ئۇرۇنسىز سۇئال
دوئىل يىقىندىلا تۇنۇشقان تۇمۇچۇقتىن سوراپتۇ :
- خانقىز بۇيىل قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟
-كەچۈرۈڭ ، قىزلاردىن بۇنداق سۇئاللارنى سوررىسىڭىز ئەدەپسىزلىك بولىدۇ ،- دەپتۇ تۇمۇچۇق .
-نىمىشقا ئەمدى ،- سوراپتۇ دوئىل .
- بۇ خۇددى مەن سىزدىن ، پورتمالىڭىزدا نەچچىلىك پۇل بار دەپ سورىغاندەكلا بىر ئىش ،- دەپتۇ تۇمۇچۇق تارتىنىپ تۇرۇپ .
مىراس ئېلىش
يىقىندا ئېرى ئۈلۈپ كەتكەن مۇسلىنە يىغلامسىرغان ھالدا ئادۋۇكاتتىن سوراپتۇ :
ئېرىمدىن قالغان مىراسنى ئالاي دىگەنتىم .
-كەچۈرۈڭ خانىم ، ھەممە ئارخىپلارنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق ، ئېرىڭىزنىڭ بار بىساتى پەقەتلا سىز ئىكەنسىز !!
سوتخانىدا
خاپىلىق بىلەن سۇلغانگۈل ئاجىراشماقچى بۇلۇپ مۇنبەر سوتىغا بېرىپتۇ .
مىسىرنىمكام :سىلەر نىمىشقا ئاجىراشماقچى ؟
خاپىلىق :قاراڭ مىسىرانىمكا ،ئۇ،ئادەم ئەمەس !!!!
سۇلغانگۈل:ئۇمۇ ئادەم ئەمەس !!!
مىسىرانىمكام :ھەي سوتىمىز ،پەقەت ئادەملەر ئارىسىدىكى ئىشلارنىلا بېجىرىدۇ ،سىلەر دەرھال سوتخانىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!!
سۆيۈشۈشنىڭ مەقسىتى
يېڭى توي قىلغان تاڭنۇرىدىن ئايالى كۆڭۈل سوراپتۇ
- نىمەئۈچۈن قىز - يىگىتلەر مۇھاببەتلىشىۋاتقان ۋاقتىدا دائىم كۆرۈشسىلا سۆيۈشىدۇ ، تويدىن كىيىن بولسا ئۇنداق ئەمەس ؟
تاڭنۇرى مۇغەمبەرلەرچە جاۋاپ بىرىپتۇ :
مۇھاببەتلىشىۋاتقان مەزگىللەردە قارشى تەرەپنىڭ نىمە يىگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن سۆيىشىدۇ ،بىراق توي قىلغاندىن كىيىن بولسا ئىككىلىسىنىڭ كۈندە يەيدىغان نەرسىسى ئوخشاش بولغاچقا ئۇنداق قىلىشىڭ ھاجىتى قالمايدۇ .
مەن كۆرۈپ باقاي
قار مەلىكە قىزى شىرىندىن سوراپتۇ :
ئاڭلىسام مۇھاببەتلىشىۋىتىپسەن ،نىمىدەپ ماڭا دىمەيسەن ؟
شىرىن :كىم دەيدۇ مىنى مۇھاببەتلىشىۋاتىدۇ دەپ .
قارمەلىكە :سەن باشقىلارغا مەن لى يىڭزەينى ياخشى كۆرىمەن دەپسەنغۇ ، باشلاپ كەلمەمسەن مەنمۇ كۆرۈپ باقاي .