مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1001|ئىنكاس: 0

ئۆز  تارىخىمىز  ( تارىخىي ئەمىنى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سېنىڭ بۈيۈك نىشانلىرىڭ بار !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7432
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8425
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 03:52:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەتىللىك دەم ئېلىش بولغاچقا يا قىلغىلى ئىش يوق ، بىكارچىلىقتا زېرىكىپ يۈرەتتىم ، تۇيۇقسىز بىر دوستۇمنىڭ كۆرۈپ باقە بەك ياخشى يېزىلغان كىتاپ ئىكەن دەپ بەرگەن << تارىخىي ئەمىنىيە >> ناملىق كىتابى ئىسىمگە كېلىپ قالدى . ئوقۇپ كۆردۈم ، ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلغان كىتاپكەن ، شۇڭا تورداشلار بىلەن بىرگە بەھىرلىنەيمىكىن دەپ بۇ تېمىنى يوللىشىم ، ياقتۇرامسىلەركىن بىلمىدىم ، ئۆزىڭىزنىڭ مىللىتىنىڭ تارىخىغا قىزىقسىڭىز بىر ئوقۇپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن . قېنى ئەمىسە كىتاپنىڭ مەزمۇنىغا كېلەيلى .(  مەن پەقەت بۇ كىتاپنىڭ سۆز بېشى ۋە مۇقەددىمە قىسىمىنىلا يوللىدىم. كىتاپنىڭ مەزمۇنىغا قىزىققانلار تولۇقلاپ ئوقىۋىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ خاتىمە قىسىمىنى يوللىماسلىقنى قارار قىلدىم.  توغرا چۈشەنگەيسىلەر .)



  
                                              تارىخىي ئەمىنىيە                                

                      
موللا مۇسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ << تارىخىي ئەمىنىيە>> سى

موللا مۇسا سايرامى ( موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى ) 1836_ يىلى 8_ئاينىڭ 23_ كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيىسىگە تەۋە سايرام رايونىنىڭ ئانىقىز يېزىسى توغايلا مەھەللىسىدە بىر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .
موللا مۇسا سايرامى 1847_ يىلى 9_ئايدا ، دادىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كۇچادىكى ساقساق مەدرىسىدە ئوقۇيدۇ . ئەدەبىيات ، تارىخ ، كالېندارچىلىق ، ئاستورنومىيە ، گىرامماتىكا ، ماتىماتىكا ۋە ئىسلانىيەت بىلىملىرىنى ئوقۇيدۇ . ئەرەپ ، پارس ، ئوردۇ تىللىرىنى ئۆگىنىپ ، ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا زور ئۇتۇق قازىنىدۇ .1854_يىلى موللا مۇسا سايرامى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بايغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە سايرام مەدرىسىدە مۇدەرىسلىك قىلىدۇ . موللا مۇسا سايرامى ⅩⅠⅩ ئەسىرنىڭ 80_ يىللىرىدىن باشلاپ بىر قاتار ئىلمىي ئىجادىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى يىزىپ چىقىدۇ . ئۇ يازغان ئەسەرلەر ئىچىدە << تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا >> ( ئەۋلىيالار تەزكىرىسى ) ، << دەربەيان ئەسھەبۇلكەھف >> ( ئەسھەبۇلكەف ھەققىدە بايان ) ، << تارىخىي ئەمىنىيە>> ، << تارىخىي ھەمىدىيە>> ، << قەسىدەئى سىدىق >> ، << غەزەلىيات >> ، << سالامنامە >> قاتارلىق تارىخ ، ئەدەبىياتقا ئائىت ئەدسەرلەر بار .
<< تارىخىي ئەمىنىيە>> 1903_ يىلى يېزىلغان . 1904_ روسىيىنىڭ قازان شەھىرىدىكى << مەدرىسەئى ئۇلۇم >> مەتبەئەسىدە بىسىلغان . قولىڭىزدىكى بۇ كىتاپ ئاشۇ  نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئۆزگەرتىپ نەشىر قىلىندى . بۇ كىتاپ << سۆز بېشى >> ، << مۇقەددىمە >> ، << داستان >> ، << خاتىمە >> دېگەن قىسىملارغا بۆلۈنگەن . ئەسەرنىڭ <<تارىخىي ئەمىنىيە>> دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپنى ئاپتور : << بۇ كىتاپنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋاقتىمدا بۇ يۇرىتلاردا دۈشمەنلىك ، ئاداۋەت ، پاراكەندىچىلىك تۈگەپ ، تىنىچلىق ۋە خاتىرجەملىك قارار تاپقانىدى ، شۇڭا ، بۇ كىتاپنى < تارىخىي ئەمىنىيە>دەپ ئاتىدىم دەپ ئىزاھلايدۇ .
<<مۇقەددىمە>> ئۈچ باپتىن تۈزۈلگەن ، ئاپتور بۇ بابلاردا كىتاپخانلارنى يەتتە شەھەر (جەنۇبىي شىنجاڭ ) ھەققىدىكى مول خەۋەرلەردىن خەۋەردار قىلىدۇ . ئاپتور ئۆزى ئىگىلىگەن مول جۇغراپىيىۋى ، تارىخىي بىلىملەر بىلەن چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىن ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمىرانلىق قىلغان چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكىمىرانلىقىدىكى شىنجاڭنىڭ تارىخى ھەققىدە ، تۇغلۇق تېمۇرخان ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلادلىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تارىخى ھەققىدە .كېيىنكى چاغلاردا سىياسىي مەقسەتنى كۇلاھ ، جەندە بىلەن يوشۇرۇپ ، بۇ تەرەپلەرگە ئۆتكەن نەمەنگانلىق خوجىلارنىڭ سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇش يولىدىكى سۈيقەسىتلىك ھەرىكەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ھاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغانلىقى توغرىسىدا ، ھىدايىتۇللا ئىشان ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يېغىلىقلار ، ئېشان - سوپىلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى جاھالەتتە قالدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان ئىستىلاچىلىق ئۇرۇشلىرى ، مانجۇ ئىستىبىداتىغا قارشى قوزغالغان ، رەھىمىتۇللا بەگ ، ئەسمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى ئۈچتۇرپان <<جىگدە يېغىلىقى>> قاتارلىقلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ .
<< داستان >> قىسىمى بىرىنچى داستان ، ئىككىنچى داستان دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن . بىرىنچى  داستاندا ئۇلۇغ تەيپىڭ - تىيەنگو دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە ، 1884_ يىلى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مانجۇلارنىڭ ھۆكىمىرانلىقىغا قارشى پارتىلىغان خەلىق قوزغىلاڭلىرى بىر _ بىرلەپ بايان قىلىنغان .
ئىككىنچى داستان قىسىمىدا بولسا ، ئاپتۇر مەخسۇس ياقۇپبەگ ئۈستىدە توختىلىپ ، ئۇنىڭ يەتتە شەھەردە قىلغان - ئەتكەنلىرى ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىي شىجاڭدا كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر تەپسىلي بايان قىلىنغان . << خاتىمە >> قىسىمىدا ئاپتور يەتتە شەھەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالىدىن ئومۇمىيۈزلۈك مەلۇمات بەرگەن .

<< تارىخىي ئەمىنىيە>> ئاپتور شىنجاڭنىڭ يىقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنى ئۆز رېتى بويىچە يېزىپ ، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەلەر ئۈستىدىكى مۇھاكىمىسى ، مۇلاھىزىسى ۋە كۆز قاراشلىرىنى يىغىنچاقلاپ كىتاپخانلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان . << تارىخىي ئەمىنىيە>> دە بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ، بولۇپمۇ 1864_ يىلدىن كېيىن ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ئاپتورنىڭ بىۋاستە كۆزەتكەن ياكى ئاڭلاپ تەھقىقلىغان ماتىرىياللىرىغا ئاساسەن يېزىلغان بولغاچقا ، بۇ ئەسەر شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ، بولۇپمۇ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە .

<< تارىخىي ئەمىنىيە>> ئاپتور شىنجاڭنىڭ يىقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنى ئۆز رېتى بويىچە يېزىپ ، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەلەر ئۈستىدىكى مۇھاكىمىسى ، مۇلاھىزىسى ۋە كۆز قاراشلىرىنى يىغىنچاقلاپ كىتاپخانلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان . << تارىخىي ئەمىنىيە>> دە بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ، بولۇپمۇ 1864_ يىلدىن كېيىن ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى ئاپتورنىڭ بىۋاستە كۆزەتكەن ياكى ئاڭلاپ تەھقىقلىغان ماتىرىياللىرىغا ئاساسەن يېزىلغان بولغاچقا ، بۇ ئەسەر شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ، بولۇپمۇ ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە .ئاپتور << تارىخىي ئەمىنىيە >> دېگەن كىتابىدا بىزنى مول،  بىرىنچى قول ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئاپتورنىڭ تارىخ قارىشىنىڭ چەكلىمىلىكى ، مەسىلىلەرنى كۆزىتىشىدىكى ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ئەسەردە يەنە بىر مۇنچىلىغان نۇقسانلارمۇ ساقلانغان . مەسىلەن، ئاپتور چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى پاش قىلىش بىلەن بىرگە ، ھۆكىمىرانلار سىنىپى بىلەن ئادەتتىكى خەنزۇ خەلقىنى ئارلاشتۇرىۋەتكەن. ئاپتور شىنجاڭنىڭ قەدىمكى تارىخى ۋە دۆلىتىمىزدىكى باشقا مىللەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندە، بىر قىسىم رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلغان. ئاپتور جايلاردا قوزغالغان خەلىق قوزغىلاڭلىرىنى تەكشۈرگەندە، بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ تۈپكى سىنىپىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرەلمەي، ئۇنىڭغا قويۇق دىنىي تۈس بەرگەن. بۇ قوزغىلاڭلارنى قانداقتۇر، << مۇسۇلمانلار>>نىڭ << كاپىر>> ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان <<Hazat>> لىرى دەۋالغان ۋە باشقىلار. ماۋزىدۇڭ:<< قەدىمكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەتلەش جەريانىدا ، ئۇنىڭ فىئوداللىق شاكىلىنى چىقىرىۋىتىپ، دىمكۇراتىك جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىش لازىم. بۇ مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىللىي ئىشەنىچنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتى. لېكىن، زادىلا تەنقىدسىز يىغىۋىلىپ ساقلىماسلىق لازىم>> دەپ كۆرسەتكەنىدى. ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتاپنى ئوقۇغاندا چوقۇم بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك . ( مۇھەررىردىن )
                                                          سۆز بېشى
       بىسسىمىللاھىر رەھمانىر رەھىم(ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك اللە نىڭ نامى بىلەن باشلايمەن) 
سان - ساناقسىز ماختاشلار ئۆز - ئۆزىدىن بار بولغان ئۇلۇغ تەڭرىمگە خاس ، ئۇ كىشىلەر چۈشىنەلمەيدىغان بارلىق شەيئىلەرنى ئۆز ھېكمىتى بىلەن يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈردى . پۈتۈن ئالەمنىڭ پادىشاھى بولغان تەڭرىمگە چەكسىز ئالقىشلار ياغدۇرىمەن . ئۆز قۇدرىتى بىلەن پادىشاھنىڭ تاجىنى خالىسا بىراۋغا بەردى ، خالىسا بىراۋدىن ئالدى، پۈتۈن ئىنسانلارنى ئىدارە قىلىشنى ئىقتىدارلىق پادىشاھلارنىڭ تەدبىرى ۋە سىياسىتىگە تاپشۇردى .
                                                           رۇبائىي
                                       زاتىكى سىفاتى ئانىڭ قۇلھىۋەللاھۇ ئەھەد،
                                      ھەييىكى بى لاتەئامدۇر ئاللا  ھۇسسەمەد .
                                      فەردىكى ئاڭا يوق ۋالىد نە ۋەلەد ،
                                      ۋە تىرىكتۇر لەميەكۇن لەھۇ كۇفۇۋەن ئەھەد .
(مەنسى : تەڭرىنىڭ سۈپىتى شۇكى ، ئۇ بىر ، تىرىك ، ئەمما تاماق يىمەيدۇ ، مۇھتاج بولمايدۇ ، تۇغۇلمىغان ۋە تۇغمايدۇ ، يەككە - يىگانە ھايات بولۇپ ، مەڭگۈ يوقالمايدۇ .)
تەڭرىنىڭ ئەلچىسى بولۇش شەرىپىگە ئىگە بولغان پەيغەمبىرىمىزگە پاك ۋە غەرەزسىز سالام ھەم ياخشى تىلەكلىرىمىز چېچىلسۇن ، ئۇنىڭ روھى ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلىشتىنمۇ بۇرۇن مەۋجۈت ئىدى .
ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۈگىمەس رەھمەتلەر بولسۇن . تەڭرىم قۇرئاندا <<ۋەما ئەرسەلناكە ئىللا رەھمەتەل لىلئالەمىن >> (سېنى پۈتۈن ئالەمگە شەپقەتچى قىلىپ ئەۋەتتىم ) دېگەنىدى .
 
                                                              نەزم
                                            شاھى ئەرەنى قىبلەئى ھاجات  ،
                                           ئايىنە زات ئۆلدى مىرئاتى سىفات .
                                          كىم پەيرەۋ ئەتسە ئاڭا ئەللۇدەرەجات،
                                           لا زال  ئەلەيھى  زەكىيات  سەلەۋات .
 ( مەنىسى : ئەرەپلەرنىڭ پادىشاھى ۋە تەلمۈرۈپ قارايدىغان كىشىسەن ، سېنىڭ سۈپەتلىرىڭ ئىنسانىيەتكە ئەينەك بولدى . كىم سېنىڭ يولۇڭغا ماڭسا ئالىي مەرتىۋىگە ئېرىشىدۇ . ساڭا ئېيىتقان سالام ۋە رەھمەتلەر ھەرگىز زايە كەتمەيدۇ .)
پەيغەمبىرىمىزگە ھەممىدىن بۇرۇن دوسىت بولغان ھەزرىتى ئابابەكرىگە ، ئادالەتنىڭ ئاپتىپى ھەزرىتى ئۆمەرگە ، سېخىيلىق ، مۇلايىملىق ، ھايا ۋە نۇمۇسنىڭ كانى ، << قۇرئان >> نى توپلاپ كىتاپ قىلىپ چىققۇچى ھەزرىتى ئوسمانغا ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى تەڭرىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان ، ھەمىشە غەلبە قىلىدىغان ھەزرىتى ئەلىگە ، بارلىق مۇسۇلمانلارغا ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىلىرى ھەمزە ھەم ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا (تەڭرى ئۇلاردىن رازى بولسۇن دېگەن مەنىدە )، ساھابىلەرگە ( پەيغەمبىرىمىز ھايات ۋاقتىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ، خىزمىتىدە بولغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ ) پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرىغا ۋە ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈ ، كۆپتىن - كۆپ سالام ۋە رەھمەتلەر ئېيتىمەن .
جاھاندىكى ئەقىل - ئىدراك ئىگىسى بولغان پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ساغلام نەزەرلىرىگە ، دەۋرىمىزدىكى كامالەتكە يەتكەن ئالىملارنىڭ قۇياشتەك نۇر چېچىپ تۇرىدىغان ئادالەتلىك پاراسەتلىرىگە گۇناھ ۋە خاتالىقلىرى نۇرغۇن ، ئاجىزلارنىڭ ئاجىزى ، ئادەم ئەۋلادىنىڭ كەمتىرى ، بەندىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋىنى ، كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن تاشقىرى ، بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا نام - نىشانسىز ياشاپ كېلىۋاتقان موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا سايرامى شۇنى بايان قىلىمەنكى ، ئالىم ۋە پازىللارنى دوسىت تۇتقۇچى ، كەمبەغەل - ئاجىزلارغا باشپاناھ بولغۇچى ، ئادالەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ، پۇقرالارنىڭ غېمىنى يىگۈچى مۇھەممەد ئىمىن باي ئاقساقال دادخاھ بىننى مۇھەممەد ئالىمباي مەرغۇلانى ( دۆلەت ۋە ئىسىم - نەسەبلىرى مەڭگۈ ئۆچمىسۇن ) مەندەك كەمىنە ئاجىزغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى : << سەن گەپ _ سۆز ۋە تىل جەھەتتە نادان ، پەم - پاراسەتتە چەكلىك ، خاتا ۋە نۇقسانلىرىڭ كۆپ . لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ ياخشى ئەخلاق ، يامان سۈپەتلىرىدىن ئاز تولا خەۋىرىڭ بار . موغۇلىستان ۋە يەتتە شەھەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بولۇپمۇ سەن بىلەن بىز ئەقلىمىزگە كەلگەندىن بېرى كۇچالىق خوجىلارنىڭ بۇ يۇرىتلاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان غەيرىي دىندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ Hazat قىلغانلىقى ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىپ قانچىلىك ۋاقىت ھۆكىمىرانلىق قىلغانلىقى ۋە قاچان دۆلەت ئاپتىپى ئۆچۈپ مەغلۇپ بولغانلىقى ، مۇغۇلىستانغا __ يەتتە شەھەرگە مۇھەممەد ياقۇپبەگ ئاتلىق غازىنىڭ ( كىتاپتا ياقۇپبەگ بەزىدە << بەدۆلەت>> بەزىدە << ئاتلىق غازى >> يەنە بەزى جايلاردا << قوشبىگى>> دەپ ئېلىنغان ) قاچان ھۆكىمىران بولغانلىقى ، ئۇ چاغدا قانداق ئاجايىپ _ غارايىپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ، قاچان بېيجىڭ چىرىكلىرى يەتتە شەھەرگە كېلىپ يەتتە شەھەر خەلقىنىڭ بېشىدىكى ئىسلام قۇياشىنى ئۆچۈرۈپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا زۇلمەت بۇلۇتلىرىنىڭ كۆتىرىلگەنلىكى ۋە باشقا ھادىسە- ۋەقەلەر ئۈستىدە بىرەر كىشىنىڭ تارىخ يېزىپ قالدۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس . شۇڭا سەن كۇچالىق خوجىلارنىڭ Hazatى ۋە ئاتلىق غازى ھۆكىمىرانلىقىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ ئاخىرلىنىشىغىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخ كىتاپ يېزىپ چىققىن . خوجىلارنىڭ جەڭلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يۇرىتنى ئىدارە قىلىش ئەھۋالى ۋە ياقۇپبەگنىڭ قىلغان Hazatىلىرى ۋە ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىش ئۇسۇللىرى ، ياقۇپبەگ ھۆكىمىرانلىقىنىڭ مەغلۇبىيىتى ھەققىدىكى ۋەقەلەر خەلىقنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىسۇن ، بىزنىڭ نام-نەسلىرىمىزمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتمەي مەڭگۈ يادىكار قالسۇن . بۇنى ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغانلار غازىلارنىڭ ، شېھىتلەرنىڭ شۇنداقلا سېنىڭ ۋە بىزنىڭ ھەققىمىزگە دۇئا قىلسا ، كۆپچىلىكنىڭ دۇئالىرى ئىجابەت بولۇپ رەھىم - شەپقەتلىك تەڭرىم گۇنالىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىۋەتسە ئەجەپ ئەمەس . <باشقىلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا دالالەت قىلغۇچى ، شۇ ئىشنى قىلغۇچى بىلەن ئوخشاش ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ > دېگەن ھەدىسنىڭ (پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزلىرى ھەدىس دېيىلىدۇ ) روھى بويىچە، مەنمۇ بۇ خاسىيەتلىك ئىشنىڭ شاراپىتىدىن بەھرىمەن بولسام .>>
ئەمما مەن :<< مەن كۈندىلىك تۇرمۇش غېمىگە گىرىپتار بولغان ،خار-زارلىقتا تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئاجىز بىر كىشى . ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ قىلغان جەڭلىرى ، يۇرىت سوراپ پۇقرالارنى ئىدارە قىلغان ئەھۋالى ، بولۇپمۇ ئاتلىق غازىدەك ئالەمگە داڭقى كەتكەن ، پادىشاھلىق شانۇ - شەۋكىتى بىلەن پەخىرلەنگەن بىر كىشىنىڭ ھۆكىمىرانلىقى توغرىسىدا كىتاپ يېزىشقا ، ئېغىز ئېچىشقا ، قەلەم يۈرگۈزمەككە ھەددىم يوق ھەم ئۇنداق جۈرئەت ۋە يۈرەك ، ئىقتىدار ۋە قابىليەتمۇ يوق . كۇچالىق خۇجىلارنىڭ ئىسلام ئاچقان ۋاقتىدىن ھازىرغىچە قىرىق يىل ئۆتۈپتۇ . بولغان ۋەقەلەر ، يۈز بەرگەن ھادىسلەر كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرىلىپ كەتتى . شۇ ۋەقەگە قاتناشقان ياكى ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۆلۈپ تۈگىدى . خەلىق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن پارچە - پۇرات ھېكايە ، قىسسەلەرنى توپلاپ ، بىر - بىرىگە سېلىشتۇرۇپ توغرىراقىنى تېپىپ چىقماق مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس>> دېدىم ۋە << سېخى كىشىلەر ئۆزىنى قوبۇل قىلىدۇ >> دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۆزرە ئېيىتتىم . بىر نەچچە جان دوسىتلىرىم ۋە پىشقەدەم يار-بۇرادەرلەر يىغىلىپ :<< ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ ، مۇھەممەد ئىمىن دادخاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ ، تەڭرىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جىنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنىڭ ۋەقەلىرىنى توپلاپ كىتاپ قىلساڭ ، بۇ كىتاپنى ئوقۇغان كىشىلەر شېھىتلەرنىڭ نامىنى يادلاپ دۇئا قىلسا <ياخشى ئىش قىلغۇچىغا تەڭرىم كۆپ ئەجىر بېرىدۇ .كىشىلەرمۇ ياخشى سۈپەت بىلەن ئۇلارنى ماختايدۇ > دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ، سەنمۇ قۇرۇق قالماس ئىدىڭ > دېدى . مەن يار-بۇرادەرلىرىمنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ھەقىقەت دەپ بىلىپ ، ئۇلارنىڭ سۆز گۆھەرلىرىنى تاشقا ئۇرۇپ ئىتبارسىز قالدۇرۇشنى مۇناسىپ كۆرمىدىم ۋە مۇشۇنداق زور كىتاپنى يېزىپ چىقىشنى ئۈستۈمگە ئېلىپ ، ئۆزۈمنى باشقىلارنىڭ مالامەت ئۇقىغا نىشانە قىلدىم.
<<قىلىنغان ئىلتىماس سېخىي كىشىلەرنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل بولىدۇ >> دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ، بىلىپ ياكى بىلمەي ئۆتكۈزگەن كەمچىلىك ، خاتالىقلىرىمنى ئوقۇغان ۋە ئىشىتكەنلەرنىڭ ئەپۇ ئېتىكى بىلەن يېپىپ ، سېخىي قەلەملىرى بىلەن تۈزۈتۈشنى ئۈمۈد قىلمەن .
چۈنكى << ياخشى ئىشقا تەڭرىم كاتتا ئەجىر بېرىدۇ ، خالايىقمۇ رەھمەت ئېيتىدۇ >>دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ، كەمىنە ئاز - تولا بەھىر يېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن ئارزۇ بىلەن ئىشەنىچلىك تارىخ كىتاپلىرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلىنىپ ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان سۈرۈشتۈرۈپ سوراپ ، مۈجىمەل ، پارچە - پۇرات ھېكايە ،  قىسسە ، رىۋايەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ ، راسىت ۋە ئېنىقلىرىنى تاللاپ ، بۇ كىتاپنى يېزىپ چىقتىم .
بۇ كىتاپنىڭ يېزىلىشىغا بىرى ، مۇھەممەد ئىمىن دادخاھ دېگەن كىشى سەۋەپ بولغان . يەنە بىرى ، بۇ كىتاپنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋاقتىمدا بۇ يۇرىتلاردا دۈشمەنلىك ، ئاداۋەت ، پاراكەندىچىلىك تۈگەپ ، تىنىچلىق ۋە خاتىرجەملىك قارار تاپقانىدى ، شۇڭا ، بۇ كىتاپنى < تارىخىي ئەمىنىيە>دەپ ئاتىدىم ۋە مۇقەددىمە ، خاتىمە بىلەن تاماملاشنى نىيەت قىلدىم .
دىيانەتلىك يازغۇچىلار ياكى يازغۇچىلار بۇ كىتابىمنى كۆرگەندە ياكى ئوقۇغاندا كەمىنە خار - زار ئىتبارسىز كىشىنى ئىجابەتلىك دۇئا بىلەن ئەسكە ئېلىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئىلتىماس قىلىپ ، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىشنى باشلىدىم .
ئۇلۇغ تەڭرىم ! سېخىيلىق سۈپىتىڭنىڭ ھۆرمىتى بىلەن مېنىڭ مۇشۇ ئىشىمنى ئاسان قىلىشىڭنى تىلەيمەن. چۈنكى سەن ئەڭ سېخىي ۋە ئەڭ رەھىملىكسەن . تەڭرى ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىجاسىنى جەزمەن ئىجابەت قىلغۇچىدۇر .
                                    *                            *                         *
ئىككىنچى ئادەم ( بۇ يەردىكى ئادەم ئادەم ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدۇ .) __ نوھ پەيغەمبەردىن مۇشۇ كۈنگىچە مۇغۇلىستان (ئاپتور مۇشۇ ئەسىرىدە شىنجاڭنى << موغۇلىستان >> دەپ ئاتىغان .) ۋە يەتتە شەھەردە (خوتەن ، يەكەن ، قەشقەر ، ئۈچتۇرپان ، ئاقسۇ ، كۇچا ، تۇرپاندىن ئىبارەت يەتتە شەھەرنى كۆرسىتىدۇ .) يۈز بەرگەن ئەھۋاللار، بۇ يەرلەرگە ھۆكىمىرانلىق قىلغان گورۇھلار توغرىسىدىكى ئەھۋاللار ، بۇ يەرنىڭ << موغۇلىيە>>دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ ، مۇسۇلمان خانلارنىڭ نەسەبى ، يەتتە شەھەرنىڭ خاقانى چىنغا تەۋە بولىشى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي بايانى __ مۇقەددىمە ، ئىككى باب ۋە خاتىمىدىن تەركىب تاپقان بىر كىتاپ قىلىندى  .
بۇ كىتاپ نىكولاي پانتىسوفنىڭ ياردىمى بىلەن بېسىپ چىقىلدى .
قازان 1904_ يىلى(ھىجرىيە 1322 _ يىلى) << مەدرىسەئى ئۇلۇم >> باسمىخانىسىدا بېسىلدى .

                                                              مۇقەددىمە
موغۇلىستان ( يەتتە شەھەر ) نىڭ ئەھۋالى ۋە بۇ جايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ؛ بۇ يۇرىتقا كىملەرنىڭ ھۆكىمىرانلىق قىلغانلىقى ۋە << موغۇلىيە >> دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەپلىرى ؛ بۇ يەردە ئۆتكەن مۇسۇلمان خانلىرىنىڭ نەسەبىلىرى ؛ خاقانى چىننىڭ موغۇلىستان خەلقىنى بويسۇندۇرغانلىقى ؛

   ھۆرمەتلىك دوسىت ۋە بۇرادەرلەرگە روشەن بولغايكى ، بۇ يەتتە شەھەرنى قەدىمكى تارىخ كىتاپلىرىدا كىشىلەر <<موغۇلىستان >> دەپ ئاتاپتۇ .بۇ شەھەرلەردە شۇ چاغلاردا يېزىلغان ۋەسىقە - ھۆججەتلەر موغۇلىستان ھېسابىدا دەپ پۈتۈلۈپتۇ . نېمە ئۈچۈن << موغۇلىستان >> دەپ ئاتالدى ؟ قايسى زاماندىن باشلاپ ئىسلام دۆلىتىگە مۇشەررەپ بولدى ؟ پادىشاھلىرى قايسى مىللەت ، قايسى مەزھەپتە ؟ خاقانى چىننىڭ باشقۇرۇشقغا ئۆتكىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى ؟ بۇ مەسىلىلەر قەدىمكى تارىخ كىتاپلىرىدىن پايدىلىنىپ بولسىمۇ قىسقىچە بايان قىلىنمىسا بۇ كىتاپنى يېزىشتىكى مەقسەت ئېنىق ۋە روشەن بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . چۈنكى ھەر قانداق سۆز قىلغۇچى سۆزنىڭ بېشىنى ئېنىق سۆزلىمەي ، ئاخىرىغا قانداق كۈچىگەن بىلەن ، ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغانلار << ئايىغى بار ، بېشى يوق >>  دەپ قاراپ ، ئۇنداق سۆزگە ئىتبار قىلمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، مۇناسىۋەتلىك جايلارنى <<رەۋەزەتۇسسەفا >> ، << تارىخىي رەشىدى >> ، << شەھىرى خىيە >> ، گە ئوخشاش تارىخ كىتاپلىرىدىن تاللاپ ئېلىپ كىرگۈزدۈم .
   ۋەقەنى ھەزرىتى نوھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن باشلايمەن .
 ئىككىنچى ئادەم دەپ ئاتالغان نوھ ئەلەيھىسسالام توپان بالاسىدا قالغان چاغلىرىدا ، تەڭرىنىڭ ئەمرى بىلەن كېمە ياساپ ، يەنە بىر تۈرلۈك مەخلۇقاتلاردىنمۇ بىر جۈپتىن سالدى . ئاقىۋەت كېمىنى جۇدىي تېغىنىڭ ئۈستىدە توختاتتى . بۇ ۋاقىتتا كېمىدە ئادەم ئەۋلادىدىن 80 كىشى ئامان قالغان ئىدى . ئامان قالغانلار ئىچىدىنمۇ نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىدىن باشقىلار سۇنىڭ سېسىقچىلىقىدا ھالاك بولدى . شۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىگە پەيدا بولغان ھەممە ئادەم نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئۇرۇقىدىن تۆرەلگەن ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن نوھ ئەلەيھىسسالام << ئادىمى سانى >> يەنى ئىككىنچى ئادەم دەپ ئاتالغان .
نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى سام ، ھام ۋە يافەس ئىدى . بەزى رىۋايەتلەردە بۇلارنى << پەيغەمبەر >> دەپمۇ ئېيتىدۇ .
 پۈتۈن ئەرەبىستان خەلقى ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەر سام ئەۋلادىدىن ؛ پۈتۈن زەڭگىبار ، ھەبەش ، سۇدان زىمىنلىرىدىكى خەلىقلەر ھام ئەۋلادىدىن ؛ پۈتۈن شانۇ - شەۋكەتلىك ئۇلۇغ پادىشاھلار ۋە تۈركلەر يافەس ئەۋلادىدىن دېيىلىدۇ .يافەستىن ئون بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلدى. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى تۈرك ئىدى . پۈتۈن تۈرك ، مۇڭغۇل ، قىپچاق ۋە Hitaylar ( ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا << قىتان >> دېگەن سۆز بار . بۇ سۆز كېيىن ئۆزگىرىپ << قىتاي >> << Hitay>> بولۇپ ئۆزلەشكەن .) تۈركنىڭ نەسلىدىن بولغان.
 ئەمما تۈركنى شۇ زاماندا يافەس ئوغلان دەپ ئايايىتتى . بەزى تارىخ كىتاپلىرىدا يافەس ئوغلاننى كىيۇمەرس بىلەن بىر زاماندا ئۆتكەن دەيدۇ .
يافەسنىڭ ئىككىنچى ئوغلى چىن ، ئۇنىڭ ئوغكى ماچىن بولۇپ ، پۈتۈن چىن ، ماچىن خەلقى شۇنىڭ نەسلىگە مەنسۇپ .
  ئۈچىنچى ئوغلى رۇس بولۇپ، پۈتۈن رۇس ، ناسارالار رۇسنىڭ ئۇرۇقىدىن تارالغان. قالغان ئوغۇللىرىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلساق گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ . گەپنىڭ خۇلاسىسى شۇكى ، سام ئەلەيھىسسالام غەرىپ تەرەپكە ، ھام جەنۇپ تەرەپكە ، ھەزرىتى يافەس شەرق تەرەپكە يۈرۈش قىلدى .
  يافەسنىڭ ئەۋلادى ناھايىتى تېز كۆپەيدى . ئەمما سۇ بار يەردە ئوت يوق ، ئوت بار يەردە سۇ يوق بولۇپ ، ئۇلار قىيىنچىلىقتا قالدى . يافەس بۇ ئەھۋالنى ئاتىسى نوھ ئەلەيھىسسالامغا ئەرز قىلدى . نوھ ئەلەيھىسسالام تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلدى . دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدىن ( تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىنى پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزىدىغان پەرىشتە ) ئىسمى ئەزەم ( ئۇلۇغ ئىسىملار) نى ئەۋەتتى . نوھ ئەلەيھىسسالام بۇ ئىسىمى ئەزەمنى تاشقا ئويۇپ يافەسكە ئەۋەتتى . شۇنىڭدىن باشلاپ يافەسنىڭ ئەۋلادلىرى قاچان خالىسا شۇ چاغدا يامغۇر ياغىدىغان بولدى . بۇ تاشنى ئەرەب تىلىدا << ھەجرۇلمەتەر >> دەيدۇ .تۈرك تىلىدا بۇ تاش << يادا تېشى >> نامى بىلەن مەشھۇر . بۇ تاش پەقەت يافەسكە تەۋە زىمىندىلا كارغا كېلەتتى ،سامغا تەۋە بولغان ئەرەبىستان  زىمىنىدا كارغا كەلمەيىتتى .
 يۇرىتنى ئاۋات پاراۋان قىلماق ئۈچۈن ، خۇداۋەندە كەرىم ئۆزىگە خاس قۇدرىتى بىلەن نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆلۈم ئاپىتىنى كۆتۈرىۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋلادى كۆپىيىپ ، تۈركۈم- تۈركۈم ، گورۇھ - گورۇھ بولۇپ كەتتى . ھەر بىر گورۇھ بىر خىل تىلدا سۆزلىشەتتى . بىر گورۇھ يەنە بىر گورۇھ بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلىشەتتى . يافەس ھايات چېغىدىلا ئۇنىڭ ئەۋلادى ئوتتۇز يەتتە خىل تىلدا سۆزلىشەتتى . ئۆزئارا تەرجىمان ئىشلىتەتتى دىيىلىدۇ .
  نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يافەس ، ئۇنىڭ ئوغلى تۈرك، ئۇنىڭ ئوغلى ئىلغەخان ، ئۇنىڭ ئوغلى زىب باتۇيخان ، ئۇنىڭ ئوغلى كۆيۈكخان ، ئۇنىڭ ئوغلى ئېلىنجەخان ئىدى .
  ئېلىنجەخان ناھايىتى دۆلەتمەن ، تۇرمۇشى پاراۋان كىشى ئىدى . ئۇ بايلىقنىڭ كۆپلىكىدىن كۆرەڭلەپ ، ئاتا ۋە ئەجدادلىرىنىڭ دىنىنى تاشلاپ قاراڭغۇ يولغا مېڭىپ ، تەڭرىگە شېرىك كەلتۈردى . دېمەك ، بۇ يولغا ماڭغان خان- پادىشاھلارنىڭ تۇنجىسى ئېلىنجەخاندۇر .
  ئېلىنجەخاندىن قوشكىزەك بىر جۈپ ئوغۇل ۋۇجۇدقا كەلدى . ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئېتىنىڭ موغۇل ، بىرىنىڭ ئېتنىڭ تاتار قويدى . ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرىتنى ئىككى ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ ، چىگرىلىرىنى توختام بىلەن ئايرىپ بەردى . موغۇلخانغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زىمىنلار << موغۇلىستان >> ، تاتار خانغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زىمىنلار << تاتارىستان >> دەپ ئاتالدى . ھەر قايسىسى ئۆز يۇرىتلىرىغا خان بولدى .
  ئېلىنجەخاننىڭ ئوغلى موغۇلخان ، ئۇنىڭ ئوغلى قاراخان ، ئۇنىڭ ئوغلى ئوغۇزخان، ئۇنىڭ ئوغلى يۇلتۇزخان ، ئۇنىڭ ئوغلى دېڭىزخان ، ئۇنىڭ ئوغلى مەڭلىخان ، ئۇنىڭ ئوغلى ئېلخان ئىدى . پادىشاھ فەرىدۇننىڭ ئوغلى تۇرخان بىلەن ئېلخان ئۆزئارا ئەلچىلەر ۋە خەت ئالاقىلەر ئەۋەتىشىپ مۇناسىۋەت قىلىشقان ئىكەن . بۇنىڭدىن ئېلخان بىلەن تۇرخاننىڭ زامانداش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ .
  موغۇلخان ئەۋلادىدىن سەككىز خان ناھايىتى زور پادىشاھ بولۇپ جاھاندىن ئۆتتى . ئەمما توققۇزىنچىسىغا يەنى ئېلخانغا كەلگەندە ، موغۇلخان بىلەن تاتارخاننىڭ ئارىسىغا ئاداۋەت چۈشۈپ، ئاخىرى ئاداۋەت، جىدەل ۋە دۈشمەنلىككە ئايلاندى . ئىككى ئوتتۇرىدا جەڭ ماجرا يۈز بەردى . نەتىجىدە تاتارلار غالىپ كېلىپ ، موغۇللارنى ئۆلتۈرۈپ يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادىنى قويمىدى .
  بىر رىۋايەتتە ئېلخان ئۆزى ، يەنە بىر رىۋايەتتە ئوخلى قىناخان ، ئىككى ئەر ، ئىككى ئايال قۇرۇلۇپ قېلىپ ، بىر ئات بىر موزايلىق سىيىر ، ئۈچ قوي ، بىر ئۆچكىنى ئېلىپ كۆزدىن يىراق بىر تاغنىڭ جىلغىسىغا قېچىپ بېرىپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزدى دېيىلىدۇ . ئۇلار تاغ جىلغىسىنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىۋىلىپ نەچچە ئەۋلاد ، بەلكى نەچچە ئون ، نەچچە ئون مىڭ يىللار ئۆتكۈچە جىلغا ئىچىدە ياشىدى . بارا - بارا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە مال - چارۋىلىرى كۆپىيىپ جىلغا ئىچىگە پاتماي قالدى . ئۇلار ئاسمان ئاستىدىكى زىمىننىڭ ھەممىسى مۇشۇ شۇ دەپ خىيال قىلىشاتتى . بۇ جاينىڭ ئىسىمى << ئەرگىنە قۇن >> دەپ ئاتىلاتتى . ئۇلار ئىلاجسىزلىقتىن تاغ جىلغىسىنىڭ ئېتىۋىتىلگەن ئاغزىنى ئېچىپ چىقتى . ئاشۇ خانلارنىڭ ياخشى ئۆتكەن زامانلىرىنى تەبرىكلەيدىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، پادىشاھ ۋە ئۇلۇغلار ئارىسىدا تارتۇق - سوۋغات قىلىش لازىم كەلسە ، ھەر قانداق نەرسىنى توققۇزدىن - توققۇزدىن قىلىپ سوۋغات قىلىشاتتى .ئەمىلىيەتتە سەككىزنى بىر توققۇز دەپ ئاتايىتتى . شانۇ - شەۋكەتلىك پادىشاھلارنىڭ ھوزۇرىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئادەتتىكى ئامما ، ئەر - ئايال پۇقرالار ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىشسا، ئاز دىگەندىمۇ سەككىز نان ئېلىپ بېرىپ ئۇنى توققۇز نان ، دەپ ئاتايىتتى ھەم سەككىز ناننى توققۇز نانغا تەڭ دەپ ھېسابلايىتتى .تا ھازىرغىچە بۇ رەسىم - قائىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە .
  شۇ زاماندا ئېلخاننىڭ ئەۋلادىدىن << ئەلئەنقىۋا >> ئاتلىق ، ئەرگە تەگمىگەن بىر ئايال خان ئىدى . بىر كېچىسى بۇ ئايال ياتقان ئاق ئۆينىڭ تۈڭلۈكىدىن قۇياش نۇرىغا ئوخشاش بىر يورۇقلۇق چۈشتى . بۇنىڭ بىلەن ئەلئەنقىۋاغا خوشلۇق لەززىتى ھاسىل بولدى ھەم تەڭرىنىڭ قۇدرىتى بىلەن ھامىلدار بولۇپ قالدى . ھەزرىتى بۈۋى مەريەممۇ ( ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئانىسى، رىۋايەتلەردە تەڭرىنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئەيسا پەيغەمبەرنى ئاتىسىز تۇغقان ، دىيىلىدۇ. ) خۇددى شۇنداق بولۇپ ھەزرىتى ئەيسا پەيغەمبەر ۋۇجۇدقا كەلگەنىدى . بۇنداق ئىشلار تەڭرىنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ناھايىتى ئاسان .
 چۈنكى << تەڭرى نېمىنى خالىسا ۋە بۇيرىسا بولماي قالمايدۇ .>> دېگەن ئايەت تەڭرىنىڭ ئۆزىگە خاس سۈپىتىدىن ئىبارەت .
  خان ئوردىسى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار ئىچىدە گەپ - سۆز، پىتنە - پاسات پەيدا بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ، ئۇلار ۋەقەنىڭ ئەمىلىيىتىنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكتىن خانغا بولغان ئىشەنىچ يېڭىباشتىن كۈچەيدى .
  ئەلئەنقىۋا ئوغۇل تۇغۇپ ئۇنىڭغا << بۇزەنجىرخان >> دەپ ئات قويدى . بۇزەنجىرخان چوڭ پادىشاھ بولۇپ، ئەمىر مۇسلى ئابا بىلەن دوسىت ئىدى . دېمەك ، بۇنىڭدىن ، بۇزەنجىرخاننىڭ ئابۇمۇسلىم بىلەن زامانداش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ .
 بۇزەنجىرخاننىڭ ئوغلى بۇقاخان ، ئۇنىڭ ئوغلى دۆمىنىخان ، ئۇنىڭ ئوغلى قايدۇخان ، ئۇنىڭ ئوغلى بايسۇنقۇرخان ، ئۇنىڭ ئوغلى دۆمنەخان، دۆمنەخاندىن قىبلىخان ، قاجۇلىخان دەپ قوشكىزەك بىر جۈپ ئوغۇل ۋۇجۇدقا كەلدى . كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىچىك ئوغلى قاجۇلىخان چۈش كۆردى . كۆرگەن چۈشىنى دادىسىغا بايان قىلىپ ئېيىتتىكى : << بۈگۈن كېچە ئاكام قىبلىخاننىڭ ئېتىكىدىن بىر قۇياش چىقىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ھەممە ئالەمنى يورۇتتى ، كېيىن ئولتۇرۇپ كەتتى .ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىرنەچچە قۇياش پەيدا بولۇپ كىرىپ كەتتى. بۇ ئىش بىر نەچچە قېتىم تەكرارلاندى . ئاخىر يۇلتۇزلۇق كېچىدەك يورۇق بولۇپ تۇرغان چاغدا ، مېنىڭ ئېتىكىمدىن بىر قۇياش چىقىپ ھەممە جاھاننى يورۇتتى ، ئاخىر ئۇمۇ ئولتۇرۇپ كەتتى . يەنە بىر نەچچە قۇياش پەيدا بولۇپ ھەممە يەرنى يورۇتتى .بۇ ئەھۋال ئۇزاق داۋام قىلدى ، كېيىن ئويغانسام چۈشۈم ئىكەن .>> دېدى . دادىسىنىڭمۇ چۈشىدە مۇشۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى . ئۇ پۈتۈن ئوردا ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ ئۇلارغا ئوغلىنىڭ كۆرگەن چۈشىنى تەپسىلىي بايان قىلدى . ئوردا ئەمەلدارلىرى مۇلاھىزە قىلىشقاندىن كېيىن :<<قىبلىخاننىڭ ئەۋلادىدىن بىر شەۋكەتلىك پادىشاھ ۋۇجۇدقا كېلىدىكەن ، پۈتۈن ئالەم ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ خاتىرجەم ياشايدىكەن . كېيىن چىققان قۇياشلار پەرزەنىتلىرى بولۇپ كەينى - كەينىدىن دۇنياغا كېلىپ ، ھەر بىرى بىر تەرەپكە پادىشاھ بولۇپ دەۋران سۈرۈپ ئۆتىدىكەن . چۈش كۆرگەن قاجۇلىخاننىڭ نەسىلىدىن ناھايىتى شەۋكەتلىك ئۇلۇغ بىر پادىشاھ ۋۇجۇدقا كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ياخشى خىسلىتىدىن يەر يۈزى ئاۋات ۋە باياشات بولىدىكەن >> دەپ تەبىر بېرىشتى . بۇنى ئاڭلاپ ھەممە كىشى خاننى مۇبارەكلەشتى ۋە ئاپىرىن ئوقۇشتى . دۆمنەخان :
 _ مەندىن كېيىن ئوغلۇم قىبلىخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پادىشاھ بولسۇن، قاجۇلىخاننىڭ ئەۋلادلىرى ۋەزىرلىك ئورنىدا ئولتۇرۇپ مەملىكەت ئىشلىرىدىن خەۋەر ئالسۇن ، مۇشۇ مەزمۇندا خەت پۈتۈلسۇن، _ دەپ ئەمر قىلدى .
 خەت يېزىلىپ تەييار بولغاندىن كېيىن ، خان باشلىق پۈتۈن ۋەزىر- ۋۇزرا ، ئەمىر - ئۈمەرالار خەتكە مۆھۈرلىرىنى بېسىپ خەزىنىگە تاپشۇردى .
 مۇشۇ ۋەسىقىدە( توختام خەت ) خانلارنىڭ خەزىنىلىرىدە تا سۇلتان سەئىدخاننىڭ زامانلىرىغىچە ساقلىنىپ كەلگەنىكەن . بۇ خەت قالماق ( مۇڭغۇل ) تىلىدا << پارامىن >> دەپ ئاتىلىدۇ .
 قىبلىخاننىڭ ئوغلى بوزناخان ، ئۇنىڭ ئوغلى يىسۇ باھادىرخان ، ئۇنىڭ ئوغلى پادىشاھ چىڭگىزخان ئىدى . چىڭگىزخان تارىخ ( ھىجرىيە ) نىڭ 598- يىلى (ھىجرىيىنىڭ 598- يىلى مىلادىيىنىڭ 1201 - 1202 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ .) پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى . پايتەختى قارا قۇرۇمدىكى <<كۇرۇلۇن>> دېگەن يەردە ئىدى . شۇ چاغدا Hitay ( جوڭگۇ ) نىڭ خانى ئالتانخان ( بۇ چاغدا جىن سۇلالىسىنىڭ جاڭزوڭ خانى تەخىتتە ئىدى ) بولۇپ ، پايتەختى << خان بالىغ >> ئىدى . Hitay تىلىدا خان بالىغنى << جوڭدۇ (يەنى دادۇ )>> دەيدۇ .
  ئالتانخانلىقىنىڭ ئۈستىگە چىڭگىزخان چىرىك تارتىپ بېرىپ نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئالدى .ئاخىرى ئالتانخان تەسلىم بولۇپ ، دوسلۇق ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ قىزىنى بەردى .چىڭگىزخان شۇنىڭغا رازى بولۇپ ، ئالتانخاننىڭ قىزىنى خوتۇنلىققا ئېلىپ ياندى .
 شەرىقتە خانبالىقتىن تارتىپ شىمالدا قازان شەھىرىگىچە بولغان زىمىننىڭ << تاتارىستان >> دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپكە كەلسەك ، چىڭگىزخان قازان شەھىرىگە ھۆكىمىرانلىق قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدا بىللە ئېلىپ بارغان تاتار ئەسكەرلىرى غەلبە قازىنىپ شۇ جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغاچقا ، غەلبە قىلغۇچىلارنىڭ نامى بىلەن << تاتارىستان >> دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن . كېيىن بۈيۈك ئەمىر تېمۇر كۆرەگان ھۆكىمىرانلىق قىلغان چاغلاردا تاتارلارنى كۆچۈرۈپ ئۆز يۇرىتلىرىغا ئېلىپ كەلدى ، دېيىلىدۇ ؛
 چىڭگىزخان غەرىپ تەرەپتە رۇم ، مەۋسىل ، باغداد ، جەنۇپ تەرەپتە ئەزەربەيجان دەرياسى ، سىندى ، كابول ، بەدەخشانلارنى ھەم تاتارىستاننى قولغا كىرگۈزۈپ يىگىرمە بەش يىل پادىشاھ بولدى ، ئۇ يەتمىش ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆردى .
 پارامىندىكى بەلگىلىمە بويىچە ، قاراچانويان ۋەزىر بولدى .قاراچانويان بۈيۈك ئەمىر تېمۇر كۆرەگاننىڭ بەشىنچى ئەۋلاد بوۋىسى ئىدى . چۈنكى ئەمىر تېمۇرنىڭ ئاتىسى ئەمىر تورغاي ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر توكال ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر ئېلىنگىر ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر باھادىر ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر قاراچا نويان باھادىر ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر سوغۇنچىن ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر بەردۇق باھادىر ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر ئىرمىچىن بارلاس ، ئۇنىڭ ئاتىسى قاجۇلى باھادىر ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ ئاتىسى دۆمنەخاندىن ئىبارەت بۈيۈك ئەمىر تىمۇرنىڭ سەككىزىنچى بوۋىسى بىلەن چىڭگىزخاننىڭ تۆتىنچى بوۋىسى بىر ئىدى .
  خانلىق قىبلىخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ، ۋەزىرلىك قاجۇلىخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا بەلگىلىنىپ پارامىر يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ، بۈيۈك ئەمىر تىمۇر كۆرەگان ھەر قانچە چوڭ پادىشاھ بولغان بىلەن يەنىلا خىزمەتچى ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچى دەرىجىسىدە ئىدى . پارامىننىڭ بەلگىسىنى ئۆزگەرتەلمەي بىر قانچە ئەۋلادقىچە شۇنداق ئۆتتى .
 مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ زامانلىرىدا ( سەمەرقەندنىڭ پادىشاھى ھەم مەشھۇر ئاستورنۇم . مىلادىيەنىڭ 1949_ يىلى ۋاپات بولغان .) ئۈۋەيىس خاننىڭ ئوغلى يۇنۇسخان ئولجا تەرىقىسىدە قولغا چۈشىۋىدى، ئۇنى شىرازغا ( ئېراندىكى بىر شەھەر ) پالىدى . يۇنۇسخان ھۈنەر - كەسىپ قىلىپ << يۇنۇس ئۇستا >> دەپ مەشھۇر بولدى. ئوتتۇز نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن سۇلتان سەئىد مىرزا ھۆكىمىرانلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن ، شىرازغا ئادەم ئەۋەتىپ يۇنۇسخاننى ئالدۇرۇپ كېلىپ : << بۇنىڭدىن كېيىن مېنى دوسىت بىلگەيلا ، خىزمەتچى قاتارىدا كۆرمىگەيلا ، مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا پادىشاھ >> دېگەندەك نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى ، يۇنۇسخان ماقۇل بولۇپ سۇلتان سەئىد مىرزىنى << خان >> دەپ ئاتىدى . سۇلتان مىرزا يۇنۇسخاننى بىر مۇنچە مۇڭغۇللارنى قوشۇپ موغۇلىستانغا << خان >> قىلىپ ئەۋەتتى . ئاخىر خۇدايارخانغىچە ئەمىر تېمۇر ئەۋلادلىرىمۇ << خان >> دەپ ئاتىلىپ كەلدى .
 چىڭگىزخاننىڭ جۇجىخان ، چاغاتايخان ، ئوگتايخان ، تولۇيخان دەپ تۆت ئوغلى بار ئىدى . چىڭگىزخان پۈتۈن مەملىكىتىنى ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى . چاغاتايخاندىن ئامۇ دەرياسىدىن تارتىپ پەرغانە ۋىلايىتى ۋە موغۇلىستان يۇرىتلىرى تەقسىم بولدى . شۇ سەۋەپتىن بۇ تەرەپتىكى خەلىقلەرنى << چاغاتاي >> دەپ ئاتايدىغان بولدى .
  چىڭگىزخان ئوگتايخاننى ئوزىنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ، قالغان بالىلىرىنى ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا يارلىق قىلدى .  ھىلاكۇخان مەشھۇر تولۇيخاننىڭ ئوغلى ( يەنى چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ) بولۇپ ، ۋەقەلىرىمۇ نۇرغۇن .ئەمما بۇ يەردە موغۇلىستان خانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى يېزىش مەقسەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ھېلاكۇخاننىڭ ۋەقەلىرى سۆزلەنمىدى .
 چاغاتاي خاننىڭ ئوغلى مامۇكاي ، ئۇنىڭ ئوغلى سوقرا باھادىر ، ئۇنىڭ ئوغلى بۇراقخان ئىدى . بۇراقخان ئىسلام دىنىغا مۇشەررەپ بولۇپ ، سۇلتان غىياسىددىن دېگەن لەقەم بىلەن ئاتالدى . ئۇ تاشكەنىتنى پايتەخىت قىلغانىدى ، ياش ۋاپات بولۇپ كەتتى . ئۇ ئىسلام پادىشاھلىرى ئىچىدە راۋاج تاپالمىغانلارنىڭ بىرى بولدى . بۇراقخاننىڭ ئوغلى دۇۋاخان ، ئۇنىڭ ئوغلى ئىسەن بۇغاخان ، ئۇنىڭ ئوغلى تۇغلۇق تېمۇرخان ئىدى .
  تۇغلۇق تېمۇرخان يىگىرمە تۆت يېشىدا مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ ( خوجا ھافىزىددىننىڭ ئوغلى مەۋلانە جالالىدىن  ، ئۇنىڭ ئوغلى مەۋلانە ئەرشىددىن. چىڭگىزخان خوجا ھافىزىددىننى بۇخارانى بىسىۋالغاندا ئۆلتۈرىۋەتكەن .) دەۋەت قىلىشى بىلەن مۇسۇلمان بولدى . ئۇ ھىجرىيىنىڭ 766- يىلى ئوتتۇز يېشىدا ۋاپات بولۇپ ، ئۆز پايتەختى ئىلىدا دەپنە قىلىندى .
 مەغپۇرخان خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان چاغدا ھەر قايسى يۇرىت ئۆز ئالدىغا باشقا - باشقا بولۇپ كەتكەنىدى . تۇغلۇق تېمۇرخان ماۋەرائۇننەھر شەھەرلىرىنى ئاتا مىراسىم دەپ قاراپ ، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ سەمەرقەنىدكە باردى . بۇ چاغدا ئەمىر تىمور كۆرەگان شەھىرى سەبردە ھاكىم ئىدى . ئۇ تۇغلۇق تېمۇرخاننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنى ھۆرمەت بىلەن كۈتىۋالدى . پارامىندىكى بەلگىلىمە بويىچە ، تۇغلۇق تېمۇرخان ئوغلى ئىلياس خوجىنى سەمەرقەنىتتە خانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپ، ئەمىر تېمۇر كۆرەگاننى ئۇنىڭغا ۋەزىر قىلىپ بەلگىلىدى ۋە قۇندۇزغىچە بولغان زىمىننى قولغا كىرگۈزۈپ ئۆز پايتەختىگە قايتىپ كەلدى . شۇ كۈندىن تارتىپ خالايىق ئارىسىدا بولۇپمۇ ئىلى شەھىرىدە ئىسلام دىنى قانات يايدى .
  ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىشارىتى بىلەن ئەبۇ نەسىرسامانى تارىخى ھىجرىيىنىڭ 322 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتىگە كەلدى . بۇ چاغدا قەشقەردە بۇغراخانلاردىن سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان بولۇپ ، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئون ئۈچ ياشلاردا ئىدى . ئۇ تەڭرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىشى ، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن مۇسۇلمان بولدى ، ھاكىمىيەتنىمۇ قولغا كىرگۈزدى . ھەممە خەلىق سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ دەۋەت قىلىشى ۋە تىرىشىشى بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ ، يەتتە شەھەردە ئىسلام جارى بولدى . ئەمما خوتەننىڭ خانى ( ئۇلۇغى ) بويسۇنماي قىرىق يىلدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغانىكەن . << تۈرىكلەردىن ھەممىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغۇچى ساتۇق بولىدۇ>> دېگەن ھەدىس سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۈچۈن ئېيتىلغان . سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننى ئاپراسياپنىڭ ئەۋلادى دېيىشىدۇ .بۇغراخاننىڭ قەبرىسى ئاتۇشتا بولۇپ، كىشىلەر ئۇلۇغ بىلىپ زىيارەت قىلىشىدۇ .
 تۇغلۇق تىمۇرخاننىڭ ئوغلى خىزىر خوجاخان ( خىزىر خوجاخاننىڭ نامى باشتا << ئىلياس خوجاخان>> دەپمۇ ئاتالغان . << خىزىر ئىلياس >> دەپمۇ ئاتالغان . بۇ ئىككى ئىسىم بىر ئاتالسىمۇ ، ئايرىم - ئايرىم ئاتالسىمۇ ئوخشاش ، چۈنكى بۇ ئىسىملار خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىدۇر .) ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پايتەخىتتە ئولتۇردى . بۇ چاغدا قۇمۇل ، تۇرپان خەلىقلىرى باشقا دىندا بولۇپ ، خىزىر خوجاخاننىڭ قولىدا ئىسلام دىنىغا كىردى . خىزىر خوجاخان بىيجىڭ تەرەپكە Hazat قىلىپ بېرىپ ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئاخىر شېھىت بولدى ، جەسىتى تۇرپانغا دەپنە قىلىندى . موغۇلىستاننىڭ پايتەختى يەكەن بىلەن تۇرپاندۇر .
 خىزىر خوجاخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەتخان ، ئۇنىڭ ئوغلى شىرئەلىخان ، ئۇنىڭ ئوغلى ئۇۋەيىسخان ، ئۇنىڭ ئوغلى يۇنۇسخاندۇر .
  يۇنۇسخان دىيانەتلىك ، ئالىم ، مۇسۇلمان كىشى بولۇپ، پايتەختى تاشكەنىتتە ئىدى . ئۇ خوجائەبەيدۇللا ئەھرارنىڭ ئىخلاسمەن مۇرتى ئىدى .
  سۇلتان سەئىد مىرزىنىڭ ئوغۇللىرى مىرزا مەھمۇت ۋە مىرزا ئەھمەدلەر مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى خوجا ئەھرار بىلەن تاشكەنىتكە بېرىپ قالدى. يۇنۇسخان ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى . ئۇلار يولدا ئۇچرىشىپ ئاتتىن چۈشۈپ شۇ يەردە ئولتۇرۇشتى . شۇ چاغدا خوجا ئەھرار ھەم نەم ھەم بىپاك يەردە ئولتۇرۇپ قالغان ئوخشايمەن، دەپ گۇمان قىلدى . يۇنۇسخان بۇ ئەھۋالنى سېزىپ دەرھال ئېتىكىگە قۇرۇق توپا ئەكىلىپ تۆكۈپ بەردى . خوجا ئەھرار بۇ ئادەمنىڭ مۇنداق ئىخلاسمەنلىكىگە خۇشال بولۇپ دۇئا قىلدى .
  شۇ چاغلاردا بەزى بۇلاڭچى ، قاراقچىلار موغۇلىستان ئادەملىرىنى ئېلىپ قېچىپ باشقا يۇرىتلاردا ساتىدىكەن . خوجا ئەھرار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ << دىيانەتلىك مۇسۇلمان پادىشاھلىرىنىڭ پۇقرالىرىنى ساتماق دۇرۇس بولمايدۇ . بۇنىڭدىن كېيىن
تارىختا ھېچقاچان مىرزا ئابابەكرىگە ئوخشاش زالىم پادىشاھ ئۆتمىگەن بولىشى مۈمكىن ، ھەر كىشى مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلسا << تارىخىي رەشىدى>> نى ئوقۇپ كۆرسە كۇپايە .
  سۇلتان سەئىدخان پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ھەر قايسى شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەن ئاقسۇلىقلارنى شۇنداقلا ئاقسۇدا ئولتۇراقلىشىشنى خالىغان كىشىلەرنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ، بۇ دىيارنى يەنە ئاۋات قىلدى . ئاقسۇ خەلقى جاي - جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر بولغاچقا ، ئۇلار ئۆزئارا ئىتتىپاق ئەمەس ئىدى ، دىيىلىدۇ .
  سۇلتان سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ خەزىنە ، مال - مۈلۈكلىرىنى ئەسكەرلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى . ھەممىسى دۇنيادىن ھاجەتسىز بولدى . << تارىخىي رەشىدى>> نىڭ ئاپتورى مىرزا ھەيدەر كۆرەگان شۇ كىتاپتا : << شۇ چاغدا مەن ئون ئالتە - ئون يەتتە ياشتا ئىدىم ، مال - دۇنياغا قىزىقمايىتتىم ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ماڭا ئون يەتتە مىڭ قوي تەقسىم قىلىپ بەردى. پۇل - مالغا مەيلى بار كىشىلەر قانچىلىك ئالغاندۇر؟ غەنىيمەت ئېلىنغان مال - ئولجىنىڭ كۆپلۈگىنى شۇنىڭدىن قىياس قىلسا بولىدۇ >> دەپ يازغان .
  سېخىي سۇلتان سەئىدخان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىشىپ ، خاراپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ مال- دۇنيادىن ھاجەتسىز بولغانلىقىنى پەملەپ ، بۇ يەتتە شەھەر خەلقى تۆلەيدىغان ئون يىللىق باجنى كۆتۈرىۋەتتى . ئۇ << ئون يىلغىچە پۇقرالاردىن بىر نەرسە ئېلىنمىسۇن ، ئالۋان - ياساق سېلىنمىسۇن ، پۇقرالارمۇ بىر نەرسە بەرمىسۇن >> دەپ يارلىق چۈشۈردى . بەش يىلغىچە ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالى ئوبدان ئۆتتى ، بەش يىلدىن كېيىن ئەھۋال خارابلىشىشقا باشلىدى . ئوردا ئەمەلدارلىرى مەسلىھەتلىشىپ قەرز ئالدى . بۇنىڭ بىلەن ئالتىنچى يىلنى ئۆتكۈزدى . پۈتۈن دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى يىغىلىپ :<< بۇنىڭلىق بىلەن ئەھۋال يەنە ئوڭشالمىدى ، خان ئۆز ئەمرىدىن يانمىسا ، يۇرىت خەلقىگە بىر نېمە دېگىلى بولمىسا ، قانداق قىلغۇلۇق>> دەپ مەسلىھەتلەشتى ۋە تۆت يىلنى ئارتۇق ھېسابلاپ، << بۇ شەھەرگە كەلگىلى ئون يىل بولدى . مەسىلەن: بۇ يىل كالا يىلى كىردى ، يۇرىت خەلقىدىن باج ئالساق >> دەپ خانغا ئىلتىماس قىلىشتى . خان بۇ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىپ، پۇقرالاردىن شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق باج - خىراجەت يىغىشقا يارلىق چۈشۈردى . خاننىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغىمۇ تۆت يىلنى قوشۇپ ھېسابلىغان يىل يېزىلدى . پۇقرالارمۇ شۇ ھېسابنى قوبۇل قىلدى . بۇ شەھەرنىڭ ھېسابى باشقا شەھەرلەردىن تۆت يىل ئىلگىرى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىن ئىبارەت .
  سۇلتان سەئىدخان يىگىرمە يەتتە يىل پادىشاھلىق قىلىپ ، ھىجرىيىنىڭ 939 - يىلى قىرىق يەتتە يېشىدا ۋاپات بولۇپ يەكەنگە دەپنە قىلىندى . ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ئابدۇرەشىتخان خان بولدى .
  ئابدۇرەشىتخان ناھايىتى غەيرەتلىك ، سېخىيلىقتا تەڭدىشى يوق ، ئۆلىما ، پەزىلەتلىك شائىر ئىدى . پارس ، تۈرك تىللىرىدا ياخشى شېئىرلارنى يازاتتى . مۇزىكا ئىلمىدا ئىككىنچى فىساغورس ( فىساغورس < پىپاكور>_ مىلادىدىن بۇرۇن 「 580—— 500 」  ئۆتكەن يۇنانلىق پەيلاسوپ ، مۇزىكىشۇناس ) ئىدى . ئۇ << ئىشرەت ئەنگىزى >> ( ئاتاقلىق مۇزىكۇشۇناس ئاماننىسا خېنىم ئىجاد قىلغان بىر مۇقامنىڭ نامى ) ناملىق بىر مۇقام ئىجاد قىلدى . شۇ چاغلاردا خوجا مۇھەممەد شېرىپ پىر دېگەن ( ئىشان ) كىشى كەلگەنىدى. ئابدۇرەشىت خان ئۇنىڭغا مۇرىت بولدى . مىرزا مۇھەممەد كۆرەگەننىڭ ئوغلى مىرزا ھەيدەر ئابدۇرەشىتخاننىڭ نامىغا بىر كىتاپ يېزىپ ، ئىسمىنى <<تارىخىي رەشىدى>> قويدى . ئابدۇرەشىتخان يېگىرمە يىل پادىشاھلىق قىلىپ ، تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 967- يىلى قىرىق توققۇز يېشىدا ۋاپات بولۇپ يەكەندە دەپنە قىلىندى . ئورنىغا ئوغلى ئابدۇكېرىمخان خان بولدى. ئۇمۇ يۇرىتنى ئادىللىق بىلەن سورىدى .زورلۇق - زۇمبۇلۇقنى يوقاتتى . بۇ چاغدا ئىنىسى مۇھەممەدخان ئاقسۇغا ، يەنە بىر ئىنىسى سوپى سۇلتان قەشقەرگە ھاكىم ئىدى . ئۇ ئوتتۇز ئۈچ يىل پادىشاھ بولۇپ، تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1000- يىلى ۋاپات بولۇپ ، يەكەنگە دەپنە قىلىندى .
  ئابدۇكېرىمخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەدخاننى يەكەنگە ئېلىپ كېلىپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى . مۇھەممەدخان ھەم پادىشاھ ھەم دەرۋىش كىشى ئىدى . ئۇ پادىشاھ بولۇپ سەككىز يىل ئۆتكەندە، ۋىلايەت تەرەپتىن مەخسۇم ئەزەمنىڭ ئوغلى خوجا مۇھەممەد ئىسھاق يەكەنگە كەلدى. مۇھەممەدخان ئىشەنىچ بىلدۈرۈپ مۇرىت بولدى . كۆپ ياخشى ئىشلار ۋۇجۇدقا كەلدى ، ئۇنى بايان قىلساق سۆز ئۇزىراپ كېتىدۇ .
 مۇھەممەدخان يەتمىش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ ، ئون سەككىز يىل ھۆكىمىرانلىق قىلدى . ئۇنىڭدىن كېيىن شۇجائىددىن ئەھمەد خان بولدى . بۇ كىشىنى ئۆز ئادەملىرى شېھىت قىلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئابدۇللەتىف سۇلتان خان بولدى .
  ئۇ ئون ئىككى يىل ھۆكىمىرانلىق قىلىپ ھىجرىيىنىڭ 1037- يىلى ۋاپات بولدى . شۇنىڭدىن كېيىن خانزادىلەر ئۆز ئالدىغا پادىشاھ بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتتى . شۇ چاغلاردا قۇمۇلدىن تارتىپ بۈگۈرگىچە ئابدۇرەشىتخاننىڭ ئون ئىككىنچى ئوغلى ئابدۇرىھېمخان پادىشاھ ئىدى .
  سۇلتان سەئىدخاندىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى شەرىقتە قۇمۇل ، غەرىپتە بەدەخشان ، شىمالدا ئىسسىق كۆل ، جەنۇپتا چەرچەن- لوپقىچە بولغان زىمىنلارغا پادىشاھ بولۇپ ھۆكىمىرانلىق قىلغان .
  تارىخىي ھىجرىيىنىڭ 1048- يىلى سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ توققۇزىنچى ئوغلى ئابدۇللا خان بۆلۈنۈپ كەتكەن خانلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئاتا - بوۋىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئوتتۇز ئىككى يىل ھۆكىمىرانلىق قىلدى . ئەمما ئۇ رەھىمسىز ، زالىم ، قانخور ، گۇمانخور ئادەم ئىدى . ئۇ ئىلگىركى خان - بەگلەرنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئىشەنىچلىك ، ۋەتەنپەرۋەر ياخشى كىشىلەردىن گۇمان قىلىپ كۆپلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، قالغانلىرىنى يۇرىتتىن قوغلىۋەتتى . ئۆزىنىڭ ئىنىلىرىدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ ، قالغان ئىككى ئىنىسى - ئىبراھىم سۇلتان ۋە ئىسمائىل سۇلتاننىمۇ قوغلىۋەتتى ، ئۇ ھېچ كىشىگە ئىشەنمىدى . ھەتتا ئۆز پەرزەنىتلىرىگىمۇ ئىشەنمىدى . بالىلىرىمۇ ئاتىسىدىن خاتىرجەم بولالمىدى . ئاقىۋەت ئۆز تەۋەلىكىدىكى قىرغىزلارنى ھاكىم قىلدى .  قەشقەرگە قويسارى بەگنى ، ئاقسۇغا ئولجاتاي بەگنى، ئۈچتۇرپانغا ئالتىقۇرىتقا بەگنى ھاكىم قىلىپ ، ھاكىمىيەتنىڭ تولىسىنى قىرغىزلارغا تۇتقۇزدى. شۇنداقتىمۇ يەنە قىرغىزلاردىن، يۇرىت خەلقىدىن خاتىرجەم بولالماي ، گۇمانخورلىق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ ناھەق قان تۆكتى . ئاخىر ئارام ئالالماي ، ھىجرىيىنىڭ 1080- يىلى ئورنىغا ئوغلى يولۋاسخاننى ئولتۇرغۇزۇپ ،  ئۆزى <<مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ كېلىمەن>> دەپ خوشلىشىپ يولغا چىقتى .
  يولۋاسخان بىر نەچچە يىل ھۆكىمىرانلىق قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى . ئۇنىڭدىن كېيىن تاغىسى ئابدۇرىھىمخاننىڭ ئوغلى ئىسمائىلخان خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ ھۆكىمىرانلىق قىلدى . ئۇ يۇرىت ۋە پۇقرانى ئادالەتلىك بىلەن سورىغانلىقى ئۈچۈن ھەممە كىشى خۇشال - خۇرام ، ئەركىن تۇرمۇش كەچۈردى .
 مۇشۇ دەۋىردە ئەزەمنىڭ ئوغلى خوجا يۈسۈپ خوجام بىلەن ئوغلى يۈسۈپ ھىدايتۇللا خوجام ( مەشھۇر بولغان <<ھەزرىتى ئاپاق>>) ئاتا- بالا ئىككىسى پەيدا بولدى . بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، خوجا يۈسۈپ خوجام ۋاپات بولۇپ قەشقەردە دەپنە قىلىندى.
 ئىسمائىلخان ئون ئىككى يىل ھۆكىمىرانلىق قىلىپ ئىلىغا سەپەر قىلدى .ھاكىمىيەت مۇھەممەد ئىمىن خاننىڭ قولىغا ئۆتتى . بۇ چاغدا خوجا ئىسھاق خوجامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن خوجا دانىيال خوجام سەججاد نەشىن (سوفىزىم كۆز قارىشى بويىچە ئەڭ يۇقىرى دىنىي مەرتىۋە ) ئورنىنى ئىگىلەپ تۇرغان چاغ ئىدى . ئۇ ھۆكىمەت ئىشلىرىغا ئارىلاشتى . خانلار قالماق ( مۇڭغۇل ) ھۆكىمىرانلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ ياردەم تەلەپ قىلدى . بۇنىڭ بىلەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ دۆلەت چىرىغى ئۆچۈشكە باشلىدى . مۇڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق نەپسى يوغىناپ نۇرغۇن چىرىك - ئەسكەر ئەۋەتىپمۇ يەتتە شەھەر خەلقىنى بويسۇندىرالمىدى . يەتتە شەھەر خەلقى مۇڭغۇللارنىڭ ھۆكىمىرانلىقىغا بويسۇنۇشنى نۇمۇس دەپ بىلدى . مۇڭغۇللار يەتتە شەھەر خەلقىنىڭ خوجىلارغا ئىخلاس قىلىدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ، خوجىلار بىلەن بىرلىكتە ھۆكىمىرانلىق قىلىشقا پۈتۈشتى .ھەر بىر شەھەرگە مۇڭغۇلدىن بىر نازارەتچى ۋە بىر نەچچە ئەمەلدار قويۇلدى .ھەر يىلى يەتتە شەھەر خەلقى ئىلىغا نۇرغۇن مىقداردا خام ماتا ئەۋەتىپ مۇڭغۇللارغا باج تۆلەشكە باشلىدى .
  دانىيال خوجىدىن كېيىن ئۇبەيدۇللا خوجا باشلىق بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد شۇ يۇسۇندا داۋاملىشىپ باردى . ئۇبەيدۇللا خوجىدىن كېيىن ئوغلى ياقۇپ خوجا، يۈسۈپ خوجا، خامۇش خوجىلار بىرلىكتە يۇرىت سوراپ ، خەلىقتىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى . ياقۇپ خوجا يەكەندە ، يۈسۈپ خوجا قەشقەردە ، خامۇش خوجا ئاقسۇدا تۇراتتى .
  مۇشۇ ۋاقىتلاردا ئىلىدا << قونتەيجى>> دېگەن ( قونتەيجى_ جۇڭغار مىللىتىنىڭ باشلىقى غالدان بۆشۈكتۈنى كۆرسىتىدۇ ، ئۇ 1670- يىلى جۇڭغارلارغا خان بولۇپ، 1695- يىلى ئىلىدا ئۆلگەن ) دېگەن مۇڭغۇل پادىشاھ بولۇپ ، قۇمۇل دىيارى ، قازاق دىيارى ، مۇڭغۇل دىيارى ، قىرغىز دىيارى ، Turkistan ، چىمكەنىت ، سايرام ، موغۇلىستان قاتارلىق يۇرىتلارغا ھۆكىمىران ئىدى . غوجىلارمۇ قونتەيجىنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ ، ھەر يىلى بىر ياكى ئىككى قېتىم نۇرغۇن سوۋغا سالاملارنى ئېلىپ ئىلىغا بېرىپ كۆرۈنۈش قىلىپ . ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن قايتىپ كېلەتتى . قونتەيجى ھەرقايسى خۇجىنىڭ بىردىن ئوغلىنى ئىلىغا ئېلىپ چىقىپ بارىمتاي قىلىپ ( گۆرۈگە تۇتۇپ تۇرماق ) ئۆز يېنىدا ساقلايىتتى .مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىر نەچچە يىل داۋام قىلدى .
  يۈسۈپ خوجا ئىنتايىن چارە - تەدبىرلىك كىشى بولۇپ ، نۇرغۇن سوۋغا - سالام ، تارتۇقلار بىلەن ئىلىغا بېرىپ قونتەيجىنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ بىر نەچچە يىل تۇردى . ئاندىن نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىپ ، ئىلىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان خوجىلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە قونتەيجىدىن بۇيرۇق ئېلىپ ، ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىپ مۇز داۋانغا كەلدى . بۇ چاغدا قونتەيجى ھېلىقى بۇيرۇقىدىن يېنىۋىلىپ خوجىلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى . خوجىلار مۇز داۋاندىن ئۆزلىرى ئۆتىۋالغاندىن كېيىن ، توسۇپ تۇرۇپ باشقىلارنى ئۆتكۈزمەي ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى ۋە دەرھال شەھەر - شەھەرگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ << شەھەردە تۇرۇۋاتقان مۇڭغۇللارنى ئۆلتۈرۈپ ، شەھەرنى غەيرىي دىندىكىلەردىن تازىلاڭلار >> دېگەن مەزمۇندا خەت ئەۋەتتى . بۇ چاغدا كىشىلەر خوجىلارنى ئاق خان ، مۇڭغۇللارنى قارا خان دەپ ئاتايىتتى .نەتىجىدە كىشىلەر مۇڭغۇللارنى ئۆلتۈرۈپ يەر بىلەن يەكسان قىلدى .يەتتە شەھەر مۇڭغۇللارغا ئىتائەت قىلىشتىن قۇتۇلدى .
 مۇڭغۇللار ئۆزلىرىنى رۇسلاپ بۇ تەرەپكە ئەسكەر ئەۋەتىپ ئىنتىقام ئېلىش پۇرسىتى تاپقۇچە قونتەيجى ئۆلدى . ئورنىغا ئوغلى داباجى ئولتۇردى . قونتەيجىنىڭ كىچىك خوتۇنىدىن بىر ئوغلى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان ، قۇۋم - قېرىنداشلىرى كۆپ ئىدى .بۇلار كىچىك ئوغلىنى خان قىلماقچى بولۇپ داباچىغا قارشى چىقتى ، ئوتتۇرىدا ئۇرۇش - جىدەل بولدى .دۆلەت ئەربابلىرىمۇ ئىككىگە بۆلۈندى . ئەمما كىچىك ئوغلى تەرەپ يېڭىلىپ قالدى . بۇلار ئامۇرسىنا دېگەن بىر مۇڭغۇلنى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ ، ئۇ ئارقىلىق خانغا :<< موغۇلىستاننىڭ خانلىقى ماڭا تېگىشلىك ئىدى . ئەمما باشقا كىشى تارتىپ كەتتى. ماڭا ياردەم قىلىپ ئەسكەر بەرسىڭىز ، موغۇلىستاننى خاقانى چىنغا تەۋە قىلاتتىم >>دەپ ئەرز قىلدى. شۇ چاغدا كاڭشى خان بولۇپ، موغۇلىستاننى قولغا كىرگۈزۈشنى ئويلايىتتى .شۇڭا ئۇ ئامۇرسىننىڭ ئەرزىگە خوش بولۇپ نۇرغۇن چىرىك ئەۋەتتى . داباچى كاڭشىنىڭ چىرىكلىرىگە تەڭ كېلەلمەي ، غەزىنە -دەپنە، مال - دۇنيالىرىدىن قولىغا چىققانلىرىنى ئېلىپ ، ئۈچ يۈزدەك تەييار تاپ چىرىكلىرى بىلەن بىللە ئىلىدىن قېچىپ چىقتى ۋە قەيەرگە بېرىشنى بىلمەي بېشى قاتتى . شۇ چاغدا ئۈچتۇرپانغا قونتەيجىنىڭ پەرمانى بىلەن بەلگىلەنگەن قوجاسى بەگ دېگەن كىشى ھاكىم ئىدى . داباچى شۇنىڭدىن تەمە قىلىپ ئۈچتۇرپانغا كەلدى . خوجاسى بەگ ناھايىتى مەككار كىشى ئىدى . داباچىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىززەتلەپ ئالدىغا چىقتى ۋەداباچىنى ئوردىغا ئۇنىڭ ئادەملىرىنى باشقا جايغا چۈشۈردى .
كاتتا زىياپەت قىلىپ ، زىياپەتتە داباچىنى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى تۇتۇپ باغلىدى . بۇ چاغدا << ئىلىغا Hitay لەشكەرلىرى كېلىۋاتىپتۇ>> دېگەن خەۋەر تارقالغان ئىدى . خوجاسى بەگ :<< Hitay چىرىكلىرىگە بۇنىڭدىن ياخشى سوۋغات بولمايدۇ >> دەپ ، داباچىنى ئادەملىرى بىلەن ئېلىپ يولغا چىقىپ تىكەسكە بارغاندا، كاڭشىنىڭ چىرىكلىرى بىلەن ئۇچراشتى . خوجاسى بەگ ۋەقەنى بايان قىلدى . چىرىكلەرنىڭ باشلىقى :<< ياخشى ئىش قىپسىز ، داباچى ئۇلۇغ خاننىڭ چوڭ دۈشمىنى ئىدى . ئۆزىڭىز ئېلىپ بېرىپ خانغا خىزمىتىڭىزنى مەلۇم قىلىپ يېنىپ كېلىڭ >> دەپ خەت بىلەن ئادەم قوشۇپ بىيجىڭغا يولغا سالدى . خوجاسى بەگ بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن كاڭشى خان ۋاڭلىق مەنسەپ بىلەن بۇيرۇق چۈشۈردى . شۇنىڭدىن باشلاپ نەۋرىسى قادىر بەگكە كەلگۈچە ئەۋلادى ۋاڭ بولۇپ ئۆتتى .
  كاڭشىنىڭ چىرىكلىرى ئىلىنى ئالغاندىن كېيىن يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشتى . بۇ چاغدا يەتتە شەھەرگە ئىسھاق خوجا ئەۋلادلىرىدىن يۈسۈپ خوجا ھۆكىمىرانلىق قىلىۋاتاتتى . ئىسھاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى كېلىشەلمەي ئوتتۇرىدا ئاداۋەت بولۇپ، ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسمائىلخان بىلەن ئىلىغا چىقىپ كەتكەنىدى . يەتتە شەھەر خەلقىمۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ بەزىلىرى ئىسھاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرىغا، بەزىلىرى ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئەگىشىپ كەتكەنىدى .
  ئىلىنىڭ بەزى ئاتاقلىق كىشىلىرى كاڭشى خاننىڭ چىرىكلىرىگە:<< قەشقەردىكى يۈسۈپ خوجا ناھايىتى تەدبىرلىك كىشى. ئىلىدا ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرى بار. شۇلاردىن بىرىنى <خوجا> ياساپ بىللە ئېلىپ بارمىساڭلار ، يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزىشىڭلارمۇ تەس بولىدۇ . خان چىرىكلىرى كۆپ زىيانغا ئۇچرايدۇ >> دەپ مەسلىھەت كۆرسەتتى . بۇ مەسلىھەت كاڭشىنىڭ چىرىكلىرىگە ناھايىتى ياقتى . ئۇلار ئىلىدىكى ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بورھانىدىن خوجىنى خوجا قىلىپ تىكلەپ بىللە ئېلىپ ئاقسۇغا باردى . ئۇ يەردىن ئۈچتۇرپانغا ئۆتۈپ ، ئۈچتۇرپاننىمۇ قولغا كىرگۈزدى . بۇ چاغدا قەشقەردىكى يۈسۈپ خوجا ، ئوغلى سىدىق خوجىنى باش قىلىپ نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن كاڭشىنىڭ چىرىكلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۈچتۇرپانغا ئەۋەتتى . ئۈچتۇرپاندا نۇرغۇن ئۇرۇش - جەڭلەر بولدى .ئاخىرى يۈسۈپ خوجىنىڭ ئەسكەرلىرى يېڭىلىپ قەشقەرگە ياندى . شۇ چاغدا يۈسۈپ خوجا كېسەل ئىدى . ئەسكەرلىرى قايتىپ بارغۇچە ۋاپات بولدى .كاڭشى خاننىڭ چىرىكلىرى ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ قەشقەرنى ئالدى .ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ يەكەن ، خوتەننىمۇ قولغا كىرگۈزدى . ئىسھاق خوجىنىڭ ياقۇپ خوجا باشلىق ئەۋلادلىرىنى ئۆلتۈرۈپ شېھىت قىلدى . شۇنىڭ يەتتە شەھەر خاقانى چىنغا تەۋە بولدى .
 ھىجرىيىنىڭ 1281- يىلى كۇچادا راشىددىن خوجا باش كۆتۈرۈپ كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىپ قۇمۇلغىچە ئىسلام ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى  .
  گەپنىڭ قىسقىسى ، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ، ھىجرىيىنىڭ 1080- يىلى ئابدۇللا خان پادىشاھلىقنى ئوغلى يولۋاسخانغا تاپشۇرۇپ ھەرەمگە كەتكەنىدى . ئابدۇللا خاننىڭ قانچە يىل ھۆكىمىرانلىق قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس . ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسمائىلخان تەخىتكە چىقىپ ئون ئىككى يىل ھۆكىمىرانلىق قىلدى . ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ئىمىن خان ھۆكىمىرانلىق قىلدى .ئۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەت خوجىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى . بۇلارنىڭمۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى ئېنىق ئەمەس . كاڭشى خاننىڭ چىرىكلىرى يەتتە شەھەرگە قاچان كىردى ؟
 قانچە يىل ھۆكىمىرانلىق قىلدى؟ بۇلارنىڭمۇ ۋاقتى ئېنىق ئەمەس .
   ئەمما ئابدۇللا خاندىن كېيىن راشىددىن خوجا باش كۆتۈرۈپ چىققانغا ئىككى يۈز يىل ئۆتۈپتۇ . مۇشۇ ئىككى يۈز يىل ئىچىدە ئۆتكەن خان - پادىشاھلارنىڭ تارىخى تېپىلمىدى .
 ئابدۇللا خاندىن كېيىن خان ئەۋلادلىرى ۋە خوجىلارنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى قىرىق يىل ، كۆپ بولسا ئەللىك يىل بولىشى مۈمكىن. بۇ ھادىسلەرنىڭ جەريانىنى بولۇپ ئۆتكەن چوڭ بالا- قازا ۋەقەلەرنى بىلىدىغان ، جاھاندىن خەۋىرى بار ، تارىخ كىتاپلىرىنى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلغان زاماننىڭ بىرەر داناسى ، دەۋىرنىڭ بىرەر پازىل ئۆلىماسى تارىخ يازغان بولشى مۈمكىن . بۇ تارىخ ۋىلايەت ھاكىملىرىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىپ ، بىرەر ئۇرۇش - جىدەل يۈز بەرگەن پاراكەندىچىلىك ۋاقىتلىرىدا زايە بولۇپ كەتكەن ياكى خەلىققە ئاشكارە بولماي ، يېزىلغان جايىدا يوشۇرۇن ساقلىنىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن .
  يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتىنى خوجىلار تارتىۋالغاندىن كېيىن ، خوجاملارنىڭ پىكىرى - خىيالى دەرۋىشلىك بىلەن بولۇپ ، دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىدى .  بىر قىسىم ھىيلىگەر، كۆز بويامچى ، غەيۋەتچى ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئىخلاسمەن ، ئىشەنىچلىك كۆرسىتىپ خوجىلارغا يىقىن بولىۋالدى . ئەمما ، تاشقىرىدا ھەربىرى بىر << بۆرە >> بولۇپ، خۇددى بۆرە قويغا ئېتىلغاندەك ، پۇقرالارنىڭ مال- مۈلكى ھەتتا ھاياتىغا ھۇجۇم قىلىپ ، خەلىققە ھەددىدىن ئارتۇق زۇلۇم - جاپا قىلدى .خالايىق بۇلارغا << ئوشاق >> ( ئاشىق ) دەپ ئات قويدى . ئاتا- بوۋىسىدىن تارتىپ خانىقادا ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئىشانلىق قىلىپ ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن خوجىلار يۇرىتنى ئىدارە قىلىش ئىشىنى ، دۆلەت ۋە سىياسەت قائىدىلىرىنى بىلمەيىتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن ، خەلىقنىڭ ھالى خاراپ بولۇپ چىدىغۇچىلىكى قالمىدى .
  بۇرۇندىن يۇرىت سوراپ كەلگەن، خوجىلار دەۋرىدە بار بولۇپ ، پۇقرا بولۇپ قالغان بىرنەچچە يىغىلىپ:<< ئەزەلدىن يۇرىتنى ئىدارە قىلغان، ھۆكۈمەت ئىشىنى بىلىدىغانلار چەتكە قېقىلىپ بۇلۇڭ - پۇچقاقتا قالدى .ھۆكۈمەت ئىشىنى بىلمەيدىغان بولۇڭ - پۇچقاقتىكىلەر خان بولۇپ ھۆكۈمەت بېشىغا چىقتى .شۇڭا يۇرىت خانۇ - ۋەيران بولدى. بىز بىر نەچچە ئادەم خاقانى چىننىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ، ئەرز-ھال ئېيتىپ چىرىك تەلەپ قىلساق ، ئەگەر چىرىك بەرسە ، خوجىلاردىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋىلىپ چىن خانلىقىغا تەۋە بولساق ، شۇ چاغدا يۇرتىمىز ئاۋات ، خەلقىمىز خاتىرجەم بولىدۇ >> دەپ مەسلىھەتلەشتى . ئالدىن يەتتە كىشى كېپىشلىرىنى ( كەشلىرىنى ) تەتۈر كىيىشىپ يولغا چىقتى . خاقانى چىننىڭ چىگرا - قاراۋۇللىرىدىن ئۆتۈپ ، خان بىلەن كۆرۈشۈپ ئەرز ھال ئېيىتتى . خان چىن بۇلارنىڭ تەلىۋىنى ماقۇل كۆرۈپ ئۇلارغا نۇرغۇن چىرىك قوشۇپ بەردى. ئۇلار كېلىپ يەتتە شەھەرنى جەڭ قىلمايلا ئالدى .بۇ يەتتە كىشىنىڭ قىلغان خىزمىتىنىڭ بەدىلىگە ئۇلارغا ۋاڭ ، گۇڭ ، بىلى ، بەيسى قاتارلىق ئەمەللەرنى بېرىپ ، بىردىن شەھەرگە ھاكىم قىلدى . يەنە ھەربىرىگە يەر ، سۇ تەقسىم قىلىپ بېرىپ ، بىر نەچچە ئۆيلۈكتىن دېھقاننى يانچى قىلىپ تەيىنلەپ بەرگەننىڭ ئۈستىگە ، ھەريىلى ھۆكۈمەت خەزىنىسىدىن يەنە نۇرغۇن كۈمۈش بېرىشنى بەلگىلىدى . خاقانى چىن ئۇششاقتالدا كاتتا بۇتخانا ياسىتىپ بۇ بەگلەرنىڭ بۇتلىرىنى ئورنىتىپ << بۇلار بولسا يەتتە شەھەرنىڭ ئىگىسى ۋە ئاسرىغۇچىسى ، يەتتە شەھەر تەرەپكە ئۆتكەن ھەر قانداق مەنسەپدار ، بەگلەر بۇ بۇتخانىنى يوقلاپ ئۆتسۇن >> دەپ پەرمان چۈشۈردى . شۇنىڭدىن تارتىپ ھاكىمىيەت مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈچە بۇ بۇتخانا بار بولۇپ ،بۇ يەردىن ئۆتكەن ھەرقانداق مەنسەپدار ياكى پۇقرا، ئېلىپ - ساتارلارمۇ بۇتخانىغا بېرىپ ھەتتا قونۇپ رەسمىيەت بويىچە قەغەز كۆيدۈرۈپ ، باش ئۇرۇپ مەدەت تىلەپ ئاندىن قايتىدىكەن ، ئۇنداق قىلمىغانلار جازاغا تارتىلىدىكەن . بۇت قويۇلغان ئۆينى << ئۇلۇغ ئۆي >> دەپ ئاتايىتتى . ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بىز ئۇلۇغ ئۆي كىشىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ناھايىتى پەخىرلىنەتتى. قاچانكى ، ھاكىمىيەت مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى، شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ بەگلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ يەنە پۇقرالىق كۆچىسىغا كىرىپ قېلىشتى. ئارىدىن ئون تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن Hitaylar كېلىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى . بۇ چاغدا يۇقىرىدا ئېيتىلغان يەتتە كىشىگە مەنسەپ ، ھوقۇق ئىنئام قىلغان خاننىڭ ئوغلى خان ئىكەن ، ئۇ:<< يەتتە شەھەردە مېنىڭ ئاتامغا خىزمەت قىلغان كىشىلەر بار ئىدى . ئۇلارنىڭ ئۆزى بارمۇ ياكى ئەۋلادلىرى بارمۇ سۈرۈشتۈرۈپ ماڭا خەۋەر قىلسۇن >> دەپ پەرمان چۈشۈردى .بۇلارمۇ ئاۋۋالقى خان بەرگەن يارلىقلىرىنى ساقلىغان ئىكەن . ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىپ ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ مەنسەپلىرىنى يەنە تاپتى. بۇرۇن خان تەرىپىدىن توختىتىلغان مائاشلىرىنى ئېلىپ تۇردى . ئۇلار ھەرئۈچ يىلدا بىر قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ ، خانغا تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ ، ئاندىن ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن خۇشال - خۇرام قايتىپ كەلدى . لېكىن ، نەچچە يىل نەچچە ئەۋلاد شۇ تەرىقىدە ئۆتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس .
  خاقانى چىننىڭ چوڭلۇقىنى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى شۇنىڭدىن بىلىش لازىمكى ، بىر قېتىم خىزمەت قىلىپ قويغان كىشى نەچچە ئەۋلاد مائاش ئېلىپ يەپ يېتىپتۇ .
  تەڭرىم !سەن پادىشاھلارنىڭ ھەقىقىي پادىشاھى سەن. بەندىلىرىڭنىڭ ئەللىك - ئاتمىش يىل بىرەر قېتىم قىلغان بەندىچىلىك ئىبادەتلىرىنى دەرگاھىڭدا قوبۇل قىلىپ ، ئىلگىرى - ئاخىر قىلغان گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ بېھىشكە كىرىشنى نىسىپ قىلساڭ، سەن ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش ئەمەس . چۈنكى، سەن بەندىلىرىڭنى ھەممىدىن بەك ئايىغۇچى ۋە ئاسرىغۇچى ، كەرەملىك سېخىيسەن، كىشىلەرنىڭ تىلەك - ئارزۇلىرىنى ئىجابەت قىلغۇچىسەن ، ئامىن !

2. جاھانگىر خوجىنىڭ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى؛مۇھەممەد ئېلىخان كېلىپ قەشقەرنى ئالغانلىقى؛ نۇرغۇن Hitay چىرىكلىرى كېلىپ يەتتە شەھەرنى يەنە تارتىۋىلىپ ، جاھانگىر خوجا باشلىق مۇسۇلمانلارنى ئەسىر قىلىپ بېيجىڭغا ئېلىپ كەتكەنلىكى؛ مۇھەممەد ئېلىخان ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىرلەرنى خاقانى چىندىن تىلەپ قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى ؛
  رىۋايەت قىلغۇچىلار ۋە خەۋەر بەرگۈچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە ، ھىجرىيىنىڭ 1239- يىلى شىرئەلىخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئېلىخان (خۇدا رەھمەت قىلسۇن ) قوقەن ۋە پەرغانە ۋىلايەتلىرىدە خانلىق تەخىتكە چىقىپ ھۆكىمىرانلىق قىلىشقا باشلىدى . ھىجرىيىنىڭ 1248- يىلىغا كەلگەندە ، جاھانگىر خوجا قوقەنلىك ۋە قەشقەرلىك ئىخلاسمەنلىرىدىن بىر نەچچە مىڭ كىشىنى يىغىپ ئەگەشتۈرۈپ پەرغانىدىن قېچىپ چىقىپ ، موغۇلىستان شەھەرلىرىدىن بولغان قەشقەرگە كەلدى . ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىنى قولغا كىرگۈزۈپ خان بولۇش مەقسىتىدە، شۇچاغدا قەشقەرگە ھۆكىمىرانلىق قىلىپ تۇرغان Hitay چىرىكلىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ قورشىۋالدى. مۇھەممەد ئېلىخان بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ غەزىپى كېلىپ دۆلەت ئەربابلىرىنى يىغىپ مەسلىھەت قىلىشتى . ئۇلار:<< پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى خۇدا بىزگە ئاتا قىلىپ بەرگەن پادىشاھلىقنى ياخشى يۈرگۈزمەي سۇسلۇق ۋە بىخودلۇق قىلىش پادىشاھلىققا لايىق ئىش ئەمەس .بىر بۆلگۈنچى بىر نەچچە باشباشتاق ئادەمنى قەشقەرگە باشلاپ بېرىپ كاپىرلارنى قورشاپ ۋىلايەت ئېلىشنى دەۋا قىلىپ ، خانلىق ناغرىسىنى چېلىپ ئەسكەركەشلىك قىلماقچى بولۇشۇپتۇ، بۇنىڭغا يول قويۇشقا بولمايدۇ ، يەنە بىرى، جاھانگىر خوجا قەشقەرنى قولغا كىرگۈزسە، كاپىرلار نەچچە يىلدىن يىغىپ توپلىغان غەزىنە ، مال- مۈلۈكلەر باشباشتاق ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ زايە بولۇپ كېتىدۇ . خاقانى چىن بولسا چوڭ پادىشاھ . ئەگەر بېيجىڭدىن كاپىرلار يەنە كېلىپ قەشقەرنى بېسىۋالسا، ئۇلارغا خەزىنە ، مال - مۈلۈك لازىم بولىدۇ ۋە ئىسلام ۋىلايىتىنىڭ خەزىنىلىرى تۈگەش ئېھتىمالى بار. ئەگەر Hitayلار كۈچلۈك كېلىپ، جاھانگىر خوجا يېڭىلىپ قالسا بىز تەرەپكە قېچىپ كېلىدۇ . ئۇ چاغدا خاقانى چىن بىزگە گەپ قىلماي قالمايدۇ. شۇڭا مەسلىھەتنىڭ ياخشىسى شۇكى ، بىزمۇ قەشقەرگە ئەسكەر ئېلىپ بارايلى ، غەلبە قىلىپ شەھەرنى ئالالىساق تېخى ياخشى ، ئەگەر ئالالمىساق Hazat - جەڭ قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىمىز>> دېيىشتى . شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئېلىخان ئۈچ مىڭ ئەسكەر بىلەن قەشقەرگە كەلدى.  جاھانگىر خوجا نەچچە مىڭ ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۆرۈشۈپ ، پادىشاھلىق قائىدە- يۇسۇن بويىچە تەزىم قىلىپ ئىززەت- ھۆرمىتى بىلەن بىر چوڭ باغقا چۈشتى . بۇ چاغدا قەشقەردىكى Hitay چىرىكلىرى تۇرىدىغان Hitay شەھىرىمۇ بۇيەرلىك ئاھالە تۇرىدىغان شەھەرنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئەتىسى جاھانگىر خوجا شەھەرنى قورشاش ئىشىنى مۇھەممەد ئېلىخانغا تاپشۇرۇپ ، مۇھاسىرىگە قاتناشقان قەشقەرلىكلەرنى ئېلىپ كەتتى . مۇھەممەد ئېلىخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەنجان ۋە قوقەندىن كەلگەن ئەسكەرلەر مۇھاسىرىنى كۈچەيتىپ Hitay شەھىرىنىڭ سېپىلىنىڭ تۈۋىگە دورا كۆمۈپ ئوت ياقتى . بۇنىڭ سېپىلنىڭ بىر تەرىپى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ كۈننىڭ نۇرىنى توسۇپ، ئالەمنى ئىس- تۈتەك بېسىپ قاراڭغۇچىلىق بولدى . بۇ چاغدا باتۇر ئەسكەرلەر ، خۇددى پەرۋانە ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغاندەك شەھەر سېپىلىغا ئۆزىنى ئاتتى . كاپىرلار:<< مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى سېپىلنىڭ بۇزۇلغان يېرىدىن ھۇجۇم قىلغان ئوخشايدۇ >> دەپ ئويلاپ، يولنى توسۇپ قارشىلىقنى كۈچەيتىپ، توپ - زەمبىرەكلەرنى ئاتتى . تاشقىرىدىن مۇھەممەد ئېلىخاننىڭ ئەسكەرلىرىمۇ توپ- زەمبىرەك ئاتتى . كاپىر ۋە مۇسۇلمانلار ئارىلىشىپ، ناھايىتى قاتتىق جەڭ قىلدى.  مۇسۇلمان ئەسكەرلەر سېپىلنىڭ ھەر تەرىپىگە شوتا قويۇپ ، خۇددى دارۋازدەك سېپىلغا چىقتى. كاپىرلار مىلتىق، كېسەك ، تاش ئېتىپ ، ئۇلارنى ئۈچ قېتىم سېپىلدىن قوغلاپ چۈشۈردى. جەڭ تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويغاندا، مۇھەممەد ئېلىخان قارىسا، ئۆلۈك ۋە شېھىتلەرنىڭ جىقلىقى، يارىدار - زەخمىدارلارنىڭ كۆپلىكىدىن سېپىلغا بارىدىغان يول قالماپتۇ . بۇنى كۆرۈپ مۇھەممەد ئېلىخاننىڭ دىلى ئېرىپ يىغلاپ كەتتى .يارىدارلارنى قوشۇن ئىچىگە ئېلىپ كەلدى ، ئۆلۈكلەرنى ئاپاق خوجا مازىرىغا ئېلىپ چىقىپ دەپنە قىلدى . نائىلاجلىقتىن مۇھاسىرىدىن قولىنى تارتىپ، ئەسكەرلىرىگە ئارقىغا يېنىشقا بۇيرۇق بېرىپ، بىر ھەپتە ئارام ئالغاندىن كېيىن ، مۇھاسىرە ئىشىنى جاھانگىر خوجىغا تاپشۇرۇپ ئۆزىنىڭ پايتەختى قوقەنگە قايتىپ كەلدى .
  بىر ئايدىن كېيىن ، ھەممە قىيىن ئىشلارنى ئاسان قىلغۇچى خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن جاھانگىر خوجا Hitay چىرىكلىرى تۇرغان شەھەرنى تارتىۋالدى. بۇ غالىبىيەت خەۋىرىنى مۇھەممەد ئېلىخانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالاھىدە خەت يېزىپ نۇرغۇن سوۋغا- سالاملارنى قوشۇپ ئىشەنىچلىك خىزمەتچىلىرىنى قوقەنگە ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ جاھانگىر خوجا قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن، مارالبىشىلارنى قولغا ئېلىپ ، خوتەننى مۇھاسىرە قىلدى. ئاقسۇغا ئەۋەتكەن ئەسكەرلىرى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ بويىغا يېنىپ بېرىپ ، بەزىلىرى دەريادىن ئۆتتى ۋە<< ئەتە تاڭ ئاتقاندا ئاقسۇنى ئالىمىز>> دەپ غەم تارىتماي ئۇخلاشتى .
 ئەمما ، بۇ چاغدا ئىچكىردىن نۇرغۇن Hitay چىرىكلىرى ياردەمگە چىقىپ ئاقسۇغا يىتىپ كەلگەنىدى. Hitay چىرىكلىرى ئاقسۇدىن چىقىپ بىرلا ھۇجۇم قىلىشى بىلەنلا جاھانگىر خوجىنىڭ ئەسكەرلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقىسىغا قاراپ قاچتى . نۇرغۇن Hitay چىرىكلىرى ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ قەشقەر، يەكەن، يېڭىسارنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋالدى. Hitay چىرىكلىرىنىڭ سانىنى بەزىلەر يۈزمىڭ ، بەزىلەر ئىككى يۈز مىڭ دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. بۇ چاغدا خاقانى چىننىڭ پايتەختىدە << داۋگۇاڭ>> دېگەن ئادەم تەخىتتە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك ھەم قۇدرەتلىك خان ئىكەن. چىرىكلەر لازىملىق ئوق- دورا، قورال- ياراقلارنى پۈكلىگەن ھارۋىدىن باشقا ، ھۆل - يېغىن بولۇپ ئوتۇن يېپىلمىغاندا ئەسكەرلەرگە تاماق پىشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىككى يۈز ھارۋىغا ياغدا قورۇلغان قوينىڭ مايىقىنى بېسىپ ماڭغۇزغانىكەن. بۇ ماياقلارنىڭ ئالدى قاراشەھەرگە ، ئارقىسى تۇرپانغا كەلگەندە، يەتتە شەھەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقۇپ، ماياقلارنى قايتۇرۇپ كەتكەن. چىرىكلەرنىڭ كۆپلىكىنى ۋە خاقانى چىننىڭ كۈچلۈكلىكىنى مۇشۇ ئىشلاردىنمۇ قىياس قىلىشقا بولىدۇ.
 دېمەك ، Hitay چىرىكلىرىنىڭ باشلىقى ئاي جىياڭجۈن دېگەن كىشى بولۇپ، كۇچالىق ئوسمان بەيسى بەگنىڭ ئوغلى ئازاقبەگ ئۇلارغا يول باشلاپ قەشقەرگە ئېلىپ كەلدى. جاھانگىر خوجا قېچىپ << ئالاي >> دېگەن جايغا بارغاندا، ئازاقبەگ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىپ كەلدى. جاھانگىر خوجا ئىلاجىسىزلىقتىن << قولۇمنى باغلاپ Hitay چىرىكلىرىنىڭ ئالدىغا باشلاپ بار>> دېدى. ئازاقبەگ:<< ئۆزلىرىنى باغلاش مېنىڭ ھەددىم ئەمەس>> دەپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزرە ئېيىتتى . بۇ چاغدا جاھانگىر خوجا قولياغلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ قولىنى قېلىىن قىلىپ باغلاپ<< مۇشۇ ياغلىقنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئېلىپ بارغىن>> دېگەندە، ئازاقبەگ ماقۇل بولۇپ، جاھانگىر خوجىنى ئاي جىياڭجۈننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.  جاڭجۈن<< ئۇلۇغ خاقانى چىننىڭ دۈشمىنى جاھانگىر خوجىنى ئازاقبەگ تۇتۇپ كەلدى>> دېگەن مەزمۇندا ئېلان چىقىرىپ جاكارلىدى ھەم<< جاھانگىر خوجىنى بېيجىڭغا ئۆزۈڭ ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ خانغا قىلغان خىزمىتىڭنى مەلۇم قىلىپ قايىت>> دەپ ئادەم قوشۇپ ئازاقبەگنى يولغا سالدى .
  بەزى رىۋايەتلەردە، جاھانگىر خوجىنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ خانغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، خان جاھانگىر خوجىنى ئۆلۈمگە بۇيرىغان ، دېيىلىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە، بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن، خاننىڭ ھوزۇرىغا بارغۇچىلىك ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولغان، دېيىلىدۇ.( ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، جاھانگىر خوجىنى بېيجىڭغا يالاپ ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مانجۇ ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى زوراۋانلىقلىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا دورا ئىچۈرۈپ سۆزلىيەلمەس قىلىپ قويغان. سوراقتا جاھانگىر خوجا داۋگۇاڭ خاننىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرەلمەي، خان تەرىپىدىن چېپىلىشقا بۇيرۇلغان_ مۇھەررىردىن)
  ئىشەنىچلىك رىۋايەت شۇكى، ئازاقبەك جاھانگىر خوجىنى تۇتۇپ بېيجىڭغا ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن خاقانى چىن ئازاقبەگنىڭ ئۆزىگە << ۋاڭ >> لىق، خوتۇنىغا << پۇجۇڭ>> لىق مەنسەپ بېرىپ ،يىلىغا ئۆزىگە يىگىرمە يامبۇ، خوتۇنىغا ئون ئىككى يامبۇ مائاش بەلگىلەپ پەرمان چۈشۈردى. ئازاقبەگدىن كېيىن ئوغلى ئەھمەد ۋاڭ بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەھمەدنىڭ ئوغلى ھامىت ۋاڭ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئازاقبەگنىڭ ئەۋلادى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا چۈشمەي ۋاڭ بولۇپ، بەلگىلەنگەن مائاشنى ئېلىپ تۇردى. شۇ چاغدا ئازاقبەگ قەشقەرگە، ئوغلى ئەھمەد ئاقسۇغا ھاكىن بولغانىكەن.
  Hitay چىرىكلىرى جاھانگىر خوجا ھايات ۋاقتىدا قەشقەردە مەنسەپ تۇتقان ياكى خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى، يەر-سۇ، مال- مۈلۈك، چارۋىلىرىنى ئولجاقىلىپ ئېلىپ كەتكەندىن تاشقىرى، ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوغۇل- قىز، كىچىك بالىلارنى ئەسىر ۋە ئولجا قىلىپ، بۇ تەرىپى ئىلى، ئۇ تەرىپى لەنجۇغا ئېلىپ بېرىپ ، Hitayلارنىڭ خىزمىتىگە ئىشلىتىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بەردى. بۇ ئەھۋالنى پادىشاھ مۇھەممەد ئېلىخان ( قەبرىسى نۇرغا تولسۇن) ئاڭلاپ، << بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولغان بىز >> دەپ بىلىپ، خاقانى چىنغا قوقەن خانلىقى نامىدىن ئەرز يېزىپ، ئالىم بايۋەتچە باشلىق بىرنەچچە كىشىنى ئەلچى قىلىپ، نۇرغۇن سوۋغا - سالام، تارتۇق- پىشكەشلەر بىلەن ئەۋەتتى. ئەرزنامىگە:<< ئۇلۇغ خاقانى چىنغا تىغ تارتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقىتىلدى، كىچىك بالىلار ۋە ئاجىز خوتۇن كىشىلەردىن ھېچقانداق گۇناھ ئۆتمىدى، شۇڭا بۇلارنىڭ گۇناھىنى تىلەيمىز. يەنە بىرى يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىق ( ئۆزبىك) لارغا مەن<ئاقساقال> قىلىپ بەلگىلىگلىسەم، بۇ ئاقساقاللار ھەمىشە تەكشۈرۈپ خەۋەردار بولۇپ تۇرسا، ئەگەر يەنە يامان ئادەملەر پەيدا بولۇپ قالسا، دەرھال تۇتۇپ ماڭا ئەۋەتىپ بەرسە، مەن جازالىسام. بۇنىڭدىن كېيىن خاننى ئاۋارە قىلىدىغان ئىش بولمىىسا>> دېگەن مەزمۇنلار يېزىلدى.
ئەلچىلەر بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، ئەرزنامىنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن خانغا سۇندى. خان قوبۇل قىلىپ ، ئەسىر قىلىپ Hitayلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن قېرى - ياش قىز- جۇۋان، رەسىدە - نارەسىدە ھەممە كىشىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇشنى تەستىقلاپ يارلىق چۈشۈردى. ھەممە جايدىكى ئەسىرلەرنى مەنزىلدىن- مەنزىلگە، ئۆتەڭدىن - ئۆتەڭگە ئات- ئۇلاغ، ئاش- تاماق بېرىپ ئۆز يۇرتىغا قايتۇردى. مۇشۇ ئارىدا تۆت يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ، بىرمۇنچە ئاياللارنى Hitayلار ئەمرىگە ئېلىپ بالا تاپقانىكەن. ئانىلىرى مۇشۇ بالىلارنىمۇ بىللە ئېلىپ قايتىپ كېلىشتى.
 ئەسىر قىلىنغان كىشىلەر غېرىپ- مۇساپىرلىقتىن قۇتۇلۇپ ، ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتىپ كەلگەنلىرىگە خوش بولۇپ، چوڭ- كىچىك ھەممىسى << نازۇگۇم >> دېگەن ناخشىنى ئىجاد قىلىپ، يول بويى بۇ ناخشىنى ناھايىتى مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن ئېيتىپ مېڭىپتۇ. يىراقتىكى خالايىقلار ناخشىنى ئاڭلاپ بۇلارنى كۆرگىلى كېلىشىپتۇ، چىداپ تۇرالماي يىغا - زار قىلىشىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ << نازۇگۇم >> ناخشىسى ئەل ئارقىسىغا تارقىلىپتۇ.
 يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىق ( ئۆزبىك ) لار ئۈستىگە ئاقساقال بەلگىلەش شۇچاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىجرا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
 ئاخىر مۇھەممەد ئېلىخان بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى. ئورنىغا خۇدايارخان تەخىتكە چىقتى. بىرمۇنچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بىرقىسىم پۇقرالار ۋە توپىلاڭچىلار خۇدايارخاندىن يۈز ئۆرۈپ ئاكىسى مەللەخاننى تەخىتكە چىقاردى. خۇدايارخان بۇخاراغا قېچىپ كەتتى.
  تۆت يىلدىن كېيىن موللا ئالىمقۇل دېگەن قىرغىزنىڭ پادىشاھ بولغۇسى كېلىپ، ئەتراپىغا بىرمۇنچە قىرغىز، قىپچاقلارنى توپلاپ ئېغۋا تېرىپ ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەللەخان ئۆلتۈرۈلدى. پەرغانە دۆلىتى كۈندىن- كۈنگە زاۋاللىققا يۈزلەندى.
  ھىجرىيىنىڭ 1270- تاشكەنىت ھاكىمى قانائەت شاھ دېگەن تاجىكنىڭ مەسلىھەتى بىلەن خۇدايارخاننى بۇخارادىن ئېلىپ كېلىپ ئىككىنچى قېتىم تەخىتكە ئولتۇرغۇزدى.
  جاھانگىر خوجا دەۋرىدىن تا ھازىرغىچە قەشقەر، بەلكى يەتتەشەھەر خاقانى چىننىڭ قولىدا بولۇپ كەلدى. ئەمما شۇ ئارىدا ۋەلىخان تۆرەم كېلىپ قەشقەر شەھىرىنى قورشاپ مۇھاسىرىگە ئالدى. يېزا- سەھرالارنى ئۆزىگە قارىتىپ ، يامان ئىش قىلغان، خەلىقنى ئەزگەن زالىملارنى ئۆلتۈرۈپ، كاپىر ۋە زالىم مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىنى قوشۇپ ئارىلاش قىلىپ، ئالتە جايغا ئادەم كاللىسىدىن مۇنار قوپۇردى. رىۋايەت قىلغۇچىلاربۇ مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز كېلەتتى، دىيىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە نۇرغۇن Hitay، قالماق چىرىكلىرى كېلىپ قەشقەرنى تارتىۋىلىپ ناھايىتى نۇرغۇن ئادەملەرنى قىرىپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن كاتتاخان تۆرەم، كىچىكخان تۆرەملەر كېلىپ قەشقەرنى ئۈچ ئاي قورشاپ ئالالماي، ئاخىر ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كەتتى. بۇلارنىڭ قىسسە- ھېكايىلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلسام سۆز ئۇزىراپ كېتىپ ، ئەسلى مەقسەتتىن يىراقلىشىپ كېتەرمەنمىكىن دەپ ، خاھىشىمنىڭ تىزگىنىنى مەقسەت يولىغا تارىتتىم ۋە ئۇلارنىڭ قىسسىلىرىدىن قايىتتىم.

3.  خاقانى چىننىڭ قەدىم زاماندا مۇسۇلمان بولغانلىقى؛ تۇڭگانلارنىڭ خاقانى چىن مەملىكىتىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقى؛ Hitayلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدا جىدەل - ماجرا يۈز بېرىپ، خاقانى چىن دۆلىتىگە زىيان - زەخمەت يەتكەنلىكى؛
  ھىجرىيىنىڭ 1281- يىلى ( يىلان يىلى ) ، مۇھەررەم ئېيىنىڭ بىرى ، شەنبە كۈنى كېچىسى ، كۇچادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەرلىك تۇڭگانلاردىن ماشۇر ئاخۇن، مالۇڭ، شەمسىدىن خەلپە باشلىق بىرنەچچە تۇڭگانلاركۈجە- شام كۆيدۈرۈپ ، ئىسرىق يېقىپ ئىسيان كۆتۈردى. ئۇلار كۇچادا ھۆكىمىرانلىق قىلىپ تۇرغان Hitay ئەمەلدارلار ۋە چىرىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ خاقانى چىنغا بويسۇنۇشتىن باش تارىتتى.  ئالدى بىلەن تۇڭگانلارنىڭ چىنغا بويسۇنۇشتىن باش تارىتقانلىقىغا بىرەر سەۋەپ، بىرەر ئىشنى نەقىل قىلغۇچى ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ سۆزى بويىچە بۇ قەغەزگە يېزىشنى قارار تاپتىم . چۈنكى ھەربىر ئادەم ھەرخىل ھېكايە ۋە رىۋايەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەزمۇنى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى كېلىدىغانلىرىمۇ بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشەنىچلىك، ئەقىلگە مۇۋاپىق، توغرىراقلىرىنى تاللىۋىلىپ تۆۋەندە بايان قىلدىم.
 بۇرۇنقى زاماندا خاقانى چىندا ئادالەتلىك، پۇقراپەرۋەر << تاڭ ۋاڭ خان>> دېگەن خان بولۇپ، بىر كېچىسى چۈشىدە، خاننىڭ ئوردىسىدا بىرئەجدىھا پەيدا بولۇپ، ئوردىنىڭ تۈۋرىكىگە يۆگىشىۋاپتۇ ۋە خاننى دەم تارىتقىلى تۇرۇپتۇ . شۇ چاغدا ئۈستىگە يېشىل چاپان كىيگەن، بېشىغا ئاق سەللە يۆگىگەن ھەيۋەتلىك بىر كىشى پەيدا بولۇپ، قولىدىكى ھاسا بىلەن ئەجدىھانى بىر ئۇرغانىكەن، ئەجدىھا ئىككى پارچە بولۇپ ئۆلۈپتۇ. خان چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى ۋەزىر ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنى چاقىرىپ، كېچىسى كۆرگەن چۈشىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ ، تەبىرىنى سوراپتۇ.  ۋەزىرلەردىن داناراق بىرى :<< مۇشۇ كۈنلەردە قىبلە تەرەپتە خۇددى سىلى كۆرگەندەك بىر كېشى پەيدا بولۇپ ، پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىۋاتقانمىش. چۈشلىرىدە كۆرگەنلىرى شۇ كىشى بولغايمىكىن. تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتسەك >> دەپتۇ. خان قوشۇلۇپ نۇرغۇن تاۋار-دۇردۇن، چاي، سوۋغا- سالاملارنى تەييارلاپ، ئەمەلدارلار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، ئىشەنىچلىك بىر ئادەمنى باشلىق قىلىپ، نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش، يول راسخوتى بېرىپ، تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. بۇلار يۇرىتمۇ- يۇرىت، شەھەرمۇ-شەھەر كېزىپ، ئاخىر خان چۈشىدە كۆرگەن سۈپەتتىكى كىشىگە يەنى ئاخىر زاماننىڭ پەيغەمبىرىگە ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ) ئۇچرىشىپ ۋەقەنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ، بۇ يەرگە كېلىشتىكى سەۋەپ، مەقسەتلىرىنى ئېيتىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاخىر زامان پەيغەمبىرى بىر پارچە خەت يېزىپ خاقانى چىندىن كەلگەن كىشىگە بېرىپ:<< سىزگە رۇخسەت، ئەمدى قايتىپ كېتىڭ >> دەپتۇ. بۇ كىشى:<< مەن ئۆزلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېتىشكە كەلگەنىدىم>> دەپتۇ. ئاخىر زامان پەيغەمبىرى جاۋاپ بېرىپ :<< سىز مۇشۇ خەتنى ئېلىپ كېتىۋىرىڭ، يولدا ئاچماڭ، پادىشاھىڭىز ئۆز قولى بىلەن ئاچسۇن، شۇ چاغدا مەن ھازىر بولىمەن>> دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خاقانى چىندىن كەلگەن كىشىلەر قايتىپ بىر مۇنچە ۋاقىت يول يۈرۈپ بىر يەرگە كەلگەندە، شەيتان ئازدۇرۇپ خەتنى ئېچىپ كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇپتۇ. ئاقىۋەت شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ خەتنى شۇنداق ئېچىشىغىلا، خەتنىڭ ئىچىدىن ئاخىر زامان پەيغەمبىرى چىقىپ غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكى شۇنداق روشەن كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ناھايىتى پۇشايمان قىلىپتۇ. ئەمما ئورنىغا كەلمەپتۇ. خەتنى ئاۋايلاپ ئەسلىدىكىدەك يەملەپ، خاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ كۆرگەن- بىلگەن ۋەقەلىرىنى بىر- بىرلەپ بايان قىلىپتۇ. خان خەتنى ئېچىپ كۆرسە خەت چىنچە ( خەنزۇچە) يېزىلغانىكەن. خان ھەيران قىلىپ، << بۇ خەتنى كىم يازدى؟>> دەپ سوراپتۇ.
  خەتنى ئېلىپ كەلگەن كىشى:<< بىلمەيمەن>>دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. دەرۋەقە، بۇلار خەتنى كىمنىڭ يازغىنىنى كۆرمىگەن ئىكەن.  خەتنى كىم ئاچتى؟ راستىنى دېسەڭ گۇناھىڭدىن ئۆتىمەن، يالغان ئېيىتساڭ ھەرگىز تىرىك قويمايمەن>> دەپتۇ. خەتنى ئېلىپ كەلگەن كىشى ئىلاجسىزلىقتىن راستىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ئادالەتلىك پادىشاھ :<< گۇناھىڭدىن ئۆتتۈم، ئەمما قىلغان گۇناھىڭ ئۈچۈن يەنە بىر بېرىپ،  يا ئۆزىنى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەل، يا باشقىدىن خەت ئېلىپ كەل>> دەپ ئەمر قىلىپ قايتىدىن يولغا ساپتۇ. بۇلار يەنە بىر مۇنچە ۋاقىت يول يۈرۈپ، مىڭ بىر مۇشەققەت تارتىپ يېتىپ بېرىپتۇ ۋە ئاخىر زامان پەيغەمبىرى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى كۆرۈپلا:<< شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ خەتنى ئېچىپ، ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ، پادىشاھىڭغىمۇ قىلدىڭ>> دەپتۇ. ھەم <<قاس>>، << ۋەققاس>>، << ئاس>> ناملىق ئۈچ نەپەر ئۇلۇغ كىشىنى بەلگىلەپ، يەتتە كىشىنى ھەمراھ قىلىپ جەمئىي ئون كىشىنى خاقانى چىننىڭ ئەلچىلىرىگە قوشۇپ يولغا ساپتۇ. بۇلار يۇرىتمۇ- يۇرىت ، شەھەرمۇ- شەھەر يول يۈرۈپ، دەشىت- باياۋانلارنى كېزىپ، << جايۈگۈەن>> گە يىتىپ كەلگەندە ، ئۈچ كىشىنىڭ بىرى ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپتۇ. مازىرى ھېلىمۇ بار. جايۈگۈەندىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر كىشى ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپتۇ. مازىرى ھېلىمۇ مەشھۇر.
  خاقانى چىننىڭ ئەلچىلىرى << ۋەققاس>> دېگەن كىشى بىلەن قوشۇلۇپ قالغان سەككىز كىشىنى ئېلىپ خاننىڭ پايتەختىگە يېقىن بارغاندا، خان ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئادەم ئەۋەتىپ ئىززەت- ھۆرمەت بىلەن شەھەرگە ئېلىپ كىلىپ كۆرۈشۈپتۇ. ئەمما << مەن تەكلىپ قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى كەلمەپتۇ>> خاننىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپتۇ. ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇش- بولماسلىق ئۈستىدە ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپتۇ، خاننىڭ ئون ئىككى ۋەزىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇسۇلمان بولۇشقا قوشۇلۇپتۇ، بەزىلىرى قوشۇلماپتۇ. ئەمما خاننىڭ ئۆزى ۋەزىرلىرىدىن يوشۇرۇن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمانلىق شەرىپىگە ئىگە بولۇپتۇ.
  كەلگەن سەككىز كىشىنىڭ تىلىنى چىن خەلقى بىلمەي، چىن خەلقىنىڭ تىلىنى بۇ سەككىز كىشى بىلمەي ناھايىتى تەڭلىكتە قاپتۇ. بۇ بىرنەچچە ئادەم بۇ يەردە غېرىپسىنىپ قاپتۇ. خان :<< قەيەردىن بولمىسۇن، بۇلارنىڭ تىلىنى بىلىپ ئۈلپەت بولىدىغان ئادەم تېپىپ كېلىڭلار>> دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ، خاننىڭ ئىشەنىچلىك بىر ئادىمى Hitay خەلقىدىن سەكسەن ئائىلىلىك كىشىنى ئېلىپ كېلىپ سەمەرقەنىد دۆلىتىگە بېرىپتۇ. ئۇ يەردىن بۇ سەكسەن ئۆيلۈك ئادەمگە قىرىق نەپەر مۇسۇلماننى تېگىشىپ ئېلىپ قايتىپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى سەككىز كىشى قوشۇلۇپ قىرىق سەككىز نەپەر كىشى بوپتۇ.
  سەمەرقەند پادىشاھى ھېلىقى سەكسەن ئۆيلۈك ئادەمگە كەڭرى بىر يايلاقنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ. بۇلار شۇيەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ كۈندىن - كۈنگە ئەۋلادى كۆپىيىپتۇ. Hitay قىپچاقلىرى ( تۇڭگانلار) شۇلارنىڭ ئەۋلادى، دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇ.
  يەنە بىر رىۋايەتتە، ئاخىر زامان پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستەفا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاقتىدا سەمەرقەند دۆلىتى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان. ئەمما ، شۇچاغدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ شەرىئەتلىرىنى تەلتۆكۈس ئىجرا قىلىۋاتقان بىرئۇلۇغ كىشى بار ئىكەن. تۇڭگانلار شۇكىشىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ بارلىققا كەلگەن، دېيىلىدۇ.
  يەنە بىر رىۋايەتتە ، پۈتۈن تۇڭگانلاريۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن قىرىق سەككىز نەپەر كىشىنىڭ ئەۋلادىدىن تارالغان، يۇرىت- يۇرىت، شەھەر- شەھەرلەردىن Hitay خەلقى يوشۇرۇن ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان، تۇڭگانلار ئىسلام دىنىنى تاشلاپ بالدۇرقى Hitay دىنىغا قايىتمىغان. شۇڭا تۇڭگانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ، دېيىلىدۇ.
  بەخىت- دۆلەتلىك خاقانى چىن مۇسۇلمانلىق شەرىپىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن<< ھەر كىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولسىمۇ ئىختىيارى، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ دىن- يۇسۇنىدىن چىقمايمىز ، دەپ مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئىختىيارى>> دەپ، يۇرىتمۇ- يۇرىتقا، شەھەرمۇ- شەھەرگە يارلىق چۈشۈرۈپتۇ.
  خاقانى چىننىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان قائىدە - يۇسۇنى شۇنداق ئىدىكى، ئۆزىگە تەۋە پۇقرالىرى قايسى دىندا بولسا، ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق بولۇپ، ئۇلارنى ئۇ ياكى بۇ دىنغا تەكلىپ ۋە دەۋەت قىلمايىتتى. ھەركىم ئۆزدىن ۋە ئۆز مىللىتىدە مەھكەم تۇرۇپ يۈرىۋەرسە بولىۋىرەتتى.
  خاقانى چىن ئۆز دۆلىتىگە كەلگەن مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى رام قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭدا تۇرۇپ قېلىشقا كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپتۇ. نۇرغۇن يەرلىك ئەر- ئايال، قېرى- ياشلارنى يىغىپ ئۆز رەسىم-قائىدىسى بويىچە چوڭ ئويۇن- تاماشا ئۆتكۈزۈشكە يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. مۇسۇلمانلارغا بولسا:<< مۇشۇ ئويۇن- تاماشىغا كەلگەن چوڭ - كىچىك خوتۇن- قىزلاردىن قايسىسى سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا يارىسا، شۇنى سىلەرگە بۇيرۇپ بېرىمەن. سىلەرگە يارىغاننىڭ ئېرى  ياكى بالىسى بولسىمۇ مەيلى>> دەپتۇ.
  مۇسۇلمانلار خاننىڭ ئەمرى بويىچە كۆڭلىگە يارىغاننى ۋە ئۆزى خالىغاننى تۇتۇپتۇ. ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئەمرىگە ئېلىپ ئۆي تۇتۇپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلار << تۇڭگان >> دەپ ئاتىلىپتۇ. لېكىن ئېرى بار ئايال، يېشى كىچىك قىزلارنى ئۆزئەمرىگە ئالغانلىقىغا Hitay پۇقرالىرى نارازى بولۇپ، << بۇلار <سۇ خۇي خۇي > ئىكەن دەپتۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى <<يۈزى يوق <يۈزسىز> دېگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ Hitayلار بىلەن تۇڭگانلار جىدەل-ماجرا قىلىپ قالسا<<سۇ خۇي خۇي>> دەپ دەشنام-ھاقارەت قىلىدىغان بولۇپتۇ. ئەللىك Hitay پۇقرانى بىر تۇڭگان بىلەن تەڭ كۆرۈپتۇ. بىر تۇڭگان ئەللىك تۈرلۈك گۇناھ ئۆتكۈزمىگۈچە جاۋاپكارلىققا تارتىلماپتۇ. تۇڭگانلارنىڭ چوڭچىلىق قىلىپ Hitayلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى تۇڭگانلارغا ئاشۇنداق يۈز- خاتىرە قىلغانلىقتىن بولغان.
  خان بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپتۇ. ئوغلى ئۇنىڭ ئورنىدا تەخىتىدە ئولتۇرۇپتۇ. بىرنەچچە ئەۋلادقىچە ئىسلام دىنىنىڭ راۋاجى بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئەمما، ئاخىرىغا كېلىپ خان توغرا يولدىن ئېزىپ، ئەسلىدىكى دىنىغا يېنىپ كېتىپتۇ. ۋەققاسمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.( مازىرى مەشھۇر ). شۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلار بىر نەچچە يۈز يىلغىچە ئەركىن ئۆتۈپتۇ. كېيىنكى چاغلاردا <<شىنفۇ>> دېگەن ۋىلايەتنىڭ كىچىكرەك شەھىرىدىكى تۇڭگانلار مەدرىسىكە ئوخشاش خانىقا بىنا قىپتۇ. بىرمۇنچە بىنەم زىمىننى خاندىن سوراپ ئېلىپ، سۇ چىقىرىپ، تېرىلغۇ يەرلەرگە ئايلاندۇرۇپ خانىقاغا ۋەخپە قىلىپتۇ. ھوسۇلنى شۇ مەدرىسىدە ئوقۇغان تالىپلارغا بېرىپتۇ. بۇ ۋەخپە يەرگە يېرىلغان زىرائەتلەرگە Hitayلارنىڭ توڭگۇزلىرى كىرىپ- چەيلەپ بۇزۇپتۇ. بىرنەچچە قېتىم ھەيدەپ چىقىرىپتۇ. جىدەل-ماجرالارمۇ بولۇپتۇ. ئاخىر بۇغداينى خامان قىلىپ تېپىپ چەش قىلغاندا، يەنە توڭگۇزلار كىرىپ چەشنى يەپتۇ. توڭگۇزلارنىڭ ئېگىلىرى بىلەن تۇڭگانلار ماجرا قىلىشىپ بىر-بىرىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ قويۇپتۇ. توڭگۇز ئىگىلىرىگە يەنە بىرمۇنچە Hitayلار يار-يۆلەك بولۇپتۇ. تۇڭگانلارغا مەدرىسدە ئوقۇۋاتقان تالىپلار يار- يۆلەك بولۇپ جىدەل چوڭىيىپتۇ. ۋەقەنى شەھەر باشلىقى ئاڭلاپ، جىدەلنى پەسەيتىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ كاتتىسىغا:<< بۇ ۋەخپە يەرنى نەچچە يىلدىن تېرىپ ھوسۇلنى ئالدى. ئەمدى يەرنى خېنى باجغا ھېسابلاپ ئېلىپ، سېتىپ پۇلىنى خەزىنىگە ئالساق>> دەپ خەت يېزىپتۇ. ئادەم چىقىپ ئۆلچەپ، نەرخ توختىتىۋاتقاندا، مەدرىسىدىكى موللىلار ۋە تۇڭگانلار قوزغىلىپ چىقىپ، يەر ساتقىلى چىققان خېرىدار ۋە خىزمەتچىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ. شەھەرگە يېتىپ كەلگەن ھامان شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئېتۋېلىپ، ئىككى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش-جەڭ بوپتۇ. تۇڭگانلار گورۇھى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىچىدە<< مافۇلوڭ>> دىگەن بىر ئاتاقلىق ئۆلىماسى بولۇپ، ئۇنى <<خان>>لىققا تەيىنلەپتۇ. تۇڭگانلار<<چىڭ جۇفۇ>>(كىنجاپ) دېگەن كاتتا بىر شەھەرنى بىنا قىلىپ، خاننى شۇ شەھەردە خانلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزۇپ، ھەرتەرەپكە ھۆكىمىرانلىق يۈرگۈزۈپتۇ.
  بۇ چاغ خاقانى چىننىڭ مەملىكىتىگە ئىنگىلىز ناسارالار تاجاۋۇز قىلىپ كېلىپ، بېرما ۋىلايىتى ۋە يەتمىش ئىككى شەھەرنى بېسىۋىلىپ ۋەيران قىلغان ، بىر تەرەپتە << ۋۇسۇڭگۇي چىن موزا >> خانلىق تالىشىۋاتقان، بىر تەرەپتە تۇڭگانلار جىدەل چىقىراۋاتقان ۋاقىت ئىكەن.
  ئاقىۋەت تۇڭگانلار چىڭجۇفۇدا تۇرالماي چەت-ياقا يۇرىتلارغا كېتىشنى مەسلىھەت قىلىشىپ، غەرىب تەرەپكە يۈزلىنىپتۇ. بۇ ئىش خانغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن خان غەرىب تەرەپتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ باشلىقلىرىغا :<< نۇرغۇن تۇڭگانلار نەسىھەت قىلساقمۇ ئۇنىماي، ئىتائىتىمدىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئەيىبى ۋە بىئەدەپلىكىدىن قورقۇپ غەرىب تەرەپكە ماڭدى. ئۇ تەرەپلەرگە بارساشۇتەرەپلەردىكى تۇڭگانلارمۇ قوشۇلۇپ، پۇقرالارغا زىيان كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بار. مۇشۇ يارلىقنى كۆرگەندىن كېيىن، شەھەر-شەھەردىكى تۇڭگانلارنى ئۆلتۈرۈپ ماڭا ئۇچۇرىنى بېرىڭلار>> دەپ يارلىق چۈشۈرىدۇ. ئىلىنىڭ جاڭجۈنى ( گېنرالى ) بۇ يارلىقنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ھەيران بولۇپ:<< تۇڭگانلار نۇرغۇن خەلىق، ئۇلارنىڭ خۇي-پەيلىمۇ باشقىچە بولۇپ قالدى. خاننىڭ يارلىقىنىڭ ئازراقلا پۇرىقىنى ئالسا، بىزئاخشامدا يوقىتىمىز دېگۈچە، ئۇلار ئەتتىگىنى قوزغىلىشى مۈمكىن. ئىچكىرىدىن كېلىدىغان تۇڭگانلارنىڭ مەنزىلى ئۇزۇن، ئۇنىڭغىچە تۇڭگانلارنى قىچقىرىپ كېلىپ، مۇلايىم سۆزلەر بىلەن پەند- نەسىھەت قىلىپ توختام تۈزۈشسەك ، ئۇلارنىڭمۇ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ پۇقرادارچىلىقىنى قىلىدۇ>> دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىدىن بىرنەچچە كىشىنى كېلىپ زىياپەت بېرىپ پەند- نەسىھەت قىلىپتۇ ھەم ئەھدۇ- پەيمان، ۋەدە-توختاملار تۈزۈشۈپتۇ. لېكىن، تۇڭگانلار خاتىرجەم بولالماي كېچىلىرى ئۇخلىماپتۇ. مازارلاردا تۈنەپ نەزىر قىلىشىپتۇ، بىر ئايدا بىر قېتىم غۇسلى- تەرەت قىلمايدىغانلىرىمۇ ھەركۈنى نەچچە قېتىم غۇسلى- تەرەت ئېلىپ غەم- ئەندىشىسى كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىپ بېرىپتۇ.
  جاڭجۈن تۇڭگانلارنىڭ خۇي-پەيلىگە قاراپ خاننىڭ يارلىقىنى ئىجرا قىلماقچى بولۇپ، شەھەر- شەھەرنىڭ ئامباللىرىغا:<< پالانى كۈنى پالانى سائەتتە تۇڭگان تائىپىسىنى قەتلىئام قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار>> دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ.
 ئۈرۈمچىدە سۇ دالويە دېگەن تۇڭگان Hitayلار ئىچىدە مەنسەپدار بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئۆتەڭدە كاتىپ ئىكەن. بۇ كاتىپ قەتلىئام قىلىش بۇيرۇقىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇپ دادىسىغا خەۋەر قىلىپتۇ. دادىسى شەھەر- شەھەرلەردىكى تۇڭگانلارنىڭ چوڭلىرىغا خەت ئەۋەتىپ، جاڭجۈننىڭ بۇيرۇقىنى بېسىپ قويۇپتۇ. سۇ دالويىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن تەڭ كۇچادىكى تۇڭگانلار بۇزۇلۇپ، Hitayلار ئولتۇراقلاشقان جايغا ئوت قويۇپ Hitayلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ.
  خاقانى چىننىڭ دۆلىتىگە زىيان- زەخمەت يەتكەنلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەپلىرى ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار:
داۋگۇاڭ خاننىڭ خانلىق زامانىدا خاقانى چىن مەملىكىتى ناھايىتى تىنىچ، ئاۋات، مەمۇرىچىلىق بولغانىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن شەنفىڭ خان تەخىتكە چىققاندىن كېيىن زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپتۇ. پەرەڭلەر ( ياۋروپالىقلارنى دېمەكچى) نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئېلىپ، تالان-تاراج قىلىپ خوجايىن بولۇۋاپتۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارا Hitayلار خانلىق تالىشىپ خاقاندىن يۈز ئۆرۈپ، جەڭ- جىدەل توختىماپتۇ. تۇڭگانلار ئۆز ئىچىدىن خاقان تەيىنلەپ خاقانى چىنغا بويسۇنماپتۇ. ئەتراپتىكى قوشنا پادىشاھلارمۇ ھەربىرى بىر تۈرلۈك سۆز چىقىرىپ خاقانى چىننى ئارامىدا قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خاقانى چىن مەملىكىتى ۋە ئۇنىڭ پۇقرا- خەلىقلىرىنىڭ بېشى تىنىچ ۋە خاتىرجەم بولالماپتۇ.
  خاقانى چىن بۇ تەرەپتىكى شەھەرلەرنى كۇۋەي( قاپقىنىڭ سىرتى) دەپ ئاتايدىكەن. يۇقىرىقىدەك پاراكەندىچىلىك بىلەن كۇۋەيدىن خەۋەر ئالالماپتۇ، بەلكى كۇۋەيگە تەۋە يۇرىتلاردىكى مەنسەپدار - چىرىكلەرگە :<< بۇنىڭدىن كېيىن (كۇلياڭ) يەنى تەمىنات ئەۋەتىپ بېرەلمەيمەن. نەچچە يىللاردىن بېرى تەمىنات ئەۋەتىپ بېرىپ، نۇرغۇن خەزىنىلەرنى سەرىپ قىلىپ كۈۋەيدىكى مەنسەپدار - چىرىكلەرنى باقتىم. ئەمما، خەزىنىگە ھېچقانداق مەنپەئەت پايدا تەگمىدى. كۈۋەينى تاشلاپ قايتىپ كېلىڭلار>> دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. ئەمما بۇ تەرەپتىكى Hitayلارنىڭ چوڭى جاڭجۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭى قۇمۇل ۋاڭى ئەھمەد ۋاڭ بەگ قاتارلىق كاتتا مەنسەپدارلارمەسلىھەت قىلىشىپ خانغا :<< بۇ تەرەپتىكى شەھەرلەرگە ئۇلۇغ خاننىڭ خەزىنىسىدىن تەمىنات كەلمىسىمۇ،كان تېپىپ ئۆز كۈچىمىز بىلەن ئالتۇن-كۈمۈش، مىس كولاپ چىرىكلەرنى باقىمىز. بىز ئاتا-بوۋا ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپلا ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، دۆلىتىنى كۆرگەن. يارلىققا ئەمەل قىلىپ كۈۋەينى تاشلاپ كەتسەك، ئۇلۇغ خاقانى چىننىڭ شەرنىگە ئوبدان بولماسمىكىن >> دەپ خەت يېزىپتۇ. خەتكە يەنە خاننى ماقۇل دېگۈزىدىغان بىرمۇنچە گەپلەر كىرگۈزىلىپتۇ. ئەرزنى خاقانى چىن كۆرۈپ:<< جۈنلى ( تەستىقلىدىم)  ئۇنداق بولسا، ئۆزۈڭلار كان تېپىپ چىرىكلەرنى بېقىڭلار. ئۇششاق پۇقرالارغا جەبىر-زۇلۇم بولىدىغان ئىش بولمىسۇن>> دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەر-شەھەردىكى مەنسەپدارلار پۇقرالارنى ھاشاركەشلىككە ئېلىپ بېرىپ تاغمۇ-تاغ، دەشىتمۇ- دەشىت كان ئىزدەپ، تاغ باغرىلىرىنى چاشقان تەشكەندەك ئۆتمۈتۆشۈك قىلىۋەتتى. ئەمما، كان تاپالمىدى، ئىشلىگەنلەرگىمۇ ھەق بېرىلمىدى. ئېچىلغان كانلارمۇ كېيىن تاشلىنىپ كەتتى. نەچچە تۈرلۈك باج پەيدا بولدى. پۇقرالاردىن << تۇز پۇلى>> دەپ باج پۇلى ئېلىندى. ھەر ئايدا ئادەم بېشىغا << چوقا پۇلى>> دەپ پۇل ئېلىندى.
  گەپنىڭ قىسقىسى، ئالۋان- ياساق كۆپىيىپ، تىنىچلىق ۋە ئاراملىق يوقالدى. پۇلى بار كىشىلەر hitayالارغا ۋە مەنسەپدارلارغا ، كاتتا بەگلەرگە پارە بىرىپ ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە كىردى. پۈتۈن ئالۋاڭ- ياساق پۇلى يوق، غېرىپ- بىچارىلەرنىڭ بېشىغا چۈشتى. ئۇلار كۆتۈرەلمەي يەر- سۇ، ئۆي - سەرەمجان، ئات - ئۇلاغلىرىنى Hitayلارغا گۆرۈ قويۇپ، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا شېغىنىپ يىغا - زار قىلىشتى.
  كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەھەردىكى چىرىكلەر داقا-دۇمباقلىرىنى چېلىشىپ مەنسەپدارلارنىڭ ئىشىكىگە بېرىپ:<< بىزلەرنىڭ مائاش- تەمىناتلىرىمىزنى بەرسۇن، بولمىسا يۇرىتلىرىمىزغا قايتىپ كېتىمىز ياكى مەنسەپدارلارنىڭ ئۆيلىرىنى بۇلاپ - تالايمىز >> دەپ غەلۋە قىلدى. مەنسەپدارلار غەمگە چۈشۈپ ئۆزىدىن قورقۇپ << ھەرقانداق پۇلى بار ئادەم كۈمۈش پۇل سوۋغات قىلسا مەنسەپ بېرىمىز >> دەپ بازار-گۈزەرلەرگە ئېلان چاپلىدى. بۇنى كۆرۈپ بەزى بېخىل ئادەملەر مەنسەپ تەمە قىلىپ پۇل بېرىپ ئەمەل تاپتى. پۇقرالار زۇلۇم- جاپا تارىتتى . ھەرقانداق نام-نىشانى يوق، ئوغرى- بۇلاڭچى، سەرگەردانلارمۇ پۇل بەرسىلا ئۇنىڭغا مەنسەپ بېرىلدى.  پۇقراغا ۋابال بولىدىغانلىقى مەنسەپدارلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىدى. جەبر-زۇلۇم كۈندىن - كۈنگە زىيادە بولدى. Hitay مەنسەپدارلارغا ئەرز بېرىلسە:<< چەنتۇ ( يەرلىك خەلىق __ ئۇيغۇر) نىڭ ئىشىنى ھاكىمبەگ بىلىدۇ>> دەپ سورىمىدى ۋە ئۆز مەقسەتلىرى بويىچە خالىغاننى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم قورقۇپ ئەرز بەرمىدى. تۇڭچى-تىلماچلار دەللالغا ئوخشاش ، مەنسەپنى سودىلىشىپ باھا قويۇپ، كۈمۈش پۇلغا ئاشكارە ساتتى. بۇرۇندىن تارتىپ خاقاننىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئاتا - بوۋا ئەجدادلىرىدىن تارتىپ يۇرىت سوراپ ئابرۇي تاپقان بەگ ۋە خار بولۇپ ئىتبارسىز قالدى.
 يەنە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ ؛ يەكەنگە ئەپرىدۇن ۋاڭ بەگ ھاكىم، بىلى مۇھەممەد ۋاڭ بېگى ئىشىكئاغا ئىدى. بىر گۇناھ قويۇپ ئەپرىدۇن ۋاڭ بەگنى يەكەننىڭ ھاكىملىقىدىن ئېلىۋىتىپ ، خوتەنلىك رۇستەمبەگدىن ئىككى مىڭ يامبۇ ئېلىپ يەكەنگە ھاكىم قىلدى. رۇستەمبەگ دېگەن مۇھەممەد ئىمىن ۋاڭنىڭ ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچى ئورنىدىكى ئادەم ئىدى. ئۇنى پۇل بەردى دەپ ۋاڭنىڭ ئۈستىگە ھاكىم قىلىپ ، ۋاڭنى ئىشىكئاغىلىق مەنسەپكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىغا مۇھەممەد ئىمىن ۋاڭ نۇمۇس قىلىپ :<< بۇنداق تىرىكلىكتىن ئۆلگىنىم مىڭ ياخشى>> دەپ ئۆزىنى ھالاك قىلدى.
  كۇچالىق ئازاقبەگ ۋە ئەھمەد ۋاڭ بەگلەرنىڭ ئالدىدا خىزمەتكار بولۇپ كەلگەن كۇچالىق قۇتلۇقبەگ قەشقەرگە ھاكىم بولدى . ئىنىسى سايىتبەگ بىرمىڭ بەشيۈز يامبۇ بېرىپ ئاقسۇغا ھاكىم بولدى. بۇرۇنقى بەگلەر بىكار بولدى، بىكار پۇقرالار بەگ بولۇپ يۇرىت سورىدى. ياخشى پەزىلەتلىك كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمىدى. پۇقرالارنىڭ كۆز يېشىدىن ئېھتىيات قىلماي،<< ئۇۋال بولار>> دېگەننى يادىغا كەلتۈرمىدى. مەنسەپ، ئارزۇ - ھەۋىسى ۋە بەرگەن پۇل-كۈمۈشلىرىنى ئۈندىرىۋىلىشنىڭ غېمىدىن باشقىنى خىيالىغا كەلتۈرمىدى. كۆرۈنۈشتە ئۇلۇغ خانغا خىزمەت قىلىپ، چىرىكلەرنى بېقىپ يۇرىتقا ئىگىدارچىلىق قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە، دۆلەتنىڭ بىخ-يىلتىزىنى كېسىپ قۇرۇتۇشقا سەۋەپ بولدى. پەزىلەتلىك ياخشى كىشىلەر، بەگزادە، ئېسىل ئادەملەر چەتكە قېقىلىپ، بۇلۇڭ - پۇچقاقتا قالدى. ئاجىز پۇقرالارنى ئاتىنى بالىغا، بالىنى ئاتىغا قوشماي ، ئالۋان- ياساق، ھاشارغا ھەيدىدى. ئاجىز پۇقرالارنىڭ چىدىغۇچىلىكى قالماي، پۇلنىڭ ۋە جاننىڭ ئاچچىقىدىن تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا سېغىنىپ كۆزلىرىدىن قەترە-قەترە، بەلكى دەريا-دەريا ياش تۆكۈلدى.بۇنداق ئاچچىق ياش دۆلەت يىلتىزىغا تەسىر قىلىپ، بۇ دەرەخنىڭ قۇرۇشىغا سەۋەپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغا بارماي Hitay مەنسەپدارلىرى ۋە يۇرىتنىڭ ھاكىملىرى زاۋال تېپىپ يەر بىلەن يەكسان بولدى. مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ ئېيىتقانلىرى يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ راسىتلىقىغا گۇۋاھ بولالايدۇ.
                                                            مەسنەۋى
                                              تا دىلى مەردى خۇدا نايەد بەدەرد،
                                              ھېچ  مەرىدىرا  خۇدا  رەسۋانىكەرد.
مەنسى:  كىشىنىڭ دىلى بۇزۇق بولمىسىلا، تەڭرى ئۇنى رەسۋا قىلمايدۇ.

دېگەندەك ، دىلى ئاگاھ ، غەپلەتتە ئەمەس بىرەر كىشىنىڭ سەھەر قوپۇپ قىلغان نالە-پەريادى،ئاھۇ-زارى ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى، رەھىم - شەپقەتلىك ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ دەرگاھىدا ئىجابەت بولغان بولىشى مۈمكىن.
پۈتۈن ئالەمنىڭ تەڭرىسى ئۆز كۈچ - قۇدرىتى بىلەن << پادىشاھلىقنىڭ تاجىنى خالىسا بىراۋغا بېرىدۇ، خالىسا بىراۋدىن ئالىدۇ >> دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە، ئۆزىگە خاس سۈپىتىنى ئاشكارە قىلغانلىقتىن، بۇموغۇلىستان شەھەرلىرى نام-نىشانسىز مۇسۇلمان ۋە تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولۇشى مۈمكىن.
  توختالغۇسى يوق ، ۋاپاسىز پەلەك ئۆزىنىڭ رەڭۋازلىقىنى ئىشقا سېلىپ، ھەمىشە بىر گورۇھ كىشىلەرنى پەس ۋە خار قىلسا، يەنە بىر گورۇھ كىشىلەرنى ئەزىز ۋە ئۈستۈن قىلىدۇ. ئاقىل ۋە دانا كىشىلەر بۇنداق ئاجايىپ ئىشلاردىن تەجىرىبە ھاسىل قىلىپ، چوڭقۇر نەزەرلىرى بىلەن قاراپ، ئىبرەت ئېلىپ، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆزيېشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئاجىز بىچارىلەرنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئادالەت بىلەن ئىش قىلسا، ئۇلۇغ تەڭرى ئۇنداق كىشىلەرگە كاتتا ئەجىر بېرىدۇ ، كىشىلەرمۇ ئۇلارنى چىرايلىق نام، ياخشى سۈپەت بىلەن ماختايدۇ. << ئادىللىق بىلەن قىلىنغان بىر سائەتلىك ئىش پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ قىلغان ئىبادىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ>> دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا مۇۋاپىق ، ئىبادەتنىڭ مۇشۇنداق ئۇلۇغ، كاتتا ساۋابىغا پەقەت پادىشاھ، ھاكىم ، يۇرىت چوڭلىرىلا مۇيەسسەر بولالايدۇ. باشقىلارنىڭ مۇيەسسەر بولىشى مۈمكىن ئەمەس. ئۇلۇغ تەڭرىم ! ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن پادىشاھ ، ھاكىم، يۇرىت چوڭلىرىغا ئىنساپ ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئادالەتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، زۇلۇمنىڭ دەرۋازىسىنى ياپقىن. ئىككى ئالەم پەيغەمبىرىنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئامىن !
 
 
             مەنبە :  Sirdaxyurak.blogbus.com

ئىتقاد قىلغىنىڭدەك ياشىمىساڭ ، بىلگىنكى ياشىغىنىڭدەك ئىتقادتىسەن !   __ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش