بىلىمخۇمار ئەپەندىگە خەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بىلىمخۇمار ئەپەندى:
مەلۈم بولغايكى، 6-ئاينىڭ 18-كۈنى غۇلجا شەھەر دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن غۇلجىدىكى بىرقىسىم فىزىكا ۋە ماتىماتىكا ئوقۇتۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ“شەكىل نەزەريىسى 29-تىئورمىسىنىڭ تەجىربىسىدىن دوكىلات بېرىش،ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ” ئۆتكۆزدۇق.يىغىندا ئالاقىدار تەجىربىلەرمۇ كۆرسىتىلدى.يىغىنغا 100چە ئادەم قاتناشتى.“ئىلى كەچلىك گېزىتى”نىڭ بۆگۈنكى سانىغا(6-ئاينىڭ 27-كۈنى)بۇ ھەقتىكى ئاخباراتلار بېرىلدى.
تولىمۇ ئەپسۇس،تەجىربە ۋە كۆزۆتۈش نەتىجىلىرى كىلاسسىك قاراشلارنى ۋە بۇ قاراشلارغا ئاساسلىنىپ پىكىر بايان قىلغان سىزىنىڭ قاراشلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي قوللىمىدى.تەجىربە ۋە كۆزۆتۈش نەتىجىلىرى شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنى تولۇق قوللىدى.
مەن سىزگە بۇ يازمىنى يازماسمۇ ئىدىم.لىكىن،بۆگۈن“ئىزدىنىش”تورىدا ئۆزىڭزنىڭ
“بىلىمخۇمار: «پەيلاسوپ» مۇنازىرىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم”سەرلەۋھەلىك تېمىڭىزنىڭ 58-قەۋىتىدە 57-قەۋەتتىكى بىرەيلەنگە ئىنكاس قالدۇرغاندا 29-تىئورمىنىڭ خاتالىغىنى جەكلا ئەمەس،ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىڭىزنى پەخىرلىنىش ھېسياتىدا تىلغا ئاپسىز.نەتىجىدە مەن سىزدەك تەسىر كۈچى چوڭ كىشلەرنىڭ خاتا ئۇچۇرلىرى شەكىل نەزەريىسىگە زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۆرىدۇ،دەپ ئويلاپ بۇ يازمىنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.
نەسىپ بولسا بۇ يىل ئۈرۈمچىدە بۇنداق دوكىلات بېرىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيەلىك كەسىپ ئىگىلىرى قاتناشتۇرۇلۇپ ئېچىلىدۇ.مۆمكىن بولسا شۇ يىغىنغا ئۆزىڭىز قاتناشسىڭىز،بولمىسا ئۆزىڭىز ئىشىنىدىغان بىرەيلەنگە ھاۋالە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
دىمەكچىمەنكى، سىز دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى بىر ئوپتىكا ئىنژىنىرى.ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئورنىڭىز ۋە چاقىرىق كۈچىڭىزنىمۇ تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ.سىزنى جەك دىگەن ئو بالا بىلەن ئەسلا سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىڭىزگە پىششىق تونۇش بولمىغان ساھە ۋە مەسىلىلەردە ئالدىراپ باھا ۋە ھۆكۈم چىقارماسلىغىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمەن.پاكىت مەندەك بىر ئەرزىمەس ئادەمنى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۆپ قويسا ھېچقانچە ئىش ئەمەس.لىكىن پاكىت ئالدىدا سىز پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسىڭىز ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.ھەممىدىن خەتەرلىك يېرى، سىزدەك بىر كىشى توغرا ۋە ئىنقىلاۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر ئىلمى ئىدىيىنى چەكلەشتە ئاۋانگارىتلىق رولىنى ئوينىسا بۇنىڭ رىيال ۋە تارىخى زىيىنى ئەلۋەتتە بەكمۇ ئېغىر بولىدۇ.
ھەر قاچان تەلىمىڭىزنى كۆتۈمەن!.
ھۆرمەت بىلەن : قاسىم سىدىق
2015.6.27
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-28 12:22 PM