مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3746|ئىنكاس: 29
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جىك: ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88647
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-12-16
ئاخىرقى: 2015-7-2
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش


بىزھازىر كۆرۈۋاتقان ۋە بەھىر ئېلىۋاتقان ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئۇزاق مۇددەت ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسى.  ئىلىم – پەن تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ھەم بىر مۇشەققەتلىك جەريان.  ئىلىم- پەن تەتقىقاتىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش  ئۈچۈن ياخشى بىر ئۇسۇل ۋە مىتود بولۇشى كىرەك،شۇڭلاشقا تارىختىن بۇيان ئىلىم- پەن تەتقىقاتىنى قانداق ۋە قايسى ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىشمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بۇلۇپ كەلدى. ياۋرۇپا مەدىنىيەت ئۇيغىنىشىدىن كىيىن ئىنسانلار تەتقىقاتنى قايسى ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىش كىرەكلىگىنى ھىس قىلغاندەك بولدى ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇپ 19-ئەسىرگە كەلگەندە كەسىپلەشتى. 20-ئەسىرگە كەلگەندە ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ يۈز يىلدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئىرىشكەن بارلىق نەتىجىلرىدىن ئىېشپ كەتتى.

ئىلىم- پەن تەتقىقاتى ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق خىزمەت. ئۇنىڭغا ئۈزىنى ئاتاپ شۇغۇللىنشىنى ئارزۇ قىلغانلىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنى قىلىش ئەركىنلىكى بار.  ئەسلى ئۇلارنىڭ ھىچقانداق پەرقى يوق بۇلىشى، ئۇلارنى يەنە« ئەل ئىچىدىكى» ۋە «كەسپى» تەتقىقاتچى دەپ ئايرىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. لېكىن «ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقاتچىلىرى» دىگەن بۇ ئوقۇم جۇڭگۇنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا ئاساسەن 90-يىللاردە قۇبۇل قىلىنىپ مەتبۇئاتلاردا ئىشلىتلىشكە باشلىغان. ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقاتچىلىرى دىگەننى خەنزۇچىدىكى 民间科研工作者 دىگەن سۈزدىن كەلگەن بۇلۇپ شۇنداق تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىپ تۇردۇم. ئەگەر ئۇيغۇرچىدە قېلىپلىشىپ بولغان سۆز بولسا كىيىنچە شۇ سۆزنى ئىشلىتەرمەن.   民间科研工作者,
民科دىگەن سۆز (百度百科دا، خەنزۇچە ۋېكىپېدىياۋە ئىنگلىسچە ۋېكىپىدىيا دىكى چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراڭ) ،  ئوقۇم ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جۇڭگۇدا مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدىن كىيىن بارلىققا كىلىپ، تەرەققى قىلىپ ھەتتا CCTV، خەلق گىزىتىدىن تارتىپ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ يىغىنلىرىغىچە ئورۇن بىرىلگەندىن تارتىپ ھازىر تەتقىقاتچىلار  民科كەن دىسە يىرگىنىپ ئۇنىڭغا يىقىن كەلمەيدىغان، بەزىدە  民科 ئەمەس تەتقىقاتىچلارغىمۇ ئۇۋل قىلىپ قويىدىغان  ھالەتكە كىلىپ قالدى. جۇڭگۇ جەميىتى، بولۇپمۇ پەن- تېخنىكا خىزمەتچلىلىرى، گىزىت ژورناللار، تېلىۋىزورلار  民科 لارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالدى، ئۇلار ھازىر تۇيۇقسىز بىرسى چىقىپ « مەن ئالەمنىڭ تۇزۈلۈش مۇدىلىنى قۇرۇپ چىقتىم»، « مەن ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزىرىيسىنى ئۆرىۋەتتىم»، « مەن گۇلدباخ قىياسىنى ئىسپاتلاپ چىقتىم»، « مانچە يىلدا نوبىل مۇكاپاتى ئالىمەن» دىسە بەك ھەيران قىلىپ كەتمەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ يىغىنلارغا قاتنىشىشى، ماقالە ئوقۇشى  ئۈچۈن مال دۇنيالىرىنى بىرىۋەتمەيدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلار ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن  民科 لارغا بولغان تۇنۇشىمىز، بولۇپمۇ تەجرىبىمىز يىتەرلىك بولمىغاچ ھازىرمۇ بىرسى چىقىپ شۇنداق گەپلەرنى  دەپ قالسا قولىمىزدىن كەلسە،ئۆزىمىز بەرگەننى خەلقارا ئىتراپ قىلغان بولسا نوبىل مۇكاپاتىنى ئۆزىمىزلا بىرىۋەتكەن بۇلاتتۇق. ھەتتا  ئۆزبىكىستاندىكى بىر قىسىم ئاكادىمىكلەر نوبىل مۇكاپاتىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ بۇلالماي خەقنىڭ ئىتراپ قىلىشى قىلماسلىقى بىلەنمۇ  كارى بولماي «نوبىل ئالتۇن مۇكاپاتى» دەپ بىر نىمە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ھەتتا ئۇنىڭدىن بىرنى ئۇيغۇرلاردىن دولقۇن ياسىنغا بىرىپ قويۇپ ھاياجانلىرىمىزنى نەچچە يىل قوزغاتقان، بەزىلەرنىڭ ئۇ ھاياجىنى ھازىرمۇ تېخى ئۆچمەكلىك.  بولۇپمۇ يىقىندىن بۇيان شۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەر يەنە كۆپىيىپ قالدى، شۇنداقلا بەلكىم يەنە ئۆزلۇكسىز كۆپىيىشى مۇمكىن.  پېقىر شۇ ۋەجىدىن شۇ تىمىدا مەخسۇس توختىلىپ ئۆتۈشنى ئويلاپ قالدىم.  مىنى بۇ تىمىنى ياكى بۇ گەپنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپتۇ دىمەسلىگىڭلار ئۈچۈن مىنىڭ تۈۋەندە ئالغان مىساللىرىم ۋە كەلتۈرۈلگەن سۆزلەر ھىچقايسىسى ئۆزەم يېزىپ چىققان ئەمەس بەلكى خەنزۇلارنىڭ ياكى ئامرىكىلىقلارنىڭ تور بەتلىرىدىن ئۆز ئەينى ئېلىنغان سۆزلەردۇر.   بۇلارنى قىززىقىدىغانلار ئۇيغۇر جەميىتىدىكى ئوخشاش خىلدىكى ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ باققاي.  مەن پەقەت فاڭجۇۋزى(方舟子)، تيەنسۇڭ (田松)، ليۇخۇاجيې (刘华杰) قاتارلىق جۇڭگۇ جەميىتىدە شۇلار بىلەن كۆپراق ھەپىلەشكەن كىشلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ چىققانلىرىنى خۇلاسىلەپ قويدۇم.
جۇڭگۇدا 民科 لار ئاساسەن دىگۈدەك ئۈزى كەسپى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىسى بولمىغانلار بولۇپ (بىر قىسىم كەسىپى تەتقىقاتچىلارمۇ بار) بۇلارنىڭ كىلىپ چىقىش تەركىۋى ھەر خىل، بۇلار بەلكىم يېزىدىكى دىھقانلار، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ، تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىلىرى، ھۆكەمەت خادىملىرى، شىركەت خىزمەتچىلىرى، شوپۇرلار دىگەندەك ھەر خىل بۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈزىنىڭ باشقا مۇھىم خىزمىتى بار بولۇپ ئىشتىن سىرت ۋاقىتىدە ئىلىم-پەنگە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقى بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈزى تەتقىق قىلىۋاتقان ئىلىم توغرىسىدا ياخشى بولغان ئارقا كۆرۈنۇشكە ئىگە ئەمەس، سىستىمىلىق تەربىيەلەنمىگەن، بىلىم قۇرۇلمىسى ئاساسەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ژورناللىرىدىن كەلگەن. ئەمما بۇلارنىڭ تەتقىقات تىمىسى دۇنياۋى خاراكتېرلىك چوڭ تىمىلار بولۇپ كۆپىنچىسىنىڭ نىشانى مەلۇم داڭلىق نەزىرىيەنى ئۆرۈۋىتىش،  ئۆزى ئالدىغا ئويلاپ چىققان مەلۇم ئىلىم پەن سىستىمىسى قۇرۇش، ئىلىم-پەندە ھازىرغىچە ھەل قىلىنمىغان چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىنسانلار پەن تەتقىقات قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ساھەگە «دادىللىق» بىلەن قەدەم قويۇش … دىگەندەك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن. بۇلار 闭门造车 ھالەتتە تەتقىقات قىلىدىغانلار بولۇپ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇلار بىلەن ئاساسى ئېقىمدىكى پەن تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىسىدا ئورتاق پىكىر بىرلىكى بولمايدۇ، بەزىلەر ئورتاق سۆز،  ئورتاق تۇراقلاشقان ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەي ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىبارىلەرنىلا ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ.  ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى جاھىللىق بولۇپ بۇلۇپ بۇلار ئۆز پىكرىگە قارشى چىققانلارنى ئۈزىنى ياكى ئۆزىنىڭ نەزىرىيەسىنى چۈشەنمىدى دەپ قارايدۇ. بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىت پەلسەپە فاكولتىتىدىكى تيەنسوڭ ئەپەندى 2004-يىلى ئىلان قىلغان خەلىق ئارىسىدكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئادىتى ۋە پىسخىكىسىنى تەھلىل قلىش (民间科学爱好者的行为及心理分) دىگەن  مەخسۇس ئىلمى ماقالىسى(北京科技大学学报(社会科学版)2004年3月第20卷第1期) نىڭ 4-ئابزاس تا بۇلارغا مۇنداق ئىنىقلىما ۋە چۈشەنچە بەرگەن:

所谓民间科学爱好者,是指在科学共同体之外进行所谓科学研究的一个特殊人群,他们或者希望一举解决某个重大的科学问题,或者试图推翻某个著名的科学理论, 或者致力于建立某种庞大的理论体系,但是他们却不接受也不了解科学共同体的基本范式,与科学共同体不能达成基本的交流。总的来说,他们的工作不具备科学意 义上的价值. 这个定义中,只有“不能交流”可以算做可观察的外部行为,而“希望”“、试图”和“致力于”等都与动机、目的等心理因素有关,不能直接观察

民科 لارنىڭ تەتقىقات يۈنۈلىشى ۋە دائىرىسى ئاساسەن نەزەرىيۋىلىگى كۈچلۈك بولغان بىر نەچچىلا نوقتىلارغا مەركەزلەشكەن، يەنى  ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزەرىيسى، نىيوتۇننىڭ مىخانىكىسى، ئالەم مودىلى، چوڭ پارتلاش، ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش قانۇنلىرى، گولدباخ قىياسى، گىن ئوقۇملىرى، ئاتۇم تۈزۈلىشى، خېمىيىەلىك رىئاكسىيەلەر، مەڭگۈ ئىنىرگىيە لازىم قىلمايدىغان ماتۇر، سۇنى مايغا، تۈمۈرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش، ئانچە مۇنچە پەلسەپە ئوقۇملىرى… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ جۇڭگۇدىكى 民科 لارنىڭ يېزىۋاتقان ۋە ئىلان  قىلغان ماقالىلىرىنىڭ 90% تى مۇشۇ نوقتىلاردىن ئىبارەت. بۇلار پەقەت دۇنيادىكى چوڭ تىمىلارغىلا ئېسلىدۇ، ئاساسى ئېقىمدىكى پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى تەتقىق قىلىۋاتقان مىليۇنلىغان كىچىك ھالقىلارغا دىققىتىنى بىرەلمەيدۇ. ئىككى قېتىم نوبىل مۇكاپاتى ئالغان J. Bardeen غا ئوخشاش فىزىكىچىلارنىڭمۇ نوبىل مۇكاپاتىنى فىزىكا دۇنياسىدا يىڭى سىسىتما قۇرۇپ ئەمەس بەلكى نورمال فىزىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ ئالغانلىغىنى بىلمەيدۇ.  بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تەتقىقاتى ئۈچۈن يىتەرلىك خىراجىتى يوق، تۇرمۇش شارائىتىمۇ ناچار ھالەتتە تەتقىق قىلىدىغان بولغاچقا كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاش ئارقىلىق قوللاشقا ئىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچە ماقالىلىرى  پەرەز، قىياس ئۈستىگە قۇرۇلغان، مۇكەممەل ماتىماتىكىلىق ياكى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش باسقۇچىلىرى يوق. بۇ تور بەت 民科 لار توپلاشقان تور بەت بولۇپ ئىچىدىكى مەزمۇنلارغا قىززىقىدىغانلار قاراپ باقسا بۇلىدۇ. جۇڭگۇدا بۇ خىلدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپ بولۇپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميسسى ماتىماتىكا ئىنستىتوتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىيىشىگە قارىغاندا ئۇلار ھەر يىلى كەم دىگەندە بىر تاغار كەلگۈدەك  民科 لار ئەۋەتكەن «گۇلدباخ قىياسى» سى توغرىلىق يېزىلغان ماقالىلارنى تاپشۇرۋالىدىكەن.
民科 لارنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1) جاھىل، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزاق مۇددەت ئىزدەنگەن بولۇپ  ئۈزىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئۈزىنىڭ قۇرۇپ چىققان سىستىما ۋە رامكىسى ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ، ياكى تەجرىبە ياكى ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلىشى بولمايدۇ. ئىلىم-پەندە قۇبۇل قىلىنىپ ئىشلىتلىپ كىلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئوقۇملىرىنى رەت قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا پىكر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئۈزىنى ئېينىشتىيىندىن كىين چىققان دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ چاغلايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنى باشقىلار «چۈشىنەلمىگەن» بولسا بۇ باشقىلارنىڭ دۆتلىكى، بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىدە بۇلۇپ بۇنى باشقىلاردىن كۆرىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى دۇنيادا ياشايدىغان بولۇپ مۇتەخەسسىلەرنىڭ، كەسپى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالمايدۇ ۋە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىغى، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن باسۇرۇپ قويۇلغانلىغى بىلەن ئۈزىنى كوپېرنىك، بىرونو، گالىلىيلارغا سېلىشتۇرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا جەميىتى. بۇلار ئۆزىگە پايدىسىز گەپ ۋە سۆزلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، پايدىلىق بولۇنغان گەپلەرنىلا سۈزۈۋېلىپ دەستەك قىلىدۇ. مەسىلەن ئالەم مودىلى بىلەن ھەپلىشىدىغانلار 100 يىلدىن بۇيان ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرغا قويغان نۇرغۇنلىغان ( لېكىن قۇبۇل قىلىنمىغان) مودىللاردىن ئۆزىنىڭكىگە يىقىن كىلىدىغانلىرىنى ئەكىلىپ ئاساس كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى «ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلار»، «نۇپۇزغا قارشى چىقىشنى قوللايدىغانلار» دەپ كۆرۈپ قارشى تۇرغۇچىلارنى بولسا « كىتاۋى بىلىملەر بىلەن كاللىسى يۇغۇرۇلغان» (被书本所迷惑)، «جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار»(被中国填鸭式教育所毒害) دەپ قارايدۇ.
2) ئۈزىنىڭ ۋە نەزىرىيەسىنىڭ رولىنى ھەددىدىن زىيادە چوڭ كۆرىدۇ، مۇبالىغىلەشتۇرىدۇ. ئۆزىنى ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنى  تۇنۇشتۇرغان ماقالىلاردىن « ئەگەر قۇبۇل قىلىنىپ قالسا فىزىكىنىڭ ئۇلى يىمىرلىدۇ»، نىسبىلىك نەزىرىيىسى ياكى نيۇتون مىخانىكىسى «گۈمران بۇلىدۇ»، « ھازىرقى زامان ئىلىم پېنىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ بايقاش»، «نوبىل مۇكاپاتىدىن  مانچىسى كەلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ»، «ئىلىم پەن تارىخىدىكى ئاز ساندىكى بايقاش» دىگەندەك گەپلەر تۈكۈلۇپ تۇرىدۇ.  گۇمانلىنىش روھى ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مەنىۋى بايلىقى ۋە ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان گىپى، باشقىلار ھەر قېىتم ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەندە ئۇلار «ئادەمدە گۇمانلىنىش روھى بۇلۇشى كىرەك»،« گۇمانلىنىش پەن – تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ»، نۇپۇزغا «قارا قويۇق ئىشەنمەسلىك كىرەك» دىگەندەك سۈزلەرنى ھەر ۋاقىت دەپ تۇرىدۇ. ئۇلار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسى خاتا بولۇپ چىققان تەقدىردىمۇ ئۈزى ئېينىشتىيىندىن، نېيوتۇندىن گۇمان قىلىشقا پېتىنغانلىغى ئۈچۈن ئۈزى جەميەت تەرىپىدىن قەدىرلىنىشى كىرەك.
3) ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشىشنى ئىستەش،لېكىن ئىلمى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى رەت قىلىش. بۇلار ئۆز تەتقىقاتىدا مەلۇم نەتىجە ھاسىل قىلغاندىن كىيىن تەرەپ تەرەپتىن كەسپى تەتقىقاتچى خادىملارنى ئىزدەپ ئۈز نەتىجىسىنى باھالىتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇچرايدىغان مۇئامىلىلىرى ھەر خىل بۇلىدۇ، بەزىدە كەسپى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ كارى بولمايدۇ، بەزىدە ئىزدەپ كەلگەنلەرنىڭ يازغانلىرىد مەلۇم ئاساس بولسا ئۇلار ئۈچۈن مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىمۇ ئويۇشتۇرۈپ بىرىدۇ.  مەسىلەن گولدباخ قىياسىنى «ئىسپاتلاپ چىققان»  蒋春暄,庄严 قاتارلىقلار ئۈچۈن جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميسى ۋە شەرقى شىمال ئۇنۋېرسىتىتى ماتىماتىكا فاكولتىتى ئىككى قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىنى مۇھاكىمىگە قويغان ۋە مۇتەخەسسىلەر بىردەك ئۇلارنىڭ ئىسپاتىنى خاتا دەپ قارىغان. لېكىن بۇ ئىككەيلەن يەنىلا ئۆز پىكرىدە تۇرۇپ مۇتەخەسسىلەرنى « كاللىسى قېلىپلىشىپ قالغان» « يىڭى كۆز قاراشلارنى چۈشەنمەيدۇ» دەپ قارىغان. جۇڭگۇدىكى داڭلىق 民科 نىڭ بىرى 周吉善 توغرىلىق توردىكى گەپلەرگە قارىغاندا ئۇ ئەتراپىدىكى مۇتەخەسسىلەرنىڭ پىكرىگە ئىشەنمەي ھەتتا مەركەزگىچە بېرىپ خۇجىنتاۋغا  يەتكۈزگەنمىش. خۇ رەئىس بۇنىڭغا «چوقۇم ئىلمى مۇئامىلە قىلىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار» دىگەن مەنىدە دۈلەت مۇداپىئە پەنلىرى بۈلۈمى 国防科工委 نىڭ مۇتەخەسسىلىرىگە يوللاپ بىرىپتۇ. ئۇ يەردىكى ئاكادىمىكلار مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ 周吉善 نىڭ ماقالىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ 8 بەتلىك باھالاش سۈزى ۋە پىكرىنى بىرىپ خاتالىقىنى ئىنىق كۆرسىتىپ بەرسىمۇ ئۇ ئادەم يەنە «باشقىلار چۈشەنمىدى» دەپ ھەسرەت چەككەنمىش. بۇ توغرىلىق بۇ ماقالىدە تەپسىلى يېزىلغان. يەنە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۇيغۇرلاردىمۇ بار. بۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇلار ئىتراپ قىلىشنى ئىزدەپ مۇتەخەسسىلەرنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئىزدەشتىكى مەقسىتى ئىلمى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەمەس بەلكى ماقالىسىنى توغرا دەپ باھالىتىش، باشقىلار باشقىچە پىكىر قىلغان ھامان ئۇلار ئۆز كۆز قارىشىدا «تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ» باشقىلارنى «چۈشەنمىدى»، « كاللىسى قېلىپلىشىپ قالغان» ، « پەلسەپىۋى پىكىر قىلمايدۇ» دەپ يىڭى مۇتەخەسسى ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا سۇقۇلۇپلا يۈرۈيدۇ.
بۇ توغرلىق توردا يېزىلغان我与“民科”面对面——兼谈欲废“伪科学”150人名单 دىگەن يازمىنى ئوقۇڭ.
4) ماقالىسى ئاساسى ئېقىمدىكى كەسپى پەن تەتقىقات ژورناللىرى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىغان بولۇپ كۆپىنچىسىنىڭ ماقالىسى، نەزىرىيەلىرى ئەدىبى ژورناللار، گىزىتلەر، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ژورناللىرى قاتارلىقلاردا ئوتتۇرغا قويۇلغان. ھازىر تور ئومۇملاشقان بولغاچقا ئاساسەن ئاۋال توردا ئىلان قىلىپ « نوبىل موكاپاتى ئالىدىغاننىڭ»، « دۇنيا ئىلىم پەن تارىخىدا مۇجىزە» يارىتىدىغاننىڭ داۋرىڭىنى قىلىۋېتىپ ئاندىن مۇتەخەسسى ئىزدەيدۇ. ئۈزى ئالدىن داۋراڭ قىلىۋەتكەن بولغاچقا باشقىلار باشقىچە پىكىر بەرسە ئوقۇردىن چۈشۈش ئېغىر كىلىپ بەزىلىرى كۆڭلىدە خاتالىقىنى تۇيۇپ تۇرسىمۇ ئىتراپ قىلمايدۇ.  ئىچكىردە كىتاپ چىقىرىش ئاسانلىشىپ كەتكەن بولغاچقا بەزىلىرى كىتاپمۇ چىقىرىدۇ. يەنە بەزى ئىلمى كەسپى ژورناللارمۇ ئانچە مۇنچە بېسىپ قالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
5) ماقالىسىنىڭ ئىلمى پايدىلىنىش قىممىتى يوق.  بەزەنلىرىنىڭ ماقالىسى پۈتۈنلەي قىياستىن ئىبارەت، بەزەنلىرىنىڭ ماقالىسى مەلۇم ئىلمى ئاساسى بولسىمۇ ئۈزى نىشان قىلغان پالانچى نەزىرىيەنى ئاغدۇرۋېتىش نىشانىدىن كۆپ يىراق، يەنە كۆپىنچىسى ئۈزى بىر سىسىتما قۇرغان بولۇپ ھەممىىنى ئۆزىنىڭ شۇ سىسمىتىمىسى ئارقىلىقلا چۈشەندۈرۈشكە بۇلىدۇ، ھازىرقى زاماندىكى قۇبۇل قىلىنغان نەزىرىيەلەرنى تەدبىقلىغىلى ياكى سېغىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا پەن تېخنىكا خادىملىرى ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىنى ئىشلەتمەيدۇ، نەقىل ئالمايدۇ، ئاساسى ئېقىم تەتقىقات ئىشلىرىغا كىرگۈزمەيدۇ،لازىم بولسا ئانچە مۇنچە ياردەم بىرىپ قويىدۇ خالاس.
يۇقاردىكى ئالاھىدىكلىكلەر 民科 توغرىلىق خەنزۇلاردا ئاساسى جەھەتتىن قۇبۇل قىلىنغان  كۆز قاراشلاردۇر. قىززىقىدىغانلار مەخسۇس 民科 لارنى تەتقىق قىلىپ باققان      لارنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ باققاي. يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەردىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بۇلىدۇكى ھازىر 民科 دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسى يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەنگەن پۇزىتسىيە ياكى پىسخىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق پىسخىكا ۋە پۇزىتسىيە بار ئادەملەر 民科 دىيىلىدۇ. بۇنداق پۇزىتسىيە ۋە پىسخىكا يالغۇز ئىشتىن سىرت ئۆز قىززىقىشى بويىچە تەتقىقات قىلىدىغان ئادەملەردىلا بولمايدۇ، بەزى كەسپى تەتقىقاتچىلاردىمۇ بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا كەسپى تەتقىقاتچىلارمۇ بەزىدە بىر-بىرىنى ئۆز ئارا 民科 دەپ تىللىشىدۇ.
ئامرىكا ۋە ياۋرۇپا جەميەتلىرىدە بۇنداق ئىشلار بۇرۇن بىر مەزگىل ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بولۇپ كىيىن كىشىلەرنىڭ بىلىش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلۇشىگە ئەگىشىپ بارغانسىرى يوقىلىشقا باشلىغان. ھازىر گەرچە بار بولسىمۇ سانى ئاز، خەلىقمۇ ئەگەشمەيدىغان بولغاچ داۋرىڭى كۆپ يوق، بەزىدە ئانچە مۇنچە چىقىپ قالسىمۇ تېلىۋىزورنىڭ كۆڭۈل ئېچىش سەھىپىسىدە بىرىدۇ. جۇڭگۇدا بولسا ھازىرمۇ كۆپ ساندا مەۋجۇت بۇلۇپ فاڭجۇۋزى نىڭ گىپىگە ئاساسلانغاندا ھازىر دۇنيا بۇيىچە 民科 لارنىڭ سانى جۇڭگۇدا ئەڭ كۆپ، بۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭلۇقى ۋە كەلتۈرگەن زىيانلىرى جەھەتتىن  民科 ھازىر جۇڭگۇ جەميىتىدىكى ئومۇمى زىيانداشقا ئايلاندى.
بۇلار توغرىلىق يەنە بىلىشنى خالايدىغانلار تۋەندىكى ماقالىلارنى ئوقۇغايسىلەر:

方舟子:民间科学家不值得提倡
方舟子:从“民间科学家”到科学爱好者
方舟子:民间科学家已成社会公害不值提倡
民间科学家们今天又否定了什么理论?
对中国的民科和官科现状号脉
民科的深层次剖析
和大家谈谈民科的研究问题,我自己曾经也是一个民科,交流一下经验
“民科”为何痴迷世界难题 执念的精神世界
“民科”不容轻视
迷失执着狂热:当代“民间科学家”的是与非

ئۇلىنىشلاردكى يازمىلار توردىكى يازمىلار بولۇپ ئەگەر بۇلارنى ئىلمى ئەمەس دەپ قارىغانلار بولسا ئىلمى ماقالە ئامبارلىرىدىن 民科 دەپ ئىزدەپ باقسا نۇرغۇنلىغان ماقالىلارنى تاپالايدۇ.
民科 لارنى قانداق بايقاش توغرىلىق ھەر خىل قىززىقارلىق يازمىلارمۇ بار، ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۈستىدە ئېيتىلغان ئالاھىدىلىكلەردىن بىر نەچچىسى بايقالسا ئۇ كىشىنى 民科 بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىشقا بۇلىدۇ. مەسىلەن How can we tell if someone is a scientific crank.  بۇ توغرىلىق يەنە نيۇيۇرك ۋقىت گىزىتىدە مۇنداق يېزىلغان:

Cranks are an occupational hazard that every scientist eventually faces. Fortunately, these characters are usually easy to spot. If someone claims to have a grand theory that overturns centuries of scientific knowledge–especially when the theory spans unrelated fields like physics and biology and economics–the odds are good that he or she is a crank. If the author publishes not in a standard scientific journal but in a book for general readers, watch out. And if the book is issued by the author rather than a conventional publisher, the case is pretty much airtight

تەرجىمىسى: Cranks لار بىر كەسپكە چۈشكەن زىيانداشلار بولۇپ بۇنىڭغا ھەر بىر ئالىم يۇلۇقۇپ تۇرىدۇ. ياخشى يىرى، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقىماق ئاسان. ئەگەر بىرسى ئۈزىنىڭ بىر بۈيۈك نەزىرىيەنى ئوتتۇرغا قويغانلىغىنى، بۇ نەزىرىيەنىڭ نەچچەيۈز يىلدىن بۇيانقى نەزىرىيەلەرنى ئۆرۈۋىتىدىغانلىغىنى، بولۇپمۇ بۇ نەزىرىيە بىر بىرىگە ئۇنچە مۇناسىۋىتى بولمىغان فىزىكا، بىئولوگىيە ۋە ئىقتىساد دىگەندەك بىر نەچچە ساھەگە چېتىشقان بولسا ئۇنداقتا ئۇ ئادەمنىڭ 民科 بولۇش ئىھتىماللىقى بار. ئەگەر بۇ ئاپتۇرنىڭ ئىلان قىلغان ماقالىلىرى ئۆلچەملىك ئىلمى ماقالە ژورناللىرىدا ئىلان قىلىنماي بەلكى كۆپچلىك ئوقۇشى ئۈچۈن چىقىرىلغان نورمال كىتاپلاردا بولسا ئۇنىڭدا دىققەت قىلىڭ. ئەگەر بۇ كىتاپ ئەنئەنىۋى نەشىرىيات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلماي بەلكى ئۆزى تەرىپدىن چىقىرىلغان بولسا ئۇنداقتا بۇ ئەنزە ئاساسەن يېپىلدى ( بۇ يەردە ئەنزە يېپىلدى دىگەن گەپ ئۇ چوقۇم شۇ دىگەن مەنىدە).
خەنزۇلاردىمۇ تور بەتلەردە شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان ھەر خىل بايقاش ئۇسۇللىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ مەيلى خەنزۇلارنىڭ تور بەتلىرى بولسۇن ياكى چەتئەلدىكى تور بەتلەر بولسۇن ئاساسلىق ئۇسۇللىرى ئوخشاش. مەسىلەن: 教程: 如何一眼辨识弱智民间科学家
جۇڭگۇدا 民科 لارنىڭمۇ ھازىر ئۆز ئالدىغا قۇرغان جەميەتلىرى بولۇپ مەلۇم تەشكىلاتچانلىققا ئىگە. ئانچە مۇنچە يىللىق يىغىن ئېچىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، يىغىندىن كىيىن سۇنۇلغان ماقالىلارنى توپلاپ ئىلمى ماقالە توپلىمى چىقىرىدۇ ۋە تارقىتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۈز-ئارا قوللىشىپ چىقىرىلغان بۇ ماقالىلىرى كۆپىنچە ئۆزلىرى ئوتتۇرىسدا ئىشلىتىدۇ ۋە نەقىل ئالىدۇ، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ.
民科 لارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسدا بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش يوق. فاڭجۇۋزى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇلارنى بىراقلا ساختا ئىلىم پەن (伪科学)  قاتارىغا چىقىرىپ ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىقىنى،  ئۆز قىززىقىشىغا قويۇپ بىرىشنى (自生自灭)  تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇلارنى يىتەكلەيمەن دىسەڭ ئۇلار كىلىپ ساڭا دەرس سۆزلەيدۇ، سىنىڭ گىپىڭنى ئاڭلىمايدۇ، ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ھۆكۈمەت مۇۋاپىق يىتەكلىشى كىرەك دەپ قارايدۇ. ئادەتتە پەن تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئىنستوتلىرى ئۇلار بىلەن بەك كارى بولۇپ كەتمەيدۇ، بەزىدە چوڭ يىللىق يىغىلىشىلىرى بولۇپ قالسا ئۇلارنىڭمۇ قاتنىشىشىغا روخسەت قىلىدۇ ياكى بەزەنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرىدۇ، مەقسىتى ئۇلارنىڭمۇ ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن كۆز قاراش ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۈمىت قىلىش بولۇپ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىنى ۋە نەزەرىيەسىنى قوللىغانلىق ئەمەس. يەنە بەزىدە 民科 لارنىڭ سۇنغان ماقالىسى قۇبۇل قىلىنمايدۇ دەپ ئىنىق ئەسكەرتىپمۇ قويىدۇ. دۆلەت پەن تېخنىكا مىنىستېرلىكى ۋە ھەر قايسى جايلاردىكى پەن- تېخنىكا جەميەتلىرى بولسا پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئاساسى ۋەزىپىسى قىلغان بولغاچقا بۇلار 民科 نىڭ خەلىق ئىچىدىكى رولىنى ئىجابى دەپ قارايدۇ ۋە مەلۇم دەرىجىدە قوللايدۇ. ئۇندىن باشقا ئىجتمائى پەن تەتقىقاتى قىلىدىغانلار، ئەدىبىياتچىلارمۇ قوللايدۇ. بۇ توغرىلىق فاڭجۇۋزى مۇنداق يازىدۇ ( خەنزۇچە بولغاچقا تەرجىمە قىلمىدىم):

专业的科学工作者因为对科学研究的方法、规律和现实有切身的体会,深知在科学事业高度发达的今天,一个业余研究者要做出重大发现的可能性几乎为零,对这些“民间科学家”大抵持否定、冷淡、蔑视的态度,最多觉得可怜。

一些人文学者的态度则相反,他们由于对科学研究缺乏第一手的了解,并且由于人文学科的专业性不像科学那么强,业余研究者有时也能独创新论,这使得他们对陌生的科学研究也抱有一种浪漫的想法,支持、赞赏“民间科学家”的所作所为,甚至表示“敬意”,并且呼吁要“鼓励民间科学研究.

ئۇنداقتا نورمال تەبئى پەنلەر تەتقىقات قانداق بۇلىدۇ؟ازىرقى زاماندا تەبىئى پەنلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال شۇ ساھەدە سىستىمىلىق تەربىيەلىنىش كىرەك، بۇ ئەڭ ئالدىنقى زۈرۈر شەرتى. سىستىمىلىق تەربىيەلەنمەي تۇرۇپ، ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان ساھەدە ئاساسىنى پۇختا سالماي تۇرۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتاپلىرىدىن ئۈگەنگەن بىلىملەر بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. بۇ ئاساس تولۇق كۇرس باسقۇچىدا توختاپ قالماسلىقى، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ بىلىم ئېلىشى كىرەك. ئامرىكىدا PhD (دوكتۇرلۇق) ئۈنۋانى بولمىسا تەتقىقاتچى دەپ ئاتالمايدۇ. ئاندىن تەتقىقى قىلغۇچى نىمىنى تەتقىق قىلىشنى، قاندق تەتقىق قىلىشنى بىلىشى كىرەك. قانداق تەتقىق قىلىشنى يۇقىرى ئۆرلەپ بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچى ئوقۇش جەريانىدا يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلار ۋە تەجرىبىخانىلارنىڭ ياردىمى بىلەن تەتقىقاتقا بىۋاستە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۈگىنىدۇ. نەزەرىيۋى فىزىكا ساھەسىدىمۇ شۇنداق. نىمىنى تەتقىق قىلىشنى بولسا ئۆز يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسىدىن مەسلەھەت ئېلىش، چىقىۋاتقان كەسپى ژورناللارنى كۆرۈش، ھەرخىل ئىلىم ئالماشتۇرۇش يىغىنلىرىغا قاتنىشىش، كەسپى ساھەدىكى نۇپۇزلۇق ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش ۋە ئۇلار يازغان review خاراكتېرلىق ماقالىلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىزدەيدۇ. پىشانىسىگە بىرنى مۇشلاپلا «مەن كۇانىت نەزىرىيسىنى ئاغدۇرۋىتەي»، « نىسبىلىك نەزەرىيسى بىلەن ئېتىشاي» دەپ چىقىدىغان ئىش يوق. ئىلمى تەتقىقات قانداق بۇلىدۇ بۇ توغرىلىق كىيىنچە ئايرىم تىما يازىدىغان بولغاچ بۇ يەردە تەپسىلى توختالمايمەن. تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى چىققاندىن كىيىن ئۇنى چىرايلىق ماقالە قىلىپ تەييارلاپ ئاۋال ئۆز يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە تەتقىقاتقا قاتناشقان ياكى بىلىدىغان شۇ گۇرۇپپىدىكى ئادەملەر كۆرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ،ئۇندىن كىيىن يەنە ئوخشاش ئىشنى قىلىۋاتقان بىر نەچچە تەتقىقاتچىغا ئەۋەتىپ بىرىپ پىكرىنى ئالىدۇ. ، باشقا پىكىر چىقمىسا ئاندىن ئىلمى ژورنالغا ئەۋەتىدۇ. ئىلمى ژورنال خىزمەتچىلىرى بۇ ماقالىنى يەنە شۇ كەسىپتىكى نۇپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن 3-4كە ئەۋەتىپ باھالاتقۇزىدۇ. باھالىغۇچىلار ماقالىنىڭ باسقۇچلىرىنى تەپسىلى كۆرۈپ ماقالىنىڭ ئىدىيسى، تەتقىقات ئۇسۇلى، تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ، چىققان نەتىجە دىگەنلەرنى كۆرۈپ قوشۇلغاندا ئاندىن ماقالىنى ئىلان قىلىشقا بىرىدۇ. ماقالە ئىلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ماقالىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدىيە ۋە نەتىجىلەر دۇنيانى ھاڭ تاڭ قالدۇرغۇدەك بولسا داۋراڭ قىلىسا بۇلىدۇ. گىزىتلەر، تېلىۋىزىيەلەر ۋە تور بەت مەخسۇس ستون يازغۇچىلىرى ئىزدەپ كىلىپ مەخسۇس ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىق ماقالىلارنى يازىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى بۇ ئىشلار سىزنىڭ ماقالىڭىز كەسپى ژورنالدا ئىلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن بۇلۇشى كىرەك. ئامرىكىدىكى شوھرەت مۇتەللىپتىن تارتىپ شىنجاڭدىكى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسى ئاۋال ماقالىىسىنى ئىلان قىلىپ ئاندىن مېدىيالاردا ئىلان قىلىنغانلاردۇر. ھەرگىزمۇ بىر مۇنچە قىياسنى تاشلاپ قويۇپ گىزىتلەر، شىنجاڭ مائارىپى دىگەندەك ژورنالدا ئىلان قىلىپ قويۇپلا «نوبىل مۇكاپاتى» دىن چۈشىدىغان ئىش يوق. سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىزئىلمى ژورنالدا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۇنى باشقىلار كۆرىدۇ،تەتقىقاتچىلار  ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ ۋە ئۆز ماقالىسىدا نەقىل ئالىدۇ. باشقىلار نەقىلنى قانچە كۆپ ئالغانسىرى سىزنىڭ شۇ ماقالىڭىزنىڭ تەسىرى (impact factor ) ئاشىدۇ. شۇ ئاشقانسىرى سىزنىڭ نۇپۇزىڭىزمۇ ئاشىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئارسىدا ۋە جۇڭگۇدا مەلۇم تەتقىقاتچىنى تۇنۇشتۇرغاندا ئۇنىڭ  SCI غا كىرىدىغان ژورناللاردا ماقالە ئىلان قىلغانلىغى، نەچچە پارچە   SCI ماقالىسى بارلىغى  ئالاھىدە تىلغا ئېلنىدۇ. بۇ يەردىكى  SCI ئەنە شۇ ئىلمى تەسىرى قانچىلىك شۇنى كۆرسىتىدىغان بىر ئامىلدۇر. نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن بەزى ئالىملارنىڭ ماقالىسىدىن ئىشلىتىلگەن نەقىللەر نەچچە مىڭغا بارىدۇ. ئادەتتىكى ماقالىلارنىڭ بولمايدۇ ياكى 2-3، بەلكى 10-20 بۇلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ماقالىڭىزدىن ئېلىنغان نەقىللەر 100 دىن ئاشقان بولسا سىز ئامرىكىنىڭ NIW كاتىگورىيەسىدىكى يېشىل كارتىغا ئىلتىماس قىلىسىڭىز تەستىقلىنىش ئىھتماللىقى 99%. ئامرىكىدا ئەمەس باشقا دۆلەتتە بولسىڭىزمۇ ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ. ئىلمى ماقالىىڭىزنى ئىشلەتكەن ئادەملەر سىزنىمۇ بىلىپ ماڭىدۇ. مانا شۇ يۇسۇندا سىزنىڭمۇ نۇپۇزىڭىز ئاشىدۇ، باشقىلار تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشىسز. سىز ئوتتۇرىغا قويغان بايقاش ۋە يىڭى كۇز قاراش قۇبۇل قىلىنىپ ماڭغانسىرى سىزخەلقارادا تۇنۇلۇپ ماڭىسىز، بىر چاققا كەلگەندە سىزدىن خەۋەرسىز باشقا تەتقىقاتچىلار سىزنى نوبىل مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىدۇ، بىر كۈنى يېرىم كىچىدە ئۇخلاپ  ياتسىڭىزنوبىل كومىتىدكىلەر سىزگە تېلڧۇن قىلىپ ”سىزنى تەبرىكلەيمىز، ئۆزلىرى بۇ يىللىق نوبىل موكاپاتىغا ئىرىشتىلە“ دەيدۇ.  ئۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىرىشىشتىن بۇرۇنلا سىرتتىكىلەر بىلمىسىمۇ شۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا ئاللىقاچان نۇپۇزىنى تىكلەپ بولغان كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇنى باشقىلار نامزات قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
ئىلىم-پەن تەتقىقاتچىلىرى ئىچىدە ئىلمى ئەمگەك  قانداق قىلىپ ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشىلىدۇ، ئىلمى ئەمگەكنى، يىڭى بايقاشلارنى، يىڭى قاراشلارنى قانداق قىلىپ باشقىلارغا بىلدۈرىمىز دىگەن تىمىدا يەنە ئامرىكا يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتىدىن دوكتور رەيھان بەكتۇرگە ئىلتىجا قىلدىم. ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى مۇنداق:


Dear readers, I am writing the following short paragraphs to briefly point out some general process of how a scientific discovery is recognized.

I have been going to International conferences since 2003 and have been publishing on internationally recognized journals. Although I am still fairly young in my career, I believe I have enough experience to summarize those generally process about how a work is reviewed and recognized in physics and
electrical engineering societies.

The most common process of publishing a research discovery is to present it in a
professional conference. To do so, there are two methods: (1) to write an abstract to the conference, (2) to write a full a few page papers. Some conferences do not accept abstracts, and therefore you have to write a paper. Often time, both abstracts and papers will be reviewed by the experts in the field. Therefore, only if those experts believe the work is solid, the paper or abstract will be accepted and then you may go to the conference to present your work. While at the conference, once you read your paper, which will take about 15 minutes, experts in the audience will question your methods. If your work is extremely good, then you will receive many positive comments. If you have only written an abstract, even if your work is great, people may forget about it. But if you have written a paper, and the paper is included in a searchable database such as IEEE Xplora, then some people may later on cite your work. Of course, this is provided that you really have done a great work.

Usually, after a conference, most researchers will refine their work and submit papers to
professional journals. The well respected journals are those peer-reviewed journals. A peer-reviewed journal means at least 2 experts will review each paper and only if both experts believe the paper is valuable to publish, then the paper can be published. Publishing a paper on a good journal is not an easy process. Often time, the expert reviewers will ask for a lot of corrections and more data. Therefore, it may take 6 month to even 2 years to publish a paper. After a paper is published, if the work is very good, some people may cite it, and it will take even longer.

So, in summary, to be recognized in scientific community, it means you will need to publish your work in professional journals and conferences. That way, experts in the field will be able to read your work and evaluate your work. If your work is really valuable, then people will cite your work. Later on,
book publisher
may ask you to write a book. Some people may say that the experts are not smart, and cannot understand his/her newest discovery. But please note that, even if the experts cannot fully understand, they would still evaluate your work and perform appropriate recommendation. For example, when Einstein first published his work, not many people understood his work, but still he was able to publish them even though he was not famous yet. Therefore, if a person really believes that he has a discovery, he should send his work to conferences or journals for publication. If his work is rejected there, then most likely it means his work is not solid.

تەرجىمىسى: (بۇنى بۆگۈن تەرجىمە قىلىشقا ۋاختىم چىقمىدى، قىززىقىدىغانلار تەرجىمە قىلىپ ماڭا يوللىۋەتسەڭلار ياكى ئىنكاس سۈپىتىدە يوللاپ قويساڭلار، بولمىسا مەن ئەتە تەرجىمە قىلىپ قويىمەن)


دىمەك ئىلمى تەتقىقات نەتىجسىنى ئىتراپقا ئىرىشتۈرۈشنىڭ بىرىنچى يولى ئۇنى كەسپى ئىلمى ژورناللاردا ئىلان قىلدۇرۇش ۋە باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قاراش. ئۈستىدە دوكتۇر رەيھان دىگەندەك گەرچە ئېينىشتىيننىڭ قاراشلىرى دەسلەپ قۇبۇل قىلىنمىغان بولسىمۇ نۇپۇزلۇق ئىلمى ژورناللاردا ھىچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىماي ئىلان قىلىنغان. سىزنىڭ كۆز قاراشلىرىڭىز يوللۇق بولسا، تەتقىقات ئۇسۇلىڭىز توغرا بولسا، تەمىنلىگەن پاكىت ۋە ئىسپاتلار يىتەرلىك بولسا ئۇ مەيلى باشقىلار چۈشەنسۇن ۋە چۈشىنەلمىسۇن ئىلمى ژورنال ئۇنى ئىلان قىلىۋىرىدۇ. ماقالىڭىزنى ئىشلەتكەن،سىزنىڭ ماقالىڭىزدىن باشقىلار ئالغان نەقىللەر 1000 گە بارمىسمۇ 100 گە بارسا ئاندىن نوبىل مۇكاپاتىنىڭ چۈشىنى كۆرگىلى تۇرسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز.
يۇقىرىدا  دىيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگۇ جەميىتىدىن ئېلىنغان گەپلەر بۇلۇپ ئۇيغۇر جەميىتىگە تېخى ئۆتمىدۇق. لېكىن ئوقۇرمەنلەر ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە ھىس قىلدىكى  ئۈستىدە دىيىلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر جەميىتىدىن تولۇق تېپىلىدۇ. مىنىڭ نەچچە يىل بۇرۇن يازغان «نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار»، «زىيالى، قىلغان ئىشى خىيالى» دىگەن يازمىلىرىمنى ئوقۇغانلار ئاسانلا ھىس قىلالايدۇ. ئۇيغۇر جەميىتىدىمۇ 民科  لار مەلۇم ساندا بار بولۇپ بۇلارنىڭ چىقىرىۋاتقان شامىلى ۋە تەسىرىمۇ كىچىك ئەمەس. زۇلپىقار باراتقا ئوخشاش جەميەتشۇناسلىق ياكى پىسخىكا ئوقۇۋاتقانلار بولسا  ئۇيغۇر جەميىتىدىكى شۇلارنى ياخشى تەكشۈرۈپ، پاراڭلىشىپ چىقسا بەلكى ناھايتى ناخشى ماقالىدىن بىرسى چىقىدۇ.
ئۇيغۇر جەميىتىدە مەن ماقالەمدە تىلغا ئالغان خوتەنلىك ئادەم،  پەيلاسۇپ دەپ ئاتالغان يۈسۈپ ھۈسەيىن قېقىنۇس، «ئېينىشتىينغا جەڭ ئىلان قىلىپ نوبىل مۇكاپاتىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان» قاسىم سىدىق قاتارلىقلار ئۇيغۇرلاردىكى 民科 نىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدۇر.
ئۇ خوتەنلىك ئادەم ماڭا ئۈز ئاغزى بىلەن ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىل بۇرۇن «بىلىم-كۈچ» ژورنىلىدىن «ھازىرقى دۇنيادىكى ئىلىم- پەندىكى ھەل قىلىنمىغان 10 چوڭ مەسىلە»  دىگەن ماقالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قىززىقىپ قېلىپ جاپالىق تەتىقىقات ئېلىپ بارغانلىغىنى، ھازىر بۇنىڭ تۆتنى ھەل قىلغانلىغىنى، قالغانلىرىنى ھەل قىلىشقا قۇربىتى يىتىدىغان بولسىمۇ لېكىن ھازىرچە قېرىپ قالغان بولغاچقا توختىتپ قويغانلىغىنى، شۇنداقتىمۇ مۇشۇ ھەل قىلغان تۆت مەسىلە خەلقاراغا سۇنۇلسا چوقۇم ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشىپ نوبىل مۇكاپاتىدىن نەچچىسىى كىلىدىغانلىغىنى ئېيتىپ ماڭا 20 بەتلەر ئەتراپىدىكى بىر يازما ماقالىسىنى بەرگەن ئىدى.  بۇ ئادەمنىڭ ماقالسى ھەتتا ھىچقانداق ژورنال ياكى مەتبۇئاتلاردىمۇ بېسىلمىغان بولۇپ بۇ ئادەمدە مەن ئۈستىدە ئېيتقان 民科 نىڭ  بەش ئالاھىدىلىكى تولۇق تېپىلىدۇ.
يۈسۈپ ھۈسەيىن قېقىنۇس بىلەن مەن ئۇچرىشىپ باقمىدىم، لېكىن داۋرىڭىنى ئاڭلاپ نەزەر سېلىپ تۇردۇم. ئۇ ئادەمنى ھەتتا 2009-يىلى تور ئىتىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن بەرقى مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىپ تورداشلار بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشقان. شۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى بۇ ئادەم ئۆز دۇنياسىدا ياشايدۇ، ئۈزى ئىجاد قىلغان سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدۇ.  ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بەك چوڭ دەپ بىلىدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرىنى ئەمەس مۇنبەردە دەۋاتقان گەپلىرىنىمۇ ئەپەندىم ئۆزىنىڭ خېتىنى ئۆزى بېرىپ ئوقۇپ بەرمىسە بولمايدىغانغا ئوخشاش ئۆزىدىن سوراپ بىلمىسە چۈشەنگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئادەم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. كۆزىتىشىمچە بۇ ئادەم ئۆزى ئۇتتۇرىغا قويغان پەلسەپەلىرىنى ئىنتايىن مۇھىم، ھازىرقى زاماندىكى ئادەملەر چۈشەنمەيدۇ، لېكىن كەلگۈسىدە بىر كۈنى دۇنيادىكى ئادەملەر ئۇنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنىپ ئۆزىنى ئۇلۇغلايدۇ دەپ ئويلايدۇ. تىپىك 民科 نىڭ ئۆزى.
قاسىم سىدىققا كەلسەك ئۇيغۇرلاردىكى 民科 لارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ داۋرىڭى ئەڭ چوڭ، ئاقساقىلى بۇلۇشقا مۇناسىپ.  تەتقىقاتېنىڭ ئۆز قىممىتىدىن داۋرىڭىنىڭ تەسىرى چوڭ. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا كوچا گەپلىرىدىن  ئۇنى نوبىل مۇكاپاتىغا نەچچە قېتىم نامزات بولغانلىغىنى، لېكىن باھالاش كومىتىتدىكىلەر ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنى چۈشىنەلمەي ۋاختىنچە توختىتىپ قويغانلىغىنى ئاڭلاپ بىر كىچە ئۇخلىيالماي ھاياجانلىنىپ چىققان ئىدىم. مىنىڭ نەزىرىمدە نوبىل مۇكاپاتى ئالالمىسىمۇ نامزات بولسىمۇ بەك چوڭ ئىش ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نەزىرىيەسى يوقلۇق نەزىرىيەسى دەپ ئاتىلىدىكەندۇق. كىيىن ئۇ زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ «يوقلۇق نەزىرىيەسى» نى « شەكىل نەزىرىيەسى» دەپ ئاتاپتۇ، مەنمۇ زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ فىزىكىچى بولۇپ قالدىم ۋە ئازراق ئۇنى بۇنى چۈشەنگۈدەك بولدۇم.
قاسىم سىدىقتىمۇ 民科 دا بار بولۇشقا تىگىشلىك ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق تېپىلىدۇ.  ئۆزىنىڭ شەرھىيسى بويىچە ئىيتقاندا ئۇنى شەكىل نەزىرىيەسى بىر مۇستەقىل سىستىما. ئۇنىڭ باياناتچىىسى بىلىكيارنىڭ <<فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيىسى>> تەتقىقاتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەخىرسىزلىكى توغرىسىدا يازغانلىرى بويىچە « فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى – يىپ-يېڭى مىتود بىلەن بارلىق تەبىئىي پەنلەرنى ،جۈملىدىن پەلسەپەنى ئۆزگىچە مىتود ۋە بىلىش نەزەرىيەسى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، ئۆزگىچە خاسلىققا ئېگە بولغان 12تۈردە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىلغان. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ ھەل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان فىزىكا، ئالەمشۇناسلىق ۋە پەلسەپىۋىي مەسىلىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر ئىچىدىكى خالىغان بىر مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا كاتتا تۆھپە قوشقانلىق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.»  بۇ گەپلەرنىڭ ئۆزى نيۇيۇرك ۋاقىت گزىتىدە دىيىلغان 民科 گە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىگە تامامەن ئۇيغۇن. 民科 نىڭ ئالاھىدىلىكىگىمۇ چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ماقالىسىدىن ھىچ بىرسى خەلقارا ئەمەس جۇڭگۇدىكى كەسپى ئىلمى ژورناللاردا بولسىمۇ قۇبۇل قىلىنىپ ئىلان قىلىنغان ئەمەس، ھازىرغىچە ئىلان قىلىنغانلىرى شىنجاڭدا چىقىدىغان قۇرغاق رايۇنلار تەتقىقاتى، شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى، شىنجاڭ گىزىتى، شىنجاڭ پەن- تىخنىكا گىزىتى دىگەنگە ئوخشاش ژورنال ۋە گىزىتلەردە  ئىلان قىلىنغان، توردا ئىلان قىلىنغان يازمىلىرى ۋە ماقالىلىرى پۈتۈنلەي تاڭسىڭنىڭ نوملىرىغا ئوخشاش يېزىلغان. 40 نەچچە قىياس ۋە تىئورمىلار بار. بۇلارنىڭ ئىسپاتى قېنى دىسە «ئەمدى تېخى پەلسەپىۋى ۋە لوگىكىلىق رامكىسىنى قۇرۇپ چىقتىم،  تەتقىقاتنى بۇندىن كىيىن قىلىمىز» دەيدۇ. تېخى رەسمى تەتقىقات باشلانمىغان نەرسىگە نىمانچە جىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ داۋرىڭى قىلىپ كىتىدىغانلىغىغا پېقىر ھەيران.  ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۇچىلىرى ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى «ھۆر قەلىبلىك»، « مەسئۇلىيەتچان» دەيدۇ، باشقىچە پىكىر قىلسا، قوللىمىسا « قۇرۇق گەپ ساتىدىغان»، «ھىسياتپەرەس» بولغان بۇلىدۇ. قاسىم سىدىق ماڭا يازغان ئوچۇق خېتىجېككە يېزلغان خەتلەردە  مىنى يەنە « بىر تەرەپلىمە»،«ساۋاتسىز»، « يىتەرلىك دەرىجىدە ئىلمىي بولمىغان مەكتەپ مائارىپىنىڭ مەھسۇلى»، « قىلچىمۇ ئىلمىي گۇمانلىنىش روھى بولمىغان، نوپۇزلۇق تەلىماتلار ۋە نوپۇز ئىگىلىرىگە شەيىخلەرچە چوقونىدىغان، پەقەت نوقۇل ھالدا مۇتەخەسىسنىڭلا مېڭىسىگە ئىگە بولۇپ، قىلچىمۇ پەلسەپەۋى مېڭىگە ئىگە بولمىغان» دەيدۇ. قارشى پىكىر بىرىپ قاتتىقراق گەپ قىلسا ئۆزىنى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ «مەن سىزگە نىمە قىلغان»دەيدۇ. قانداقلا بولسىمۇ تەتقىقات قىلىۋېتىپتۇ، روھىنى بولسىمۇ قوللاپ جىم تۇرايلى دىسە، بىر-ئىككى يىغىنغا قاتنىشىپ قويۇپ، ئانچە-مۇنچە مۇتەخەسسىلەرنىڭ ئىلھام بىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ گىزىتلەردە، تور بەتلەردە، تېلىۋىزورلاردا داۋراڭ قىلىپ «10 يىلدا نوبىل مۇكاپاتى» ، ”يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئېينىشتىيىنغا جەك ئىلان قىلدى“ ، «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» تەتقىقاتىنى تىزلىتىپ،نوبېل مۇكاپاىتىغا يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى جىددىي تەكلىپ ” ، قاسىم سىدىق ۋە نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى، دىگەندەك داۋراڭلار بىلەن ھەممە يەرنى بىر ئېلىپ  بىلمەيدىغانلارنى قايمۇقتۇرۇپ « پۇلى بارلار پۇل چىقىرىڭلار، كۈچى بارلار كۈچ» دەپ جەميەتتىن ئىئانە توپلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. مەن 10 نەچچە يىل بۇرۇن قۇددۇس ھاپىزنىڭ خەلقارالىق يىغىنغا قاتنىشىپ «ئۇيغۇر تىلىنى 21-ئەسردە دۇنيا تىلى بۇلىدىغانلىغى» ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ ئازراق بولسىمۇ پۇل توپلاشقا ئاكتىپ قاتناشقان ئىدىم. ئەمدى كىلىپ بۈگۈنكى كۆندە يەنە بۇ ھاماقەتلىكنىڭ قايتا يۈز بىرىشىنى خالىمايمەن. بۇ مىنىڭ  قاسىم سىدىقنىڭ داۋراڭلىرىغا قەتئى قارشى تۇرۇشۇمدىكى تۈپكى سەۋەپ.
ئۇنداقتا 民科 لار ئۈچۈن يول قايسى دىگەندە بۇلار ئالدى بىلەن ئۆزىنى تۇنۇپ يىتىشى، ھەقىقى تەتقىقاتچىغا خاس روھ يارىتىشى، 民科 گە خاس بولغان پىسخىك ھالەتتىن تەل تۈكۈس قۇتۇلۇپ چىقىشى كىرەك. فىزىكا قاتارلىق تەبىئى پەنلەردە تەتقىق قىلىشنى خالىغانلار ئالدى بىلەن ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ئىلاجى بولسا ئىلگىرلەپ ئوقۇپ زۈرۈر بولغان شارائىتلارنى ئۆزىدە ھازىرلىشى كىرەككى ھەرگىزمۇ ئايدا چىقىدىغان «بىلىم-كۈچ»، « پەن ۋە تۇرمۇش» دىگەندەك ژورناللار ۋە شۇ قاتاردىكى كىتاپلارنى ئوقۇغانلىغى بىلەن تەتقىقات قابىلىيتىم ئۆسىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىقى كىرەك. قاسىم سىدىققا ئوخشاش «مەن ئىنگلىس تىلىدا نۆل، خەنزۇ تىلىدا ئازراق بار، كومپيۇتېردا ياخشى مەشغۇلات قىلالمايمەن» دىگەندەك ھالەت بىلەن نۇبىل مۇكاپاتىغا قاراپ يۈرۈش قىلغىلى بولمايدۇ. قاسىم سىدىق گەرچە ھازىر ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان 30 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭدەك تىرىشچان ئادەمگەئىلگىرلەپ ئوقۇش، چەتئەل تىللىرى ئۈگىنش پۈرسەتلىرى تامامەن بار ئىدى.  民科 لار ئىلگىرلەپ ئوقۇش، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتىقاتچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەش، چوڭ ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش، دۆلەتنىڭ ۋە رايۇننىڭ تۈر مەبلىغى ئارقىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئويلىغانلىرىنى ۋە نەتىجىلىرىنى ئۇدۇللۇق تەتقىقاتچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ خاتا يەرلىرى بولسا دەرھال ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ توغرا يول ئىزدەش، نەتىجىلىرىنى كەسپى ژورناللاردا ئىلان قىلىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن تەتقىقاتقا كىرىشىش كىرەككى ھەرگىزمۇ قىياس قىلىپ، پەلسەپە ۋە لوگىكىلىك رامكىسىنى قۇرۇپلا تەتقىقات قىلماي «نوبىل مۇكاپاتىغا يۈرۈش قىلىش»، تەتقىقاتچىلارنىڭ قارشى پىكىرلىرىگە ھۆرمەت قىلماي بىرسى رەت قىلسا يەنە بىرىنى ئىزدەپ ۋاختىنى باشقىلارنى ئىزدەپ باھالىتىشىقا سەرىپ قىلىۋەتمەسلىگى كىرەك. «نىمىشقا مىنىڭ تەتقىقاتىمنى كەسپى تەتقىقاتچىلار ياقتۇرمايدۇ، نىمىشقا مىنى رەت قىلىدۇ» دەپ ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشى كىرەك. تەبئى پەنلەر تەتقىقاتى ئۈچۈن جىق كۈچ ۋە سەرمايە كىتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسىنى دۆلەت ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئۆزى مەغلەغ سېلىپ تەتقىقات ئىنستوتلىرى، ئۇنۋېرسىتىت، مەركەزلەرنى قۇرۇش ئارقىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە مۇۋاپىق بولغان مىخانىزىمنى ئورنىتىدۇ. تەتقىقات ئۈچۈن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىرقى زاماندىكى تەبئى پەنلەر تەتقىقاتى يۇنان دەۋرىدىكى تەتقىقات ئەمەس. كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۇپ تۇرىدىغان پاكىت شۇكى ئالدىنقى يۈز يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن تەبئى پەنلەردىكى چوڭ  بۆسۈش، چىققان نوبىل مۇكاپاتلىرى قاتارلىقلار قانداقتۇ ئافرىقىدا، سەھرايى كەبىر ياكى تەكىلىماكان قۇملۇقلىرىنىڭ بۈرجەكلىرىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ژورناللىرىنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئەمەس. ئابدۇسالامغا ئوخشاش ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئالىملارمۇ پاكستاندىكى كەپىلەردە ئولتۇرۇپ تەتقىق قىلغان ئەمەس بەلكى ئوكىسفوردقا ئوخشاش دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنۋېرسىتىتلاردا بىلىم ئېلىپ، ئۇستاز دەرىجىسىدىكى دۇنياۋى ئالىملاردىن ئۈگىنىپ، يەنە شۇنداق يەرلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئىرىشكەن نەتىجىلەردۇر.  ئۇيغۇرلاردىن كەلگۈسىدە تەبىئى پەنلەردىن نوبىل مۇكاپاتى چىقتى دىگەندىمۇ بۇ ئىلىم-پەننىڭ تەرەققى قىلغان يەرلىرىدە ئوقۇغان،  دۇنياۋى ئالىملار بىلەن بىر يەردە ئىشلەيدىغان ياقى قۇيۇق ئالاقىسى بار ( مەسىلەن ئوقۇغۇچىسى ياكى خىزمەتداش بولۇپ باققان) ، چوڭ تەجرىبىخانا ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىدە خىزمەت قىلغان ياكى قىلىۋاتقانلاردىن چىقىدۇكى ھەرگىزمۇ تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقلىرى ئارىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭدىن چىقىپ ئوقۇپ باقمىغان، تەتقىقاد بىلىمىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ژورناللىرىدىن ئىگەللىگەن، ئىنگىلىس تىلىدا نۆل، كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلالمايدىغان بىرسىدىن چىقمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بىرسى چىقىپ قالسا مەن ئۈرۈمچىدىن غولجىغا ئۆمۇلەپ بېرىپ قاسىم سىدىقنىڭ پۇتىغا سۆيۈپ گۇناھىمنى تۇنۇيمەن.
ئەل ئارسىدىكى تەبئى پەنلەر بىلەن تەتقىقات قىلىشنى خالىغۇچىلار ھە دىسىلا نوبىل مۇكاپاتىدىن چۈشمەي ئالدى بىلەن شۇنىڭ ئاساسىنى سىلىېش ئۈچۈن كۈچەپ بېقىشى كىرەك، «نىسبىلىك نەزىرىيەىسىنى ئۆرۈيمەن» دەپ چوڭ تىمىلارغا ئېسىلىۋالماي كىچىك ئۆزىنىڭ كۈچى يىتىشىدىغان مەسىلىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ باقسىمۇ بۇلىدۇ، لېكىن يولى تەتقىقاتنىڭ پىرىنسىپلىرى بىلەن بولۇشى كىرەك. ئىلاجى بولسا ھاياتىنى نوبىل مۇكاپاتىغا ئاتىۋەتمەي ئۆزى ۋە شۇ جەميەت ئۈچۈن ئەمىلىيەتچىل ھالدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قىلسا، شۇ قاتاردىكى كىتاپلارنى يازسا، ژورناللارغا ماقالىلارنى يازسا بۇلىدۇ ۋە ئۇنى تامامەن ياخشى قىلىپ كىتەلەيدۇ. شۇنداق بولغاندا ھىچ بولمىسا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا 5-10 كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان كىتاپلارنى بولسىمۇ قالدۇرۇپ كىتەلەيدۇ. ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە ئەل ئىچىدىكىلەر تەبىئى پەنلەر بىلەن تەتقىقات قىلىشقا قارىغاندا تېخنىكا يۈنۈلۈشىگە قاراپ ماڭسىمۇ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. چۇنكى تېخنىكا يىڭىلاش، مەلۇم تېخنىك كەشپىياتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ئىلگىرلەپ دوكتۇرلۇققىچە ئۇقىمىسىمۇ، بەك جىق نەزىرىيەنى ئۇخمىسىمۇ  ئۆزى شۇ تېخنىكىنى ياخشى چۈشەنسە، ئۇزۇن مەزگىللىك تەجرىبىسى بولسا ئۇنى ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق يىڭىلىغىلى، قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتكىلى، تېخنىكىنىڭ ئۈنىمىنى، ئىشلەش مىخانىزىمىنى ياخشىلاپ پاتېنىت ئالغىلى، ياخشى بولۇپ قالسا ئىقتىسادى ئۈنۈممۇ قولغا كەلتۈرگىلى يەنە ئانچە مۇنچە داۋراڭمۇ قىلغىلى بۇلىدۇ. بۇ جەھەتتە تۇرپاندىن ئايرۇپىلان ياسىغان ئوقۇتقۇچىنى ۋە قەشقەردىكى بىر نەچچە تېخنىكا چىقىرىپ پاتىنىت ئالغان دىھقان ئالىمجاننى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. گەرچە ئالىمجاننىڭ داۋراڭلىرىدىمۇ ئوخاشلا نوبىل مۇكاپاتى، «ئىنىرگىيە ئىشلەتمەيدىغان ماتۇر» دىگەندەك ئالا-جوقى گەپلەر بولۇنغان بولسىمۇ لېكىن توردىكى خەۋەرلەر راس بولسا ئۇنىڭ مەلۇم تېخنىكا يىڭىلىغانلىغى ۋە دۆلەت پاتنىتقا ئىرىشكەنلىكى راس. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتىنى ياخشى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ قىممىتى بولسا قوللاشقا تىگىشلىك.
بۇ يەردە يەنە ماقالىنىڭ تىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئىسىمگە كەلگەندە  شۇنى تەكىتلەيمەنكى، چەتئەل تىللىرى بىلمەسلىك، كومپيۇتېردا ياخشى مەشغۇلات قىلالماسلىق ھازىرقى ئۇيغۇر جەميىتىدىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش زىيالىلار ئۈچۈن پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدىغان ئىش ئەمەس بەلكى ئۆزىنى ساۋاتسىز ھىساپلاپ يۈزىنى كۆتۈرەلمەيدىغان ھالەتتە نۇمۇس قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. بۇلار بولسا چايغا، رېىستۇرانغا، دىباغا، ئولتۇرۇشقا كەتكەن پۇل ۋە ۋاختىنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىپ چىقىپ دەرھال چەتئەل تىللىرى ۋە كوميۇتېردا يۇقىرى سەۋىيەگە يەتمىسىمۇ ئادەتتىكى ئىشلاردا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بۇلۇشقا كىرىشىشى كىرەك. ھازىر بىر ئەقلى تېلفۇننىڭ پۇلىغا نورمال كومپيۇتېر ياكى يان كومپيۇتېر كىلىدۇ. ئۆيىدە كومپيۇتېر ۋە كىتاپ يوق، تورغا ئۇلاشقا كەتكەن پۇلىغا ئىچى ئاغىرىيدىغان، ئۆزى ئۈچۈن ئالمىسىمۇ بالىسىغا بولسىمۇ ئېلىپ بەرمەيدىغان زىيالىلار بىلەن كىشىلەر دوست بولماسلىقى، بېرىپ-كىلىش قىلماسلىقى بولۇپمۇ بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئوينىشىغا يول قويماسلىقى كىرەك. ئۇلار «مەن كوميۇتېر بىلمەيمۇ ياخشى كۈن كەچۈرۈپ كىلىۋاتمامدىم»، « پۇل بەرسەم بىلىدىغان زىيالى دىگەن ئەرزان خەق» دىگەندەك گەپلەرنى قىلغاندا ئۇنىڭغا شۇ ھامان رەددىيە بەرگىلى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنداق ئادەملەر بىلەن ئارلاشماسلىق، بېرىپ-كىلىش قىلماسلىق، ئىشلاردا ياردەم قىلماسلىق، يىتىم قالدۇرۇش دىگەندەك يوللار بىلەن بېسىم قىلىش كىرەك. ئىلمى خۇراپاتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، جاھاننىڭ تەرەققىياتىغا بالدۇرراق يىتىشىۋىلىشتا ھەر بىر جەميەت ئەزاسىنىڭ بۇرچى بار.
ئاخىرىدا يىڭى يىلدا ئەل ئارىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋتقانلارنىڭ تەتقىقاتىنى توغرا يول بىلەن قىلىشىنى ئۈمىت قىلىپ ئۇلارغا يىڭى يىڭى نەتىجىلەرنى تىلەيمەن.
  jeck bilogedin elindi

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
iltebir + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
soldierSS + 10 ئەخلەتكەن
sihirbaz + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 320   باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن2 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن1

دوختۇر xipalih

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110519
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 556
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-7-2
2#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   باشقۇرغۇچىلار  تىمىنى  تەستىقلىماسلىق سەۋەبىنى  يېزىپ  قويساڭلا .خاتالىق بولسا  تۈزىتىپ  يوللىساق

[http://xipa.taobao.com]شىپائۇيغۇر تاۋباۋ  دورىخانىسى ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز، قولاي ئىشەنچىلىك،تىلفۇندىمۇ دورا  سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ.ياخشى دورىلار بۇ يەردە

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12910
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31724
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4743 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-7-2
3#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
alnurum يوللىغان ۋاقتى  2015-6-28 11:48 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   باشقۇرغۇچىلار  تىمىنى  تەستىقلىم ...

ئوخشاش بىر ئىنكاسنى  ھەممە تېمىغا چاپلاۋېرىپسىز،بۇنداق قىلسىڭىز چەكلىنىپ كېتىشىڭىز مۈمكىن،دىققەت قىلىڭ.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10015
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2347 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-7-2
4#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بۇ  ئامىرىكا گالسكار قەلئەسدىكى خىميەشۇناس خىيمەننىڭ  داد باسقان ئەسىرنى قايسى  كىتابخانىدىن ئېلىپ كەلگەنسىز ئەمدى؟
مەن شۇنداق قارايمەن بىزدىن 民科لارنىڭ چىققىنىمۇ چوڭ ئىش.بۇلارنىڭ خەلققە زىيىنى يوق،ئىلىم پەنگە ئارتۇقچە يۈك بولىۋالغان يېرىمۇ يوق،دۇنيادا بىر بىرى بىلەن سىغشمايدىغان ئىلىم پەن بولغىندەك  پەن بىلەن شۇغۇللانغانلارنى سىغدۇردىغان يەرمۇ بار. ئۇ بولسمۇ خەلقنىڭ قوينىدۇر. ھېلىمۇ ياخشى دۇنيادا خەلق دېگەن بۇ توپ مەۋجۇد بولۇپ قالغان ئىكەن، بولمسا ھەقىقى ئىلىم پەن بۇنداق كىشلەرنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۇرگەن بولاتتىكەن ،خەلقنىڭ قوينى ئىللىق  بولغاچقا ئۇ نۇرغۇن بىلىملىك كىشلەرنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشالىغان .شۇڭلاشقا ئىلىم پەن ئۇلارغا‹ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچلار دەپ نام بېرىپتۇ.قالتىس!
ئەلۋەتتە ھەقىقى ئىلىم پەن ،تەتقىقادقا تەبىر  بېردىغان بولساق‹ ئۇ‹ ئىنسانلار دۇنياسى› ياكى خەلق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋتى يوق بولۇپ پۈتۈنلەي تەبىئەتنى ئاساس قىلغان،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ئەل ئىچىكى تەتقىقاتچىلار تەبئىەت دۇنياسنى چۈشەنسە،تەتقىق قىلشقا بولمايدۇ.چۈنكى باشتا ئېيتقىنمىزدەك ئۇ خەلق ئارىسدىن چىقماسلىقى،تەبىئەت دۇنياسىغا بارماسلىقى كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى ئامىرىكغا بېرىش ئۈچۈن پەرەڭلەرنىڭ پاسپورتى كېرەك بولغاندەك ئاۋۋال بىر پارچە ۋىيزا ھەل قىلىۋىلىش كېرەك.
ھەۋەسكارلار بىلەن ئىلىم پەنشۇناسلارنىڭ دېئالوگى:
سوئال:سىز خەلقققە تەۋەمۇ؟
ياق، مەن تەبئىەتنىڭ مەھسۇلى ،
_ سىزچە  خەلق نەدە ياشايدۇ ؟
_ئەلۋەتتە ئۇلار جەمئىيەتتە ياشايدۇ،
_.ئۇلار زىرائەت تېرەمدۇ؟
_ ياق
_نېمشقا ؟
چۈنكى ئۇلار پەن تېخنكىنى بىلمەيدۇ،تىرسىمۇ ‹مول ھوسول ئالالمايدۇ›
-سۇلياۋ يوپۇق بىلەن كومبايىننى دېمەكچىمۇسىز؟
_شۇنداق بۇنى پەقەت ئالىملار بىلىدۇ.
_ئەل ئىچى تەتقىقاتچسى بۇ يەنە پەخرلىنشكە تېگشلىك سۆز ئىكەن،چۈنكى قاملاشسۇن قاملاشمىسۇن ئەل ئىچىدە ئەلگە نەپ بېرەي دەپ ئويلاپتۇ.  ئۇلارنىڭ سۈپىتى قانداق بولىدۇ؟
_ ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچلار ھېرسمەن بولىدۇ،ئاسان ھاياجانلىندۇ،
_يەنىچۇ؟
ئۇلار ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدۇ،گەپ ئاڭلمايدۇ،ئۆزنىڭكىنى راس قىلىدۇ.
__دىمەك تەكەببۇر ئىكەندە؟
دەل شۇنداق،سىزگە ئاپىرىن!
_ ،،لىكن ئۇلار دائىم:‹ يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن› دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ،سورىغانلىقى ئۇلارنىڭ كەمتەرلىكى ئەمەسمۇ؟؟
_ ياق
،نېمشقا
_ سەۋەبنى دىمەي تۇراي لىكىن سىز ئۇلارغا چاپان ياپماڭ. بولمسا بىزنىڭ يۈزىمىزگە داغ چۈشىدۇ؟
__ھە ئەسلىدە مۇنداق دەڭ ئۆزىڭىزنىڭ چىراينى ئوڭشاپ بولالماي باشقىلاردىن ھۆركۈپ قالغانمىدىڭىز ؟
_ئۇنداق ئەمەس،چەتئەلدە بۇ ھەقتە تەتقىقاد ئېلىپ بېرلمىغان ئەھۋالدا،  ئۇلار جىم تۇرۇپ تۇرسۇن دېمەكچتىم.
__ ھە،تەبىئەت دۇنياسىدا دېمەكچىمۇ ؟
__شۇنداق،
__رەھمەت .ئىشلىرىڭىز ئاسان بولسۇن ،جەمئىيەتشۇناس،تەبىئەتشۇناس ئەپەندىم ! بۈگۈن كۆپ تەلىم بەردىڭىز
ئەل ئىچىدىكلەر نەدە خىزمەت قىلىدۇ؟ سىزچۇ؟
__ مەن ئامىرىكىدا ،ئۇلارنىڭ تۇرار جايى بولسمۇ خىزمەت ئورنى يوق،ئىناۋىتى تېخىمۇ يوق.
__ھە بەلكىم بايلىققا ئىگە بولالمىغانلىقتىن ئەلگە نەپ بېرەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن شۇنداقمۇ؟ بۇ ھەرھالدا پەرەڭلەرگە ئىشلەپ يۈرگەندىن ياخشىراق دەپ ئويلايمەن.چۈنكى ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تازا ماس كېلىدۇ.
بىز نوبىل مۇكاپاتى ئالىمىز دەپ  مۇبالىغە قىلمدۇق   پەقەت سىزنى ئاڭلاپ باقسۇن دېدۇق........

soygum :   halik wa tabiat xunalsar arsda
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-29 12:42 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109057
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2014-8-9
ئاخىرقى: 2015-6-30
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2015-6-28 11:51 PM
ئوخشاش بىر ئىنكاسنى  ھەممە تېمىغا چاپلاۋېرىپسىز،بۇند ...

ئوخشاش بىر ئىنكاسنى ھەممە يەرگە چاپلىمىسا   7-8 سائەت ئولتۇرۇپ ئاران يازغان نەسىنى ئۈن-تىنسىز چەكلەپ قۇيدىكەن ، سەۋەبىنى دەپ قويسا بۇندىن كىيىن ئۇنداق تىمنى يوللىمىساق .........

ئۆتنە جاھان ~!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10686
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-6-30
6#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
بۇ جەك ئەپەندى يەنە قايتا نامايەن بولدى دە...گەپنىڭ يىرىكىنى قىلغاندا بىر توقۇم ئۇلۇغ قۇرۇق گەپكەن.
ئېنىقلا توقماق ئەپەندىنىڭ بىلىمخۇمار ئاكىىمىزغا يازغان ئوچۇق خىتىگە ئۆزىچە جاۋاب بېرىپ قويۇپتۇ.بۇ كىشىنىڭ تەبئىي پەن ساھەسىنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلىۋاتىمەن.

قەلەم ــــ ئوينايدىغان نەرسە ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88647
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-12-16
ئاخىرقى: 2015-7-2
7#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
جېك ئەپەندى قايتا نامايان بولمىدى ، مەن جېك ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىنى كۆچۈرۈپ قويدۇم خالاس ، قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئارتۇق داۋراڭ سېلىشلىرى ، تور دۇنياسىنى قالايمىقان قىلىشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىدىم ، گاڭگىراپ قالغان قېرىنداشلىرىمنىڭ بەزى ئىشلارنى بىلۋېلىشىغا ئازىراق ياردەم قىلغۇم كەلدى ، بەزى تورداشلارنىڭ كاللىسىنىڭ ئاددىيلىقىغا بەك ھەيرانمەن ، ھەم قاسىم سىدىقنىڭ يۇنان ياكى قارخانىيلار دەۋرىدە تۇغۇلمىغىنىغا ئەپسۇسلىنىمەن ، ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى ، بەلكىم قاسىم سىدىقمۇ كىلاسسىك ئالىملىرىمىز قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالار ئىدى ، لىكىن بۈگۈنكى ئاتوم دەۋرىدە بۇنداق ساختا ئىلىم بىلەن دۇنيانى ئالداش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتە !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
soldierSS + 10 ھەسەتخورلۇق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4127
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-7-2
8#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ! ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىلا خەلقئاراۋى شۆھرەتكە ئىگە، توردا ئىلان قىلغان ماقالىسى قۇرۇق قىياسقا تولغان،قىلچە ئىلمىيلىكى يوق، بىرە پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ نۇپۇزلۇق مەتبۇئات يۈزى كۆرمىگەن ساۋاتسىز «ئالىم»، «تەتقىقاتچى» لىرىمىز زىھنىنى ئاتالمىش تەتقىقاتىغا ئەمەس  چوڭقۇرلاپ ئۈگۈنۈشكە قارىتىشى كىرەك. ئىلىمي تەتقىقات ئىلمىيلىكنى ئاساس قىلىدۇ، ھىسيات ياكى قانداقتۇر ئىلىم پەندىن چەتنىگەن بىلەرمەنلىكنى ئەمەس.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
soldierSS + 10 ئەخلەت ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچان ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4127
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-7-2
9#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدە تەبىئي پەن ساھەسىدىكى خەلقئاراۋى سەۋىيەدىكى نۇپۇزلۇق ئالىم - تەتقىقاتچىلىمىزنىڭ يوق دىيەرلىك ياكى زەررىچە ھىسابىدا بولۇشى ، خەلقىمىزنىڭ شۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىگە بولغان ئوتتەك قىزغىن ئارزۇ -تەشنالىقى شۇنداقلا خەلقىمىزدە ئىلىم پەن بىلىملىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن بەزى ئادەملەرنىڭ ئازغىنە مەھسۇلىنى ھاماقەتلىك بىلەن بىراقلا خەلقئاراۋى تەتقىقات سەۋىيسىگە كۆتۈرۈۋىتىپ ئۆز كۆڭلىمىزنى خۇش قىلىپ يۈرۋاتىمىز. تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئەلۋەتتە ئىنتايىن ياخشى ئىش، ئەمما ئالاقىدار پەننىي بىلىملەردىن مەلۇماتسىز ھالدا دۇنياۋى شۆھرەت تەماسىدا بولۇش ئۇچچىغا چىققان ئەخمىقانىلىك،  بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلىش خالاس!

بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچان ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1781
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7187
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 6075 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-7-2
10#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
جېكنىڭ بۇ تاقا-تۇقىلىرى ئەينى زاماندىمۇ ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان ئېدى. ھازىر بولسا   ئاز بىر قىسىم شوخ-تەمتەك ياشلارنىڭ ئۈزۈندىسىگە ئايلىنىپ قالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا  پەقەت جېك ئۆزىنىڭ يۈزىنى قىزارتىپ يۈرىگىنى ئېچىشتۇرىدىغان بىر تارىخ بوپ قالدى خالاس.  
خۇددى ئوسمان مەمتىمىننىڭ ناخشىسىدا ئېيتىلغاندەكلا ،-'خامان ئالدىم ئالالمىدىم سەنچىلىك' بولدى.  ئالى مەكتەپنىڭ بىر مۇنەۋۋەر فېزىكا ئاسپىرانتى ئامىركىدا 10 يىلدىن ئارتۇق ئېلىم تەھسىل قىلىپمۇ  يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ پېنسىيونىرىچىلىك فېزىك بولالمىدى.  ئېشەنمىسىڭىز  جېك قاتارلىق ياشلار چىقىرىۋاتقان 'كارۋان بىز' غا قاراڭ.  قاسىمكان شۇنچە يىللاردىن بېرى قىلىپ كېلىۋاتقان  ئەمگەكنىڭ  پەقەتلا ئۆزىگە خاس ئېدىيىسىسىن ۋە مەنزىل-مەنتىقىسىدىن ئايرىلغان  تەرجىمە شەكلى خالاس.  ياشلارنى يېتەكلەپ فېزىكا تەجىربە قۇرۇلمىلىرىنى لاھىيەلەش ۋە تەجرىبە-تەتقىقاتنى دېمەي تۇرايلى..!
دېمەك دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا، تۇرمۇش-ھاياتنىڭ مەسىلىلىرىگە  ئالدىراپ كەسكىن ھۆكۈم قىلمىغان ياخشى . بىر نەرسە ئېنىق بولدى. مەيلى دۇنيانىڭ نەرىدە  قايسى ماقام-مەرتىۋىگىچە يۈكسىلىڭ ئەلگە قاسىم سىدىقچىلىك سايە تاشلىماق ئۇنچىلىك قولاي ئەمەس.  بۇنى ھاياتىنىڭ موھىم پۇرسىتى ئامىركىدىكى 10 يىللىق ئوقۇشنى قاسىم سىدىقنى تەتقىق قىلىپ باھالاش بىلەن ئۆتكۈزگەن جىكتىن ئوبدان بىلىدىغان ئىككىنچى بىرى يوق.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
soldierSS + 30 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش