مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6427|ئىنكاس: 58
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قىيالمىغان ھېسىيات (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 122138
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2015-6-27
ئاخىرقى: 2015-7-3
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

kiyalmihan hesiyat-rasim.jpg



قىيالمىغان ھېسىيات(ھېكايە)


ئاپتورى: كەمجان



1


كەسىپنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، ئاسىيە دائىم يىنىك تەنتەربىيە كىيىملىرىنى كىيىپ يۈرەتتى .بىراق پادىچىلار ئىشتىنى،ت شەكىللىك مايكىلارئۇنىڭ گۈزەللىكىنى بەكرەك نامايەن قىلاتتى.بىراق ئۇ تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىسى بولغاچقا ،كۆپ ۋاقىتلاردا تەنتەربىيە كىيىملىرىنى كىيىپ،ياش نوتىلارغا ئۆز ھەركىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشنى مۇھىم كۆرىدىغان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىرسى ئىدى.ئۇ تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىپ بەرگەچكىمۇ ،ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى 3 ياشلىق بالىنىڭ ئانىسىدەك تۇرمايىتتى.ئۇ بالىسىنى تۇغۇپ بۇلۇپلا،كۈندە يىنىك ھەركەتلەربىلەن بولسىمۇ ئۆز بەدەن گۈزەللىكىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ،كۈندە ئەتىگىنى ۋە ئاخشاملىرى چېنىقتى .چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدەتەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىلىرى دائىم چېنىقىپ تۇرۇش ئارقىلىق،شۇ تەنتەربىيە دەرسىگە كىرگەن ئۇقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن ،بىر تەنتەربىيچىدەك تۇيغۇ بېرىشنى ئۆزىگە مىزان قىلىپ كەلگەنىدى.بەزى ئۇقۇتقۇچىلارغا قارىسا تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىسىدەك تۇرمايدۇ،قوساق دىگەننى ئايىماي سالغان .ئۇلار چېنىقمامدىغاندۇ،نىمىشقا چېنىقىشنى تاشلىۋېتىدۇ .بالىلار كۆڭلىدە تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىسى ھەجەپ تېلۋىزۇرلاردىكىدەك چېنىققاندەك تۇرمايدىكىنا دىگەن سۇئاللارنى ئۇنىڭدىن سورىغىنىدا ،ئۇ يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بۇلاتتى.

تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىلىرى سۆزى بىلەن ئەمەس،ئەمەلىي ھەركىتى ،بەدەن قۇرۇلمىسى بىلەنمۇ ئۇقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيەنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرەلىگەن ئامىرىكا مائارىپىدا .ئامىرىكىنىڭ تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىلىرى ئۇنداق قوساق سېلىپ كەتكەنلىرى ئاز.ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزىگە تەلەپچان ئۇقۇتقۇچى ئىدى .گۈزەل لاتىپىتىنى ئۇنىڭ كىيگەن تەنتەربىيە كىيىملىرى يۇشۇرۇپ قالالمايىتتى.ئۇ 25 ياشلار ۋاقىتلىرىدا ،شوپۇرلۇق مەكتەپتە بىرئۇغۇلبالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانىدى.ئىككىسى خېلى بىر مەزگىل ئارلاشتى.بىر-بىرسىگە گۈزەل ۋەدىلەرنى بېرىشىپ تويمۇ قىلىشتى.بىراق ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ بىر قېتىم ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئۇ توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇقتى .ئۇنىڭغا بۇ ئىشلار بەك ئېغىر كەلدى.ئۇ يىگىت ئۇنى ئالدىغانىدى.ئۇ يىگىت باشقا بىر ۋىلايەتتىن شوپۇرلۇقئۆگەنگىلى كەلگەنلىكىنى ئۇققاندىلا ،نىمىشقا ئانچە مۇنچە شۇ جايغا بېرىپ تىڭ تىڭلاپ باقمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى.بىراق بەرىبىر بۇلىدىغان ئىش بوپ بولغانىدى.ئۇنىڭغا ھېسىيات جەھەتتىكى ئالدىنىش ئەمەس،ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ ئالدانغانىدى.چۈنكى ئۇ ،ئۇ يىگىت بىلەن توي قىلغاندىلا ئۆي فوندىدىن بىر ئۆي ئالغانىدى.قېلىپ قالغىنىنى قەرىزگە تۇتۇپ بېرىپ.ئۇ ساراڭ بۇلايلا دىگەنىدى.بىراق ئۇ يەنىلا ياخشى ياشاشنىڭ لازىملىقىنى ،بۇ ھاياتتا بىزنىڭ ئۇنچە قايغۇرۇپ كەتكۈدەك ئىشلارنىڭ يوقلىقىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،ياخشى ياشاشقا نىيەت قىلدى.يولدىشى ئۇنى بۇ جەھەتتە ئالدىغىنى بىلەن ،باشقا ئىشلىرى ياخشى ئىدى.ئۇنىڭغا كۈيۈنەتتى.ئاسىيە يولدىشىغا 2 ئاي توڭ تېگىپ يۈردى .شۇ ئىشنىڭ باھانىسى بىلەن.دېمىسىمۇ ئۇ نىمىشقا بېشىدىلا دېمەيدۇ.بۇنى مېنى ئېنىق ئالدىغانلىقىغۇ دەپ بىلگەن ئاسىيەگە نىسپەتەن بۇ بىر چوڭ خاتالىق .ئاسىيەنىڭ كاللىسىدا :

-‹ ئەتە-ئۆگۈن بالىسىنى ئەكەلسە،قانداق ئۆز بالامدەك كۈرەرمەن،تېخى ئىككىمىزدىن بالا بولمىسا ،ئىككىمىزدىن بالا بولغان ۋاقىتتا، مەن بىلىپ-بىلمەي ئۇ بالىغا ئۆگەيلىك قىلىپ سالارمەنمۇ ؟ ›دىگەن خىياللار ئەگىيىتتى.دېمىسىمۇ ھاياتتا ۋاي مەن ئۆگەيلىمەيمەن دىگەن بىلەن ،باغرىنى يېرىپ چىققان بالىنىڭ مېھرى بىلەن ئۇ مېھىرنى بىر تەرەپ قىلماق ھەقىقەتەن تەسكە چۈشەتتى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مانا ئۇنىڭ يولدىشى ئەسقەر بىلەن بولغان بىر بالا دۇنياغا كۆز ئاچتى .مانا ئۈچ يىل ئۆتتى.

بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا يولدىشىنىڭ بۇرۇنقى ئايالىدىن بولغان بالىسى ئەنقەرگىمۇ ئانىلىق مېھرىنى بەردى.ھەر ئىككىلىسىنى ياخشى تەربىيلىدى.بىراق يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر بىر يەرلىرىدىن -:‹ ھەجەپ مەن بىر بالىسى بار ئادەم بىلەن توي قىپ قالدىما ؟›

دىگەن سادا ھەر ۋاقىت يۈرىكىگە ئۇرۇلاتتى.ئۇ ئەسلى بىر يېگىت بىلەن توي قىلغۇسى بار ئىدى ،ئەر بىلەن ئەمەس.

ئۇ نۇرغۇن سورۇنلاردا ئولتۇرغان ۋاقىتتا،ئاداش ئېرىم دىگەن ئانداق مانداق دەپ ماز پاراڭلارنى قىلغان قىزلارغا قاراپ ،بەزىدە ئۇنىمۇ شەيتىنى ‹توي قىلمىغان يىگىت قانداق بۇلىدىغاندۇ ؟ ›دىگەندەك ئويلار چىرمىۋالاتتى.بىراق بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ يەنىلا ئەقىل تىزگىنى بىلەن شەيتاننى يېڭەتتى .شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۈچ يىل جەريانىدا كەسىپكىمۇ ئۆزىنى خېلى ئاتىدى.شۇنداق ئويلارنىڭ كاللىسىغا كىرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىپ ،كەسىپتە تىرىشتى.ئۇ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىمۇ بولدى .دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى .ئادەم ھاياتىدا شۇنداق بىرھېس-تۇيغۇلارغا دۈچ كېلىپ باقىدىغان ئوخشايدۇ.

2

بىر يەكشەنبە كۈنى ئاسىيە قاتار چايغا بېرىپ باقايچۇ دىگەن ئوي بىلەن قاتار چايغا باردى.ئۇنى ئۆزىمۇ ئۇقمايىتتى.زادى قانداق بىر خىل ھېس-تۇيغۇنىڭ ئىسكەنجىسىدە قاتار چاي دىگەن بۇنداق سۇرۇنغا بارغۇسى كېلىپ قالغانلىقىنى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوستى خانئايىم بىلەن بارماقچى بولدى .بىر ھېساپتا مۇشۇ خانئايىم ،مۇشۇ ئاسىيەنى قاتار چايغا ئاپىرالماي ئاۋارە ئىدى ،چۈنكى ئۇ ئاسىيەگە ھەسەت قىلاتتى.
ئۇنى مۇشۇ قاتار چاي ئارقىلىق تۈگەشتۈرمەكچى ئىدى .خانئايىم بىلەن ئاسىيە ھەر ئىككىسى بىر مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلاتتى.
ئىككىسى تەڭ خىزمەتكە چۈشكەن ،خانئايىمنىڭ كۆڭلىدە ،ئاسىيە بەك تىزلا ئۈسۈپ ،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇپ كەتتى.ئۇ مۇشۇنىڭغاھەسەت قىلاتتى .ئۇنىڭ يولدىشىمۇ ئاسىيەنى بەك قوللايىتتى،خانئايىم ئاسىيەنىڭ كېلىشكەن ھەم ئەخلاقلىق يولدىشىغا ھەۋەس قىلاتتى .
دىمىسىمۇ ئاسىيەنىڭ يولدىشى ئەسقەر ئاسىيەنى ئالداپ توي قىلغانمۇ ئەمەس،ئەمىلىيەتتە ئاسىيە ئۇنى ئالداش دەپ چۈشىنىۋالغان يېرىلا باتتى.بولمىسا ئاسىيەنىڭ يولدىشى شۇنداق ياخشى بىر ئەر ئىدى .مەسئۇلىيەتچان.گەرچە ئەسقەر ئاسىيەدىن 8 ياش چوڭ بولسىمۇ ،مۇھەببەت ئوتى ئۇلارنى نىكاھ باغچىسىغا باشلاپ كىرگەنىدى.قالايمىقان سۇرۇنلارغىمۇ بارمايىتتى .ئەسقەر ئۆيدە بالىلىرى بىلەن كۆپ
سىردىشاتتى.كېچىلىرى ئۇلارغا ھېكايە ئېيتىپ بېرەتتى.بىراق ئاسىيە ئۇنىڭ بۇرۇن توي قىلغانلىقىنى ھەم بالىسىنىڭ بارلىقىنى كۆڭلى
كۆتەرمىدى ئەيتاۋۇر ،ھازىرغىچە كۆڭلىنى چىۋىن يەۋالغاندەك تۇيغۇلاردا ئىدى.بۇ تۇيغۇ ئۇنى زادى قانچىلىك ۋاقىت قىينايدۇ.بۇنىسى
بىزگە نامەلۇم .ھايات ئاشۇنداق تۇيغۇلارنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغاندۇ.تۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپتۇ ھە .ئىشقىلىپ ئىنسان
بەزىدە نۇرغۇنلىغان ئىشلارغا يۇلۇقىدۇ.بىراق بىزنىڭ كۆڭلىمىز كۈتۈرىدىغان ئىشنى قىلمىساق،ھەر قانچە ياخشى بولدى دىگەندىمۇ ،
مۇشۇنداق بىر ئۆمۈر يۈرەكنى چىۋىن يەيدىغاندەك يۇرىيدىكەن.ئاسىيەنىڭ توي قىلمىغان يىگىتكە تېگەلمىگىنىگە،ئەسقەرنىڭ نىمىشقا
ئۇنىڭدىن يۇشۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي ئۈتۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا ئىدى.چۈنكى ئەسقەر ئۇنىڭغا بەك ياخشى مۇئامىلە
قىلۋاتسا،بەزى كۈنلىرى ھەتتا مەكتەپكە تاماقمۇ ئاپىرىپ بەرگەن ۋاقىتلىرى ،ئاسىيەنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاققان ئەمەسمىدى.
ئەجەبا بۇلار ئەسقەرنى كەچۈرۋېتىشكە يەتمەمدۇ ؟ شۇڭا ئاسىيە ھازىرغىچە ئەسقەرنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن دەپ بۇ سۇئاللارنى
سورىمىدى.بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ئاسىيە ئىزچىل :‹ مەن نىمىشقا توي قىلمىغان يىگىتكە تەگمىدىم،نىمىشقا بۇنداق بۇلىدۇ.
مەن ئاجرىشىپ كەتكەن ئادەم بولسامغۇ ،تەگسەم ،قاراپ تۇرۇپ ،خەپ جۇمۇ ،ئاجرىشىپ كېتەي دېسە تېخى .بالدۇرراق ئۇقسامچۇ كاشكى،نەدىمۇ مۇشۇ ئەقىدەگە قورساق كۆتەرگەن ۋاقتىمدا ئۇقتۇم،بالدۇرراق ئۇققان بولسام ،ئاجرىشىپ كەتسەممۇ يۈرىكىم ئاغرىمايىتتى.
مەن چۇقۇم توي قىلمىغان ،يىگىتلىكى بار ئادەمگە تېگىشىم كېرەكتى› دەيدىغان بىر نىدا ئۇنىڭ يۈرىكىدە ھەر قاچان غەليان كۈتۈرەتتى.
داۋامى يەنىلا ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ.

3

3
شۇ سەۋەپتىنمىكىن،ئۇ بۈگۈن مەنمۇ بىر ئايال كىشى بولغاندىكىن،بىر ئويناپ باقاي،دوسىتلىرىممۇ ئوينايدىكەنغۇ ،دەپ قارىدىمۇ قانداق ،خانئايىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن قاتار چايغا ماڭغانىدى.بېرىپلا شۇنى سەزدىكى بۇ قاتار چاي باشقا قاتار چايغا ئوخشىمايدىغانراق ئىدى،
چۈنكى ئۇ دوسىتلىرىدىن پەقەت ئاياللار قاتار چېيى ئىكەنلىكىنى،ئەرلەرنىڭ يوقلىقىنى ئاڭلىغانىدى.بىراق نەدىكىنى ،تۆت ئەر كىشى ،ئىككى ئايال
بار ئىكەن،خانئايىم بىلەن ئاسىيە كېلىپ،دەللا تۆت جۈپ بولغانىدى.ئاسىيەنىڭ كۆتۈرۈلگەن كۆكسى،زىلۋا قامىتى ھەممە ئەرلەرنى خۇددىي بىر
نەرسە كۆرمىگەندەك ،ئاسىيەگىلا مەركەزلەشتۈرۈپ قويدى .ئاسىيە خىجىللىقتىن يەرگە قارىۋالدى.سورۇندىكى پىجۇ قوساق بىرسى گەپ باشلىدى:
ئوھوي ،خانئايىم ئاجايىپ گۈزەل پەرىدىن بىرنى ئەكەپسىزغۇ بۈگۈن ،چىراي دېسە چىراي،قامەت دېسە قامەت بار ئىكەن بۇ خېنىمدا ؟
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاسىيەنىڭ ئاچچىقى سەل كەلگەندەك بولسىمۇ ،يەنىلا سەۋىر قىلىشنى تاللىدى.كىم ئۇنى بۇنداق سۇرۇنغا كەلسۇن دەپتىكەن.
ئادەممۇ بەزى چاغدا شەيتانغا شۇنداقمۇ ئەگىشىدىكى ،ئۆزىمۇ ئۇقماي قالىدۇ.شۇ ئەسنادا خانئايىم گەپ تەشتى :
ھە غالىپ بايۋەتچە ،كۆزلىرى چۈشۋاتامدا ،ئېرى بار چوكان جۇما بۇ .سەل گەپ -سۆزلىرىگە دېققەت قىلۋالسىلا ؟
خانئايىم بۇ گەپنى دېيىش ئارقىلىق،ئۆزىنى ئاسىيەنى قوغداۋاتقاندەك تەسىرنى بەرگۈزۈپ،ئاسىيەگە نىسپەتەن خانئايىم مېنىڭ ياخشى دوستۇمغۇ
دىگەن نىيەتكە ئەكەلمەكچى ئىدى،شۇڭا قەستەن غالىپ بايۋەتچىگە ،قورقماي تۇرۇپ شىلتىڭ ئېتىشى ئىدى .بۇنىڭ ئاللىقاچان پىلانلىق
ئېلىپ بېرىلغان سۈيقەسىت ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى يوق ئاسىيەم ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ ئولتۇراتتى .
داۋامى ئىنكاس شەكىلدە داۋاملىق يېزىلىدۇ .



دەل شۇ ۋاقىتتا غالىپ بايۋەتچە ئاسىيەنى تاڭساغا تارتىش ئۈچۈن ،ئاسىيەنىڭ ئالدىغان كەلدى،ئاسىيە ئۆزىگە ئۇزارتىلغان قولدىن نېمە قىلارىنى
بىلەلمەي،قۇپاي دېسە تېخى،قوپماي دېسە،سۇرۇندىكىلەرنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتى.ئۇ بىر قىز بولمىسا يا ،ئۇ ھازىر دىگەن
بىر ئەرنىڭ خۇتۇنى ،تاڭسىغا تارتسا قوپمىسا بۇلمايدىغانلىقىنى سەتلىشىدىغانلىقىنى بىلەتتى.ئاسىيە ئورنىدىن تۇردى.ئىككىيلەن تاڭسا
ئويناشقا باشلىدى.ئاسىيە كۆڭلىدە:‹مۇشۇ تاڭسا دىگەن نەرسە ،زادى بولمايدىغان نەرسە،نېمە ئۇ يات ئىككى جىنىس بىر -بىرسىنىڭ قۇلىنى
تۇتۇپ،تېخى بېلىنى تۇتۋالىدىغان مازلارمۇ بار.تاس قالىدۇ ئۇ يەر -بۇ يەرلىرىنى چىمدىۋالغىلى.شۇڭىمۇ ئەقىللىق مىللىتىمىز ئۇسۇلدىن
ئىبارەت شەرمى-ھايالىق بىر كۆڭۈللۈك ھەركەتنى كەشىپ قىپتىكەن.قۇلنىمۇ تۇتۇشماي،بەدەننىڭ ھېچقانداق يېرى تىگىشمەي ئوينايدىغان ھەركەت بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز،بىراق ھازىرقى ئۇسۇلچىلىرىمىزغۇ تاس قالىدۇ قىزلارنى يانپاشقا ئېلىپ ئاتقىلى.ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئۇنداق ئەمەس ئىدى.ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئەزەلدىن شەرمى-ھايالىق بىر ئۇسۇل ئىدى.ھازىرقى ئۇسۇلچىلىرىمىز شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.شۇ ئۆز ئايالىنىڭ باشقا ئەرنىڭ كۆتۈرۈپ يەنە يەرگە تاشلاپ شۇ خۇتۇننى ئالغان ئەرنى ئازاپقا سالماسمۇ ؟ تېخى ئاۋۇ مېنىڭ خۇتۇنۇم دەپ ،خەق خۇتۇنىنىڭ بېلىندىن تۇتۇپ،چۆرگىلىتىپ،ئۇسۇل ئوينىسا،مېنىڭ خۇتۇنۇم دەپ كۈرۈپ كېتىدىغان مازپەينەك سايماخۇنلارمۇ جىقىيىپ كېتىپ بارىدۇ .بىراق نۇرغۇن غۇرۇرى بار ئەركەكلىرىمىز سەنئەتچى قىزلارنى ئالمايدۇ، نىمىشقا،چۈنكى يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك يەرلىرى بار .خۇتۇنىڭىزنى بىرسى بېلىدىن تۇتۇپ،چۆرگىلىتىپ يەرگە تاشلاپ قويغان ھالىتىنى كۆرسىڭىز،يۈرىكىم ئېچىشمايدۇ دېيەلەمسىز؟ ھازىرغۇ ئاشۇ بىر نەرسە قىلۋەتمىسىلا
شۇنىڭغا شۈكرى دەيدىغان بولدۇق .ھەي زامان ! › شۇلارنى ئويلاپ چوڭقۇر ئۇھ تارتتى.غالىپ بايۋەتچە ئاسىيەنىڭ كاسسىنى سىلاشقا ئۇرنىۋېدى .ئاسىيە تاسلا قىلىپ غالىپ بايۋەتچىنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سېلىپ ،يىغلىغىنىچە سورۇندىن چىكەتتى.ئاسىيە قۇلىدىكى تېلفۇننىڭ سايراشلىرىغا
پىسەنىتمۇ قىلمىدى.چۈنكى ئۇ ھازىر نۇرغۇن سۇئاللار ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى.مەنمۇ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولدۇممۇ،مۇشۇنداق ماز پەينەكلىنىڭ سورۇنىدا ماڭا نېمىمۇ بار .ئۇ شۇنداق دەپ ئۆيگە قاراپ ماڭدى.ئۇ بۇ ۋاقىتتا شۇنى سەزدىكى ئۇ يەنىلا شۇ شەرمى-ھايالىق
يىگىتى ئەسقەرنى سېغىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.ئۇ ئۆيگە كېلىپ،ئىشىكنى ئېچىپ،شۇنداق بىر تەسىرلىك كۈرۈنۈشنى كۆردى.
ئەسقەر ئوڭ يېنىغا قىزى ئەقىدەنى،سول يېنىغا ئوغلى ئەنقەرنى ئېلىپ ئۇخلاپ قالغانىدى،ئەسقەرنىڭ قۇلىدا چىن تۆمۈر باتۇر دىگەن
بالىلار چۆچىكى تۇراتتى.ئەسقەر كۈندە ئاخشىمى بالىلىرى بىلەن مۇڭدىشاتتى،ئۇلارغا ھېكايە ئېيتىپ بېرەتتى.ئاسىيە بۇ كۈرۈنۈشنى كۈرۈپ،
يىغىسىنى توختىتالمىدى.ئۇ تاشقىرقى ئۆيگە چىقىپ،ئاسماندىكى ئايغا قاراپ ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ كەتتى.ئۇ ئەسقەر بىلەن ئۆزىنىڭ
ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ،كارۋېتىغا ئۆزىنى ئاتاي دەپ تۇرىشىغا كارۋاتتىكى بىر پارچە خەتكە ئۇنىڭ كۆزى چۈشتى.
داۋامى يەنىلا ئىنكاس شەكىلدە يېزىلىدۇ.

سۈيۈملۈكۈم ئاسىيە ،بىلىپ تۇرۋاتىمەن.سىزنىڭ ئويلاۋاتقان خىياللىرىڭىز ھەم ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى .بۇ ھايات شۇنداق ئىكەن.بەزىدە مېنى سېغىنىسىز،بەزىدە يەنە شۇ ئۆزىڭىزنىڭ شۇ ئويلاۋاتقان خىياللىرىڭىزنىڭ ئىسكەنجىسىدە ،
مەندىن نەپرەتلىنىسىز.مەنمۇ ھازىر دەماللىققا سىزگە نېمە دېيىشىمنى بىلمىدىم.مەن باللىرىمنى ھەم سىزنى سۆيىمەن.ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن،بەزىدە شۇنچىلىك ئازاپلىنىپ كېتىمەن،چۈنكى قىلغانلىرىڭىزنى ئويلىساملا ،ئازاپلىنىپ،ھاراق ئىچكۇم كېلىپ قالىدۇ ،بىراق ھاراق ئىچكەن شۇ ۋاقىتلىرىمدا باللىرىمغا ھەمرا بولسام،ئازابىم يىنىكلەپ قالىدىكەن.مەن سىزگە ئىشىنىمەن،سىزنى سۆرمەتلەيمەن .بەلكىم،ئۇ ئاللىقاچان بىر قىزنى خۇتۇنلىققا ئېلىپ ،پەيزىنى سۈرۈپ بولغان،بۇرۇن ئويناپ ،ئەمدى مەن ئوينىسام ،ھەجەپ قايناپ كېتىپتۇ دەپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن .لېكىن مەن سىزنى ھەقىقىي مېھىر مۇھەببىتىم بىلەن ئۆزگەرتىمەن .
بۇ خەتنى كۈرۈپ ئاسىيە كۆز -ياشلىرىنى توختىتالمىدى.ئەسقەر ھەقىقەتەن ئېسىل يىگىت ئىدى .ئاسىيە ئەتىسى ناشتىلىقنى باشقا كۈنگە ئوخشاتماي ،ياخشىراق تەييارلىدى،بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ،ئەتىگەن سائەت 4 تە قۇپۇپ،2 سائەت ناشتىلىق تەييارلىدى.ناشتىلىققا سۈت ،تۇخۇم،مانتا،ئۆزى ئەتىگەن ئالاھىدە تەييارلىغان سوغۇق سەي ھەم گۆش نان ،ئىشقىلىپ ئۈستەل ئۈستى توشۇپ كەتكەنىدى.ئەسقەر ھەممىنى چۈشەندى.ئەتىگەن ئىككىيلەن خۇشال ھالدا ئۆيگە قايىتتى . كىم بىلسۇن ،قارا قۇيۇن يەنە بۇ ئائىلىنىڭ ئۈستىدە ئەگىپ يۈرەتتى.


6
ئاسىيە ئەتىگەندە ئىشقا ئالدىراپ مېڭىپ،تاس قالدى بىر ماشىنىغا سۇقۇلۇپ كەتكىلى.ئۇ ماشىنىدىكى بالا ،ئاسىيەگە :‹ ھەدە ،مەن ئاپىرىپ قۇيايمۇ ؟ قارىسام بەك ئالدىراش ئوخشايسىز !› دەپ ئىللىق كۈلۈمسىردى،بەلكىم باشقىلار بولسا،تىللاپ كايىپ كەتكەن بۇلاتتى،ئاسىيەمۇ ئۇ يىگىتنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشىگە قاراپ،ئىشتىكلا ماشىنىغا چىقتى.ئۇلار ئاسىيەنىڭ مەكتىپى تەرەپكە يولغا ماڭدى،ماشىنا ئىچى شۇنداق پاكىزە بۇلۇپ،بۇ يىگىتنىڭ ئىنتايىن رەتلىك ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى . يىگىت : ‹ ھەدە ،كەچۈرۈڭ تاسلا قالدىم سىزنى سۇقىۋەتكىلى ؟ ›
ئاسىيە : ‹نەدىكىنى ئۇكام،مەن كۈچۈرۈم سورىسام بۇلىدۇ ،تاس قالدىم،سۇقۇلۇپ،سىزگە ئىش تېپىپ بەرگىلى،ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنى ئاۋارا قىلىپ مەكتىپىمگە ئاپارغۇزىدىغان بولدۇم .›
يىگىت : ‹ھېچقىسى يوق ئاچا ،ئىسىمىڭىزنى سورىسام بۇلامدۇ؟ مېنىڭ ئىسىمىم ئەنقەر›.
ئاسىيە : ‹مېنىڭ ئىسىمىم ئاسىيە ئۇكام .


7
—بۇلىدۇ ئاچا ،ئۇنداقتا تۇنۇشۇپ قالايلى ! -دېدى ئەنقەر.
ئىككەيلەن باشقا پاراڭمۇ قىلىشمىدى،شۇ ماڭغانچە مېڭىپ ،بىردەمدە ئەنقەر ئاسىيەنى ئىشلەيدىغان ئورنىغا ئەكەپ قويدى.ماشىنىدىن چۈشىدىغان چاغدا ئەنقەر ئاسىيەنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى سوراپمۇ ئۈلگۈردى.ئاسىيە ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن،ئەنقەر ئۇزۇنغىچە ئاسىيەنىڭ زىلۋا بەدىنىگە
تەپسىلىي سەپ سالدى.ئۇنىڭ كۈتۈرۈلۈپ تۇرغان كاسىسى بىلەن كۆكسى ،ئەنقەرنى بەكرەك جەلىپ قىلدى.ئەنقەرنىڭ شەيتىنى شۇ تاپتا ئاراملىق بەرمەيۋاتاتتى.بىراق ئۇ بۇ خىيالىدىن ئىشتىكلا ۋاز كەچتى.كۆڭلىدە: ‹بۇلىدىغان قىزكەن،توي قىپ بولدى ھەقاچان ،يېشى مەندىن چوڭ،بىراق مۇشۇ يېشى چوڭ قىزلارمۇ ياخشى جۇمۇ ،ئۇستىخان دېسە ،ئۇستىخان بار .› دىگەنلەرنى ئويلىدى.بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ زادى ئاسىيەگە قىزىقىپ قالغان ياكى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى ئۇقالمىدى.ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ مېڭىۋېتىپ،يەنىلا ئاسىيەنى خىيال قىلىپ ماڭدى.ئۇ ئۆز -ئۆزىگە : ‹ توۋا ! مەن زادى نېمە بولدۇم،بۇنداق ھېسىياتتا بۇلۇپ باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ،ئەقىدەنى 18 ياش ۋاقتىمدا سۆيگەن ۋاقتىمدا مانا مۇشۇنداق شېرىن-ھېس تۇيغۇلاردا بۇلۇپ باققان ئىدىم.بىراق ئۇ تەلىپىمنى رەت قىلىپ،مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىغا كەتكەندىن كېيىن ،ئالىي مەكتەپتە بىرسى بىلەن كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئارلاشقان بولساممۇ،لېكىن يەنىلا ئەقىدەنى ياخشى كۆرگەندەك ھېسىياتتا بۇلالمىغان ئىدىم،مانا ئەمدىلىكتە ئارىدىن 6 يىل ئۈتۈپ ،بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ماۋۇ ئاسىيە دىگەن ئاچامدەك قىزبالىغا نىسپەتەن مەندە يۇقۇلۇپ كەتتى دەپ قاراۋاتقان شۇ ساپ سۆيگۈ ھېسىياتى قۇزغىلىۋاتامدۇ نېمە ؟ ئادەم چوڭ بولغانسىرى مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى مەسئۇلىيەت،تۇرمۇش ،خىزمەت غېمى ئېلىپ،بۇرۇنقى ياش ۋاقىتلىرىدىكى مۇھەببەت ھېسىياتى نەلەرگىدۇر غايىپ بولغاندەك ھېس قىلىدىكەن ،ئەجەبا .....› دەپ پىچىرلىدى.


8
ئەنقەر بولسا ناھايىتى تىرىشچان ،مەسئۇلىيەتچان بىر بالا ئىدى.شۇ بەزىدە سەل شەھۋانىيلىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ،قايسى بىر ئوغۇلبالىدا بولمايدۇ دەيسىز بۇ خىل ھېسىيات .ئۇ كۆپ تىرىشىپ ،مەلۇم بىر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرىكتورلۇق ئورنىغا چىققانىدى.ئۇ كەسپىي تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپلا ،شىركەتكە كىرگەن ،ئۇ بىكار بولسىلا خەنزۇتىلى ئۆگىنەتتى.خەنزۇ دوسىت تۇتۇپ،كۆپ ئۆگەندى،خەنزۇ دوسىتلىرىمۇ كۆپەيدى.شىركەتتە ئىككى يىل باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدى.ئۇ ئاخىرى نەتىجىسى كۆردى .بۇ ئىككى يىل جەريانىدا ئۇ ،قىزلار بىلەنمۇ ئالاقە قىلماي،پۈتۈن زېھنىنى خىزمەتكە ئاتىدى ..مانا ھازىر ئايلىق مائاشى ئون مىڭدىن ئاشىدىغان ،120 كىۋادىرات مېتىرلىق ئۆيى،قۇڭىدا بىر ماشىنىسى بار بولغان بىر ئۇتتۇرا ھال تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى بىر ياشقا ئايلاندى.24 ياشقا كىرىپلا بۇنداق نەتىجە قازانغانلار كۆپ ئەمەس.ئۇ تىرىشقاننىڭ نەتىجىسىنى كۆردى.
ئۇ بىر ئاق كۆڭۈل مېھرىبان يىگىت ئىدى،خىزمەتتىن چۈشكەن چاغلىرى قېرى بوۋاي ،مومايلارنى كۆرسە ،ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇياتتى.ئۇ بىكار چاغلىرىدا كىتاپنىمۇ كۆپ ئۇقۇيىتتى.تولىسى مۇھەببەت رومانلىرىنى ھەم پەلسەپە كىتاپلىرىنى ئۇقۇشقا ئامراق ئىدى .شۇڭلاشقا ئۇ ئۆي ئالغاندابىرىنچى بۇلۇپ ئالغان نەرسىسى بىر كىتاپ جازىسى بولدى .بىكار بولغان چاغلاردا ئۇ رومان كىتاپ ئۇقۇيىتتى.چارچىغان چاغلىرىدا مۇزىكا تىڭشايىتتى .گىتتار چالاتتى.ئۇ كەيپىياتىنى مۇشۇ ئىشلار بىلەن ئوڭشايىتتى ھەم ئىش-پۇشۇقىنى مۇشۇنداق چىقىراتتى.ئادەتتە قىزلارنىڭ بەدىنىنىگە كۆپ دېققەت قىلسىمۇ،ناشايىن ئىشلاردىن يىراق ئىدى.شۇنداق بىمەنە خىياللار كاللىسىغا كەلگەندە ،گىتتارنى ئالاتتىدە ‹سېنى ئەسلىدىم› دىگەن ناخشىغا چالاتتى .

9ئەسقەر شۇنداق بىر ياخشى بالا ئىدى.بۇ قېتىمقى ئاسىيە بىلەن بولغان تۇيۇقسىز ئۇچرىشىش ئۇنىڭ خىيالىنى نۇرغۇن تەرەپلەرگە ئېلىپ ماڭدى.

ئەجابا ئۇ ئاسىيەنى راستىنلا ياخشى كۈرۈپ قالغانمىدۇ.ئەسقەر كۈندىلىك خاتىرسىگە مۇنۇلارنى يازدى :

بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ئۇچۇق،توۋا مەن راستىنلا ئاسىيەنى ياخشى كۈرۈپ قالغاندىمەنمۇ ،بەلكىم باشقىلار بۇنى بىلسە چۇقۇم مېنى ،تازىمۇ بىر دۆت نەرسىكەن بۇ ،ئۆزىدىن چوڭ ئايالنىمۇ ياخشى كۈرۈپ قالامدۇ دېيىشى مۇمكىن .ئۇ ئايال بىلەن توي قىلدىم دېسەممۇ ،توي قىلىپ 2-3 يىلدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ياخشى كۈرۈش ھېسىياتىمنى ساقلاپ قالالارمەنمۇ ؟ ئادەم بىرسى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن 1-2 يىل فىزىئولوگىيلىك جىنسىي ئېھتىياجدىن بىر-بىرسىدىن زىرىكمەي ئۆتىشى مۇمكىن،بىراق ئۈچ يىلدىن كېيىن ،يەنە مۇشۇنداق بۇلامدىغاندۇ ؟ مېنىڭچە چۇقۇم ياخشى كۈرۈش ھېسىياتىمنىڭ ئورنىغا چۇقۇم مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت بىر خاراكتىر زىممەمگە يۈكلىنىدۇ ،ئۇ ۋاقىتتا ئۇ باللىرىمنىڭ ئانىسى بۇلىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن مەن باللىرىمغا مەسئۇل بولىمەن،مەن بىلىمەن ،مەن بالىغا ئامراق .ئەلۋەتتە ئۇ ۋاقىتتا ئاسىيەنىمۇ قەدىرلەپ ئۆتىمەن ،بىراق بۇرۇنقىدەك ياخشى كۈرۈش ھېسىياتلىرىمىزنىڭ ئورنىغا تۇرمۇش ،خىزمەت بېسىمى ئالمىشىدۇ ،ھەپتىدە ياكى بىرەر ئاي بىرەر كۈن رومانتىك بىرەر يەرلەرگە بېرىپ ،ئىككىمىز يالغۇز ساياھەت قىلىپ كەلدۇق دىگەندىمۇ ؟ بۇرۇنقى ياخشى كۈرۈش ھېسىياتلىرىمىزدەك بولمايدۇ دە،ھەقىقەتەن ئادەم ھاياتىدا شۇنداق بىر چاغلىرى بۇلىدىكەن .ئۇ ۋاقىتتا ھېس قىلغان تۇيغۇلارنى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېپىپ بۇلالمايدىكەنمىز .بەزىدە گىتتارنى قۇلۇمغا ئالغان ۋاقتىمدا ئەقىدەنى ئويلاپ قالىمەن ،ئۇنىڭغا بولغان بۇ ھېسىياتىم قانداقتۇر ئۇنى ئۇنتۇپ كېتەلمىگىنىم ئەمەس ،بەلكى ھاياتىدىكى ئادەملەرنى شۇنداق بىر ئەسلەپ قالىدىغان ۋاقىتنىڭ بۇلىدىغىنىدىن دېرەك بەرسە كېرەك .ئەقىدەمۇ ھازىر چوڭ بۇلۇپ،چىرايلىقلىشىپ كەتكەندۇ ھە .كۆكسىمۇ كۈتۈرۈلۈپ ،زىلۋا بەدەن بىر قىز بۇلۇپ كەتكەندۇ ھە ! ئەگەر ئاسىيە بىلەن ئەقىدەنى

بىر يەردە ئۇچرىتىپ قالسام ،ئۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈم زادى قايسىسدا تۇرىدىغاندۇ ؟ ئادەم ھاياتىدا ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئۆزى توۋا دەپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بۇلىدىكەن .ئەجەپ ئۇيقۇم كەلدى ،ئۇخلاي ،خەيىر بىر كۈنۈم ! › ..ئۇ شۇنداق قىلىپ خاتىرىسىنى يېپىپ قۇيۇپلا ئۇيغۇغا كەتتى .

داۋامى يەنىلا ئىنكاس شەكىلدە يېزىلىدۇ .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەمجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-30 08:20 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر1 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5385
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8164
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2148 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-7-4
2#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ahirini   kutidikan mizda  ? yahxi yezipsiz... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-1 01:30 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 121379
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-6-24
ئاخىرقى: 2015-7-3
3#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
بىزنى ساقلاتماي تىزراق يوللاسىز ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1813
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 851 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-7-4
4#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئەڭقەجاننىڭ شەيتىنى بىلەن ئاسىيەگۇلنىڭ شەيتىنى چىقىشىپ قالدىغان چىراي، چۇنكى ئاسىيگۇلنىڭ شەيتىنىنىڭ ژىگىتنىڭ تەمىنى بىلگۇسى بار، ئەڭقەجاننىڭ شەيتىنى كۇتۇرلۇپ تۇرغان كاسا بىلەن مەيدىدە، ھەي جاھاننىڭ ئىشلىرى،، جاھاندىكى 7 مىلىيارد ئەدەمنىڭ چىرايى 7مىليارد خىل، جاھاندا نەچچە گۇزەل بۇسا چىرايى شۇنچە خىل قاندا قىلامىز بۇ دەتلىنى، شەيتانغا قۇياپ بەسەك بۇ دەتنى كۇمپىيۇتىردىمۇ ھىسابلاپ بۇغىلى بۇمايدۇ، ئىشقىلىپ بۇلارمۇ ياسىشىپ پاقىسىغا قىنىپباقىدىغاندەك ، بىرسى دەيتى ھاياتنىڭ پەيزى ئەگىر تۇقايلىقتا دەپ، ھازىرقى ھىكايىلىمۇ تۇلۇپ تىشىپ كۇتۇرلۇپ كەتكەن كاسا بىلەن ئەمچەكنىڭ جەۋھىرىدىن پۇتۇلمىسە ھىكايە چىرايى چىقماسلا بۇغىلى تۇدى،

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-7-1
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بولدڭغان ھىكەيىكەن  بۇنداق ئىشلار بوپ تۇردۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 778
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-7-1
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن ئەزىز قېرىندىشىم تىزرەك يوللارسىز..............

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119068
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2015-5-12
ئاخىرقى: 2015-7-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بىرخىللا ئاچچىقىپ كەپ قالدىغۇ ئاخىرىدا بېشىنى قىزىقىپ ئۇقۇپ  مۇشۇنداقمۇ ئوغۇلبالا بۇلامدۇ ھاياسىز ئۇنداق سەت خىياللارنى قىلغۇچە تۇيىنى قىلسىلا بولدى توۋا ھازىرغۇ بۇ ئۇيغۇر جەمئىيتىدە مۇشۇنىڭدەك ئوغۇللدمۇ ئاينىپ كەتكەن ئوخشايدۇ توۋا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 778
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-7-1
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
روھناز يوللىغان ۋاقتى  2015-7-1 03:34 PM
بىرخىللا ئاچچىقىپ كەپ قالدىغۇ ئاخىرىدا بېشىنى قىزىقىپ ...

مىنىڭچە ئەشۇنداق ئۇغۇللىرىمىزنىڭ ئاينىپ كىتىشىگە جەمىيىتىمىزدىكى بەزىبىر  قىزلار سەۋەپچى دەپ قارايمەن...........

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 119068
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2015-5-12
ئاخىرقى: 2015-7-3
9#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
izlayman520 يوللىغان ۋاقتى  2015-7-1 03:44 PM
مىنىڭچە ئەشۇنداق ئۇغۇللىرىمىزنىڭ ئاينىپ كىتىشىگە جە ...


توغرا ئېيتتىڭىز قىزلار سەۋەپچى بىراق قىزلارنىڭ يولدىن چىقىشىغا ئوغۇللار سىەۋەپچى  مىنىڭچە نىمە ئۈچۈن دىسىڭىز قىزلار ھەددىدىن ئاشقاندا سەن بىر ئۇيغۇر مىللەتنىڭ ئانىسى دەپ ئۆتكىدەك گەپتىن ئىككى ئېغىز دەپ قويسا يەنە ئاڭلىمىسا شۇنداق مەينەت نىمىلەرنى بۇغۇزلىۋەتسىمۇ ئەرزىيتى ئۇيغۇر ئۇ ھامىنى ئۇيغۇر باشقا مىللەتتىن ئەمەس بىراق بۇنداق قىزلارنى يامان يولدىن تۇسىدىغان ئوغۇللىرىمىز قانچىلىكتۇ ھازىرقى بىر قىسىم داشقال ئوغۇللارغا ھىجىيىپ بەرگەن قىزلار ئەقىللىق ساپالىق ئېسىل بۇلىدۇ بىراق ئۆز ھاياسى بىلەن ياشىغان گىپىگە قارىتا ھىجىيىپ بەرمەي سوغوق مۇئامىلە قىلغان قىزلارنى ساراڭ دىۋەڭ دەيدىغان بۇپ كەتتى ھەممىنى قىزلارغا ئارتىشمۇ سەل ئېشىپ كەتكەنلىكمۇ قانداق .............كەچۈرۈڭ بۇ گەپلىرىم بەك ئېشىپ كەتتى كەچۈرۈم سورايمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روھناز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-1 03:56 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 117712
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2015-4-19
ئاخىرقى: 2015-7-3
10#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
يىقىندىن بىرى بۇ مۇنبەردە سېرىق مەزمۇننى ئاساس قىلغان ھېكايە دىگەندەك يازمىلار كۆپىيىپ قىلىۋاتىدۇ. ئەجەبا پاكىزە ھايالىق سۆزلەر بىلەن يازسىمۇ يەنىلا شۇ ھىكايىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى كەملەپ كەتمەيدىغۇ، ياكى بىراۋ شۇ مەزمۇندا تىما يىزىپ مۇنبەرگە يوللىساڭ مۇكاپات بىرىمەن، ياكى قىرىنداشلار، ئىمان بىلەن ھايا ئىككىسى بىرلىشىپ كەتكەن بىر مۈڭگۈزدۇر، ئۇنىڭ بىرى كۆتۈرلۈپ كەتسە يەنە بىرىمۇ تەڭ كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ، دىگەن مۇبارەك ھەدىسنى بىلمەمسىلەر؟ نۇرغۇن قىرىنداشلار قىز-ئوغۇل مۇنبەرداشلار جەم بولغان مۇشۇنداق ئاممىۋى سورۇندا شۇ خىلدىكى مەينەت پاراڭلارنى قىلىشقا قانداقمۇ ۋېجدانىڭلار چىدىدى، ئۇنىڭ ساغرىسى بۇنىڭ كۆكسى، يەنە بىرىنىڭ يەنە بىر نىمىسى دىيىشكىلى تۇرساق شۇ يامان سۆزلىرىمىزنىڭ جاۋابىنى ئاخىرەتتە قانداق بىرىمىز؟ بىز بۇ مۇنبەرگە ياخشى مەزمۇنلاردىن بەھىر ئالغىلى كىرسەك سىلەر مۇشۇنداق مەينەت تىمىلار بىلەن ئەخلەت قىلساڭلار، يا باشقۇرغۇچى زاتلارنىڭ كارى بولمىسا بۇ زادى قانداق بوپ كەتكىنى... قارىغاندا بۇ مۇنبەرنىڭمۇ مەززىسى قالمىغان چىراي، ساپلا شېئىر-قوشاق، ياكى مۇشۇنداق سىرىق مەزمۇننى ئاساس قىلغان ئەخلەت تىمىلار. ئۇنداق قىلمايلى قىرىنداشلار، پەيغەمبىرىمىزنىڭ اللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى سۆز قىلسا ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن، دىگەن ھەدىسنى ئەستىن چىقارمايلى. نى ياخشى مەزمۇنلار بويۇن قىسىپ قالغان مانا مۇشۇنىڭدەك پاسكىنا مەينەت تىمىلار ئاۋاتلىشىپ قىنى ئاخىرى، داۋامى قاچان، دىگەندەك گەپلەر بىلەن قارشى ئىلىنىپ كەتكەن. كاللىمىزنى سېلكىۋىتەيلى، مۇشۇنداق ئۇلۇغ كۈنلەردە ۋاقتىمىزنى زېھنىمىزنى خەيىرلىك ئىشلارغا سەرپ قىلايلى، قەلىپنى بۇزىدىغان سۆز-ھەركەتلەردىن ساقلىنىپ ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن رەببىمىزنىڭ جازاسىدىن ساقلىنىشقا تىرىشايلى، ھىچ بولمىسا كۆزىمىزنى يۈمۈپ نېرۋىمىزنى ئارام ئالدۇرايلى، ھەر ئىشنىڭ ھەتتا بىر تىنىقنىڭمۇ ھىسابى بار ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارمايلى، شۇنداقلا مۇشۇنداق ئېپلاس تىمىلارنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىلاغىمۇ اللاھتىن ھىدايەت-مەغفىرەت تىلەيلى، اللاھ ھەممىمىزنى ئۆز رەھمىتىگە ئالسۇن.   



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
maymun1314 + 20 ھەقېقەتەن ياخشې يېزىپ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش