مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 561|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەن سېنىڭ قەدىرسىز ئۆلۈپ كېتىشىڭنى خالىمايمەن(3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119911
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2015-5-25
ئاخىرقى: 2015-7-3
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
قىزلىرىمغا يېزىلغان 17پارچە ۋېدالىشىش خېتى(داۋامى...)
ئاپتورى:فەۋزىيە كۇفىي(ئافغانىستان)
خەنزۇچە نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:ئۆمەر ئوغۇز
سۆيۈملۈك قىزلىرىم شۇررا بىلەن شاھزاتقا:
     مەن 20-ئەسىرنىڭ 70-،80-يىللىرىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم.ماڭغا مەلۇم،ئۇ چاغلار سىلەر ئۈچۈن تولىمۇ يىراق بىر زامان.ئۇ ۋاقىتتا،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى تولىمۇ تۇراقسىز بولۇپ،بۇ ۋاقىتتىكى ئافغانىستان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە  مۇتىھەملىكتە جاھاننى بېشىغا كىيگەن،ئۆزلىرىنى قانداقتۇر«ئىسلام غازاتچىلىرى»دەپ ئاتىۋالغان ئافغانىستان پارتىزانلىرىنىڭ زۇلمىنى يەتكىچە تارتقان ئىدى.
     ئۇ چاغلار،ئافغانىستان خەلقىگە ۋە مېنىڭ ئائىلەمگە،ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمدىكى بېشىمىزغا كېلىۋاتقان ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە بالايى-ئاپەتلەر تېخى ئەمدىلا بىخلانغان مايسىدەك،دەسلەپكى باسقۇچقا قەدەم قويغان مەزگىلى ئىدى.ئىنقىلاپ پارتلىغان يىلى،مەن تېخى ئەمدىلا 3 ياشتا بولۇپ،بۇ دەل بىر بالىنىڭ مۇھەببەتكە،بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ۋە ئائىلە مېھرىبانلىقىغا مۇھتاج بولىدىغان چاغلىرى ئىدى.لېكىن،ئۇ مەزگىلدىكى كۆپ سانلىق دوستلۇرۇمنىڭ ئاتا-ئانىلىرى پاكىستان ۋە ئىرانغا كۆچمەن بولۇپ،بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ بالايى-ئاپەتتىن قانداق قىلغاندا قۇتۇلۇپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر-بىرى بىلەن دەتالاش قىلىشاتتى.ئۇلار يەنە،كىچىك بالىلار ئىلگىرى ئاڭلاپمۇ باقمىغان «تانكا»،«تىك ئۇچار ئايرۇپىلان» دېگەنگە ئوخشاش غەيرىي بىر نېمىلەر توغرۇلۇق پاراڭلاشقاچقا،بۇ ھەقتە ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز كىشىلەر  بىر ياقتا قىزىقسىنغان ھالدا جىم تۇرۇپ پاراڭغا قۇلاق سېلىشاتتى.
     بىز بەزىدە،مەقسەتسىز ھالدا«تاجاۋۇزچىلىق»،«ئۇرۇش»،«پارتىزان ئىسلام غازاتچىلىرى»دېگەنگە ئوخشاش يېڭى ۋە غەيرىي سۆز-ئاتالغۇلىرىنى ئاڭلاپ قالاتتۇق،لېكىن بىز بۇ گەپ-سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى پەقەتلا چۈشەنمەيتتۇق.گەرچە بۇ ئۆسمۈر-بالىلار بۇ گەپ-سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ،لېكىن ئانامنىڭ ئاخشاملىرى ئۇلارنى چىڭ قۇچاغلاپ،ۋەھىمە ئىچىدە ئولتۇرىشىدىن،بۇ توغرىسىدىكى ئىشلارنىڭ قانداقتۇر بىر شۇملۇقدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدۇق.
     مەن سىلەرنىڭ ۋەزىيەت تۇراقسىز ئاشۇ چاغلارنىڭ قاباھەتلىك كەچمىشلىرىگە يولۇقمىغانلىقىڭلاردىن،ھەر كۈنى قورقۇپ-تەمتىرەپ يۈرمەيدىغانلىقىڭلاردىن تەڭرىگە مىڭ شۈكرى-سانالار ئېيتىمەن.ئۆسمۈر-بالىلار ،ئەسلىدىنلا بۇنداق زۇلمەتلىك كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەسلىكى كېرەك.
     سىلەرنى مەڭگۈ سۆيۈپ_سىلەرنىڭ ئاناڭلار
دادامنىڭ ئۆلۈمى
     1978-يىلى،پارتىزان ئىسلام غازاتچىلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندا ھەربىي ھەركەت قوزغىدى.بۇ مەزگىل يەنىلا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلى بولغاچقا،سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىش مەقسىدىدە،كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاپ ھەم ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىدى.ئافغانىستان-سوۋېت بىلەن پاكىستاننىڭ ئارىسىدىكى ئىسسىق پورت ئارلىغىغا جايلاشقان بولغاچقا،سوۋېت ئىتتىپاقى بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى فلوتىنى بۇ پورتقا ھەيدەپ كىرىپ،ئافغانىستاننى كونترول قىلىش ئارقىلىق ،ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش تەسىر كۈچىنى نامايەن قىلىپ،ئۆز مۇددڭئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى.شول سەۋەبلەر تۈپەيلى  ئاخىرى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
     ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا،ئافغانىستان جەڭچىلىرى،يەنى ھەممىگە مەلۇم بولغان پارتىزان ئىسلام غازاتچىلىرى،سوۋېت ئىتتىپاقىنى زەربە بىلەن چېكىندۈرۈپ،بۇ دۆلەتنىڭ مىللىي قەھرىمانىغا ئايلاندى.لېكىن شۇ پەيتتە،خەلقنىڭ قەلبىدە،بۇ پارتىزانلار ناھايىتى كەلسە ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بەدەخشان ئۆلكىسىدە ئاكتىپ ھەركەت  ئېلىپ بېرىۋاتقان،ھۆكۈمەتكە قارشى بىر ئىسيانچى قوشۇندىن ئىبارەت ئىدى.
      شۇ مەزگىلدە،كابول ھاكىمىيىتىدە يەنە بىر قېتىم سىياسىي ئۆزگېرىش يۈز بەردى.تەختنى تارتىۋېلىپ،سابىق پادىشاھنى چەتئەلگە سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان پرېزىدېنت داۋۇت ۋە ھەفىزۇللا.ئامىن ھاكىمىيەتنى ئۆز قوللىرىغا ئۆتكۈزىۋالدى.ئارقىدىنلا،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تاراكى ئافغانىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى.لېكىن بىرنەچچە ئايدىن كېيىن،سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ قورچاق ھاكىمىيەتنى ياقتۇرماي،ئامىننىڭ قولى بىلەن تاراكىنى ئۆلتۈردى.
     ئامىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن،ئافغانىستان تارىخىدىكى ئەڭ زالىم ھۆكۈمدار بولۇپ ئاتالدى.سوۋېت ئىتتىپاقى تىكلىگەن بۇ قورچاق ھۆكۈمەت،قارغۇلارچە قولغا ئېلىش ۋە قىيىن-قىستاققا تارتىش ۋاستىسىنى ئىشقا سېلىپ،خەلقنى قان-زار قاخشاتتى.ئۇ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەرباپلار،زىيالىيلار ۋە دىنىي داھىيلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇندى.بۇ كىشىلەر دائىم كېچىدە تۇتۇپ كېتىلىپ، ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە-پۇرچاس تۈرمىسىگە ئاپىرىپ سولىناتتى،ياكى دەرھال قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ،ئەڭ يامان بولغاندا،ھېچقانداق ھۆكۈم ئىجرا قىلىنماستىنلا،رەھىمسىزلەرچە مەخپىي ھالدا دەرياغا تاشلىۋىتىلەتتى.شۇ مەزگىللىدىكى،ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ۋەقەلەرنىڭ بىرى،نەچچە ئون مىڭلىغان جەسەتلەرنىڭ ئافغانىستان دەريالىرىغا توشۇپ كېتىپ، تاشقىن پەيدا قىلغانلىق ئېچىنىشلىق ھالىتى ئىدى.ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئامىن ھۆكۈمىتى ئەنە شۇنداق ھېچبىر سەۋەبسىز ئۆلتۈرگەن ۋە قولغا ئالغان ئافغانلىقلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئىدى.ئەنە شۇنداق ئاق تېررورلۇق قاپلىغان مەزگىللىدە،دادام قىلچە بوشاشماستىن،بەەخشان خەلقىنى بۇ بالايى-ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.ئۇ تەن جازاسىغا ئۇچراش ۋە ھەپسىگە ئېلىنىش خەۋپىگە پىسەنت قىلماي،ئۆز مەيدانىدا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇردى.بەلكىم ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر،ئۇنىڭ ئۆلۈگىدىن تىرىكى مۇھىم دەپ ھېسابلىغان بولسا كېرەك،كېيىنچە تۇيۇقسىز قارارىنى ئۆزگەرتىپ،ئۇنى بەدەخشانغا-ئۇ يەردىكى پارتىزان ئىسلام غازاتچىلىرىنى مۇرەسسەگە كۆندۈرۈشكە ئەۋەتتى.ھۆكۈمەت ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ،ئەگەر ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىسا،ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.
‏     تېنچلىق تەرەپدارى بولغان دادام ئۈچۈن ئېيتقاندا پارتىزانلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشقا ئىشەنچى كامىل ئىدى،چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن پارتىزانلارمۇ ئافغانلىق قېرىنداشلار-دە.بۇ ۋاقىتتىكى دادام جەمىيەتنىڭ ئۆزگېرىشچانلىقى،خەلقنىڭ ھەققانىيلىققا بولغان ئىنتىلىشىنى چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇپ يەتكەن ئىدى.پارتىزانلارمۇ بەدەخشانلىق بولغاچقا،ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگۈتۈپ،دەردىنى ئاڭلاش،پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارغا ياردەم بېرىپ،ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بەل باغلىدى.
‏     لېكىن،دادام ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرگۈزمىگەن بىر ئىش شۇ بولدىكى،ئۇ بەكمۇ ئىشەنچ قىلغان ئافغانلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىممەت قارشى،ئىسلام دىنى ئەن-ئەنىسى ۋە ئۇ چوڭقۇر ئىشەنگەن ئادالەت ئەينى چاغدا كۆيۈپ كۈل بولغان ئىدى.نەتىجىدە،تەڭرى ئۇنىڭغا بۇ سەۋەبنى ئېنىقلاشقىمۇ پۇرسەت بەرمىدى.
‏     ئۇ زېممىسىگە ئارتىلغان بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كەيپىياتى چۈشكۈن ھالدا بەدەخشانغا يېتىپ كەلدى.ئۇ ئامىن ھۆكۈمىتىنى ياقتۇرمايتتى،لېكىن،ئافغانىستان خەلقى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەم بىلمەيتتى.ئۇ پۈتۈن ئۆلكىدىكى ئاقساقاللارنى يىغىپ،گىلگا يىغىنى(قەبىلە ئاتامانى ۋە ئاقساقاللار يىغىلىشى)نى ئاچتى.ئۇ كابولدىكى بىلگەن-ئەتكەنلىرى توغرىسىدا:ھۆكۈمەتنىڭ بىگۇنا ئاەم ئۆلتۈرگەنلىكى،ھېچكىمنىڭ بۇ توغرۇلۇق ئېغىز يېرىپ ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقى؛ھۆكۈمەت يەنە ياشلارنىڭ يېڭىلىق قوبۇل قىلىشىنى توسۇپ،ئۇلارنىڭ باشقىچە قاراشقا ئىگە بولۇشىدىن ساقلانماقچى بولغانلىقى،بۇ خىل بېسىم زىيالىيلارنى ساراسىمىگە سېلىپ قويغانلىقى؛سىياسىي جەھەتتىكى غەيرىي قاراشتىكىلەرنىڭ باستۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سۆزلىدى.
‏     شاھ پادىشاھ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللىدە،ئافغانستان تەرەقىياتى ئەڭ تېز بولىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى.قار تېيىلىش مەيدانى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئەۋج ئالغان،ساياھەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان،ھازىرقى زامان توكلۇق ئاپتوبۇس قاتناش سېستىمىسىغا تاۋارلىشىش ئاساس قىلنغان دېمۇكىراتىك تۈزۈم قوشۇلۇپ،ئىلگىرى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرگەن بىر خىل كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئافغانىستاننىڭ ئەھۋالى كۆڭۈلنى تولىمۇ يېرىم قىلاتتى.
‏     بىر قىسىم تاغقا قېچىپ چىقىپ پارتىزانلارغا قوشۇلغان ئافغانلىقلار چىن كۆڭلىدىن ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىمەن دەپ ئويلايتتى.گەرچە دادام ھۆكۈمەت خادىمى بولسىمۇ،پارتىزانلارنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىغا ھۆرمەت قىلاتتى.ئۇ ھەرقايسى قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدى.گىلگا يىغىلىشىدا ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن تالاش-تارتىشلار بىرقانچە سائەت داۋام قىلدى.بىر قىسىم كىشىلەر ئىسيانچىلارغا قوشۇلماقچى بولدى،يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ھۆكۈمەتكە يان باستى.ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا يەرلىكلەرنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.ئاخىرىدا،بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ،سۈزۈك ۋە يۇقۇرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى:«ئەپەندىم،بىز نامراتلىقتا ھالىمىز خارابلاشتى،يەنە ئۇرۇش قىلغىدەك مادارىمىز يوق.ھازىرقى بىردىن بىر تاللىشىمىز پارتىزانلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ،ئۇلارنى تاغدىن چۈشۈشكە كۆندۈرۈش.»ئاخىرىدا كۆپچىلىك توپىلاڭچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.دادام ۋەكىللىك قىلىۋاتقان خەلققە تۈپتىن ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بەل باغلىدى ھەمدە ئەزەلدىن بۇ غايىسىدىن باش تارتىپ باقمىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قوللىغۇچىلىرىنىڭ چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى.ئۇ پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەرقايسى رايونلاردىن يىغىلغان ئاقساقاللار ۋەكىللىرىنى باشلاپ،ئاۋام ئالدىدا ھېچقانداق ئورنى قالمىغان بىر ھۆكۈمەت ئۈچۈن پارتىزانلارنىڭ قېشىغا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئاتلانماقچى بولغىنىدا،ئۇلارنى توسۇيدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى.
‏     شۇنداق قىلىپ، قەبىلە ئاقساقاللىرى دادامنىڭ باشلامچىلىقىدا،ئاتلىرىغا مىنىشپ،ئىسيانچىلار تۇرىۋاتقان پامىرنىڭ ئىچكىرسىدىكى لاگىرى(بارگاھى)غا قاراپ ئاتلاندى.ئافغانىستاننىڭ شەرىقى شىمالىغا جايلاشقان گۈزەل پامىر تاغ تىزمىسى ھەم ئېگىز ھەم خەتەرلىك بولۇپ،مۇنبەت،ياپيېشىللىققا پۈركەنگەن جىلغىلاردىكى قىيا تاشلار قۇياش نۇرىدا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە كۆك،يېشىل،قىزغۇچ ۋە بېغىررەڭگە ئۆزگېرەتتى.ئارقىدىنلا،بۇلۇتقا تاقاشقان ئېگىز،قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارلىق چوققىلار كۆزگە چېلىقاتتى.تا ھازىرغىچىلىكمۇ،بەدەخشاندا ئاران بىرقانچە تاش يوللا بار ئىدى.چۈنكى،ئۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە ئات،ئېشەك ماڭىدىغان يوللار بار بولۇپ،بۇ يوللارنىڭ بەزىلىرى ھەم تار ھەم تىك بولغاچقا،ئادەملەر ئامالسىز ئاتتىن چۈشۈپ ئىگەرنىڭ قۇيرۇق قىسمىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ ئاتقا ئەگىشىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولاتتى. شۇنىڭدىمۇ،پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ قاپلاپ،كۆزىنى چىڭ ئېتىۋېلىپ،تەڭرىدىن ئىگەرنىڭ چىڭ توقۇلغان بولۇشىنى،بۇ يەردىن تېچ-ئامان ئۆتۇۋېلىشنى تىلەيتتى.ئەگەر تاساددىپى تېيىلىپ كېتىپ قالسا،شۇ زامات چوڭقۇر ھاڭدىكى تاغ قاپتىلىدا شاۋقۇن سېلىپ ئېقىۋاتقان مۇزدەك ئېقىن سۇغا غۇلاپ چۈشەتتى-دە،شەكسىز ھالاك بولاتتى.
      سەپەردىكى كىشىلەر بىر كۈنلۈك ئۇزۇن يوللۇق سەپەر ئازاۋىدىن كېيىن، ئاخىرى خۇددى كۆك ئاسمانغا تۇتاشقاندەك ھېس-تۇيغۇنى ھاسىل قىلدۇرغان پامىر تېغىنىڭ بىر تەبىئى تۈزلەڭلىكىگە كېلىپ توختىدى.قىش پەسلىدە،ئۆلكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بۇ يەرگە يىغىلىشىپ،غەرب ئەللىرىدە ھازىرقى ئات-توپ تەنھەركىتىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولغان بۇزكاش ئويۇنى(ئوغلاق تارتىشىشنىڭ بىر تۈرى)نى ئوينىشاتتى.بۇ خىل پائالىيەت ئات مىنگۈچى بىلەن مىنىلگەن ئات ئوتتۇرسىدىكى يۇقۇرى سەۋىيىلىك  ماسلىشىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ھەركەت ئىدى.ئالدى بىلەن ئات مىنگەن ماھىر چېپىپ بېرىپ بىر ئۆلتۈرۈلگەن ئىنەكنىڭ ئۆلۈكىنى ئېلىپ كېلىپ،مەيداندىكى بەلگە قويۇلغان جايغا تاشلايتتى(ئەمىلىيەتتە بۇ،بۇرۇنلاردا،مەھبۇسنىڭ ئۆلۈكىنى تالىشىپ ئوينايدىغان ئويۇن شەكلىدىن ئۆزگېرىپ كەلگەن ئىدى).بۇ خىل ئويۇننىڭ سۈرئىتى تېز،خەتەرلىك ۋە كىشىنى ھاياجانغا سالاتتى،بەزىدە نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ ئادەم ئاتقا مىنىپ بۇ ئويۇننى ئوينايتتى(مۇسابىقىگە چۈشەتتى).بۇ ئويۇن بەزىدە ھەتتا بىرنەچچە كۈنگىچە داۋاملىشاتتى.بۇ خىل ھەركەت ۋەھشىلىكنى،خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى،پەم-پاراسەتنى تەلەپ قىلاتتى،بۇ ئويۇنغا ئىشتراك قىلغان ماھىر،ئافغانىستان چەۋەندازلىرىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىدى.  
     لېكىن دادام ھازىرقى پەيتتە،بۇزكاش ئويۇنى توغرىسىدا ئويلاشقا ھەپسىلىسى يوق ئىدى.ئۇ بېشىغا پاقلان تېرىسىدىن ئېتىلگەن تۇماق كىيىپ،چىرايلىق ئاق ئېتىدا سالاپەت بىلەن ئولتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتاتتى.توساتتىن ئالدىدىكى يولنىڭ ئوتتۇرسىدا 3 يوچۇن ئادەم پەيدا بولۇپ،رىفلېلىق مىلتىقلىرىنىڭ ئىستىۋولىنى ئۇلارغا تەڭلىدى.
     ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سۆرۈن تەلەت بىرسى يۇقۇرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى:«بۇ سەنمۇ،ۋەكىل.ئابدۇللا.راھمان؟مەن بۇ يەردە سېنىڭ قېنىڭنى ئىچكىلى پۇرسەت كۈتۈپ ياتقىلى نەۋاق.»دادام قىلچە ھودۇقماستىن ھېلىقى سۆرۈن تەلەتكە دادىللىق بىلەن تىكىلدى ۋە:«بىلىشىڭلار كېرەككى،ھۆكۈمەت ناھايىتى كۈچلۈك،سىلەر ھەرگىزمۇ ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيسىلەر.مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىدىم پەقەت سىلەرنى ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قايىل قىلىش،سىلەرنى ھەمكارلىشىشقا كۆندۈرۈش.ئەمما خاتىرجەم بولۇڭلاركى،مەن سىلەرنىڭ شىكايىتىڭلارنى ئەستايىدىل ئاڭلايمەن،پىكرىڭلارنى پارلامېنتقا يەتكۈزۈشكە كاپالەت بېرىمەن»دېدى ۋەزمىن ئاھاڭدا.ھېلىقى ئادەم ھېچنىمە دېمەستىن سوغۇقلا كۈلۈپ قويدى-دە،ئۇنىڭغا قارىتىپ مىلتىقىنىڭ تەپكىسىنى بېسىۋەتتى.ئارقىدىنلا يىراق بولمىغان قويۇق ئوت-چۆپ باسقان تاغ قاپتىلىغا يوشۇرۇنغان پىلىموتتىن بۇ تەرەپكە قاراپ تاراسلاپ ئوق يېغىشقا باشلىدى.قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان بۇ ئادەملەر توپى بىردىنلا قالايمىقانلىشىپ،جان قايغۇسىدا تۆت تەرەپكە پىتىراپ كەتتى.
تۇيۇقسىزئېتىلغان ئوقتا دادامنىڭ ئېتىغا ئوق تەگدى.ئات ئاغرىققا چىدىماي ئالدى ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتىرىپ قاتتىق كىشنىۋەتتى،دادام تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقانلىقتىن  پۇتى ئاتنىڭ ئۆزەڭگىسىدىن ئاجراپ كېتىپ،ئۆزى ئاتنىڭ قۇيرۇق تەرىپىگە موللاق ئېتىپ چۈشكەن بولسىمۇ،لېكىن گەۋدىسى ئاتقا ئېسىلىپ قالدى.يارىلانغان ئات ئۇنى سۆرەپ بىر كىچىك ئۆستەڭ تەرەپكە قاراپ چېپىپ كەتتى.بۇ كىچىك ئۆستەڭ بۇزكاش تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ بىر تەرىپىنى بويلاپ تاغ تۆۋەينىگە قاراپ سوزۇلۇپ چۈشكەن ئىدى.بىر قىسىم ياش يىگىتلەر دادامنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇندى.لېكىن ئۇ يۇقۇرى ئاۋازدا ئۇلارنى ئۆزى بىلەن كارى بولماي،جېنىنى قۇتقۇزۇشقا بۇيرىدى.ئۇ ئاتقا سۆرۈلۈپ يۈگۈرگەچ:«مەن بىر دۆلەت خادىمى،ئۇلار ماڭغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ،چوقۇم چىرايلىقچە سۆزلىشىدۇ،ئەمما سىلەرگە رەھىم قىلىپ ئولتۇرمايدۇ.تېز جېنىڭلىنى ئېلىپ قېچىڭلار!»دەپ ۋارقىرىدى.پارتىزانلار ئاخىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىشىۋالدى.ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن،ئۇنى ئىككى كۈنگىچە گۆرەگە تۇتۇپ تۇردى.بۇ جەرياندا ئۇلار ئۇنىڭغا گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرگەن-بەرمىگەنلىكى،ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغان-ئاڭلىمىغانلىقى،ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىنى ئويلاشقان-ئويلاشمىغانلىقى،ئۇلارنىڭ دادامغا تەن ئازاۋى بەرگەن-بەرمىگەنلىكى ۋە ئۇنى ئار-نومۇس ئىچىدە ئازاپلىغان-ئازاپلىمىغانلىقىدىن خەۋەرسىزمەن.لېكىن،ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىك مۇسىبەت خەۋېرى يېتىپ كەلدى.
       دادامنىڭ قۇربان بولغانلىق خەۋېرى ناھايىتى تېزلا پۈتۈن يېزىغا(ئەلبەتتە بەدەخشانغىمۇ ئاۋال)  تارالدى،گەرچە ئورنى چەت بولسىمۇ،لېكىن خەۋەرنىڭ تارقىلىشى يەنىلا ناھايىتى تېز بولدى.چۈنكى بۇ يەردە بىر يۈرۈش تەرەققىي تاپقان جىددىي خەۋەر يەتكۈزۈش سېستىمىسى بار بولۇپ،بۇ خەۋەرلەر يول بويى بىر كىچىك يېزىدىن يەنە بىر كىچىك يېزىغا كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزىلەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،دادامغا ئەگىشىپ بارغان بىر قىسىم كىشىلەر قايتىپ كېلىپ،ئاتلارنىڭ ئوققا تۇتۇلۇش جەريانىنى يېزىدىكىلەرگە ئېيتىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.ئىسلام دىنى ئەقىدىسىگە ئاساسەن،ئادەم ئۆلۈپ 24 سائەت ئىچىدە چوقۇم بېشىنى مەككىگە قارىتىپ دەپنە قىلىنىشى كېرەك ئىدى.ئائىلىدىكىلەر دادامنىڭ جەسىدىنىڭ تاغ ئارىسىدا يىگانە تاشلىنىپ قېلىپ،روھىنىڭ قورۇنۇپ قېلىشىغا چىدىماي،ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە بەل باغلىدى.لېكىن پارتىزانلار گەپ ئەۋەتىپ،ئەگەر كىمدە-كىم جەسەتنى ئېلىپ كېتىشكە پېتىنىدىكەن،شۇنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالدى.بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھېچكىم ئۆز ھاياتى بەدىلىگە تەۋەككۈل قىلىپ جەسەتنى قايتۇرۇپ ئەكېلىشكە پېتىنالمىدى.
     جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ جەسەتنى قايتۇرۇپ كېلىشتەك بۇ مۈشكۈل ۋەزىپە ئويلىمىغان يەردىن بىر ئايالنىڭ-جادانىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى.چوڭ ئاپام جادا بىرنەچچە قۇر يوپكىسىنى ئېلىپ،ئۇچىسىغا نىمچە كىيدى-دە،شۇ يەردىكى ئەرلەرگە،ئۆزىنىڭ ھازىر ۋەكىل.ئابدۇللا.راھماننىڭ جەسىدىنى ئەكەلگىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇپ،تېز قەدەملەر بىلەن تاغ تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.ئۇنىڭ ئېرى بىلەن دادامنىڭ بىر شىرەم ئاغىسى ئامالسىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدى.
     ئۇلار 13 سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن ئاخىرى دادامنىڭ جەسىدىنى ئۇچراتتى.ئەسلىدە پارتىزانلار جەسەتنى يېزا بىلەن لاگىر ئارلىغىدىكى يېرىم يولغا ئەكېلىپ تاشلاپ قويغان ئىكەن.
     ئۇ ۋاقىتتا مەن ئەمدىلا ئۈچ يېرىم ياشتا بولۇپ،دادام ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى كۆپچىلىكنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ھەسرەتتە قالغانلىقى ھازىرغىچە ئېسىمدە ناھايىتى ئېنىق تۇرۇپتۇ.يېزىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ كۆز يېشى قىلمىغان بىرىمۇ قالمىغان،يېزا ئىچىنى ۋەھىمە قاپلىغان ئىدى.ئۇ كۈنى ئاخشىمى،كارۋاتتا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆرۈلۈپ كېچىچە ئۇخلىماي،قۇلىقىمنى دېڭ تۇتۇپ سىرتتىن بىرەر شەپىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ  ياتتىم.كېچە سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا ئاخىرى چوڭ ئاپامنىڭ يۇقۇرى ئاۋازدا ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ،ئۇنىڭ يېزىغا قايتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.ئۇلار كۆتۈرۈپ كەلگەن جىنازىنى يەرگە قويۇشتى.
     «ۋەكىل.ئابدۇللا.راھمان قايتىپ كەلدى!كۆپچىلىك چىقىپ ئۇنى قارشى ئېلىڭلار!بىز ئۇنى قايتۇرۇپ كەلدۇق،ۋەكىل.ئابدۇللا.راھمان قايتىپ كەلدى!»دەپ ۋارقىرايتى چوڭ ئاپام.مەن ئورنۇمدىن ئىرغىپ تۇردۇم-دە،ئىچىمدە:«دادام تېخى ھاياتكەن،ئۇ قايتىپ كەپتۇ دەپ ئويلۇدۇم».
‏      ئەمدى ھەممە نەرسە ئەسلىگە كېلىدىغان بولدى.چۈنكى،دادام قايتىپ كەپتۇ،ئۇ تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ،ئۇ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى ياساپ تەسەللى بېرەلەيدۇ.
‏      مەن يالاڭ ئاياق پېتى ئۇچقانداق يۈگۈرۈپ كوچىغا چىققاندا،ئانامنىڭ ئۆز ئورنىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرغىنىنى، كۆز يېشىنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،يۈرىگىم جىغغىدە قىلىپ قالدى،ئۇنىڭ يېنىدا توختاپ،پۇشقىغىغا ئېسىلدىم.ئالدىمىزدا دادامنىڭ جەسىدى ياتقۇزۇغلۇق تۇراتتى.ئۇنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ ئوق تەككەن يېرىدىكى بىر پارچىسى يوق بولۇپ، كاۋاك ھالەتتە ئىدى.
‏       مەن ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىم،گەرچە ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ،لېكىن بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاۋالقىدەك پاراۋان بولمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدىم.
‏      دادامنىڭ مىيىتى دەپنە قىلىنغىچە،قورو سارايغا يۆتكەپ كېلىنىپ،ئۇنىڭ پارىژ ھوجرىسىغا قويۇپ قويۇلدى.ئانام ئۇنىڭ مىيىتى قېشىدا ئەتىسى ئەتتىگىنى مىيىتى ئۇزۇتۇلغىچە ھەمرا بولۇپ تۇردى.بارلىق ئاغىچىلىرى(خوتۇنلىرى)ئىچىدە،ئانام دادامنىڭ مىيىتى بىلەن ۋىدالاشقان ئەڭ ئاخىرقى بىردىن بىر ئايالى بولۇپ قالدى.بۇ ھوجرىدا،ئانام مەن ۋە باشقا پەرزەنتلىرىگە ئېغىر ئاياق بولغان،دەل يەنە مۇشۇ يەردە،ئانام بىلەن دادام ئىلگىرى ئاسانلىقچە قولغا كەلمەيدىغان بىر پۇرسەتتە بىللە يېتىپ مۇڭداشقان ۋە پۈتۈنلەي ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولغان ئىللىق مۇھىت بەرپا قىلغان ئىدى.ئانام ئىلگىرىمۇ يولۇقۇپ كېلىۋاتقان قايغۇ-ھەسرەتلىك تۇرمۇشىغا چىداپ كەلگەندەك،بۇ قېتىممۇ ئۈن-تۈنسىز ھالدا دادامنىڭ مىيىتىنى جىنازىغا قويۇش ئالدىدىكى بارلىق تەييارلىقلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇ مانا مۇشۇنداق ئىزەت-ئابرويلۇق ۋە مەسئۇلىيەتچان بىر ئايال ئىدى.ئۇ دادامنىڭ ئۆلۈمىدە ئۈن سېلىپ يىغلىمىدى،پەقەت تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا باش ئېگىپ،دادامنىڭ مىيىتىنى ئۆز قولى بىلەن يۇيۇپ-تاراپ،كىيىملىرىنى ئالماشتۇردى.دادام گەرچە بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقان بولسىمۇ،ئانام يەنىلا ئۇ ھايات ۋاقتىدىكىدەك ئۇنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى.
‏      ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە،مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئادەملەر كۇفىي يېزىسىغا يېتىپ كېلىپ،دادامنىڭ مىيىتى بىلەن خوشلاشتى.كىشىلەرنىڭ قايغۇلۇق چىرايىدىن ،ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىسى،خۇددى ئاسمان ھازىرلا بىركىمنىڭ بېشىغا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك ھالەت ئەكس ئېتىپ،پۈتكۈل كەيپىياتتا ئېغىر ئۈمىدسىزلىك ھالەت بىلىنىپ تۇراتتى.
‏     چېچى كۈمۈچتەك ئاقارغان،ئېغىز-بۇرنىنى قويۇق ئاپپاق ساقال-بۇرۇت قاپلىغان بىر بوۋاي،بېشىغا ئاپپاق،يوغان سەللە ئوراپ،ئۈستىگە يېشىل كەمزۇل كىيگەن ھالدا،باغدا خۇددىي كىچىك بالىلاردەك يىغلاپ ئولتۇراتتى.دادام ئاخىرى ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى بىر كىچىك تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىلىپ،مەككىگە ۋە ئۇ ئىلگىرى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن كۇفىي تېغىنىڭ بىر جىلغىسىغا قارىتىپ دەپنە قىلىندى.
‏      يېزىمىزدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا،ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ،دەرت-ھالىغا يېتىدىغان بىر كىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپلا قالماي يەنە،بۇ دۆلەتتىكى سىياسىي مالىمانچىلىقنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.ئۇزاق ئۆتمەي،ئافغانىستان ھەقىقەتەن بىر مەيدان ئومۇمى يۈزلۈك ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە كىردى.
‏ ئائىلىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا،دادامنىڭ ئۆلۈمى -بىزنى تۇرمۇشىمىزدىن،بايلىقىمىزدىن،ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈكىدىن ئايرىش بىلەن بىرگە،داۋاملىق ياشاش يولىمىزنىمۇ ئېتىپ قويغان ئدى...
‏ داۋامى بار...

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0
بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ناھايىتىمۇ قاتتىت يامغۇر ياغدى!كەيپىيات نۆل!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119068
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2015-5-12
ئاخىرقى: 2015-7-3
2#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:06 PM |ئايرىم كۆرۈش |
داۋامىنى تىزرەك ئەۋەتسىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2687
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-7-4
3#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:25 PM |ئايرىم كۆرۈش |
داۋامىنى تېزرەك يوللىسىڭىز ، شۇنداق قىلىپ يېتىمچىلىكتە ياشاپتۇ ھە ، ئافغانىستاننىڭ شۇ ۋاقتتىكى ئەھۋالىدا قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەندۇ ؟
بىلگىم كېلىۋاتىدۇ ، شۇڭا تېزرەك يوللاڭ ،

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 2034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1526 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-7-4
4#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:48 PM |ئايرىم كۆرۈش |
نەچچە كۈنلەردىن بۇيان تازا زەن سالمايلا بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى چىقمىدى دەپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ؟ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاتىمەن قېرىندىشىم ...داۋامىغا تەشنامەن.....كۈنلىرىمىزگە  شۈكۈرلەر بولسۇن

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33406
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4909
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 744 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2015-7-3
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:06 PM |ئايرىم كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يوللارسىز.

سىز ئالدىرماڭ سىزگە كىلۇر،ئاستا ئالدىرماڭ تىز كىلۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2687
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-7-4
6#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 05:20 PM |ئايرىم كۆرۈش |
داۋامى يوللانماپتىغۇ تېىخى

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش