tikanlik-gul يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 03:46 PM 
مەنچە ھېلقى ھۆسۈن تۈزەشكە كەلگەن قىزغا ياردەم ئارتۇق ...
سوراپ باقاي سىز گىرىم قىلامسىز ؟ كېسىپ ئېيتالايمەنكى قىز بالا بولغاندىكىن چوقۇم گىرىم قىلىسىز،
سىز ئادەتتىكى نورمال چىرايىڭىزنى تېخىمۇ گۈزەل كۆرسىتىش ئۈچۈن گىرىم قىلغان ئىكەنسىز دېمەك سىزنىڭمۇ تاشقى گۈزەللىككە ئىنتىلدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ يىغىپ كەلگەندە ھەممە ئادەم تاشقى گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ.
سىز يەنە ئىچكى گۈزەللىك ھەقىقى گۈزەللىك تاشقى گۈزەللىك ئانچە مۇھىم ئەمەس دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپسىز بۇ پەقەت ئاغزىڭىزدىكى گەپ كۆڭلىڭىزدە بۇنى ئېتراپ قىلمايسىزغۇ دەيمەن؟
سىز ئادەتتىكى نورمال ئادەملەرنىڭكىدەك چىرايىڭىزغا قانائەت قىلماي گىرىم قىلغان يەردە چىرايىنىڭ بىرقىسمى كۆيۈپ كەتكەن بىر قىزغا نىسبەتەن نورمال ئادەملەردەك ياشىغۇسى كەلمەمدۇ ؟
ئاشۇ قىزنىڭ ئورنىدا سىز بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز ؟
ھەرگىزمۇ شۇ ھالىتىمگە قانائەت قىلىپ يۈرۈۋىرەتتىم دېمەڭ چۈنكى بۇنداق دېسىڭىز ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ؟
سىز تەنقىدى پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز مۇشۇ ساندىكى پىئانىنو ئالماقچى بولغان قىزدەك ياكى ئالدىنقى ساندىكى بېقىۋالغان دادىسىغا بەدەن ئۇۋلىغۇچ ئېلىپ بەرمەكچى بولغان بالىغا ئوخشاشلارغا ۋە ياكى ئالدىنقى سانلاردىكى ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى بولغانغا ئوخشاش كىشلەرگە (بۇ ساندىكى ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھېلىقى بالا ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى دېمەكچى ئەمەسمەن چۈنكى ئۇلار ناخشا كېچىلىكى ئارقىلىق خەيىر ساخاۋات ئىشلىرىنى قىلماقچىكەن) تەنقىدى پىكىرلەرنى بېرىڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇزدىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-20 08:21 PM