قارا ئۆمۈچۈكنى تونۇش ۋە قارا ئۆمۈچۈكنىڭ چېقىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا
قارا ئۈمۈچۈك يەنى بىر ئىسمى قارا تۇل خوتۇن رەڭگى قارا تۈكسىز مىڭىشى ئاستا ئۆتكۈر زەھەرلىك ھاشارەت زەھىرى يىلان ،چاياندىن 18 ھەسسە كۈچلۈك ئەڭ زەھەرلىك ھاشارەت .تارقىلىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى رايونىمىز شەھەر يېزىلاردىمۇ بار يېزىلاردىكى ئېرىق ياقىلىرىدا تام تۈۋىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ كۆپرەك چىكەتكە،قۇڭغۇر قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ . تۆۋەندىكى رايونىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان زەھەر قارا ئۈمۈچۈك
بۈگۈن ئەتىگەن يېزىغا چۈشىدىغان ئىشىم چىقىپ قېلىپ ئوت -چۆپلەر ئارىىسىدىن ئۇچراپ قالدى .تۆۋەندىكى ئۇنىڭ رەسىمى
تىلفۇندا تارتقان سەل تۇتۇق بۇلۇپ قالدى . شۇنداقتىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بۇلىدۇ .
ئۈمۈچۈك چاققاندىكى ئالامەتلەر ئۆمۈچۈك چاققان جاي ،قاپارتچۇق بۇلىدۇ . قىزىش كۆڭلى ئېلىش ،يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىش ،بەدەن ئىشىش ،دىمى سىقىلىش،نەپەس سىقىلىش ئالامەتلىرى بۇلىدۇ . ئېغىر بولغاندا
ئۈلۈم خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
بىر نەچچە بىمار شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ ساقايغان .مىنىڭ بىر نەۋرە ئاچامنىمۇ بۇ زەھەرلىك ھاشارەت چېقىۋېلىپ دۇختۇرخانىدا بىر ئاي داۋالىنىش قىلىپ ساقايدى .
ئۆمۈچۈك مۇتەخەسىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، " قارا تۇل خۇتۇن " پەقەت باشقىلاردىن خەۋپ ھېس قىلغاندا ئاندىن ھۇجۇمىغا ئۈتىدىكەن ؛ قارا ئۆمۈچۈك چىشلىگەن ھامان يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ، شۇنداق قىلغاندا ياللۇغىلىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
ئالدىنى ئېلىش :
دىھقان چارۋىچى دوسلار ئوت چۆپ ئورىغاندا پۇتىغا رەزىنگە ئۈتۈك كىيىۋېلىش،ئوت چۆپنى تېز ئېلىش، ئوت ئورۇۋاتقاندا خىيال سۈرۈپ تۇرماسلىق .كۆرگەن ھامان ئاياق بىلەن دەسسەپ ئۆلتۈرۋېتىش كېرەك . ئۈمۈچۈك چاققان ھامان ھۇدۇقۇپ كەتمەي،ۋاقتىدا تۇز سۈيى ياكى ئىسپىت بىلەن يۇيۇۋېتىش ،كالا سۈتىنى قاينىتىپ ئىچىش ياكى ئىمكانىيەت يار بەرسە چاققان ئورۇننى ئازراق كىسپ كوزا قويۇپ زەھەرنى تارتىپ چىقىرۋېتىش ئاندىن ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك .
باشقا تور بەت ۋە سالونلاردا كۈچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بۇلىدۇ لېكىن تىما مەنبەسى ۋە تېما يوللۇغۇچىنى ئۇنتۇپ قالماڭ
شىپا ئۇيغۇر دورا ساغلاملىق تاللا بازىرى http://xipa.taobao.com تاۋباۋ تارماق دۇكىندىن شىپا
شىپا xipabiz سالوندىن ئېلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alnurum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-27 04:02 PM