تورداشلارغا مۇراجەت
ئابدۇقادىر جالالىدىن
تورنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ ئالاقە شەكىللىرىگە ۋە تەپەككۇر شەكلىگە زور ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ھەتتا، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىلىم-بېرىم، ئىستىمال شەكىللىرىگىمۇ روشەن تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. دىمەك، كۈندىلىك تۇرمۇشتا توردىن ئايرىلغىلى بولمايدىغان بولدى. ناھايىتى ئەپسۇسكى، بىزنىڭ بىرقىسىم ئادەملىرىمىز تور دەۋرىنىڭ ئىلمىي ئەخلاقى ۋە جامائەت ئەخلاقىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان روھىي ساپادا، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان مەسىللەرنى سادىر قىلماقتا. تور ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تۇرمۇش ئۇچۇرلىرىنى، ۋەزىيەت ئۇچۇرلىرىنى ھەمدە ئىلىم- پەن مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرىدىغان سەھنە بولۇش سۈپىتى بىلەن جامائەتتە توغرا پىكىر، توغرا مەۋقە شەكىللەندۈرىدۇ، شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى رەڭگارەڭ قىلىدۇ. ئۇ بىر ئاممىۋى سورۇن بولغان ئىكەن، ئۆزىگە خاس قانۇنى ساپانى ۋە ئەخلاقى ساپانى تەلەپ قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بىرى بەزى تورداشلاردا مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلەرنىڭ ساغلام ئوبرازىغا مەسئۇل بولمايدىغان، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان، نەتىجىدە، بۇ شەخسلەرگە ھەرخىل ئاۋارىچىلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان ناتوغرا تور قىلمىشلىرى ئىزچىل كۆرۈلۈپ كەلدى. بۇنىڭ ماڭا مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئۆزگەرتىلگەن ناملار بىلەن نام شەرىپىمگە تىل تەگكۈزۈش. مېنىڭ ئېلان قىلغان نەرسىلىرىمنى ئىلمىي تەلەپ بويىچە تەنقىدلەشكە بولىدۇ. ئەمما، ئۇ قىسمەن ھاللاردا شەخسىيتىمگە ھالقىپ قىلىنغان ھۇجۇملارغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇنى مەن كىشىلىك دۇنياسىدا ساقلانماق تەس مەسىلە ئوخشايدۇ دەپ قوبۇل قىلدىم.
2. ھەرقايسى تور بەتلەرنىڭ مۇنبەرلىرىدە مېنىڭ ماقالىلىرىم كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى. بىراق، مېنىڭ ئىجازىتىمنى سورىمىدى. قائىدە بويىچە مەن ئاپتورلۇق ھوقوقۇمنى سۈرۈشتۈرسەم بولاتتى. مېنىڭ مەقسىتىم كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا، بىلىم ئېلىشقا دالالەت قىلىش بولغاچقا، بۇ ئەھۋاللارغىمۇ ئارتۇقچە ئىنكاس قايتۇرۇپ كەتمىدىم. زادى مېنىڭ ئەسەرلىرىم تورلاردا كۆچۈرۈپ تارقىتىلغاندا، ئىملا، پىكىر جەھەتتە ئەينەنلىككە كاپالەتلىك قىلىندىمۇ - يوق، بۇ بىر مەسىلە ئىدى.
3. قائىدە بويىچە مېنىڭ ئەسەرلىرىم بېرىلگەن ئىكەن، ئەسلىدىكى مەنبە، يەنى ئەسلى ئەسەر ئېلان قىلىنغان ژورنال، گېزىت ياكى كىتابلارنىڭ نامى، نەشىر ئەپكارى، ئېلان قىلىنغان ۋاقتى ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، خېلى كۆپ ھاللاردا بۇ تەرەپلەرگە سەل قارالدى، بۇ ئىلىمگە، ئىلىم ئىگىسىگە، ئەمگەك ئىگىسىگە بىلىپ - بىلمەي قىلىنغان خىيانەتكى، مۇشۇنداق ئەھۋاللارمۇ ھازىرغا قەدەر ئۆزگەرمەي كەلدى.
4. بەزىلەر مېنىڭ ئەسەرلىرىمدىكى ئايرىم ئابزاس ياكى بۆلەكلەرنى خالىغانچە ئۈزۈپ ئېلىپ تارقاتتى، ئۇ سۆزلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم مەھسۇلاتلار ھەققىدىكى داۋراڭلىرى ( 广告) ياكى توربەتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇشتىكى كوزۇر قىلىۋالدى. بۇ ئىلىم ئەخلاقىغا زىت بولغان بىرخىل سۈيئىستىمالچىلىقتۇر. كەلتۈرۈلگەن پارچىلار ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن ھالىتىدىن، كونتېكىستتىن (上下文)ئايرىۋىتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئاسانلا باشقىلاردا خاتا ئۇقۇم، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ ئاخىرى، ئاپتورنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان ئېلىپ كېلىدۇ، ھەتتا، خاتا جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ يەنىلا مەسئۇلىيەت مەسىلىسىدۇر.
5.كىشىنى تېخىمۇ ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، ئەسلا ماڭا تەۋە بولمىغان ئايرىم سۈپەتسىز شېئىرلار ۋە سۆزلەر مېنىڭ نامىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئۈندىدارلاردا تارقىتىلدى. مەن بۇ ئەھۋالدىن قورۇندۇم، ھەتتا، قاتتىق چۆچىمەي تۇرالمىدىم. كىشىلەرنىڭ ماڭا بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىگىدىن ماڭا بولغان زىيانكەشلىككە ئۆتتىمۇ نېمە، دەپ ئەنسىرىدىم. بەزى دوستلار، سەن ئاشۇنداق نەرسىلەرنىمۇ يازامسەن دەپ مەسخىرە قىلدى.
مەن تېخنىكا ياقىدىن ئۇ سۈرۈشتۈرۈشكە ئاجىز كېلىپ، ئۇ ۋاقىتلارنىمۇ ئۆتكۈزىۋەتتىم. كىتابخانلارغا ئەسكەرتىپ قويىمەنكى ، ئۆز پۇشتۇمدىن بولمىغان ئەسەر مەن ئۈچۈن ھاقارەت، ئۇ ماڭا خاتىرجەمسىزلىك، بىئاراملىق كەلتۈرىدۇ. مۇھىمى ئۇ ئاپتورلۇق ھوقوقىغا ياتىدىغان قانۇنىي مەسىلىدۇركى، ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.
6. باشقىلارنىڭ يازمىلىرى مېنىڭ سۈرىتىم بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن ھالدا ئۈندىدارلارغا چىقىپ، جامائەتتە ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلدى. گەرچە ئۇ يازمىلارغا مېنىڭ نامىم چاپلانمىغان بولسىمۇ، مېنىڭ زورمۇ-زور كىرىشتۈرۈپ قويۇلغان سۈرىتىم مۇقەررەر ھالدا تور ئەھلىدە خاتا چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنى ئايرىم ئۈندىدار سۇپىلىرىنىڭ ئۇستاتلىقى ۋە ئالدامچىلىقى دىمەي بولمايدۇ. ناۋادا ئۇنى تاساددىبىي سەۋەنلىك دەپ قارىساق، ئۇنداق ئەھۋاللار ئۇدا داۋاملىشىۋەرمىگەن بولاتتى. ئەجىبا، بۇ ئۈندىدار سۇپا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىدىكى مەسىلىمىدۇ ياكى قانۇن ساپاسىدىكى مەسىلىمىدۇ!؟
7. ئۈندىدارلاردا مېنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش سۈرەتلىرىم خالىغانچە ئېقىپ يۈرمەكتە، بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ شەرەپ ھېس قىلمىدىم، بەلكى، دەپسەندە قىلىنغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. سۈرەت بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسىي نەرسىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوبرازى ۋە شان - شەرىپىگە يا ئۇنداق، يا مۇنداق تەسىرلەرنى بېرىدۇ. ئايرىم كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئەخلاقى ساۋاتلارغىمۇ دىققەت قىلماي، سۈرەت ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي، سۈرەتلەرنى خالغانچە ئۈندىدارلاردا تارقىتىشى بىر تۈرلۈك خىيانەتچىلىكتۇر، سۈرەت ئىگىسىنىڭ ئوبراز ھوقوقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىشتۇر. كىشىلەر بۇ ئەخلاققا نېمىشقا سەل قارايدۇ؟
8. مەن بىرقىسىم مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات ئورۇنلىرى ، ئەدەبىيات - سەنئەت جەمئىيەتلىرى، كارخانىلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ تەكلىبى بىلەن لېكسىيە سۆزلىدىم. بۇ لېكسىيەلەر ساھىبخان ئورۇنلارنىڭ قانۇنىي تەرتىپلەرگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئارقىسىدا روياپقا چىققان. بىراق، مېنىڭ لېكسىيەلىرىمنىڭ قائىدىسىز، رۇخسەتسىز، سۈپەتسىز ئاۋاز خاتىرىلىرى تورلاردا يامراپ يۈردى. ئەسلىدە ئۇ ساھىبخان ئورۇن بىلەن لېكسىيە ئىگىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى، سۈپەتلىك تەھرىرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولۇشى، سۈپەتلىك تېخنىكا ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، بۇ مەسىللەرگە تۈزۈك پەرۋا قىلىدىغان ئادەم چىقمىدى، مەنمۇ ئامالسىز قالدىم. توردىكى ئاڭلىغۇچىلارغا كونكېرىت نەق مەيدان ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىگەن شارائىتتا، ئاۋازلىق خاتىرە ئويلىغاندەك تەسىر كۈچ بېرەمدۇ؟ ناتايىن. نۇتۇق ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سالاھىيتى، نەق مەيداننىڭ كونكېرىت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ مەزمۇنى ھەرقانداق مۇھىتقا ئۇيغۇن كېلىۋەرمەيدۇ. شۇڭا، ئۇ پۇختا تەھرىرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشى كېرەك.
ھۆرمەتلىك تورداشلار:
بىز تېگىشلىك قانۇنى ساۋاتلارغا، زۆرۈر ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتلەرگە دىققەت قىلىشنى ئۆگىنەيلى. سەمىڭلاردا تۇرسۇنكى، تور دۇنياسى نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر ۋە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە نۇرغۇن ئەخلەتلەرگىمۇ ئىگە. توغرا، تور دۇنياسىنىڭ ئىچى پۇشقىنى چىقىرىش رولىنىمۇ چەتكە قاققىلىمۇ بولمايدۇ. تور دەۋىرىنىڭ ئادىمى بولۇش ئۈچۈن بىزدە تەنقىدىي تەپەككۇر روھىي بولىشى، راست بىلەن يالغاننى ئايرىيالىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇستەھكەم، پۇختا ئەقىدىنىڭ ئىگىسى بولىشىمىز، مۇستەقىل دۇنيا قاراش ئارقىلىق ئەتراپنى كۆزىتىشىمىز لازىم. توردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، لىكىن، تورنى تەپەككۇرىمىزنى بېيىتىشنىڭ بىردىن - بىر ۋاستىسى قىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. خۇددى پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس، دىگەندەك، تاراتقۇلاردىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى راست ئەمەس. ئۈندىدارلاردا ئىزىتقۇ نەرسىلەرمۇ ئاز ئەمەس، سىزدە يەنىلا لوگىكىلىق تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى، دۇنيانى ئۆزىنىڭ كۆزى بىلەن كۈزىتىدىغان ئەمەلىيەتچانلىق، قېتىرقىنىپ كىتاب ئوقۇيدىغان پەزىلەت بولغانغا يەتمەيدۇ. ئىگىسى ۋە ئىجراچىسى يوق ئۇلۇغ گەپلەر كىشىنى ھاياجانغا سالغاندەك قىلغان بىلەن ئاكتىپ ئېنىرگىيە پەيدا قىلالمايدۇ، ئەكسىچە سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ نورمال پىكىر ئوربىتاسىدىن چىقىرۋىتىپ، ئۆزىڭىزگە توغرا دىئاگونۇز قويالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. تالايلىغان ئۇلۇغ گەپلەر ئازغىنە ئەستايىدىل ئەمگەكنىڭ ئالدىدا ھامان قەدىرىسىز بولۇپ چىقىدۇ. پىكىر ھامان ئەمگەك بىلەنلا قىممەتلىك.
ئەسكەرتىپ قويۇشۇم كېرەككى، مېنىڭ ئاشكارە رۇخسىتىم بىلەن يۈزلەشكەن سۆزلىرىملا ماڭا ۋەكىللىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا سەگەك مەسئۇلىيەت بار. مېنىڭ نەشىر ھوقوقى پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق مەيدانغا چىققان ئەسەرلىرىمدە ماڭا مەنسۈپ كىملىك مەۋجۇد. تور دۇنياسىدىكى مەندىن بىخەۋەر چىقىرىندىلاردىن مەنسۇبىيەت نۇقتىسىدىن ھەر زامان گۇمان قىلىشقا تېگىشلىك.
ماڭا ئۆزەمگە تېگىشلىك بولمىغان مازغاپ ئابروي كېرەك ئەمەس. مېنى ئاجىزلىقىم ۋە ئاددىيلىقىم ئىچىدە ياشىغىلى قويۇڭلار. ماڭا كاشىلا تۇغدۇرىدىغان ئىخلاسمەنلىكتىن بەكمۇ چارچىدىم. ھەممىمىز قانۇن ساپاسىغا ئىگە ئاقىلانە پۇقرالاردىن بولايلى. رەھمەت!
2015- يىلى 14- ئاپرىل سەھەر
____________
باشقۇرغۇچىدىن ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېمىنى باشقا يەرگە يۆتكەشكە، سالونلاردا تارقىتىشقا توغرا كەلگەندە تېمىنىڭ قايسى ئورۇنغا يوللانغانلىقى، كىمنىڭ يوللىغانلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما ئادرىسلىرىنى قوشۇپ كۆچۈرىشىڭىزنى ئەسكەرتىمىز.