مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 729|ئىنكاس: 10

بالىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14065
تۆھپە نۇمۇرى: 1083
توردا: 9755 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 12:53:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بالىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇش توغرسىدا


    كىتاپ – ئىنسانىيەت ئۇچۇن كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى ئوزۇقلۇق . ئاتاغلىق روس يازغۇچىسى ماكسىم گوركى :《كىتاپ ئىنسانلارنىڭ ئەقل پاراسىتى ۋە بىلىمىنى ئاشۇرۇپ جەمىيەتنى چۇشۇنۇش ، تەبىئەت دۇنياسىنى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم قۇرالدۇر 》دىگەن ئىدى . كىتاپ باللار ئۇچۇنمۇ ئىنتايىن مۇھىم . كىتاپ ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوسىتى ۋە سەممىيى مەسلىھەتچىسى .

   بالىلىق مەزگىلى مەيلى فىزۇلۇگىيەلىك جەھەتتىن ياكى ئەقل – پاراسەت جەھەتتىن بولسۇن تىز تەرەققى قىلىش دەۋىرى بولۇپ ، ئۇلاردا ياخشى ئەخلاق -پەزىلەت ۋە پىسخىك ئالاھىدىلكىنى يىتلدۇرۇشتە ۋە ياكى چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولۇشىنى بەلگلەشتە كىتاپ بۇلارنى ئالغا ئىلگىرلىتىدىغان مەنىۋى ئوقۇتقۇچى .

بالا توغۇلۇپ مەلۇم ۋاقتىلاردىن كىيىن جەمىيەتكە قەدەم قۇيىدۇ  ھەمدە ئەتراپتىكى كىشلەر بىلەن ئالاقە قىلىدۇ . شۇ جەرياندا بىلىم ، تەجىربىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ . ئىككى ياشىتىن 12  ياشقىچە بولغان ئارلىق باللارنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتى بولۇپ ، سان ئۆزگۇرۇش ، سۇپەت ئۆزگۇرشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان مەزگىل . مۇشۇ مەزگىلدە نىمىنى ئۇگۇنۇش ، نىمىگە قىزىقىش ، نىمىنى ياخشى كۆرۇش ۋە نىمىنى قىلىش -قىلماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلاردا مۇكەممەل بىر قاراش ياكى ياخشى ئادەت شەكللەنسە بۇ ئۇلارنىڭ مەڭگۇلۇك ئاساسى بولۇپ قالدۇ .

  1976-يىلى 1-ئايدا نوبىل مۇكاپاتىقا ئىرشكەن 75 كىشى پارىژغا جەم بولغان . ئۇلارنىڭ بىردىن 《سىز قايسى ئالى مەكتەپتە ۋە قايسى تەجىرىبە خاندا ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان نەرسىلەرنى ئۇگەندىڭىز ؟ 》دەپ سورىغاندا چاچلىرى قاردەك ئاقارغان بۇ ئالىم : 《بالىلار باغىچىسىدا 》دەپ جاۋاپ بەرگەن . 《بالىلار باغىچىسىدا نىملەرنى ئۇگەندىڭىز ؟ 》دەپ سورغاندا ئۇ :《ئۆزۇمىنىڭ بىر قىسىم نەرسىللىرنى دوستىلىرىمىغا بىرشىنى ، ئۆزۇمگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىلەرنى ئالماسلىقىنى ، نەرسە – كىرەكلەرنى رەتلىك قويۇشنى ، تاماق يىيىشىتىن ئاۋال قول يۇيۇشنى ، خاتا ئىش قىلىپ قويغاندا ئەپۇ سوراشىنى ، قىسقىسى نىمىنى قىلىش ، نىمىنى قىلماسلىقىنى 》دەپ جاۋاپ بەرگەن . ئۇنىڭ جاۋابى بۇ يەرگە جەم بولغان ئالىملارنىڭ ئورتاق قارىشى بولۇپ چىققان . بۇ كىشلەرگە مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش ئۇچۇن ئىشىنى كىچىكىدىن باشلاشنىڭ زۇرۇرلىگنى ، يەنە بىر تەرەپتىن نىمىنى قىلىش ، نىمىنى قىلماسلىققا ، كىچكىدىن تارتىپ ئادەتلىنىشنىڭ لازىمىلىقىنى چۇشەندۇردۇ . شۇڭا بالىلاردا كىچكىدىن باشلاپلا ياخشى ئادەتتىنى يىتلدۇرۇش بەكمۇ زۇرۇر . ئۇنداقتا نىمە ئۇچۇن باللاردا كىچكىدىن باشلاپلا كىتاپنى ياخشى كۆرۇش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش كىرەك ؟ چۇنكى ياخشى كۆرۇش توغما بولمايدۇ . ئۇ تەربىيە ۋە مۇھىتنىڭ نەتىجسى ، بۇ خىل تەربىيە ئاتا – ئانىلار ۋە تەربىيچىلەرنىڭ بالىلاردا ياخشى ئادەتنى يىتلدۇرۇشتە باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپىلەردۇر . بالىلاردا كىتاپنى ياخشى كۆرۇش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا بىلىملىك ، ئىقتىدارلىق ، ياراملىق ئادەملەردىن بولۇشنىڭ ئاساسى .

قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ كىتاپنى ياخشى كۆرۇش ئادىتنى يىتلدۇرگىلى بولدۇ ؟

 1.    ئاتا – ئانلار ۋە تەربىيىچىلەر ئۆزلىرى كىتاپ ئوقۇشىنى ياخشى كۆرۇش بىلەن بىرگە بالىلارغا كىتاپنى ياخشى كۆرۇشنىڭ زۇرۇرلىكىنى تونۇتۇش لازىم . بالىلارنىڭ بىردىن – بىر ئالاھىدىلكى ھەۋەسكە باي ، دوراشقا ئۇستا ، ئاتا –ئانلار ۋە تەربىيىچىلەرنىڭ كىتاپنى ياخىشى كۆرشى ۋە ئۇنى سۆيۇپ ئوقۇشى بالىلارغا ئۇن –تۇنسىز تەىسر كۆرستىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارغا مەشھۇر كىشلەرنىڭ ئۆسمۇرلۇك دەرۋىردىكى كىتاپقا بولغان قىزقشىنى ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ ، ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق شەخسلەردىن ئۇگۇنۇش تۇيغۇسىنى قوزغاش لازىم . يىقىنىقى زامان تىزگنلەش نەزىريسىنىڭ ئاساسسچىسى ۋىنونىڭ تۆت يىشدا نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇپ ، توققۇز يىشىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەنلىكى ، گومورۇنىڭ تۆت ياش ۋاقتىدا كىتاپنى زىيادە ياخشى كۆرگەنلكى نەتىجسىدە مەشھۇر ئەدىپ بولۇپ چىققانلىقى بۇنىڭ مىسالى .

2.    ئاتا – ئانىلار ۋە تەربىيىچىلەر بالىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش جەرياندا پائال پىكىر قىلىپ ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگرلەش روھىنى يىتىلدۇرۇش كىرەك . بالىلاردا كىچكىدىن باشلاپ مۇستەقىل پىكىر قىلىش قابىليىتىنى يىتىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تىخىمۇ چوڭ – چوڭ مەسللەرنى تەپەككۇر قىلشىنىڭ ئاساسى . بالىلارغا كىتاپنى قايسى ۋاقىتا ئوقۇش ، قانداق كىتاپلارنى ئوقۇش لازىملىقى توغرسىدا چۇشەنچە بىرىپ پىكىر قىلىش ، ئانالىز قىلىشىغا ھەمدەم بولۇش لازىم  .

3.    بالىلارنىڭ كىتاپقا بولغان ئىھتىياجىنى مۇۋاپىق قاندۇرشى بىلەن تەلەپنى قاتتىق قويۇش كىرەك .

  كىتاپنى ئوقۇشىنى ياخشى كۆرگەن كىشى دائىم دىگۇدەك كىتاپخانغا بىرىپ يىڭى كىتاپ سىتىۋىلىشقا ئالدىرايدۇ . ئاتا –ئانىلار كىتاپ سىتىۋالغلى بارغاندا بالىلارنى بىللە ئىلىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ كىتاپقا بولغان ھەۋسىنى يىتىلدۇرۇش ، ئۇلار ياخشى كۆردىغان ، زىھنىنى ئاچىدىغان كىتاپلارنىمۇ ئىلىپ بىرىش كىرەك . بالىلارنىڭ زىھىنىنى ئاچىدىغان كىتاپ قانچە كۆپ بولسا پايدسى شۇنچە كۆپ . ئاتا – ئانىلار بالىلارغا پۇل بەرگەندە ئۇلارغا كىتاپ سىتىۋىلىش تەلىپىنى قويۇشى ، دوستىلىرىغا كىتاپ ھەدىيە قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش لازىم .

   4. بالىلار كىتاپ ئوقۇغاندا تازىلققا ئەھمىيەت بىرىش ئادىتنى يىتىلدۇرۇش كىرەك . بەزى بالىلار قولىنىڭ پاكىز ياكى مەيىنەتىلكىگە قارماي كىتاپنى ئىلىپلا ئوقۇپ كىتىدۇ ، ھەتتا بارمىقىنى ئاغزىغا سىلىپ ھۆلدەپ كىتاپ ۋاراقىلايدۇ ياكى يەيدىغان نەرسلەرنى كىتاپ ئۇسىتىگە قويدۇ ، كىتاپ ئوقۇغاچ تاماق يەيدۇ ، ھەتتا ھاجەتخاندا كىتاپ كۆرىدۇ . مۇنداق ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى يامان ئادەت بولۇپ ئاتا –ئانىلار چەكلەش لازىم . بالىلار كىتاپ ئوقۇغاندا لۇشۇن ئەپەندىنىڭ 《ئاۋال قولىنى يۇيۇش 》تەك ياخشى ئادىتىنى ئۇگۇنۇش لازىم . كىتاپنى كۆرگەندە كۆزنى ئاسراش ھەققىدە تەربىيە بىرىش ، ئۇزاق ۋاقىت كۇچلۇك نۇر ئاستىدا ياكى كۇن نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئۇقۇماسلىق ، توغرا بولمىغان كىتاپ كۆرۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ، ناچار كىتاپلارنى كۆرمەسلىك ، كىتاپنى ئاسراش توغرسىدا داۋاملىق تەربىيە بىرىش لازىم .
     مەنبە _ ئۆزۇم  





ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
باياۋان + 40 زۆرۈر تېما
سابا + 50 رەخمەت .

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 90   باھا خاتىرىسى

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 5001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53411
تۆھپە نۇمۇرى: 3673
توردا: 6430 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 01:26:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپ ئوقۇشنى ھەممە كىشى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋىلىشى كېرەك.

تەقدىر ، قولۇڭنى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3047
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 6239 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 01:37:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپ- ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرىدىغان  ئوغۇز  سۈتىدۇر، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى بايلىغىنى ساقلاپ قالىدۇ ھەمدە ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ....

كىتاپ بىر ئەۋلادنىڭ يەنە بىر ئەۋلادقا قالدۇرغان مەنىۋى ۋەسىيىتى.ئۆمرى ئاخىرلاشقان قېرىنى ھاياتقا ئەمدى قەدەم باسقان ئۆسمۈرگە قىلغان پەندى نەسىھىتى.......

ئەھمىيەتلىك تېما .......

ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟ قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟ تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ، كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟ ئابدۇقادىر جالالىدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7072
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7697
تۆھپە نۇمۇرى: 447
توردا: 764 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 02:10:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەنمۇ توردا ئۇچرىغان بالىلار كىتابلىرىدىن بىر قانچىنى تەۋسىيە قىلاي. بۇ كىتابلار مەندە بار. ئېلخەتتە ئەۋەتەلەيمەن.

1. تۈركىيە جومھۇرىيىتى دىنىي ئىشلار كومىتېتى (دۆلەتتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي ئورگان)  دىيانەت تۈزۈپ، دۇنيادىكى بىر قانچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىپ باستۇرۇپ تارقاتقان بالىلار كىتابى ئوقۇشلۇقى جەمئى 5 پارچە:
(1) دىنىمنى ئۆگىنىمەن (2) كىتابىمنى ئۆگىنىمەن (3) پەيغەمبىرىمنى ئۆگىنىمەن (4) دۇئالىرىمنى ئۆگىنىمەن (5) ئىبادەتلرىمنى ئۆگىنىمەن.  (تەپسىلاتى:[url]http://bbs.yulghun.com/viewthread.php?tid=6617&extra=page%3D1
)
بۇ كىتابلارنىڭ ئالاھىدىلىكى: بۇنى تۈزگۈچى ئورگان تۈركىيەدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق دىنىي ئورگان بولغاچقا، كىتابلاردىن ئېنىق خاتالىق تېپىش بىر قەدەر قىيىن، چۈنكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتكەن. كىتاب زامانىۋى دۇنيادىكى مۇسۇلمان بالىلارغا خىتاب قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن، ئەقلىيلىكنى، دىننىڭ ئىجتىمائىي تەرىپىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

2. ئۇيسال نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن 3 قىسىملىق "دىنىمنى ئۆگىنىمەن" ناملىق كىتاب. بۇ كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئاسىم ئۇيسال ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئايالى مۈرشىدە ئۇيسال خانىم تۈركىيەدىكى داڭلىق ئىلاھىيەت پاكولتېتتىدا سىستېمىلىق دىنىي تەلىم تەربىيە ئالغاندىن  كېيىن يېزىپ چىققان كىتاب بولۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ 1-2-قىسمى 2006-يىلى ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. تۈركچىسى بۇندىن 20 يىل بۇرۇن نەشىردىن چىققان. (ئۇيغۇرچىسىدا گەرچە بەزى ئىملا خاتالىقلىرى بولسىمۇ، تۈزىتىپ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن.) بۇ كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكى: مۇسۇلماننىڭ قەلبىگە، ھېسسىياتىغا خىتاب قىلىدۇ، ئىمان، ئىسلام ھەققىدە دەسلەپكى ساۋاتلارنى بېرەلەيدۇ.  3-قىسمى دۇئا كىتابى بولۇپ، ھەممىمىزگە ياخشى ھەمراھ بولالايدۇ.

3. بىر ئىسلامىي تەتقىقات ئورنى تەييارلىغان 4 قىسىملىق "مېنىڭ گۈزەل دىنىم" ناملىق كىتاب. بۇ كىتابنى ئىلاھىيەت پاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئۈچ مۇئەللىم (بىرى دوكتور) بىرلىكتە تۈزگەن، مەخسۇس مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتى تەكشۈرۈپ باھالاپ بىكىتىپ چىققان.
بۇ كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكى: مۇسۇلماننىڭ ئەقلىگە خىتاب قىلىدۇ. دىنىي بىلىملەر سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلگەن. بولۇپمۇ ئىسلامنىڭ بەش پەرزى (پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، مۇستەھەپ، مەكرۇھ، مۇباھ، ھارام قاتارلىق ئەمەللەر) ئىنتايىن سىستېمىلىق بايان قىلىنغان. تېمىغا ماس كېلىدىغان ھېكايە ۋە تۈركىيەدىكى داڭلىق شېئىرلار (ئادەتتە ھەممە كىشى بىلىدىغان، مۇزىكىسى ئاھاڭى بار شېئىرلار)كىرىشتۈرۈلگەن. ھەر باپنىڭ ئاخىرىدىكى سۇئاللار ھازىرقى زامان مائارىپىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسلۇپتا ھازىرلانغان بولۇپ، كىتابنىڭ پايدىلىنىش، تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.
("مېنىڭ گۈزەل دىنىم" 3 قىسىم كىتابنىڭ خەنزۇچىسى ھازىر ئىچكىرىدە خۇيزۇلارنىڭ مەكتەپلىرىدە دەرسلىك كىتابى قىلىپ ئوقۇتۇلىۋاتىدۇ. 56 يۈئەن باھا چىقىرىپ قويسىمۇ سېتىۋالىدىغانلار شۇنداق كۆپ.http://www.islambook.net/shop/sort_book.asp?productno=28801[/url])  

بۇ ئۈچ خىل كىتاب گەرچە بىر بىرىدىن بىرئاز پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما بىر بىرىنى تولۇقلاش، بېيىتىش، ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمان ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشتە مۇھىم قوللانما سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
مەنبە: http://bbs.yulghun.com/viewthread.php?tid=6617&extra=page%3D1

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221157
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 11543 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 08:29:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3-قەۋەت (aishe) نىڭ يازمىسىغا

ياخشى كىتاپلاركەن بالىلارغا ئوقۇپ بەرگۈلۈك

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

تاڭ ساباسى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3506
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8285
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2669 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 10:04:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما ، پايدىلىق ئىنكاس ، يوللىغان ۋە تولىقلىغان تۇرداشلارغا تەشەككۈر . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .

ھايات شامى ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يىنىق ،
كەلدىڭمۇ دۇنياغا كەتمىگىڭ ئىنىق .
شۇ كىلىپ كىتىشنىڭ ئۆزى بىر سۇئال ،
تەييار بول سۇئالغا پۇتكىچە تىنىق .

*گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىمىغىن ،لكىن ئۆزۈڭ ئاسىيلىق قىلىۋاتقان زاتنىڭ كاتتىلىقىغا قارىغىن!

ئاناڭنى جاھان بىلسەڭ ، ئاتاڭنى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8996
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9530
تۆھپە نۇمۇرى: 691
توردا: 1180 سائەت
تىزىم: 2010-9-3
ئاخىرقى: 2012-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 01:54:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپ ئوقۇشنى ھەممە كىشى ئۆزىگە ئادەت قىلىشى كىرەك، كىتاب ئوقۇش ياخشى ئادەت .

ئىسىلنىڭ ئەسلىمۇ-ۋەسلىمۇ ئىسىل ، قىش-ياز باھارى ھەممىسى ئىسىل .  ئېسىلساڭ ئاشۇنداق ئىسىلغا ئېسىل ،ساپ ۋىجدان غورۇرى نەسلىمۇ ئىسىل .

ھەر بىر كۈن ئىنس

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 802
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7584
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 6878 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-15 06:35:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار كىچىك نوتا ، كىچىكىدىن باشلاپلا قەلبىگە ئىلىم ئۇرۇقىنى چېچىش ، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك ، قولىڭىز مەڭگۈ تالمىسۇن بۇرادەر ~

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3151
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 1035 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 12:33:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماقالىكەن.
ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزگىل نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان مەزگىلى چۈنكى بۇ باسقۇچتا بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى،تىل ئىقتىدارى يىتىلىدۇ؛فىزىئولوگىيىلىك يىتىلىشى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ؛ئۆزىنىڭ خاس خاراكتىرى ۋە تۇرمۇش ئادىتى دەسلەپكى قەدەمدە يىتىلىپ كىيىنكى ھاياتىدا كۆپ ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدۇ ۋەھاكازالار.
مەنچە بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى بالا ئانا رەھمىدە ۋاقىتتىن باشلاش كىرەك.
1.ئانا بالىنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسى ئېچىلىدىغان تۆت ئايلىق بولغانلاردىن باشلاپ ھەركۈنى قورساقتىكى بالىغا كىتاب ئوقۇپ بىرىش ۋە بۇ ئادەتنى بالىنىڭ ساۋادى چىققانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش؛
2.بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن بالىغا كىتابلارنى كۆرسىتىش،تۇتقۇزۇش؛
3.بالا بىر ياشقا كىرگەندىن باشلاپ بالىغا كىتابنى چۈشەندۈرۈش،ۋاراقلىتىش،بالىغا كىچىك تىپتىكى چىرايلىق كىتاب جازىسى قىلىپ بىرىپ جازىغا لىقلاپ كىتاب تىزىپ بىرىش.ھەركۈنى كەچ بالىغا جازىدىن بىر كىتابنى تاللىتىپ،شۇ كىتابنى ئوقۇپ بىرىش؛
4.بالا ئىككى ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئوقۇپ بەرگەن كىتابلاردا نىمە سۆزلەنگىنىنى سوراپ تۇرۇش،دەپ بىرەلمىسە كىتابتىن ئوقۇپ بىرىشنى سوراپ بالىغا كىتابنى تۇتقۇزۇش،بۇ چاغدا بالا كىتابنى ۋاراقلاپ ''ئوقۇشقا'' باشلايدۇ؛
5.بالىنى كىتابخانىلارغا،كۈتۈپخانىلارغا كۆپ ئاپىرىش؛بىرەر كىتابنى ئالىمەن دېسە چوقۇم ئېلىپ بالىغا سوۋغا قىلىش؛
يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللانغاندا بالىلاردا كىتابنى بىر ئۆمۈر ئەتىۋارلاپ ئوقۇيدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

yazik

ئۇنتۇپ كەت يۈرىك

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14736
تۆھپە نۇمۇرى: 286
توردا: 4555 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-18 09:47:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىتاب ئوقۇشنى  كىچىگىمدىن باشلاپ بەك ياخشى كۆرمەن ، ئەقىلىمگە كەلسەم  رەھمەتلىك ئاتام  ئىشتىن ھىرىپ -ئىچىپ  كەلسىمۇ  تامغىنى يەپ بولۇپلا   كىتاب كۆرەتتى . بىز پەرزەنىتلەرگىمۇ  ھەر خىل چۆچەك ھەم  باشقا ژانىردىكى كىتابلارنى سىتۋىلىپ ئوقۇشقا بۇيرىتتى ھەم كىتابدىكى ۋەقەلىكنى  ئاددىيلا قىلىپ سۆزلەپ بىقىڭلا  دەپ بۇيرۇيتتى  ، شۇ سەۋەپتىنمۇ ئىشقىلىپ بىزنىڭ ئائىلىدىكى ھەمىمىز كىتاب  ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈپ چوڭ بولدۇق. ئاللا خالىسا مەنمۇ پەرزەنىتلىك بولغاندا  بالامغا ھەر خىل مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئىلىپ بىرمەن ھەم ئۇنى  ئۇخلىتىشتىن بۇرۇن قىزقارلىق چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بىرمەن .

پىكىر قىلىۋاتىمەن دېمەك مەۋجۇتمەن!! خەيىر-خوش جېنىم سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭمۇ بەختىم!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7072
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7697
تۆھپە نۇمۇرى: 447
توردا: 764 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-28 03:20:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ماۋۇ كىتابلارغىمۇ قاراپ قويغۇلۇق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش