جوڭگۇ <قار يىلپىزى> زەربىدارلار ئالاھىدە ئەترىتىنى چۈشىنىۋېلىڭ
جوڭگۇدا ، مۇنداق بىر ئالاھىدە تارماق ئەترەت بار.ئۇلار پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان تېرۇرلۇققا رەربە بېرىش جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ،ئەڭ زور خىرىس ئىچىدە يىپ ئۇچى ئىزلەيدۇ ھەمدە دۈشمەن كۈچلەرگە زەربە بېرىدۇ ، ئۇلار يىل بويى كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھالەتتىكى يېپىق مەشققە قاتنىشىدۇ، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ....
سۈرەتتە، زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىلگەن تۇرۇبا يولىدا قۇتقۇزۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش:
ئۇلارغا مەركىزى ھەربى كومېتىتى خۇجىنتاۋنىڭ تەستىقى بىلەن <قار يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى > دەپ نام بېرىلدى، ھەمدە،جوڭگۇنىڭ تېرۇرلۇققا قارشى < دۆلەت ئەترىتى> دەپ ئاتالدى.ئۇلارنىڭ پاگۇنىغىمۇ < خىرىس > قىلىپ تۇرغان يىلپىز سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.
ئۇلار تۈرلۈك ئىلغار قوراللارنى ئىشلىتىش ماھارىتى ۋە تېخنىكىسىنى ئىگىللىگەن بولۇپ،جوڭگۇدىكى ئەڭ قالتىس زەربىدارلار ئەترىتى ھىساپلىنىدۇ.
بۇ ئەترەتكە كىرىش ئۆتكىلى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ ، قىسىمغا كىرگىنىگە بىر يىلدىن ئىككى يىلگىچە بولغان مۇنەۋۋەر قوراللىق ساقچى جەڭچىسى ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەستىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ سىياسى سالاھىيىتى، مەدىنىيەت سەۋىيسى،تەن ساپاسى، ئاڭ تۇيغۇسى تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئەترەتكە رەسمىي قوبۇل قىلىنىدۇ.شۇڭا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن شاللىنىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىكەن..
مەنبە:
http://www.chinanews.com.cn/tp/hd/2010/09-15/6718.shtml#nextpage