ئادەتتىكى ئەزا
بەرىبىر ( ناخشا تېكىستى) ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق) سېغنىشقا تولغان بۇ دەملەر، بېرەلمىدى تەسەللى ھېچبىر. ئۈلۈم ئۈنسىز چاقىرار مىنى، سېغىنساممۇ ئەمدى بەرىبىر. گۈلۈم كەتتىڭ ئەمدى يىراققا، تاشلاپ مىنى دەرىتلىك پىراققا، نىدا يەتمەس بولدى قۇلاققا، يىغلىساممۇ ئەمدى بەرىبىر. كېچىلەردە ئۇيقۇسىز ئۆتتۈم، ھەسەل بىلىپ زەھەرنى يۈتتۈم، كېلىشىڭنى زارىقىپ كۈتتۈم، ئاھ! كۈتسەممۇ ئەمدى بەرىبىر. قول تۇتۇشۇپ ماڭغان شۇ دەملەر، ئەتە ئۈچۈن قىلىشقان غەملەر، تەڭ شادلىنىپ كۈلۈشكەن كەملەر، قايتىلانماس ئەمدى بەرىبىر. بېرىپ باقتىم كونا جايلارغا، قايىتقۇم كەلدى ئاشۇ چاغلارغا، قۇلاق سالماي ئاھۇ-زارلارغا، كەتتىڭ يىراق ئەمدى بەرىبىر. بۇ ھاياتنىڭ مەنزىلى ئۇزاق، خەيرى گۈلۈم يۇلۇڭ بولسۇن ئاق، بەخت ئاچسۇن ساڭا كەڭ قۇچاق، (لىكىن بەخىتىم سەندە بەرىبىر)............ 2011-يىلى8-سىنتەبىر ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا( قۇمقۇدۇق) بۇ ئەسىرىمنى ھەر قانداق بىر شەخىس ياكى بىرەر ئورۇن ئىشلەتمەكچى بولسا ئاۋال چۇقۇم مىنىڭ ماقۇللۇقىمنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىمەن.
پاش قىلىش
ئاكتىپ ئەزا
دائىملىق ئــەزا
ranjimayman يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 09:57 AM ئېسىل يازىدىكەنسىز.. ئەسىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇمغۇ مەن؟ ...
turmux.net يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 10:02 AM ياخشى يېزىپسىز... ياقتۇردۇم.
يېتىلىۋاتقان ئەزا
يىگانەم سىز~~~
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ