ئابدۇۋەلى تۇرسۇن
زىمىستاننىڭ زۇلمەت باغرىدىن،
مىسكىن دىلنىڭ ئاھۇ-زارىدىن-
قارلەيلىسى كەبى ئېچىلىپ،
قەلبلەرگە نۇر بوپ چېچىلىپ،
-كېلەر نورۇز، كېلەر باھارىم .
ئەجدادلارنىڭ باسقان ئىزىدىن،
ئارمانلارنىڭ يانغان كۆزىدىن -
تەبىئەتنى مەھكەم باغاشلاپ،
نىمجانلارغا ئۈمىد بېغىشلاپ،
-كېلەر نورۇز، كېلەر باھارىم.
گىرىمسەن تاڭ گىرۋەكلىرىدىن،
چوققىلارنىڭ رۇجەكلىرىدىن-
ھۆر قۇشلارنىڭ پەرۋازى بولۇپ،
دىلكۈيىنىڭ ئاۋازى بولۇپ،
-كېلەر نورۇز،كېلەر باھارىم.
تەبىئەتنىڭ ئېتەكلىرىدىن،
تەشنا ھايات چېچەكلىرىدىن-
دەستە-دەستە گۈلدەستە ئېلىپ،
يۈرەكلەرگە بىر ئوتنى سېلىپ،
-كېلەر نورۇز، كېلەر باھارىم.
2015-يىل 20-مارت كەچتە يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arislanuygur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-21 07:04 AM