مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3070|ئىنكاس: 39
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دۇنيانىڭ كۆزىدە كىروران-كىرورانغا ئىگە چىقايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72258
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3079
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2015-7-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:28 AM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
دۇنيانىڭ كۆزىدە كىروران-كىرورانغا ئىگە چىقايلى
«ئايال پادىشاھ بىرىتانىيەگە ھۆكۈم ئەتسە ، مەن BBC  بىلەن دۇنياغا ھۆكۈم ئېتىمەن. » دۇنياغا داڭلىق ئاخبارات ۋاستىسى BBC لىدېرىنىڭ بۇ سۆزى ھازىرقى دۇنيادا تاراتقۇنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتەرلىك بولسا كېرەك. يەنە ئونلىغان مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن، ئەمما تېمىمىزغا كېلەيلى.
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى «فىلىم ئېمپىراتورى» ھوللىۋودنىڭ داڭلىق رېژىسسورى كەيسىلىن خادۋېيىك ئېنگىلىزچە (Catherine Hardwicke)بېيجىڭدا ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈش ئۈنۈمىدە يېڭىدىن ئىشلىمەكچى بولغان  تارىخى داستان «كىروران» فىلىمى ھەققىدە تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا «قۇدرەتلىك ئاسىيا كېنو شىركىتىنىڭ CEO سى  Ellen Eliasoph خانىم، ھوللىۋودنىڭ داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچىسى Janet Yang خانىم ، باش فىلىم ئىشلىگۈچى خۇياڭ ئەپەندى،  جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر كىنو-فىلىم ئىشلەش  مىنىستىرلىقى (بۆلۈمىنىڭ) (中国少数民族电影工程制片部主任) مۇدىرى نيۇ سوڭ 牛颂  ئەپەندى ۋە تاماششا ساھەسىدىكى 200دىن ئارتۇق زات قاتناشتى.  
                           Sina  تور خەۋەرلىرى 2015.06.29
يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى رەئىسىمىز شىجىنپىڭنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» پىلانى بىلەن رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىدا «چوڭ سەكرەپ» ئىلگىرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەكتە. يىپەك يولى ئەسلى ھالىتى «مەدەنىيەت يولى» ھالىتىگە قايتماقتا. بۇ ھەممىمىزنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر تارىخى پۇرسەت. ئەمما كۆڭۈللەرنى غەش قىلىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس. بۇ شانلىق مەدەنىيەتنىڭ ساھىبى ۋە ۋارىسى بولغان بىز بىر ئەۋلاد تارىخنىڭ رەھىمسىز تاللىشى ۋە تاۋلىشىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمىز. ياكى ئەقلىمىز بىلەن بۇ شانلىق مەدەنىيەتنى قايتا نۇرلاندۇرىمىز، ياكى بىخۇدلىقىمىز بىلەن قۇمغا بېشىمىزنى تىقىپ تۆگە قۇشى روھى بىلەن كېيىنكى ئەۋلادلارغا يۈز كېلەلمەيمىز.
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن يىپەك يولىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ھەققىدە بىزگە شۇنداق بىشارەتلەر بەرگەن :
ھەئە،  شۇنداق ! نەچچە ئەسىر «ئەسھابۇلكەھف» دەك ئۇخلىغان «يىپەك يولى» روھى ئويغاندى. مىلادىيدىن ئىلگىرى ياۋروپا-ئاسىيا بوشلۇقىدا جەۋلان قىلغان «يىپەك يولى» سۇمرۇغى قايتا قانات قاقتى. تارىخ ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى ئېراسىغا قەدەم قويدى. مەن يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئالاقىلىرى تارىخىنىڭ ئۈچىنچى ئىراسىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ قارايمەن. (يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت 56-57-بەتلەر)  
ھوللىۋود ئارقىلىق دۇنياغا تارقىلىدىغان بۇ مەدەنىيەت ئابىدىسىنىڭ داستانى دەل بۇ مەدەنىيەت ئالاقىلىرى مۇقەددىمىسنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى بولسا كېرەك. ئەمدى بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى بولغان بىزلەر «دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ» ئويلىنىشىمىز، ئويغىنىشىمىز بۇ پۇرسەتنى ئالتۇن قازىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرىشىمىز لازىم. ئۇنداقتا نىمىلەرنى قىلىش كېرەك؟
1.ئىگە چىقىش: ھەممىگە پەرۋاسىز قارايدىغان، ئاچچىق يەۋېلىپ بىر يېرى ئېچىشسا باشقىلاردىن رەنجىشتەك روھى ھالەتنىڭ قۇلى بولۇپ قالماي، بۇ فىلىمگە ئىگە چىقىشىمىز لازىم. مەيلى پۇل تېپىش، يۈز تېپىش ۋە ياكى نىمە مەقسەتتە بولسا بولسۇن بىر مىلياردقا يېقىن مەبلەغ سالىدىغانلىقى راست. پۇتۇن دۇنيادا تارقىتىلىدىغانلىقىمۇ راست، دۇنيادىكى ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك دەپ قارايدىغان بارلىق ئىنسانلار ( مەنمۇ بار) نىڭ بۇ فىلىمنى كۆرىدىغانلىقى راست. بۇ راستلارغا ئىگە چىقساق سىلەرچە ئەرزىمەسمۇ؟ ئەڭ ئاۋال پۇتۇن مىللەت ئەزالىرى بۇنىڭ بۇ رايوننى دۇنياغا تونۇتۇش بولىدىغانلىقىنى بىلىشى، بىر مىليارد لىق ئېلان بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى لازىم. قېنى «مىللەتنى دۇنياغا تونۇتىمىز، دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز.......» دەپ شۇئار توۋلايدىغانلار. ئىگە چىقامدۇق؟ ئەمىسە ئاۋال فىلىم ئىسمىغا ئىگە چىقايلى. فىلىمنىڭ خەنزۇچە ئىسمى «楼兰» توغرا قويۇلغان. ئەمما بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېنگىلىزچە ئىسمى خەنزۇچىسىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ قالغان .
   
بۇ رايوننىڭ ئىسمى «كىروران» . بۇ ئىسىم ئېنگىلىزچىمۇ شۇنداق يېزىلىشى، شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىش بەك مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك. سىلەرچە بۇ خاتا ئەمەستۇ؟ فىلىم شىركىتىگە بۇ تەكلىپنى بەرسەك ، نىيۇ سوڭ ئەپەندىگە بۇ تەكلىپنى بەرسەك «خاتالاشقان» بولارمىزمۇ؟
بۇ ھەقتە كىروران ھەققىدە «شىنجاڭ ئارخىلوگىيىسى» دە يېزىلغان بۇ بىر ئابزاسنى نەقىل كەلتۇرۇشلا يېتەرلىك.
«كروران-جۇڭگولۇقلارنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىدىكى كىچىككىنە يەرلىك پادىشاھلىقنى ئاتىشى. ئۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 176-يىلى ھونلارنىڭ تەڭرىقۇتى باتۇرنىڭ جۇڭگو خانىغا يازغان بىر پارچە مەكتۇپىدا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ نامى (خەنزۇچە) بىر مەھەل «楼兰» دەپ يېزىلغانىدى. لېكىن، تارىم ئويمانلىقىدا تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە، بۇ يەرنىڭ نامى كروراينا (kroraina) ياكى كرورايمنا (kroyaimna) دەپ ئاتالغان. » ئەگەر فىلىم ئىسمىغا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزسە بىزمۇ ئۇيغۇرچە خەتنى3D   لىق قىلىپ ئىشلىيەلەيمىز ، شۇنداقمۇ قارلۇق شىركىتى، شۇنداقمۇ داستان شىركىتى، شۇنداقمۇ مەن بىلمەيدىغان باشقا 3D ئۈنۈمىدە خىزمەت قىلالايدىغان باشقا شىركەتلەر..... بۇ شىركەتلەر ھەتتا ھەقسىز لاھىيلەپ بېرىدۇ قېنى شۇنداق دەپ ئاۋاز بېرىۋېتىڭلار . شىركىتىڭلاردىكى خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە تولۇق بىلىدىغان خادىملار فىلىم شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشسۇن. تەكلىپڭلارنى سۇنۇڭلار . ھازىر بازار ئىگىلىگىدىنمۇ نەچچە ھەسسە تىز ئۇچۇر ئىگىلىگى دەۋرى ھېچكىم سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى چېلىپ سىزدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ. ئىشىكنى سىز چالىسىز. مۇمكىن بولسا ئەينى ۋاقىتتا كىروران ئانىمىزنىڭ مومىياسى بىلەن بىللە تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى «كىروران» دىگەن ئىسىمنىمۇ كىرگۈزسۇن. ئاخىردا ھەممىمىز بىرلىشىپ تۇنجى دۇنياۋى يىپەك يولىدىكى تارىخى داستان «كىروران» فىلىمىنى «ئوسكار» ھەتتا باشقا يۇقىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشتۈرۈشكە تۆھپە قوشالىساق نە ئارمان!!!
يازمامنى ئالىم ئا. مۇھەممەدئىمىننىڭ يۇقارقى سۆزلىرى بىلەن تاماملاي:
ئۆزى ئويغانماي تۇرۇپ، خەلقنى سۆيىمەن دېمەكلىك بىر قۇرۇق داۋراڭ، خالاس!
مەن تارىخچىلىرىمىزنىڭ ئۆلگەن جەسەتلەردىن كۆرە تىرىك مىللەتكە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى، مائارىپچىلىرىمىزنىڭ كىتاب ۋە خېمىيىلىك ئانالىزدىن كۆرە رېئال تۇرمۇشقا قىزغىن خەيرىھخالىق قىلىشىنى؛ يازغۇچى-شائىر-ئەنزارچىلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋەقەلىرى چاتمىسىغا يوشۇرۇنغان ئەسىر-ئەسىرلىك چىنلىق قاتلىمىغا چۆكۈشىنى، ئۇلارنىڭ سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن پاراخۇتلار بولۇشتىن كۆرە، سۇ ئاستى كېمىلىرىدەك زېمىن باغرىدىكى ئوبيېكىتلار ئۈستىدە مۈتەپەككۇرانە پىكىر يۈرگۈزۈشىنى؛ بېيىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ قولغا كىرگۈزگىنى پاخال، قولدىن بېرىپ قويغىنى جاۋاھىرات بولۇپ قالماسلىقىنى پايدا-زىيان مىزانى قىلىشلىرىنى؛ ھەر دەرجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئاشلىق، پولات ۋە نېفىت مەھسۇلاتى ھەققىدە باش قاتۇرۇش بىلەن بىللە مىللەتنىڭ ئۇرۇقى، سۆڭەك – قوۋۇرغىسى، قەلبى ۋە قېنى ئۈستىدە تەخىرسىز تەپەككۇر قىلىشىنى؛ ئىللەت پاتقىقىغا چۈشۈپ قالغان ياش نوتا ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ ئۆز-ئۈزىنى تونۇپ، مىللەت كېلەچېكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەھرەمەن دىۋىدەك ئەلپازغا ئادەتلەنگەن سەلبىي ئەرۋاھلارغا ۋە ئىسىل مىجەز كىشىلەرگە كەلگەندە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئۇنىڭ كارامەتلىرى قەلبى نۇرلانغان، روھىيىتى نۇسرەت تاپقان خەلق ئارىسىدا ئاساسلىق كۈچتىن قالىدۇ!
لۇشۇن ئەپەندىنىڭ «سەۋدائى خاتىرىسى» ناملىق ئۆلمەس ئەسىرىدىكى مۇنۇ مەردانە چۇقاننى ھەر ۋاقىت تەكرارلايمىز: «ئادەم گۆشى يىمىگەنلەر بارمۇ؟ بالىلارنى قۇتقۇزۇڭلار!»
بۇ يازمىنى «يىپەك يولى دانىشمەنلىكى» دىن ئابدۇشۈكۈر تەييارلىدى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ergine + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر1 ساقلاشساقلاش3 قوللايمەنقوللايمەن2 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114895
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 702 سائەت
تىزىم: 2015-3-4
ئاخىرقى: 2015-7-4
2#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:38 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ئەمما ما تېما ئەتىگىچە ...................ھەيييييييييييييييييي................ماۋزۇسىنى دەھشەت قويۇۋىتىپسىز.....ئىسىت....   ماڭا قوشۇق چېلىشنى مدھەللىمىزدىكى توختى قوشۇق ئۆگەتكەن دېسىڭىزمۇ بىكار جۇمۇ ؟ تېمىڭىزدىكى ئارخىلوگلار ، مۇتىخەسىسلەر ئاشۇ توختى قوشۇق شۇمىكىن دەپ قالدىم ئۆزەمچە . توختى قوشۇقنى يا بىرسى ئىتىراپ قىلمىسا..................... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sintax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-2 05:51 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104338
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 399 سائەت
تىزىم: 2014-3-3
ئاخىرقى: 2015-7-3
3#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 07:30 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
يۈكسەك ھاياجانلىق ھىسيات بىلەن يىزىلغان يازما ئىكەن ، سۆزلەر شۇنداق دەب-دەبىلىك چىقىپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104338
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 399 سائەت
تىزىم: 2014-3-3
ئاخىرقى: 2015-7-3
4#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 07:31 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
يۈكسەك ھاياجانلىق ھىسيات بىلەن يىزىلغان يازما ئىكەن ، سۆزلەر شۇنداق دەب-دەبىلىك چىقىپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5379
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2064 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-7-3
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:29 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ئۇلۇس ھىسىداشلىققا مۇھتاج تېما ئىكەن .بۇنى تەشەببۇسنى بىز قولىمىزدا پۇل تۇتۇپ ،ئۆزىنىڭ تارىخىنى كىنو قىلىپ ئىشلىگەندە ئاندىن سۆزلىسەك قېممىتى بولىدۇ .
ھوللىۋودقا كىرىكى بىزنىڭ مېللىي ھىسىياتىمىز ئەمەس بەلكى بىلەت كىرىمى .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 774
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5358
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 660 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-7-3
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:31 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى تەشەببۇسكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 121889
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-6-24
ئاخىرقى: 2015-7-2
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:35 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ئەنسىرمەي تۇرالايتۇقمۇ، قېنى سىلەر زىيالىلار، كارخانىچىلار

يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6595
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5142 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2015-6-20
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:56 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
قوشۇلىمەن.

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100065
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2015-7-2
9#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:10 PM |ئايرىم كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار، قېرىنداشلار....ماڭا ئانا توغرىسىدا تەسىرلىك نەسىر لازىمتى.....مەن ئىزدىدىم ئىزدىدىم،،،يا ماڭا ئۇچرىمىدىمۇ ،يا جايىنى تاپالمىدىممۇ،،،پەقەت تاپالمىدىم ،،،،ياردەم قىلساڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100065
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2015-7-2
10#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:10 PM |ئايرىم كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار، قېرىنداشلار....ماڭا ئانا توغرىسىدا تەسىرلىك نەسىر لازىمتى.....مەن ئىزدىدىم ئىزدىدىم،،،يا ماڭا ئۇچرىمىدىمۇ ،يا جايىنى تاپالمىدىممۇ،،،پەقەت تاپالمىدىم ،،،،ياردەم قىل

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش