مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 880|ئىنكاس: 11

تۇز: ئۆزگىگە قىلغىنىڭ ئۆزۈڭگە قىلغىنىڭ ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44275
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15897 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:19:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

فىرانسىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئورماندىدا بىر كىچىك بازار بولۇپ ، بۇ بازاردىكى بىر بولكىچى دائىم قوشنا كەنىتتىكى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن سۈت سېتىۋالىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىگە بىرىلگەن سۈتنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى بايقاپ قاپتۇ . بۇ ئىش ئۇدا تەكرارلانغاچقا بولكىچى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ  خوجايىنى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ ، بۇ ئىشنى قانۇن بويىچە ئادىل ، ھەققانىي ھالدا بىر تەرەپ قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىپتۇ .
سوتچى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنىنى سوراق قىلىشقا باشلاپتۇ :
_____ سىزنىڭ سۈتنى ئۆلچەيدىغان گىرىڭىز بارمۇ ؟
___ بار .
____ گىرىڭىزنىڭ تاشلىرى تولۇق ھەم ئۆلچەملىكمۇ ؟
______ بىر قانچە تال گىر تېشى يوقاپ كەتكەن ئىدى .
________ ئۇنداقتا سىز سۈتنىڭ ئېغىرلىقىنى قانداق ئۆلچەيسىز ؟
____ بۇنى ئۆلچەشنىڭ ھاجىتى يوق .
_______ نېمىشقا ؟
______ بۇ ئەسلى مۇنداق ئىش ، _______ دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنى ، ____ بولكىچى ھەر كۈنى مەندىن بىر كىلو سۈت سېتىۋالىدۇ . مەنمۇ ئۇنىڭدىن بىر كىلو بولكا سېتىۋالىمەن . مەن ھەر كۈنى ئۇنىڭغا ئۇ ماڭا سېتىپ بەرگەن بولكا بىلەن تەڭ ئېغىرلىقتا سۈت بىرىمەن . ناۋادا ئۇ مەن بەرگەن سۈتنى كەمكەن دېسە ، ئۆزى بەرگەن بىر كلو بولكىسى بىلەن تەڭلەشتۇرۇپ باقسۇن ، ___ دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ساختىپەز بولكىچى ،  كىشىلەر ئالدىدا رەسۋا بولۇپ بېشىنى كۆتىرەلمەي قاپتۇ .

بۇ تېمىدىكى ھېكمەت :
ساختىپەز دۇڭ زىيان تارتىدۇ ! مانا كۆرۈپ تۇرۇپتۇق، بولكىچى ئۆزىگە - ئۆزى قىلىپ شەرمەندە بولدى . چۈنكى ئۇ ساختىپەزلىك قىلىپ بولكىنى كەم بەردى ، شۇنىڭ بىلەن ئىش تەبىئيلا ئۆزىگە ياندى . سىزنىڭ سۆز ھەركىتىڭىز ، ئىش ھەركىتىڭىز باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىدىكى ئۆلچەم . ئادەمدىكى ئەڭ ياخشى خىسلەت سەمىمىيەت ! باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز ، باشقىلارمۇ سىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ . « ئۆزگىگە قىلغىنىڭ ئۆزۈڭگە قىلغىنىڭ » دېگەن ھېكمەتنى ھەرگىز يادىڭىزسىن چىقارماڭ ! بىرسىگە يامان گەپ قىلىپ ، ياخشى گەپ تاما قىلماڭ ! بىرسىگە يامانلىق قىلىپ ، ياخشىلىق كۈتمەڭ !


       مەڭگۈلۈك نوچى بولمايدۇ

پاشا شىرنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ كېلىپ : « مەن سەندىن ئازراقمۇ قورۇقمايمەن ، چۈنكى سەن مەندىن نەچچە ھەسسە چوڭ كۈچلىك بولغىنىڭ بىلەن سېنى ۋايجانغا سىلىپ  ۋايجانلىتىۋىتىمەن ، ئىشەنمىسەڭ ئېيتىپ باقە ، سەن مېنى نېمە قىلالايسەن ؟ تىرنىقىڭ بىلەن تاتىلامسەن ياكى چىشىڭ بىلەن چىشلىيەلەمسەن ؟ ئۇ دىگەن ئەر - خوتۇن ئۇرشۇپ قالغاندا خوتۇن كىشىلەر قىلدىغان ئىش . خالىساڭ تۇتۇشۇپ باقايلى » دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن پاشا شىرنىڭ يۈزىگە قونۇپ ، يۈزىدىكى تۈك يوق يەرلەرنى چىقىپ ۋۇررەك - ۋۇررەك ئىششىتىۋىتىپتۇ . شىر چىدىماي تەسلىم بوپتۇ . پاشا شىرنى يەڭگەندىن كېيىن غىڭشىپ ناخشا توۋلاپ ئۈچۈپ كېتىپتۇ . شىرنى يەڭدىم دەپ مەغرۈرلۇنۇپ ، ماختىنىپ نوچىمەن دەپ كۆرەڭلەيدىغان بولىۋاپتۇ . لېكىن پاشا ئۆمۈچۈك تورىغا ئىلنىشىپ قاپتۇ . ئۆمۈچۈك ئۇنى يىگىلى كەلگەن چاغدا ، پاشا ھەسرەت بىلەن مۇنداق دەپتۇ :
____ مەن ئورمان پادىشاھى شىرنى يەڭگەن ئىدىم ، لېكىن سەندىن يىڭىلىپ ئۆلدىغانلىقىمنى زادى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن . «كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق » دېگەن راستكەن .

بۇ تېمىدىكى ھېكمەت :
مەڭگۈلۈك چىمپىيون بولدىغان ، مەڭگۈلۈك نوچى بولدىغان كۈچلىكلەر يوق . غەلبە قىلغاندا مەغرۇرلانماسلىق كېرەك . مەغرۇرلۇنۇنۇش ۋە كۆرەڭلەش ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىتتۇر ! كىچىك ئىشلارغا سەل قاراپ ، كىچىكلەرنى كۆزگە ئىلماي ، مەنسىتمەي ئۆزىمىزنى «نوچى» دەپ كىرىلىپ كۆز - كۆز قىلساق ، ئاخرى پۇشمان قىلىشقىمۇ پۇرسەت تاپالماي ، ئاۋۇ پاشىغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىمىز .........

مەنبە : ساغلاپ تەپەككۇر شىپاسى
مۇنبەرگە ئاكتىپلاشتۇرۇپ يوللىغۇچى : تۇز
2015- يىلى نورۇزنىڭ 18 - كۈنى ئەزىزانە شەھرى قەشقەر

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1077
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:40:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .
مۇشۇنداق ياخشى ، ئىبرەتلىك تىمىلاردىن ھۇزۇرلاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت،بۇ تىما ماڭا ‹كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە،قاشقا سانىساڭ كۆزگە›دىگەن ھىكمەتنى ئەسلىتىپ قويدى.
بۇ دىگەن ئۆتنە ئالەم ، قىلۋالدىم ئىتىۋالدىم دىگەن بىلەن باشقىلارغا قانچىلىك قىلساق ئۆزىمىزگە ئۇنىڭدىن ئارتۇق يېنىپ قېلىشى مۇمكىن .

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23717
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3782 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:57:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئەھمىيەتلىك تىمىڭىزغا رەھمەت .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115279
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 243
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2015-3-15
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 01:53:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تىمىلىرڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1895
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13132
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3900 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 02:30:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزگىچە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىز ئادەمنى قايىل قىلىدۇ...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5328
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7991
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2063 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 06:03:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام

باشقىلاردىن   نېمىنى  كۈتسەك  ، ئاۋال  باشقىلارغا   شۇنى  بېغىشلىشىمىز كېرەككەن .

ئېرى   :   خوتۇنۇم    مۇلايىم  بولسا   ئۇنىڭغا   چىرايلىق  كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىمەن
دېدى  .

ئىش  باشلىغى  :   ئىشچىلار   ياخشى  ئىشلىسە   ئاندىن  ئۇلارنى  مۇكاپاتلايمەن دېدى .
ئەمما   ئىشچىلارنىڭ   ئىھتىياجىنى  ئويلاپ  باقمىدى  .
ئېرى   ئاۋال  خوتۇنىغا   چىرايلىق  كىيىملەرنى   ئېلىپ  بەرسە  ئاندىن  خوتۇنى تېىخمۇ
مۇلايىم  بولۇشى  ،   ئىش  باشلىغى   ئاۋال  ئىشچىلارنى   مۇكاپاتلاپ ئۇلارنىڭ
ئىھتىياجىنى   قاندۇرسا    ئىشچىلار   تېخىمۇ  تېرىشىپ  ئىشلىشى   مۇمكىن ئىدى .
بۇ   قائىدە     ئاز   ساندىكى    پەس   ئادەملەردىن   باشقا نۇرغۇن ئادەملەرگە ئىشلەيدۇ .   
لىكىن  بىز   بەزىدە   بۇ  قائىدىنى   خاتا  ئىشلىتىمىز  .  

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115098
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2015-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 06:18:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام

بۇ ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋىلىپ ئازىراق پايدىغا ئېرىشىۋىلىپ كۆرەڭلەپ كەتمىگۈلۈك، بولمىسا ئۇ دۇنيادىلا ئەمەس بۇ دۇنيادىمۇ سورىقى بولىدۇ...

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44275
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15897 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 07:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سالامنى ئىلىك ئىلىپ ئىنكاس يازغان ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا ھەشقاللا !

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94593
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 09:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبرەتلىك .ئىبرەت ئالىلى ماۋۇ تىللامچىلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1876
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 719 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 10:08:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ئېسىل ھېكمەتلەر ئىكەن.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش