مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1130|ئىنكاس: 18
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاتىلار ئائىلىنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولالىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم بېكەت خادىمى ئىكەن

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2841
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 26109
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 2678 سائەت
تىزىم: 2010-6-22
ئاخىرقى: 2015-7-3
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
ئاتىلار ئائىلىنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولالىشى كېرەك

بۇ ئەسەر ئىقتىساد گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان

مۇھەررىردىن: ئاتىلار ئائىلىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى. ئاشۇنداق ئۇلۇغ ئاتىلارنى ھۆرمەتلەش ھەم قەدىرلەش پەرزەنتلەرنىڭ بۇرچى. ھەر يىلى ئىيۇننىڭ ئۈچىنچى يەكشەنبە كۈنى ئاشۇ ئۇلۇغ ئاتىلارنىڭ بايرىمى! بۇ يىلقى «ئاتىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلىرىمىز ئاتىلارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى رولى توغرىسىدا ھەر ساھەدىكى بىر قىسىم ئاتىلارنى زىيارەت قىلدى، زىيارەت خاتىرىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

«ئاتا پەقەت بىر ئائىلىنىڭلا تۈۋرۈكى ئەمەس»
مۈلۈك ھاجى (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە پەنلىرى پىروفېسسورى، نازىر دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى)
ئائىلە جەمئىيەتنىڭ كىچىك ھۈجەيرىسى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كونكرېتلاشقان كۆزنىكى. ئائىلە مېھىر – مۇھەببەتنىڭ بۇلىقى. ئاتا – ئانا پەرزەنتلەرنىڭ بىرىنچى ئۇستازى. ئائىلىدىكى خۇشاللىق، خاتىرجەملىك، تىنچلىق مۇھەببەت بىلەن باغلانغان بولىدۇ. ئىناق ئائىلە مېھىر ـ مۇھەببەتلىك ئاتا ـ ئانىلاردىن ئايرىلالمايدۇ. ئائىلىدىكى مېھىر – مۇھەببەت پەرزەنتلەرنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىشى، پەرزەنتلەر بۇ مېھىر – مۇھەببەتنى ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ھېس قىلىشى، ئۇلاردىن پاكلىقنى، سۆيۈشنى، كۆيۈنۈشنى ئۆگەنگەن بولۇشى كېرەك. بىزدە «ئاتا ئۆينىڭ تۈۋرۈكى» دەيدىغان سۆز بار، شۇڭا بىز ئۆزىمىزدە ياخشى ئەخلاق ـ پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز، ئومۇمنىڭ ئىشىغا سادىق، ئىشتا ئوچۇق – ئاشكارا، ئىنتىزامچان، كۆكسى – قارنى كەڭ، پاك – دىيانەتلىك، ئائىلە ئەخلاقىغا سادىق بولۇشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پەرزەنتلىرىمىزگە تەسىر قىلىشىمىز ۋە ئۇلارنى يېتەكلىشىمىز كېرەك.
مەن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆگىنىشنى توختاتمىدىم، كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇردۇم. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نەۋرەم «مېنىڭ بوۋام» دەپ ماقالە يېزىپتۇ، ئۇنى ئوقۇپ بەكمۇ تەسىرلەندىم، «تەبىئەت ھادىسىلىرى» دېگەن كىتابىم نەشردىن چىققاندا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نەۋرەمگە تەقدىم قىلغانىدىم، ئۇ بۇنىڭدىن كۆپ ئىلھاملارنى ئالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالەمنى كومپيۇتېرغا كۆچۈرۈۋالغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن ئېيتىپ بەردى. دېمەك، ئاتىلارنىڭ ياخشى ئوبرازى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغايدۇ. خوتۇنۇم خەيرىنىسا ئىمىن بىلەن ئائىلە قۇرغىنىمغا 50 يىل بولدى، مەن بۇ ئائىلىنى چوڭقۇر مۇھەببىتىم بىلەن قۇردۇم، ياشلىق باھارىم، ئەقىل – پاراسىتىم، زېھنىي – قۇۋۋىتىمنى پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلدىم، پەرزەنتلىرىمىز مۇشۇنداق بىر مۇھەببەتلىك ئائىلىدە ياراملىق، ساپالىق، دىيانەتلىك، مېھىر ـ مۇھەببەتلىك بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. مۇشۇنداق خاتىرجەم، مېھىر ـ مۇھەببەتلىك ئائىلىنى قۇرۇشتا مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم چوڭ، دەپ قارايمەن.
مەن بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم، بۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيۈپ، بۇ كەسىپكە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، پۈتۈن زېھنىمنى مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان «پەرزەنت» لىرىمنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلدىم، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىمنى ئادا قىلدىم. ئۆزۈم «پەرۋىش» قىلغان «كۆچەت» لەرنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا «مېۋە» بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈم ۋە ئىپتىخارلاندىم.
باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىلى 9 – سېنتەبىر 30 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا: «100 يىللىق پىلاندا مائارىپ ئاساس، مائارىپ ئۇلۇغۋار پىلانىدا ئوقۇتقۇچى ئاساس، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدە مائارىپ تەرەققىياتىدا پەزىلەتلىك، كەسىپتە پىشقان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىزدا، زور بىر تۈركۈم ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار غايىلىك، ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىك، مېھرىبان ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيا سەۋىيەسىگە يەتكەن زامانىۋى مائارىپنى شەكىللەندۈرۈش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك » دەپ تەكىتلىگەنىدى.
پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان، ئىنسانىيەت ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە ھەرقانداق مىللەت تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم تەرەققىي قىلغان مىللەتلەردىن ئۆگىنىشى، ئۇلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرى، زامانىۋى پەن – تېخنىكىسى، زامانىۋى باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك. قالاقلىق، نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ، تەرەققىي قىلماقچى بولىدىكەن، چوقۇم مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان قالاق تۇرمۇش شەكلى ۋە ئىدىيەنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، ئىسلاھات ئارقىلىق ئىلغار ئىدىيە، ئىلغار پەن – تېخنىكىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۇ يۈك دەل كېيىنكى ئەۋلادلارغا يۈكلەنگەن، بۇ ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئوقۇتقۇچىلارغا يۈكلەنگەن. بىز ئوقۇتقۇچىلار پەقەت بىر ئائىلىنىڭلا ئاتىسى ئەمەس، بىز پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى پەرزەنتلەرنىڭ ئاتىسى، بىزنىڭ زىممىمىزگە نۇرغۇنلىغان پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈش مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن، شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت بۇ يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىپ، ئۇنى ياخشى ئادا قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.



ئۈلگىلىك ئاتىلاردىن بولايلى
مۆھتەرەم شېرىپجان داموللا ھاجى (جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئۈرۈمچى بەيتۇل مەمۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى)  
ئاتا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، غەمگۈزارى، پەرۋىشچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئائىلىگە مەسئۇل بولۇشى، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئاتا پەرزەنتلىرى ئالدىدا مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ، كېلەچەكتە ئۆزىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان، ئىزىنى بېسىپ ماڭىدىغان ۋە ئۇنىڭ نامىنى ئۆچۈرمەي تارىخ بەتلىرىگە يېزىپ قالدۇرىدىغان پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ھەر جەھەتتىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىلىملىك بولۇپ، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ مېڭىشى كېرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلاردىن كېيىنكى (تەرەققىي قىلغان) بىر دەۋردە ياشىيالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەر ياشاۋاتقان بۇ دەۋردىن باشقا بىر دەۋر ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر». بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر ئەرنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە قىلغان تەربىيەسىدىن ئارتۇق ياخشى بىر سوۋغىسى بولمايدۇ.»
يۇقىرىقى ئىككى ھەدىستىن بىز شۇنى چۈشىنىۋالالايمىزكى، ئۈلگىلىك ئاتا ئۆز پەرزەنتىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، پەرزەنتىنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاقى، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق، ساغلام تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىشى، بولۇپمۇ پەرزەنتلىك بولغان دەسلەپكى دەقىقىلەردە پەرزەنتىنى ئائىلىنىڭ زىننىتى، ئائىلىدىكى بەخت ۋە خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى دەپ بىلىشى كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا بولغان كىشى پەرزەنتلىك بولغان ۋاقتىدا، خۇشاللىق تەنتەنىلىرى ئۆتكۈزۈپ، بالىسى ئۈچۈن چاقىرىلىشقا، تەلەپپۇز قىلىشقا ئاسان بولغان، ئاڭلىنىشتا ياخشى ھەم چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان، ئېتىقادىي قاراشتا مەزمۇنى ساغلام بولغان ئىسىمنى تاللاپ قويۇشى كېرەك.
ئاتا پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە، ئۇنىڭ ھالال ۋە يېشىل يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ئۇ يەنە پەرزەنتلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، پەرزەنتلەرگە ئۆزىنىڭ ئاتىلىق مېھرىنى ئاتا قىلىشى، ھەر جەھەتتىن مەنىۋى ئوزۇقىنىمۇ بېرىپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە ۋە بىلىم ئىگىلەشكە دەۋەت قىلىپ ھەم شارائىت يارتىپ بېرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، تىرىشچان ۋە ئىنتىلىشچان چوڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئىسلام دىنىمىزدا بىلىم ئىگىلەشنىڭ ھەر قانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ئىكەنلىكىنى، ئۆگىنىشنى ھاردىم ـ تالدىم دېمەي، بۇ دۇنيادىن ۋاپات بولۇپ ئايرىلغۇچە ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈشى، بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن ھەر قانداق ئورۇن ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. پەرزەنتلەرنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك، بىلىملىك ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
ئۈلگىلىك ئاتا ھەر ۋاقىت پەرزەنتلەر ئالدىدا ئەخلاقىي جەھەتتىن ئۈلگىلىك رول ئوينىشى، سەمىمىي، راستچىل بولۇشى، قىلغان سۆزى ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى، پەرزەنتلەرگە ۋەدە بەرگەندە ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى، بەزىدە پەرزەنتلەر بىلەن دالا سەيلىسى، بەزىدە ساياھەتلەرنى قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
ئۈلگىلىك ئاتا پەرزەنتلەرگە نەسىھەت قىلىپ تۇرۇشى، ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، سەمىمىي، راستچىل، ۋاپادار، كۆيۈمچان، سېخىي، كەڭ قورساق، ئىرادىلىك، ئۈمىدۋار، تىرىشچان، غايىلىك چوڭ بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
ئاللاتائالا «قۇرئان كەرىم» دە: لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتىنى مۇنداق بايان قىلغان: «( ئەي ئوغلۇم!) سەن كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللا ھەقىقەتەن ماختانچاق، ھاكاۋۇرلارنى دوست تۇتمايدۇ، يول يۈرگەندە سالماق ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسەيتكىن،.....» (سۈرە «لوقمان» نىڭ  18 ـ، 19 ـ ئايەتلىرىدىن)
يۇقىرىقى ئايەتلەردە ۋە ئۇلارنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى ئايەتلەردە، ئاللاتائالا لوقمان ھەكىمنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەشتىكى نەسىھەتلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۈلگىلىك ئاتىلار پەرزەنت تەربىيەلەشتە دىققەت قىلىدىغان بەزى مەزمۇنلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
«قۇرئان كەرىم» دە يەنە پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەسى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان ئاتا – ئانىلار ئالدىدىكى پەرزەنتلەر مەجبۇرىيىتىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن. ئاللاتائالا سۈرە «ئىسرا» نىڭ 23 ـ، 24 ـ ، 25 ـ ئايەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىڭلار پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ بىلەن بولۇپ، ياشىنىپ قالغان بولسا، ئۇلارغا زېرىككەنلىكنى بىلدۈرىدىغان ‹ئوھۇش› دېگەنچىلىك گەپنىمۇ قىلمىغىن، ئۇلارغا قوپاللىق قىلمىغىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا چوڭقۇر مېھرىبانلىق بىلەن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن. ‹ئى رەببىم! ئۇلار مېنى كىچىك چېغىمدا (مېھرى بىلەن) تەربىيەلىگەندەك ئۇلارغا رەھمەت قىلغىن› دېگىن. پەرۋەردىگارىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.»
دېمەك، ئىسلام دىنىمىزدا ئاتىلارنىڭ ئوبرازى ئالاھىدە يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلۇش بىلەن بىللە، يەنە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلەر ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان. شۇڭا ئاتىلار پەرزەنتلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالىسا، پەرزەنتلەرمۇ ئاندىن ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇ ماڭغان يوللار ئەتراپىغا چاقناپ تۇرىدىغان «چىراغ» لارنى ياندۇرالايدۇ.



«ئاتا بولۇش بىر مەزگىللىك ئەمەس، بەلكى ئۆمۈرلۈك ئىش»
ئابدۇقادىر جالالىدىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى)

قانداق ئاتا بولۇش كېرەك؟ بۇ ئالدىراپ جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان سوئال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچكىمنىڭ باشقىلارغا ئاتا بولۇش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ بېرىدىغان سالاھىيىتى بولمىسا كېرەك.
مەنمۇ ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى. بۇرۇن ئۆزۈمنى ياخشى ئاتا بولدۇم دەپ ئويلايتتىم. ئەمدىلىكتە بارغانسېرى ئۆزۈمنىڭ ئالدىراپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. چۈنكى، ئاتا بولۇش بىر مەزگىللىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر ئۆمۈرلۈك ئىش ئىكەن.
ئەگەر ئاتا بولۇش ئائىلە ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت، پەرزەنت ئالدىدىكى جاۋابكارلىق دەپ قارالسا، ئاتا بولۇش سىرتقى ئامىل تەرىپىدىن كەلگەن مەجبۇرىيەتتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. ئاتا بولۇش، ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ھاياتقا بولغان سەمىمىي مۇھەببەتنىڭ ئويغىنىشىدىن باشلانغان بولىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ ئۆيدىكى بىر نەچچە تەشتەك گۈلگە بولغان ئەقىدەم، خوتۇنۇمغا بولغان كۆيۈنۈشۈم، كۆپكۆك ئاسماندىكى ئاق بۇلۇتلارغا بولغان قىزىقىشىم مېنىڭ ئىچكى دۇنيارىمدىن دېرەك بېرىدىغان ئىشلار بولسىمۇ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يېتىلىش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈپ بولىدۇ.
ئاتا بولۇش، ھە دېسىلا پەرزەنتلەرنىڭ كۆزىگە قاراش ئەمەس، قانداقتۇر ئائىلە ئالدىدىكى باش – ئاخىرى يوق ياخشىچاقلىقمۇ ئەمەس. ئاتا بولۇش خاراكتېر ساغلاملىقى، ئېتىقاد سەمىمىيىتى، مۇھەببەت ھېسسىياتى، ئەرلىك كامالىتى جەھەتتىكى مۇكەممەللىكنى ئىزدەشتۇر. ئەر ئۆزىنىڭ كونكرېت پائالىيىتى ئارقىلىق، جانلىق تۇرمۇش دەرسخانىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. ئاتىلىق مۇھەببەت ئەقەللىيسى بىر ئىنسانىي مۇھەببەت سۈپىتىدە تېخىمۇ ئەمەلىي تۈس ئالىدۇ.
ساغلام بىر ئىنساننىڭ يېتىلىشىدە مۇھەببەت ئەڭ ياخشى تۈرتكە. لېكىن، بۇ مۇھەببەت قەيەردە؟ ئۇ ھەرگىزمۇ كىتابلاردىكى ئەقلىيە سۆزدە ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش ئۈچۈن سوققان يۈرەكتە. مەن گېزىت يۈزىدىن پايدىلىنىپ، قەلبى ئاتىلىق مۇھەببەت بىلەن تولغان، يۈرىكى تۇرمۇش ئۈچۈن سوقۇۋاتقان بارلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن، ئائىلىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن! بىزدەك ئاتىلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىلەردىن بەخت كۈلكىسى جاراڭلاپ تۇرسۇن!



«ئاتىلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ياخشىلىشى كېرەك»
ئەركىن ھاشىم (شىنجاڭ «بوغدا» دوختۇرخانىسىنىڭ لېدىرى)
ئاتىلار ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، ئائىلىنىڭ بەرىكىتى. لاياقەتلىك، مۇنەۋۋەر ئاتا بولۇش ئۈچۈن، ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم، ئۇنىڭدىن باشقا، بىز بىر ئاتا، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئائىلىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشىمىز، خوتۇن ـ بالىلىرىمىزنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ئىگە بولۇشىمىز، ئاتا – ئانا، قېيىنئانا – قېيىنئاتىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن .
ئاتىلار يالغۇز ئائىلىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل جەمئىيەت ئۈچۈن مۇھىم بولغان مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قىزىقىشى، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشى، ئۇنىۋېرسال بىلىمگە ئىگە بولۇشى، شۇ ئارقىلىق ياراملىق، ساپالىق ئاتا بولۇشى كېرەك. ئاتىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلغاندىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇشى، ئائىلىدە خوتۇنىغا ياخشى ئەر، بالىلىرىغا ياخشى ئاتا بولۇش ئۈچۈن، ھەرىكەت نىزامى، سۆزى، مەدەنىيەت ساپاسى ئۆلچەمگە لايىق بولۇشى، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاپ تۇرۇشى كېرەك.
بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى، قىممەت قارىشىنى يىتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاتا – ئانىلارنى دورايدۇ. ئائىلىدە بىز بالىلىرىمىزغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى خاتا يولدىن توسۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشكە، ساغلام روھىي ئوزۇق ئېلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك، شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت ئائىلىدە ئالدى بىلەن ئىش ـ ھەرىكىتىمىزگە دىققەت قىلىپ، بالىلىرىمىزغا ياخشى ئۈلگە بولۇشىمىز كېرەك؛ ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرىدىغان، يېمەكلىككە دىققەت قىلىدىغان، ساغلام تۇرمۇش ئادىتى بار ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلار جىسمانىي، روھىي جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. مۇشۇنداق ئاتىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر مىللەت، بىر قوۋم ئاستا – ئاستا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ؛ ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، ۋىجدانلىق ئاتىنىڭ ھەق – ناھەقنى ئايرىيدىغان، يامانلىقنى ئەيىبلەپ، ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، كەمتەر، ئالىيجاناب خاراكتېرى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ ـ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بىر مىللەت، بىر قوۋمنىڭ ئۈزلۈكسىز گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.
ئەرلەر كېسەللىكلىرى دوختۇرى، ئەرلىكشۇناسلىق ساھەسىدىكى بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق ئېيتالايمەنكى، بىر ئاتىنىڭ شەخسىي ساغلاملىقى جىسمانىي جەھەتتە ۋە پىسخىك جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. مەن ئاتىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاتىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئاتىلارنى ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا بارلىق ئاتىلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلاملىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە، ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئاتا – ئانىسىغا بەختكە چۆمگەن خاتىرجەم تۇرمۇش ئاتا قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، مۇشۇ جەمئىيەتتىكى تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن. «تىتانىك ناملىق پاراخوت» ناملىق فىلىم ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئاساسەن ئىشلەنگەن. ئەرلەر قۇتۇلۇش ئورنىنى ئالدى بىلەن بالىلارغا، ئاياللارغا، ياشانغانلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىمۇ مۇشۇنداق روھىي ھالەت يېتىلىشى كېرەك. جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم ئەرلەر، ئاياللارنى ھاقارەتلەيدىغان، بالىلارنى خارلايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ تۈزىتىلمەسلىكى مىللەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىز، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان بالىلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئاتىلار ئىلمىيلىككە يۈزلىنىشى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.



«دەۋر مەسئۇلىيەتچان ئاتىلارغا موھتاج»
ياسىنجان سادىق چوغلان (شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى)
دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى، خىزمەت ـ تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، ئۇچۇر ـ ئالاقە ئىشلىرىنىڭ قولايلىقلىشىشى بىلەن ۋاقتىمىزنى ئىلگىرىكىدەك ھەپتە، كۈن ساناپ ئەمەس، سائەت، ھەتتا مىنۇت ساناپ ھېسابلايدىغان بولۇپ قالدۇق. شۇ سەۋەبتىن، دوستلۇق، قوشنىدارچىلىق، ئۇرۇق ـ تۇغقاندارچىلىق، قان –قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگىلا ئەمەس، ئائىلىمىزگە ئاجرىتىدىغان ۋاقتىمىزمۇ ئازلاپ كەتتى.
ئائىلە جەمئىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى. بىر ئادەمنىڭ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا بىر ئەرنىڭ ئائىلىسىگە ئاجراتقان ۋاقتىنىڭ ئازلاپ كېتىشى ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئائىلىسىگىلا ئەمەس، ئۆزى تەۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت توپىغا بېرىدىغان مېھىر – مۇھەببىتىنىڭ ئازلاپ كەتكىنىگە باراۋەر. چۈنكى، ئائىلىسىگە مېھىر ـ مۇھەببەت بېرەلمىگەن ئەرنىڭ دوستلىرىغا، قوشنىلىرىغا، خىزمەتداشلىرىغا، ئاتا ـ ئانا، ئۇرۇق ـ تۇغقان، قېرىنداشلىرىغا مېھىر ـ مۇھەببەت بېرەلىشىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. مېھىر ـ مۇھەببەت سۇسلاپ كەتكەن ئائىلە مۇكەممەل ئائىلە بولالمايدۇ، مېھىر ـ مۇھەببەت سۇسلاپ كەتكەن جەمئىيەت مۇكەممەل جەمئىيەت بولالمايدۇ.
تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىبىدە «ئاتا» سۆزىنىڭ «ئاتا قىلغۇچى»، «ئايال» سۆزىنىڭ «ئايالغۇچى» دېگەن مەنىسى بار. ئۆزىنى ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئەر ئائىلىدىكى ئورنىنى مۇتلەق ھۆكۈمدار، ھوقۇق ئىگىسى دەپ چۈشەنسە، ئۆزىنى ئاشۇ ھوقۇق مەركىزىگە قويغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەرگىزمۇ «ئاتا قىلغۇچى» دېگەن شەرەپلىك سۈپەتكە مۇناسىپ ئەمەس. بۇنداق ئەر تۈۋرۈك بولغان ئائىلىنىڭ بىر مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەتتىن ھېچقانداق پەرقى قالمايدۇ.
ئائىلىدىن ئىبارەت «دۆلەت» نى قۇرۇپ چىققان ئەر بىلەن ئايال باراۋەرلىكنى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش ھوقۇقنى تەكىتلەيدىكەن، جەننەتنىڭ تىمسالى بولمىش مېھىر ـ مۇھەببەتلىك، مۇكەممەل بىر ئائىلىدىن سۆز ئېچىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئائىلىدە ھوقۇق بولمايدۇ، پەقەت ۋە پەقەت مەسئۇلىيەت بىلەن مەجبۇرىيەتلا بولىدۇ. ئەرلىك مەسئۇلىيەت ئەرنىڭ ئەركەكلىك جاسارىتىنى، ئاتا قىلغۇچىلىق ئوبرازىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزسە، ئاياللىق مەجبۇرىيەت ئايالنىڭ ئاياللىق نازاكىتىنى، ئايالغۇچىلىق پەزىلىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ. مەسئۇلىيەت بىلەن مەجبۇرىيەت ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پەرزەنت مېھىر ـ مۇھەببەت، ۋاپا بۇلىقىدىن قانغۇچە ئىچىپ، بەختىيارلىق نېمىتىدىن تويغىچە نېسىۋە ئالىدۇ، مۇراد تېپىشنى ئىزدىگەن ئارزۇ ـ ئارمانلىرى تېخىمۇ گۈزەل، يەتمەكچى بولغان غايە چوققىلىرى تېخىمۇ ئېگىز بولىدۇ ۋە شۇ نىشانلىرى ئۈچۈن تىرىشىدىغان شەرەپلىك ئىنسانلاردىن بولىدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئەر ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك، شۇ چاغدىلا ئائىلىسىگىلا ئەمەس، جەمئىيەتكىمۇ، ئاتا ـ ئانا، ئۇرۇق ـ تۇغقان، قېرىنداش، دوست ـ بۇرادەر، خىزمەتداشلىرىغا ۋە ئۆزى تەۋە بولغان مىللەت توپىغىمۇ مېھىر ـ مۇھەببەت يەتكۈزەلەيدۇ. دەۋر مەسئۇلىيەتچان ئاتىلارغا موھتاج.
ئائىلە قۇرۇپ ئاتا بولۇش شەرىپىگە نائىل بولغان بارلىق ئەركەكلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۆزۈمنىڭمۇ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئاتىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بىز ئاتىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن خوتۇن ـ بالىلىرىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنى بايرامدەك ئۆتسۈن!



«ھەممە ئەرنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى شەرت ئەمەس»
دولقۇن قادىر (مىللەتلەر ئۈن ـ سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى)

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 ـ ، 80 – يىللىرىدا ياۋروپالىقلار، ئامېرىكىلىقلار ياپونىيەنىڭ ئەرلىرىنى «خىزمەت سارىڭى، پۇل تېپىش ماشىنىسى» دەپ مازاق قىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيەلىكلەر جۇڭگو ئەرلىرىنى شۇنداق دەيدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى، بۈگۈنكى جۇڭگو ئەينى يىللىرىدىكى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ياپونىيەگە ئوخشايدۇ. ئوخشىمايدىغىنى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، ئەمما نوپۇس قۇرۇلمىسى، كىشىلەر ئارا باي – كەمبەغەللىك پەرقى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى پەرقى چوڭ، جۇڭگو ئىقتىسادى ئالدىنقى 30 يىلدا ئاستا تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، كېيىنكى 30 يىلدا ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. تەرەققىياتى تېز بولۇپ كەتكەن شەيئىلەردە تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈشى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى. بۇ ئەھۋالدا دۆلىتىمىزدىمۇ نۇرغۇن قۇرۇلما جەھەتتىكى مەسىلىلەر مەۋجۇت.
بۇ قۇرۇلما جەھەتتىكى مەسىلىلەر ھەر بىر شەخس، ھەر بىر ئائىلىگىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئائىلىلەرنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئاتىلارغا بولغان تەسىرى زور بولىدۇ. بۇ تەسىر، ئاساسلىقى، بېسىم بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى، ئەگەر بىر جەمئىيەتتە كۆپ قىسىم كىشىلەر نامرات، ئىقتىسادىي سەۋىيەسى تۆۋەن بولسا، بۇ تەسىر ئانچە چوڭ بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەمما، بىزدەك تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئوتتۇرا كىرىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە، بىر تۈركۈم ئادەم باي، بىر تۈركۈم ئادەم نامرات بولغاچقا، ئىقتىسادىي يۈكى ئېغىر بولغان ئائىلىلەر ياكى ئاتىلارغا چۈشىدىغان  بېسىم ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تارىختىن بۇيان تولۇقلاپ بولالمىغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى كەمچىلىكلەرمۇ يىغىنچاق ھالدا بىر ياكى ئىككى ئەۋلاد ئاتىلارغا ياكى ئەرلەرگە بىراقلا بېسىم بولىدۇ. بىر تەرەپتىن، بېسىم ئېغىر بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتىلار ئۆزىمۇ ھېس قىلىپ بولالمىغان مەسئۇلىيەت، ئىقتىدار جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، ھەممە ئادەم ئالغا ئىنتىلىۋاتقان، دەۋر قەدىمىگە يېتىشىپ بولالمايۋاتقان بۈگۈنكىدەك دەۋردە ئادەملەرنىڭ كەمچىلىكى تېخىمۇ كۆپىيىپ ماڭىدۇ. مېنىڭچە، بېسىم ئۈستىگە بېسىم بولۇشى، كەمچىلىكنىڭ كۆپىيىپ، ئارتۇقچىلىقلارنىڭ جارى بولماي قېلىشى سەۋەبىدىن، ئاتىلار مەسىلىسىمۇ، ئانىلار مەسىلىسىمۇ گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھەم رايونىمىزدا ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى دەپ ئويلايمەن.
بۈگۈنكىدەك ئالاھىدە دەۋردە دۆلىتىمىزدە ھەممە ئادەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش قاينىمىغا كىرىپ قالدى. ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ئورۇن جەھەتتە ھەممە ئادەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، ئۆزىنى كۆرسىتىش، قۇدرەت تېپىش، كۈچىيىش، يۇقىرىغا ئىنتىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئەسلىدە بۇ مۇۋاپىق بولسا بولاتتى. ئەمما، ھازىر بۇ بىر كۆپۈك ھالەتتە داۋاملاشماقتا. بۇمۇ كىشىلەرگە زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت تۈسىنى ئالغان نەرسىلەرگە زىيادە قىزىقىش، ئۆزىنى ئۇرۇش بىزنى ئاددىي، خاتىرجەم ياشاشتىن يىراقلاشتۇرماقتا، بىزنى چارچاتماقتا، ھالسىراتماقتا. شىمالىي ياۋروپادىكى ئەللەردە كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاددىي، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مېھىر ـ مۇھەببىتى بىلەن ياشايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ھالىتىدە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس بولۇۋاتىدۇ. ئومۇمىي مۇھىت مۇسابىقە تۈسىنى ئالغان بولغاچقا، كىشىلەر كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى ئائىلىگە، مېھىر – مۇھەببەتكە قاراتماي، جان بېقىش، پۇل تېپىش ھەلەكچىلىكىدە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.
ئەگەر مائارىپىمىزدىكى كەم بولۇۋاتقان مېھىر – مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت تەربىيەسى، ئاددىي پۇقرالىق تەربىيەسى تولۇقلانسا، ھەممە ئادەم سەر خىل بولۇشقا، زىيالىي بولۇشقا، يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىشكە زىيادە ئىنتىلىدىغان كەيپىيات مۇۋاپىقلاشسا، كىشىلەر ئارا رىقابەت پەسلەپ، مېھىر ـ مۇھەببەت چوڭقۇرلاشسا، ئاتىلار ۋۇجۇدىدىكى مېھىر – مۇھەببەت، ئاتىلىق جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يەنىلا ئاكتىپ كۈچ شەكلىدە ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بۈگۈنكىدەك مۇسابىقە مۇھىتىدا ياشاۋاتقان ئەرلەرگە ئاتىلىق، ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان شارائىت ، تەپەككۇر يۈرگۈزۈش، ئويلىنىش ئىمكانىيىتى يېتەرلىك بولمىغاچقا، نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئاتىلارغا دەيدىغىنىم ھەممە ئەرنىڭ، ھەممە ئاتىنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى شەرت ئەمەس، ھاجىتىمۇ يوق. ئەمما، ھەممە ئەر جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشالىشى، ھەممە ئاتا ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكى، ئۆمۈرلۈك ھەمراھى، ئوماق پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلالىشى، ئۇلارغا مېھىر – مۇھەببىتىنى بېرەلىشى بەك مۇھىم.



«ئەرلەر مەسئۇلىيەتچان ئاتا، ئىرادىلىك ئەر بولۇشى كېرەك»
شېرزات ياقۇپ («تەڭرىتاغ» كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك رېژىسسورى)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچى – سىرتىدا «دادام نەگە كەتتى»، «دادام قايتىپ كەلدى»، «ئىككى دادىنىڭ ھېكايىسى»، «كىچىك دادا، چوڭ دادا»، «دادىنىڭ قىزى»، «دادا، ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ» قاتارلىق بىر يۈرۈش ئاتا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھرىبانلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى پىروگراممىلار، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋە قويۇلۇپ جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بۇ پىروگرامما ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى خۇددى بىر لوپا ئەينەكتەك ئاتا – ئانىلارغا ئاتا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، پەرزەنت تەربىيەلەشتە ئاتا مېھرى ئاجىزلاشسا قانداق ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، تولۇق بولسا تەربىيەلەشتە قانداق ئۇتۇق قازىنىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇنداقتا بىر ئاتا جەمئىيەتتە ۋە ئائىلىسىدە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى قانداق بەجا كەلتۈرۈشى كېرەك؟
مېنىڭچە، بىر ئاتا ئالدى بىلەن پەرزەنتىنىڭ ھەقىقىي سىردىشى ۋە ئۇستازى، پەرزەنتىنىڭ ھاياتلىق يولىدىكى مايىكى، يول باشلىغۇچىسى، ئۇنىڭ تەربىيەلىنىشىدىكى مۇھىم تىپ بولۇشى كېرەك. ئائىلە بىزنىڭ مېھىر ـ مۇھەببىتىمىزنىڭ ئۇۋىسى، بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنىڭ قالقىنى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىخەتەر، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى جەننەت. پەرزەنت تەربىيەسى بىر ئۇزۇن جەريان، ئۇ بىر ئاتىنىڭ پەرزەنتىگە ئۇزۇن مۇددەت تەربىيە بېرىشى بىلەن بىرگە ئوخشاشلا بىر ئاتىغىمۇ پەرزەنت بىلەن بىرگە بولۇش جەريانىدا ئۇنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكلىرىنى بىلىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، رىغبەتلەندۈرىدىغان جەريان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتىدىن ئۇزۇن مەزگىللىك بىلىم تولۇقلاشنى، بالىغا ئۈلگە بولۇشنى، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئاتا بالىنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ھەربىر ھەرىكىتىنىڭ ئۈلگىسى، بالا ھەرۋاقىت ئاتىسىنى ئۈلگە قىلىدۇ. شۇڭا ئاتىنىڭ ئائىلىدىكى، تۇرمۇشتىكى مەسئۇلىيىتى شۇنداق زور، مەسئۇلىيەتنىڭ زور ۋە ياكى ئاجىز بولۇشى پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى مەسئۇلىيەتچان بولۇش – بولماسلىقىدىكى مۇھىم ئامىل. ئاتىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان تەسىرى ۋاقىتلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ئەگەر بىر ئاتا دائىم باشقىلار ئالدىدا قىلچە ئەيمەنمەستىن ماختانسا، ئۆزىنىڭ گېپىدە تۇرمىسا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىمۇ ئۇنى ئاستا – ئاستا دورايدىغان، باشقىلار ئالدىدا ماختىنىدىغان، يالغان گەپ قىلىدىغان، ئاغزىغا نېمە كەلسە شۇنى دەيدىغان، گەپ – سۆزىگە دىققەت قىلمايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاتىلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى، جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتچان ئادەم، ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان ئاتا بولۇشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا دائىم پەرزەنتى ئالدىدا ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى، ئۆزىنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، قانداق قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەنلىكىنى، قانداق نەتىجە قازانغانلىقىنى ئېيتىپ خۇشاللىقلاردىن بىرگە بەھرىلىنىشى كېرەك. مىننەتدارلىق، ئىپتىخارلىنىش ۋە خۇشاللىق ھېسسىياتى پەرزەنتكە بىر خىل مەسئۇلىيەتچانلىق ئىدىيەسىنى سىڭدۈرىدۇ، مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاكتىپلىق بىلەن مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىنىدۇ.
ئاتا ئىرادىلىك بولۇشى، پەرزەنتىگە ئىرادە باغلىغاندا، تىرىشقاندا جەمئىيەتتە ئۆز ئورنىنى تىكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئىرادىلىك ئاتا، ئىرادىلىك ئەر، مەسئۇلىيەتچان ئەر، مەسئۇلىيەتچان ئاتا بولۇشى كېرەك.
مەن بۇ يەردە سۆزۈمنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ مۇنداق بىر سۆزى بىلەن ئاياغلاشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم: «مەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ ھاياتىمدىكى ھەرقانداق ئۇتۇق پەرزەنتلىرىمگە ياخشى ئاتا بولغاچقا يەتمەيدۇ، مەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئۇل تاش بولالىشىم، ئۇلارغا ئىرادىلىك بولۇپ تىرىشىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ ئۆز ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۆگىتىشىم كېرەك. بۇ مېنىڭ ئۇلارغا بېرەلەيدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغام.»


«بىزگە سەگەك، مەسئۇلىيەتچان، بىلىملىك ئاتىلار كېرەك»
ئەلى قۇربان (دۆلەتلىك 2 ـ دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى)
مېنىڭچە، دەۋرىمىزگە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئاتىلار كېرەك:
1. سەگەك ئاتىلار كېرەك. ئادەم سەگەك، كاللىسى ئوچۇق بولۇشى كېرەك. ئەرلەر جەمئىيەتتە يېتەكچى، ئائىلىدە باش بولۇش سۈپىتى بىلەن كاللىسى ئوچۇق بولمىسا، ئەتراپىدىكىلەرنى توغرا يېتەكلىيەلمەيدۇ. بىلمىگەن ئادەم بىلگەن ئادەمگە ئەگىشىدۇ. كۆزى كۆرمەيدىغان ئادەم كۆزى كۆرىدىغان ئادەمگە ئەگىشىدۇ. بۇ بىر ئاددىي قانۇنىيەت. سەگەكلىك يەنە شۆھرەتپەرەسلىكتىن يىراق تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئەدەبىياتچىسى لىن يۈتاڭ نەرسىلەرنىڭ سايىسى ئەڭ چوڭ چۈشكەن ۋاقتى دەل قۇياشنىڭ پاتقان ۋاقتى، يەنى ئادەمنىڭ ساختا كۆرۈنۈشى، شۆھرەتپەرەسلىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ۋاقتى دەل ئادەمنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ۋاقتى دېگەنىدى. سەگەك بولۇش ئۈچۈن ئېنىق تۇرمۇش نىشانى، توغرا قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى بولۇشى كېرەك. شۇندىلا پەرزەنتلىرىمىز ئېنىق، سەگەك بولغان مۇھىتتا ساغلام چوڭ بولالايدۇ.
2. مەسئۇلىيەتچان ئاتىلار كېرەك. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەر، بېسىملار پەيدا بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنى، بېسىملارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمىگەندە، كىشىلەردە دەرھال تۆگىقۇش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە تۆگىقۇش بوران – چاپقۇن ياكى كۈشەندىسىگە ئۇچرىسا، بېشىنى قۇم ئىچىگە تىقىۋالىدۇ. كۆرمەسكە سېلىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلدىم دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۆگىقۇش پىسخىكىسى مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ ياكى قىيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ. بەزى كىشىلەر بېسىمغا ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بېشىنى تىقىۋالىدۇ، ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ماددا ئارقىلىق ياكى ئاڭدا ئۆزىنى مەست قىلىۋېلىپ، باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ، ئېنىقكى، بۇ پەقەت مەسىلىنى چوڭايتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئاتىلار مەسىلىلەرنى، بېسىملارنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى، ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىشى، ھەر بىر قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەريانىدا ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلىشى كېرەك. ئادەم ئالدىراش بولىدۇ. ئەمما ئالدىراشلىقنىڭمۇ دەرىجىسى بولىدۇ. بۇنىڭدا نېمىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش مەسىلىسى مەۋجۇت. ئەلۋەتتە، ئەرلەرمۇ ئائىلىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. ئاتىلار ئائىلىدە بالىلار بىلەن قانچە كۆپ بىللە بولسا، ئائىلىگە قانچە كۆڭۈل بۆلسە، بالىنىڭ پىسخىكىسى شۇنچىلىك ساغلام بولىدۇ، گەرچە ئانىلار بالىلارنىڭ نۇرغۇن ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرالىسىمۇ، ئاتىنىڭ رولىنى مەڭگۈ ئالالمايدۇ. پىسخولوگىيە تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاتىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىگە قېنىپ چوڭ بولغان قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى يۇقىرى بولىدۇ، ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدۇ. ئاتا بىلەن كۆپ بىللە بولغان ئوغۇل بالىنىڭ ئاتىلىق، جاسارەت، غەيرەت كۆرسەتكۈچلىرى يۇقىرى بولىدۇ. دېمەك، بۇلارمۇ مەسئۇلىيەتچان ئەر ۋە ئاتىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىك.
3. بىلىملىك ئاتىلار كېرەك. بىز پىسخىكىدا داۋاملىق دەيدىغان كەيپىياتنى تىزگىنلەش بىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەم بىلمىگەندە، كەيپىياتنى تەبىئىيلا تىزگىنلىيەلمەيدۇ. مەسىلەن، بىر قوشۇق تۇزنى بىر ئىستاكان سۇغا تۆكسەك، سۇ تۇزلۇق بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما، بىر قوشۇق تۇزنى كۆلگە تۆكسەك، كۆل سۈيىگە تەسىرمۇ قىلالمايدۇ. دېمەك، بۇ يەردىكى مەسىلە بىر قوشۇق تۇز بولماستىن، بەلكى ئادەمنىڭ كىچىكلەپ ئىستاكانغا ياكى چوڭىيىپ كۆلگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىدە. ئادەم بىلىملىك بولسا، كۆلگە ئايلىنىدۇ، ئۇ كۆلگە ئايلانغاندا، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق تۇز ئەمەس، بىر خالتا تۇزمۇ تەسىر قىلالمايدۇ. ئەرلەر بىلىملىك بولسا قىيىنچىلىققا ئاسان باش ئەگمەيدىغان، ئاسان يىقىلمايدىغان، يىقىلسىمۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتەلەيدىغان بولىدۇ. ئادەم بىلمىگەن ۋاقىتتا مەست يۈرىدۇ. بۇ يەردىكى مەستلىك جىسمانىي مەستلىك بولماستىن، مېتافىزىكىلىق مەستلىك، يەنى روھىيەتتىكى مەستلىك. بۇ خىل مەستلىك، «ئۇيقۇ» ھالىتىدە ئادەملەر بىلىپ ـ  بىلمەي نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قالىدۇ، پەرزەنت تەربىيەسىدىمۇ بالىلارنى خاتا يېتەكلەپ قويىدۇ.

(بۇ بەتتىكى ماقالىلەرنى ئۆز مۇخبىرلىرىمىز شادىيە ئامانۇللا، گۈلبوستان غۇلام، ئالىيە ئەبەيدۇللا، روشەن ئىسمايىل، دىلشاد غوجائەھمەد، قەيسەر ساۋۇت قاتارلىقلار تەييارلىغان)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-27 07:12 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98102
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2013-9-22
ئاخىرقى: 2015-6-27
2#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
  ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى ئاتا،
  پەرزەنتلەر يۆلىكى ئاتا.
  ئاتا قىلغاچ ئاتا ئاتالغان،
  مۇھاببەتنىڭ سولتانى ئاتا.

   سەۋىرچانلار مۇئەللىمى سەن،
   پەرزەنتلەردە يوقتۇر شۇڭا غەم.
   «ئاتا!»دېسە ئىپتۇخارلىنىپ،
   لىق تويۇنار دىلغا تاتلىق تەم.

    ___خىسلەت.

    ئېسىل تېمىڭىزغا رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103257
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 964
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2015-7-3
3#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ساقلىۋىلىشقا تېگىشلىك نادىر تېمىكەن ، يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .

[color=Blue]بۈگۈنكى تېرىشماسلىق - ئەتىكى مۇھتاجلىققا رازى بولغانلىق .[/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-7-3
4#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
تەشەككۈر سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101719
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2014-1-3
ئاخىرقى: 2015-7-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ ، مۇشۇنداق تېمىلار كۆپرەك يوللىنىپ تۇرسا  ياخشى بۇلاتتى . ئەجرىڭىزگە رەخمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 121420
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2015-6-16
ئاخىرقى: 2015-6-28
6#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
تولىمۇ مەنىلىك  تەربىۋى ئەھمىيىتى ياخشى تيمىكەن  

ئەقىلسىز دوستۇڭ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3629
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32540
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3810 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-7-4
7#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
          بۇ  بەك ياخشى يىزىلغان ماقالە بوپتۇ   ئەرلەر دىگەن ئۆينىڭ تۈۋرىكى ، ئايالىنىڭ يۈرۈكۈ ،  ئەرلەر مۇشۇ مەسسۇلىيەتنى تونۇسا بولاتتى ،نامراتلىقتىنمۇ يامىنى مەسسۇلىيەتسىزلىك ، مەسسۇلىيەتسىزلىك بىر ئەمەس بىر قانچە ئەۋلاتنى زىيانغا ئۇچۇرتىدۇ ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4247
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20074
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1720 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-7-3
8#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بۇ تېمىنى مىسرانىم مۇنبىرىدە كۆرگەنلىكىمدىن خۇشالمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105039
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 587
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-7-4
9#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى-  ئۇنداق-مۇنداق بوش مەسئۇلىيەت ئەمەس .…

بەزىدە ئويلىغانسېرى خىيال دېڭىزىغا چۆكۈپلا كېتىمەن . تۇرۇپلا  بىرخىل ئەنسىزلىك ھەم ۋەھىمە چىرمىۋالىدۇ .

ئويلاپ باقسام دۇنيادا ئاسان ئىشمۇ يوقكەن .لېكىن تەس دېگەندە دۇنيادا ھەممىدىن بىر لاياقەتلىك ئاتا بولماق تەس ئوخشايدۇ .

« ئەسسالامۇئەلەيكۇم » مانابۇ ، مەن ئەڭ ياختۇرىدىغان سۆز .
Rid بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
10#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش