مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6296|ئىنكاس: 45
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تۆھمەت ۋە ھاقارەت مەستانىسى ئابلىز ئۆمەر ھاجىغا تەنقىد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 376
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8627
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-6-30
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
تۆھمەت ۋە ھاقارەت مەستانىسى ئابلىز ئۆمەر
ھاجىغا تەنقىد

شىنجاڭ راۋان ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى كۈرەش ھاشىم

مەن بىر ئەسەر يازغۇچى، چىرايلىقراق قىلىپ ئىيتسام بىر يازغۇچى. يازغۇچىنىڭ نەزىرىدە جار سېلىش بىلەن ھەقىقەت ئەدەبىياتنىڭ مەزمۇنى. بىز جار سېلىشلارنى يازساقمۇ بولىدۇ، ئەمما قەلىمىمىزنىڭ سىياھىنى كۆپرەك ھەقىقەتلەرنى يىزىشقا سەرىپ قىلىشىمىز كېرەك.
                                                            ‐ مويەن

*                       *                     *
بۇ يىل 8 - ئىيۇن باغداش تورىنىڭ «مۇنبەر» سەھپىسىدە ئابلىز ئۆمەر ھاجىنىڭ « كىم پەيلاسوپ، كىم ئالىم» دېگەن ماقالىسى تارقىتىلدى، بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇمىي ئېتىراپقا ئېرىشكەن ئالىم، ئەدىبلەرگە تۆھمەت قىلىنغاچقا، شۇنداقلا مۇنازىرىگە قاتنىشىۋاتقان كۆپ قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ نام - شۆھرىتى ۋە ئادىمىيلىكىگە ئىغىر ھاقارەت قىلىنغاچقا، ماقالە ئاپتورى توردا كۈچلۈك ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. بۇ ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ «بىلگەجاننىڭ پەلسەپە چۈشەنچىسىگە تەنقىد» ناملىق ماقالىسىدىن كېيىن ئىلىم ئەھلىلىرىگە تۆھمەت ۋە ھاقارەت قىلىنغان يەنە بىر تىپىك ماقالە. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى تور تەنقىدچىلىكىىدە تارازىسى قىيپاش بىر قىسىم ئاتالمىش تەنقىدچىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئورنىغا تالانت ئىگىلىرىنى قەتلى قىلىدىغان مەنىۋى قاتىللىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. ئۇلار «توردىكى تۆھمەت ۋە ھاقارەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقى يوق» دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق ئاغزىغا كەلگەننى يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يامان غەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ. ئابلىز ئۆمەر ھاجىنىڭ ماقالىسى دەل ئاشۇنداق خاراكتېردىكى ماقالىدۇر. بۇنداق تۆھمەت ۋە ھاقارەتكە تولغان ماقالىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تور ساھەسىدىكى ئىلمىي مۇنازىرىلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا زور زىيان سالدى. شۇڭا مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. تۆۋەندە مەن ئاپتورنىڭ ماقالىسىدىكى تۆھمەت، ھاقارەتلەرنى ۋە بىرتەرەپلىمىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسسىز پىكىرلەرنى، لوگىكىلىق خاتالىقلارنى بىرمۇ - بىر كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
بىرىنچى، ئاپتور ماقالىسنىڭ بېشىدىلا «ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە باش - ئۇچى يوق غەيرىي رەسمىي مۇنازىرە ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ مەۋقەسى يوق نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى گاڭگىراتتى، ھېسسىيات قۇلچىلىقىغا غەرىق بولغان قىسمەن بىلەرمەن، روھى مۇنقەرز ياشلىرىمىز روھىي جەھەتتە ئەگلەكتىكى تېرىقتەك تاسقالدى، ئىدىيە - مەۋقەسىنىڭ تۇرغۇ - توختالغۇسى يوق، ئۆزىنى تولا يامان ئاقىل چاغلايدىغان، قورسىقىنى ئاقتۇرسا پوقتىن باشقا ھىچنىمە چىقمايدىغان تۇترۇقسىزلار، گالۋاڭلار بىلەرمەنلىك مۇنبىرىگە چىقىۋىلىپ ئۆزىچە شىلتىڭ ئېتىپ ۋەزخانىلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىپ يۈردى» دەپ يازغان. ئۇ ماقالىسنىڭ بېشىدىلا «كىم پەيلاسۇپ، كىم ئالىم» دېگەن تېمىدىن چەتنەپ، مۇنازىرىگە قاتناشقان ياشلارنى « باش - ئۇچى يوق غەيرى رەسمىي مۇنازىرە »، « مەۋقەسى يوق نۇرغۇن قېرىنداشلار »،«ھىسىيات قۇلچىلىقىغا غەرىق بولغان روھى مۇنقەرز ياشلىرىمىز»، « قورسىقىنى ئاقتۇرسا پوقتىن باشقا ھىچنىمە چىقمايدىغان تۇترۇقسىزلار»، «گالۋاڭلار، بىلەرمەنلەر» دىگەنگە ئوخشاش زەھەرلىك ئىبارىلەر بىلەن ھاقارەت قىلغان. ياشلىرىمىزنى «ئىددىيىسى مۇنقەرز ياشلىرىمىز» دېيىشكە ئاپتورنىڭ نېمە ئاساسى بار. ئىنسان ئۈچۈن ئېلىپ ئىيتقاندا ئىددىيە مۇنقەرزلىگىدىن ئارتۇق نۇمۇسلۇق ئىش بولامدۇ؟ بۇ سېپى ئۆزىدىن ھاقارەت بولماي نېمە؟ دېمەك ئاپتور ماقالىنىڭ بىشىدىلا، ئىلمىي قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنازىرىگە قاتنىشىۋاتقان ياشلىرىمىزنى زەھەرلىك سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلغان.بۇ ئاپتورنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىمۇ ياكى «توردىكى ھاقارەتنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ، شۇنداق يېرگىنىشلىك گەپلەرنى قىلسام ئاندىن نام - ئاتىقىم چېقىدۇ» دەپ ئاددى ئويلاپ قاپتۇ. ئاپتورنىڭ قىلمىشىنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، پۈتكۈل ئۇيغۇرچە تورلاردىكى مۇنازىرە ئەھلىلىرىگە قارا سۈركەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز ماقالىنى قايتا – قايتا ئوقىساقمۇ ئاپتورنىڭ ياشلارنى بۇ دەرىجىدە چىدىغۇچىسىز ھاقارەت قىلىشىنىڭ ماقالىدىكى مەركىزى ئىددىيەنى يۇرۇتۇش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلەلمەيمىز.
ئىككىنچى، ئاپتور ماقالسىدە «كوچا پاراڭلىرى، سورۇن پاراڭلىرى» نى ئۆز نوقتىنەزىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات قىلغان. ئاپتور ماقالىسىدا: «بۇ خىلدىكى مۇنازىرە ئۇرۇشلىرىنى سورۇن پاراڭلىرىدىن ئاڭلاپ تۇردۇم»، «بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قايتا نەشىر قىلىنغان كىتابلىرىغا كىملەرنىڭدۇر ئەجىر مىھنەتلىرى، خاھىشلىرى ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. يەنە بۇرۇنراق بۇ مۆھتىرەم قەلەم ساھىبىنىڭ ئەسەر – ماقالىلىرىدا، بولۇپمۇ ئىلمىيەتلىك توغرىسىدا يىزىلغان ئەسەرلىرىدە نەقىل مەنبەلىرىنىڭ ئەسكەرتىلمىگەنلىكى، نامەلۇملىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنمۇ ئاڭلاپ قالغانئىدىم...» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ماقالىسىدە يەنە يالقۇن روزى، ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنلارنىڭ شەخسىيتىگە ئائىت يالغان ياۋىداق پىتنە - پاساتلارنى تىلغا ئېلىپ ئۇلارغا تۆھمەت ۋە ھاقارەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش ئارقىلىق خۇشاللىق تاپىدىغان سورۇنلاردىن ئاڭلىغان گەپلەرنى يېزىپ يۈرۈشى ھەم ساپاسىزلىقى ھەم ھاقارەتكە ھېرىسمەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئاپتور ماقالىسىدا ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىلمى ماقالىللىرىدا نەقىل مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى، نەقىل ئىلىش ۋە نەقىل مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ « بىر ئادەمنىڭ ئەقلى چەكلىك بولىدۇ، ھەممىلا پىكىر - گەپنى ئىچىدىن چىقىرىپ كېتەلمەيدۇ، پىكىرگە يانداش ياكى پىكىرنى تولۇقلاش - كۈچەيتىش رولى بار، پاكىتلارنى ئىلگىرىكىلەرنىڭ يازمىلىرىدىن يۇلۇپ ئېلىپ جايىغا سەپلەش ئىلمىيلىكنىڭ، مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ، باشقىلارنى قايىل ھەم مايىل قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقنىڭ ئىپادىسى..» دەپ يازغان، لىكىن ئۆزىنىڭ ماقالىسىدە بولسا باشتىن ئاخىرى ھىچقانداق نەقىل ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە سورۇنلاردىن ئاڭلىۋالغان غەيۋەت ھىدى گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان «سورۇن پاراڭلىرى»، كېلىش مەنبىيىنى بىلگىلى بولمايدىغان «كوچا پاراڭلىرى» نى نەقىل قىلىپ ئالغان. ئاپتورنىڭ نەقىل ئىلىش مەسىلىسىدە ئۆزىگە قويغان تەلەپ بىلەن باشقىلارغا قويغان تەلەپنىڭ ئوخشىماسلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرسا، غەيۋەت سۆزلىرىنى ئىلمى مۇنازىرىگە سۆرەپ ئېلىپ كىرىشى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.
ئۈچۈنچى، ئاپتور كىمنىڭ ئالىم،كىمنىڭ پەيلاسۇپلىقىغا جاۋاب ئىزدەش مەقسىتىدە يىزىلغان ماقالىسىدە باش تىمىدىن پۈتۈنلەي چەتنەپ، سەنئەت ھەققىدە «ناۋادا ‹ئۇيغۇر سەنئەت پەلسەپەسى› يېزىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ 80 پىرسەنتى ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن، قالغان 20 پىرسەنتى ھەيكەلتىرشلىق، خەتتاتلىق، قول ھۈنەر مەزمۇنلىرى بىلەن پۈتۈپ چىقىشى مۇمكىن. ھەر قانداق ئىلىمنىڭ نەزەرىيەسى، پەلسەپەسى بولىدۇ. ئەمما بىزدىكى سەنئەتنىڭ پەلسەپەسى، ھەتتا ھەممە نېمىسى ناخشا - ئۇسسۇل، ناخشىلىرىمىز كىلاسسىك ناخشا، خەلق ناخشىسى، ئىجادىي ياكى زامانىۋى ناخشا دېگەندەك ناملاردا، ئۇسسۇللىرىمىز خەلق ئۇسسۇلى، سەھنە ئۇسسۇلى دەپ پەرقلەندۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. بىز تېلېۋىزۇردا كۆرۈپ كېلىۋاتقان ‹سەھنە مەشرىپى› ھەقىقىي مەشرەپلىك سالاھىيىتىنى ھازىرلاشتىن تېخى يىراق. بۇ مەشرەپ ئازلىق قىلغاندەك يەنە تېخى ‹ئۆسمۈرلەر مەشرىپى› پەيدا بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ناخشا - ئۇسسۇلغا بولغان مايىللىقى كۈچىيىپ بارىدىغان، مۇشۇ تەرەپكە ئاغىدىغان تەربىيەلەش - يېتەكلەش ۋەزىيىتى شەكىللەندى» دەپ يىزىش ئارقىلىق، بۇ پىكىرلەرنىڭ باش تىمىنى يۇرۇتۇش بىلەن بولغان لوگىكىلىق مۇناسىۋىتىنى قىلچە نەزەرگە ئالماي ئۆزىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان دېيەلمەي قالغان سەنئەت ھەققىدىكى تاققا – تۇققا ھەم بىرتەرەپلىمە پىكىرلىرىنى، قورساق كۆپۈكىنى تۆكۈۋالغان. مۇنازىرە، مۇھاكىمە ماقالىلىرىدىكى ھەربىر بۆلەك، ھەربىر جۈملە چوقۇم باش تىمىنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك، ماقالە نېمە تاپسا شۇنى تۆكىدىغان ئابدالنىڭ خورجۇنى ئەمەس. ئاپتورنىڭ مۇنازىرە ماقالىلىرىدە باش تېمىدىن چەتنىمەسلىكتىن ئىبارەت ئاددىي تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالماسلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلىنىشقا تىگىشلىك ئىشتۇر.
تۆتىنچى، ماقالىدە ئۆز ئۆزىگە زىت بولۇشتەك لوگىكىلىق خاتالىق ئىغىر دەرىجىدە ساقلانغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ لوگىكىلىق پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاپتورنىڭ ماقالىسىدىكى ئۆز – ئۆزىگە زىت بولۇش خاتالىقلىرىنى بىرمۇ – بىر مىسالغا ئالساق:
(1) يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئاپتورنىڭ ماقالىدە نەقىل ئېلىش، نەقىل مەنبىينى ئەسكەرتىش مەسىلىسىدە باشقىلارغا قويغان تەلەپ بىلەن ئۆزىگە قويغان تەلەپ ئۆز – ئارا زىددىيەتلىك. ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ماقالىلرىدە نەقىل مەنبىيىنى ئەسكەرتىمگەنلىكىنى (ئاپتور بۇنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان) تەنقىد قىلىپ، نەقىل ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە ۋەز ئېيتقان ئاپتور «كىم پەيلاسۇپ، كىم ئالىم؟» تېمىسىدىكى ئىلمىيەتلىكنى تەلەپ قىلىدىغان ماقالىسىدە كوچا پاراڭلىرىنى، نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ئىغىزدىكى غەيۋەتلەرنى نەقىل قىلىپ ئالغان.
(2) يالقۇن روزىنىڭ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى «20 – ئەسىردىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىردىنبىر پەيلاسۇپ» دەپ ماقالە يىزىشى يۇرتۋازلىقنىڭ، ئۇچىغا چىققان ئاتۇشپەرەسلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ بەكمۇ بىمەنە باھا بەرگەن قومۇللۇق ئابلىز ئۆمەر ھاجى قومۇلدىن چىققان مەشھۇر ئوغلانلىرىمىز بولغان داڭلىق ئەدىب ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن خوجىنىياز ھاجى، تۆمۈر خەلپىلەرگە پەيلاسۇپلۇق تاجىنى تاقاشقا ئۇرۇنغان. بۇ سۆيۈملۈك ئوغلانلىرىمىزنىڭ پەيلاسوپ ئەمەسلىكى ئەقەللىي پاكىت تۇرسىمۇ، ئابلىز ئۆمەر ھاجى بۇ مەسىلىدە بەكمۇ نادانلارچە يول تۇتقان. ھەر گۈل ئۆز پۇرىقى، ئۆز ھۆسنى بىلەن گۈزەلدۇر، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، خوجىنىياز ھاجى، تۆمۈر خەلىپىلەرگە پەيلاسۇپلۇق تونى كەيگۈزۈلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار خەلقىمىز قەلبىدە يەنىلا داڭلىق يازغۇچىلىق ھەم قەھرىمانلىق نامى بىلەن ئۇلۇغلىنىشقا تامامەن ھەقلىق. باشقىلارنى بىمەنە ھالدا يۇرتۋاز دەپ ئوتتۇرىغا چىققان ئابلىز ئۆمەر ھاجى ئۆزى يۇرتۋازلىق پاتقىقىغا كۈلكىلىك ھالدا گەدىنىگىچە پېتىپ قالغان. ئابلىز ئۆمەر ھاجىغا ئوخشاش چۈشەنچىدىكى كىشىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بىرەر ئەدىبنىڭ ياكى تارىخچىنىڭ ئۆز يۇرتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ۋە ئۆز يۇرتىدىن چىققان مەشھۇر شەخسلەرنى يېزىشى ۋە تەتقىق قىلىشى ھەرگىزمۇ يۇرتۋازلىق ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قارالمايدىكەن، قومۇل ئىنقىلابىنى يازغانلىقى ئۈچۈن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرمۇ، ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى يازغانلىقى ئۈچۈن زوردۇن سابىرمۇ، سۈپۈرگەئاخۇن باشچىلىقىدىكى چىرا ۋەقەسىنى يازغانلىقى ئۈچۈن ئەبەيدۇللا ئىبراھىممۇ، مۇھىدىلا جەمەتىنى يازغانلىقى ئۈچۈن ئۆمەرجان سىدىقمۇ... ئەيتاۋۇر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يۈزلىگەن قەلەمكەشلەرنىڭ ھەممىسى يۇرتۋازلىق قالپىقىنى كېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئېنىقكى بۇنداق قىلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ. بىرەر قەلەمكەشنىڭ قايسى يۇرتلۇقنى ۋە قايسى يۇرتتىكى ۋەقەنى يېزىشى تامامەن ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى. ئەمما، يازمىسىنىڭ پاكىتسىز، سۈپەتسىز بولۇشى تەنقىد قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپتۇر.
(3) ئاپتور ماقالىسىدە ئاۋۋال «بارلىقىنى ۋەتەن – مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى، بەخىت – ئىقبالى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆرەش قىلىپ جىنىدىن جۇدا بولغان» تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز پالگانغا ئوخشاش قەھرىمانلىرىمىزنى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لوتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىرلارنى پەيلاسوپ دەپ ئاتاپ، ماقالىسنىڭ ئاخىرقى قىسىمىدا « پەلسەپە دەۋىرنىڭ تەققازاسى ۋە ھاسىلاتى. 20 - ئەسىر داۋالغۇش، جان قايغۇسىدا ئۆتكەن دەۋر بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئىددىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، پەلسەپە يارىتىش مۈمكىنچىلىكى بولمىغان..» دەپ يېزىش ئارقىلىق «20 - ئەسىردە ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە يارىتىلمىدى» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. پەلسەپە يارىتىلمىدى دېگەن سۆز، پەيلاسۇپ يارىتىلمىدى، 20 - ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن بىرمۇ پەيلاسۇپ چىقمىغان دېگەن سۆز. لىكىن ئاپتورنىڭ كېيىنكى پىكىرى ئالدىنقى پىكىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.
(4) ماقالىسىدە «يالقۇن روزى بۇ ماقالىسى ئارقىلىق ئوتتۇراھال ۋە تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئوقۇرمەنلەر توپىنى مايىل ھەم قايىل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا كەسكىنلىك بىلەن ئۆز يۇرتلۇقى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى ‹پەيلاسوپ› دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقتى، ئۇنىڭغا ‹پەيلاسوپ› لۇق تاجىنى تاقاپ قويدى.» دەپ يىزىش ئارقىلىق يالقۇن روزىنىڭ ئوتتۇراھال ۋە تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئوقۇرمەنلەر توپىنى ئاساس قىلىپ ماقالە يىزىشىنى تەنقىد قىلغان ئاپتور ماقالىسىدە يەنە « ئۇنىڭ (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىممنى دېمەكچى) يازمىللىرىدىكى سىرلىق (ئاۋام چۈشەنمەيدىغان)، چۈشىنىكسىز سۆز - ئىبارىلەر، ئاتالمىلار، جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى مۇرەككەپلىكلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى گەپ ئوينىتىش ئامىللىرى ئوتتۇرا - تۆۋەن قاتلام ئوقۇرمەنلەرنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ...» دەپ يىزىش ئارقىلىق ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئوتتۇرا –تۆۋەن قاتلام ئوقۇرمەنلەرنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنىمۇ تەنقىد قىلغان. بىر ماقالىدە ئۆزى تەنقىد قىلغان مەسىلىنىڭ قارمۇقارشىسدىكى مەسىلىنىمۇ تەنقىد قىلىش شەخسىي غەرەزنى ئىلمىي روھنىڭ ئۈستىگە چىقىرىۋالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
بەشىنچى، ئاپتور ماقالىسىدە «بىز بەزى ھاللاردا ئابدۇقادىر جالالىدىننىمۇ ‹پەيلاسوپ› دەپ سۈپەتلەپ يۈردۇق. نېمىگە ئاساسلىنىپ شۇنداق دېگەن بولغىيدۇقكىن – تاڭ! ئابدۇقادىر جالالىدىن ‹پەيلاسوپ› دېگىدەك نېمە ئىش قىلىپ بەردى ئۇيغۇر جەمىيتىگە؟ چەت ئەلنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدى، شېئىرلىرى ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىدىن داجىپ كەتتى، ئۆزىمىزنى چۆكتۈرۈپ چەت ئەللىكلەرنى كۆتۈرۈدىغان پىكىرلەردىنمۇ مۇستەسنا بولمىدى. ئابدۇقادىر جالالىدىن پەيلاسوپمۇ بولالمايدۇ، شائىرمۇ ھېسابلانمايدۇ، ئۇ ھازىرچە پەقەت بىر ئوقۇتقۇچى، تەرجىمان، ناتىق، خالاس» دەپ يىزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زىيالىلىق مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ھاقارەت قىلغان. بىز ھىچقاچان ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ پەيلاسوپلۇق دەۋاسى قىلغانلىقىنى، ئۆزىنى پەيلاسۇپ دەپ ئاتىغانلىقىنى ياكى باشقىلاردىن شۇنداق ئاتاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق، ئەگەر ئاپتور ئاڭلىغان بولسا دەلىل – ئىسپاتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئابدۇقادىر جالالىدىن پەقەت تىنىمسىز ئىزدىنىش، ئۈگىنىش، ئۈگەنگەنلىرىنى خەلقىمىز بىلەن ھەمبەھىرلىنىش، چەتئەللەرنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق كۆز – قاراشلىرىمىزنى يىڭىلاش، بىيىتىشقا ھەسسە قوشۇۋاتقان، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي قاراشلىرىنى ماقالە، شېئىر، نۇتۇق ۋە باشقا شەكىلدە خەلقىمىزگە ھەدىيە قىلىۋاتقان، ياشلارنى تەربىيلەشكە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئۇستاز. ئەگەر باشقىلار ئابدۇقادىر جالالىدىننى «پەيلاسوپ» دەپ قارىغان بولسا بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەقلى ئەمگەكلىرىگە بولغان ئېتىراپىنىڭ ئىپادىلىنىشى، خالاس. بۇنىڭغا ئاپتورنىڭ زۇلپىقار بارات ئۆزباشقا ئوخشاش زىيادە ھۇدۇقۇپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. زۇلپىقار باراتمۇ يالقۇن روزىنىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى «20 – ئەسىردىكى بىردىنبىر پەيلاسوپ» دەپ يازغان ماقالىسىغا قارىتا كۆزقارىشىنى ئىپادىلىگەن سۆزىدە «دەڭە يالقۇنكا! ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن زادى نېمىسى بىلەن پەيلاسوپ؟» دەپ چالۋاقاپ سۆزلىگىنىدەك، ئابلىز ئۆمەر ھاجىمۇ « ئابدۇقادىر جالالىدىننى ‹پەيلاسوپ› دېگۈدەك ئۇ نېمە ئىش قىلىپ بەردى ئۇيغۇر جەمىيتىگە؟» دەپ چالۋاقىشى پۈتۈنلەي ئورۇنسىز! «ئابدۇقادىر جالالىدىن پەيلاسوپمۇ بولالمايدۇ، شائىرمۇ ھېسابلانمايدۇ، ئۇ ھازىرچە پەقەت بىر ئوقۇتقۇچى، تەرجىمان، ناتىق، خالاس...» دەپ ئابدۇقادىر جالادىندىننى كەم سۇندۇرغان ئاپتور ئالدى بىلەن ئۆزىدىن «مەن خەلقىمگە نېمە ئىش قىلىپ بەردىم؟»دېگەن سۇئالنى سورىشى، ئۆزىنىڭ ئابدۇقادىر جالالىدىن قىلغان ياخشى ئىشنىڭ يۈزنىڭ بىرىنى قىلمىغانلىقىنى، بۇنداق «موڭقۇي بولۇپ كەتكەن كاللا» بىلەن يىزىلغان ماقالىلەرنىڭ خەلقىمىزگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنىڭ نەقەدەر ئىغىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.
ئالتىنچى، ئاپتور ماقالىسىدە «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كېيىن نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرى، يالقۇن روزىدەك ئۇچىغا چىققان يۇرتۋازلارنىڭ شەخسىي خاھىشى، ئۆز يۇرتلۇقىنى ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر زاتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش ئىستىكىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن قاش - كىرپىكلىرى قېنىق ‹گىرىم› قىلىنغاندىن كېيىن كىتابخانلارنىڭ ھوزۇرىغا قايتا سۇنۇلدى» دەپ يېزىش ئارقىلىق يالقۇن روزىغا تۆھمەت قىلغان. ئابلىز ئۆمەر ھاجىنىڭ بۇ تۆھمىتى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ دېگەندە، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كىتابلىرىنى نەشرگە تەييارلاش جەريانىدا يالقۇن روزى ئۆڭشىۋەتكەن، ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئىش قوشۇۋەتكەن دېگەن مەنىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئابلىزنىڭ بۇ گېپى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگىمۇ، يالقۇن روزىغىمۇ تۆھمەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ.
يالقۇن روزى ئەدەبىي ئوبزورچىلىق، جەدىدچىلىك تارىخى، دەرسلىك تۈزۈش، نوتۇق – لىكسىيە سۆزلەش ئىشلىرى بىلەن خەلقى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ئىشلارنى قىلغاندىن تاشقىرى، يەنە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كىتابلىرىنى نەشرگە تەييارلاپ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنى ئىنتايىن رازى قىلدى. بۇ زور ئىلمىي خىزمەت، بۇ بىر مەسئۇلىيەتچان زىيالىينىڭ ھەرىكىتى. يالقۇن روزىنىڭ پىداكارلىق بىلەن قىلغان بۇ خىزمىتى بولمىسا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» دېگەندەك بىباھا كىتابلىرىنى بىز كۆرەلەمتۇق؟ باشقىلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش، ئۇلارغا كەلسە – كەلمەس تۆھمەت چاپلاشقا ھېرىسمەن ئابلىز ئۆمەر ھاجى ئۆزى ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشىدىن بىرەرنى كۆرسىتىپ باقسا، بىز 40 ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ ئەپەندىمنىڭ خەلق رازى بولغۇدەك قانداق ياخشى ئىشىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالساق بولاتتى. بۈگۈنگىچە بىرەر كىتابى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن بىر ئادەمنىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزىدەك مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىمىزغا ئۆزىنى چاغلىماي يوغان گەپ قىلىشى، بولۇپمۇ تۆھمەت چاپلاپ ھاقارەت قىلىشى ئۇنىڭ نادانلىقىدىن ۋە مەنىۋى دۇنياسىنىڭ كېسەللەنگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئاپتور ماقالىسىدە يالقۇن روزىغا تۆھمەت قىلغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ توغرىسىدا ھىچقانداق دەلىل – ئىسپات كۆرسەتمىگەن. ئاپتورنىڭ قىلمىشى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. يالقۇن روزى ئابلىز ئۆمەر ھاجىنىڭ ھەق – تەلەپ، ھەتتا جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلسا تامامەن بولىدۇ.
يەتتىنچى، ئاپتور ئۆزىنىڭ «ئىجادچانلىق رۇھى»نى ئاشۇرۇپ جارى قىلدۇرۇپ پەلسەپە ۋە پەيلاسوپ توغرىسىدا ئاجايىپ – غارايىپ ئىنىقلىمىلارنى، ئۆلچەملەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
(1) ئۇ پەيلاسوپ بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىددىيەسى يارقىن، چۈشۈنۈشلۈك بولىشى، يازغان ئەسەرلىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي،پەلسەپەلىك سالمىقى جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن بولۇشى كېرەك دەپ يازىدۇ. ئاپتورنىڭ ماقالسىىدىكى «مېنىڭچە، پەلسەپە - ئىدىيە نەزەرىيەسىدۇر. ئىدىيەسى يارقىن بولمىغان ئادەمنى پەيلاسوپلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ سۈپەتلىگىلى بولمىسا كېرەك. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى ‹ئوندا تۇنجى› بولغانلىقى ئۈچۈنلا پەيلاسۇپلۇق مۇقامىغا يەتكەن دېسەك بولىۋېرەمدۇ؟ ناتايىن! ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىلمىي قىممەت جەھەتتە تارازىدا توختىشى مۇمكىن، ئەمما نېمىلا دېگەن بىلەن پەلسەپەلىك سالمىقى جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن بولمايدۇ. ئاپتور بىلەن ئەسەر بىر گەۋدە تەرىقىسىدە چۈشىنىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشى كېرەك.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئىدىيەسىنى قانداق چۈشەنگۈلۈك؟ ئۇنىڭدا مۇكەممەل ئىدىيە بولغانمۇ - يوق؟ ئۇنى پەيلاسوپ دېيىشتىن ئاۋۋال مۇشۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك» دېگەن پەلىپەتىش پىكىرى بۇنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ.
(2) ئابلىز ئۆمەر ھاجى پەيلاسوپ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەن – مىللەتنىڭ ھۆرلىكى، بەخىت ئىقبالى ئۈچۈن قۇربان قىلغان قەھرىمان بولىشى، مۇئەييەن ئىددىيە بىرلىكىگە باشلامچى، ۋەكىل بولىشى كېرەك، دەپ يازىدۇ. بۇنىڭغا ئۇنىڭ ماقالىسىدىكى: «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن كىتاب يېزىپ ‹پەيلاسوپ› بوپتۇ. ئۇنداقتا، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەن - مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى، بەختى - ئىقبالى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ جېنىدىن بىھۇدە جۇدا بولغان قەھرىمانلىرىمىزنى نېمە دەپ سۈپەتلەيمىز؟ ئۇلاردا ئىدىيە، مەۋقە بولمىغانمۇ؟ ئۇلار گەرچە كىتاب يازمىغان بولسىمۇ، مۇئەييەن ئىدىيە بىرلىكىگە باشلامچى، ۋەكىل بولغىنى ئۈچۈن پەيلاسوپ دېسەك تامامەن بولىدۇ» دېگەن بۆلەكنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ.
(3) ئۇ يەنە پەيلاسوپ جەمئىيەتشوناس ھەم ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولىشى،ئىددىيە جەھەتتىن ساغلام، شەخسىيەتسىز، ئىلىمى پەزىلەت ھەم شەخسى پەزىلەت جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن بولىشى كېرەك دەپ يازىدۇ. ئاپتورنىڭ ماقالىسىدىكى: «پەيلاسوپ ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەتشوناس ھەم ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، مۇشۇ نۇقتىدىن قارىساق، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ جەمئىيەتچىلىكى بولمىغان، جەمئىيەتتىن داجىپ كىتابلار ئىچىدە، ئىلمىيلىك دۇنياسىدا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. نوپۇز تاماسىدا ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى شەخسىيەتچىلىكىنى ئاشكارلىغان تەرەپلىرىمۇ بولغان. ئىدىيە جەھەتتە ساغلام بولمىغان بىر شەخسنى بىر مىللەتنىڭ بىر ئەسىرىدكى پەيلاسوپى دېسەك، تولىمۇ بىر تەرەپلىمىلىك، يەڭگىلتەكلىك بولىدۇ. شەخسى پەزىلەت بىلەن ئىلمىي پەزىلەت بىرلەشسە ھەقىقىي ئالىملىق پەزىلەت مۇقامىغا يەتكەن بولىدۇ. ئالىم باشقا، پەيلاسوپ باشقا» دېگەن مەزمۇن ئاپتورنىڭ بۇ پىكىرىنى ئىسپاتلايدۇ.
(4) ئۇ يەنە پەيلاسوپنىڭ ئەسەرلىرى چوقۇم قايتا – قايتا نەشىر قىلىنىشى، خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولىشى كېرەك دەپ يازىدۇ. بۇ ھەقتە ماقالىسىدە: «ئابدۇشۈكۈر ھۇھەممەتئىمىننىڭ بىرەر شېئىرى ناخشىغا ئايلانمىدى. تۇنجى روبائىيلار توپلىمىنىڭ ئاپتورى بولغىنى بىلەن بىرەر روبائىيسى ھېچكىمنىڭ يادىدا يوق، ‹روبائىيات› قايتا بىرەر قېتىم نەشر قىلىنىپ ياكى بېسىلىپمۇ باقمىدى. ناۋادا، ئۇنىڭ ‹تۇنجى روبائىيلار توپلىمى› ھەقىقەتەن خەلقىمىزگە ياققان بولسىدى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹ئۆمۈر مەنزىللىرى› ناملىق شېئىرلار توپلىمىدەك قايتا - قايتا بېسىلغان بولار ئىدى...» دېگەن.
(5) ئۇ يەنە پەيلاسوپنىڭ ئەسىرى قايتا نەشىر قىلىنغاندا ئۆزگەرتىلمەسلىكى، مەزمۇن قوشۇلماسلىقى، بىيىتىلماسلىقى كېرەك، پەيلاسوپ ئەسەر يازغاندا ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلام ئوقورمەنلەرنى نەزەرگە ئېلىپ ئاممىباپ، چۈشۈنىشلىك يېزىشى كېرەك دەيدۇ.
(6) ئۇ يەنە پەيلاسوپنىڭ ئۆلىمى قايغۇلۇق ۋە ھەيۋەتلىك ئۇزىشى كېرەك دەيدۇ. بۇنى ئاپتورنىڭ ماقالىسىدىكى: « بىر ئادەمنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىنى، قەدىر - قىممىتىنى ئۇنىڭ ئۆلۈم مەنزىرىسىدىمۇ ھېس قىلغىلى، كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ناۋادا، ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھەقىقەتەن يالقۇن روزى دېگەندەك بىردىنبىر پەيلاسوپ بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمىدىن نەچچە ھەسسە قايغۇلۇق ئۇزىغان بولار ئىدى..» دېگەن مەزمۇن ئىسپاتلايدۇ.
(7) ئۇ يەنە پەيلاسۇپ ئىددىيە باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقىنى ھامان نىشانغا باشلىيالايدىغان باشلامچىلىق سالاھىيتىنى ھازىرلىغان بولىشى كېرەك دەيدۇ. ئاپتور بۇ پىكىرىنى ئۆز ماقالىسىدا :« ھەر بىر ئادەم ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا، خەلق پادىغا ئوخشايدۇ دېگەن گەپ بار. بۇ، خەلقنى تۆۋەن كۆرۈش تۇرغۇسىدا ئېيتىلغان گەپ ئەمەس. ئۆملۈك، بىرلىكنى ساقلاش جەھەتتە خەلق پادىغىمۇ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن. پادىغا سەركە، يولباشچى بولمىسا بولمايدۇ. پەيلاسوپ ئىدىيە باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقنى ھامىي نىشانغا باشلىيالىسا ئاندىن پەيلاسوپلۇق سالاھىيىتىگە مۇناسىپ كېلىشى مۇمكىن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىدە باشلامچىلىق سالاھىيىتىنى ھازىرلىغانمۇ – يوق؟ ئۇنىڭ خاراكتېرى، ئىچكى دۇنياسى، كىشىلىك سۈپەت - ساپاسى قانداق ئىدى؟ ئۇنى پەيلاسوپ دېيىشتىن ئاۋۋال مۇشۇ مەسىلىلەر ئايدىڭلىشىپ كېتىشى كېرەك ئىدى» دەپ يازىدۇ.
ئاپتورنىڭ پەيلاسوپلۇق ھەققىدىكى بۇ غەلىتە ئۆلچەملىرى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. ئاپتورنىڭ يۇقارقى يەتتە تۈرلۈك ئۆلچىمى بويىچە بولغاندا دۇنيا تارىخىدىن پەيلاسوپ دەپ ئاتىلىش شەرپىگە مۇيەسسەر بولالايدىغان، پەيلاسوپلۇق تاجىنى تاقاپ، پەيلاسوپلۇق تونىنى كىيىپ، پەيلاسوپلۇق تەختىدە مۇستەھكەم ئولتۇرالايدىغان بىرەر ئېنساننى تىپىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىنغا توختايدۇ.
سەككىزىنچى، ئاپتور ماقالىسىدە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە تۈرلۈك زەھەرلىك ئىبارىلەر بىلەن ھاقارەت قىلىپ، پاكىت ئويدۇرۇپ تۆھمەت قىلىغان، ئۇنىڭ قىلمىشى ئەخلاق كاتوگىرىيەسىدىن ھالقىپ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چىكىگە بېرىپ يەتكەن. ئاپتور ماقالىسىدە مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى «ئىددىيەسىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئادەم»، «جەمئىيەتچىلىكى يوق، نوپۇز تاماسىدا ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى شەخسىيەتچىلىكىنى ئاشكارلىغان، ئىدىيە جەھەتتە ساغلام بولمىغان شەخس»، «شىئىرلىرى خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالالمىغان شائىر»، «نوپۇز ئۇرۇشىغا قاتناشقان دەۋاخور»، «ھەقىقى ئىلىم ئەھلى، ئۆزىنى ئىلىمگە ئاتىغان ئالىم سۈپەت زىيالى ئەمەس»، «نوپۇز دەۋاسى قىلىپ، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئۈستىدىن شىكايەت يازغۇچى»  دېگەنگە ئوخشاش ھاقارەتلىك ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىگەن. ئىلمىي ماقالىدە ئاپتورنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرىگە باھا بىرىشتىن كۆپرەك، شەخسىيتىگە ھوجۇم قىلىشقا كۈچەپ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ خەلقىمىز قەلبىدىكى بۈيۈك ئوبىرازىنى خۇنەكلەشتۈرۈش مەقستىدە ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىك «پوقى» نى ماچىلدىتىپ يېگەن.
ئاپتور يەنە بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ نوپۇز تەمەسىدە ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئۈستىدىن شىكايەتنامە يازغانلىقى ھەققىدە يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنگە ھاقارەت قىلغان. بۇنىڭغا ئاپتورنىڭ ماقالىسىدىكى «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى كۆرەلمەي ھەسەت - ھەسرەت ئوتىدا پۇچۇلانغانلارمۇ كۆپ بولغان، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى مەركەز قىلغان نوپۇز دەۋاسى ئۇلار ئويلىغاندەك نەتىجە بەرمەي داۋاخورلارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنمۇ نوپۇز ئۇرۇشىغا قاتناشقان داۋاخۇرلارنىڭ بىرى. ناۋادا، ئۇ ھەقىقى ئىلىم ئەھلى، ئۆزىنى ئىلىمگە ئاتىغان ئالىم سۈپەت زىيالى بولغان بولسا، نوپۇز دەۋاسى قىلىپ ئۆزىنى ئۇپرتىشنىڭ ھاجىتى بولارمىدى؟ ئەمما، شۇنچە ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ساھىبى بولغان بۇ كاتتا، مول ھوسۇللۇق ئالىمىمىز ئاشۇ ‹پوق› نى يېگەن بولدى. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ رومانى نەشر قىلىنغاندا مەلۇم بىر ئىلىم ئەھلى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ رومانى ئۈستىدىن شىكايەت يازغان. شىكايەت ئايلىنىپ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قولىغا چۈشكەندە، ئۇ بۇ خەتنى قانداق يول بىلەن كەلگەن بولسا يەنە شۇ يول بىلەن جايىغا قايتۇرۇشنى ئېيتقان»، دېگەن بايانلارنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ. ئاپتور بۇ يالغان توقۇلمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۈرىھىم ئۆتكۈر قاتارلىق مەرھۇملىرىمىزغا تۆھمەت قىلغان بولسىمۇ ماقالىسىدە بۇ توغرىسىدا ھىچقانداق دەلىل – ئىسپات كۆرسەتمىگەن. ئاپتور ماقالىسىدە تۆھمەت ۋە ھاقارەتكە زىيادە مەستانە بولۇپ كەتكەن.
ئەگەر ئاپتور ئۆزىنىڭ ماقالسىىدە يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ، يوق ئىشنى بار قىلىپ سۆزلەپ، غەيرى مۇددىئا بىلەن ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمننى ھاقارەت قىلغان بولسا، يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ تۆھمەت قىلغان بولسا ئۇنىڭ قىلمىشىدىن «جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 246 - ماددىسىدىكى ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. چۈنكى «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان تۆھمەت قىلىش قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرگەندە قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بىر نەچچە مەسىلە ھەققىدىكى ئىزاھات» (2013 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان) نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىللىرىگە ئاساسلانغاندا باشقىلارغا ھاقارەت قىلغان، تۆھمەت قىلغان ئۇچۇرلارنىڭ كۆرۈلۈش قىتىم سانى 5000 دىن ئاشسا ياكى تارقىتىش قېتىم سانى 500 دىن ئاشسا ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا ھاقارەتلەش، تۆھمەت قىلىش جىنايىتى پەۋقۇلادە زور زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلا بولسا دەۋاگەرلەر ئەرىز قىلغاندىن كېيىن سورىلىدۇ. شۇڭىلاشقا ئەگەر ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئاپتورنى ئەپۇ قىلىپ، ئەرىز قىلىشتىن ۋاز كەچمىسىلا ئاپتورنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنىڭ قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىشى ئىنىق.
ئاخىرىدا مەن ئاپتورنىڭ ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسىمىدا ئوتتۇرىغا قويغان «ئىدىيەسىز ئادەمدە مەۋقە بولمايدۇ، مەۋقەسىز ئادەمدە مۇستەقىل پىكىر ۋە ھەرىكەت بولمايدۇ، مۇستەقىل پىكىر ۋە ھەرىكەت بولمىغان ئادەمدە مەسئۇلىيەت بولمايدۇ، مەسئولىيەتسىز ئادەمدە غۇرۇر - ۋىجدان بولمايدۇ، غۇرۇر - ۋىجدان بولمىغان ئادەمدە ئەخلاق - پەزىلەت بولمايدۇ. ئەخلاق - پەزىلەت بولمىغان ئادەمدە ئادەملىك تەبىئەت ۋە ئىنسانى سۈپەت بولمايدۇ، ئىنسانىيلىقى بولمىغان ئادەمنىڭ ھايۋاندىن نېمە پەرقى بولسۇن؟» دېگەن سۇئالنى ئۆزىدىن قايتا – قايتا سوراپ بېقىشىنى، ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، ماقالىسىدە تۆھمەت ۋە ھاقارەتكە ئۇچىرىغۇچىلاردىن، ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋاتلىرى، ئۇرۇق – تۇققان، دوست - بۇرادەرلىرىدىن كەچۈرۈم سورىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.
ئەمدى ئوقۇرمەنلەرگە دەيدىغنىم مارتىن لوتىر كىڭ « بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر ھامان ئۆكۈنىمىز، بۇ پەقەت ئەسكىلەرنىڭ سۆز – ھەركىتىدىن بولماي، بەلكى ياخشىلارنىڭ قورقۇنچلۇق ھالدا سۈكۈت قىلىشىدىن بولىدۇ. بىزنىڭ ھەقىقەتنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ بىر ئىغىز گەپ قىلمىغان ۋاقتىمىز، دەل ئۆلۈمگە يول ئالغان ۋاقتىمىزدۇر» دېگەن. ئابلىز ئۆمەر ھاجىنىڭ «كىم ئالىم، كىم پەيلاسوپ» تىمىسىدىكى ماقالىسى خەلقىمىز تۈرلۈك – تۈمەن كىرزىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرغان، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئاكتىپ ئىنىرگىيە، ياخشى ئۈلگىگە موھتاج بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئابدۇشۈكۈر ھۇمەممەتئىمىن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزىغا ئوخشاش نوپۇس سانىمىزغا نىسىبەتەن تولىمۇ ئاز ھىساپلىنىدىغان داڭلىق ئالىملىرىمىز، مۇنەۋۋەر زىيالىرىمىزغا تۆھمەت ۋە ھاقارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوبرازىغا زىيان سېلىش مەقسىتىدە يىزىلغان، چوقۇم تەنقىد قىلىشقا تېگىشلىك ماقالە بولۇپ، بۇ ماقالە ئاپتورىنىڭ ھەم سەۋىيەسىز، ھەم ئىلمىيسىز، ھەم ئەخلاقسىز يازمىسىغا سۈكۈت قىلغانلىقىمىز، ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ يەنىمۇ ئىغىر نادانلىق روھى بىلەن تويۇنغان پەلىپەتىش يازمىلىرىغا يول قويۇش، تۆھمەت ۋە ھاقارەتلىرىگە پۇرسەت بېرىش بولىدۇ. ھەمىمىز ئورتاق تىرىشىپ ئىلمى مۇنازىرە جەريانىدا تەنقىد ئەخلاقىدىن چەتنەپ باشقىلارغا تۆھمەت، ھاقارەت قىلىدىغان قىلمىشلارغا ئاكتىپ قارشى تۇرۇپ، ساغلام، ئىلمى مۇنازىرە مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشايلى.


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر1 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن3 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5385
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8164
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2148 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-7-4
2#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
muxu    ziyalilarnig  zehnini  arzimas munazira   . mahtax  . tankid   temisiga  amas    awamga   paydilik   ahmiyatlik munazira   ustida kilixini umid kilman

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4148
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 706 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-7-4
3#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئاشۇ ماقالىنىڭ ئادرېسىنى يوللاپ قويۇڭە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 121594
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2015-6-20
ئاخىرقى: 2015-7-4
4#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ ھەقىقەتنى سۆزلىمىگۈچىلەر ھامان شەرمىسار بولماي قالمايدۇ.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 2034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1525 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-7-4
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئۆچەي دەپ قالغان چوغنى پۈۋلەپ..ھەي........
مەنچە بولغاندا ئابدۇكېرىم ئابلىز ھەقى پەيلاسوپمىكىن دەيمەنغۇ

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-7-4
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئاللا   ئاللا .......................

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34664
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 618 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-7-4
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
جىدەل پۇراپ كەتتى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 121417
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 82
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2015-6-16
ئاخىرقى: 2015-7-4
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
تىمېڭىزغا كۆپ رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4834
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1496 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-7-3
9#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
مەن بۇ ئىشلارنى پەقەت بىلمەيدىكەنمەن،ھېلىقى پېسخىكا ئۇقۇتقۇچىسى زېۋىدە  ھەدە بىلەن ئەلى ئاكىنىڭ جىدىلىدىن كىيىن بۇنداق ئەدەبىي ئۇرۇش رايونىغا پەقەت قىزىقمىدىم،ساپلا بىر بىرىنى پۇتلاۋاتقاندەكلا بىلىندىكەن.شۇنداق ئەدەبى ئۇرۇش قىلغۇچىلار بىزدە كۆپكەن،شۇنىڭ ئورنىدا ھازىرقى ئىقتىسادى بۇرۇلۇش ۋە تۇرمۇش ،ئىشلەپ چىقىرىش قاتارلىق ئىشلاردا مۇشۇنداق تاكاللاشساق،مۇشۇنداق ئوڭ تەتۈر سىنىپ بولۇپ مۇنازىرە قىپ كەتسەك نىمە بولار ھە،،،،

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27565
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7186
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 5333 سائەت
تىزىم: 2011-1-24
ئاخىرقى: 2015-7-3
10#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ماۋۇ تېمىنى نادىرلاش كېرەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش