مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2248|ئىنكاس: 24
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۈندىدارداشلار، بالىلارغا ئۇۋال قىلمايلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 16667
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7744 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-7-3
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
  بالىلارغا ئۇۋال قىلمايلى ..

ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم قەلىمى

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بالا يۈتۈپ كېتىش ۋەقەلىرى تورلىرىمىز ۋە ئۈندىدار سالونلىرىمىزنى پۈتۈنلەي قاپلىدى. ئەمما شۇنىڭغا ماس ھالدا يەنە نۇرغۇن مەسىللەر پەيدا بولماقتا.
  بالا يۈتۈش يېقىندىن بۇيان بەكرەك ئەۋىج ئالدىمۇ ياكى بۇرۇندىنلا بار ئىشمۇ ؟  ئەلۋەتتە بالا يۈتۈشمۇ قىسمەن ئاتا - ئانىلارنىڭ بىپەرۋالىقى ۋە قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئاچ كۆزلىكى سەۋەبلىك بۇرۇندىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر ئاز بىر قىسىم ئەھۋال.   بۇرۇندىن پورتماللىرىمىز، شۇنىڭدەك قىممەت باھالىق نەرسىلىرىمىزنى يۈتتتۈرۈپ تۇرىمىز. جاھان قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ كەتسۇن،ئۇ ئوغۇرلاشلار يەنە ئەسلى ھالىتى بويىچە قىسمەنلىكتە تەرەققىي قىلىۋەردى. ئەمما زامان ، ماكاننىڭ چىڭ باشقۇرۇلۇش ھالىتىدە ئوغۇرلارنىڭ بۇ كەسىپىمۇ بارغانسىرى سۇسلىشىشقا باشلىدى.
  يېقىندىن بۇيان ئۈندىدارلىرىمىز تولۇق ھالەتتىكى بالا ئىزدەشكە ئاتلاندى. بۇنىڭ بۇنچە كەڭ تارقىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟  چۈنكى قېرىنداشلىق مېھرى، بولۇپمۇ ، نارسىدە بىر كىچىكنىڭ باللىسىنىڭ يۈتۈپ كېتىشىنى مەيلى كىملا بولمىسۇن قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇ خىل ھېسسىيات بىزنى بۇ ئۇچۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تارقىتىشقا ئۈندىدى. مېھرىبانلىقىمىز نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان نەچچە ئون يىل ئاۋالقى بالا يۈتۈپ كېتىشلەرنىمۇ قېزىپ چىقىرىپ يوللىغىلى تۇردۇق. ئەپسۇس، ئاز بىر قىسىم ئۈنۈمى بولغان بولسىمۇ چوڭ جەھەتتىن يەنىلا تېخىمۇ يۈتتۈرۈش ھالىتىدە بولدۇق. قايسى بىر ئاتا- ئانا، باللىرىنىڭ يۈتۈش ئەھۋالىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدىكەن ئۇنىڭ تېپىلىش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەنلەيدۇ. چۈنكى جەمئىيەت ياكى كۆپ كىشىگە داۋراڭ سېلىنغان ئىشنىڭ ئاخىرىمۇ ياخشى بولمايدۇ. پۇلى يوق بىر پورتمالنى ئوغۇرلىغان بىر ئوغرى پورتمالنى قايتۇرۇشنى ئويلىغان بولسا، پورتمال ئىگىسى ئاللىقاچان ھەممە يەرلەردە ئېلان ۋە تۇتۇش خەۋرىنى بېرىۋەتكەن بولسا ئەلۋەتتە پورتمال ئوغۇرلىغۇچى، ياكى بولمىسا پورتمال تېپىۋالغۇچىمۇ ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشكە جۈرئىتى قالمايدۇ. سەۋەبى ئۇنىڭ داۋراڭلىدا..
  يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە تارقىلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كېسىپ ئېلىش ھالىتى ھەممە ئۇيغۇرنىڭ دىققىتىنى تارتتى،  بەزىلەر قاتتىق ئېچىنىپ، بالا ئوغرىلىرىنى تىللاپ ئۈندىدارلىرىدا دەرتلىرىنى تۆكۈشتى. ئەمەلىيەتتە دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئوغۇرلۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئادەم ئوغۇرلاش. چۈنكى جانسىز نەرسىنى ئازدۇرۇش ياكى ئوغۇرلاشقا قارىغاندا جانلىق نەرسىلەرنى ئوغۇرلاش ۋە ئازدۇرۇشقا كۆپ كۈچ ۋە ماغدۇر كېتىدۇ. رەسىمدە بولسا بىر قانچە بالىنىڭ چوڭ يولغىلا تاشلاپ قويۇلىشى، قورساقلىرىدىكى ئۈچەيلىرى كۆرۈنۈپ قېلىشلىرى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ خاتا قىلىۋاتقىننى بىلگەندە چوقۇم يوشۇرۇپ تۇرۇپ مەلۇم مەنپەئەت ئۈچۈن خاتالىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار راستىنلا باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدە ئىچكى ئەزالىرىنى كېسىپ ئېلىۋىتىلىپ چوڭ يولغا تاشلاپ قويۇلارمۇ؟ ئوغۇرلار شۇنچە جاپادا ئوغۇرلاپ، ئىچ باغرىلىنى كېسىپ ئېلىپ يەنە ئوچۇق بولغان چوڭ يولغا تاشلىۋىتەرمۇ؟ ياكى چوڭ يول بويىدىلا شۇنداق قىلغانمىدۇ؟  رەسىمگە سەپسىلىپ قارىسىڭىز ئۇنىڭ بىر قاتناش ئاۋارىيسى ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ.
  ھېسياتىمىزغا بېرىلىپ تارقىلىۋاتقان، مەلۇم بىر ماشىنا ئۈرۈمچىگە كىرگەن بولۇپ، نۇمۇر تاختىسى ماۋۇ.، ئەگەر مۇشۇ ماشىننى كۆرۈپ قالغانلار قاتتىق دىققەت قىلىڭلا، ئاقسۇدىن خوتەنگە مېڭىپتۇ، ئىچكىردىن ئۈرۈمچىگە بالا ئوغۇرلىغىلى كەپتۇ دىگەن ئۇچۇرلارنىمۇ كۆرۈپ قالىمىز. راستىنلا شۇنداق يامان نىيەتلىك بىرە ماشىنا ، ياكى بىرە ئادەمنى ئۇچراتقانلار دوستلار چەمبىرىكىدىن ئۈمىد كۈتەمدۇ ياكى قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدامدۇ؟ بۇنداق نۇمۇسسىزلىقلار خەلىقنىڭ باشقۇرۇشىغا تاشلىنىپ قويۇلامدۇ؟ ئۇنداق بولسا خەلق ساقچىلىرى كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ؟ ھەممىمىز ئۈندىداردا بالىلارنى ئەپقاچقانلارنى ،شۇنداق قانۇنسىز ماشىنا ئىگىلىرىنى تۇتۇشقا ئاتلانساق جەمئىيەتتە ساقچىنىڭ ، قانۇننىڭ نېمە رولى ؟
بۈگۈن يەنە شۇنداق ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ تېخىمۇ توۋا دىدىم، ماي توشۇۋاتقان، بوتۇلكا سېتىۋاتقان ، يەنە قانداقتۇر باققاللىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى يېزىپتۇ. يەنە بىرى كىچىك بالىڭىزنىڭ ئىسمىنى ھەرگىزمۇ مەھەللىلەردە چاقىرماڭ، بولمىسا ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە قالىسىز دەپتۇ.
   خوش، ئۇنداقتا ھازىرقى ئاتا ئانىلار باللىرىنى مەكتەپكە يولغا سالغاندا قانداق تەربىيە قىلىۋاتىدۇ؟
- ھەرگىزمۇ تونۇمايدىغان كىشىلەرگە قاراپمۇ سالما، يېقىن يوللىما، ساڭا بەرگەن نەرسىلىرىنى ئالما، يىراق تۇر، ئۇدۇل بېرىپ ئۇدۇل قايتىپ كەل .....
  بىر ئۆسمۈرنىڭ قەلبىگە رەھىمسىز بىر جەمئىيەت بىلىپ-بىلمەيلا تەرىپلىنىپ سىڭدۈرۈلۈپ قالدى. بۇ سەۋەبتىن بالىلار مېھىر- مۇھەببەتتىن ئايرىلدى، سەۋەبنى مېھىرلىك قارايدىغان كۆزلەر بالىغا نىسبەتەن ئوغرى بولۇپ شەكىللەندى. شۇنداق ھالەت داۋاملىشىۋەرگەندە بالىدا ئاتا- ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمنى تونۇمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە تەنھالىقنى خالاش دىگەن ھېلىقى كېسەل پەيدا بولىدۇ. ئاندىن شۇ چاغلاردا باللىرىمىز تەنھالىقنى خالايدىغان بولۇپ قالدى دەپ زورلاپ ئادەم بار يەرگە ئاپىرىشقا ئىنتىلىمىز ۋە ھەرخىل دوختۇرخانىلارغا چاپىمىز. بىراۋ جەمئىيەتتىن مېھىر قوبۇل قىلمىغىنىدا ئۇ ھەرگىزمۇ ئاكتىپ ھالدا مېھىر بەرمەيدۇ.
  تەتىل كېلىۋاتقان مۇشۇ دەملەردە يەنە بالىلارنىڭ قىزىقىشىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن ئاساستا ، يالغۇز قويۇپ قويساق يۈتۈپ كېتىدۇ دىگەن شۇ ئىددىيدىلا زورلاپ كۇرۇسلارغا بېرىۋاتىمىز. نەچچە ئاي مەكتەپتە ئوقۇپ زېرىككەن كاللا ، يەنە شۇ تۈگىمەس تاپشۇرۇق ۋە ئۆگىتىش نەتىجىسىدە قالايمىقان بولۇشقا باشلىدى. بالىلار تەتىل مەزگىلىدە كۆپرەك تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىشى كېرەك. زورلارپ بېسىم بىلەن ئۆگەتكەندىن ئۆزلىكىدىن تەبىئەتكە قاراپ مۇلاھىزە ۋە تەپەككۇر قىلغىنى ئەۋزەلدۇر.
  بىزنىڭ بىلىپ بىلمەي تارقىتىۋاتقان شۇ يازمىلىرىمىزنىڭ باشقىلارنى تەربىيلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ۋەھىمىگە تولدۇرۋەتتى .توي تۆكۈن، ئاشخانىلاردىمۇ بالىلارغا ئەركىن نەپەسلەنگىدەك ئورۇن بەرمىدۇق، ھەممىنى ھېسياتىمىز بويىچە كونتىرول قىلىۋالدۇق. ئەسلىدىنلا كۆرۈپ كېلىۋاتقان تاملار بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي ، بالىلارنىڭ ئىددىيلىرىگىچە قويۇلدى . ئىددىيلىرىنى تاملار بىلەن قورشىۋالدۇق . مەسىللەرگە نورمال پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك . پاسسىپ ئۇچۇرلار كاللىمىزنى چىرمىۋالغاندا قىلىۋاتقان توغرا ئىشلىرىمىزدىنمۇ خاتالىق ئىزدەشكە كىرىشىپ كېتىمىز. ئاللاھ باللىرىمىزنى سالامەت قىلسۇن، ئامان - ئىسەن قىلسۇن.  ھەر بىر ئاتا- ئانا بۇ مەسىللەر ئۈستىدە ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ تارقىتىۋاتقىنىمىز باشقىلاردىن ئېھتىياتمۇ ياكى باللىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تەپەككۇرىنى قايچىلاپ،تۇرمۇشنى پۈتۈن ۋەھىمىگە قاپلاتقۇزۇشمۇ؟ ھەممە خاتىرجەم ۋە تولۇق ھېسياتتا بولغاندا ھەممە ئىشلىرىمىز كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. ئۇچۇرلارنى تارقاتقاندا ۋاقتى ئورنىنى ئېنىق قىلىپ تارقىتىلى، نەچچە ئون يىل ئاۋالقى يۈتكەن بالىنى ئىزدەش بىلەن بولۇپ كېتىپ ، ئائىلىمىز ۋە پۈتۈن جەمئىيتىمىزنى ۋەھىمىلىك تەسەۋۋۇر قىلىۋالمايلى، ھېسسىياتلىرىمىز ئەقلىمىزنى توسۇپ قويمىسۇن !

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر1 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن2 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10047
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2347 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-7-4
2#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بىرسىگە ماشىنسىنى توختىتىپ يول سورىغان خ ماركلىق ماشىنلاردىن دىققەت قىلىڭلار،يەنە بىرسىگە
ماشىنا ئىچىگە گاز ئوچاق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ماللارنى سېىلىۋىلىپ ئالامسىز دەپ تۇيۇقسىز كېلدىغان ماشىنلارغا دىققەت قىلايلى،،
مانا بۇ مەن كۆرگەن ئۇندىدار دىكى بىرقىسم ئۇچۇرلار،،سىزنىڭ ئويلىرىڭىزمۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق،دېمسمۇ ئۇندىداردا بالا ئىزدەش ئېلانى تارقىتىپ ساۋابقا ئىرشىشى ئۈچۈن توختماستىن تېخى رەسىمى يۈتۈپ كەتكەنلىكى ئېىنىق ئېنىق ئەمەس ئەھۋالدا سەل نېرى بىرى خاپلىق بىلەن كەتكەن بالىلارنى يۈتۈپ كەتتى،پالانچى شەھەردىن بىر قىز يۈتۈپ كەتتى دەپ    تارقىتىپ كېتىدىكەن. بىر ئۇچۇرنى كۆرۇپ مەن بۇلا تېپلىدۇ،،دەپ ئىنكاس يېزىپ قويغانتىم راسىت دېگەندەك 1سائەت ئۆتمەي تېپلىپتۇ،چۈنكى يازغان مەزمۇنغا قارسام تېخى بالا يېرىم سائەتنىڭ ئالدىدا بىر ياققا چىقىپ كەتكەن دەپلا يېزىپتۇ،
  بۇلارنىڭ بەزى تەكلىپ پىكىرلىرى ياخشى نىيەت بىلەن ئوتتۇرغا چىققان بولسا قوبول قىلساق ئەگەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىساق ھە دەپ قويساقلا بولىدۇ. مېنڭچە بالىلار مەكتەپ بارغاندا ۋە قايتقاندا چوقوم ئەتراپتىكى دوستلىرى بىلەن بىللە مېىڭىش،بىللە قايتىشقا كاپالەتلىك قىلسا،ئاتا ئانىلار يېىشى كېچىكلەرنى مەكتەپكە بېرىپ ئېلىپ كېلشكە كاپالەتلىك قىلسا،بازارغا چىققاندا بالىلارنى ئالدىدا ماڭغۇزۇش كەينىدە قالدۇرماسلىق قاتارلىق ئىشلارغا دىققەت قىلغاندا ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئىشلار،يەنە بىرسىگە كۈزىتىش ئاپپاراتى يوق بەزى چەت يېزا قىشلاقلارغا،ياكى تار كوچىلارغا ئاھالىلەر ئاز تولا پۇل چىقىرىپ بولسمۇ كۈزىتىش ئاپپاراتى ئورنتىش قاتارلىق چارە تەدبىرلەر قوللىنسا ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولىدۇ.

جەمئىيەتنىڭ ئۆزىدە ئىشەنچ كىرزىسى مەۋجۇت،بۇنداق ئەھۋالدا بالىلارغىمۇ ئۆز ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىتشكە توغرا كېلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-30 08:48 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1498 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-7-4
3#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ۋاي توۋا،مەن ئۈندىدارنى ئىچىپ باقمىغىلى ئۇزاق بوپتىكەن،بالا ئوغۇرلىرىنىڭ ئىشلىرى دەششەتكەن دەيلى...

ماقالىدىن قارىغاندا بالىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كسېپ ئىلىپ سېتىش ئىشلىرى ھازىر بۇنچىلىك ئاشكارە بولغىنىغا قارىغاندا ئاشكارلانمىغان نى ئىشلار باركەن ئەمسە..

بىر جاننى ئۆلتۈرۈپ ئىچكى ئەزالىرىنى ئىلىپ سېتىشنى قاسساپلا قىلاتتى، زاسۇينى سېتىپ قوي كالىلارنىڭ.بۇ ئادەم قاسساپلىرى چاتاقكەن ئەمسە...شۇنداق خەقنى بىرنى تۇتسا شۇنى تۇغققان ئاتا ئانىسىنى ياكى خۇتۇن بالىسىنى قۇشۇپ مۇددەتسىز قىلىۋەتسە بۇ ئىش تېزلا ئاياغلىشىدۇ.يەنى بۇ .ادەم قاسساپلىرىدىن بىرنى تۇتسا ئۇنىڭ خۇتۇنى قۇرامىغا يەتكەن بالىسىنىمۇ قوشۇپ سولىۋىتىش كىرەك.بۇنداق بولغاندا چاتما جاۋابكارلىق بولىدۇ.يەنى مەسئۇل بولۇش بولىدۇ.بۇنداق دىيىشىمدىكى ئاساسىم،شۇ ئادەم قاسسىپى بالا ئوغۇرلاپ ئۆلتۈرۈپ ئىچكى ئەزاسىنى سېتىپ تاپقان پۇلى بىلەن ئائىلىسىنى قامدايدۇدە،گەرچە ئائىلە ئەزالىرى بىلمەيدۇ دىگەن تەغدىردىمۇ بۇلارنى چاتما جاۋابكار قىلىۋىتىش ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلدۇرۋىتىش كىرەك.يەنى قانۇننىڭ قاتتىقلىقىنى بىلدۈرۈش كىرەك.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

دوختۇر ئۈندىدار:xipalih

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110519
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 567
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-7-4
4#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بۇ بىر باش قاتۇرۇش ۋە ھەل قىلىشقا تىگىشلىك  مەسىلە  . ئەڭ  ئەۋۋال  ئاتانىلار  بالىلىمىزغا  ئوبدان  ئىگە  بولايلى  . ئۆزىمىزگە پۇختا  بولايلى .

[http://xipa.taobao.com]شىپائۇيغۇر تاۋباۋ  دورىخانىسى ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز، قولاي ئىشەنچىلىك،تىلفۇندىمۇ دورا  سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ.ياخشى دورىلار بۇ يەردە سالون :xipabiz

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 2002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18651
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7593 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-7-4
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
تېلېفۇندىن بىشىڭىزنى كۆتۈرمەي ئويناۋەرسىڭىز ئايغىڭىزنى كىشىلەر سالدۇرۇپ ، ئەكىتىدۇ . باللار دىگەننى ئوغرىغا برىشى تۇرغانلا گەپ .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 117511
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2015-4-14
ئاخىرقى: 2015-7-4
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
تەپەككۇرى كۈچلۈك،  شۇنداق ھېسىياتىمىز ئەقلىمىزنى توسۇپ قويمىسۇن .

كورلا ئايشەم سادىر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109491
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2209
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2014-8-26
ئاخىرقى: 2015-7-4
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئەجەپ قورقۇنۇچلۇق ئىكەن ،يائاللا!

مەن دۇنيادىكى  ھەممە ئادەمنىڭ خوشال _ خورام ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ئادەم دۇنياغا بىرلا قېتىم كىلىدۇ.بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ۋاقتىمىزنى ئىسىراپ قىلماي،ئۇرۇنسىز ئىشلارغا ئارلاشماي،ئازغانلارنى ئېيىپلىمەي ئۇلارنى يىتەكلەپ،بىلىم ئېىلىش،پەلىسەپە ئۆگۈنۈش، كۈندە بى

مېركۇرىي ئىسىملىك تورداش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9028
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2326 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-7-4
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
خوتەنچىلىكتە  ئۈندىداردىكى مودا ۋە يىڭىلىقلاردىن خەۋەرسىز قالغىلى بىر يىل بوپتۇ .

         مايمۇن كېشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا ،
         تۆگە كىلۇر مەردانە ھەم قوتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە ،
         ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 830
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1760
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1309 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-7-4
9#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بۇ يەردە بالا يۇتكەن ئىشلارنى تولا ئاڭلاپ كەتتۇق ئەملىيەتتىمۇ ئاڭلىدىم ،
قىزىل چىراقتا توختىغاندا موتوسىكلىتنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىك بالىنى ئىلىپ قىچىپتۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ كامرادىن تاپالمىدى دەۋاتقان ھازىر قانداق بولدىكىن ،بەكمۇ ھەيران قالدىم .
ئىچكىردا توختىماي چىقىۋاتقان ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنىڭ يۇتكەن ئىشى ئۇ يەر بۇ يەرگە جەسىتىنى تاشلاپ قويغانلىرى ئادەمنى ساراسىمىگە سالىدىكەن .
بولسا قىزلارمۇ سىىرتقا چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلڭلار.

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6017
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5731 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-7-2
10#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
مۇشۇ بەزەن سالۇنچىلار كۆرۈلۈش سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، تېمىسىنى ھەيۋەت قۇيۇپ ، تۈزۈك مەزمۇنى يوق ، پاكىت تۇلۇق بولمىغان نەرسىلەرنى كۈچەپ تارقىتىڭلار دەيدىكەن . ھېلىقى تېمىدىكى باللارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئېلۋېلىپ جەسىدىنى تاشلىۋەتكەن دىگەن تېمىدىمۇ ، تەپسىلى قارىسىلا بۇنىڭ بىر قاتناش ۋەقەسى ئىكەنلىگىنى بىلمەك تەس ئەمەس ، بالىمۇ چوڭ ماشىننىڭ چاقنىڭ يېنىدا ياتسا ، ماشىننىڭ چاقىنىڭ ئىزىمۇ قان تۇرسا ، يالغان خەۋەر تارقىتىپ ، ۋەھىمە پەيدا قىلىپ نىمە نەپكە ئىرىشمەكچىدۇ نىيتى يامان بەزىبىر سالۇنچىلار

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش