ ھال سورىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاجايىپ ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىدىم ۋە قىسقا سۈرەتلىك فىلىملەرنى كۆرۈپ ھاياجانلاندىم ۋە پەخىرلەندىم. مەن بۇ ئالىيجاناب كىشىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە پەخىرلىنىمەن! ئاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
ئەمدى دىققىتىڭىزنى بۇ تېما ئۇچۇرىغا مەركەزلەشتۈرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇيغۇر كارتونچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتقان تالانتلىق ياش ئېرپان يارمۇھەممەد ئۈرۈمچىدە كارتون سىنىپى ئاچماقچى. مەن ئېرپان ئۇكىمىزنى يېقىندا ۋەتەندىكى تور بەتلەردە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا قويۇلغان ئۇلىنىشتىن ئوقۇڭ. بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئىنكاسلىرىدا كارتون توغرىلىق سىنىپلارنىڭ شىنجاڭدا ئېچىلىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. مانا مۇشۇنداق كۈچلۈك تەلەپلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئېرپان ئۇكىمىز ئۈرۈمچىدە كارتون سىنىپى ئاچماقچى. ياپونىيەنىڭ كارتونچىلىق ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ھەممىمىز كىچىكىمىزدىن ياپونىيەنىڭ كارتونلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇق، مەسىلەن: ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى، ئەقىللىق يىشۇ، ۋاسكېتبول ماھىرى، رازۋېدچىك كونان، نارۈتو قاتارلىقلار. ھەتتا كىچىك چېغىمىزدىكى كارتون فىلىملەرنى ھازىرغىچە ياقتۇرۇپ كۆرىمىز.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كارتونچىلىقمۇ كىنولىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تۇرمۇشى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەن كارتون فىلىملىرى بار. بۇنىڭغا قىزىقىش بىلەن بىرگە بەزىدە بىزنىڭمۇ ئۆز ئۆرپ ئادىتىمىز تەسۋىرلەنگەن كارتونلىرىمىز بولسىكەن دېگەن خىيالغىمۇ كېلىپ قالىمىز، بەلكى بۇ مىللىتىمىز ئارىسىدىكى نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئارزۇسى بولسا كېرەك. يېقىندا بىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ سەركىسى ئېرپان يارمۇھەممەد، بىزنىڭ بۇ ئورتاق ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەن كارتون فىلىمنى دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى.
ئېرپان يارمۇھەممەد ياشلىرىمىزنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش توغرىسىدا تېخىمۇ مۇكەممەل بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كارتون فىلىم ئىشلەشتىكى باشلامچى كارخانا قارلۇق شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭدا (ئۈرۈمچى) تەتىللىك كارتون فىلىم ئىشلەش تەربىيىلەش سىنىپ ئاچماقچى. قىزىققۇچى دوستلارنىڭ تىزىملىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. مېنىڭ پەرىزىمچە كارتون ساھەسى ئۇيغۇرغا ناھايىتى يېڭى بولۇپ، بۇ ساھەدە ئېچىلمىغان تەرەپلەر ئىنتايىن كۆپ. كەلگۈسىدە كارتون ساھەسىنىڭ دىيارىمىزدا ئىقتىسادى قىممەت يارىتىشى ئىنتايىن مول. بولۇپمۇ مۇشۇ ساھە ئارقىلىق خىزمەت يارىتىش ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى دەپ ئويلايمەن.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز ئېرپان ئۇكامنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقالايسىز.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-137605-1-1.html
تۆۋەندىكى بۇ قېتىم ئېچىلماقچى بولغان كارتون سىنىپىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى:
دەرس ئۆتۈش ۋاقتى: ئىككى ھەپتە، جەمئىي 60 سائەت.
ئۆتۈلىدىغان مەزمۇن: كارتون فىلىم تارىخى، ئاساسى نەزەرىيە، ھەرىكەت نەزەرىيىسى، ياپونچە ئىپادىلەش، بىرلىكتە فىلىم ئىشلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەلەپ ۋە شەرت: گۈزەل-سەنئەت ئاساسى بىر قەدەر ياخشى، دىسنېي شۇنداقلا ياپونىيە كارتون فىلىملىرىغا قىزىقىدىغان كەلگۈسىدە ئىمكانىيەت بولسا مۇشۇ ساھەدە ئىلگىرىلەشنى مەقسەت قىلغانلار.
تىزىملىتىش ۋاقتى: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 8-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە.
دەرس باشلاش ۋاقتى: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە.
ئوقۇش ھەققى: خەلق پۇلى 1280 سوم.
ئادرېس: ئۈرۈمچى شەھەر يەنئەن يولى 4-نومۇر شىنخۇا كىتابخانا بىناسى 4-قەۋەت.
تېلېفون: 0991-287-7080 فاكس: 0991-287-7016 پوچتا نومۇرى: 830049
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-2 01:03 PM