مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mm19910203

كاككۇك سايرىغان چاغلار(رومان، 3-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 859 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 05:40:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tograkmalikisi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 04:25 PM
ياخشى باشلاپسىز.... ھەقىقەتەن قوللاشقا ئەرزىيدۇ. ئىز بې ...

بۇ باشلىنىشى ئەمەس، يەنە تىخى بىرىنجى ئىككىنجى قىسىملىرى بار. ئادىرسى يوللاپ قويۇلدى، كۆرۈپ بېقىڭ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 859 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 05:41:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆچمەس يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 10:36 AM
مەن كاككۇك سايرىغان چاغلار  دەپ بىر پوۋسىت ئوقۇغانتم ،

ھەقىقەتەن شۇنداق بىر پوۋىست بار، بىراق ئەينى چاغدا بۇ ئەسەر پوۋىست قىلىپ يوللانغان، ھازىر ئاشۇ پوۋىست ئۆزگەرتىلىپ تۈزىتىلگەندىن كىيىن مەزكۇر روماننىڭ بىرىنجى قىسمى قىلىندى. ۋاقىپ بولغايسىز!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 05:48:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا بۇ ئەسەر پۈتۈنلەي تولۇق يوللىنىپ بولدىمۇ?

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 859 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 06:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنجىرى يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 05:48 PM
ئۇنداقتا بۇ ئەسەر پۈتۈنلەي تولۇق يوللىنىپ بولدىمۇ?

قارىغاندا ئەسەرنى ئوقۇمىغان ئوخشايسىز. كۈندە بىر بۆلەكتىن يوللىنىدۇ دەپ ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 07:31:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەر تۈگىگەندە بىراقلا ئوقۇشنى ئويلىدىم، چۈنكى مەنمۇ پات ئارىدا كىچىكرەك روماندىن بىرگە قول تىقماقچى ئىدىم,ھەم  بىرەرىسى تور بىكەتكە رومان بەرمىگەن ئىدى

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4645
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 09:25:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت پەقەت ئوقۇغۇم كەلمىدى.بولسا بۇ يەردە ھېچكىم ئوقۇمىسۇن تازامۇشۇ ئەسەرنى ئوقۇپمۇ ئىشمۇ ؟بىكارچى ئادەم باردەك خۇددى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 859 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 09:51:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


(2)




     تۆت يىلدىن بىرى ئۆرۈمچىدىن يىلدا بىر قىتىم ئۆتكەن بولساممۇ ئەمما ئۆرۈمچى ۋوگزالىدىن باشقا جايلار ماڭا يات ئىدى. ئاپتۇبىستىن چۈشۈپ لاقا-لۇقۇلىرىمنى كۆتۈرگەن پىتى بىكەتتىن چىقتىم-دە، تۇرالغۇنى ھەل قىلىۋىتىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئەڭ تونۇش بولغان دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىغا بېرىپ ئورۇنلاشماقچى بولدۇم. ياتاققا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن قورساقنى تويغۇزىۋىلىپ توختىمايلا ئىش ئىزلەشنى باشلىۋەتتىم. دۇكانمۇ دۇكان، ئاشپۇزۇلمۇ ئاشپۇزۇل ماڭدىم. ئۇچۇر تاختىلىرغا بىردىن بىر قاراپ خىزمەت ئىزلەش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدىم. خەنزۇ يولداشلار ئاچقان بىر نەچچە دۇكاندا قوش تىل بىلدىغان مىللىي پىرگازچىك قوبۇل قىلدىغانلىق ئۇچۇرىنى كۆرگەن چاغدا يايراپ كەتكەن بولسام، دۇكان خوجايىنلىرى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىمدا ئاڭلىغان جاۋابلاردىن سالپىيىپ يېنىپ چىقتىم. كۆپىنچە دۇكاندارلار قىزلارنىلا قوبۇل قىلدىغانلىقنى ئىيتقان ئىدى. يەنە بەزىلەر مىنىڭ بىرە تونۇشۇمنىڭ يوقلۇقى تۈپەيلى بولمىغۇر سەۋەبلەر بىلەنلا يولغا سېلىپ قويغان ئىدى. بىر چۈشتىن كىيىن چۆرگىلەپ يۈرۈپ ھىچقانداق نەتىجگە ئىرىشەلمەي ياتاققا قايتىپ كەلدىم. ئەتىسى ياتاق ۋاقتىنى يەنە بىركۈن ئۇزارتتىم-دە يەنە تۈنۈگۈنكىدەك بىر كۈن چۆرگىلەپ ھىچقانداق نەتىجىسز قايتتىم.
     ئەينى چاغدا يۇرتتىن يولغا چىققاندا چوڭلارنىڭ ماڭا قىلغان نەسھەتلىرىنى، ئۇنداق قىيىن بۇنداق تەس دىيىشلىرنى مىنىڭ رايىمنى ياندۇرۋاتقانلىقى دەپ بىلىپ، قانداق بولشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم بارىمەن، يانجۇقۇمنى ئاز-تولا چىڭدىمىسام ھەرگىز قايتمايمەن دەپ مەيدەمگە مۇشتلاپ ماڭغان ئىدىم. بىراق ئۆرۈمچىگە كېلىپ ئىككى كۈن بولا بولمايلا ئۇچرىغان ئاۋارچىلىقلار مىنى سەل ھاردۇرۇپ قويدى. مەن بۇ شەھەرگە يەككە يىگانە ئىدىم. مىنىڭ يا بىر تۇققۇنۇم، يا بىر تونۇشۇم بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، <<ھىچقانداق بىر ئىگەچاقىسى بولمىغان بىر كەلداخۇن>>نىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن دۇكاندارلار ۋە خوجايىنلار مىنىڭ راسىت گەپلىرىمگە ئىشەنمىگەن، جاپاغا چىداپ ئىشلەش توغۇرلۇق بىر مۇنچە ۋەدىلەرنى بېرىپ ئىشلەمچى بولۇش ئۈچۈن قويغان ئەڭ ئاددى تەلەپلىرىمگىمۇ كۆنمىگەن، ھەتتا مەندىن ئىھتىيات قىلىپ ئىشىغا يولاتقۇزمىغان ئىدى. كىلەر كەلمەيلا تارتىۋاتقان خورلۇقتىن ئىچىم سەل سىيرىلدى. ھەممە توقچۇلۇق بولغان بۇ شەھەردە كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكىنى ناھايتى چۇڭقۇر ھىس قىلدىم. يانجۇقىمغا سېلىۋالغان ئىككى مىڭ يۇەنگە يىقىن پۇللۇرۇم كىرا، ياتاق، تاماق ۋە پارچە خىراجەتلەرگە خەجلەپ يىرىمى قالاي دىگەن ئىدى. شۇنى چۈشەندىمكى، بىرەر ئىش تاپقۇچە بۇنداق مىھمانخانىدا يېتىۋىرىش چارە ئەمەس ئىدى. يېتىپ يىسە تاغمۇ تۈگەيدۇ ئەمەسمۇ!؟ بۇنداق قىيىنچىلىقنىڭ بولارىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن. ئىچكىر تولۇقتا ئوقۇغان نەچچە يىلدىن بىرى ئۆزۈمنى مۇساپىرچىلقنى چۈشەندىم دەپ ئويلاپ قالغان ئېكەنمەن. تەييار تاماقنى يەپ ئازادە سىنىپتا ئەركىن كۆنۈپ قالغان، ئايدا بىرەر قىتىم سىرتقا چىققاندا رەھمەتلىك بوۋاينىڭ مىڭ جاپادا ئىشلەپ تېپىپ سېلىپ بەرگەن پۇلىنى دۇكانداردىن قىلچىمۇ باھا تالاشماستىن ئايىماي خەجلەپ كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، نىمىلا قىلسا پۇل دەيدىغان، ھەتتا بىر يۈەن بولمىسا ھاجەتنىمۇ راۋا قىلغىلى بولمايدىغان بۇ شەھەرنىڭ تۇرمۇشىغا زادىلا چۆكەلمەي قالدىم. نىمىنىڭ مۇساپىرچىلىق ئىكەنلىكىنى ئەمدى تونۇپ يېتىۋاتاتتىم. مەن ئەسلىدە كېلىپلا ئىش تىېپىپ، ئىش ئورنۇمغا قاراپ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدىن بىرنى ئېلىپ ئولتۇرمەن دەپ چوتنى خام سوققان ئىكەنمەن. ئەگەر ھىچ ئىش تاپالماي، يەنە ئىككى كۈن مۇشۇنداق ئۆتىدىغان بولسام راستنلا بارارغا جاي تاپالماي كوچىدا قالاتتىم. مەن يەنە بىر كۈن تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش نىيتىدە ياتاق ۋاقتىنى يەنە بىر كۈن ئۇزارتتىم-دە، جىمى ئۆمۈدنى ئەتىگە قويۇپ ئۇخلاپ قالدىم.
     قاق سەھەردە ئايلىنىشنى باشلىغان بولساممۇ چۈشكىچە يەنىلا ھىچقانداق نەتىجىگە ئىرىشەلمەي سەل ھالسىراپ قالغان چاغدا، ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدىم. << ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇدا بەش قىتىم ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن 300يۈەن ئېلنىدۇ، ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئۈنۈمى %95 تىن يۇقىرى.>> دىگەن تەشۋىقات ئۇچۇرىنى كۆرۈپ بارچە ئۆمۈدنى مۇشۇنىڭغا باغلىدىم-دە، ئىككىلەنمەيلا ئىچىگە كىردىم. بىراق، دەقىقە ئىچىدە يۈز بەرگەن خۇشاللىقتىن كىيىن بولغان بۇ ئىش مىنى ھاڭغا ئىتتىرۋەتتى. ئىشقا تونۇشتۇرۇش ھەققىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن يانجۇقۇمغا كىرگەن قوللۇرۇم قايسىبىر <<ئۇستام>>نىڭ قوللىرىدا ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن كېسىلگەن تۈشۈكلەرگە كىرىپ كەتتى. بۇ مىنىڭ بارلىقىم ئىدى. ئۇ بولمىسا مەن سىنىتسىز قالاتتىم. بۇ كېلىشمەسلىككە بەرداشلىق بېرەلمەي مىنۇت تۇرۇپ قالدىم-دە، دەرھال ئىسىمگە كېلىپ ئالدى كەينىمگە قارىماي مىھمانخانىغا يۈگۈردۈم. چۈشۈپ قالغان بولمىسۇن دىگەن ئۆمۈد بىلەن كارۋات ئۈستىلىرنى، كىرلىك ئاستىلىرنى بىر قۇر ئىزدەپ ھىچنىمە تاپالمىدىم-دە، ئورنۇمغا لەسسىدە ئولتۇردۇم. خۇداغا شۈكرى، مىنى قانداق قىلاركىن دەپ سىنىماقچى بولغان ئىگەم ماڭا رەھىمدىنلىك قىلىپ <<يۈتتۈرۈپ قويماي>> دىگەن ئىددىيەنى كاللامغا سالغان بولغاچقا، بەخىتكە يارىشا كىملىكىمنى سومكامغا سېلىپ قويغانكەنمەن. ياتاق ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىدە توشاتتى. نەرسە كىرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ياتاقتىن چىقتىم-دە، ھىلىھەم خاپىچىلىقتا قايانغا مېڭىشنى، قەيەرگە بېرىشنى بىلمەي قالغان ئىدىم. ئاھ خۇدا، بۇ ماڭا نىمە كۈن!؟ ھەممە ئارزۇلايدىغان بۇ شەھەرگە مەن پاتماسمەنمۇ ھە!؟ يۇرتقا قايتىپ كېتەيمۇ دەيلى، پۈتۈن سۈرلۈك بىر يىگىت تۇرۇپ تۆت كۈن بولا-بولمايلا قايسى يۈزۈم بىلەن قايتىمەن!؟ يۈزنى قايرىپمۇ تۇراي، نىمەم بىلەن قايتىمەن!؟ ئاھ خۇدا، ئۆزۈڭ يول كۆرسەتسەڭچۇ!؟ ئۇماچ بولۇپ قالغان كاللام ھىچنىمىگە ئىشلىمەيۋاتاتتى. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بىرى ئۆزۈمنىڭ ئالدىراشلىقى ھەلەكچىلىكىدە ئەتراپقا تۈزۈك سەپمۇ سالمىغان ئىكەنمەن. يول دوقمۇشىدا تۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم. ئالدى يۈز قىسمىنىلا ئوچۇق قويۇپ يۈزىنى ئورىغان ھالدا ياغلىقنى ئالدىدىن چېگىۋالغان، ئۇزۇن يەڭلىڭ قىسقا كۆينەك كېيىپ ساغرىسىنى سۇنايلىتپ قولتۇقلۇشۇپ ماڭغان ئىككى قىز كۈلۈشكەن ھالدا يېنىمدىن ئۆتتى. چىگىۋالغان ياغلىقىنىڭ رەڭگىگە خۇيمۇ ماسلاشتۇرۇپ لەۋسۇرۇق سۇرتكەن لەۋلىرى ئاراسىدىن ئاق چىشلىرى مارلاپ قالغان بۇ قىزلارغا قاراپ <<توۋا!!>> دەپ قالدىم. سارغۇچ كۆزئەينەكنى پومزەكلىۋالغان چىچىغا تاقاپ قويۇپ،ئىككى قۇلىقىغا مۇشتۇمۇم بىمالال پاتىدىغان يوغان يوغان ھالقىلارنى ئېسىۋالغان، پادىچىلار ئىشتىنى كېيىۋالغان، مارجانلار ئېسىلىپ ،ئاياغ تەرپى ھەرە چىشى شەكلىدە چىقىرىلغان سىرىق مايكىسىدا ساغرىسىنى يەلپۈتۈپ، ئۇيغۇرچە تىلدا تىلفۇن سۆزلەشكەن پىتى يېنىمدىن ئۆتكەن مودا خېنىمنىڭ بەدىنىدىن تارىغان ئالىبۇلىماچ پۇراق دىمىقىمنى غىدىقلاپ گېلىمنى قېىقىپ كەتتىم. ياش قورامى ئوندىن ئاشمىغان بىر يىگىت بوينىغا ئىسىۋالغان يايما تاختىسىغا سەرەڭگە، يىپ، بارماق يەملەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سىلىۋالغان بولۇپ، ماللىرنىڭ تۈرلىرنى توۋلىغان ھالدا ئۇيان بۇيانغا مېڭىپ تۇراتتى. يەنە چوڭ سۈپەت ياسىنىۋالغان كىشىلەر نەلەرگىدۇر ئالدىراپ مېڭىشىۋاتاتتى. ئۈچ تۆت ياشلاردىكى بىر بالىنى كۆتۈرۋالغان ئوتتۇرياش ئايال دۇكانمۇ دۇكان كېرىپ نىمىنىدۇر كۆرىۋاتاتتى. بەش مىنىۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا نۇرغۇن ھادىسلەرنى كۆرگەن مەن كۆزلىرىمنى كىشىلەردىن ئۈزۈپ ئاسمانغا قارىدىم. جەنۇپتىن غەرىبكە قىيسايغان قۇياش نۇرلىرنى بۇ زىمىنغا ئاجىز چاچماقتا ئىدى. ئاق بىلەن كۆك ئارلىشىپ كەتكەن ئۆرۈمچى ئاسمىنى ھەر ھالدا ئوچۇق ئىدى. ئىغىر بىرنى تىنىپ قويدۇم-دە سومكامنى ئۆشنەمدىن ئېلىپ ساڭگىلاتقان پىتى ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم. ئەتتىگەن ئىككى مانتا بىلەن ناشتا قىلغان قورسۇقۇم يەنە ئاچقان بولۇپ، كوكىراپ جېدەل قىلىشقا باشلىدى. قورساق توقلاشقا پۇل نەدە!؟ ئىككى كۈندىن بىرى تولا يول يۈرۈپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن پۇتلۇرۇم ئىغىر بەدىنىمنى ئاران كۆتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. بىردەم ئارام ئېلىش ئۈچۈن يول ياقىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. چوڭ يولدىن ماشىنىلار توختىمايتتى. ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش ئوتۈشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ماڭا سەپسىلىشقا، نە ھالىڭ دەيدىغانغا ھەپىلىسى يوق ئىدى. ھىچكىمنىڭ كۆز جىيەكلىردە بولسىمۇ قاراپ قويىشىغىمۇ نايىل بولالمىغان مەن ئۆزۈمنى تۇنجى قىتىم شۇنچىلىك بىچارە ھىس قىلدىم. قورساققا نىمە يىيىش كىرەك!؟ كەچتە قەيەرنى قونالغۇ قىلىش كىرەك!؟ بېشىمغا قاتتىق غەم چۈشكەن ئىدى. شۇ دەقىقىدە رەھمەتلىك بوۋامنىڭ سىيماسى كۆز ئالدىمغا كېلىپ، قەلبىمدىكى قايغۇنى ئۇلغايتىپ قويدى. خۇداغا نالە قىلىپ ئاسمانغا قارىدىم-دە، كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالدىم.
      بۇنداق ئولتۇرىۋىرىش، كاللامنى قايدۇرۇپ ئۆمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ ئولتۇرۇش ھەرگىزمۇ چارە ئەمەس ئىدى. نىمە بولسام بولارمەن، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم-دە، بىسمىللا دەپ دادىل ھالدا ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم. خۇدا ئۆزۈڭ بار دەپ بىر ئاشخانىغا كىرىپلا بېشىغا گىلەم دوپپا، ئۇچىسىغا ئەتلەس كۆينەك كېيىۋالغان بىر كۈتكۈچى قىزنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئىرىشكەن ئىدىم. ناھايتى تىزلىك بىلەن ئەتراپقا نەزەر سالغان كۆزلىرىم تاماق ئۈستەللەردە ئولتۇرغان كادىر سۈپەت كىشىلەرنى، زامانىۋىلىق بىلەن مىللىچىنى بىرىكتۈرۈپ ياسىنىۋالغان خانىملارنى ۋە مۇنۇ قىزغا ئوخشاش كىينىۋالغان بىر نەچچە قىزلارنى ۋە بېشىغا چىكەن دوپپا، ئۇچىسىغا كانۋاي كۆينەك كېيۋىلىپ ئۇيان بۇيان تاماق توشىۋاتقان، مىھمان كۈتىۋاتقان يىگىتلەرنى كۆرۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. <<ما ئىشنى كۆرمەمدىغان، يېنىمدا سىنىت يوق بىر چوڭ رىستۇرانغا كىرىۋالدىممۇ نىمە!؟>>.
     -ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، خۇش كەپسىز!! سىز بىر ئادەممۇ ياكى دوسىتلىرڭىز بىلەنمۇ!؟
     بايامقى كۆرۈنۈشتىن ئۆزۈمنىڭ كىرمەيدىغان يەرگە كېرىپ قالغانلىقىمنى سېزىپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ يېنىپ چىقماقچى بولىۋاتقاندا سورالغان بۇ سۇئالدىن ھۇدۇقۇپ قالغان ئىدىم. ئالدىمدا تۇرغان بۇ چىرايلىق قىزنىڭ سۇئاللىرغا جاۋاب بەرمەيلا چېقىپ كېتىشنى نۇمۇس دەپ بىلدىم-دە، مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۆشكە ئامراق، نىمە بولسام بولارمەن دەپ يالغاندىن تەمكىن ھالەتتە ئۇ قىزغا جاۋاب بەردىم.
     - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھەئە بىر ئادەم.
     - ئۇنداقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى سىرتتا مەنزىرلەرنى كۆرگەچ تاماق يىيىشنىمۇ!؟
     <<خۇدايىم توۋا، مۇنداقمۇ كۈتكۈچىلەر بولدىكەن ھە!؟ مەندەك بىر گادايمۇ مۇشۇنداق كۈتۈشكە سازاۋەر بولالايدىكەن دېسە!! توۋا،بوپتۇ، بۇنداق ياخشى كۈتۈشتىن ھوزۇرلىنىۋىلىپ، مۇشۇنداق ئىسىل ئاشپۇزۇلدا، ياق ياق ياق، رىستۇراندا دېيىشىم كېرەك، ھىم، مۇشۇنداق ئىسىل يەردە بىرەر قىتىم تاماق يەۋىلىپ ئۆلۈپ كەتسەممۇ مەيلى، بۇنداق ئىسىل تاماققا پۇلمۇ بەرمەي خوجايىنىڭ تاياقلىرنى قوشۇپ يەۋالساممۇ مەيلى، نىمە بولسام بولدۇم.>>،سۆز-ھەركەتلىرى مۇلايىم بولغان بۇ قىزنىڭ كۈلۈمسىرەپ قاراشلىرغا مەسىت بولۇپ، قىلچىمۇ ئىككىلەنمەيلا ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتتۈم.
     -ئايرىمخانا بارمۇ!؟ يالغۇز ئولتۇرۇپ تىنىچ بىر تاماق يەي.
     -قىنى، بۇياققا مەرھەممەت.
قىزغا ئەگىشىپ ناھايتى نەپىس ياسالغان بىر ئايرىمخانىغا كىردىم. ئايرىمخانىدا تاختايلار بىلەن توسۇپ ياسالغان، يىشىل رەڭلىك مارجانلار بىلەن توسۇلغان بولۇپ، ھەر بىر كىرىپ چىققاندا شاراق شاراق ئۇرۇلاتتى. بايامقى قىز جانان پىيالىگە چاينى قۇيدى-دە، تاماق تىزىملىكىنى ماڭا تەڭلىدى.
     -كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتىدىكىن!؟
    -لەغمەن بارمۇ!؟
    گىپىمنى ئاڭلىغان قىز ئاپئاق قوللىرى بىلەن ئويماق ئىغىزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۈلدى. ئۇنىڭ كۈلۈشلىرى ۋە بايامقى قىلىقى ئايقىزنىڭ شوخ كۈلۈشلىرگە ئوخشايتتى. ئۇ كۈلۈشتىن توختاپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە بىرنى قارىۋەتتى-دە، يەنە ئىنچىكە ئاۋازى بىلەن <<ھى ھى ھى>> قىلىپ قويۇپ چىپپىدە توختىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي مەنمۇ كۈلۈپ سالدىم-دە، سەت بولمىسۇن دەپ مەنمۇ چىپپىدە توختىۋالدىم. بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈپ سالدۇق.
     -توۋا، كۈلىسىزغۇ!؟
    -خا خا خا... بىلسەم بىلمىسەم لەغمەندىن باشقا نەرسە بۇيرۇتمايسىزغۇ دەيمەن!؟
    -ھە!؟
    -سەل ساقلاڭ ھە،- ئۇ قىز كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى-دە، ھايال بولمايلا كىردى.
     -لەغمەننى بۇيرىتىۋەتتىم.-ئىككى ئۈچ سىكونىت تۇرىۋەتكەندىن كىيىن كۈلۈمسىرەپ قويۇپ يەنە سورىدى.-يالغۇز ئولتۇرامسىز!؟
    ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرىگە ھەيرانلىق نەزىرىم بىلەن قارىدىم.  
     -ھەيران قالماڭ، ياشلا بالىكەنسىز. بىزنىڭ بۇ يەردە ئۆزىمىز باشلىغان مىھماننى چىرايلىق يولغا سالغۇچە شۇ مىھمانغىلا مەسئۇل بولىمىز. سىزنى تازا جىق نەرسىلەرنى بۇيرىتىدۇ دىسەم لەغمەن دەيسىز. ھا ھا ھا...، تامىقىڭىز چىققۇچە ئورۇندۇق ئەكىرىپ بىردەم ئولتۇرايمۇ!؟
ئۇنىڭ دىگەنلىرنى ئاڭلاپ بۇ يىڭىلىققا قىززىقتىم.
     -ھە بولىدۇ بولىدۇ.قىنى قىنى...
ئۇ قىز ئورۇندۇقتىن بىرنى كۆتۈرۈپ كىردى-دە، ئۇدۇلۇمغا قويۇپ، قۇرۇغدۇلۇپ قالاي دىگەن پىيالىگە چاينى لىقلاپ قۇيدى. كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.
     -بەك قىزغىنكەنسىلەر ھە!؟
    -بۇ رىستۇرانىمىزغا تۇنجى كېلىشىڭىز ئوخشىمامدۇ لەغمەن بۇيرۇتقىنىڭىزغا قارىغاندا؟
     ھە دىسىلا سۇئالىمغا سۇئال قايتۇرۋاتقان بۇ قىزغا سەل ئىچىم پۇشتى، ئەمما يەنە نىمە سەۋەبتىندۇر قىلىۋاتقان گەپ سۆزلىردىن نىمىگىدۇر قىزىقىپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالدىم.
     -قانداق دەيسىز!؟
    -بىزنىڭ تاماق تىزىملىكىمىزدە لەغمەن بولغان بىلەن بۇ يەرگە كىرگەنلەر ئادەتتە لەغمەن يىمەيدۇ. بۇ يەرگە كىردىغانلار ئاساسەن سىزگە ئوخشاش پۇلى بىقىنىغا ئۈسكەنلەر.
      بۇ گەپنى ئاڭلاپ تىخىمۇ ھەيران قالدىم. <<نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ قىز، سىزگە ئوخشاش دەيدىيا!؟>>  ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاش بىلەن كاللامدىن ئۆتكەن بۇ خىيال كۈلكەمنى قىستىدى.
     -ھا ھا ھا...گپىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىمغۇ!؟
    -چۈشەنمىگۈدەك نەرى بار، تازىمۇ ئەخمەقكەنسىز دەيمە. شۇنچە پۇلنى خەجلەيدىغان تۇرۇغلۇق لەغمەن بۇيرۇتسىڭىز ئىشەكتىن توقۇمى قىممەت دىگەنلىك بولمامدۇ!؟
    -ھە!؟
    -قاراڭ مىھمان، بۇ يەرگە كىرگەنلەر ھەممىنى يەيدۇ ئەمما لەغمەن يىمەيدۇ. نە زامانلار ئاشپەر ئۇستاملار لەغمەن ئەتمىگىلى بۇ رىستۇراندا.
     -ئەمىسە تىزىملىكتە باركەنغۇ!؟
    -يەنە چۈشەنمەيۋاتىسىز ھە!؟ دىمەكچى بولغۇنۇم قاراڭ، بۇ دىگەن خىلى چوڭ رىستۇران، بۇ يەرگە كىرگەنلەر تاماق يەپ قورساق توقلاش ئۈچۈن ئەمەس، پاراڭلاشقاچ چوڭ چوڭ سودىلىرنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، بىزدەكلەرنىڭ مۇلازىمىتىدىن ھوزۇر سۈرۈش ئۈچۈن، يەنە ئىنىق قىلىپ ئىيتقاندا ئۆزىنىڭ پۇلى بارلىقىنى پەش قىلىش ئۈچۈن كىرىدۇ. ئەجىبا سىز ئۇنداق ئەمەسما يىگىت!؟ تىزىملىكتە لەغمەن بولغان بىلەن بۇيرۇتىدىغانلار يوق دەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە چاي ئۈستىدە چاي، ئولتۇرۇش ئۈستىدە ئولتۇرۇش دىگەندەك، ئىشقىلىپ تىجەشلىكتىن قېچىپ ئىسراپچىلىققا ئۈگەنگەن <<باي-بەگزادە>>دىلەر كىرىدىغان يەر بۇ. خوتۇنى ئېتىپ بەرگەن تاتلىق تامىقى تىتىماي قالغان لەڭتاسمىلار، دادىسى بەرگەن پۇلى بىقىنىغا ئۈسكەن قىچىشقاقلار، ۋاي ۋاي ۋاي... مۇشۇنداق پۇلنى غازاڭدەك خەژلەيدىغان جاي بۇ. قاراڭە سىزنى، 15يۇەنلىك لەغمەنىنى يەپ ئىككى-ئۈچ يۈز كوي تۆلەش ئەخمەقلىق ئەمەسما!؟
    -ھە!؟
     ئۇنىڭ گەپلىردىن بىشىم پىررىدە قايدى. <<تويە مانا!، ئۇنىڭ مۇلازىمىتى، رىستۇراننىڭ گۈزەل بىزەكلىرنىڭ ھەممىسى پۇلكەندە؟>>.
     -قانداق، يەنە باشقا تاماقلارمۇ بۇيرۇپ قويامسىزيا!؟ مىنى مېھمان قىلىپ قويۇڭ يا بولمىسا. ھى ھى ھى....-مىللىيچى كىيىم كىيىۋالغان بۇ كۈتكۈچى قىز ھەييارلىق بىلەن شۇنداق دىدى-دە، كۆزىنى قىسىپ قويدى. << كۆزۈمنى بىر ئاچىدىكەنمەندە!؟ يەنە قانداق يىڭىلىقنى كۆرەرمەن ئەمدى؟ بوپتۇ، تاز بولساڭ گەدەنگىچە دەپتىكەن، تەۋەككۇل.>> شۇ تۇرقىدا يالغاندىن گىلىمنى قېقىپ قويدۇم-دە، يالغان بايۋەتچە بولۇپ ئۇنىڭغا دىدىم.
     -ئېم، بوپتۇ ئەمىسە، سىزنى مىھمان قىلسام قىلاي، نىمە يەيسىز!؟
    -پۇشمان قىلمايسىز ھە؟-سورىدى ئۇ مىيقىدا كۈلۈمسىرەپ.
     -ياق پۇشمان قىلمايمەن.   
     -ھە بوپتۇ، نىمە يەيدىغانلىقىمنى ئاشپەزلەرگە بۇيرۇتۇپ كىرەي ھە ئۆزۈم كۈتكۈچى بولغاندىكىن.-ئۇ شۇنداق دىدى-دە، خۇددى تونۇش كىشىلىرگە ئەركىلىگەندەك شوخلۇق بىلەن تىلىنى چىقىرىپ قويۇپ ئايرىمخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كېتىش بىلەن ھەيرانلىق ئىلكىدە قالغان كاللامغا يەتمىگەن خىياللار يېتىشكە باشلىدى. << بۇ نىمە ئالامەت ئۆزى؟ ھە، ئەمدى بىلدىم، رومانلاردا دىيىلگەن قۇيمۇچى كۈتكۈچىلەر ئوخشىمامدۇ؟ بۇنداقلارغا ئۇچۇرغاننىڭ ئۆزى بىر شۇملۇقتە؟ بۇ قىز نىمىلەرنى كۆتۈرۈپ كىرەر ئەمدى؟>> خىياللىرىمدىن چۆچۈپ كەتتىم. بۈگۈن ياخشى كۈن كۆرمەيدىغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم-دە، ئىچىمگە قورقۇنۇچ كىرىۋىلىپ ئۇ قىزنىڭ <<ساھىبجامال ھىيلىسى>> گە ئوخشاپ كېتىدىغان قىلتىقىغا دەسسەپ سالغىنىمنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم. ھىلىتتىن تىز-تىز سوقۇشقا باشلىغان يۈرەكلىرىم مىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، تىنىم بىلەر-بىلىنمەس تىتىرەشكە باشلىدى. گاچ تۇرۇپلا قېچىپ چىقىپ كېتىشنى ئويلاپ تۇرماقچى بولۇشۇمغىلا ئۇ قىز ئىككى قولىدا ئىككى تەخسە قورۇمىنى كۆتۈرۈپ كۈلۈمسىزگەن پىتى غىرىلداپ كىردى.
     -ياغدا پىشۇرۇلغان بېلىق قورۇمىسى بىلەن ئەكەك توخۇنىڭ پاچىقىنى ياغدا پىشۇرۇپلا ئەكىردىمغۇ يىگىت؟ بۇلار مىنىڭ ياخشى كۆردىغانلىرىم. ھى ھى ھى... جىندەك ساقلاڭ ھە!؟-مىنىڭ ئىپادەمگە دىققەت قىلپمۇ قويماي چېقىپ كەتكەن قىز سىكىنۇت ئۆتمەيلا يەنە بىشىنى تىقتى-دە،سورىدى:
     -ھاراق ئىچمەيدىغانسىز؟
    -ھە؟ توۋا دەڭە؟
    -ھى ھى ھى...بىلدىم. قىزىلنى ئەكىرەيمۇ ئۈزۈمنىمۇ؟
    گىپىمنى خاتا چۈشىنىۋالغان بولسا كىرەك، ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەي ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ھاڭۋىقىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغۇچە جاۋابىمنى كۈتمەيلا چىقىپ كەتتى. بايامقى قىچىپ كېتىش خىيالىمنى نەلەرگىدۇر يوقاتقان كاللام، بولىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ھەيرانلىقتا قۇپقۇرۇق قاپاققا ئايلاندى. نىمە قلىشىمنى بىلمەي ئۈستەل ئۈستىگە قويۇلغان قورۇمىلارغا قاراپ ھاڭۋىقىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. ھايال ئوتمەيلا ئۇ قىز بۇ قولىدا تەخسىگە قويۇلغان ئون زىختەك كاۋاپنى، يەنە بىر قولىدىكى تەخسىگە قويۇلغان بىر بوتۇلكا بىلەن ئىككى رۇمكىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدى.
     -كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپتىمغۇ دەيمەن ھە!؟ ھى ھى ھى... قىنى مەرھەممەت!
      ئاھ خۇدا، تۈگەشتىم. راستىنلا تۈگەشتىم. بايا << مىھمان قىلسام قىلاي... ياق پۇشمان قىلمايمەن>> دىگەنلىرىمگە قاتتىق پۇشايمان قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. ئۇ بىر رۇمكىغا ئەكىرگەن ھاراقنى، يەنە بىر رۇمكىغا چەينەكتىكى چاينى قۇيدى-دە، چاي قۇيۇلغان رۇمكىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا تارتىپ يەنە بىر رۇمكىنى مىنىڭ ئالدىمغا ئىتتەردى.
     -قىنى، ئاڭلىسام تۇرپان ئۈزۈملىردە ياسىغان ھاراقمىش، مۇسۇلمانچە دەيدىغۇ، ھى ھى ھى...
     بۇ گەپكە ئۆلەيمۇ يا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈلەيمۇ!؟ ئەي قىزچاق، بىشىڭدا گىلەم دوپپا، ئۇچاڭدا ئەتلەس كۆينەك، مەجنۇنتال بويۇڭ، گۈلدەك چىرايىڭ ۋە بۇلبۇلدەك ئاۋازىڭ بىلەن مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتامسەن!؟ تال تال ئۆرۈۋالغان ئاۋۇ سۇمبۇل چاچلىرىڭ سىنىڭمۇ؟ توۋا، ئادەم ئۆلمىسە كۆرمىگەننى كۆرىدىكەن، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلايدىكەن ھە؟ ئۇنى تىللىسام، رەسۋاسىنى چىقارسام بولاتتى. ئەممە شەيتانلىرىم ئىتتىك كېلىپ ئۇنىڭ دىگەن گەپلىرى مىنى غىدىقلىدى-دە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاچچىق كۈلدۇم.
     -خا خا خا... مۇسۇلمانچە ھاراقمىش دەڭ. ھا ھا ھا...-ئاچچىق كۈلكىدىن چىپپىدە توختاپ ئۇنىڭغا دىدىم.-مىنىڭ لەغمىنىم...
     -تېخى پىشمىدى. سىزدەك كىشى بىر قاچا لەغمەننى يۈز يۈەنگە يىسىڭىزمۇ ئەرزىيدۇ جۇمۇ، بىر كىشى سىز ئۈچۈن ئالاھىدە لەغمەن تەييارلايدۇ. قىنى ماۋۇلارنى يىگەچ ئولتۇرڭە! تارتىنماڭ.
     -چىقىپ بېقىڭە بىر.
     -ھى ھى ھى...خاپا بولماڭ، مانا ھازىرلا.
     ئۇ چىقىپ كېتىشى بىلەنلا كاللامنى غەشلىك چىرماپ ئالدى. <<بۈگۈن ئىشقىلىپ ساق قالمىدىم، بولدى، جىنىمنى ئالماس، ئۇ قىز مىنى قۇيىمەن دەپ قالدى بولغاي، يېنىمدا سىنىت بولمىسا؟ يالىڭاچ كوچىغا تاشلاپ قويماس، يا مەن ئۇنى قۇيامەن. بولدى، نىمە بولسام مۇنۇلارنى يەۋىلىپ بولاي. نە زامانلار ماڭا بۇنداق غىزالانمىغىلى.>> يا تەۋەككۇل دەپ قولۇمغا كاۋاپنى ئالدىم. ئىككى زىخ كاۋاپنى يەپ بولغۇچە ئۇ قىز بىر تەخسە لەغمەننى كۆتۈرۈپ كىردى.
     -مانا لەغمەن. ۋۇي، ئىچمەپسىزغۇ؟
    -لەغمەنگە ئامراقچۇ مەن، ئاۋۋال لەغمەن يەي. قىنى سىزمۇ ئېلىڭە، ئىسراپ بولۇپ كەتمىسۇن.
     ئۇ قولىغا چوكىنى ئالدى-دە، قورۇلغان بىلىقتىن بىرنى قىستى.  
     -ھە راسىت، ئىسمىڭىزنىمۇ سورىماپتىمەن.
     -ھى ھى ھى... ئىسممنى نىمە قىلار ئىدىڭىز؟ توۋا، تاماق يىگىلى كىرگەن كىشى كۈتكۈچىنىڭ ئىسمىنى سورىغان نەدە بار؟
    -لىكىن سىزنى مەن مىھمان قىلىۋاتىمەندە. كىمنى مىھمان قىلغانلىقىمنى بىلىپ قالمىسام بولماس؟
    -ھى ھى ھى... بىزنى مىھمان قىلدىغان مىھمانلار جىق دەيمە. مىڭ دەپ بەرسەكمۇ بىر مۇنچە ماختاپ قويۇدۇ، بىر كېتىدۇ كەلمەيدۇ. كەلسىمۇ يەنە بىر كەلگۈچە سىلەردەك بايلار بىزنى ئۇنتۇپ قالىسىلەر، شوڭىۋاغۇچۇ سورىمايلا قويۇڭ.
      ئۇ بىر تەرەپتىن ئاغزىغا سېلىۋالغان ئولجىنى ماكاشلىغاچ بىر تەرەپتىن سۆزلەۋاتاتتى. بۈگۈن ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر دەرىس ئاڭلايدىغانلىقىمنى، جەمىيەتكە قەدەم قويغان بۇ تۇرمۇشۇمنىڭ ھايات رىئانلىقىغا ھەقىقى كىرگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. كۆرگەن كىشى  بۇنداق ئىشلارنى قىلارىنى ھەرگىزمۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپ سالمايدىغان بۇ ئۇيغۇر قىزىنىڭ يەنە قانداق قىلىقلارنى قىلدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ ئۇنى گەپكە سالدىم.
     -ماڭىغۇ قۇيۇپ بەردىڭىز ھاراقنى، ئۆزىڭىز ئىچمەمسىز.
ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ قويدى-دە، بىر زىخ كاۋاپنى قولىغا ئېلىپ بىر تال ئاغزىغا سالدى. ئۇنى ئىككى ئۈچنى چاينا چاينىمايلا يۈتىۋەتكەندىن كىيىن چايدىن بىر ئوتلام ئوتلىۋىتىپ گىپىمگە جاۋاب بەردى.
     -مەن قىز بالا،-دىدى ئۇ قوشۇمىسىنى سەل تۈرۈپ،- مىنى بىر كىملەرگە ئوخشىتىپ قالمىغانسىز ھە!؟
     شۇ گەپ بىلەن تەڭ يوغان ئېچلغان كۆزلىرى كۆزلىرىمگە تىكىلدى. بايامقى قىلىقلىرى ۋە گەپلىرىگە قىلچىمۇ ماس كەلمەيدىغان بىر خىل غورۇرنى ۋە تۇرمۇش قايناملىردا نۇرغۇننى كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇردىغان كۆز نۇرلىردىن خىجىل بولۇپ كەتتىم.
     -ياق، خاتا چۈشىنىپ قالماڭ.
      ئاران تەستە شۇنى دىيەلىدىم-دە،باشقا گەپ قىلماي لەغمەندىن بىر چوكا سالدىم. ئۇنىڭ بايامقى كۆز نۇرلىردىن بىر ھىكايىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئاشۇ گىپىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دەقىقە ئىچىدە ئۆزگەرگەن چىرايى ئۇنىڭ مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق شاللاق قىز ئەمەسلىكىنى بىلدۇرگەن ئىدى. ئىشقىلىپ ساددا كۆنۈپ قالغان قەلبىم شۇنداق ھىس قىلغان ئىدى.
     -ئىسمىڭىزنى زادى بىلگۈم كەلدى، چوقۇم دەپ بېرىڭ، مىھمان قىلغاننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ دەپ بېرىڭ ھە!؟
    -خا خا خا...،-بۇ گىپىمدىن ئۇنىڭ چىرايى بىردىنلا ئىچىلدى-دە، يەنە ئاشۇ قوللىرى بىلەن ئاغزىنى توسۇپ تۇرۇپ كۈلدى.-نىمانداق ئوماق بالاسىز، ھى ھى ھى...يىگىرمىگىمۇ كىرمىگەندەك قىلىسىز قارىسام باي بەگزادە...بوپتۇ، دەپ بەرسەم دەپ بىرەي ئىسمىمنى.
     ئۇ شۇنداق دېدى-دە، كاۋاپتىن يەنە بىر تال سالدى. ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىگە قىزىقىپ ماكاشلاۋاتقان يۇمىلاق ئاغزىغا قارىدىم.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105991
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 10:17:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  كىرگىنىمگە  تۇشلۇق   تازا  ھۇزۇرلۇنۇپ ئوقىۋالدىم  بۇ  بۆلەكنىمۇ    ،   داۋامىنى   تۆت كۆزۈم  بىلەن  ساقلايمەن  ھە   

گۈلنىڭ  ئۆمرى  قىسقا  ھەممىگە يارىغاچ، تىكەننىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ھەممىگە  سانجىلغاچ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94577
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 859 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 10:32:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلھايا~ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-22 10:17 PM
كىرگىنىمگە  تۇشلۇق   تازا  ھۇزۇرلۇنۇپ ئوقىۋالدىم  بۇ  ب ...

ئەتە ئەتتىگەندە كۆرەلەيسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105991
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 991
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 10:33:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  كىرگىنىمگە  تۇشلۇق   تازا  ھۇزۇرلۇنۇپ ئوقىۋالدىم  بۇ  بۆلەكنىمۇ    ،   داۋامىنى   تۆت كۆزۈم  بىلەن  ساقلايمەن  ھە   

گۈلنىڭ  ئۆمرى  قىسقا  ھەممىگە يارىغاچ، تىكەننىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ھەممىگە  سانجىلغاچ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش