مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1299|ئىنكاس: 19

تۇز: تۇزلۇققا تۈكۈرمە! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43795
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15957 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 12:30:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


سۇئال : مەن ھازىر27 ياشتا.  ئۆمۈر يولدۇشۇم بولسا 60 ياشتا . دەسلەپكى يولدۇشۇم قازا قىلغاچقا بىر ياشلىق بالامنى ئېلىپ  ئۇنىڭغا ياتلىق بولغانمەن . ھازىر بالام بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇيدۇ . ئىتىراپ قىلىمەنكى، بۇ ئادەم بىزنى ياخشى يېدۈردى ، ياخشى كىيدۈردى ، ھەتتا بالامنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ ئۆيمۇ ئېلىپ بەردى . لېكىن ئۈچ قىزى بىلەن زادى چىقىشالمىدىم ، ئۇلار تولا چاغلاردا  مەن بىلەن جاڭجال قىلىدۇ ،شۇڭا بۇ ئىش ئارامىمنى قويمايۋاتىدۇ . شۇڭا چىدالماستىن ئاجرىشىش قارارىغا كەلدىم . ئېرىم ئېغىر خۇرسۇنغان ھالدا ؛« بىراۋنىڭ بالىسى بەرىبىر بىراۋنىڭ ئىكەن -دە ، شۇنچە قىلغان ئىتىبارىم ھېساپقا ئۆتمەپتۇ ئەمەسمۇ ؟» دېدى .ئۇ  بۇ گىپى بىلەن بالامغا ۋە ماڭا قىلغانلىرىغا مىننەت قىلدى . مەن بۇنىڭغا تېخىمۇ چىدىمىدىم .ھازىر ئۇنىڭ بىلەن تېخىچە بىللە ئۆتۈۋاتىمەن. ئەمما كۆزۈم كۈلۈپ ، يۈرىكىم يىغلايدۇ . بۇندىن كېيىن قانداق قىلاي ؟

جاۋاپ :ئەھۋالدىن قارىغاندا سېنىڭ  ئىرىڭنىڭ ئۈستىدىن  شىكايەت قىلىشىڭغا ئورۇنمۇ قالمىغاندەك تۇرىدۇ . بىر ئانا تۇرۇپ ئېرىڭنىڭ قىزلىرى بىلەن ئەپ ئۆتەلمەي غەلۋىگە كۆمۈلۈپ قاپسەن.ئىشنىڭ  بولارى بوپتۇ ! بۇ باشقا مەسىلە ، بۇ ھەقتە ھازىرچە گەپ ئاچمايمىز .

ساڭا كەلسەك ، بىرىنچىدىن ، ياشلا تۇل قىلىشىڭ ___ بۇ قىسمەت .ئۇنى  ئۈندىمەي قوبۇل قىلىشىڭ ،تەقدىرگە كۆنۆشۇڭ كېرەك . بۇ ياراتقۇچىنىڭ ھېساب - كىتاۋى بىلەن بولغان ئىش .ئاللاھ ساڭا  بۇ كۆرگۈلۈلەرنى بېرىپ ، سېنى قايسىدۇر گۇناھلىرىڭدىن پارىغ قىلدى ياكى بۇ  ئۇنىڭ ساڭا كاتتا مۇكاپات بېرىش ئالدىدىكى سىنىقىدۇر . بۇ ھالىتىڭنى قەھرىمانلىق دەپ كۆرسىتىش ياكى باشقىلارنى شەپقەت قىلىشقا مەجبۇرلاش ۋە ياكى ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى كەلتۈرۈپ دادلىنىش ، سېنىڭ پىسخىك زەئىپلىكىڭ ،مەسىلە ھەل قىلىشقا  ئەقلىڭنى ئىشلەتمەيۋاتقىنىڭدىن بولغاندۇر.

سەن بۇ ئادەمنىڭ ئاتمىش يىشىنى پەش قىلما . تۇنجى ئىرىڭنى ئۇ ئۆلتۈرمىگەن ياكى « ئۈلۈپ قالسۇن » دەپ قاغىشمۇ قىلمىغان .قايتا نىكاھىڭلاردا بىركىم سېنى ئۇنىڭغا مەجبۇر قىلىپ تاڭمىغان،سۆزۈم  توغرىمۇ ؟دېمەك  سەن ئۆزۈڭ خالاپقېرى ئادەمگە  ياتلىق بولۇشقا رازىلىق بەرگەن ، دېمەك ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنى مۇناسىپ كۆردۈڭ دېگەن گەپ .توي قىلىشتىن بۇرۇن ئەھۋالنى ئوبدان دەڭسەپ كۆرۈپ بېقىپ،ئاندىن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بېرىشىڭ كېرەك ئىدى ! ئۇ ئەركەك ۋىجدانلىق ، ساخاۋەتلىك بىر ئىنساننىڭ ئىشىنى قىلىپ بولۇپتۇ . يەنى : سەندىن يېشى بەكمۇ چوڭلىقىنى يۇيۇپ كېتىدىغان ئىشلارنى قىپتۇ. يەنى سېنى مەمنۇن قىلدىغان ياخشىلىقلارنى قايىل قىلارلىق قىلىپتۇ . ھەممە نەرسەڭنى تەل قىلىپ تۇتۇپ بەرگەن ئۆيىدە ئاتىسىز قالغان بالاڭ بىلەن يايراپ ئولتۇرۇپسەن . بۇ ئىشلارنى سەندىن قورقۇپ قىلىپتىمۇ ؟ يا سېنىڭ ھۆسىن جامالىڭ ئۇنىڭ يانچۇقىنى پۇلغا تولدۇرۇپ بەردىمۇ ؟ تۇرغان - پۈتكىنىڭگە پۇل سەرپ قىلۋىتىپتىغۇ ؟! بالاڭ ئۇنىڭ پاناھىدا ئاتىسى با بالىلارغا ئوخشاش ياخشى ئۆتۈپتىغۇ ؟! بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىچ - ئىچىڭدىن سۆيۈنۈپ ، ئاشكارا ۋە پىنھان ياخشى تىلەكلىرىڭ بىلەن دۇئا قىلىشىڭ كېرەك ئىدى . ئەتراپىڭغا قاراپ باق ، ئېرى بىلەن بالىلىرىنى بىقىۋاتقان ئاياللارمۇ بار . ياش ، كىلىشكەن ئەرلىرى ئىچىپ - چىكىپ ياكى قىمار ئويناپ ، مەخپى ئاشنا ئويناۋاتقانلار ئازمۇ ؟ بىر ئىتەك بالىلىرى بىلەن ئاشۇ بىۋاپا ئەرنىڭ دەردىدە يۇرەكلىرى لەختە - لەختە بولۇۋاتقان ئاياللار ئازمۇ ؟! «يۈزۈم كۈلىدۇ . ئىچىم يىغلايدۇ »مىش ! بۇنى ئازاپ دېمەيمىز،تۇزكورلۇق دەيمىز.‹‹تۇزلۇققا تۈكۈرۈش›› بۇ !‹‹روھىي جەھەتتىكى كۆرلۇق›› بۇ ! ئۇ ئادەم قىلغان ئىشىغا مىننەت قىلماپتۇ ، ئەكسىچە ئارلىقتا چارىسىز قالغاندىن كېيىن ، ھەقىقەتنى ئەسلىتىپ سېنى ئىنساپقا چاقىرىپتۇ . «بوۋاينىڭ قىزلىرى بىراۋنىڭ بالىسى بولسىمۇ ، ئۇنىئۆز بالاڭدەك سانا، ئۇ ساڭا:‹‹بالاڭدىن مېنى ئايرىۋەتمە ، ئاشۇ بىچچارە يېتىمنىڭ بىشىنى سىلاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلما !» دەپتۇ .
قىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرچۇ ، بىر بالاڭ بىلەن سېنى ئۆيلەنمىگەن ياكى چاپچىپ يۈرگەن كېلىشكەن يىگىت ئالارمىدى ؟ يېشى ئوتتۇزدا بولسىمۇ ، ئىككى يېتىمى ، ئۈچ يېتىمى بارلارلا خېرىدار بولۇشى ۋە ئۇلارغا ئانا بولۇش ئۈچۈن ، بالاڭنى ئۇلارنىڭ قاتارىغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزۈڭ ھەم قېرىنداش تۇققانلىرىڭ كاۋاپ بولىشى كېرەك ئىدى .
شۇ ئادەمنىڭ پاناھىدا بىر قاتار ئەۋزەلىككە ئېرىشتىڭ ، بۇ ___ ئەمىلىيەت . ئەمدى بۇنىڭ ھېسابىغا ئانچۇ - مۇنچە ئەزىيەتكە قىلىشىڭ مۈمكىن . چاندۈرماي ئۆتكۈزۋەتسەڭ بولدىغۇ ؟ يامان گەپ قىلسا ، ياخشى گەپ بىلەن جاۋاپ قايتۇرساڭ بولدىغۇ ؟ ئاجرىشاي دەپ باش قاتۇرۇپ سۇئال قويغاننىڭ ئورنىغا ، خاتاسىنى كەچۈرۈپ ، ئاشۇ ئائىلىنى قانداق قىلسام بىر ئىللىق ماكانغا ئايلاندۇرمەن دېگەن ئارماندا يول تۇتۇڭ !
بارىغا شۈكۈر قىلىشىڭ ، ياخشلىق قىلغاننى قەدىرلىشىڭ ، ئۇ ساڭا مىننەت قىلغان بولسىمۇ چاندۇرماي ياخشى تەرەپلەرگە بۇرۋىتىشىڭ كېرەك ! بۇ ئادەمنىڭ ساڭا ئۈزۈتۈپ تۇرغان قولى نىجات قولىدۇر . ئۇ سېنىڭ خالىسكارىڭ ، ئۇنى قەدىرلىگىنكى ھەرگىزمۇ - ھەرگىز بەزدۈرمە ! ئۇنىڭغا ئۇ كۈتكەندىنمۇ ئارتۇقراق مېھىر كۆرسەت . ئەلقىسەسە ، تۇزلۇققا تۈكۈردىغان تۇزكۆرلاردىن بوپ قالما ، ئەزىز بالام ، ئىسىڭنى يىغ .....


مەنبە : ھاياتلىق ___ ئىجتىمايى ئەخلاق مەجمۇئەسى
مۇنبەرگە يوللىغۇچى : تۇز
2015-  يىلى نورۇز بايرىمى كۈنى . ئەزىزانە شەھرى قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-22 06:49 PM  


سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43795
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15957 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 12:39:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بۈ تېما ياخشىلىق قىلغۇچى ، قانات ئاستىغا ئالغۇچى ، يېتىم - ئاجىزىلەرنى بېشىنى سىلاپ ساۋاپ تاپقۇچىلارغا ياخشى تىلەكلىرمىزنى بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىدىدە ھەم شۇ ئارماندا يوللاندى .
ئىجابى تەرپىنى قوبۇل قىلىپ ، سەلبى تەرەپلىرى بولسا ئىلمىي ھەم چىرايلىق رەۋىشتە پىكىر - تەكلىپ بىرشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-21 12:40 PM  


سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115220
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 66
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2015-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 01:48:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتۈنۈپ قالاي،باشقۇرغۇچىلار!تېمىدا نۇرغۇن ئىملا خاتالىقلىرى بار ئىكەن،ئاشۇلارغا نېمىشقا دىققەت قىلمايسىلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1496
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9332
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 668 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 01:58:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10963
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2223 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 03:16:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنتى بىلەن تۇل قالغان ئايال ياكى ئەر بولسۇن.. ئۆيلەنگەندە  پەرزەنتىنى تاشلاپ قويغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە...  شۇڭا  قارشى تەرەپنىڭ پۇچتىدىن بولغان پەرزەنتنىمۇ ئۆز پۇچتىدىن بولغان پەرزەنت قاتارىدا كۆرۈش كېرەكتۇر...  ھومايسىمۇ، سېسىق گەپ قىلسىمۇ ئۆز پەرزەنتىگە مۇئاملە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا بىر ئىككى قېتىم شۇنداق قىلىپ ئاخىردا ياخشى بوپ قالدۇ.....
ئەمما كۆپۈنچە كىشىلەر ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا  زەھىرنى سانجىيدۇ..  شۇنىڭ بىلەن زىدىيەت تۇغۇلدۇ.......

يوقارقى تېمىنى مەيلى ئايال بولسۇن ۋەياكى ئەر بولسۇن چۇقۇم تەپسىلى ئوقۇپ، يېتىم قالغان پەرزەنتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلىشى كېرەك....


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئۈمىدۋار بول،تەڭشىلىدىغان جاھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6671
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8351
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1479 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 03:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەل بىر تەرەپكە ئېغىپ كىتىپ قالدىمۇ نىمە

بىدئەت پەقەت ئېتىقادىي ئەمەللەردە بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111451
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 04:03:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«تۇز»دەك تېتىملىق تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115230
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 722
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2015-3-14
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 05:27:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 12:39 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بۈ تېما ياخشىلىق قىلغۇچى ، قانات ئ ...

مەزمۇن خېلى ياخشىكەن ، لىكىن شۇ ئىملا خاتالىقلىرىغا باشقۇرغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى سورايمەن ......

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43795
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15957 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 05:30:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
otqash405 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 03:19 PM
سەل بىر تەرەپكە ئېغىپ كىتىپ قالدىمۇ نىمە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن بولسا ، قارشىڭىزنى دەپ باقمامسىز ؟ بىرلىكتە ئورتاقلىشىمىز .

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43795
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15957 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 05:36:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
namsiz37 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 01:48 PM
ئۆتۈنۈپ قالاي،باشقۇرغۇچىلار!تېمىدا نۇرغۇن ئىملا خاتا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئىملا خاتالىقىنى بايقاپ ، تۈزۈتىش توغۇرلۇق كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە كۆپتىپ - كۆپ رەھمەت . بۇندىن كېيىن بەك دىققەت قىلاي .

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش