مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 897|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سىنالغان سۆيگۈ 6 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115335
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 143
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2015-3-17
ئاخىرقى: 2015-7-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
                                         سىنالغان سۆيگۈ
  يۈگرەۋاتىمەن ،قەدەملىرىم توختايدىغاندەك ئەمەس .يۈرىكىم خۇشاللىقتىن تېپچەكلىمەكتە .بۇ خۇشاللىقتىن كۆزلىرىم ئۆزىنى تۇتۋالالماي خۇشاللىق ياشلىرىنى يۈزلىرىمگە سۆيدۈرمەكتە .ئەسلى بەخىت يېنىمدا ئىكەنتۇق .ئۇنى ئۆزەم ھىس قىلالماپتىمەن .بۇنى ئارمان ماڭا ھىس قىلدۇرمىدى .ئۇ ئۆزىنىمۇ ،مىنى ئالدىدى ،ئازاپلىدى .لىكىن نىمىگە ئىرىشتى ؟ئۇ نىمشقا مىنىڭ ھەقىقى بەختىمنىڭ ئۈزى ئىكەنلىكىنى ،مەيلى قايسى كۈن كەلسۈن ئۈزىدىن ئايرىلمايدىغىنىمنى ھىس قىلالمىغاندۇ؟تەغدىر ساڭا نىمە چاقچاقلارنى قىلمىدى زۆھرە ؟ساڭا تەۋە بولغان بۇ بەخىتنى چىڭ تۇت .مەيلى قايسى كۈن كەلسۇن ،نىم ئىش بولسۇن ئارماندىن ئايرىلما .ئەمدى ئۇنىڭ قۇلىنى قۇيۇپ بەرمە .بەختىڭنى قاچۇرۋەتمە .ھەي ئەخمەق ،ئەجىبا مەن سىزدىن ئايرىلسام بەخىتلىك بولارمەنمۇ ھە!نىمىشقا بۇلارنى ئويلاپ يەتمىگەنسىز ھە!ئەمدى سىزنى چىڭ تۇتقىنىم چىڭ تۇتقان .ئەمدى قۇلىڭىزنى ھەرگىز قۇيۋەتمەيمەن .سىز مىنىڭ خۇشاللىقىم ،بەختىم،كەلگۈسۈم ئىدىڭىز ئارمان .ئەمدى مىنى ،ئۆزىڭىزنىمۇ قىينىماڭ .مەن كەلدىم ،ئەمدى كەتمەيمەن ......شۇلارنى ئويلاپ دوختۇرخانىغىمۇ كەلدىم .باھار مىنىڭ كېلدىغىنىمنى پەملەپ بولدىمۇ ياكى بۇلار ئەمدى كېلەمدۇ بىلمىدىم دوختۇرخانىدا ئارمان يالغۇز ئىدى .ئۇ يەنە ئىككمىزنىڭ بىللە چۈشكەن رەسىمىگە قاراپ ئولتۇراتتى .ئۇنىڭغا ئاچىققىم كەلدى .مىنى سۈيۈپ تۇرۇپ يەنە ئازاپلىغىننى.مەن ئاستا بالنىسخانىغا كىردىم .ئىشىك ئېچىلغان ئاۋازدىن مەن تەرەپكە قارىدى .ئۇ مىنىڭ كىلىشىمنى ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك سەل جىددىيلىشىپ كەتتى .مەن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم .ئۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپ قوپال ئاۋازدا:
  -نىمىگە كەلدىڭىز؟بۇرۇن كەلگەنلىرىڭىز ،مەندىن يىگەن ئازارلىرىڭىز يەتمىدىما؟
  -شۇنداق ،يەتمىدى .ماڭا بەرگەن ئازاپلىرىڭىزلا ئەمەس ،سۆيگىڭىزمۇ يەتمىدى .
  -نىم دىمەكچى سىز،بىزنىڭ ئىشىمىز ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان .كىتىڭ ،كۈزۈمگە كۈرۈنمەڭ .ئۇ شۇنداق دەپ كۈچەپ توۋلاشقا باشلىدى .
  -بولدى قىلىڭ ،قاچانغىچە مىنىمۇ ،ئۆزىڭىزنىمۇ قىيناپ ئۆتىسىز ئارمان ؟تۈگدى دىگەن بىلەن ھەممىسى تۈگەمدىكەن ؟ماڭا بولغان سۆيگىڭىز ،مۇھەببىتىڭىز ھەممىسى تۈگدىما ؟
   -شۇنداق ،ھەممىسى تۈگدى .ئۇنىڭ كۆز ئەتراپى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى .
  -ئەمسە بۇچۇ ؟بۇ نىمە نىمىشقا بۇلارنى ساقلايسىز ؟نىمىشقا رەسىمىمگە قاراپ ئولتۇرسىز؟شۇنداق دەپ بايا ئۇ تىقىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن رەسىمنى كۆرسەتتىم.   مىنى قاچانغىچە ئالدىماقچى ؟ئىككىلىمىزنىڭ يۈرىكى ئازاب ئوتىدا پۇچلىنىپ كۈل بولغىچە مۇشۇنداق قىلماقچىما سىز؟مىنى ئالدىيدلمايسىز ئارمان ،سىز مىنى سۆيىسىز ،مىنىڭ بەخىتسىز بۇلۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدىڭىز،لىكىن مىنىڭ بەختىمنىڭ خۇشاللىقىمنىڭ ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمىدىڭىز ئارمان .
  -ياق ،مەن ھەممىنى ئويلىدىم .مەن ئۈچۈن ھەممنى قىلىشقا سىز رازى .مەن بۇرۇن سىزنى ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلغۇدەك بەخىتلىك قىلمەن دىگەن .لىكىن ھازىرچۇ ؟ئەگەر سىز مەن بىلەن توي قىلسىڭىز مىيىپنىڭ ،ماڭالمايدىغان توكونىڭ ئايالى بولىسىز زۆھرە ،مەن ئۇنداق قىلالمايمەن ،خەقلەرنىڭ سىزگە مەخسىرلىك قاراشلىرىنى خالىمايمەن زۆھرە ،مەنمۇ ئامالسىز قالدىم ،مىنى كەچۈرۈڭ .
  -ياق... ياق ،ئارمان ،ماڭا باشقىلارنىڭ گىپى لازىم ئەمەس ،مەن پەقەت سىز بىلەن بەخىتلىك ئۆتسەم ،بەخىتلىك ئارزۇ قۇرساق دەيمەن .مەيلى قانداق ئىش بولسۇن سىزدىن ئايرىلمىسام ،پۇتىڭىزغا پۇت ،دەرتلىرىڭىزگە دەرمان بولسام دەيمەن ئارمان .ئەمدى مىنى رەت قىلماڭ ،ئەمدى مىنى تاشلىۋەتمەڭ ،ئۆزىڭىزنىمۇ ،مىنى قىينىماڭ .مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن .
  ئۇ مىنى ئىللىق باغرىغا ئالدى .ھاياتتىكى بەزى ئىشلاردىن ئازار يىگەن قەلبىم ،ئۈشۈكتە قالغان يۈرىكىم ئاستا -ئاستا ئىللىق سىزىمگە تولدى .
  -ئارمان ؟
  -ھە؟
  -مىنى ئەمدى تاشلىۋەتمەڭ ماقۇلمۇ ؟سز يوق كۈنلەرنى بەكلا تەسلا ئۆتكۈزدۈم .ئەمدى ئۇ كۈننى ماڭا كۆرسەتمەڭ ،ماقۇلمۇ ؟
  -ماقۇل ،ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن ،مىنىڭ ئۇنداق قىلغۇم بامۇ دىيسىز ،مەنمۇ ئامالسىز قالدىم .ئەمدى كۆڭلىڭىزگە ئازار بەرمەيمەن مىنى كەچۈرۈڭ زۆھرە .
  -ئارمان؟
  -ھە؟
  -بىز توي قىلايلى ،ماقۇلمۇ ؟
.......
  -نىمىشقا گەپ قىلمايسىز ؟خالىمامسىز؟
  -ياقەي ،،سىز بىلسىز مەن ماڭالما...
  -بولدى بولدى ،كەچكىچە ...ماڭالمىسىڭىز نىم بولاتتى .ئەگەر ماڭا چىن سۆيگىڭىز بولسىلا ئاللاھ خالىسا مۇھەبىتىمىزدىن ماڭىسىز .
  -ھا ھا ھا  ،قارىڭە سىزنى .
-راست ئەمەسمۇ ؟زاڭلىق قىلۋاتامسىز؟
-ۋاي ئۆردەك تۇمشۇقۇم ،ئوماقلىقىنى .مەن بىلەن توي قىلسىڭىز پۇشايمان قىلمامسىز؟
-بۇ قانداق گەپ بولدى ئارمان ؟ياق ،بېشىمىزغا قايسى كۈن كەلسۇن پۇشايمان قىلمايمەن .
  -ماڭا شۇ گىپىڭىز كۇپايە .ئەمسە توينى تىزرەك قىلامدۇق ؟
  -ۋوي تېخى گەپ قىلمىغان بىلەن مەندىن بەك ئالدىرايمەن دەڭە ...
  ھا ھا ھا ......
  شۇنداق خۇشال پاراڭلىشۋاتقىنىمىزدا ئالىم بىلەن باھار كىرىپ كەلدى .ئالىمنى كۈرۈپ بەكلا ئوڭايسىزلاندىم .
  -ئالىم مەن ....
  -بولدى گەپ قىلماڭ زۆھرە ،مەن بايا باھاردىن ھەممىنى بىلدىم .   
  خىجىللىقتىن نىم دىيىشنى بىلەلمەي قالدىم .ئۇنىڭغا سالغان ئازاپلىرىم ئازمۇ ؟لىكىن كۈڭۈل دىگەن ئاجايىپ بولدىكەن ، نىم ئامال.ئۇ ئاستا ئارماننىڭ يېنىغا كەلدى .ھەم ئارماننىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ :
  -كەچۈرگىن ئاداش ،كۆڭلۈڭنى چۈشەنمەپتىمە،مەن تېخى راسلا زۆھرەنى ياخشى كۆرمەس بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ،كەچۈرگىن ئاداش.
  -ئۇنداق دىمە ،ئالىم .ئۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئامالسىز قالدىم .كۆڭلۈڭگە بەك ئازار بەردىم .لىكىن شۇنداق قىلسام زۆھرە بەخىتلىك بولىدۇ دەپ ئويلىغانتىم .شۇڭا قىلغانلىرىمنى توغرا دەپ قاراپ ئۇ بەخىتلىك بولسا مەن رازى دەپ ئويلىغان ئاراش ،بۇلۇپمۇ سىنىڭ ئۇنى بەخىتلىك قىلالايدىغىنىڭغا ئىشىنىپ ئەنە شۇنداق كۆڭلۈڭگە كېلدىغان گەپلەرنى قىلغان .شۇنداق قىلسام مىنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ سۆيگۈڭنى ئۇنىڭغا ئىزھار قىلالايتىڭ .شۇنداق بولغاندا ،ئاخىردا ئىشقىلىپ زۆھرەنى بەخىتلىك بولىدۇ دىگەن .لىكىن مەن .........مىنى كەچۈر ..
-ياق ئاداش ،ئۇنداق دىمە .مەن سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن .دوسلۇققا يارىماي قالدىم ئاداش،باھار بىلەن مەن ئىكىڭلارغا بەخىت تىلەيمىز .شۇڭا چۇقۇم بەخىتلىك بۇلۇڭلار....
   بىز خۇشاللىق ئىچىدە بىر -بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشتۇق . دوختۇر ئارماننىڭ ئاساسەن ساقايغانلىقىنىڭ ،پۇتىنى كۆپرەك ھەركەتلەندۈرۈپ بىرىشنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى .بىز خۇشاللىق ئىچىدە نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ ،رەسمىيەتلەرنى تۈگىتىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدۇق  .پاتىمە ئاچام مىنى كۈرۈپ بەكلا خۇش بولدى .ئارماننىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى ئۇنى بەكلا خۇش قىلغان ئىدى .تاماق قىلىپ ھەممىمىز خۇشاللىق ئىچىدە تاماق يىدۇق .بۇ مىنىڭ نەچچە ئايدىن بىرى ھەقىقى خۇش كەيپىيات بىلەن يىگەن تۇنجى تامىقىم ئىدى .تاماقنى يەپ بۇلۇپ ئارمان بىلەن توينىڭ ئىشىنى مەسلىھەتلىشىپ ،بالدۇراق قىلدىغان ،ئۆيدىكىلەرگە مەسلىھەت سالدىغان بولدۇق .شۇلارنى دىيىشىپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە ماڭدىم .ئاپامغا نىم دەپمۇ چۈشەندۈرەمەن ؟ئارمان مىنى دەپ شۇنداق قىپتۇ دىسەم ئۇ ئىشىنەرمۇ؟ئەتىگەن ئالىم بىلەن خەت ئالىمىز دەپ چىقىپ ئەمدى بولغاندا ئارمان بىلەن توي قىلمەن دەپ كىرسەم....ئاللا ،ئاللا ..ھەجەپ تەس بولدىغۇ .لىكىن مەيلى قانداق بولسۇن بۇ قەدەمنى باسقانكەنمەن ئەمدى كەينىمگە چىكىنمەيمەن .نىم بولدۇ كىم بىلدۇ سىناپ باقمايمەنمۇ ؟بەك ئاچچىقىلسا بېرە ئىككى كۈن تىللاپ باقا ،ئۇندىن كىيىن ياخىشى گەپ قىلىپ باقا ،ئۇنمىسام مەيلى دەپمۇ قالا ....شۇلارنى ئويلاپ ئۆيگىمۇ كەلدىم .
  -كەلدىڭىزمۇ قىزىم ؟
  -ھە،
-قانداق ؟خەت ئالالىدىڭلارمۇ؟
-ھ...ھە ..ئازراق ئىش چىقىپ قېلىپ ،بۈگۈن بارالمىدۇق .
-ۋاي نىمىشقا ئەمدى .كەينىگە سۈرمەي پاتراق قىلۋەتسەك بولاتتى .
  ئاپامنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ سەل بىئارام بولدۇم.ئۇ گەونى بۈگۈن دىيىشتىن يالتىيىپ ،ئەتە دىيىشنى لايىق كۈرۈپ،تاتاق ئۈيۈمگە ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتىم .ئاپامغا قانداق دىيىش  توغرىسىدا شۇنچە ئويلىغان بولساممۇ ،بېرەر ياخشى ئۇسۇلنى تاپالمىدىم .بۇلارنى دىسەم ئاپام قۇبۇل قىلالمايدىغاندەك ،مىنى قىلچە چۈشەنمەي قارشى تۇردىغاندەك ھىس قىلاتتىم .بۇ ئىشلارنى ئويلاپ قاچان ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن .
   ئاپامنىڭ چاقىرغان ئاۋازىدىن ئويغاندىم .قارىسام كۈنمۇ چىقىپ ،سىخىيللىق بىلەن نۇرلىرىنى پۈتكۈل كائىتاتقا چېچۋاتاتتى.بۇنداق قېنىپ ،خاتىرجەم ئۇخلاپ باقمىغىنىمغىمۇ خېلى كۈنلەر بولغان ئىدى .بەكلا تاتلىق ئۇخلىغان ئىدىم .ئاپام تۇيۇقسىز ياتاق ئۈيۈمنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ :
  -قىزىم تىز بۇلۇڭ ،ئالىم كەپتۇ .
  بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل ئەندىكىپ كەتتىم .ئۇ نىمىشقا كەلگەندۇ؟سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن كىيىملىرىمنى كىيىپ سىرتقا ،ئالىمنىڭ تېنىغا چىقتىم .بىز تىنىچلىق سوراشقاندىن كىيىن ،ئالىم ماڭا :
  -زۆھرە بىز تۈنۈگۈن خەتنى ئالامىدۇق ،بۈگۈن بېرىپ كېلەيلى .
  بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا قاراپلا قالدىم .تۇيۇقسىز تېلغۇنۇم جىرىڭلاپ ،ئۇچۇر كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى .تىزلىك بىلەن ئۇچۇرنى ئاچتىم .ئۇچۇر ئالىمدىن كەلگەن بۇلۇپ،<ھازىر ئۆيدىن شۇنى بانا قىلىپ چىقىپ تۇرايلى ،مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار>دەپ يېزىقلىق ئىدى .بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلدى ،بىر تۇرۇپ ئالىمنىڭ مىنى چۈشەنگىنىدىن بەكلا خۇش بولدۇم.ئالىمنىڭ دىگىنى بۇيىچە خەت ئېلىشنى بانا قىلىپ ئۆيدىن چىقتۇق .ئاپام بىزدىن قىلچىلىك گۇمان قىلماي ،ھەۋەستە كەينىمىزدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ قالدى .ئاپام قىلچىلىك گۇمانلانمىغان ئىدى .ئالىم بىلەن ئۆينىڭ يېنىدىكى ھېلىقى ئاشخانىغا كىردۇق .ھەمدە تاماقنى بۇرۇتۇپ قۇيۇپ ،پاراڭغا چۈشتۇق .
  -ئالىم ئالدىڭىزدا بەكلا خىجىلمەن ،بۇ خۇددى سىزنى ئاخماق قىلغاندەكلا ئىش بولدى ،لىكىن سىزگە ھەرگىز بۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى .كۈڭۈل دىگەن ئاجايىپ بولدىكەن ،كەچۈرۈڭ .
  -ئاللا ئاللا ،زۆھرە ،مەن سىزنىڭ بۇ گىپىڭىزنى ئاڭلاي دەپ چاقاتمىدىم ،قاچان تۇيۇڭلارنى ئوينايمىز ،بىلگىلى چاقاتتىم.
  -ئالىم مەن ،،،
  -زۆھرە ،كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن .ماڭا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلماڭ ،ھاياتىڭىزنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزسىڭىزلا ماڭا يۈز كېلەلەيسىز ،ئۇقتىڭىزمۇ؟
  ئاستا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ بېشىمنى لىڭىشتىم .
  -بۇ ئىشتا قىينىلۋاتقىنىڭىزنى بىلمەن .بۇ ئىشلارنى ئاپىڭىزغا ئېيتالمايۋاتىسىز.قورقماي دەڭ ،ئەگەربەك ئۇنماي قالسا مەن با ،مەن كۈيئۇغۇل ئەمەسمۇ ،شۇڭا مىنىڭ گىپىمگە ئۇنىدۇ ،خاتىرجەم بۇلۇڭ ،ئارتۇق ئەنسىرمەي دەۋىرىڭ .
  -مىڭەۋا ،كۈيئۇغۇل دەپ كەتكىننى ...ھا ھا ھا
  -ھا ھا ھا
  تەڭلا كۈلۈشتۇق .ئالىم تاماقنى يەپ بۇلۇپ ،مىنى ئۆيگە ئەكىلىپ قۇيۇپ ،دىيىشىمنى تاپىلاپ كىتىپ قالدى .مەن ئۆيگە كىرىدىم ئاپام ھەيرانلىقتا :
  -بالدۇرلا يېنىپ كىرىپسىزغۇ؟ سۇئال نەزىرىدە قارىدى ئاپام .
  -ئاپا ،مەن ..مەن ..سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئاپا ،كىلىڭە.
  ئاپام يەنىلا سۇئال نەزىرىدە ماڭا قاراپ تۇراتتى .
  -ئاپا ،مەن ئالىم بىلەن توي قىلمايدىغان بولدۇم .
  -نىمە؟ۋاي نىمىشقا ئەمدى ؟
   -مەن ،..ئارمان بىلەن
  -يەنە شۇ ئارمان ،ئۇنىڭ قىلغانلىرى سىزگە يەتمىدىما ئەقىلسىز،ۋاي نىم سەتچىلىك بۇ ئەمدى .مەن خوشىنىلارغا قىزىم مۇنداق يىگىت بىلەن توي قىلدۇيەي ،ماداق ياخشى دەپ داڭلاپ بەرسەم، ئەمدى بولغاندا توي قىلمايمە دەيسىز ،بۇ مۇمكىن ئەمەس.ئارمان بىلەن توي قىلىشىڭىزغا ھەرگىز رازىلىق بەرمەيمەن ،ئۇقۇپ قۇيۇڭ .
  -ياق ئاپا ،جېنىم ئاپا ،سىزدىن خۇش بولاي ماقۇل دەڭ ،ماڭا ئۇ بولمىسا بولمايدۇ ئاپا !
  -شۇنداقمۇ ؟مەن ساڭا بەرىبىر شۇنداقمۇ ؟ئۇنداقتا ،ئاپام يوق دەپ تېنىپ ،ئۇنىڭ يېنىغا با ،بولمىسا ساڭا رازىلىق بەرمەيمە بىلىپ قوي .
  ئاپام شۇلارنى دەپ چىقىپ كەتتى .ئاپامنىڭ بۇنداق گەپلەرنى قىلىشىنى پەقەتلا ئويلىمىغان  ئىدىم .قانچىلىك يىغلىدىم بىلمەيمەن ،بىر چاغدا تېلغۇنۇم سايرىدى .ئالىم قىلغان ئىكەن .ئالمايمىكىن دەپ ،يەنىلا ئالىدىم .تېخىغىچە ھېقىغداپ يىغلاۋاتاتتىم .ئالىم بۇ ھالىمنى ئاڭلاپ تىزلا نىمىش بولغانلىقىنى سورىدى .بولغان ئىشلارنى ئالىمغا دەپ بەردىم .مىنى ھازىر بىردىنبىر چۈشىندىغان ئادەم ئالىملا ئىدى .
  -بولدى بولدى زۆھرە يىغلىماڭ ،ئاپىڭىز ئاچچىقىدا شۇنداق دىگەن گەپ .قالدى ئىشلارغا مەن بار ،شۇڭا ئەنسىرمەڭ ھە!
  شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ يالۋۇرۇشۇم ،ئالىمنىڭ قىلغان سۆزلىرى بىلەن ئاپام ئاخىر بىزگە قۇشۇلدى .بۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقىمنى ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم .ھەممەيلەننىڭ رازىلىقى ،خۇشاللىقى بىلەن توينى قىلدۇق .ئائىلىمىز شۇنچىلىك بەخىتلىك ئىدى.ئۆزۈمنى بەكلا بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم .تويدىن كىيىن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىپ پاتىمە ئاپامنىڭ ،ئارماننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم .ئۆزۈمنى بەكلا خۇشال ھىس قىلاتتىم .ئارمان بەزىدە ئىش ئورنىغا باراتتى .لىكىن ئۇ يەرنىڭ ئىشلىرىغا ئاساسەن ئالىم بىلەن باھار مەسئۇل ئىدى .ئىشقىلىپ كۈنلىرىمىز خاتىرجەم ،مەنىلىك ئۆتمەكتە ئىدى .مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى ،ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى بەكلا ئۈمۈد قىلاتتىم .ھەش -پەش دىگۈچە بۇ شىرىن كۈنلىرىمىزگىمۇ ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالدى .بىز بېرە قېتىم سەن-پەن دىيىشىپ قالماي ،شۇنداق ياخشى ئۆتتۇق .بۇ خۇشاللىقىمىزغا خۇشاللىق قۇشۇلۇپ ئارمان دادا بولدىغان ،مەن ئانا بولدىغان ،ئائىلىمىزدە بىر جان كۆپىيىدىغان بولدى .بۇنىڭدىن ئارماننىڭ بېشى كۆككە يەتتى .پاتىمە ئاپام خۇشاللىقىدىن يىغلاپ تاشلىدى .ئائىلىمىز تېخىمۇ خۇشاللىققا ،بەخىتكە ،كۈلكىگە تولدى .
    كۈنلىرىمىز شۇنچىلىك شىرىن ئىدى .ئۆزۈمنى بەكلا بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم .گەرچە ئۇ ماڭالمىسىمۇ ،كۈنلىرىمىز خېلى -خېلى ئائىلىدىن بەخىتلىك ئىدى .ئۇ كۈندە دىگۈدەك يېنىمغا كىلىپ <ئوماق بالام ،تاتلىق بالام >دەپ سۆزلەپ كېتەتتى .ئۇنىڭ كىچىك بالىدەك قىلىقلىرىدىن كۈلۈپ كېتەتتىم .بىز ئويلىشىپ مۇھەببىتىمىزنىڭ يالدامىسى بولسۇن دەپ ئۇغۇل تۇغۇلسا <يادىكار>دەپ قويىدىغان بولدۇق .بۇ بەخىتلىك كۈنلىرىمىز ئۇزۇنغا بارمىدى .بەخىتلىك ئائىلىمىزگە كۆز تەگدى .بىر كۈنى پاتىمە ئاپام بازارغا كەتكەن ئىدى .ھويلىنى تازلىۋېتەي دەپ ھويلىنى تازلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز تېيىلىپ كەتتىم .تۇيۇقسىز چۈشكەن بولغاچقا بەدەنلىرىم بەكلا ئاغرىپ كەتتى .<ئا>قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ،ئارمان چاقلىق ئۇرۇندىقنى ھەيدەپ چىقىتى .بەدەنلىرىم ئېغىرلىشىپ ،ئىغىر ئاغرىق مىنى قىيناۋاتاتتى.ئارمان ھارۋىنى كۈچەپ ھەيدەپ يېنىمغا كىلىشكە كۈچەۋاتاتتى .
  -زۆھرە ،زۆھرە ،قانداقراق ،قوقماڭ ،يېنىڭىزدا مەن با،
  -ئارمان ،ئارمان .ئاچازلىرىم تەستە چىقۋاتاتتى .
  ئارمان شۇنچە كۈچىسىمۇ ،ھويلىدىكى پەشتاقتىن ئۆتەلمىدى .كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىىشقا باشلىدى .ئەتراپىم قانغا بويىلىپ كەتكەن ئىدى .كۆزلىرىم ئاستا-ئاستا يۇمۇلۇشقا باشلىدى .كىيىنكى ئىشلار ئىسىمدە يوق كۆزىمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا ياتىمەن .يېنىمدا ئارمان ،پاتىمە ئاپام تۇراتتى .
  -بالام ،قانداقراق تۇرىسىز؟سىزگە ياخشى قارىيالمىدىم بالام .
  -ئۇنداق دىمەڭ ئاپا.شۇلارنى دىگەچ قوسىقىمنى سىلىدىم .ئەمدى چىققان قوسىقىمدىن ئەسەر يوق
  -مىنىڭ بالام ،مىنىڭ بالام قېنى ؟ئارمان ،ئارمان ،
  -مەن يېنىڭىزدا زۆھرە ،
  -مىنىڭ بالام قېنى ئارمان ،ئۇ قېنى ؟بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز ،بايلىقىمىز قېنى ئارمان .
  -ئۆزىڭىزنى تۇتۋېلىڭ زۆھرە ..
  زۆھرە ...زۆھرە ...
   قاچانلاردا ھۇشۇمدىن كەتتىم بىلمەيمەن .ھەممەيلەن بېشىمدا پەرۋانە بۇلۇپ ئولتۇرۇشقان ئىدى .
  -ئاخىر ئويغاندىڭىز قىزىم ،بىزنى بەكلا ئەنسىرەتتىڭىز .
- بالام بىز قايتىپ تاماق ئىتىپ كېلەيلى ،ئارمان سىزگە قارىسۇن ،سەۋىر قىلىڭ قىزىم .
   ئۇلار شۇنداق دەپ قايتىشتى .بالنىسخانىدا ئارمان بىلەن مەنلا قالدىم .ئارىنى خېلى ئۇزۇن جىمجىتلىق باستى .
  -ئارمان ،مىنى كەچۈرۈڭ ،بىزنىڭ بايلىقىمىزنى ،كەلگۈسىمىزنى قوغدىيالمىدىم .مىنى كەچۈرۈڭ .
  ئارمان تىزلىك بىلەن يېنىمغا كىلىپ مىنى باغرىغا ئالدى .
  -ئۇنداق دىمەڭ .بۇنىڭغا سىز ئەيىبكار ئەمەس ،بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن سىنىقى .ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ .ماڭا بۇ ئائىلىگە سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ ،زۆھرە .بۇ ئىشنىڭ سىزگە ئېغىر كەلگىننى بىلمەن .لىكىن ئەمدى ئونىغا كەلمەيدۇ .ئەمدى ئۆزىڭىزنى ئازاپلىماڭ،ماڭا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ زۆھرە ،ماقۇلمۇ؟
مەن بېشىمنى لىڭىشتىپ ماقۇللۇق بىلدۇردۈم .ئۇ ماڭا خېلى ئۇزۇن تەسەللى بەردى .ئۇنىڭ ئازابىمۇ مەندىن قېلىشمايتى ئەلۋەتتە .شۇڭا ئارمانغا ئارتۇق ئازاپ سېلىشنى خالىمىدىم ،لىكىن شۇ بالىنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى .لىكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ،ئائىلەن ئۈچۈن مەن چىدىشىم ،بەرداشلىق بىرىشىم كېرەك .
  -ئارمان مەندىن ئەنسىرمەڭ ،مەن نىمىش بولسۇن سىزنى يالغۇز قويمايمەن ،چۇقۇم قەيسەر بولىمەن .
  -مىنىڭ قەيسەر ،پىداككار خۇتۇنۇم ،
  -ئەسكى ،بىزەڭ .
  -ھەي بەكلا ئۇساپ كەتتىم .
  -ماقۇل خۇتۇن ،سىزگە سۇ ئەكىلىپ بېرەي .
   كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم .ئۇ سالماق قەدەملىرى بىلەن ماڭماقتا ئىدى .باياتىن بىرى بالىنى ئويلاپلا ئۇنىڭغا قاراپمۇ باقماپتىكەنمە ،ما مۆجىزىنى كۆرمەمدىغان ،ئۇ ماڭدى .مىنىڭ ئارمىنىم ماڭدى .
   -ئارمان ....ئا..ر..مان .
  -نىم بولدىڭىز ؟بېرە ئىش بولدىما ؟
  ئۇ تىزلىك بىلەن يېنىمغا يۈگرەپ كىردى .مەن ئۇنىڭغا تەپسىلى قارىدىم
  -ئارمان ،سىزنىڭ پۇتىڭىز؟
  -شۇنداق ،پۇتۇم ساقايدى .لىكىن بالىدىن ئايرىلىپ قالدۇق .
   -قانداق بۇلۇپ مېڭىپ كەتتىڭز؟
  -سىز دىگەنغۇ زۆھرە ،ئاللاھ خالىسا سۆيگىمىزدىن ماڭىسىز دەپ .ئۇ چاغدا مەن چاقلىق ھارۋىدا شۇنچىلىك كۈچىدىم .لىكىن بولمىدى .قارىسام سىز ھۇشسىز ،ئەتراپىڭىز قانغا بوياقلىق ،،مەن قوقتۇم زۆھرە ،سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قوقتۇم .بىر غايىۋى كۈچ ،ياق ،سۆيگىمىز مىنى تۇرغۇزدى .قولاشمىغان قەدەملىرىم بىلەن يېنىڭىزغا باردىم .پۇت -قوللۇرۇمدا جان قالمىدى .ئايىغى يېڭى چىققان بالىدەك دەلدەڭشىپ ،ئۆيگە كىرىپ ،120 گە تېلغۇن قىلدىم .كىيىن ئاپام كەلدى .دوختۇرلار كەلدى .سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق .سىز مىنى شۇنداق قورقۇتتىڭزكى ،ئىككى كۈنگىچە ھۇشىڭىزغا كەلمىدىڭىز ،ئاپام بولسا ماڭالايدىغىنىمدىن خۇش بولسا ،بالىمىزنىڭ يوق بولغىنىدىن قايغۇردى .قانداق قىلمىز شۇ ،بىردە خۇش بولساق بىردە قايغۇرۇپ ياشايدىغان زامان ئىكەن بۇ .
  ئارمان شۇلارنى دەپ ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى .ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن يۈرىكىم بەكلا ئېچىشتى .ئەمدى ئۇنىڭ ئازابلىنىشىنى خالىمايتىم .كۈنلەر ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتتى .يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئازاپ بولىسىمۇ يۇشۇرۇشقا مەجبۇر ئىدىم .ئارماننىڭ ئازابلىنىشىنى خالىمايتىم .لىكىن مۇشۇ كۈنلەردە ئارمان بىر خىل شۈكلەپ قالغان ئىدى .بەلكىم شۇ ئىشتىن بولسا كېرەك دەپ ئانچە ئويلاپمۇ كەتمىدىم .ئەھۋالىممۇ خېلى ياخشىلنىپ ،دۇختۇرخانىدىنمۇ چىقىتىم .ئۆيدە پاتىمە ئاپام ئىشمۇ قىلدۇرمايدۇ .بۇ جەرياندا ئارماننىڭ پۇتى ساقايغاشقا ئىشقا بېرىپ تۇردى .ئەھۋاللىممۇ خېلى ياخشىلنىپ قالدى .نەچچە ھەپتىدىن بىرى مەندە سەل نورمال بولمىغان ھادىسلەر كۈرۈلۈشكە باشلدى .دائىملا ياندۇرغۇم كىلىپ ،ئۇيقۇم كېلدىغان بۇلۇپ قالدى .بۇيۇمدا قالدىمۇ يا دەپ خۇشال بولدۇم .بۇلارنى تىزلىك بىلەن ئارمانغا دىدىم ،لىكىن ئارمان پەرۋاسىزلا:
  -ئۇنداق ئەمەس ،مىجەزىڭىز يوق ئوخشايدۇ ،ئارتۇق ئويلىماي ياخشى ئارام ئېلىڭ  .    ئۇ شۇلارنى دەپ چىقىپ كەتتى.ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ھەيران قېلۋاتاتتىم .ئۇ بۇرۇن بۇنداق ئەمەس ئىدى .لىكىن ئارتۇق ئويلىغىم كەلمىدى .شۇ جەرياندا بىر قانچە كۈن ئۈتۈپ كەتتى .ئارماننىڭ كىيىملىرى چۇغلىشىپ قاپتىكەن ،يۇيۋېتەي دەپ ،يانچۇقلىردا بىر نەرسە بولسا يۈلۈپ كەتمىسۇن دەپ يانچۇقلىرىنى ئاقتۇردۇم .چاپىننىڭ يانچۇقىدىن بىر پارچە قەغەز چىقتى .نىمىكىن دەپ ئاشتىم يۇ كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى .بۇ رىئاللىققا ئىشەنگىم كەلمىدى .ئۇ قەغەزدە مىنىڭ ئىسمىم <تۇغماس>دەپ تۇراتتى .بۇ ھالغا قانداق قىللاي ئەمدى .ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ قالغىنى بىكار ئەمەسكەن .پاتىمە ئاپامنىڭ بەزىدە تەنە قىلىپ قۇيۇشلىرى بىكار ئەمەسكەن .ھەر قانچە ئىشلىسىمۇ ،بىر پەرزەنت تۇغۇپ بەرمىسە ،قايسى بىر ئەر ،قايسى بىر قېيناتا -قېينانا رازى بولىدۇ بېشىمغا تۈرلۈك ئوي- خىياللار كەلدى .ئاخىردا يەنىلا ئۇنىڭدىن ئاجىرشىشنى لايىق كۆردۈم .بۇنداق بولغاندا ئۇ باشقىلار بىلەن توي قىلالايدۇ ،بالىلىق بولالايدۇ .شۇنداق بولغاندا ئۇ بەخىتلىك بولالايدۇ .شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمايلا ئاجىرشىش كىلشىمىنى تەييا قىلدىم .ھەم ئۆزۈم ئىمزا قۇيۇپ بىر پارچە خەت بىلەن ياتاق ئۈيۈمگە قۇيۇپ قۇيۇپ ،شۇنچىلىك بەخىتلىك ئۆتكەن يېڭى ماڭانىم ،كەلگۈسۈم بولغان بۇ ئائىلىدىن ككزۈم قىيالمىغان ھالدا ئايرىلىدىم .مەندە نىم ئامال ؟نەگە بېرىشنىمۇ بىلمەيمەن .ئويلا ئويلا بىزنىڭ گۈزەل ئەسلىملىرىمىز بولغان شۇ سەھراغا قاراپ يولغا چىقتىم .
     ئارمان ئىشخانىدىكى ئىشلارنى بىر قۇر تۈگىتىپ ،ئۆيگە قاراپ ماڭدى .ئۇنىڭ شۇ دىئاگىنوز قەغىزىگە ئىچى پۇشقىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى .يا بۇلارنى زۆھرەگە دىيەلمەي ،زۆھرەنىڭ بۇيۇمدا قالدىمۇ دىيىشلىرى ئۇنى ئازاپلاۋاتاتتى .ئۇ ئېغىر خۇرسىنىپ ،خىياللار ئىچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلدى .
  -زۆھرە .زۆھرە
  كۈندە كىلىشىگە ئالدىغا چىقىپ ئامانلىق سورايدىغان زۆھرەنىڭ بۈگۈن قارسىمۇ كۈرۈنمەيتى .ئارماننىڭ كۆڭلى بىر خىل بولدى .
  -ئاپا ...
  ئۆي ئىچى جىمجىت ئىدى .ئارمان ئۇلارنى بىرگە بازارغا چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن ياتاق ئۆيگە كىردى .ياتاق ئۆي ئادەتتىكىدەك رەتلىك ئىدى .لىكىن بىر خىل بىر نەرسە كامدەكلا تۇيغۇ بېرەتتى .ئۇنىڭ كۈزى تۇيۇقسىز كارۋاتتىكى قەغەزگە چۈشتى .ئۇ تىزلىك بىلەن قەغەزنى قۇلىغا ئالدى .قەغەزنى كۈرۈپ ئارماننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى .
  -مۇمكىن ئەمەس ،مۇمكىن ئەمەس ،زۆھرە ،سىز مىنى تاشلاپ كەتمەيمەن دىگەنغۇ ؟
  ئۇ بار كۈچى ھەسرەتلىك توۋلىدى ،ھەمدە ئاجىرشىش كىلشىمىنىڭ يېنىدىكى قەغەزنى ئېچىشقا باشلىدى .

  
  < ئارمان ،بەلكىم بۇ خەتنى ئۇقۇۋاتقىنىڭىزدا مەن يىراقلاردا بۇلىشىم ،مەندى ئاغرىنىشىڭىز ،ماڭا ئۆچ بۇلىشىڭىز ،ئالدامچى دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن . مەنمۇ قانچىلىك تەستە بۇ قارارغا كەلدىم ،بۇنى تەسەۋۇر قىلالىشىڭىز مۇمكىن .توغرا مەن سىزگە سىزدىن ئايرىلمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن .لىكىن سىز بىر ئەركەك .سىزمۇ بالىلىق بۇلۇشنى ،بالىمىزنى قۇچىقىڭىزدا ئولتۇرغۇزۇپ ئەركىلتىشنى ئويلايسىز ،لىكىن ،لىكىن مەن ئەمدى ئۇ خۇشاللىقلارنى سىزگە بېرەلمەيمەن ،ئارمان.ئەگەر سىزنىڭ ،ئائىلىڭىزنىڭ كەلگۈسى ،ئەۋلادى بولمىسا مەن ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن .يېققىننىڭ بىرى نىمىگە بۇنداق قوپال بۇلۇپ قالغانلىقىڭىزنى ،شۈكلەپ خىيالغا پېتىپ ئولتۇردىغىنىڭىزنىڭ سەۋەبىنى مەن بىلدىم .ئەمدى سىزنىڭ ئۇنداق ئازاپلىنىشىڭىزنى خالىمايمەن .  شۇڭا مەن مۇشۇ يولنى تاللىدىم .مىنى كەچۈرۈڭ .ھەممە رەسمىيەتلەرنى تەل قىلىپ قويدۇم .مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى  .سىزگە بەخىت تىلەيمەن .
   خەيىر ،ئامان بۇلۇڭ ........ئارمىنىم ...>

   بۇلارغا نىم دەي ئەمدى ،زۆھرەدىن ئاغرىناي  دىسەم تېخى .تەغدىردىن ئاغرىناي دىسەم تېخى ...ھەي شۇ ،،،،بىر دەم خىياللار بىلەن ئولتۇرۋېتىپ ،تۇيۇقسىز ئۇنى تېپىۋالدىغاندەك كوچىغا چىقىپ نىشانسىزلا ئۇنى ئىزدىدىم .ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس ئۇنى تاپالمىدىم .ئاپام خۇددى مۇشۇنداق بۇلشىنى بىلدىغاندەك ھەيرانمۇ قالمىدى .
     
                                              4 يىلدىن كىيىن  

    كۈنلىرىم ئەنە شۇنداق بىر خىل رىتىمدا ئۈتىۋەردى .ئاپام نەچچە قېتىم توي قىل دەپ زورلاپ باققان بولسىمۇ ،مەن توي قىلىپ بولغان دەپ چىڭ تۇرۋىلىپ ،ئىككىنچى بىر ئايال زاتىنى زۆھرەنىڭ ئورنىنى باسقىلى قويمىدىم .ھەم بېسىپمۇ بولالمايتى.كۈندۈزلىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولسام ،كەچلىكى زۆھرە بىلەن ئۆتكەن شىرىن كۈنلىرىمنى ئويلايتىم .بەزىدە مۇشۇنداق جىمجىت كىتىپ قالغىندىن ئاغرىناتتىم .لىكىن ئۇنىڭمۇ ئامالسىز مۇشۇنداق قىلغىننى بىلەتتىم .شۇنچە كۆپ جايلارنى ئىزدىدىم .لىكىن ئۇنى تاپالمىدىم. لىكىن ئۇنى ئاخىرقى تىنىقىم قالغىچە كۈتۈشكە ئەھدى قىلغان ئىدىم .ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ كېلدىغىنىغا ئىشنەتتىم .چۈنكى ئۇ مەيلى قەيەردە بولسۇن مۇھەببىتىمىزنىڭ يىپى يەنىلا بىزنى باغلاپ تۇرىدۇ.بۇ جەرياندا سوداممۇ خېلىلا يۈرۈشۈپ قالدى .لىكىن ئۆي ئۆيدەك ئەمەس ،بەكلا مۇڭسىراپ قالغان ئىدى .


                                ئەمدى گەپنى زۆھرەدىن باشلايلى
   -ئوغلۇم ،يادىكار ،
  -ئاپۇ ،
   -كەپسىزلىك قىلماڭ دەيمە ،بولمىسا ئەمدى بۇ چوڭ بازارغا ئەمدى سىزنى ئەكەلمەيمەن .
   -ئاپۇ ،ئۇنداق قىلماڭا ،ئەمدى ئۇنداق قىلمايمە .
  -بولدى بولدى ،قوزام ،مەنمۇ سىنى يۈتۈپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەنمە
  -ئۇنداق بومايدۇ ئاپا .
   -قارا سىنى ئاستا يۈگۈر ،يادىكار..
   -زۆھرە ؟
   تۇنۇشلا ئاۋاز . زۆھرە ئاۋاز چققان تەرەپكە قارىدى .
  -بۇ راسلا سىزكەنسىزغۇ ؟ئاللا رەھەت قىلسۇن ،ئارمان سىزنى بەكلا ئىزدىگەن .لىكىن تاپالمىغان .قانداق ؟ياخشى تۇرۋاتامسىز؟
  بۇ باھار ئىدى .ئۇ بۇرۇنقىدەكلا خۇشخۇي ،گەپتان ئىدى .
   -مەن ياخشى .
   -نىمىشقا تۇيۇقسىزلا كىتىپ قالدىڭىز؟
  -مەن ،...ئارماننى بەكلا سېغىنغان ئىدىم .بۇ چاققا ئۇنىڭ بىر بالىسى بۇلۇپ بولغاندۇ دىگەنلەرنىمۇ خىيالىمدىن چاقماق تىزلىكىدە ئۆتكۈزدۈم .
  -ئارمان ئۇ ياخشى تۇرۋاتامدۇ ؟ئاران دىيەلىدىم .
  -نىم دىسەم بولا ،قەدىر ئەھۋال .لىكىن ئۇنى يالغيز قۇيۇپ يامان قىلدىڭىز،
  -نىمە ،ئۇ توي قىلمىدىما؟
  -ياق ،ئۇ سىزدىن بېرەر قېتىم ۋاز كىچىپ باقمىدى .سىزنى كۈتتى .سىزنىڭ كېلدىغىنىڭىزغا ئىشىنىپ يۇلىڭىزغا تەلمۈرۈپ يۈردى .
  -ئاپا ،ئاپا ،قالاڭا ،ئۇ يە بەكلا چىلالىقكە .  يادىكار شۇنداق دەپ يۈگىرەپ كىلىپ گىپىمىزنى بۆلدى .
   -زۆھرە بۇ؟   باھار بىر خىل گۇمان بىلەن قاراپ قويدى .
  -مەن سىزگە ھەممە ئىشىنى تەپسىلى دەپ بېرەي دەپ باھارنى سەل ئادام يوق جايغا ئاپاردىم .ھەم چوڭقۇر نەپەس ئېلۋېلىپ سۈزۈمنى باشلىدىم .
   -مەن تۇغماس دىگەن دىئاگىنوز قەغىزىنى كۆرگەندىن كىيىن خىيالىمدا پەقەت ئارماننىڭ ،پاتىمە ئاپامنىڭ بالىغا ئامراقلىقى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى .پەقەت مۇشۇنداق قىلساملا ،ئۇنىڭدىن ئاجراشساملا ئۇ بالىلىق بولالايدۇ ،بەخىتلىك بولالايدۇ دەپ ئويلاپ تىزلىكـە بىر يېقىنىمدىن بىرسىگە لازىمكەن دەپ خۇشامەتچىلىك بىلەن ئاجىرشىش رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈردۈم .ئۇ ئۆيدىن ئايرىلدىغانغا ئازاپلانساممۇ ،ئارماننىڭ قايتا توي قىلىپ بەخىتلىك بولدىغىننى ئويلىسام قىلغانلىرىمغا قىلچىلىك پۇشايمان قىلمايتىم .ئەمدى ھەممىسى تۈگدى دەپ بۇرۇن بىز شىرىن خىيال سۈرۈشكەن ،مۇشۇ يەردە بالىلىرىمىز بىلەن بىللە تۇرىمىز دىگەن يېزىغا كەلدىم .بۇ يەر مەركىزى شەھەردەك ئۇنچە تەرەققى قىلمىغان بولسىمۇ ،يامان ئەمەس ئىدى .بۇلۇپمۇ بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ئىنتايىن ئاقكۈڭۈل، مىھماندوست ئىدى .ئۇ جايغا بېرىشىمغا ئۇلار ماڭا ھەر جەھەتلەردىن ياردەم قىلدى .مىنىڭ بىلىملىرىم خېلى كۆپ بولغاچقا شۇ يېزىدا ئۇقۇتقۇچىلىق قىلدىم .ئۇ بالىلار ماڭا بەكلا ئامراق ئىدى .ئۇلارغا مەنمۇ بەكلا ئامراق ئىدى .تېخى ئۆيلىرىدە ئوىشىغان تاماق ئەتسە ماڭا قىسىنىپ ،يۇشۇرۇنچە تىقىپ ئەكىلەتتى .ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقى توغرا بولمىسىمۇ ماڭا قىلغانلىرىدىن بەكلا خۇش بولاتتىم.كىيىن مەندىكى ئالامەتلەر روشەن بۇلۇشقا باشلىدى .يۈزلىرىمگە داغ چۈشتى .قورسىقىم يوغىناشقا باشلىدى .يەنىلا تەكشۈرۈشنى لايىق كۈرۈپ يېزىدىكى كەنىت دوختۇرخانىسىغا باردىم .دوختۇر مىنىڭ بۇيۇمدا بارلىقىنى،ئىككى ئايدىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى .بىر تەرەپتىن خۇش بولسام ،بىر تەرەپتىن ئازاپلىنۋاتاتتىم.بالام بولدىغىنىدىن خۇش بولسام ،بالامنىڭ دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغانغا ئازاپلاندىم .ئۇنىڭ يېنىغا باراي دىدىم .ئوتتەك بارغۇم بار .لىكىن مەن ھىچنىم دىمەيلا چىقىپ كەتكەن ئەمدى بۇ ھالەتتە قانداق بارىمەن ؟ئارمان سۆزلىرىمگە ئىشىنەمدۇ؟تۇنجى قېتىم يىنىكلىك بىلەن چىقارغان قارارىمدىن پۇشايمان قىلدىم.نىم ئامال ،يەنىلا مۇشۇ يەردە مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈردۈم .قىشلىقى خوشنىلار ئۇتۇن ئەكىلىپ بەردى .قىشنىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۋالدۇق .بالىمۇ تۇغۇلدى .ئۇنى دىيىشكەن بۇيىچە يادىكار قويدۇق .
  -دىمەك ،دىمەك ئۇ ئارماننىڭ بالىسى ،؟ئۇ ھەيرانلىقتا قارىدى .دوختۇر تۇغماس دەپ دىئاگىنوز قۇيۇپتىكەنغۇ ،قانداقسىگە ؟
  -باشتا مەنمۇ ھەيران قالدىم .كىيىن خۇش بولدۇم .ئۇ بولغاچ كۈنلىرىمنى مۇشۇنچىلىك بولمسىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ كەلدىم.كىيىن بالا ئاستا -ئاستا چوڭ بۇلۇشقا باشلىدى .ئۇنىڭ چۈچۈك تىللىرى <دادا،دادا>دەپ چىقتى .شۇ چاغدا ئارمان بولسا قانچە خۇش بۇلۇپ كېتەر دىدىم يۇ ،قىلغان خاتالىق ئوتىدا كۈيۈپ پۇچلاندىم .ئۇ بارا- بارا دادام قېنى دەپ سورايدىغان بولدى .ئۇنىڭغا نىم دىيىشنى بىلەلمەيتىم .ئارماننىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ بۇ سىزنىڭ دادىڭىز  .ئۇ يىراق جايغا كەتتى .سىز چوڭ بولسىڭىز قايتىپ كېلىدۇ دىسەم ،بالىلارچە مەن قاچان چوڭ بولىمەن دەپ سورايتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى كەچۈرگىسىز گۇناھكاردەك ھىس قىلاتتىم.ئۇنىڭ دائىملا ئارماننىڭ رەسىمىنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قالاتتى .چۈشىدىمۇ <دادا،دادا>دەپ چاقىرىپ چىقاتتى .ھازىرمۇ كۈندە سورايدۇ .
   كۆزلىرىمدىن ياشلار تۈكۈلۈشكە باشلىىدى.بۇ سغنىش يېشىمۇ ياكى پۇشايمان يېشىمۇ ئاڭقىرالماي قالدىم .باھارمۇ چاندۇرماستىن ياشلىرىنى سۈرتتىۋاتاتتى .ئارىدىكى بۇ خىل كەيپىياتنى ياخشىلاش ئۈچۈن
   -مىنىڭ گەپلىرىم بىلەن بۇلۇپ كىتىپ سىزدىن ئەھۋالمۇ سورىماپتىمەن .قانداق ،ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟دىدىم .
   -مەن ياخشى .شۇ بۇرۇنقىدەك خىزمەتنى دەپ چېپىپ يۈرىيدىغان گەپ .
   -ئاپا ،بەكلا زىرىكىپ كەتتىم ،بۇ يەردە ئوينىمەيمە ،ناشقا يەگە ئاپىيىڭا،،،
  -قارىڭە كەپسىزلىكىنى ،كىچىك بالا ئەمەسمۇ ،سىزنىمۇ ئىشىڭىزدىن قويدۇم .
  -ياقەي ،ئەمسە بالىنى ئوينىتىپ كىلىڭ .
  -ماقۇل ئەمسە ،كۈرىشەرمىز..
  باھار بىلەن ئەنە شۇنداق قىسقىغىنە پاراڭلىشىپ خوشلاشتىم .ئارتۇق پاراڭلىشىپ كۆڭلۈمنىڭ يەنە ئازاپلىنىشىنى خالىمايتىم .قولغا كەلگەن شۇ بەخىتنى كىچىك ئىشلارنى دەپ ۋاز كەچكەندىن كىين ئۆزەڭگىمۇ ئاز.لىكىن ئۇ ۋاقىتتا بالا دىگەن بۇ گۈھەر ئائىلىمىزگە ،ئارمانغا بەكلا مۇھىم ئىدى .قانداق قىلاي ،ئنسان دىگەن ئەنە شۇنداق سەبىر بىلەن ياشايدىغان ئاجىز بىر بەندە ئىكەن .كۈنلىرىم يېزىدا بۇرۇنقىدەك بىر خىل رىتىمدا ئۆتمەكتە.لىكىن دائىملا ئارماننى ئەسلەيدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم .بۇ جەرياندىكى ئەڭ ئازاپلىندىغىنىم ئاپام بىلەن بېرەر قېتىم كۈرۈشمىگەنلىكىم ئىدى .ئۇنىڭ يېنىغا نىم دەپ بارىمەن ؟ئارماندىن ،بەخىتلىك بولىمەن تۆشكە ئۇرۇپ تۇرۇپ تەككەن ئادىمىمدىن ئايرىلىپ كەتتىم دەمدىم .بۇنداق قىلسام ئاپام قانداق بۇلۇپ كىتەر ؟ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن تاتقان شۇ ئازاپلىرى يىتەرلىك ئىدى .مۇشۇ تاپتا قانداق بۇلۇپ كەتتى شۇ مىھىرىبانىم .ئالىم ،قانچىلىك ئىسىل يىگىت ھە!ھەممىدىن كىچىپ مىنىڭ بەختىمنى تىلگەن .لىكىن كۈڭۈل دىگەن ئاجايىپ بولدىكەن .نىم ئامال ؟ئۇنىڭ ئالدا بەك كۆپ قەرىزدارمەن .ئەنە شۇنداق ئەزىزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تاشلاپ قويدۇم .ئارمانمۇ توي قىلماپتۇ .ئۇنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىمىغان ئىدىم .نىمىشقا بۇنداق قىلغاندۇ ؟بەلكىم پېشانىمىزگە مۇشۇ كۈنلەر پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ ......كۈنلىرىمنى ئەنە شۇنداق سېغىنىش ،ئەسلەش ،پۇشايمان بىلەن ئۆتكۈزۋاتىمەن .پەقەت يادىكارلا تۇرمۇشۇمغا مەنە ئاتا قىلۋاتاتتى .   ....


   -ئارمان دىرىكتور ،بۇ پىلانغا ئالغان يەردە بىر ئۆي بار ئىكەن ،ھەر قانچە قىلساقمۇ سېتىپ بەرمىدى .
  -يېنا پۇل قۇتۇپ بىرىڭلا .
  -شۇ دىرىكتور ،بىز سۆزلەشتۇق ،ماڭا پۇل كېرەك .ئەمەس پەقەت ئۈيۈم بولسىلا بولدى دەيدۇ .
  -ئۇنداق بولسا مەن ئۆزۈم بېرىپ كۆرەي .
  -ماقۇل دىرىكتور ،ماشىنا تەييار قىلاي ...
   شۇ تۇنۇش كوچىلار ،قانچىلىك شىرىن ئۆتكەن ئىدۇق ھە!مىنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ كەتتىڭغۇ جېنىم زۆھرە .شۇ خىيال بىلەن شۇ شىرىن كۈنلىرىمىزنى ئەسكە ئالدىم. تۇيۇقسىز شوپۇرنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى .
  -دىرىكتور ،كەلدۇق .
  ئاستا ماشىنىدىن چۈشتۈم .بۇ ئۆي ئاددىي بولسىمۇ شۇنچىلىك سىپتا ،مىھىرلىك ئىدى .ھويلا پاكىز تازلانغان ئىدى .يەنە كىچىك بىر ئۆيدە كىچىك پاقلانلار مەرىشىپ تۇراتتى .ئۆستەڭدە سۇ ئۈزگەن ئۆردەكلەر ئالچاڭشىپ  
كىلۋاتاتتى .بۇ ھال ماڭا يەنە زۆھرەنى ئەسلەتتى .چۈنكى دائىلا ئۇنى ئۆردەك تۇمشۇق دەپ ئەركىلتەتتىم .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى سەينادىكى مەنزىرلەر خۇددى بىز زۆھرە بىلەن خىيال قىلغان مەنزىرگە ئوخشايتتى. ئەجىبا ئۇ زۆھرەمىدۇ ،،،ياق ياق ئۇ ئەمەس دەيتى شەيتىنىم .
  -دىرىكتور ئۆيدە ئادەم يوقكەن ،قايتىپ كېتەيلىمۇ ؟
  -ھە
  شۇلارنى دەپ خىيال بىلەن يولغا چىقتىم .تۇيۇقسىز ئالدىمغا بىر توپ كەلدى .توپنى تۇتۋېلىپ سىنچىلاپ قارىدىم .كىيىن بىر بالا قارلىغاچتەك ۋىچىرلىغان ھالدا يېنىمغا كەلدى .
  -ئاكا ،ئۇ مىنىڭ توپىم ئىدى .بەشىڭىز بولامدۇ ؟  ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدىم ئۇمۇ ماڭا سىنچىلاپ قارىدى .
-ئىسمىڭ نمە
-يادىكاي .
  -يادىكار ؟ئۇ بېشىنى لىڭىشتى .ئىچچىم ئاچچىق بولدى .زۆھرە مۇشۇ ياردىمىدۇ دەپ گۇمان قىلىشقا باشلىدىم .
  -دىرىكتور ،ماڭايلى بولمىسا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە ماڭمىقىمىز تەس بولىدۇ.
ماشىنىغا چىقتىم .ئۇ بالا تۇپىنى كۆتىرىپ تايچاقتەك چېپىپ كىتىپ قالدى .كۆزلىرىم يەنىلا شۇ مەنزىرلەردە قالغان ئىدى .ئۆيگە كىلىپمۇ بۇ ئىشلار كالامغا كىرىپلاۋالدى .
      كۈنلىرىم يەنىلا شۇ خىزمەت بىلەن ئۆتتى .ھازىر ئۇنىڭدىن باشقا خۇشاللىقىممۇ قالمىغان ئىدى .ماتىرىيال كۈرۈپ ئولتۇرسام كاتىپ كىرىپتۇ
  -دىر..ىكتور.
  -نىم بولدى ،نىمىگە بۇنچە جىددىيلىشىپ كەتتىڭىز ؟
  -بايا بىرىنىڭ دىيىشىچە قايسى كۈنى بىز بارغان يېزىدا زۆھرەنى كۈرۈپتۇ.
  -نىمە؟ ھەيرانلىقتا ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتىم .تىز بۇلۇڭ ماشىنىا تەييارلاڭ .
  -ماقۇل ھازىرلا ،دىرىكتور.
   مانا يەنە شۇ يېزىغا كەلدۇق .زۆھرەنىڭ خېلى كۆپ ئادەملەر بىلەن بىللە كەلگىننى يىراقتىن كۆردۈم .ئۇنى شۇ يەردە ساقلاپ تۇردۇم .قالغانلار ئۇزاپ زۆھرە،ھېلىقى يادىكار دىگەن بالا يەنە بىر ئەر ئون  بەش مىتىر ئارلىق بولغان يېنىمدىن ئۈتۈپ كەتتى .قارىماققا ئۇ خۇشالدەك قىلاتتى .ئۇنىڭ باشقا ئەر بىلەن كەتكەندىكى شۇ ھالىتىدىن يۈرىكىم بەكلا ئېچىشىپ ئاغرىدى .
  -بولدى قايتىپ كېتەيلى .دىدىم .ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ تۇرۋاتاتتىم .زۆھرەنى كۆرگەنگە خۇش بولايمۇ ياكى ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلغىنىدىن ئازاپلىنايمۇ ؟ئۆيگە قانداق كەلدىم بىلمەيمەن .ئۆيدە خىيال بىلەن ئولتۇرسام تېلغۇنۇم جىرىڭلاپ كەتتى .تېلغۇننى ئالدىم.
  -ۋەي ،
-تىشلىقمۇ ،سىز زۆھرە خانىمنىڭ يولدىشى بولامسىز..    بۇ گەپكە نىم دەي ئەمدى .
  -ھ..ھە .ئاران شۇنىلا دىدىم .
  -مۇبارەك بولسۇن .بىز يېقىندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان .ئايالىڭىزنىڭ قايتا ھامىلدار بۇلۇش ئېھتىماللىقى خېلىلا يۇقىرى چىقىتى .
  -ھە ،شۇنداقمۇ ؟ئۇنداقتا دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن بۇيىدا قېلىش ئىھتىماللىقى بار شۇنداقمۇ؟
  -شۇنداق .
  -ھە ،رەھمەت سىزگە،خوش ئەمسە .
  تېلغۇننى قۇيۇپ ئۈزۈمگە كېلەلمەي ئولتۇرسام ،تېلغۇنۇم يەنە جىرىڭلىدى ،
-ۋەي .
  -مەن باھار ،قانداق ئەھۋالىڭ ؟
  -ئۇف ،نىمىسىنى دەي باھار.
  -نىم بولدۇڭ؟
  مەن ،مەن زۆھرەنى كۆردۈم باھار ،لىكىن ئۇ باشقا ئەر بىلەن ...تېخى بايا دوختۇر تېلغۇن قىپتىكەن .ئۇنى ئەمدى بالىلىق بولالايدۇ دەيدۇ .
  -ھە .
-باھار قىلچە ھەيران بولمىدىڭغۇ؟
  -مەن ھازىر يېنىڭغا باراي ،ئاندىن بىر نەرسە دىيشەيلى مىنى ساقلاپ تۇرغىن .
  -ماقۇل ئەمسە تىزراق كېلەرسەن .
  -ھە.

  -ئارمان ،مەن كەلدىم .   باھارنىڭ ئاۋازىدىن سىرتقا چىقتىم .ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم .
  -مەن گەپ قىلمە ،گىپىمنى بۆلمەي ئولتۇرغىن ،بولمىسا دەپ بەرمەيمەن .
  -ھە ،دىگىنە تىز
  زۆھرە ماڭا سۆزلەپ بەرگەن بۇيىچە ھەممىنى ئارمانغا سۆزلەپ بەردىم .ئارمان بىر دەم سۈكۈتتە تۇرۋەتكەندىن كىيىن
  -دىمەك ،يادىكار مىنىڭ بالام ،شۇنداقمۇ ؟
  -شۇنداق .
  -ئۇ توي قىلماپتىما؟
-مەنچە توي قىلمىدى .ئۈزى يالغۇز كەپتىكەن يادىكار بىلەن .تاشقى قىياپىتىدىنمۇ توي قىلغانلىقىدىن بىشارەت بېردىغان نەرسىلەر يوق ئىكەن .
  ئارمان بىردىنلا چاپىننى ئېلىپ يۈگرەشكە باشلىدى .
  -نەگە؟ توۋلىدى باھار
  - بايلىقىمنى ،بەختىمنى ئەكەلگىلى .   باھار ئارمانغا قاراپ خاتىرجەملىك ئىچىدە كۈلۈمسىرەپ قويدى .


   -ئاپا ،ئاپا
  -نىم بولدۇق تاتلىقىم ،
  -مەن قايسى كۈنى دادامغا بەك ئوخشايدىغان بىر ئادەمنى كۆيدۈم .ئۇ دادامغا بەكلا ئوخشايدىكە .لىكىن ئۇ ئادەم سەل ئۇرۇقكەن .
  -نىم دەيسە ،يادىكار.
  -ياس ئاپا ،يالغان گەپ كىمىدىم . زۆھرەنىڭ يۈرىكى ئەنسىز تىپىرلاپ كەتتى .
  -بىيسى كەلدى ئاپا .
  زۆھرە يادىكارنى يۆتلەپ سىرتقا چىقتى .زۆھرە بۇ مەنزىردىن بەكلا ھەيران قالدى .
  -ئارمان ؟
  -ئاپا مەن سىزگە دىگەن ئاكاش مۇشۇ ،دادامغا بەكلا ئوخشايدىكە ھە!زۆھرەنىڭ كۆزلىرى نەمدەلدى .ئارمان مىھىر بىلەن يادىكارنىڭ يېنىغا كەلدى .
  -بالام ،مەن سىنىڭ داداڭ .  يادىكار راسما دىگەندەك سۇئال نەزىردە زۆھرەگە قارىدى .زۆھرە ھە دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭىشتى .
  -دادا .....
  -جېنىم بالام ،يۈرەك پارەم ،مىنى كەچۈرگىن ،سىلەرنى يالغۇز قويدۇم .
-سىزنى بەكلا شېغنىدىم دادا ،كۈندە شىزنى كۈرۈشنى ئازۇ كىلدىم .يادىكارنىڭ چۈچۈك تىللىرى بىلەن دىگەن سۆزلىرى ئارماننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى .
  -ئاپا ،كىلىڭە،دادامنى شېغىنمىدىڭىزما؟ئارمان زۆھرەگە مەنىلىك قاراپ قويدى .ھەمدە زۆھرەگە كەڭ قۇچاق ئاچتى .زۆھرە بۇ كۈننى كۈتكىلى بەكلا ئۇزۇن بولغان .ئاخىر بۇ ئۈچەيلەن جەم بولدى .نەۋرىسىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن پاتىمە ئاپام بەكلا خۇشال بولدى .
  ئىللىق ئائىلە قايتىدىن ئۆز ئەسلىگە كەلدى ..مۇھەببەت بالقىپ تۇرغان ئائىلمىز قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى .
  كىيىن ئالىم بىلەن باھار ئارلىشىپ توي قىلدى .ئۇلارنىڭمۇ بەخىتلىك ئائىلىسى ،ئوماق بالىسى بولدى .ئەمدى ئالدىمىزدا قايسى كۈن بار بىلمەيمەن ،لىكىن ئائىلىمىزدىكى مۇھەببەتنىڭ ھەر قانداق سىناقلاردىن ئۈتۈپ كىتىشىنى تىلەيمەن ،......

ئاخىردا دەيدىغانلىرىم:ئىقتىساتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتىنىڭ سۇسلىشىشى ،ئىشەنچىنىڭ ئاجىزلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشلەر زارلىنۋاتقان ،ھارغىنلىق ھىس قىلدىغان مۇشۇنداق  ۋاقىتتا ھەممەيلەننىڭ  دۇنياغا ،بارلىق ئادەملەرگە مۇھەببەت بىلەن قارىشىنى ،دۇنيانىڭ گۈزەل بۇلىشىنى ،يېنىدىكى بەخىتىنى قەدىرلىشىنى ،ئاجىرشىش نىسبىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرۋاتقان ،يىتىملەرنىڭ نالىسى يۈرەكنى ئىزىۋاتقان شۇ دەمدە ھەر بىر ئاتا -ئانىنىڭ ئەقىل كۈزى بىلەن ياشاپ ،ئائىلىمىزنىڭ ،مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان شۇ گۈھەرلەرنى  قەدىرلىشىنى ،ئىللىق ئائىلە مىھرىدىن ،مۇھەببىتىدىن ئۇلارنى تۇلۇق بەھرىمان قىلىشنى ئىلتىجا قىلمەن .

تۈگدى .




    :2251294290 چ چ

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش1 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119068
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2015-5-12
ئاخىرقى: 2015-7-3
2#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 122166
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-6-28
ئاخىرقى: 2015-6-28
3#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115335
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 143
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2015-3-17
ئاخىرقى: 2015-7-2
4#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
alhux1 يوللىغان ۋاقتى  2015-7-1 10:54 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89765
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 793
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2015-7-1
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئشقىلىپ ياخشى چىقىپتۇ ..ئاخىرسى ئۇبدان چۇشۇپتۇ،،ھە دسسلا تىراگىدىيە بىلەنلا ئاياقلاشماي مۇشۇنداق چۇشۇرسىمۇ بۇلدىكەنغۇ ھېكاينى ئ

ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ، كۆلۈپ ياشاڭ !!!! ھايات پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 1101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1972
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-7-3
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:01 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ،قايىل بولدۇم قىرىندىشىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارزۇ01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-2 03:01 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 130
يازما سانى: 1042
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11213
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 315 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-7-4
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:23 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ دوستۇم ،،،ئەڭ قىززىق يىرى بۇ ئەسەردە ساپلا مەن ياختۇردىغان ئىسىملارنى قوللۇنۇپسىز ،،بەكلا ھەيران قالدىم ،
ئوغۇللارنىڭ ئىسمىدىن
دىليار،جەسسۇر،يادىكار ،قىزلارنىڭ ئىسمىدىن .لەيلى،،زۆھرە ،زىلالە،دىگەن ئىسىملارغا ئاجايىپلا ئامراق ئىدىم مەن ،،

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 117800
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2015-4-21
ئاخىرقى: 2015-7-3
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:24 PM |ئايرىم كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك يېزىپسىز   ھازىرمۇ كوزلۈرۈمدە ياش لىگىرلاپلا تۇرىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2687
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-7-4
9#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:21 PM |ئايرىم كۆرۈش |
munglukkadam يوللىغان ۋاقتى  2015-7-2 03:23 PM
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ دوستۇم ،،،ئەڭ قىززىق يىرى ب ...

مەنمۇ ئامراق بۇ ئىسملارغا ،،،،،،،،،،،

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115335
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 143
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2015-3-17
ئاخىرقى: 2015-7-2
10#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:04 PM |ئايرىم كۆرۈش |
پىكىر بەرگىنىڭلاردىن بەكلا خۇرسەن بولدۇم .رەھمەت سىلەرگە.يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشقا تىرشىمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش