سالام خەت «يۇمۇرلۇق »
; y9 y! x5 b/ C* a" v
j `! j; i: A. ], |3 V8 T5 x ئاھ... لەيلىگۈل ، سىزنى دەپ شامال بىلەن قوشۇلۇپ ھاۋادا لەيلاۋاتىمەن ، قولىڭىزنى تۇتىۋالغان شۇ كۈندىن باشلاپ ، قويىۋېتىشكە چىدىمايۋاتىمەن . توغرىسى ، قويىۋېتىشتىن قورقىمەن . چۈنكى سىز لەيلىگۈل بولغان بىلەن ، مەن سىزدىن ئايرىلسام قانداقمۇ لەيلەپ تۇرالارمەن ، مۇبادا چۈشۈپ كەتسەم ، يەرگە چۈشۈپ بولغۇچە قورقۇپ بىر تەرەپ بولوپ بولمامدىم . ؟ سىزنىڭ شۇ بۇلاقتەك كۆزىڭىز ، ماڭا ئالىيىپ تاغىل ئاتتەك قاراشلىرىڭىز ، يەنە تېخى ئورۇستەك كۆپكۆك كۆزلىرىڭىز ، رىزىنگىدەك سۇزالىدىغان قولىڭىز ، تىراكتورنىڭ كەينى چاقىدەك ، دادامنىڭ بىلىدەك پۇتىڭىز ، مەن ئاڭلىمىغاننى ئاڭلايدىغان بىر كىلومىتىردەك قۇلىقىڭىز غا ، تولىمۇ مەھلىيا بولدۇم . مەن نەچچە قېتىم سىزنى ئويلاپ مېڭىپ ، ھېلى ئورەككە ، ھېلى يەر ئاستى تۇربا يولىغا ، نەچچە قېتىملاپ چۈشۈپ كەتتىم . ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ، بىز تۇنجى قېتىم باغچىدا كۆرۈشكەن شۇ ۋاقىتتا ، سىزنىڭ شۇ سىمىز تۇرقىڭىزنى كۆرۈپ ، ۋاي ئاللا ، بۇ ئادەممۇ ياكى ، كۆمۈلۈپ ئاسار - ئەتىقە بولوپ كەتكەن كۆتەكمۇ ، دەپ ئويلىغاچ ئالدىڭىزدا پىخىلداپ كۈلۈپ بىرىپ ، سىزدىن نىسىگە يەۋالغان شۇ شاپىلاق ئىزى، ھازىرمۇ ئوڭ مەڭزىمدە بار . سىز بەك سىمىز بولغاچقا مېڭىشىڭىز ، ئورانگۇتانغا ئوخشاپ قالاتتى . بىز ئاشپۇزۇلغا كىرگەندە ، بىر قازان پولونى يەۋەتكىنىڭىز ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ . شۇڭا، دوسلىرىڭىز سىزنى باجى دەپ چاقىرىشى بىكار ئەمەسكەن .
" A4 Y% n. ^8 v+ K; O( l
7 k% O$ V& E8 z; ~7 j3 ~ ئاھ مايسەم ....... مۇشۇ كۈنلەردە سىزنى تولا ئويلاپ سەۋدايى بولوپ قالدىم ، بىراق سىزنى تىزراق ئورۇقلىسا ، ئاندىن كۆتۈرۈپ ماڭغىلى بولارمىكىن دەيمەن . چۈنكى ، سىز بەك سىمىز بولغاچقا ، توي كۈنى سىزدەك بۇنچە سىمىز خوتۇننى مەن قانداقمۇ كۆتۈرۈپ ماڭالايمەن ، شۇلارنى ئويلىسام ، دوسلۇرۇمغا تىلفۇن قىلىپ زەمبىل تەييارلاشنى ئويلاشتىم . زەمبىل بىلەنمۇ كۆتۈرگىلى بولمىسا ، ئېشەككە سۆرەتسەممۇ مەيلىتى
.gif)
.
3 l% W/ A S' ^8 ~2 V" S0 R9 g$ f& L: x$ A* q( `
بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ قەتئىي خاپا بولماڭ ، بولمىسا مەن تېنىۋالسام ، يەنە ئولتۇرۇپ قالىسىز . شۇڭا بۇدا قېتىمقى سالام خەتتە ، ماقۇل دىمىسڭىز ، سىزنى راكىتاغا باغلاپ فىرانسىيەگە ھەيدېۋىتىمەن .
$ c% m+ C/ ^- N% @9 r5 J
9 ]( W+ l4 f9 y ئاخىرىدا جاۋابىڭىزنى ساقلاپ : ئاشىقىڭىز شا بۇرۇتتىن .
. a9 E7 i' g( ~3 Q: T2 V% L& H) T* W5 ^( b
ئەسكەرتىش : بۇ تىمىنى قىزىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن يازدىم ، ياختۇرۇپ ئوقۇڭلار بولمىسا لەيلىگۈلگە دەپ ، 10 بال بوران چىقىرۋېتىمەن بېشىڭلاردىن .
- u) }7 ?5 H# m1 n/ L
! D% {1 c3 d# X8 O مەنبە : ساراڭ كاللام
; R/ V3 w& e6 I+ W! T3 d