مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1000|ئىنكاس: 11

تولۇق3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يىللىق پى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3151
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13031
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 1118 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 03:00:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    تەرتىپ ۋە پىلان بىلەن قىلىنغان ئىش ئۈنۈملۈك بولۇپ كۆپ ھاللاردا غەلىبە بىلەن ئاياقلىشىدۇ.
    ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانچىلىك بىر نەرسە ئۆگەنگىنىنى بىراقلا ئومۇميۈزلۈك سىنايدىغان ئىمتىھان بولغاچقا بۇ ئىنتايىن ھالقىلىق بىر يىل ۋاقىتنى ئۆزىگە ماس كىلىدىغان ئىنچىكە ۋە تەپسىلى پىلان بىلەن ئۆتكۈزگەندە بىر قەدەر پۇختا ئۆگۈنۈش قىلىپ ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
     بۇ بىر يىلدا ئىمتىھان بىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۇكا سىڭىللىرىمغا تۆۋەندىكى ئىشلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن:
1.بۇ بىر يىلنى خەيرلىك قىلىپ بىرىشنى ۋە ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىسىپ قىلىشىنى ئاللاھدىن تىلەپ كۆپ دۇئا قىلىش؛
2.بۇ بىر يىلدا ئوزۇقلىنىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىش.كۈچلۈك،ئىلمى ئوزۇقلۇنۇش؛غەرپنىڭ ھامبۇرگ توقىچى،توخو پاچىقى ،ساماۋەر شورپىسى قاتارلىق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك چۈنكى بۇ خلدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە شۈبھىلىك تەركىبلەر قوشۇلغاچقا ئەقىلنى بۇلغايدۇ. بۇ بىر يىل جەريانىدا كۈندە ئەتىگەن ناشتىدا ئىككى تال ياڭاق،بەش تال بادام،ئون تال قۇرۇق ئۈزۈم،ئىككى تال چىلان يىيىشنى ئادەت قىلىش.تەبىئىتى ئىسسىق يىمەكلىكلەرنى يىيىش،كالا گۆشىنى ئاز يەپ قوي گۆشىنى كۆپ يىيىش ۋە شورپا ئىچىش.
3.ئنتايىن رېتىملىق تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش.مەسىلەن:بۈگۈن نەچچىدە تۇرغان بولسا ئەتىسىمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا تۇرۇش،نەچچىدە ئۇخلىغان بولسا دەل شۇنچىدە ئۇخلاش،بۈگۈن نەچچىدە تاماق يىگەن بولسا داۋاملىق شۇ ۋاقىتتا تاماق يىيىش. تۇرمۇش تەرتىپلىك بولغاندا پۈتۈن بەدەندىكى بىئولوگىيىلىك سائەتلەر ئۆزلىگىدىن تەڭشىلىپ ئادەمنىڭ كاللىسى ئىنتايىن سەگەك ھالەتتە تۇرىدۇ،زېھنى ئوچۇق،ئىنكاسى تېز بولىدۇ.
4.مەكتەپكە ئازراق يەيدىغان نەرسە ئېلىپ بېرىپ قۇرساق بەك ئاچقاندا يىيىش.ئادەمنىڭ قۇرسىقى ئاچقاندە قاندىكى شىكەر ماددىسى تۆۋەنلەپ روھسىزلىنىدۇ،مۈگدەك باسىدۇ،ئەسنەك تۇتۇپ دەرس كاللىغا چۈشمەيدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا مۇئەللىم سۆزلىگەن مۇھىم نۇقتىلاردىن خاتىرە قالدۇرالماي قېلىشىمىز مۇمكىن،بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرساقنى بەك ئاچ قويماسلىق كېرەك.
5.كاللىنى ئارام ئالدۇرغاندا يېشىللىققا قاراش،كۆز ھەرىكىتى ئىشلەش ياكى سىرتقا چىقىپ ساپ ھاۋانى قانغۇچە سۈمۈرۈش.مەن مۇزىكا ئاڭلاپ كاللىنى ئارام ئالدۇرۇشنى قوللىمايمەن.تەكرارغا چۈشكەن ئوقۇغۇچىلار كەيپىياتتا ئىزچىللىقنى ساقلىشى بەك مۇھىم بىراق مۇزىكا ئادەمگە تېز تەسىر قىلىپ بىردەمدە روھلاندۇرۇپ يەنە بىر دەمدە سولاشتۇرۇپ قويىدۇ.مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇرئان ئاڭلاپ بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
6.بۇ بىر يىل جەريانىدا تورنى،تېلىۋىزورنى چەكلەش.ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن يىراق تۇرۇش.بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بىھۇدە ئىشلارغا ئىسراپ قىلماسلىق.
7.ئۆگۈنۈش قىلماي تەلىيى كىلىپ داڭلىق ئالى مەكتەپكە ئۆتتى دېگەن ھەممىسى قۇرۇق گەپ.تەلەي تەييارلىقى بار ئادەمگىلا كىلىدۇ.پىلاننى تۈزۈش ۋە قەتئى ئىجرا قىلىش.ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ،ھەقىقى ئۆگىنىڭ،ئۆزىڭىزنى ئادىسىڭىز ئىمتىھان سىزنى قاتتىق باپلايدۇ. يەنە بىر يىل باركەن دەپ بىخۇت بولماڭ،يىل ئۆرۈلسىلا ھېچنىمىگە يىتىشەلمەي قالىسىز.باشقىلارنى دورىماڭ،ھەممە ئادەمنىڭ كاللىسى ئۆزىگە،باشقىلارنى دوراپ ئۆگىنىش قىلسىڭىز ئەڭ ئاخىرى كاللىڭىزدا ھېچنىمە قالمىغانلىقىنى بايقاپ قالىسىز.

                ئىجتىمائى پەن ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن پىلان:
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق ئۆگۈنۈش قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
1-ئومۇمى تەكرار باسقۇچى:ھازىردىن يېڭى يىلغىچە.ۈتۈن دەرسلەرنى پىششىق بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش. مۇشۇ ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ياخشى مۆلچەرلەپ كۈندە مانچىلىك مەزمۇندىن قىلسام يىل ئاخىرىغىچە ھەممە پەننى بىر قېتىم تۈگىتىدىكەنمەن دەپ بىر پىلان تۈزەپ چىقىش.
  ھەركۈنى سەھەردىكى ئۆگۈنۈش ئۈنۈمى كەچتىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ،شۇڭا بامداتتىن كىيىن ئەدەبىيات ياتلاشقا ئەڭ ماس كىلىدۇ.ئەدەبىيات دەرسىدە ئالدى بىلەن دەرسلىكلەرنى ئاندىن قوشۇمچە ماتىرىياللارنى كۆرۈش.
  كەچلىك تاماقتىن كىيىنكى ۋاقىتنى ئالگىبراغا ئاجرىتىش. ئالدى بىلەن پۈتۈن قائىدە-پىرىنسىپلارنى بىر قۇر تەكرارلاپ ئاندىن ماس سۇئال ئىشلەش.كىتابتىكى سۇئاللار بەك ئاددى شۇڭا پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىدىن سۇئال تاللاپ ئىشلەش.
   شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى كۈندۈزدە يادلايدىغان تارىخ،سىياسەت قاتارلىق دەرسلەرنى يادلاش.ئىككى سائەت بىر دەرسنى ئۆگۈنۈپ بىر سائەت ئارام ئېلىپ كەينىدىن يەنە بىر دەرسنى باشلاش.
   شەنبە يەكشەنبە كەچلىك ۋاقىتنى خەنزۇتىلىغا ئاجرىتىش. سۆزلۈكلەرنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ تېكىست يادلاش،ئاندىن مەشق ئىشلەش.ماقالىنى تۆت ياكى بەش ئابزاس قىلىپ يىغىنچاق يېزىشنى مەشىق قىلىش. ھەممىگە تونۇشلۇق مىساللارنى ئېلىپ كۆز قارىشنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلاش،قۇرۇق ھاياجانلانماسلىق،خەتنى چىرايلىق يېزىش.
    بۇ باسقۇچ يادلاش ئاساس سۇئال ئىشلەش قوشۇمچە قىلىنىدىغان باسقۇچ.
2-باسقۇچ كۈچەيتىش باسقۇچى:بىرىنچى ئايدىن ئۈچىنچى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە.پۈتۈن دەرسلەرنى يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش. بۇ باسقۇچ سۇئال ئىشلەشنى ئاساس يادلاشنى قوشۇمچى قىلىدىغان باسقۇچى ئەمما ئىككىسىدىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. ھەپتە ئارىلىقىدىكى كۈنلەردە يەككە پەنلەردىن،ھەپتە ئاخىرى ئومۇمىلاشقان مانىېر سۇئالى ئىشلەش. ئەدەبىيات بىلەن خەنزۇتىلىدىن ماقالە يېزىشنى چىڭ تۇتۇپ مەشىق قىلىش.
3-باسقۇچ پىششىقلاش باسقۇچى: تۆتىنچى،بەشىنچى ئىككى ئاي. بۇ باسقۇچتا پۈتۈن دەرسلەرنى،قوشۇمچى ماتىرىياللارنى يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش ھەمدە يەككە پەنلەردىكى مانىۋېر سۇئالى ئىشلەش مىقدارىنى ئازايتىپ ئومۇملاشقان مانىۋېر سۇئالى مىقدارىنى كۈچەيتىش.
  مۇشۇ بويىچە ئۆگۈنۈش ئىمتىھانغا بىر ھەپتە قالغاندا پۈتۈنلەي ئاياقلىشىدۇ.ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتە كىتابلارنى ئانچى-مۇنچى ۋاراقلاپ،سۇئاللارنى تاللاپ ئىشلەپ،قېنىپ ئۇخلاپ،كەيپىياتنى تەڭشەپ جەڭگە كىرىشكە ئېنىرگىيە توپلاش.
 
            تەبىئى پەن ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن پىلان:
    تەبىئى پەن ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئۆگۈنۈش قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
1-باسقۇچ ئومۇمى تەكرار باسقۇچى يېڭى يىلغىچە. پۈتۈن دەرسلەرنى بىر قېتىم پىششىق ئۆتكۈزۈپ بولۇش.
  ئەدەبىياتنى كۈندە سەھەردە كاللا ئىنتايىن ئوچۇق ۋاقىتتا يادلاش.
  خەنزۇتىلىنى كەچتە ئۆگۈنۈش. ئالدى بىلەن سۆزلەرنى ئۆگۈنۈش،ئاندىن تېكىست يادلاش ئاندىن ماس مەشىق ئىشلەش. ماقالىنى تۆت ياكى بەش ئابزاس قىلىپ يىغىنچاق يېزىشنى مەشىق قىلىش. ھەممىگە تونۇشلۇق مىساللارنى ئېلىپ كۆز قارىشنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلاش،قۇرۇق ھاياجانلانماسلىق،خەتنى چىرايلىق يېزىش.
 شەنبە-يەكشەنبىنى بىئولوگىيە،فىزىكا،خىمىيە دەرسلىرىگە ئاجرىتىش. ئالدى بىلەن پۈتۈن تەڭلىمە،فورمۇلا،قائىدە-پىرىنسىپلارنى تەكرارلاپ چىقىپ ئاندىن ماس سۇئال ئىشلەش.بۇ باسقۇچتا يەككە پەنلەردىكى مانىۋېر سۇئالىنى كۆپ ئىشلەش. ئومۇملاشقان سۇئالنى ھەپتىدە بىردىن ئىشلىسە بولىدۇ.
   ئالگىبرا دەرسىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان فۇنكىسىيىنى ياخشى تەكرارلاش. ھەربىر خىل فۇنكىسىيەنىڭ نۆل نۇقتىغا سىممىتىرىك بولغاندىكى تەڭلىمىسى،شەكلى،xyئوقلاردا سۈرۈلگەندىن كىيىنكى تەڭلىمىسى،ئالاھىدە نۇقتىلار،ئاغزى  ئۈستىگە قارامدۇ ئاستىغىمۇ،يانتۇلىقى قاتارلىقلار كاللىدا ئىنتايىن ئېنىق بولغاندا مەسلىلەرنى تەمتىرىمەي ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئىشقىلىپ چۈشەنچىلەر كاللىدا ئېنىق بولغاندا ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلغاىلى بولىدۇ....
2- باسقۇچ كۈچەيتىش باسقۇچى ئۈچىنچى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە .پۈتۈن دەرسلەرنى يەنە بىر ئۆتكۈزۈپ قاتتىق سۇئال جېڭى قىلىش.توختىماي مانىۋېر سۇئالى ئىشلەش. ئەدەبىيات بىلەن خەنزۇتىلىدن ماقالە يېزىشنى قاتتىق مەشىق قىلىش.
 3-باسقۇچ پىششىقلاش باسقۇچى،بەشىنچى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە. ھەممە دەرسلەرنى ئاخىرقى قېتىم بىر ئۆتكۈزۈش.مانىۋېر سۇئالىنى ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇش ئەمما مىقتارىنى بىرىنچى باسقۇچتىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئازايتىش.
   ئىمتىھانغا بىرھەپتە قالغاندا ياخشىراق ئارام ئېلىپ،قېنىپ ئۇخلاپ،كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش. ئىمتىھان ئۈچۈن ئېنىرگىيە توپلاش.
   ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ بۇ بىر يىلنى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزىشىنى تىلەيمەن.


 مەنبە:سەفۇرا
 

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Duel + 200 رەھمەت ھەدە!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

yazik

سۇلايمان ئابلىمىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580139
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12303 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 09:10:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلارنى پىلان بىلەن قىلغانغا يەتمەيدۇ... [s:47]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولسا QQغا  قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ، نۇمۇرۇم:295997753

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3564
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19178
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8365 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 10:27:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پىلانكەن بالىلار پايدىلانسا بولغۇدەك.

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10512
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8016
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2010-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 10:58:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلۇقسىز مەكتەپ باللىرىدىن بەزى جايلاردا ئۇقۇش پۇلى ئالدىكەن بەزى جايلاردا ئالمايدىكەن.بۇ قانداق ئىشتۇ؟ بىزنىڭ يۇرتتىكى بىر كىشى بىر باشلىلىق بىلەن كۈرۈشۈپتىكەن ئۇكىشى دۈلەت تۇلۇقسىز مەكتەپ باللىردىن ئۇقۇش پۇلنى كەچۈرۈم قىلۋەتكىلى نەچچە يىل بولدى دەپتۇ .بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كىرەك..؟ ئەرىز قىلساق قەيەرگە بارساق بۇلا مۇشۇ ھەقتە ماڭا چۈشەنچە بەرسەڭلەر...؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8367
يازما سانى: 1070
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12704
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 935 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2014-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 11:43:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇۋاتقان ۋاختىم بولسا چۇقۇم شۇنداق قىلاتتىم

ئوماق قىزىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 132
يازما سانى: 2063
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15107
تۆھپە نۇمۇرى: 559
توردا: 9685 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 11:52:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىلانسىز ئىش ،قىلىپسىز خىش.  دەپتىكەن كونىلار ،،،،ھەممە ئىشقا پىلان بولمىسا بولمايدۇ

سەنئەتكە بىرىلگەن مىللەت چۈشكۈنلەشكەن مىللەتتۇر

شاھزادە ئارتورن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2389
يازما سانى: 1778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13495
تۆھپە نۇمۇرى: 505
توردا: 4431 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 12:02:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە سەفۇرا ھەدە ! مەن چوقۇم دىگىنىڭىزدەك قىلالايمەن! [s:79] قالغان گەپنى كىيىن دىيىشەيلى! ئاللاھقا ئامانەت !

تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ...

دوسقا زار، دۈشمە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4797
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8812
تۆھپە نۇمۇرى: 519
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2013-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 01:38:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كلەر يېلى مۇشۇ پىلان بويىچە قىلاي ئەمسە.....

بەختىم سەن ئالتۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4783
يازما سانى: 648
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12969
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 3882 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 01:45:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى يىلى يوللاپ قويماي............. [s:34]

ھەر كۈنى ئاخشىمى سەن بولمىساڭمۇ ياخشى چۈش كۆرەۋاتىمەن،توۋا دەيمەن ،سەن بار چاغلاردا دائىم ياخشى چۈش كۆرىشىمنى تىلىسەڭمۇ بۇنداق ياخشى ئۇخلىيالمايتىم،قارىغاندا شۇ چاغدىكى تىلەكلىرىڭ ئەمدى كەلگەن ئوخشايدۇ،سەن نىمە دىگەن ئۇلۇغ!؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 02:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە   ..   پىلان بولمىسا سەل  چىچىلىپ  كىتىدىكەن    .   رەخمەت سىزگە   بۇنى قىلىش ئۈچۈن   زور تىرىشچانلىق   جاسارەت  چىدامچانلىق كېرەك   مەن  چۇقۇم قىلالايمەن    ...  ئاللاغا ئامانەت

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش