مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 312|ئىنكاس: 2

نورۇز تەبەسسۈمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9730
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 05:20:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



نورۇز تەبەسسۈمى






1



دالالارنى پۈركەپ ئۇزلۇققا،



بۇدەم كۈلۈپ باھار كېلىدۇ.



چوكانتالنى ئويناپ قولىدا،



كۈلۈپ گۈلدەك نىگار كېلىدۇ.



قىرغاقلارغا چېچىپ ئۈنچىلەر،



شوخ ئويناقلاپ سۇلار كېلىدۇ،



قاتقان مۇزلار چېھرىدە ئەلەم،



ئەنە يېشىل ئىزلار كېلىدۇ.



چىمەن ئىچرە كۈلىدۇ جاھان،



تۇرنىلارمۇ قاتار كېلىدۇ.



باغدا مېھنەت قاينىغاچ بۇدەم،



كۈزدە ھوسۇل - ئانار كېلىدۇ.



2



ھال رەڭ چېچەك ئېچىلغان باغدا،



باھار قۇشى سايرايدۇ تىنماي.



يېشىل ياپراق ئوينىسا ئۇسسۇل،



ھۇزۇر ئالدىم - قارىدىم تويماي.



قاشتېشىدەك سۈپسۈزۈك ئاسمان،



ئاق بۇلۇتلار كېزىدۇ ئاي - ھاي.



زېمىن يېشىل، ئاسمانمۇ يېشىل،



يېشىللىقتا كۈلەر ھەممە جاي.



ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان بۇدەم،



تاغۇ - ئېدىر، تۈزلەڭ - دالا، ساي.



كۈلكىسىگە جور بولۇپ مانا،



چاپتى قەلەم قەغەزدە بوپ تاي.



3



نورۇز - باھار، نورۇز بىغۇبار،



نورۇز بىلەن ئېرىمەكتە قار.



ھەر بىر ۋۇجۇد نورۇز مېھرىدىن،



ئەتلەنمەكتە ئېلىپ كۈچ - مادار.



نورۇز دېمەك - ئايەم دېمەكتۇر،



شۇڭا ئەتراپ رەڭدار چېچەكتۇر.



ھەر قەلبنى تولدۇرۇپ ھېسقا،



ئېپكەلگىنى قۇتلۇق تىلەكتۇر.



نورۇز يېڭى تىلەكتۇر - تىلەك،



نورۇز بىلەن كۈلەر ھەر يۈرەك.



يىلنىڭ ئىشى - نورۇزنىڭ بېشى،



خەيرلىك ئىش - نورۇزدىن دېرەك!



4



غۇر - غۇر شامال سىيپاپ يۈزلەرنى،



ئىللىققىنا ھېسقا چۆمدۈرەر.



ئويغىنىشىپ قۇرت - قوڭغۇزمۇ،



قىر بېشىدا تىنماي ئۆمىلەر.



تال چىۋىقتىن «ئات» ياساپ سەبى،



بەيگىدە ساپ تەرگە چۆمۈلەر.



قىز - يىگىتلەر قۇچۇشۇپ ۋىسال،



ئىچ - ئىچىدىن كۈلەر- سۆيۈنەر.



ساما سالسا مەيداندا چاللار،



مومايلارمۇ باقار - چۆرگىلەر.



نورۇز بىلەن شائىر قەلبىدە،



بىر ئابىدە - مۇھەببەت ئۈنەر!



5



يەتتە خىل داندىن پۈتەر نورۇز ئېشى،



شۇڭا تەملىك، يىلدا بىر ئىچكەچ كىشى.



ئوخشىغاي قولى ئۇدۇملۇق ئانىلار،



زەن قويۇپ ئەتكەچ، بولۇپ ھەم ئىش بېشى.



ئۇنتۇلۇپ غەم - غۇسسىلەر، بولغاي خۇشال،



ئىچسە ھەركىم يوقىلار دىل تەشۋىشى.



بار بۇ ئاشتا قەدىمىي تۈرك تارىخى،



قان ۋە ياشلىق داغۇ - ھىجران كەچمىشى.



بەرىكىتى مول، بىزگە ئۇلاشقان شۇڭا،



باقسىمۇ تەتۈر، پەلەكنىڭ گەردىشى.



شائىرىم توۋلار ھاياجان ئىلكىدە:



ـ نورۇزۇم بار، يوق جاھاندا تەڭدىشى!



6



قاينىدى مەيدان مانا نورۇز بىلەن،



كۈلدى بارچە خۇلقى - نازى ئۇز بىلەن،



زەپمۇ ئۇز كەيدى لىباس بۇ دەم زېمىن،



بەسلىشىپ باغلارمۇ رەڭدار توز بىلەن.



دېھقىنىم كەلدى ئېتىزغا، مۇڭدىشار-



ئەمدى ياز - كۈز ھەر كۈنى ئېتىز بىلەن.



قىر بېشىدا ئولتۇرار دېھقان يىگىت،



مۇڭدىشىپ خىيالىدا بىر قىز بىلەن.



نورۇزۇمدىن تارقىغان ئىللىق مېھىر،



قىلغۇسى داۋام بىرخىل ئەندىز بىلەن.



شائىرىمنىڭ قەلىمى ئويناق بۇدەم،



جور بولۇپ كۈلسۇن خۇشال ئۇ سىز بىلەن!



7



نورۇز دېمەك - تەبىئەتنىڭ تويىدۇر،



گۈلگۈن دالا ئۇنىڭ زىلۋا بويىدۇر.



ئېرىقلاردا ئاققان ئەگىز شاۋقۇنى،



توينى قۇتلاپ ئېيتقان جۇشقۇن كۈيىدۇر.



شاماللاردا تەۋرەنگىنى تاللارنىڭ،



ئاشىقىغا نازلىق باققان خۇيىدۇر.



چېچەكلىك باغ - نورۇز قىزنىڭ ئانىسى،



چېكىسىگە قىسىپ قويغان گۈلىدۇر.



كۈيچى قۇشنىڭ باغدا تىنماي سايرىشى،



توي ناۋاسى - كۆكنى قۇچقان ئۈنىدۇر.



نورۇز ئېشى - داستىخاندا جەم بولماق،



قېرى-ياشنىڭ تويى بولغان كۈنىدۇر!



8



تەڭرىتاغنىڭ باغرىدا نورۇز كۈيى،



ئۆرلىسۇن يەتسۇن پەلەككە نۇر بولۇپ.



يايرىسۇن خەلقىم خۇشال - سالسۇن ساما،



ئەر - ئايالۇ، قېرى - ياشلار جور بولۇپ.



نورۇزۇمنىڭ ئۈنى يەتسە نەلەرگە،



ئەل ئارا كەتسۇنچۇ ئۇ مەشھۇر بولۇپ.



ئۇلغىيىپ بارسۇن - قوشۇلسۇن كۈيىگە،



ھەممە ئېيتسۇن بىر ئومۇمىي خور بولۇپ!








مەنبە: ئىجادىيىتىم.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-20 11:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1868
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4893
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 957 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 09:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     تىما  ئىگىسىگە  رەھمەت  ...  بۇنىڭدىن كىيىنكى  ئىجادىيەتلىرىڭىزگە  ئۇتۇق يار  بولسۇن ! ..
مۇنبەردىكى ھەممەيلەننىڭ  نورۇز  بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە  سىلەرگە  نۇرۇزنىڭ ئاپتىپىدەك خۇشاللىق تىلەيمە  .....

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 09:55:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ، ھەممىڭلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن …

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش