مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4217|ئىنكاس: 24
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مىنىڭ ئەخمەق خوتۇنۇم(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114674
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2015-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-31 07:31:26 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
              مىنىڭ ئ‍ەخمەق خوتۇنۇم     
                        (ھېكايە )
             بىرىنجى قىسىم
     - ئ‍ۆيلەنمەيمەن دىسەم ئ‍ۇنىماي زورلاپ ئ‍ۆيلەپ قويدى ، بىر ئ‍ۆينى ئ‍ۆي قىلماق ھەجەپ تەس ئ‍ىكەن ،يا قۇتۇلمۇدۇم بۇ كوت كوت پاراڭدىن ،توي قىلدىڭ بالادا قالدىڭ ،قىلمىساڭ تالادا دىگەن شۇدە …-دەپ غودرىغىنىچە  ئ‍ۆيدىن چىقىپ كەلدى  قاسىم ،
   -ۋوي ،تۇردىڭىزمۇ ؟كېچىدىن ياخشى ئ‍ۇخلاپسىزمۇ ؟قارىسام شۇنداق شېرىن ئ‍ۇخلاۋېتىپسىز شۇڭا ئ‍ويغاتقۇم كەلمىدى ،چاينى تەييارقىلىپ قويدۇم ،يۈزىڭىزنى يۇيۇپ كەلسىڭىز بىللە ناشتا قىلايلى ،ھەراس ،بايا دادام كىرىپتىكەن ، بۈگۈن بېرىپ چالا قالغان قوناقنى تاقلىۋېتىشىمىزنى تاپىلدى ، شۇڭا تېزرەك بولمىساق بولمايدۇ ،ھىلىمۇ ئ‍ۈچ كۈن بولدى ،ئ‍ۆزۈم يالغۇز يېرىمىنى ئ‍اران تاقلىدىم ،بۈگۈن بولسىمۇ شۇ ئ‍اغىنىلىرىڭىزنى قويۇپ تۇرسىڭىز ،ئ‍اشۇ چوڭلارنىڭ دىگىنىنى بىر قىلۋېتەيلى ،بىكار خاپا بولۇپ قالمىسۇن، -دىدى ھويلا سۈپۈرۋاتقان  روشەنگۈل ،
-ۋاي ۋۇي ،يەنە شۇ ئ‍ىشنىڭ گېپىمۇ ،نىمانچە تۈگىمەيدىغاندۇ ،ھېي سەن بولساڭمۇ تېزرەك قىلۋەتسەڭ بولمامدۇ ماڭا بەسكە سالماي،بەك بولمىغاندا بىرەر ئ‍ىككى ئ‍ادەم تېپېپ تۈگىتىۋەتسەڭ بولمامدۇ ؟شۇنچىلىك ئ‍ىشقىمۇ ئ‍ادەمنى ئ‍اۋارە قىلىپ يۈرگىچە ،ناھايىتى بەك كەلسە بەش مو كېلىدىغان قوناقلىققۇ ،ھەي  بولمىسا مۇنداق قىلىلى ، سەن بۈگۈن ماۋۇ ئ‍ۇدۇلدىكى قوشنىمىزنىڭ قىزى ئ‍اسىيگۈلنى ،ئ‍اندىن تاغامنىڭ ئ‍ايالى رەناخان ئ‍اچامنى ئ‍ېلىپ بېرىپ قىلىپ تۇرە ،مىنىڭ بۈگۈن بەك جىددى ئ‍ىشىم چىقىپ قالدى ، بارمىسام بولمىغۇدەك ، ئ‍ىشىپ قالغىنىنى باشقا بىركۈنى قىلارمىز ،مۇشۇنداق قىلايلى  ھە ،بولامدۇ؟
ئ‍ۇنى يەنە مۇشۇنداق گۆللەپ ئ‍اشۇ (قەدىناس) ئاغىنىلىرىنىڭ يېنىغا ماڭماقچى بولدى قاسىم ،
-بۈگۈن قوشنىمىز ئ‍ۆزىنىڭ قوناقلىقىغا چىقىدىكەن ،ئ‍ەتىگەن چىقىپتىكە بىكار بولسىڭىز قارىشىپ بەرگەن بولسىڭىز دەپ،بىزمۇ ئ‍ۆزىمىزنىڭكىگە چىقىدىغانلىقىمىزنى ئ‍ېيتسام چىقىپ كەتتى ،تاغاملارنىڭكىگە ھېلىمۇ نۇرغۇن قېتىم باردىم ،ئ‍ۆزىنىڭ ئ‍ىشىنى قويۇپ قارىشىپ بەرگىنى بىلەن مەن خىجىل بولدىكەنمە ،ئۇلارنىڭمۇ ئ‍ۆز ئ‍الدىغا ئ‍ائ‍ىلىسى، باقىدىغان ئ‍ىككى بالىسى بار ،دەۋېرىشكە يۈز چىدىمايدىكەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈپ تۇرۋاتىسز مەنمۇ ئ‍ېغىر ئ‍اياق ،ماڭىمۇ ئ‍ۆزۈم يالغۇز تەس كېلىدىكەن ،بۈگۈن بولسىمۇ شۇ ئ‍اغىنىلىرىڭىزنىڭ يىنىغا بارمىسىڭىز سېزگە دەيدىغان بەزى گەپلەر بار ئ‍ىدى ،شۇ لارنى دىيىشكەچ بىللە چوڭلار تاپشۇرغان ئ‍ىشنى قىلۋەتسەك بولمامدۇ ؟چوڭلامۇ خۇش بولسا ، بىز ئ‍ۆي تۇتقىلى نېرې بېرى بىرەر يىل بولۇپ قالدى ،مۇشۇ ۋاقىتقىچە مەن بىلەن بىرەر قىتىم كۆڭۈل قويۇپ پاراڭلىشىپ باقتىڭىزمۇ ؟ مەن ھەرقىتىم كېچىلىرى سىز كەلگۈچە ساقلايمەن ،سىزبىلەن ھەقىقىي مېھىر مۇھەببەت بىلەن بىر ئ‍ۆي تۇتقان بەخىتلىك بىر جۈپلەردەك پاراڭلىشىپ مۇڭداشساق ، بىر بەخىتلىك ئ‍ائ‍ىلىنى بىللە قۇرۇپ چىقساق بولمامدۇ ؟ بىلەمسىز  بارلىق ئ‍ۆي تۇتقان ئاياللار ،ئ‍ۆز بەختىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان بارلىق كىشىلەر  جۈملىدىن مەن كۆيۈنىشىڭىزگە مۇھتاج ،ھەممىمىز كۆيۈنىشىڭلارغا موھتاج ……
ئ‍ۇ مۇشۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ يىغلاپ كەتتى ، ئ‍ۆي تۇتۇپ تاكى مۇشۇ كەمگىچە قاسىم روشەنگۈلنىڭ يىغلىغىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتاتتى ،ئ‍ۇنىڭ بىردىنلا روشەنگۈلگە ئ‍ىچى ئ‍اغرىدى ،ياق بەلكى مۇھەببىتى قوزغالدى ، ئ‍ۇ روشەنگۈلگە قايتىدىن ھەقىقىي مۇھەببەت ،ھەقىقىي ئ‍ەرلىك سالاھىيىتى بىلەن قارىدى ،بۇمۇ توي قىلغاندىن ياقى كۆرۈلگەن تۈنجى قېتىملىق ئ‍ىشلارنىڭ بىرى ئ‍ىدى ،ئ‍ۇ تۇرۇپلا بايىقى نىيتىدىن يېنىپ قالدى ،ئ‍اغىنىلىرى يېنىغا بېرىشتىن ۋاز كەچمەكچى بولدى ،لېكىن بىر نەرسە يەنى گۆدەكلەرچە غۇرۇر  ئ‍ۇنى قىينىماقتا ئ‍ىدى ،ئ‍ۇ ئ‍اخشام ئ‍اغىنىلىرىگە ۋەدە بەرگەنىدى ،ئ‍ەمدى ئ‍ۇ ۋەدىسىگە ئ‍ەمەل قىلماي بارمىسا ئ‍اغىنىلىرى ئ‍الدىدا يەرگە قاراپ قېلىشتىن يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقىۋاتاتتى ،ھازىر ئ‍ۇ ئ‍ىككى ئ‍وت ئ‍ارىسىدا قاتتىق كۆيىۋاتاتتى ،بىر يەرلىرىدىن ئ‍ويۇنغىمۇ قىيالمايۋاتاتتى ،ئ‍ۇ ئ‍ويۇننى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئ‍وقۇۋاتقاندا باشلىغان تا ھازىرغىچە  ئ‍ويۇندىن قالغان بەندە ئ‍ەمەس ،بۇ ناھىينىڭ خېلى داڭلىق ئ‍ويۇنچىلىرىنىڭ بىرى ،ئ‍اتا ئ‍انىسمۇ ئ‍ۇنىڭ مۇشۇ ئ‍ويۇن قېپىلىقى تۈپەيلىدىن كىچىكلا تويىنى قىلىپ ئ‍ۆيىنى ئ‍ايرىپ قويغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ئۆگەنگەن خۇيىدىن قالماي يۈرەتتى ،ئ‍ەمدىلىكتە بىراقلا ئ‍ويۇندىن قىلىپ ياخشى ئ‍ادەم بولاي دىسە كىشىلەرنىڭ گەپ تېپىشىدىن قورقىۋاتاتتى ، ئ‍ۇ ئ‍اخى جۈرئ‍ەتكەكېلىپ  ئ‍ايالى روشەنگۈل نىڭ يېنىغا كەلدى ،روشەنگۈل يىشىنى سۇرتۇپ ئ‍ۇنىڭغا قارىدى ،
-بىلىمەن ،كۆپ جاپا تارتتىڭ ،مىنىڭ بىلەن ئ‍ۆي تۇتقاندىن بۇيان نۇرغۇن ئ‍ىشلارنى ئ‍ۆزۈڭ يالغۇز قىلىپ كەلدىڭ ،مېنى كەچۈر ،ساڭا لاياقەتلىك ئ‍ەر بولالمىدىم ،مەن تۈزىتىمەن ئ‍ەمدى چوقۇم ياخشى ئ‍ەر بولۇشقا ،دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان ئ‍اشۇ ئ‍وماق بالىمىزغا بىر لاياقەتلىك دادا بولۇشقا تىرىشىمەن ، مەن ئ‍ەمدى ئ‍ويۇننى تاشلايمەن بەلكىم ماڭا ئ‍ىشەنمەسلىكىڭ مۇمكىن ،چۈنكى سېنى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم تاشلايمەن تۈزىتىمەن ،ياخشى ئ‍ادەم بولىمەن ،بۇ ئ‍ەڭ ئ‍اخىرقىسى دەپ ئ‍الدىدىم ،ئ‍ەمما بۇ قىتىم، يەنى ئ‍ەڭ ئ‍اخىرقى قېتىم ماڭا  ئ‍ىشەنگىن ،مەن بۇقېتىمقىسى ئ‍ەڭ ئ‍اخىرقىسى دىيەلمەيمەن ،چۈنكى بىلىسەن ،مەن بۇ ئ‍ويۇنغا ئ‍ارلىشىپ ياشاۋاتقىلى ئ‍ون يىلدەك بولۇپ قالدى بىرلا قىتىمدا ھەممىدىن قول ئ‍ۈزدۈم دىسەم ھېچ كىم ئ‍ىشەنمەيدۇ ،بەلكىم بۇنداق دىسەم سەنمۇ ئ‍ىشەنمەيسەن ،شۇڭا مەن بىراقلا تاشلايمەن دىمەيمەن ،ئ‍ۇلارغا چۈشەندۈرۈپ چېكىنىپ چىقىمەن ،مىنىڭمۇ مۇشۇ تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئ‍وماق بالامغا بۇ ئ‍ەھۋالىمنى كۆرسەتكۈم يوق ، بۇنى تاشلاش ئ‍ۈچۈن مەلۇم جەيان كېتىدۇ ،شۇڭا ماڭا ئازراق ۋاقىت بەرگىن ،مەن ئ‍ەمدى تولۇق ئ‍ۆزگىرىمەن ،سېنى ،ئ‍ائ‍ىلىمىزنى بەخىتكە ئ‍ىگە قىلىمەن ،ماڭا ئ‍ىشەنگىن ،مۇشۇ ئ‍ەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ ،ئ‍ۆتۈنۈپ قالاي ،
    روشەنگۈل ئ‍ۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ئ‍ۇنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئ‍ېيتۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئ‍ۇنىڭغا ماقۇل دىدى ،
  روشەنگۈل ئ‍ۇنىڭ چىرايىغا قارىغاندا قاسىممۇ ئ‍ۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ھەيران قالدى ،نىمىدىگەن چىريلىق رۇخسار،شەھلا كۆزلەر ،زىلۋا بەدەن ،ئ‍ۇنىڭغا ئ‍ايالى روشەنگۈل خۇددى بىر ساھىپجامال پەرىشتىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى ،ئ‍ۇ ئ‍ايالىنى خۇددى تۇنجى قىتىم كۆرىۋاتقاندەك قايتا قايتا تويماي قاراپ كەتتى ، ئ‍ۇ ھازىر قاتتىق پۇشايمان قىلماقتا ئ‍ىدى ، توي قىلىپ مۇشۇنچىۋالا ئ‍ۇزۇن ۋاقىت ئ‍ۆتكىچە ئ‍ايالىغا بىرەر قىتىم ھەقىي مۇھەببەت كۆزى بىلەن قاراپ باقمىغىنىغا ،ئ‍ۆز ئ‍ايالىنى ھەقىي بىر ئ‍ەرلىك سالاھىيىتى بىلەن بارلىق مۇھەببىتى بىلەن باغرىغا بېسىپ باقمىغىنىغا ،ئ‍اشۇ جەمىيەتتىكى ساختا سۆيگۈنىڭ كەينىدە يۈرۈپ يېنىدىكى بەختىنى  ،يېنىدىكى پەرىشتىنى كۆرمىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلماقتا ئ‍ىدى ، ئ‍ۇ ئ‍استا ئ‍ايالىنىڭ ،پەرىشتىسىنىڭ  مەڭزىگە سۆيدى ، توي قىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مۇھەببەت بىلەن ئ‍ۇنى سۆيدى ، روشەنگۈل مۇ شۇنچىلىك ھاياجانلىنىۋاتاتتى ،توي قىلغاندىن ياقى تۇنجى قىتىم ئ‍ۆزىنىڭ ھالال جۈپتىدىن ھەقىقىي بەخىتنى ھېس قىلغان ئىدى ، لىكىن بۇ دىگەن كۈندۈز ،تامنىڭ قۇلىقى كۆزى بار ،ھەرقانچە ئ‍ەر ئ‍ايال بولغان تەقدىردىمۇ كۈپكۈندۈزدە بۇنداق قىلىش ئ‍ادەمنى خىجىل قىلاتتى ،روشەنگۈل ئ‍ۇنى ئ‍استا ئ‍ىتتەردى ۋە ياغلىقىنى ئ‍وڭشىغان بولۇپ يەرگە قارىۋالدى ،
   - مەيلى ئ‍ەمسە ،بوپتۇ ،بېرېڭ سىزمۇ ئ‍اغىنىلىرىڭىز ئ‍الدىدا يەرگەقاراپ قالماڭ ،ئ‍ەمما سىز دىن ئ‍ۆتۈنەي  ،كەچتە بالدۇرراق قايتىپ كەلسىڭىز ،چۆچۈرە ئ‍ېتىپ تۇراي ، ئ‍امال بار ئ‍اشۇ ھارق دىگەن نىجىسنى ئ‍ىچمىسىڭىز خۇش بولۇپ كېتەي ،سىز ھەر كۈنى مەس ھالەتتە قايتىپ كەلگىنىڭىزدە شۇنداق قورقۇپ كېتىمەن ، سىز دىن ئ‍ۆتۈنۈپ قالاي بۈگۈن بولسىمۇ ،بىرقېتىم بولسىمۇ ئ‍ۆيگە بالدۇرراق ساق قايتىپ كەلگەن بولسىڭىز ،
   شۇنداق دەپ ئ‍ۆتۈندى روشەنگۈل .
    -ماقۇل ۋەدە بېرەي ،ئىچمەيمەن ،چوقۇم بالدۇر قايتىپ كېلىمەن ،سەنمۇ قوناقلىققا بارساڭ بېرىپ قىلالىشىڭچە قىلغىن ،ئ‍ېشىپ قالسا ئ‍ەتە بىللە  قىلايلى ،مەنمۇ  شۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلەي ،ماڭا ئ‍ىشەنگىن ،ۋەدەمدە چوقۇم تۇرىمەن ،-شۇنداق دىدى دە قاسىم سىرتقا قاراپ ماڭدى ،ئ‍ۇ تولىمۇ خۇشال ئ‍ىدى ،دۇنيا ئ‍ۇنڭغا شۇنچىلىك يېقىملىق تۇيۇلماقتا ئ‍ىدى ،نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئ‍ايالىنى ئ‍الداپ ياكى ئ‍ازار بېرىپ  ئ‍وينىغىلى ماڭغان بولسا بۈگۈن ئ‍ايالىغا ۋەدە بېرېپ ئ‍ويۇننى تاشلاش ئ‍ۈچۈن ،ياق ئ‍ۆز بەختىنى تاپقانلىقىنى ،ئ‍ۆزىنىڭ ھەقىقىي بىر ئ‍ەركەك بولغانلقىنى پۈتۈن دوسلىرىغا ،پۈتۈن تونۇشلىرىغا جاكارلاپ ئ‍ۆز پەرىشتىسىنىڭ يىنىغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ،ئ‍ۆزىنىڭ ئ‍ىللىق ،بەخىتلىك ئ‍ائ‍ىلىسىنى قۇرۇش ،گۈللەندۈرۈش ئ‍ۈچۈن ماڭماقتا ئ‍ىدى …

    داۋامىنى جىددىي يېزىۋاتىمەن ،ئ‍وقۇر مەنلەرنىڭ باھاسىنى ئ‍اڭلاش ئ‍ۈچۈن ئ‍ۇدۇللۇق يوللىدىم ،توغرا چۈشەنگەيسىلەر !
   ‍

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلشەمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-31 09:19 PM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش2 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0
بىر كۈلىمەن ھەممە ھەيران قالغۇدەك ،بىر يىغلايمەن قايتا يىغلاپ سالمىغۇدەك ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108049
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 521
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-6-26
ئاخىرقى: 2015-5-2
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-31 10:42:14 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
تىمىسى  بولغىدەك تىتىملىق ئەسەرلەرنىڭ كۆپرەك رۇياتقا چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106508
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 314
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2014-4-29
ئاخىرقى: 2015-5-1
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-31 11:06:09 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ياىشى ئەسەردىن بىرسى باشلىنىپتۇدە ، قەلمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115391
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2015-3-20
ئاخىرقى: 2015-5-3
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-31 11:25:28 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
بۇ ئەسەر  ياخشى بالىنىپتۇ،ئەمما   تىمىسى قازىغا، ئۆزى ھازىغا كىتىپ قاپتىمۇ قانداق،     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 116050
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2015-3-23
ئاخىرقى: 2015-5-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-31 11:54:32 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ داۋامىنى ساقلايمىز..

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3430
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27335
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8387 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-3
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-1 12:11:17 AM |ئايرىم كۆرۈش |
تىمىڭىزنى داۋاملاشتۇرىۋىرىڭ، كۆپچىلىكنىڭ باھاسىنى ئاڭلايمەن، دىسىڭىز بەزىدە ئۇنداق، بەزىدە مۇنداق گەپلەر دەپ قويۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ئۇدۇللۇق كىلىۋاتقان ئىلھامىڭىزغا تەسىر يىتىدۇ-دە، ئۆزىڭىز كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا ئۇدۇللۇق يىتەلمەيسىز. ياخشى ئەسەر ھىچقاچان كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالمايدۇ. ئىلھامىڭىزغا ئىشىنىڭ. ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان ھالەتتە يىزىۋىرىڭ. بولمىسا ئىلھامىڭىزنى بوغۇپ قويىسىز.

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 116024
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2015-3-23
ئاخىرقى: 2015-5-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-1 08:18:19 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىپتۇ ، قەلىمىڭىزدە تۆرەلگەن قاسىم بىلەن روشەنگۈل بۇ ئىككى ئوبراز بىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىسىدە قالغۇدەك ھالەتتە نامايەن بولدى .

ياشاش ئۈچۈن تىرشىش كېرەك ،
غەلبە ئۈچۈن ۋاز كېچىش !!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 116024
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2015-3-23
ئاخىرقى: 2015-5-3
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-1 08:22:05 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
سىزگە يەنە دەيدىغىنىم ۋەقەلىكنى ئۆزىڭىز خالىغان يۆلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇڭ ، شۇندىلا ئۆزىڭىز كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلەيسىز ھەمدە پىرسۇناژلارنى تېخىمۇ چىنراق ئەكىس ئەتتۈرەلەيسىز . داۋامىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز دوستۇم

ياشاش ئۈچۈن تىرشىش كېرەك ،
غەلبە ئۈچۈن ۋاز كېچىش !!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 116641
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-4-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-1 09:12:59 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز، دامىنى چاققانراق يوللاڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 487 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-5-3
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-1 10:26:19 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىش بۇپتۇ . نىمىشقا ئەخمەق خۇتۇنۇم دەپ ماۋزۇ قۇيغانسىز دەيمەن؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش