مىسرانىم مۇنبىرى تورداشلارغا تېخىمۇ كۆڭۈللۈك مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، مۇنبەر بانكىسى ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتتى!
مۇنبەر بانكىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ،سىزنىڭ ئىشلىتىشىڭىز ئاسانغا توختايدۇ!
مۇنبەر بانكىسىنىڭ رولى، قەرەللىك ھەم قەرەلسىز ئامانەت قويۇپ ، ۋاقتى توشقاندا ئالسا بولىدۇ، ئۆسۈمى قوشۇلۇپ ماڭىدۇ، دوستلار ئارا مۇنبەر پۇلىنى ئۆز ئارا يەتكۈزۈشۈپ ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ قولايلىق بولدى،
بىراق دوستلار ئارا مۇنبەر پۇلى ئالماشتۇرغاندا 10% مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇپ قېلىندۇ! قەرەللىك ئامانەتكە ھەر ئايدا 10% بويىچە ئۆسۈم چىقىدۇ، ئاي توشمىغۇچە پۇلنى ئالغىلى بولمايدۇ، قەرەلسىز ئامانەتكە 5% ئۆسۈم چىقىدۇ، خالىغان ۋاقىتتا ئالالايسىز
يەنە بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇنبەر پۇلى ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىپ يولغا قويىمىز!
مۇنبەر بانكىسىنىڭ ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتمىدۇق! تورداشلارنىڭ مەشغۇلات جەريانىدا سىناپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
ئەسكەرتىش: مۇنبەر پۇلى بىلەن كارى يوقلار ،بۇ ئىقتىدارغا قالايمىقان چېقىلمىساڭلار!
بانكا ئورنى مۇنبەر ئۈستىدىكى رەسىم ئاستىدا..
يەنى مۇزىكا قويۇش،ياردەم،بانكا ،مۇلازىمەت، مۇنبەر دېگەن ئىستوندا!
مىسرانىم تور بېكەت باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ يولغا قويدى!
2010 - يىلى 09 - ئاينىڭ 15 - كۈنى