يۇرت مېھرى
ياسىنجان مەمەت
(ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغىچە،ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول)
ئۆز يۇرتۇمدا يۇرگەن چېغىمدا،
سوقسا بوران شۈركىنمەس ئىدىم.
ئۆزگە يۇرتتا سەلكىن شامالدا،
تىتىرەپ كەتتىم جۇغۇلداپ تېنىم.
ئاسماندا بار ئوخشاش بىر قۇياش،
كىچە بولسا ئايمۇ ھەم ئوخشاش.
لىكىن كۆڭلۈم تېنجىماس پەقەت،
ناتونۇش جاي مېھرى ئوخشىماس.
لالما ئېتلار ئۇچرايدۇ يولدا،
كۆرۇپ سېنى قاۋايدۇ تىنماي.
مەيلى كۈندۈز ۋە ياكى كېچە،
سوقار يۈرەك ئەنسىز توختىماي.
ياقا يۇرتتا چاندۇرار بارچە،
قېقلىمىز دائېما چەتكە.
ھەر بىر قەدەم ھەر بىر دەقېقە،
ئانا يۇرتۇم كىلىدۇ ئەسكە.
ئۆز يۇرتۇمنى سېغىندىم شۇنچە،
قەدىردانىم جان ئانام بولغاچ.
ھەر ئىشمدا تاغدەك يار يۆلەك،
غەمگۇزارىم جان ئاتام بولغاچ.
ئۆز يۇرتۇمنى سېغىندىم شۇنچە،
كېندىك قېنىم تۆكۈلگەن بولغاچ.
بىللە ئويناپ بىللە چوڭ بولغان،
دوست بۇرادەر يارەنلەر بولغاچ.
ئۆز يۇرتۇمنى سېغىندىم شۇنچە،
ئەجدادلىرىم قەبرىسى بولغاچ.
جاپالاردا ئېغىر كۈنلەردە،
شۇلار روھى مەدەتكار بولغاچ.
ئۆز يۇرتۇمنى سېغىندىم شۇنچە،
ئائىلەمنىڭ مېھرى ھەم بولغاچ.
مىڭ مەرتىۋە رازى ئىدىم مەن،
مېھىر ئىچرە ئىچسەممۇ ئۇماچ.
ئاچقىن ئانا باغرىڭنى ماڭا،
قۇچېغىڭغا ئۆزۈمنى ئاتاي.
مېھرىڭ بىلەن ئورۇن راسلىساڭ،
ئۆز ئۆيۈمدە مەن شاھتەك ياتاي.
ياقا يۇرتتا يۈرگەن بالىلار،
گويا يىپى ئۈزۇلگەن لەگلەك.
مۇساپىرلىق دەردىنى تارتىپ،
بارمۇ كۆرگەن كۈنلەرنى بىزدەك؟
(جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئۇچقۇچىلار ئۇنۋىرستىتى)
2015\3\19