مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3794|ئىنكاس: 31
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئابدۇرېھىم زۇنۇن: ئۇيغۇر تىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109668
يازما سانى: 1224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1264 سائەت
تىزىم: 2014-9-3
ئاخىرقى: 2015-7-4
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش


                             ئابدۇرېھىم زۇنۇن


                                 ئۇيغۇر تىلى



بىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،
بىپايان تىل كۆكىدە، چولپان، ئۇكەر ئۇيغۇر تىلى،
مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇقەدەر ئۇيغۇر تىلى،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.


ئانا تىل ھەر دەم قوۋم-مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى،
ئانا تىل پەن-مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى،
ئانا تىل چوڭۇ كىچىكنىڭ يۈرىكى، تاغ-يۆلىكى،
ئانا تىل ۋاسىتە-قورال ئالاقىدە، قەلب ئەينىكى،
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى.

پەنگە ئاشىق-بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم،
تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەمبەر تىلىم،
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال-شېكەر، كەۋسەر تىلىم،
بولدى ئەل دۈشمەنلىرىگە تىغ-تەبەر، نەشتەر تىلىم،
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى.

«ئا» بىلەن كىردى ئېغىزغا، تىل-زۇۋانغا مەڭگۈ تەم،
قىلدى تىل ئاقىل، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم،
تىل چېچىلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم،
تىل بىمار، ئاجىز-ئورۇققا ئەم- داۋا، ئاچلارغا يەم،
خاسىيەتلىك تىلتۇمار، قالقان ـــ سىپەر ئۇيغۇر تىلى.


يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام،
مەن ئىجاد ئەتتىم مۇشۇ تىلدا، قىلىپ پەرۋاز داۋام،
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام،
مۇشۇ تىل بەردى چىدام، مەردلىك، ۋاپادارلىق مۇدام،
قان قېرىنداشلارغا رىشتە، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى.


سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل ـــ ئالتۇن بۇلاق،
ئۇ ـــ چىراغ، پەرۋانە بىز، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق،
ئانا تىل ـــ يىلتىز، ئوزۇق ئالغۇچى بىز ـــ نوتا-ئۇلاق،
ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ، تاپتۇق ئەقىل، سەمرىپ قۇلاق،
بىزگە پۈتمەس كان، خەزىنە شام-سەھەر ئۇيغۇر تىلى.


قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا،
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي-غەزەل يۈكسەك باھا،
ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش، «مىڭ ياشا!»دېگەن سادا،
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما،
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى.


شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان،
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان،
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ، ھەزرەت نەۋايى تاپتى شان،
مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان،
مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى.


مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق، بىباھا،
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا، خاتا،
مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان، مېھرى ئاتەش جان ئانا،
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات، جاننى ئاتا،
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ - ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى.


ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار،
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئىپتىخار،
ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار،
ئانا تىل بار ـــ ئەلمۇ بار، ھېكمەت، مۇھەببەت... ھەممە بار،
بىزگە ئاش-ناندەك زۆرۈردۇر، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى.


بولغۇسى قەدرىم پاخال-خەس، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم،
ئۆز تىلىم بار، ئاي، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم،
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا، ئۆتتى شاد ھەر ئاي، يىلىم،
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم،
ماڭا ئۇستاز، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر، ئۇيغۇر تىلى.


خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس، تىل ھايات، بىزمۇ ھايات،
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق، ئەل-يۇرت ئاۋات،
كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات،
مەن ئاڭا دىل بەرگىنىمچۈن، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد،
ئۇتتى مەيلىمنى، بېرىپ دىل، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى.


تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ، باش قاشلىما،
بولسا بىل كۆپ تىل، ئەقىل، كۈچ تاپ ھامان، يانپاشلىما،
بۇ قورالدىن پايدىلان ياخشى، كېيىن كۆز ياشلىما،
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما،
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى.


ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا،
مەن ئانا تىل ـــ  ئۆز تىلىمغا قىلىمەن مىڭ جان پىدا؛
ئۆز تىلىم يوق بولسا شۇئان  بولىمەن جاندىن جۇدا،
چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا:
سۇلىرىدا ئاق، ئوتىدا كۆي! گۆھەر ئۇيغۇر تىلى!...



  مەنبە: («جۇڭگو مىللەتلىرى» 2006-يىللىق 4-سان مۇقاۋا 4-بەتتە ئېلان قىلىنغان)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-29 07:11 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112249
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-7-3
2#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئانا تىلتوغرۇلۇق مۇنبەر-مۇنبەردىكى بەس مۇنازىرىلەر بۇرۇنقىدىن كۆز ئازلاپ كەتتى،بۇنىڭ سەۋەبى نىمىكەن؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7561
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1894 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-7-3
3#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئوبدان شېئىركەن، بۇنىڭغا ھەرقانداق بىر مىللەت نامىنى قوشۇش ئارقىلىق شۇ مىللەت  تىلىنى مەدھىيەلىگىلى بولىدىكەن!

ۋاقتنى ئوغرىلاپ قۇياش يۈگىرەر،
كۆك سۆيگەن چوققىلار بەلدىن ئېگىلەر.
كېرىلمە، سېنىڭسىز ھاياتلىق يوقتەك،
سەنسىزمۇ، مەنسىزمۇ پەلەك چۆرگىلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32505
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-7-4
4#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ناھايتى ياخشى بىلىم ئۇچۇرلىرى بىلەن تەىللىگەنلىرىگە كۆپ رەھمەت. مەن بۇ بىلىمەردىن كۆپ پايدىلاندىم.
مۇشۇ ھىسياتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تۋەندىكى ئىنكاسنى يوللۇدۇم.

تىلىمىزنىڭ تەمىنى تەڭشەيلى.
                                   (سۆز ئويىنى)
                                                         مەخەت ئابدۇرېھىم

        توردىكى تورىداشلار، تۇرمۇشىمىزدىكى تونۇشلار، تىل تەۋەسدىكى تەھرىر، تەرجىمان، تەشۋىقاتچىلار:-تىل تەركىۋىمىزنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، تىلىمىزغا توپلىشىۋالغان تېتىقسىز تەركىپلەرنى تازىلاپ ،تىلىمىزنى توغرا تاۋۇش تەمىناتلىرىدىن تولوق تەمىللەپ،تىلىمىزنىڭ تەمىنى تاۋۇش تۇزلىرىدا تويۇندۇرۇپ،تەمبۇر تارىسىدەك تەڭشەپ،تۇرمۇشىمىزنىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىگە تىزدىن تارقىتايلى.
     تىلىمىزدىكى تېتىقسىز تەركىپتىن تۆتنى تونۇشتۇراي. تۆگىنىڭ توقۇمىنى توخۇغا توقۇپ، توخۇنىڭ تاجىسىنى تىمساققا تاقايدىغان.تاۋۇزنى توقماقتا تىلىپ، تۈتۈننى تەرەكتۇردا توشۇيدىغان، توك توخۇسىنى توڭلاتقۇدا تۇغدۇرۇپ، تۇمۇچۇقنىڭ تىرىسىنى تونۇردا تاۋلايدىغان، تاشنى تاياققا تېڭىپ،تاغنى تىماقتا توختۇتۇپ، توكنى تاغارغا توپلايدىغان. تەخەينىڭ تۇۋۇقىنى تازنىڭ تۆمۈر تاغىقىدا تارايدىغان.تامدىكى تۆمۈر تاختىنى توكسىز تىلفۇندا توۋلايدىغان.تونۇشلىرىنى، تۇققانلىرىنى تېتىقسىز تىلدا تىللايدىغان. توشقاندىن تاماكا تالىشىپ، تېرىقتا تاۋار توقۇپ، تىرەكنىڭ تويىدا توغراقنى تولغاق تۇتماستىنلا تۇغدۇرۇپ، تىل توغرىسدىكى تەبىرلەرنى تېتىقسىز تونۇشتۇرماقتا.
    تىلىمىزغا تېتىقسىز تەركىپلەر توپلىشىپ، تەتۇر تاناسىپلىق تىلماچلار تانىسخانىسدا تارقىلىۋەرسە تۇرمۇشىمىزنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى توسىۋىتىدۇ. تەرەققىياتىمىزنىڭ تۇڭلۇكلىرىنى تۆمۈر تۇۋاقتا تاقىۋىتىدۇ.
      تىلىمىزنىڭ تارىخى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەلىماتلاردىن، تۈركى تىللار توپلىمىدىكى تەپسىلاتلاردىن تىلىمىزنىڭ تولۇمۇ تاتلىق، تولۇمۇ تەملىك تەڭشەلگەن تەمىنى، تەكشى تارالغان تەلەپپۇزىنى تۇراقلاشتۇرالايمىز.
       تىلىمىز-تۈركى تىللار تۈركۈمىدىن تاللىنىپ، تارىم تۈزلەڭلىكلىرىگە، تەڭرى تاغ تاجىللىرىغا تەكشى تارقىلىپ، تىلداشلىرىمىزنىڭ تونوردەك تۇرمۇشىدا تەدرىجى تەدرىجى تاۋلانغان تالاپەتلىك  تىلدۇر.
        تىلنىڭ تەمىنى تىلداشلار تېتىيالايدۇ، تۇرمۇش تەڭشىيەلەيدۇ.
       تورداشلار، تونۇشلار، تەرجىماللار، تەجىرىبىلىك تىلشۇناسلار،تەھرىرلەر تىلىمىزنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا تەپەككۇرىمىزنى تۇراقلاشتۇرۇپ، تىلىمىزدىكى تەمسىز تەركىپلەرنى تازىلاپ ، تىلىمىزنىڭ تەمىنى تەبىئى تۇزلىرىمىزدا تەڭشەپ، تەبىئى تىلىمىزنى تەرەققىيات تومورىمىزغا تىزراق تارقىتىشقا تىرىشايلى!
                                                
                                                  مەخەت ئابدۇرېھىم

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120910
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2015-6-9
ئاخىرقى: 2015-7-4
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-6-29 11:06 PM
ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرى ۋە ئۆزگىچە ئالاھى ...

ۋا  بەك   كەپتۇ  نىمداق يامان  ، ئوقىسىمۇ شۇنداق  قىززىق تۇيۇلدىكەن.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10047
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2347 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-7-4
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتڭىزدىن سۆيۈندىم،شېئىرىڭىز ئۆتكۈر ۋە جانلىق چىقىپتۇ.ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، قىسمەن مىسرالار قائىدىگە بويسۇنماي ئۇزىراپ كېتىپ قاپتۇ،سەھۋەنلىك ئەسەر بولماس لىكىن بۇ شېئىرڭىزنىڭ قۇۋۋىتى ئالدىدا پەقەتلا كۆرۇنمەيدۇ.ئىجادىيتڭىز روناق تاپسۇن ئابدۇررىھىم ئاكا،تەسىرلەندىم.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2601
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21793
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 10137 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-7-4
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
pultap يوللىغان ۋاقتى  2015-6-29 10:04 PM
ئانا تىلتوغرۇلۇق مۇنبەر-مۇنبەردىكى بەس مۇنازىرىلەر بۇ ...

باشقا ھېچقانداق سەۋەب يوق. «تەدبىرىڭ شۇ بولسا، تەقدىرىڭ نە بولۇر؟» دېگەندەك ئىشلار يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن  مۇنازىرىلەر ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ.

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113432
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 673
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2015-1-21
ئاخىرقى: 2015-7-2
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
رەھمەت بۇ شېئىرنى يوللىغىنىڭىزغا !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110780
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3412
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-7-3
9#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2523
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2015-7-4
10#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بۇ شېئىرنى كۆرۈپ ئەتتىگەندە گۆھەر تېپىۋالغاندەكلا خۇش بولدۇم،دېمىسىمۇ گۆھەردىن كاممۇ ئەمەسكەن، ئۇستازغا تەشەككۇر،سالامەت بولغايلا،ئامان بولغايلا. ئانا تىلنى قەدىرلىگەنلىك خۇددى ئۆز ئانىسىنى قەدىرلىگەن بىلەن ئوخشاش،ئۆز ئانىسىنى قەدىرلىگەنلەر خار بولمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sutbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-30 11:16 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش