|
|
|
|
يەكەن خەلىق قۇشاقلىرىدىن پارچىلار ئالمائاتتىم دەرياغا، لەيلىۋېلىپ چۆكمەيدۇ. سەن يايرىمنىڭ ئوتلارى، يالقۇنلايدۇئۆچمەيدۇ.
ئالمىنىڭ تاياقىمۇ، بىييىنىڭ تاياقىمۇ. قۇلۇم ئىشقابارمايدۇ، يارنىڭ ئىشتىياقىمۇ.
مەن ساڭاكۈيۈپ قالدىم، كۆيگىنىمنى بىلەمسەن. تۇتقازمايسەن قۇلۇڭنى، بىرنى سۆيسەم ئۈلەمسەن.
ئۆستەڭ ياقىلاپ بېرىپ، تۇتقان سۇلىرىڭ قايماق. مىنى يامان دەپ بېرىپ، تۇتقان يالىرىڭ مايماق.
يالاڭ پاچاق بۇلۋاپسىز، كىيىنىشنى بىلمەمسىز. يارئۈستىگەيارتۇتۇپ، ئۇيۇلۇشنى بىلمەمسىز.
يۇلغۇن چېچىگى چېچەك، ئۈرۈك چېچىگى چېچەك. مىنى يامان دەپ بېرىپ، تۇتقان يالىرىڭ پۈچەك.
دەرياقىرغىقى شورلۇق، پۇتۇمغاپاتقىنى پاتقان. سەن يارنىڭ پىراقىدا، يىغلاپ ئاغىرىپ ياتقان.
قىزىل گۈلنى دىمىسەم، غۇنچىسىنى ئۈزگۈم يوق. سەن يارىمنى دىمىسەم ، بۇشەھەردە تۇرغۇم يوق.
يولنى ماڭدىم پەم بىلەن، چاينى ئىچتىم تەم بىلەن. ۋەدەقىلغان بۇيۇنچە، ئۆمۈربويى سەن بىلەن.
تۇڭلۇك قاقاراپ ياتسام، ئاينىڭ شولىسى چۈشتى. ئوماق يارنىڭ جامالى، كۆزۈم دىن ئەجەپ ئۇشتى.
توپلاپ:رەتلىگۈچى يەكەن ناھىيەئېلىشقۇبازارئويباغ كەنتىدىن.ئابلىزئوبۇل فونتان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا فونتان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-1 09:37 PM
|
|
|
|
|
|