ھەرقانداق ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ يۈرەكلىك،باتۇر چوڭ بۇلىشىنى ئارزۇلايدۇ.ئەمما بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچىدىكى ھاجەتخانىغىمۇ يالغۇز كىرەلمەسلىكى،ياتاق ئۈيىدە يالغۇز ياتالماسلىقى،بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسە ئىككى ئېغىز گەپنى جايلاپ قىلالماسلىقى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ.ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ قورقۇنچاق بۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ
1.بالىنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم .
بالا كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆز يېنىدا بۇلىشىنى خالايدۇ،ئاتا ئانىسى قېشىدا بولسا ئۆزىنى بىخەتەر ھىس قىلىدۇ.ئەمما بەزى ئاتا-ئانىلار خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ،ھە دېسىلا بالىلارنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلىدۇ ياكى چوڭلارنىڭ ئۈيىگە ئاپىرىپ قۇيۇپ كۈن بۇيى كارى بولمايدۇ ھەتتا كىچىسىمۇ ئەكىلىپ باغرىغا بېسىپ ياتمايدۇ.بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان بىخەتەرلىك ئېھتىياجى قانمايدى-دە،بالا ئۈزىگە ئىشەنمەيدىغان،قورقۇنچاق بۇلۇپ قالىدۇ
2.بالىغا جىن-ئالۋاستىلار تەسۋىرلەنگەن ھىكايلەرنى كۆپ ئۇقۇپ بىرىش ۋە كارتون فىلىملارنى قۇيۇپ بىرىشتىن ساقلىنىش لازىم.
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن ئەقىللىق قىلىپ تەربىيلەشنى ئويلاپ،ئۇلارغا ھەرخىل ھىكايە-چۆچەكلەرنى ئۇقۇپ،كارتون فىلىملەرنى قۇيۇپ بىرىدۇ.دەرۋەقە،بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشتا چوڭ رولى بولسىمۇ،ئۇلارغا جىن-ئالۋاستىلار ھەققىدە مۇۋاپىق چۈشەنچە بەرمىگەندە تېخى ئەقلى تۇللۇق يىتىلمىگەن بالا رىئاللىق ۋە خىيالى دۇنيا ئارىسىدا تەمتىرەپ قېلىپ چۆچەكتە ئاڭلىغانلىرىۋە فىلىمدا كۆرگەنلىرىنى ئەتراپىدىن ئىزدەشكە باشلايدۇ.يالغۇز قالغان چاغلاردا چۆچەك ۋە فىلىمدىكى يالماۋۇز،جىن-ئالۋاستىلار ئەتراپىدا پەيدا بۇلۇپ،ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغاندەك دەككە-دۈككە ئىچىدە ياشايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.
3.بالىنى مەۋھۇم نەرسىلەربىلەن قورقۇتماسلىقى كېرەك.
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۇخلىتىش›تاماق يىگۈزۈش،گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھە دېسىلا:‹‹ئەنە،بۆرە كەلدى››،‹‹گەپ ئاڭلىمىسىڭىز يالماۋۇز كىلىپ سىزنى ھام ئىتىدۇ››دېگەنگە ئوخشاش گەپلەر بىلەن بالىلارنى قورقۇتۇشقا ئامراق.بۇ چارە گەرچە ئانىلارنى ئازراق ئارام تاپقۇزسىمۇ ئەمما بالا بىرەر ئىشنى ياخشى قىلالمىغان ھامان ئەشۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەر كىلىپئئۆزىنى ئىسكەنجىگە ئالىدىغاندەك ئەنسىزلىك ئىچىدە قالىدۇ،بۇ بالىغا زىيانلىقتۇر.
4.ئاتا ئانىلار بالىلار ئالدىدا قاتتىق جىدەللىشىشتىن ساقلىنىش لازىم.
بەزى ئائىلىلەردە ئائىلە زوراۋانلىقى ئىنتايىن ئېغىر بۇلۇپ،ئازراق تالاش-تارتىش بولسىلا،ئەرلەر ئايالىنى ئۇرۇپ،نەرسە كىرەكلەرنى چېقىپ،ئائىلىنى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ،بالا ئانىسىنىڭ بىھۇدە ئازار يىگىنىدىن قاتتىق ئازاپلانسىمۇ،لېكىن دادىسىنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ ئارىغا چۈشەلمەيدۇ.بۇنداق ئەھۋال تەكرارلانغانسېرى ئۆزى بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسىمۇ،باشقىلارنىڭ ئۇرۇشقىنىنى كۆرسىمۇ،تىلى كالۋالىشىپ ھېچقانداق گەپ قىلالماي،قورقۇپ تىتىرەپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.
5.ھە دېسىلا بالىنى ئۇرۇپ-تىللاشتىن ساقلىنىش لازىم.
بەزى ئاتا-ئانىلار ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنمۇ بالىنى ئۇرۇپ-تىللايدۇ.بالىلارنىڭ قەلبى ئەسلىدىنلا نازۇك،يۇمران بولغاشقا تىل-دەشنەم،تاياقلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ-دە بىرەر ئېغىز سۆزى،بىرەر ئادەتتىكى ئىش-ھەرىكىتى ئۈچۈنمۇ ھازىرلا تاياق يەيدىغاندەك دەككە-دۈككىدە ياشاپ،چوڭ بولغانسېرى قورقۇنچاق بۇلۇپ قالىدۇ.تېخىمۇ يامان يېرى شۇكى،بۇنداق بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىنمۇ ئۇقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن يېقىنلىشىشقىمۇ،ئەركىن پىكىر قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ.
6.ھەممە ئىشتا بالىغا يول كۆرسىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ھەممە ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا يول كۆرسىتىپ،بالىدىن ئۈزى سىزىپ بەرگەن سىزىق بۇيىچە مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ.نەتىجىدە بۇنداق بالىلار ھېچقانداق بىر ئىشنى مۇستەقىل قىلالمايدىغان،قىلغان تەغدىردىمۇ ھەرۋاقىت تەۋرىنىپ توغرا-خاتاغا كەسكىن قارار قىلالمايدىغان،مۇستەقىل ئىش بىجىرىش ئىقتىدارى تۆۋەن،ئىرادىسىز چوڭ بۇلىدۇ.
7.ئەرلەر ئۆيگە مەست كېلىپ بالىلارغا ھەيۋە كۆرسىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
بىر قىسىم ئەرلەر،ئاغزى كىچىككىنە ھاراققا تەگكەن ھامان ئېگىز-پەس سۆزلەپ،ئالەمنى مالەم قىلىدۇ.ھەتتا،ئۆيىگە كىرگەندىن كىيىنمۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ،خۇتۇن-بالىلىرىنى ئويغىتىپ،بىر-بىرلەپ تاناۋىنى تارتىشقا باشلايدۇ.بۇنىڭ بىلەن بالىلار دادىسى كەچ قالسىلا قورقۇپ ئۆرە ئولتۇرىدىغان،ئارامىدا ئۇخلىيالمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.
قىسقىسى،يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك بىر قىسىم ناتوغرا قىلمىشلار بالىنىڭ قەلبىدە ئېغىر جاراھەت پەيدا قىلىپ،بالىنى قورقۇنچاق،ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان قىلىپ قۇيىدۇ. تېخىمۇ ئىجەللقك يېرى شۇكى،بۇ ھال بالىنىڭ قەلبىدىكى مىھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى بىخ ھالىتىدىلا ئۆلتۈرۈپ،بالىنى دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدىغان قىلىپ قۇيىدۇ.مىھرىبان ئاتا-ئانىلار،ۋۇجۇدىمىزدىن تۆرەلگەن مۇھەببەت مايسىلىرىنى ئەتراپلىق پەرۋىش قىلايلى،ئۇلارنىڭ دىللىرى بىز ئاتا قىلغان مىھىر-مۇھەببەتتىن سۈيۈنسۇن!