مىنىڭ ئىككى ئانام بار
(جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقىغا بىغىشلايمەن )
پەيزىۋات ناھىيە جانباز يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن يېزا باشلىقى
مۇتەللىپ ئابدۇكىرىم
مىنىڭ ئىككى ئانام بار . بىر ئانام 80ياشقا كىردى ، يەنە بىر ئانام 94 ياشقا كىردى .مىنى تۇققان ئانام ، خۇددى باشقىلارنىڭ ئانىسىغا ئوخشاش مىھرىبان ، جاپاكەش ئانا . مېنىڭ يەنە بىر ئانام بولسا تېخىمۇ جاپاكەش ئۇلۇغ بىر ئانا .
مېنى تۇققان ئانام،ماڭا باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگەتكەن بولسا ، يەنە بىر ئانام ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۆتۈشنى ئۈگەتتى .ئانام ماڭا يۇرتنى سۆيۈشنى ئۈگەتكەن بولسا ، يەنە بىر ئانام ماڭا ۋەتەننى سۆيۈشنى ئۈگەتتى . ئانام مېنى ئەمگەكتە چېنىقتۇرغان بولسا ، يەنە بىر ئانام مېنى پارتىيىۋىلىك مەيدانىدا چېنىقتۇردى .
مېنىڭ ئانام ، 1935 – يىلى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى قەشقەر پەيزىۋاتتا تۇغۇلدى . ئانام ھاۋا ئوچۇق كۈنى ئىسسىق ئۆيدە ناھايىتى بىخەتەر خاتىرجەم تۇغۇلدى .
لىكىن مېنىڭ يەنە بىر ئانامچۇ ؟
مېنىڭ يەنە بىر ئانام 1921- يىلى 7- ئاينىڭ 23 – كۈنى شاڭخەي فازۇجيې ۋاڭجى كوچىسى 106- نومۇرلۇق (ھازىرقى شىڭيې كوچىسى 76- نومۇرلۇق ) ئۆيدە تۇغۇشقا تەييارلىق قىلدى ( تولغاق يىدى ).
بۇ پۈتۈن جاھاننى قاراڭغۇ زۇلمەت قاپلىغان ، ھەممە يەردە بوران چاپقۇننىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان چاغلار ئىدى . مانا مۇشۇنداق قاراڭغۇ قورقۇنۇشلۇق كىچىدە ئانام قاتتىق تولغاق يەۋاتاتتى .ئەينى ۋاقىتتا جوڭخۇا مىللەتلىرى مۇشۇنداق بىر ئانىنىڭ دۇنيا غا كىلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى . 56 مىللەت ئانامنىڭ تۇغۇلۇشىنى تەقەزززالىق بىلەن كۈتمەكتە . ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بۇ ئانامنىڭ تۇغۇلۇشىغا دىققەت نەزىرى بىلەن قارىماقتا . شۇنداق قىلىپ ئانام 1921 – يىلى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى جيې جياڭ جياشىڭ جەنۇبى كۆلىدىكى بىر ساياھەت كىمىسىدە تۇغۇلدى . مېنىڭ ئۇلۇغ ئانام بىر كۆلدە بىر كىمىدە تۇغۇلدى .
ئانام تۇغۇلدى !
مېنىڭ ئانام تۇغۇلدى ! !
مېنىڭ ئانام ئاخىرى تۇغۇلدى ! ! !
ئانامنىڭ تۇغۇتى ناھايىتى خەتەرلىك ھەم جاپالىق بولسىمۇ لىكىن ئانام تۇغۇلۇشى بىلەن تەڭ بوران چاپقۇن بىردىنلا يوقالدى . شەرق تەرەپتىن قۇياش كۆتىرىلىپ ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى ، پۈتۈن مەملىكەتتە غەلبە تەنتەنىسى ياڭرىدى ، پۈتۈن دۇنيا ئانامغا : « جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيسى » دەپ ئىسىم قويدى .
مېنىڭ ئىككى ئانام بار بولدى .
بىرسىنىڭ ئىسمى نۇرنىساخان يەنە بىر ئانامنىڭ ئىسمى جوڭگۇ كومنىستىك پارتىيسى .
مەن نىمە دىگەن بەخىتلىك ھە ! ! !
مىنىڭ بۇ ئىككى ئانام مىنى ئۆز قوينىدا بىقىپ چوڭ قىلىپ ، مىنى ئىقتىدارلىق ، ھەق – ناھەقنى پەرق ئىتىدىغان سىياسىي جەھەتتە ئشەنچلىك قىلىپ تەربىيلەپ چىقتى 2001- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى مەن قەسەم بىرىپ ئانامغا رەسمىي بالا بولدۇم .
ئانا سىزنىڭ باغرىڭىز نىمە دىگەن كەڭ نىمە دىگەن ئىللىق ھە ! مەن ئىككى ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھەر يىلى ئايرىم – ئايرىم ئۆتكۈزىمەن . بۇ تۇغۇلغان كۈندە مەن تورت يەپ ، شام يورىتىپ ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر بەخىت تىلەيمەن .
مېنى تۇغقان ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە پەقەت بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال بولساق ، يەنە بىر ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى خۇشال بولدۇق .
توغرا ! توغرا !
بۈگۈن ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەمەسمۇ ؟
بۈگۈن دەل ئانامنىڭ 94 ياشقا كۆرگەن تۇغۇلغان كۈنى شۇ تاپتا، مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىشماقتا .
رەھبەرلەر ، خىزمەتداشلار ، ساۋاقداشلار كىلىڭلار ئانامنىڭ ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلەيلى !
ئانا تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !
ئانا 56 مىللەتنى بىقىپ چوڭ قىلغىنىڭىزغا رەھمەت !
ئانا 94 يىللىق شانلىق نەتىجىڭىزگە رەھمەت !
خەلقئارا سەھنىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن ئالغانلىقىڭىزغا رەھمەت !
ئانا سىز نىمە دىگەن بەخىتلىك ھە !
لىكىن ئانا سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدىكى مەجبۇرىيەت ، مەسئۇلىيەت تولىمۇ جاپالىق ھەم شەرەپلىك .
مىنىڭ ئانام پەقەت 3 بالىنى باقسا ، سىز بولسىڭىز 1 مىلىيارت 300 مىلىيون بوپۇسنى باقىسىز . مىنىڭ ئانام 3بالىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىسە سىز 56 مىللەتنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيسىز .
ئانا – سىز كۆز ئالدىڭىزدا ماڭىدىغان يول تولىمۇ ئۇزاق ھەم مۈشكۈل . لىكىن سىز خاتىرجەم بولۇڭ ، سىنىڭ ھازىر 80 مىليوندىن ئارتۇق بالىڭىز بار . بىز سىز بىلەن جاپادىمۇ ، ھالاۋەتتىمۇ ئاخىرغىچە بىللە بولىمىز . بىز سىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە كۆرەش قىلىمىز .
ھەممە گۈللەر تەڭ ئىچىلىۋاتىقان ، ھەممە قۇشلار بەس – بەستە سايراۋاتىقان ، پۈتۈن خەلق غەلبە تەنتەنىسىگە چۆمگەن مۇشۇنداق بەخىتلىك كۈندە چىگرا ئىچى سىرتىدىكى ئاز بىر قىسىم مىللى بۆلگۈنچى، دىنى ئەسەبى كۈشلەر ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقتىن دىرەك بېرىدۇ ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى خۇددى سۈيى تۈگىگەن كۆلدىكى بېلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىپىرلىشىشىغا ئوخشايدۇ .
ئانىمىز بىزنى 94 يىلى باقتى ، ئاسرىدى ، قوغدىدى ، بىزنى بەختتىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى ، شۇڭا بىز ھەرمىللەت خەلىق ئاممىسى ئانانىڭ دانىسىدە زىچ ئىتىپاقلىشىپ مىللى بۆلگۈنچى دىنى ئەسەبى كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بىرەيلى !
مىنىڭ ئانام 28 يىل جەريانىدا دىمكۇراتىك ئىنقىلاپ ، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلبە مىۋىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ 1949 – يىلى 10 –ئاينىڭ 1- كۈنى ئۇلۇغ جوڭگۇ خەلق جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇپ چىقتى ،94 ياز 94 قىش ئۆتۈپ كەتتى .
مېنى تۇققان ئانام ئۆلۈپ كەتتى لىكىن مىنىڭ يەنە بىر ئانام بولغاچقا مەن بەك بەخىتلىك . چۈنكى مېنىڭ بۇ ئانام مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ . مېنىڭ بۇ ئانام ھەر 100 يىلدا بىر ياشقا كىرىدۇ .
مېنىڭ بۇ ئانام بولغاچقا ، مەن باللىرىمنى ھەقسىز ئوقۇتالايمەن ، باللىرىمنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلمايمەن ، مېنىڭ بۇ ئانام بولغاچقا مەن ئاغرىپ قېلىشتىن قورقمايمەن چۈنكى ئانام مېنى داۋالىتىپ قويىدۇ . مېنىڭ بۇ ئانام بولغاچقا مەن 60 ياشتىن ئىشىپ قىرىپ كىتىشتىن قورقمايمەن . چۈنكى ئانام مېنى قېرىپ كەتسەممۇ باقىدۇ مېنىڭ بۇ ئانام بولغاچقا يېزىدىكى نامىرات تۇققانلىرىمنىڭ تۇرمۇشىدىن غەم قىلمايمەن چۈنكى ئانام ھەر ئايدا ئۇلارغا پۇل بېرىدۇ . مېنىڭ بۇ ئانام بولغاچقا مەن يېزادىكى تۇققانلىرىمنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى سېتىۋىلىشىدن غەم قىلمايمەن .
مېنىڭ ئانام شۇنداق مەرت – سېخى .
يېزىدىكى تۇققانلار ، كىۋەز تىرسىمۇ ، بۇغداي تىرىسىمۇ ،قوناق تېرىسمۇ پۇل بېرىدۇ . ھەتتا قوي كالا توخۇ باقسىمۇ پۇل بېرىدۇ .
مېنىڭ ئانام ئەنە شۇنداق مەرت - سېخى.
كادىرغىمۇ بېرىدۇ ، دېھقانغىمۇ بېرىدۇ ، چوڭلارغىمۇ بېرىدۇ ، كىچىكلەرگىمۇ بېرىدۇ بايغىمۇ بېرىدۇ كەمبەغەلگىمۇ بېرىدۇ ، تۆت پىشقەدەمگىمۇ بېرىدۇ ، دىنى زاتقىمۇ بېرىدۇ . ئويلاپ بېقىڭ ، ئىلگىرى سىزنىڭ ، ئۇنىڭ مىنىڭ ھىچ نەرسىمىز يوق ئىدى ئانىمىز بىزگە خۇشاللىققا چۈمگەن بىخەتەر ، گۈزەل شەھەر تۇرمۇشىنى بەردى ، ھوقوق بەردى ، ئىسىل ماشىنا بەردى ، ئىگىز بىنالاردىن ئۆي بەردى شۇڭا بىز ھەر مىللەت خەلقى ، ھەر ۋاقىت ئۆز – ئۆزىمىزگە « ئانىمىز بىزگە نىمىلەرنى قىلىپ بەردى » «بىز ئانىمىزغا زادى نىمىلەرنى قىلىپ بەردۇق » دىگەن سۇئالنى قويىشىمىز كېرەك .
مېىڭ ئانام بولسا بىزنىڭ ئانمىز ، بىزنىڭ ئانمىز بولسا 56 مىللەتنىڭ ئورتاق ئانىسى ، بىزنىڭ ئانىمىز ۋەتەننىڭ ئانىسى ، بىزنىڭ ئانىمىز دۇنيانىڭ غوجىسى ! شۇڭا ھەممەيلەن ئانىمىز ئۈچۈن جاپادىن قورقماي ، تېرىشىپ ئىشلەيلى ! ئانىمىزنى قەدىرلەيلى ، ئاسىرايلى ! قوغدايلى !
56 قېرىدىشىم كىلىڭلار مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ناخشىسىنى بىرلىكتە ياڭرىتايلى ! !
ئاپتور:پەيزىۋات ناھىيە جانباز يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن يېزا باشلىقى
مۇتەللىپ ئابدۇكىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-2 11:11 PM